irpan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-15 23:22:19

ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭ


    قۇياش ، ئاي ، چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلار، ھەيۋەت بىلەن كۆكنى سىپاپ ئۆتىدىغان قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلار ، ئاقار يۇلتۇزلار، ئاندا-ساندا كۆرۈنۈپ قويىدىغان پىلانىتلار ...... قەدىمدىن تارتىپ تاكى خېلى يېقىن بىر مەزگىلگىچە بۇ ھەيۋەتلىك ئاسمان جىسىملىرى بىزدىن يىراقلىقى ۋە ئۆزگىرىش دەۋرى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئۆمرى ئارىسىدىكى پەرىقنىڭ چوڭلۇقى تۈپەيلى كىشىلەرگە ئالەمدىكى ئاسمان جىسىملىرى مەڭگۈ مۇشۇنداق ياكى ئالەم يارىتىلغاندىن كىيىن ئىزچىل مۇشۇنداق ھالەتتە بولۇپ كەلگەندەك تۇيغۇ بېرىپ كەلدى . تاكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئاستىرو فىزىكا ئالىملىرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە بىز ئاندىن يۇلتۇزلارنىڭ مەڭگۈ نۇر چېچىۋەرمەيدىغانلىقىنى ، پىلانىتلارنىڭمۇ مەڭگۈ مۇشۇنداق ھالەتتە بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتۇق . تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ھاياتى دەۋرىگە بولغان تەتقىقات بىزلەرگە تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭمۇ شەكىللىنىش ، نۇر چېچىش ، ھالاك بولۇشتىن ئىبارەت بىر تەرەققىيات جەريانىنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ھالاكىتى نەتىجىسىدە شەكىللىنىدىغان ئالاھىدە ئاسمان جىسىملىرى ئىچىدە بەلكىم قارا ئۆڭكۈر كىشىلەرنى ئەڭ جەلىپ قىلسا كېرەك .

    بىز ھازىر دەۋاتقان قارا ئۆڭكۈرگە ئوخشاش ئاسمان جىسمىنىڭ مەۋجۇت بولىشى مۇمكىنلىكىدىن ئەڭ ئاۋال بىشارەت بەرگۈچى ئەنگىلىيە ئالىمى مىچېئىل . بىز بىلىمىز ، راكىتا پەقەت ئەڭ كەم بولغاندىمۇ سىكونىتىغا 11.2كىلومىتىر تىزلىككە ئېگە بولغاندىلا ئاندىن يەر شارى تارتىش كۈچىنىڭ بوغۇشىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ ، قۇياش سىستىمىسىدىكى باشقا ئورۇنلارغا يول ئالالايدۇ . بۇ تىزلىك قۇتۇلۇش تىزلىكى دەپ ئاتىلىدۇ ، ئۇ يەر شارىنىڭ ماسسىسى بىلەن رادىئۇسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان بولۇپ ، يەر شارى ماسسىسىنىڭ كىۋادرات يىلتىزىغا ئوڭ تاناسىپ ، يەر شارى رادىئوسىنىڭ كىۋادرات يىلتىزىغا تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ . ئۇنداقتا مەلۇم ئاسمان جىسمىنىڭ ماسسىسى يىتەرلىك چوڭ ، رادىئوسى يىتەرلىك كىچىك بولسا ئۇنىڭ قۇتۇلۇش تىزلىكى نۇر تىزلىكىدىنمۇ چوڭ بولۇپ كېتىپ ، نۇرمۇ ئۇنىڭ تارتىش كۈچىدىن قۇتۇلۇپ چىقالمايدىغان ھالەتكە يېتىشى مۇمكىنمۇ ؟ ئېنىقكى مۇنداق يۇلتۇزنى كۆرگىلى بولمايدۇ .

   مىچېئىل نىيوتون مىخانىكا فورمۇلىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئەينى ۋاقىتتا بىلىدىغان نۇر تىزلىكىگە ئاساسەن قۇياش بىلەن تەڭ ماسسىدىكى ئاسمان جىسمىنىڭ يۇقىرىقىدەك ئالاھىدىلىككە ئېگە بولىشى ئۈچۈن ئايلانما ئۇزۇنلىقى 18.5كىلومىتىر بولۇشى كېرەكلىكىنى ( رادىئوسى تەخمىنەن 2.946كىلومىتىر __ ئاپتور ) بولىشى كېرەكلىكىنى ھىساپلاپ چىقتى ۋە بۇ خىل ئاسمان جىسمىغا «يۇشۇرۇن يۇلتۇز » دەپ ئىسىم قويدى .

    1976-يىلى فىرانسىيە فىزىكا ئالىمى لاپلاسمۇ « ئالەم تۈزۈلمىسى » دېگەن كىتاپىدا يۇقىرىغا ئوخشاش بىشارەتنى بەردى . ئەپسۇسكى بۇ كىتاپنىڭ 3.نەشرىدە لاپلاس « يۇشۇرن يۇلتۇز » ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى چىقىرىۋەتتى( ئەينى ۋاقىتتا ياڭجىنۋېي نۇرنىڭ دىفراكسىيە ھادىسىسىنى بايقاپ ، نۇرنىڭ دولقۇنلۇق خۇسۇسىيىتىنى ئىسپاتلىغانىدى ).

    ھەقىقى ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى قارا ئۆڭكۈر بىشارىتىنى ئوتتىرىغا قويغۇچى بولسا گوللاندىيە ئالىمى شىۋارسىچىلىد . ئۇ 1916-يىلى 1-ئايدا ئېينىشتىيىننىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە ئائىت ماقالىسىنى ئوقۇغاندىن كىيىن ، ئېينىشتىيىن تارتىش كۈچى تەڭلىمىسى شار شەكىللىك يۇلتۇزنىڭ سىرىتقى ۋە ئىچكى قىسمىدىكى ماكان - زامان تۈزۈلىشىنى قانداق تەسۋېرلەيدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولىدۇ ۋە نەچچە ھەپتىدىلا نەتىجىگە ئېرىشىدۇ .

    شىۋارسىچىلىدنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن يۇلتۇزنىڭ مەركىزى قىسمىدا ماكان-زامان ئەگرىلىكى تۈپەيلىدىن سىرىتتىن قاراشقا ۋاقىت ئاستىلاپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى . يىتەرلىك چوڭ ماسسىدىكى يۇلتۇزنىڭ ماكان-زامان ئەگرىلىك نەتىجىسى شۇكى سىرىتتىن قاراشقا يۇلتۇز مەركىزىدە ۋاقىت خۇددى توختاپ قالغاندەكلا . بۇنىڭ نەتىجىسىدە سىرىتتىن كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن مەيلى قانداق يۇقىرى تىزلىكتىكى جىسىم بولسۇن يۇلتۇز مەركىزىدىن ئايرىلىپ سىرىتقا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس ، نۇرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە .

    شىۋارسىچىلىدنىڭ بۇ بىشارىتى ماكان-زامان مەيدانىنىڭ بىر ئىنتايىن ئالاھىدە ھالىتىنى كۆرسەتكەچكە كىشىلەر شىۋارسىچىلىد كۆرسەتكەن ۋاقىت توختاپ قالغاندەك كۆرىنىدىغان نۇقتىنى «شىۋارسىچىلىد غەلىتە نۇقتىسى » دەپ ئاتىدى . لىكىن شىۋارسىچىلىد بۇ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كىيىن جەڭ مەيدانىدا قۇربان بولغان بولغاچقا ، بۇ خىزمەت شۇ پېتىلا قېپقالدى .

    20-ئەسىردە يېرىم ئەسىرگە يېقىن تۇرغۇن يۇلتۇز ھاياتى جەريانىغا بولغان تەتقىقات نەتىجىسىدە ، چوڭ ماسسىلىق ئاسمان جىسىملىرىنىڭ تۈزۈلىشىگە بولغان تونۇشمۇ كۆپ چوڭقۇرلاشتى . ھازىر بىلىمىزكى قارا ئۆڭكۈر غايەت زور ماسسىلىق ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدىكى مۇقەررەر مەھسۇلات.

تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ھاياتى دەۋرى ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك :

    ئالدى بىلەن كۆپ مىقداردىكى گاز ئاتوملىرى ( ھىدروگىن ، گېلىي ) ئۆز ماسسىسىنىڭ تەسىرىدە يىغىلىپ ، بارا بارا مەركىزى ئورنىدىكى تىمپۇراتۇرا ئۆرلەيدۇ ۋە ئاخىرى يادرو رىئاكسىيەسى يۈز بەرگىدەك ھالەتكە يەتكەندىن كىيىن مەركىزى قىسمىدا ھىدروگىن ئىزوتوپىنىڭ بېرىكىپ گېلىي ھاسىل قىلىدىغان يادرو رىئاكسىيەسى باشلىنىدۇ . بۇنىڭ نەتىجىسىدە چىققان رادىئاتسىيە بېسىمى بىلەن ماددىلار ئارىسىدىكى تارتىش كۈچى تەسىرىدە ھاسىل بولغان مەركەزگە قارىتا بېسىم تەڭپۇڭلاشقاندىن كىيىن يۇلتۇز ھەقىقى نۇر چېچىش دەۋرىگە كىرىدۇ . ھالبۇكى يۇلتۇزنىڭ بۇ خىل رادىئاتسىيەسى مەڭگۈلۈك ئەمەس ، ھامان بىر كۈنى ھىدروگىن ئازىيىپ يىتەرلىك رادىئاتسىيە بىلەن تەمىنلەپ بولالمايدىغان ۋاقىت يېتىپ كېلىدۇ ، بۇ ھەر بىر يۇلتۇز ئۈچۈن بىر ھالاكەتتىن ئېبارەت .

    ئادەتتە ماسسىسى قۇياش ماسسىسىدىن كىچىك بولغان يۇلتۇز ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتتا يېقىلغۇسىنى ئىشلىتىدۇ ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تارقاق گاز ھالىتىنى ساقلايدۇ .

    قۇياش ماسسىسىدىكى يۇلتۇز تەخمىنەن 10مىليارىد يىل ۋاقىتتا يېقىلغۇسىنى ئىشلىتىپ تۈگىتىدۇ ۋە جىددى مەركەزگە قارىتا قىسىلىدۇ . مەركىزى قىسمىنىڭ تىمپۇراتۇرىسى مەلۇم چەككە يەتكەندىن كىيىن يۇلتۇز پارىتلاپ بىر قىسىم ماسسىسىنى چىقىرىپ تاشلايدۇ ، قېپقالغان قىسمى بولسا پارىتلاشتىكى بېسىم تەسىرىدە زىچلىقى تېخىمۇ چوڭىيىپ ئاخىرى ئاق پەتەك يۇلتۇزىغا ئايلىنىدۇ . بۇ يۇلتۇزدىكى ماددىلار ئېلىكتىرونلار ئارىسىدىكى تېپىشىش تەسىرى بىلەن ماددىلار ئارىسىدىكى تارتىشىش كۈچى تەسىرىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى نەتىجىسىدە مۇقىم ھالىتىنى ساقلايدۇ .

    قۇياش ماسسىسىدىن 10ھەسسە ئەتراپىدا چوڭ بولغان يۇلتۇزلار تېخىمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېقىلغۇسىنى ئىشلىتىپ تۈگىتىدۇ ۋە يۇقىرىقىدەك مەركەزگە قىسىلىش ۋە پارىتلاش جەريانىدىن كىيىن نىيىترون يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ . بۇ خىل يۇلتۇزلاردا غايەت زور بېسىم تەسىرىدە ئاتوم تەركىبىدىكى ئېلىكتىرونلارنىڭ ھەممىسى ئاتوم يادروسىغا كىرگۈزىۋېتىلىدىغان بولغاچقا ، يۇلتۇزدىكى ماددىلار نىيترونلار ئارىسىدىكى تېپىشىش تەسىرى ۋە ئالەملىك تارتىشىش كۈچى تەسىرىنىڭ تەڭپۇڭلىقى نەتىجىسىدە مۇقىم ھالىتىنى ساقلايدۇ .

    بۇ ئىككى خىل ھالەتنىڭ ئارىسىدا ئۆتكۈنچى مۇقىم ھالەت مەۋجۇت ئەمەس . چۈنكى ئۆتكۈنچى ھالەتتە تارتىش كۈچى بىلەن ئىچكى بېسىمنىڭ سىرىتقا قارىتا بېسىم كۈچى تەڭپۇڭ ھالەتكە يېتەلمەيدۇ .

    قۇياش ماسسىسىنىڭ 30ھەسسىسى ئەتراپىدىكى چوڭ يۇلتۇزلار ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېقىلغۇسىنى تۈگىتىدۇ ۋە ئاخىرىدا نىيىترون يۇلتۇزدىنمۇ زىچ ھالەتتىكى ئاسمان جىسمى ____ قارا ئۆڭكۈرگە ئايلىنىدۇ . قارا ئۆڭكۈرنىڭ مەركىزى دەل شىۋارسىچىلىد غەلىتە نۇقتىسىدىن ئىبارەت.

    ھەر قانداق بىر يۇلتۇزنىڭ ئاخىرقى مۇقىم ھالىتى يۇقىرىقى 4خىل ھالەتنىڭ بىرى ، باشقىچە ھالەتتە بولىشى مۇمكىن ئەمەس .

    قارا ئۆڭكۈرنىڭ ھەقىقى ئىلمى ئۇقۇم سۈپىتىدە ئىلىم ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى خېلى ئۇزاق بولغان بىر جەريان .

    ئالدىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك شىۋارسىچىلىد قارا ئۆڭكۈر ئۇقۇمىنى ئوتتىرىغا قويۇشقا يېقىنلاشقان بولسىمۇ ، لىكىن ئۇ بۇ نەتىجىلىرى قولغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا جەڭ مەيدانىدا قازا قىلدى . ئۇنىڭدىن كىيىن بۇ جەھەتتە مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن لىشى بولسا ھىندىستان فىزىكا ئالىمى ساندېرسانكا .

    1928-يىلى ھىندىستانلىق ئوقۇغۇچى ساندېرسانكا ئەنگىلىيە كىمبىرىج ئۇنۋېرسىسىتىغا بېرىپ سېر ئارتور . ئېدىنتون ( 1919-يىلىدىكى كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ بىشارىتىنى ئىسپاتلاشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان كىشى)غا ئەگىشىپ ئاستىرو فىزىكىسى ئۆگىنىشكە قوبۇل قىلىندى . ئەنگىلىيەگە بېرىش سەپىرىدە پاراخۇت ئۈستىدە ساندېرسانكا ھىدروگىن يېقىلغۇ مەنبەسى تۈگىگەن بەزى يۇلتۇزلارنىڭ يەنىلا ئۆز تېنىنىڭ تارتىش كۈچىگە قارشى سىرىتقا قارىتا بېسىم ھاسىل قىلالايدىغانلىقىنى ھىساپلاپ چىقتى . بۇ خىل ئىچكى بېسىم ئېلىكتىرونلار ئارىسىدىكى تېپىشىش تەسىرى ئارقىلىق بولاتتى . لىكىن سادېرسانكا تىزلا بۇ خىل تەسىرنىڭمۇ ھامان چەكلىك بولىدىغانلىقىنى ، يىتەرلىك چوڭ ماسسىدىكى يۇلتۇزنىڭ قىسىلىشى جەريانىدا يۇقىرىقىدەك يول بىلەن تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىنى يوقىتىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىدۇ . ئۇ تەخمىنەن قۇياش ماسسىسىنىڭ 1.5 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىغان يۇلتۇزنىڭ ( بۇ يەردە يۇلتۇزنىڭ ھىدروگىنى يېتىشمەي چوڭ پارىتلاشنى باشتىن كەچۈرۈپ بولغان يادرو رىئاكسىيىسى ئارقىلىق نۇر چىقىرىشنى توختاتقان يۇلتۇز كۆزدە تۇتۇلىدۇ) يۇقىرىقىدەك يول بىلەن ئۆز تېنىنىڭ تارتىش كۈچى تەسىرىدە قىسىلىشىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى ھىساپلاپ چىقىدۇ( بۇ ماسسا ھازىر ساندېرسانكا لىمىت ماسسىسى دەپ ئاتىلىدۇ ).

    بۇ چوڭ ماسسىلىق يۇلتۇزلارنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ھالىتىنى ئېنىقلاشتا چوڭ ئەھمىيەتكە ئېگە . ئەگەر بىر يۇلتۇزنىڭ ماسسىسى ساندېرسانكا لىمىت ماسسىسدىن كىچىك بولسا ، يۇلتۇز ئاخىرىدا قىسىلىشتىن توختاپ زىچلىقى تەخمىنەن 10نىڭ 6-7ىنجى دەرىجىسى گىرام ھەر سانتىمىتىر كۇپ كېلىدىغان ئاق پەتەك يۇلتۇزىغا ئايلىنىدۇ . تۇنجى قېتىم كۆزىتىلگەن ئاق پەتەك يۇلتۇز ئاسماندىكى ئەڭ يوروق يۇلتۇز ئاسمان بۆرىسىنىڭ ھەمرا يۇلتۇزى .

   كىيىن ئامرىكىلىق ئالىم لېنداۋ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ يەنە بىر خىل مۇقىم مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھالىتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى . ئۇنىڭ لىمىت ماسسىسىمۇ قۇياش ماسسىسىنىڭ 2ھەسسىسى ئەتراپىدا ، لىكىن ھەجىمى ئاق پەتەك يۇلتۇزىدىنمۇ كۆپ كىچىك ئىدى . بۇ خىل يۇلتۇز نىيىترونلار ئارىسىدىكى تېپىشىش تەسىرى ئارقىلىق ئۆز تېنىنىڭ تارتىشىش كۈچ تەسىرىنى توسۇپ تۇرىدۇ . زىچلىقى 10نىڭ 11-16ىنجى دەرىجىسى گىرام ھەر سانتىمىتىر كۇپ . ( مەركەزدىن سىرىتقا قاراپ زىچلىق ئوخشاش ئەمەس ، ئەڭ چوڭ بولغاندا 10نىڭ 16–ىنجى دەرىجىسى )

    نەزەرىيەلىك تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولدىكى ماسسىسى ساندېرسانكا لىمىت ماسسىسىدىن چوڭ بولغان يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆمىرىنىڭ ئاخىرىدا پارىتلاش ئارقىلىق بىر قىسىم ماددىنى چىقىرىپ تاشلايدۇ . لىكىن ئەگەر يۇلتۇزنىڭ ماسسىسى غايەت چوڭ بولۇپ ، پارىتلاشتىن كىيىنمۇ ماسسىسى يەنىلا ساندېرسانكا لىمىت ماسسىسىدىن چوڭ بولسا قانداق بولىدۇ ؟

    ساندېرسانكانىڭ تەتقىقاتى بۇ خىل ئەھۋالدا يۇلتۇزنىڭ يەنىمۇ قىسىلىپ ، چەكسىز چوڭ زىچلىققا ئىگە بولىشى مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى . ( شىۋارسىچىلىد غەلىتە نۇقتىسىنىڭ شەكىللىنىشىدىن ) لىكىن بۇ تەتقىقات ئېدىنتوننىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىدى .ئېدىنتون ئەينى ۋاقىتتا كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى تەتقىقاتىدا ئېينىشتىيىن بىلەن تەڭ سانىلىدىغان پىشىۋالاردىن بىرى بولۇپ ، ئۇ ئېينىشتىيىنغا ئوخشاشلا شىۋارسىچىلىد غەلىتە نۇقتىسىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىشەنمەيىتتى . ( چۈنكى كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بويىچە ئەگەر راستىنلا شۇنداق چەكسىز زىچلىققا ئىگە نۇقتا مەۋجۇت بولىدىغان بولسا ، ئۇ نۇقتىدا كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ . ) بۇ كىشىنىڭ قارشىلىقى تۈپەيلى ساندېرسانكا بۇ جەھەتتىكى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن تەتقىقاتىنى توختىتىپ باشقا ساھەگە كېتىپ قالدى . 1907-يىلى لورىنتىستەك بىر پىشىۋا تارمەنىدكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى دادىللىق بىلەن قوللاپ بەرمىگەن بولسا ، تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئۇنچە تىز ئېتىبارغا ئېرىشەلمىگەن بولاتتى . لىكىن يەنە بىر ئادەم ئالماشقان يەنە شۇنداق بىر ھالەتتە ئېينىشتىيىن دەل يېڭى ئىدىيىنى توسقۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى . ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ .

    ئۇنىڭدىن كىيىن بۇ تەرەپتە كۆرۈنەرلىك خىزمەت ئىشلىگەن كىشى ئامرىكا ئالىمى ئوبىنھام . ئۇ 1939-يىلى ساندېرسانكا لىمىت ماسسىسىدىن چوڭ بولغان ماسسىغا ئېگە يۇلتۇزلارنىڭ ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىپ تۆۋەندىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشتى .


تۇرغۇن يۇلتۇز قىسىلغان ۋاقتىدا ، ئۇنىڭ سىرىتقى يۈزىنىڭ تارتىش كۈچى مەيدانى كۈچىيىپ بارىدىغان بولۇپ ، نۇرنىڭ يۇلتۇزدىن ئايرىلىشىمۇ شۇنچە تەسكە توختايدۇ . ئاخىرىدا يۇلتۇز قىسىلىپ مەلۇم بىر لىمىت رادىئوسقا يەتكەندە ، سىرىتقى يۈزىدىكى غايەت زور تارتىش كۈچى مەيدانىنىڭ تەسىرىدە ، نۇرمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ . نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە ئاساسەن ھەر قانداق جىسىم نۇردىن تىز ھەرىكەت قىلالمايدۇ ، شۇڭا مۇنداق ئاسمان جىسمىدىن ھىچقانداق نەرسە قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ . بۇ دەل شىۋارسىچىلىد غەلىتە نوقتىسىدىن ئىبارەت. ( لىكىن ئۇ ۋاقىتلاردا تېخى قارا ئۆڭكۈر دەپ ئاتالمايىتتى، قارا ئۆڭكۈر دېگەن بۇ نام كىيىن قويۇلغان )


ئۇنىڭدىن كىيىن 60-يىللارغا كەلگەندە شىۋارسىچىلىد غەلىتە نوقتىسى فىزىكا ساھەسىدە رەسمىي ئېتىراپ قىلىندى ۋە 1967-يىلى ئامرىكا ئالىمى ۋېللىر تەرىپىدىن « قارا ئۆڭكۈر » دەپ نام قويۇلدى .


قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى خېلى بىر مەزگىل كېچىكىپ كەتكەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭ تەتقىقات ۋە كۈزىتىش خىزمىتى ناھىيىتى تىزلا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى . كىيىنكى فىزىكلار تەرىپىدىن « ئالتۇن دەۋىر » دەپ ئاتالغان 1964-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە بولغان 10يىل ۋاقىت ئىچىدە ئامرىكا ، ئەنگىلىيە ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نەچچە ئون مۇنەۋۋەر ئالىمىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قارا ئۆڭكۈرنىڭ تۈزىلىشى ۋە ئالاھىدىلىكى ھەققىدىكى تەتقىقاتلاردا غايەت زور بۆسۈشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى .


قارا ئۆڭكۈرگە كىرگەن ھەر قانداق نەرسە ___ مەيلى تاش ياكى مىتال ياكى ئادەم بولسۇن ، كىرگەندىن كىيىن ھەممىسىنىڭ بىر بىرىدىن پەرقى قالمايدۇ ، ئۇلار ئۆزىنىڭ ماسسىسى ، زەرەت مىقدارى ۋە بۇلۇڭلۇق ھەرىكەت مىقدارىدىن باشقا بارلىق ئالاھىدىلىكنى يوقىتىدۇ . تۇرغۇن يۇلتۇز قارا ئۆڭكۈرگە ئايلانغاندىمۇ ئۆزىنىڭ ماسسىسى ، سىرىتقى يۈزى ۋە زەرىتىدىن باشقا بارلىق ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىدۇ . مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئادەملەرنى چىرايى ، بەدەن ئېغىرلىقى ، بوي ئېگىزلىكى ... قاتارلىق كۇرمىڭلىغان بەلگىلەر بىلەن بىر بىرىدىن پەرىقلەندۈرەلەيمىز . لىكىن ئىككى قارا ئۆڭكۈرنى بىر بىرىدىن پەرىقلەندۈرۈشتە پەقەت ماسسا ، سىرىتقى يۈزى ۋە زەرەت مىقدارىدىن باشقا پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئالاھىدىلىكى يوق .

    يەنە بىر مۇھىم نەتىجە 1974-يىلى ئەنگىلىيە ئالىمى خاۋكېڭ ئوتتىرىغا قويغان « قارا ئۆڭكۈر پارلىنىش » نەزەرىيىسى . خاۋكېڭ فىزىكا ساھەسىدىكىلەر ئېتىراپ قىلغان نىيوتون ، ئېينىشتىيىندىن كىيىن يېتىشىپ چىققان ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالىم . ئۇنىڭ تېخىمۇ مۆجىزىلىك تەرىپى شۇكى ئۇ مۇسكۇل يىگىلەش كىسىلى بولۇپ ئەمدىلا تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچىلىققا قەدەم قويغاندىن باشلاپ كېسەل تۈپەيلى نورىمال ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى يوقاتقان بۇ كىشى تاكى ھازىرغىچە چىداملىق بىلەن ياشاپلا قالماستىن ( بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغانلار ئادەتتە 25-26 ياشتىن ئاشالمايدۇ ) يەنە نەزەرىيە فىزىكا ساھەسىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە فىزىكا ئىلمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى نەتىجىلىرىگە ۋەكىللىك قىلىپ كەلمەكتە . سىتىۋېن. خاۋكېڭ كىۋانىت نەزەرىيىسى بىلەن كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان كىۋانىت تارتىش كۈچى نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلىش داۋامىدا كىۋانىت نەزەرىيىسى قارا ئۆڭكۈردە نېمىلەردىن بىشارەت بېرىدىغانلىقىنى سىناق قىلغاندا ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىگە ئېرىشتى .

    قارا ئۆڭكۈرمۇ رادىئاتسىيە تارقىتىدۇ ، قارا ئۆڭكۈر ئۇنچە « قارا » ئەمەس !

    لېكىن بۇ خىل رادىئاتسىيەنىڭ سۈرئىتى ئىنتايىن ئاستا بولۇپ خافكېڭ ماسسىسى قۇياش ماسسىسىنىڭ 2 ھەسسىگە تەڭ بولغان قارا ئۆڭكۈرنىڭ پۈتۈنلەي پارلىنىپ بولۇشى ئۈچۈن 10^67 يىل ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن . بۇ ۋاقىت ھازىرقى ئۆلچەملىك چوڭ پارىتلاش نەزەرىيىسىگە ئاساسەن مۆلچەرلەنگەن ئالەمنىڭ يېشى 1.5*10^10 يىلنىڭ 7*10^56 ھەسسىسىگە تەڭ . (*بەلگىسى كۆپەيتىش بەلگىسى ، ^ بولسا دەرىجە بەلگىسى ، مەسىلەن 7*10^56 بولسا 7 كۆپەيگەن 10نىڭ 56ىنجى دەرىجىسى، بۇندىن كىيىنمۇ شۇنداق)

    60-70-يىللاردا گەرچە قارا ئۆڭكۈر ھەققىدىكى تەتقىقات شۇنچە تىز يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ ، لىكىن ئالىملار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قارا ئۆڭكۈرنى بايقاشقا ئۇنچە ئۈمىدۋار ئەمەس ئىدى . چۈنكى قارا ئۆڭكۈر نۇرنىڭمۇ تارتىپ كېتىدىغان تۇرسا !؟

   ئەلۋەتتە بۇنىڭلىق بىلەن قارا ئۆڭكۈرنى ئىزدەش خىزمىتىنى تاشلاپ قويغىلى بولمايدۇ . قارا ئۆڭكۈرنى ئىزدەشنىڭ يەنە بىر يولى بار ___ قارا ئۆڭكۈرنىڭ غايەت چوڭ تارتىش كۈچى . قارا ئۆڭكۈرنىڭ غايەت چوڭ تارتىش كۈچى ئەتراپىدىكى ماددىلاردا كۆرۈنەرلىك تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ . يەنە ئايلىنىۋاتقان قارا ئۆڭكۈر ئەتراپىدىكى ماددىلارنى سۆرەپ ئايلىنىش داۋامىدا ، ئەتراپىدىكى ماددىلارنىڭ ھەرىكىتى نەتىجىسىدە نازايىتى كۈچلۈك x نۇرى ھاسىل قىلىدۇ .

    قوشماق يۇلتۇزلار بۇ جەھەتتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى . ئالەمدە نۇرغۇنلىغان قوشماق يۇلتۇزلار بولۇپ ، ئۆز ئارا ماسسا ەپرقى ئانچە چوڭ بولمىغان جۈپ بولۇپ بىر - بىرىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان يۇلتۇزلارنى كۆرسىتىدۇ . ئاستىرونوملار قوشماق يۇلتۇزلارنى كۈزىتىش داۋامىدا بەزىلىرىنىڭ بىر كۆرگىلى بولىدىغان يۇلتۇز ۋە يەنە بىر كۆرگىلى بولمايدىغان ھەمراھ يۇلتۇزدىن تۈزىلىدىغانلىقىنى بايقىدى . ئاققۇ x_1دەل مۇشۇنداق تۈردىكى قوشماق يۇلتۇز سىستىمىسى بولۇپ ، يەنە كۈچلۈك xنۇرى چىقىراتتى . ئاستىرونوملار كۈزىتىش ئارقىلىق ئاققۇ x_1دىكى كۆرۈنمەس يۇلتۇزنىڭ ماسسىسىنىڭ تەخمىنەن قۇياش ماسسىسىنىڭ 6ھەسسىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بايقىدى . سادېرسانكا تەتقىقاتىغا ئاساسەن بۇ يۇلتۇز ئاق پەتەك يۇلتۇز ياكى نىيىترون يۇلتۇز بولىشى مۇمكىن ئەمەس ____ قارىماققا ئۇ بىر قارا ئۆڭكۈر ئىدى . 1975-يىلىغا كەلگەندە ئاققۇ x_1دىكى كۆرۈنمەيدىغان يۇلتۇزنىڭ قارا ئۆڭكۈر بولىشى 90%مۇقىملاشتۇرۇلدى .

    ھالبۇكى 80-يىللاردا ئالىملار ھەيرانلىق بىلەن بايقىدىكى ئەمىلىيەتتە ئەتراپىمىزدىكى ئالەمدە قارا ئۆڭكۈر ساماندەك تولا . ھەر بىر يۇلتۇزلار سىستىمىسىنىڭ مەركىزى بىر غايەت زور قارا ئۆڭكۈر بولۇپ ئۇنىڭ ئەتراپىدا يەنە نەچچە مىڭلىغان كىچىك قارا ئۆڭكۈرلەر بار . بىزنىڭ سامان يولى سىستىمىسىمۇ مەركىزىدىكى قارا ئۆڭكۈرنىڭ غايەت چوڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرى بىلەن ئايلانما ھەرىكەت قىلىدۇ . سامان يولى مەركىزىدىن 30مىڭ نۇر يىلى يىراقلىقتىكى قۇياشنىڭ مەركەزنى ئايلىنىش سىزىقلىق تىزلىكى سىكونىتىغا 30 كىلومىتىر .

    ئالىملارنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى قارا ئۆڭكۈر تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى ھالىتى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئىپتىدائى چوڭ پارىتلاشتىن كىيىن يۇلتۇزلار شەكىللىنىپ بولۇشتىن بۇرۇنلا كۆپ مىقداردا قارا ئۆڭكۈر شەكىللىنىپ بولغان بولىشى مۇمكىن ! ھازىر ئاستىرونوملار كۆزەتكەن ئەڭ چوڭ قارا ئۆكۈر بىزدىن 12مىليارىد 700مىليۇن نۇر يىلى يىراقلىقتا ، يەنى بۇ قارا ئۆڭكۈر 12مىليارىد 700مىليۇن يىل بۇرۇن شەكىللەنگەن . ئۆلچەملىك چوڭ پارىتلاش نەزەرىيىسىگە ئاساسەن ئۇ ۋاقىتتا يۇلتۇزلار سىستىمىسى تېخى شەكىللەنمىگەن . بۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا بۇ نەتىجىلەر شۇنى كۆرسىتۇدىكى چوڭ تىپتىكى يۇلتۇزلار سىستىمىسىنىڭ شەكىللىنىشى مۇشۇنداق قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ تارتىش كۈچىگە تايىنىپ ئورۇنلانغان بولىشى مۇمكىن .

    بۇ خىزمەتلەر بىلەن تەڭ قەدەمدە قارا ئۆڭكۈرنىڭ ماھىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارمۇ يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتى . بۇلاردىن ئەڭ مۇھىمى قارا ئۆڭكۈرگە كىرىپ كەتكەن ئۇچۇرلار يوقىلىپ كەتمەيدۇ . مۇنداقچە ئېيىتقاندا قارا ئۆڭكۈرگە كىرىپ كەتكەن نەرسە يەنە بىر ئالاھىدىلىكىنى يەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچۇرىنى ساقلاپ قالىدۇ ھەم كىيىن قارا ئۆڭكۈرنىڭ پارلىنىشى ئارقىلىق چىقىرىپ تاشلىنىدۇ . لىكىن قارا ئۆڭكۈرگە كىرىپ كەتكەن جىسىم چىققان ۋاقتىدا پىروتوندىنمۇ كىچىك زەررىچىلەر شەكلىدە پارچە پارچە چىقىدىغان بولغاچقا ئۇ جىسىمدىكى ئۇچۇرنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىنىڭ ئانچە ئەمىلى ئۈنۈمى بولماسلىقى مۇمكىن ( قارا ئۆڭكۈرنىڭ پارلىنىشى نەتىجىسىدە ئەسلىدە كىرىپ كەتكەن جىسىمنى تۈزگۈچى زەررىچىلەر چىققاندا ، بۇ زەررىچىلەرنى تونۇۋېلىپ ھەم قايتىدىن رەتلەپ ئەسلىدىكى تەرتىپلىك ھالىتىگە قايتۇرۇش خىيالىنى قىلىۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس )، لىكىن بۇنىڭ نەزەرىيىۋى قىممىتى ناھايىتى چوڭ . چۈنكى يېقىندىن بۇيان بەزى ئالىملار ئالەمشۇناسلىق ئىلمىنىڭ مۇھىم نوقتىسى بۇرۇنقىدەك ئاساسى زەررىچە ۋە ھەر خىل كۈچلەر ھەققىدە ئەمەس ، بەلكى دۇنيانىڭ قانۇنىيەتلىك ھالدا ئۆزگىرىپ بېرىشىنى يېتەكلەپ ماڭىدىغان ئۇچۇردا بولىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە . قارا ئۆڭكۈر ھەققىدىكى يۇقىرىقى بايقاش ئالەمنىڭ بارلىققا كېلىش مەنبەسى ھەققىدىكى بىلىشىمىزنىڭ چوڭقۇرلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغۇسى.

مەنبەسى : توريازغۇچى: بىلىۋال

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-16 15:54:23

بىرەر ئاي بوپقالدىغۇ دەيمەن، مىسرانىمدا بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ بىر تېمىسىغا بىرسى قارا ئۆڭكۈرنىڭ تىرناقچىلىك بىر پارچىسىمۇ نەچچە مىليارد توننا كېلىدۇ دەپ ئىنكاس يېزىپتىكەن. بۇ گەپكە قاتتىق ھەيران قالغان بولساممۇ مەن ئۇ مۇنبەرگە ئەزا بولمىغاچقا سوراي دەپمۇ سورىيالمىغانتىم. ئىزدىنىشتىكىلەردىن بولسىمۇ سوراپ باقاي، ئۇنىڭ دېگىنى توغرىمۇ؟

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-8-16 22:33:38

1- قەۋەتتىكى ATLAN111نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىرەر ئاي بوپقالدىغۇ دەيمەن، مىسرانىمدا بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ بىر تېمىسىغا بىرسى قارا ئۆڭكۈرنىڭ تىرناقچىلىك بىر پارچىسىمۇ نەچچە مىليارد توننا كېلىدۇ دەپ ئىنكاس يېزىپتىكەن. بۇ گەپكە قاتتىق ھەيران قالغان بولساممۇ مەن ئۇ مۇنبەرگە ئەزا بولمىغاچقا سوراي دەپمۇ سورىيالمىغانتىم. ئىزدىنىشتىكىلەردىن بولسىمۇ سوراپ باقاي، ئۇنىڭ دېگىنى توغرىمۇ؟

قارا ئۆڭكۈرنىڭ ماسسىسى شۇنداق يۇقۇرى بولغانلىقى ئۈچۈن باشقا بارلىق نەرسىلەرنى ئۆزىگە سۈمۈرىدۇ. ماسسىسى قانچە يۇقۇرى بولغان جىسىمنىڭ باشقا جىسىملارنى تارتىش كۈچى كۈچى شۇنچە يۇقۇرى بولىدۇ. قارا ئۆڭكۈر شۇنچە چوڭ ماسسىغا ئىگە بولغاچقا ھەتتا نۇرمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

arkzat618 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-17 13:05:47

ئەگەر ماسسى چوڭ بولسىلا باشقا جىسىمنى تارتىدىغان ئىش بولسا قۇياشنىڭ ماسسىى مىركۇرى ،يەرشارى ،ۋىنرالاردىن نەچچە ھەسسە چوڭ. ھەتتا مارىسمۇ مارىس ئوربتىسدىكى پىلانىت تاشلاردىن شۇنچۋىلا چوڭ تۇرۇپ نىمىشقا شۇ تاشلارنى تارتىپ كەتمەيدۇ.

kabanna يوللانغان ۋاقتى 2013-8-17 13:15:33

نۇرنىڭمۇ ماسسىسى بارمۇ؟
بەت: [1]
: ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭ