irpan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-15 23:19:24

كۇچا نېمىشقا ۋەلىيانە كۇچا دەپ ئاتالغان؟

چىڭگىزخان بۇخارانى ئىشغال قىلغاندا، بۇخارانىڭ مەشھۇر ئۆلىماسى شەيىخ ئىمام ھاپىز بۇخارى بىلەن مۇنازىرە ئېلىپ بارغان. ئىمام بۇخارى كەسكىن مۇنازىرە يۈرگۈزگەنلىكتىن چىڭگىزخان ئۇنى شېھىت، ئەۋلاتلىرىدىن 17 كىشىنى ئاق ئۆيلۈك قىلىپ قارابالاساغۇن يېنىدىكى كېلوران تېغىغا سۇرگۇن قىلغان. 1227-يىلى چىڭگىزخان ئۆلگەندىن كېيىن، بۇخارىنىڭ ئەۋلاتلىرى چىڭگىزخاننىڭ ئىزباسارى قۇبلايخاننىڭ رۇخسىتى بىلەن ئازاد بولۇپ شىنجاڭغا كەلگەن. نەۋرىسى شەيىخ جاللىدىن دەسلەپ شەھىرى كېتىككە، كېيىنرەك ئاقسۇ ئايكۆلدە ماكانلاشقان؛ تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ياردىمى بىلەن شىيىخ ئەرشىدىن بولسا كۇچادا ماكانلاشقان، 1868-يىلى ياقۇپبەگ قۇشبېگى تەرىپىدىن ئۇنىڭ ئاخىرقى ئەۋلادى راشىدىن خان ئۆلتۈرلۇش بىلەن ئۇنىڭ نەسەبى ئاياقلاشقان. ئىمام ھاپىز بۇخارىنىڭ ئەۋلاتلىرى ئاساسەن كۇچاغا توپلانغانلىقى ئۈچۈن، كۇچا «ۋەلىيانە كۇچا» دەپ ئاتالغان.

مەنبە: "ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا دائىم ئۇچرايدىغان ئاتالغۇلارغا ئىزاھات"  ( 2-قىسىم)، 286-بەت.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-16 07:49:35

ئۇنداقتا كۇچادىكى مەۋلانە ئەرشىدىن مازىرى دەل شۇ ئىمام بۇخارىنىڭ نەسەبى بولغان شەيىخ ئەرشىدىننىڭ ئىكەندە

romantic0122 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-16 11:56:54

كېلوران ئەمەس، قۇرۇلۇن . قۇرۇلۇن دەرياسى، قۇرۇلۇن تېغى دېگەندەك.

يېقىندىن بۇيان مۇشۇ گەپ ئىزچىل مۇنبەرلەردە مۇشۇنداق ئاتىلىۋاتىدۇ، نېمىشقىكىن پەقەت بىلمىدىم.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2013-8-17 12:00:39

ئەزىزانە قەشقەر ،شەھىدانە خوتەنلەرنىڭكىمۇبارمىكەن. بۇلارنى ئازراق بىلەرئىدىم .تەپسىلىرەك بىلسەك بۇلارمۇ لىكىن .

nurbilig يوللانغان ۋاقتى 2013-8-28 08:22:47

شەيخ مەۋلانا ئەرشىدىن تۇغلۇق تۈمۈرنى ئىسلامغا كىرگۈزۈپ، كېيىن كۇچارغا كېلىپ ئولتۇرشۇپ ، كۇچاردا ئىسلام دىنىنى تارقىتىش ۋە ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن ئۆتىدۇ. خان توغلۇق تۈمۈرنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئىرىشىدۇ.

hezret يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 08:38:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hezret تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-8 08:39  

سوپىلارنىڭ پائالىيەتلىرى كەڭ تارقىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ۋەلىيۇللاھ، ئەۋلىيا دېگەندەك بۇ ئاتالغۇلار.
مەسىلەن: فىرىيانە يەكەن، ئەزىزانە قەشقەر، سوپىيانە ئاقسۇ دېگەندەك.
بەت: [1]
: كۇچا نېمىشقا ۋەلىيانە كۇچا دەپ ئاتالغان؟