«ئاق قەلئە» ناملىق كىتاپ كىمدە بار؟
تۈرۈك يازغۇچىسى ئورخان پامۇكنىڭ «ئاق قەلئە» ناملىق كىتابىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسى بارمىدۇ؟ ياكى تەرجىمە قىلىنمىدىمۇ؟ تەپسىلاتى توغرىسىدا خەۋەر بەرسەڭلاركەن، كىتاپنىڭ ئۆزى بولسا تېخى ياخشى بولمىسا PDF نۇسخىسى بولسىمۇ مەيلى ئىدى.
بۇ رومان ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىدى .تۈركچە ئېلكىتاب بولسا ماڭىمۇ كېرەكتى ...@mustapa تۈركچە ئېلكىتاب مەندە بار لىكىن شۇ.... قارىغاندا تەرجىمە قىلىنمىغىنى راستكەندە؟ http://www.birhon.com/?p=1568#more-1568 ماڭا ئامىرىكىلىق بىرىنىڭ لەگلەك ئۇچۇرغۇچى بالا دېگەن كىتابى لازىم ئىدى………
بۇ كىتاپتا پاكىستاندىكى ئىشلار سۆزلىنەرمىش………
تېپىلارمۇ
5- قەۋەتتىكى huqushنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ماڭا ئامىرىكىلىق بىرىنىڭ لەگلەك ئۇچۇرغۇچى بالا دېگەن كىتابى لازىم ئىدى………
بۇ كىتاپتا پاكىستاندىكى ئىشلار سۆزلىنەرمىش………
تېپىلارمۇ
ئامرىكىلىق بىرسى يازغان لەگلەك ئۇچۇرغۇچى بالا دېگەن كىتابنىڭ كىنوسىنى كۆرگەن ، كىنونىڭ بەزى ۋەقەلىكلىرىنى قەشقەردە ، تاشقورغاندا ئىشلىگەن .
ئەمما بۇ كىنودا ئافغانىستاندىكى بەزى ۋەقەلىكلەر سۆزلىنىدۇ .
مەنچە كىتابىنى ئوقۇماڭ بولدى . (كىنوسى چىقىپ بولغاندىن كىيىن بىرسى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلدى .).
تاپالىسىڭىز كىنوسىنى كۆرەپ قوياڭ ...
5- قەۋەتتىكى huqushنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ماڭا ئامىرىكىلىق بىرىنىڭ لەگلەك ئۇچۇرغۇچى بالا دېگەن كىتابى لازىم ئىدى………
بۇ كىتاپتا پاكىستاندىكى ئىشلار سۆزلىنەرمىش………
تېپىلارمۇ
خەنسۇچە، ئېنگلىسچىسىنى تاپقىلى بولارمىكى
5- قەۋەتتىكى huqushنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ماڭا ئامىرىكىلىق بىرىنىڭ لەگلەك ئۇچۇرغۇچى بالا دېگەن كىتابى لازىم ئىدى………
بۇ كىتاپتا پاكىستاندىكى ئىشلار سۆزلىنەرمىش………
تېپىلارمۇ
ھەپتە بولمىدى تېخى ، كىتابخانىدا كۆردۈم (ئۈرۈمچى ). قاتتىق مۇقاۋىلىق قىلىپ ئشلەپتۇ . مەنمۇ بۇ كىتاپنىڭ بارلىقىدىن خەۋەرسىز ئىدىم.
ئاقسۇنىڭمۇ ئىشقىلىپ بىر يەرنىڭ رادىئوسىدا رومان ئاڭلىتىش پىروگراممىسىدا بىر نەچچە مىنۇت ئاڭلىغان ئىدىم، ئېسىل روماندەك ھېس قىلدىم.
شۇڭا تېپىپ ئوقاي دېسەم ئاقسۇدىن تاپالمىدىم
5- قەۋەتتىكى huqushنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ماڭا ئامىرىكىلىق بىرىنىڭ لەگلەك ئۇچۇرغۇچى بالا دېگەن كىتابى لازىم ئىدى………
بۇ كىتاپتا پاكىستاندىكى ئىشلار سۆزلىنەرمىش………
تېپىلارمۇ
بۇ كىنونى شاھ ئۇيغۇر بىلوگىدىكى ئەزمەتلەر ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئىشلەپ تارقىتىپ بولغىلى ئۇزۇن بولدى كىنوسىنى كۈرەي دەپ قالسىڭىز ئادىرىسى مانا:http://shahblog.net/?p=2657
10- قەۋەتتىكى hanjar330نىڭ يازمىسىدىن نەقىل«ئاق قەلئە» بۇ كىتاپتا نىمە سۆزلىنىدۇ
5- قەۋەتتىكى huqushنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ماڭا ئامىرىكىلىق بىرىنىڭ لەگلەك ئۇچۇرغۇچى بالا دېگەن كىتابى لازىم ئىدى………
لەگلەكنى قوغلىسا موشۇ خەنسۇلار قوغلايدۇ، بىز \"لەگلەكچى\" ياكى \"لەگلەكچى بالا\"دەيمىز، موشۇ نەشىرياتلارمۇ ماۋۇ گەپ ئۇيغۇرچىغا چۈشەمدۇ-چۈشمەمدۇ دېيىشمەي ئۇرۇپ سوقۇپ چىقىرىۋېرىدىغان بوپكېتىپتۇ كىتاپلىرىنى ....
ئەرمەن قىرغىنچىلىقى توغورسىدا ئەمەستۇ!؟
سۆيۈملۈك بۇرادەرلەر ماڭامۇھەممەت باغراشنىڭ «ئاقساق بۇغا » دىگەن پوۋسىتى لازىم ئىدى
كىم ماڭا ياردەم قىلىدۇ، بۇ ئەسەر تارىم ژۇرنىلىدا تاخمىنەن 15 يىلنىڭ ئالدىدا ئىلان قىلىنغان تۈركچىسى چۈشمىدىغۇ بالىلار، چۈشكىنىنى ئوقۇغۇلى بولمىدى؟
13- قەۋەتتىكى afiyfiyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تۈركچىسى چۈشمىدىغۇ بالىلار، چۈشكىنىنى ئوقۇغۇلى بولمىدى؟
2- قەۋەتتە 2 مەنبە بار.
مەندە كىتابى بارتى ئېنگىلىزچىسىمۇ تۈركچىسىمۇ . ئەفىفىي توردىن ئەرەبچىسىنى ئىزدەپ بېقىڭ. تۈرۈكچىسىنىڭ ئېلكىتابىنى مەن تېپىپ بېرەي بولىدۇ. مەن بۇ كىتابنى ئوقۇغانىدىم، ئوتتۇرا دېڭىزدا كېتىۋاتاتتۇق، ئالدىمىزنى ئوسمانلى كېمىلىرى توستى... دەپ باشلىنىدۇ بۇ كىتاب، ئاندىن ۋېنتسىيەلىك بىرسىنىڭ ئوسمانلى ئەسكەرلىرىگە ئەسىرگە چۈشۈپ، ئىستانبۇلغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى ۋە بۇ يەردە تۈركىيەلىك ھۈنەرۋەنلەر بىلەن بىرلىكتە زەمبىرەك ياسىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. كىتابتا ئەرمەنىستان ھەققىدە گەپ يوق، پەقەت ئەڭ ئاخىرىدا زەمبىرەكلىرىنى سۆرەپ بولالماي ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن ئوسمانلى ئەسكەرلىرى ئارىسىدا كېتىۋاتقان ئۇ ۋېنتسىيەلىكنىڭ يىراقتىن بىر ئاق سېپىلنى كۆرگەنلىكى بىلەن رومان ئاياغلىشىدۇ. روماننى ئوقۇغاندا تۇنجى ئالغان تەسىراتىم: غەربلىكلەرنىڭ ھۈنەر-تېخنىكىغا بايلىقى، ئوسمانلىلارنىڭ قالاقلىقى، ئەمما پەن-تېخنىكىغا، ھەربىي سانائەتكە قىزىقىدىغانلىقى...ۋاھاكازالار. ئىشقىلىپ بىر ئوقۇپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ، غەربلىكلەرگە ياراپ كەتكەن بۇ كىتاب بىزگە ئانچە نادىر تۇيۇلماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى بۇ يەردە كىمگە ياخشىچاق بولۇش مەسىلىسى يىلاندەك سوزۇلۇپ ياتىدۇ. @erturk قىسقىچە چۈشەنچە بەرگىنىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم، رەھمەت.. شۇ يېتەرلىك بولدى. « لەگلەك قوغلىغۇچى بالا » نى ھازىر ھەرقانداق كىتاپخانىدىن ئاساسەن تاپقىلى بولىدۇ .
« ئاقساق بۇغا » دىگەن كىتاپ ماڭىمۇ كېرەكتى ، تېپىپ بېرەلەيدىغانلار ئۇچۇرىنى بېرىڭلار ، پۇلىنى ئەۋەتەيلى .