kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-14 17:59:18

قەشقەرمۇ قاشقامۇ؟[كۆچۈرۈلمە]

كۆكنۇر نېت تورى ئىلاۋىسى؛ قەشقەر ۋە قەشقەلىكلەرنىڭ ئۇنىڭ شەرىق تەرىپىدىكى ئاقسۇ،غۇلجا،تۇرپاندىكى ياشانغان كىشىلىرىمىزنىڭ ئېغىز تىلىدا قاشقا ۋە قاشقالىق دەپ ئاتىلىشى ئۇزۇننىڭ ياقى كاللامدا بىر تۇگۇن بولۇپ كەلگەن ئىدى.دەسلەپكى قەدەمدە ئەسلى نام قاشقا ياكى قاشقار بولىشى مۇمكىن مىللى ھۇۋىيەت چۆكۇپ ئەرەپ-پارىسلىشش پىسخىكىسىنىڭ تەسىرىدە قەشقەر ياكى كاشىگەر بولغان بولىشى مۇمكىن دىگەن پەرەزلەردىمۇ بولدۇم .قەدىم تارىخىمىزدا ئۇچرايدىغان لېكىن ھازىرغىچە نەلىكى بېكىتىلمىگەن قاش تېرمىنىنى ۋە قاش دەريالىرىنى بۇ ئاتالغۇغا باغلاپ ئويلاپ باققۇم كەلدى.بۇ ئۆزلۇك ئېڭىنىڭ تارىخىدىكى مۇھىم پاكىتى ھىىسابىغا كىرىدىغاچقا قەشقەمۇ قاشقامۇ؟ دەيدىغان ماقالا تەييارلاشنىمۇ ئويلاشتىم .ئەمما پاكىتلارنى يىتەرلىك قىلالمىغاچقا 7-8 يىلنىڭ ياقى بىر نىشان بولۇپ كىتىۋەردى.بۇگۇن خوجىنىياز ئەپەندىنىڭ بۇ خەۋەر ماقالىسىنى كۆرۇپ بەك خوش بولدۇم.كۆكنۇر نېت تورىنىڭ ئىلاۋىسىنى مەمنۇنلۇق بىلەن ئۆز نامىمغا يازدىم. ئاپتورنىڭ بۇ ئەمگىگىگە بارىكاللا! ئاللاھ بېشىمىزدىن مۇشۇنداق ئىلمى خاھىشلىق كۇچلۇك تۇيغۇلۇق ئىزدىنىشلەرنى ۋە ئىلمى ئەمگەكلەرنى ئۆكسۇتمىسۇن. كۆكنۇر نېت تورىدىن خوجىنىياز يوللۇغ ئەپەندىگە سالاملار بولسۇن .كۆكنۇر نېت تورى ئۇنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرلەپ بۇ توغېرىسىدا ھەقىقى ئىلىم ماقالىسى يېزىپ چىقىشىغا ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تىلەكداشمىز.بۇندىن باشقا ھازىر ھەقىقەتەنمۇ قاشقاقاشقارقاشقايمۇ ياكى قەشقەركاشىگەرمۇ دەپ ئويلىنىدىغان ۋاقىت كەلدى.بۇ چوقۇمكى بىر قىسىم ئەھلى ئىلىملىرىمىزنىڭ ئىلمى نىشانى بولمىقى لازىم.


ھۆرمەت بىلەن داۋۇت ئوبۇلقاسىم



ئۇنۇتۇلغان خەلق قاشقايلار


خوجا نىياز(ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى دوتسېنتتى. )


قىسقىچە مەزمۇنى : بۇ ماقالىدەئىراننىڭ جەنۇبىي تەرەپلىرىدە ياشاۋاتقان، تۈركى خەلق قاشقايلارنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەھۋالى، ئجتىمائىي ھاياتى ،ئېتنىك كېلىپ چىقىشى،قىسقىچە تارىخى ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپ،قاشقايلارنىڭموڭغۇل ئىستىلاسى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار زىمىنى تەۋەسىدىن (ھازىرقى جۇڭگۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قەشقەرتەۋەسىدىن) غەربىي ئاسىياغا كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلارئىكەنلىگى،ئۇلارنىڭ ھازىر پارىسچە نامى قشقائىQashqāī) -卡什加人) ،دەپ ئاتالغانلىقى،گەرچە ئارىدىن800 يىل ئۆتۈپ ،ئۇلارنىڭ تىلى ،تۇمۇشى،ئۆرۈپ ئادەتلىرىدە قىسمەن ئۆزگۈرۈش (ئەتراپتىكىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش) ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ يەنىلا ،باشقا خەلىققە تەۋە ئەمەس،بەلكىجۇڭگۇ شىنجاڭ (قەشقەر)ئۇيغۇرلىرى بىلەن بىر خەلق ئىكەنلىكى تارىخىي پاكىتلارئاساسىدا يۇرۇتۇپ بېرىلىدۇ.


ئاچقۇچلۇق سۆز :موڭغۇللار دەۋرىئۇيغۇرلارئىران قاشقايلار


在这篇论文专门探索现在在伊朗南部生存的语言为突厥语的卡什加人,展述他们的地理,社会来历及语言民族来源﹑证明出卡什加人是蒙古时代从维吾尔地域(现新疆维吾尔自治区喀什葛尔区域)往西亚细亚迁移的维吾尔族人。他们以波斯语称呼为卡什加人,在维吾尔语中却称呼为喀什葛尔人,虽然卡什加人的生活,语言及其他方面有所变化但是他们不属于其它民族人而是和中国新疆喀什葛尔维吾尔族人是同一个民族人。


تارىخ ئۆتمۈشتىن بىلىم بىرىپ ، ئەجداتلارنى تۇنۇتقۇچى، ۋەتەن، مىللىي كىملىكىنى بۈلدۈرگۈچى،غالىبىيەتلىك كۈنلەرنى ئەسلىتىپ ،مەغلۇبىيەت تەجرىبە ساۋاقلىرىنى يەكۈنلىگۈچى، خاتالىقلارنى تەكرارلىماسلىققا ئۈندۈگۈچى، ۋەتەن سۈيەرلەرگەشاتلىق، خائىنلارغا نەپرەت ئوقلىرىنى ياغدۇرغۇچى، مىللىي روھى قۇۋەت،تەپەككۈرىنى ئۇرغۇتقۇچى ،ئەجدات بىلەن ئەۋلاتنى،ئۆتمۈش بىلەن ھازىرنى باغلىغۇچى ،ھاياتىنى يۇرۇتقۇچى ،كەلەچەككە ئۈمۈتۋارلىق بىلەن قاراشنى ئۆگەتكۈچى ،قۇدرەتلىك قورالدۇر -( خوجا نىياز يوللۇغ ) .


1.قاشقايلارنىڭ كىملىكى.







        قاشقايلار ئىران ئىسلام جۇمھۇريىتىدە ياشىغۇچىتۈركىي خەلىقلەر ئىچىدە ئازەربايجان ۋە تۈركمەنلەردىن قالسىلا،سانى ۋە سىياسى نوپۇزى جەھەتتىن ، ئەڭ كۈچلۈك،كۆپسانلىقنى تەشكىل قىلغۇچى تۇركىي خەلقتۇر . ئۇلار موڭغۇللار دەۋرىدە ئۇيغۇر ئېلى( ھازىرقى شىنجاڭ )نىڭ قاشغەر-قاشغاي ۋادىسىدىن غەرىپكە قاراپ كۆچكەن. ئىرانغا كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشكەن،قەشغەرلىكلەرنىڭ كېيىكى ئەۋلاتلىرىدۇر.ھازىرقى نۇپۇسى تەخمىنەن: 2 مىليۇن00 5 مىڭ ئەتراپىدا بۇلۇپ، ئۇلار ئاساسەن،ئىراننىڭ پارس ئۆلكىسى،خۇزىستان ئۆلكىسى،ئىسپاھان ئۆلكىسى،شىراز شەھرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان. ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى پارىس ئۆلكىسى پۈتۈنلەيقاشقايلارنىڭ نۇپۇسى ئاستىدا.قاشقايئىسلامدىنىڭ شىئە مەزھىپىگە ئېتىقات قىلىدۇ، كۆپسانلىقى كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلار ئات يىتىشتۈرۈش،تۇقۇمچىلىق، يۇڭدىن گىلەم-پالاز تۇقۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.



   2 . ئۇيغۇرلارنىڭ غەربىي ئاسىياغا بېرىش تارىخى


تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا ،ئۇيغۇرلارنىڭ غەربىي ئاسىياغا بېرىشى بۇرۇن باشلانغان، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ غەربىي ئاسىياغا توپ ھالەتتە بېرىشى،چىڭگىزخان دەۋرىدىن باشلانغان.يەنى 1219-يىلى چىڭگىزخانيىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قۇشۇنى ئېرتىش دەرياسى بۇيىغا كەلگەندە ، ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقى قاغانى بارچۇق ئارت تېكىن باشچىلىقىدىكى 10مىڭ ئاتلىق قۇشۇن چىڭگىزخان باشچىلىقىدىكى ھەربىي قۇشۇنلارغا قۇشۇلۇپ(جۇجى باشچىلىقىدىكى)، موڭغۇللارنىڭ غەرىپكە، شەرىققە يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان.1220-يىلى چىڭگىزخان باشچىلىقىدىكى ھەربىي قۇشۇنلار ئامۇ دەرياسىدىن ئۈتۈپ،ئىران ئىگىزلىكىگە ھۇجۇم قىلغاندا ،تۇلىنىڭ قوماندانلىقىدىكى ئۇيغۇر قۇشۇنى مەرۋى،نىشاپۇر،ئېلا قاتارلىق قەلئەلەردە ئېلىپ بېرىلغان جەڭلەرگە قاتناشقان. 1 ھەتتا «ئۇيغۇر پېۇداللىرىنىڭبەزى ۋەكىللىرىمۇ(مەسىلەن ، سولىبېۋاچى« solibewachi» قاتارلىقلار) ئۆزلىرىنىڭ قوراللىق قوشۇنلىرى بىلەن بۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان».2 تۇرپان، كۇچا، قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق شەھەرلەردىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلار    ھىلاكۇخاننىڭ قوماندانلىقىدىكى موڭغۇل قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە غەربىي ئاسىياغا كۆچۈپ بارغان.


نەتىجىدە ،بۇ كۆپساندىكى ئۇيغۇرلارغەربىي ئاسىيا ،شەرىقى ياۋرۇپا، تاڭغۇت خانلىقى ، شەرىقى جۇڭگۇ ،ئوتتۇرا جۇڭگۇ، جەنۇبىي جۇڭگۇ رايۇنلىرىنى موڭغۇل ئىمپىريىسىگە قۇشۇش، موڭغۇل ھاكىميىتىنى مۇستەكەملەش خىزمەتلىگە قاتناشتى ۋە ئۇجايلارغا كۆچۈپ باردى. ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ۋەكىللىرى،ئەمەلدارلار،چوڭ سودىگەرلەر،سىياسىيونلار،ھەربىي قوماندانلار ، ئالىملار، سەنئەتكارلار، زىيالىلار، كاتىپلار شائىرلار ۋە ئۇلار كەينىدىن ئەگىشىپماڭغان نۇرغۇن كىشىلەر بار ئىدى.

غەربىي ئاسىياغا كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپچىلىكى توپ - توپ ھالدا رەي، قۇم ۋىلايەتلىرىگە، ئاناتولىيىتىدە بولسا قەيسەرى، كونيا ۋە قارامانئىگدىر قاتارلىق يەرلەرگە يەرلەشكەن. فرانسىيە كارۇلىنىڭ موڭغۇللارغا ئەۋەتكەن ئەلچىسى رۇبرۇكنىڭ 1253-يىلدىكى خاتىرسىگە قارىغاندا،«خىرىستىئان دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئىراندىكى مۇسۇلمان شەھەرلىرىدە ئولتۇراقلاشقان»3ھىلاكۇخان تەرىپىدىن ئاناتولىيىگە ئەۋەتىلگەن ئىلخانىيلارنىڭ تۇنجى ۋەكىلى تۈكلۈك باخشى دېگەن كىشىمۇ دەل ئۇيغۇرلاردىن چىققان باخشى(كاتىپ)ئىدى. ئاناتولىيىگە كەلگەن ھەر قانداق بىر بەگ ۋە نويانغا ئوخشاش تۈركلۈك باخشىنىڭ قول ئاستىدىمۇ ئۇيغۇرلار بار ئىدى.


ئۇيغۇرلار شەرىقى ،غەربىي ئاسىيادا قۇرۇلغان موڭغۇل خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت، ئىلىم پەن، مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە ھەربىي ئىشلىرى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى.بېسىۋالغان زىمىنلارنى باشقۇرۇشتىمۇ ئۇيغۇر ئەقىلدارلار يۇقۇرى ئورۇنلاردا ۋەزىپە ئۆتىدى.


1258-يىلى ھىلاكۇخان باشچىلىقىدىكى موڭغۇللار باغداد خەلپىلىكىنى ئاغدۇرۇپ ، ئىراننىمۇ بويسۇندۇرغان. ھىلاكۇخان ئۇنىڭ ۋە ئەۋلاتلىرى قۇرغان « ئېلخانىلار خانلىقى دەۋرى» دە ئۇيغۇرلار بۇ دۆلەتنىڭ سىياسى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا پائال ئارىلاشقان.

ئىران چېگرىسىغا ھىلاكۇخان كېلىشتىن بۇرۇن خوراسان ۋە شەرىقى ئىران قاتارلىق جايلارغا ئۆگەدايخان ۋە موڭكىخانلار تەرىپىدىنچىن تۆمۈر(1231-1235)، كۆركۈز(1235-1242بۇددا دىنىغا ئېتىقات قىلاتتى ،كېيىن مۇسۇلمان بولغان) ۋە ئارغۇن ئاكا(12431255)قاتارلىق ئۇيغۇرلار باش ۋالى بولۇپ تەيىنلەنگەن.بۇ دەۋرىدە ئۇيغۇر تىل يېزىقى ئىراندا پارس تىل -- يېزىقى بىلەن تەڭ ئورۇنغا كۆتۈرۈلگەن.


ئىرانلىق تارىخچى راشىدىن (1274-1318)«جامىئۇتتەۋارىخ» دېگەن ئەسىرىدە ئىلخانىيلار خانى ھىلاكۇخان دەۋرىدە 1000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ئىلىدىن ئايرىلىپ ئىراننىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدەپوچتا -- ئالاقە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بىرىدۇ.


تارىخچى جۇۋەينى (1226-1283)نىڭ ئىراندا ئۇيغۇر تىل يېزىقىنىڭ بىرىنجى ئورۇنغا قويۇلغانلىقى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ تىل يېزىقنى ئۈگىنىشكە مەجبۇر بولغانلىقىغا ئۆكۈنۈپ ،مۇنداق يازغان:«دۇنيانى ۋەيران قىلغان بۇ كۈرەشلەر نەتىجىسىدە مەدرىسلەر خاراپ بولدى، ئالىملار ئۆلتۈرۈلدى. بولۇپمۇ ئالىم ئۆلۈمالارنىڭ توپلانغان يېرى ۋە ئىلىمنىڭ ئوچىقى بولغان خوراسانمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالغا دۇچار بولدى. بۇ يەردە قەلەم ساھىبى بولغان بۇيۈك شەخسلەرنىڭ ھەممىسى قىلىچتىن ئۆتكۈزۈلدى. ھايات قالغانلىرى ئۈچۈن بولسا ئۇيغۇر تىل يېزىقىنى ئۈگىنىشتىن باشقا چارە قالمىدى». چۈنكى ،« ئۇلار (موڭغۇللار) ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىلمىلىرىنى بىلىم ۋە ئىلىمنىڭ يۇقۇرۇى چۇقىسى دەپ قارىغان»4 بۇ دەۋردە موڭغۇل خانلىرىنىڭ قوشنا دۆلەت بىلەن بولغان ھەربىي ئىشلىرىدىمۇ ئۇيغۇر تىلى-يېزىقى قوللىنىلغان.


« چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىلىرى ھۆكۇمرانلىقىئاستىدىكى پېرسىيە(ئىران ) دۆلىتى ۋە مېسىپوتامىيەدىكى مۇھىم ئەمەلدارلارنىڭھەممىسى ئۇيغۇر ئىدى.» 5

« تارىخچى ئوبۇل غازى باھادىرخان (1664-يىلى ۋاپات بولغان)مۇنداق دەيدۇ : «ئۇيغۇر خەلقىدە تۈركى تىلدا ئوقۇغان كىشىلەر كۆپ ئىدى ،دەپتەردارلىقنى ۋە دىۋان ھىساپلىرىنى ياخشى بىلەتتى. چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىلىرى زامانىدا ماۋەرا ئۈننەھىر ،خۇراسان ۋە ئىراقتا دىۋان دەپتەردارلارنىڭ بارچىلىرى ئۇيغۇر ئىدى،چىننىڭ يۇرتلىرىدىمۇ چىڭگىزخان ئوغلانلىرى دىۋان ۋە دەپتاردارنى ئۇيغۇر خەلقىدىن قۇيغانىدىى.چىڭگىزخاننىڭ ئورنىدا ئولتۇرغان ئوغلى ئوگۇدايخان   خۇراسان، ماۋەرا ئۈننەىرۋە گېلاننى ئۇيغۇر كۆركۇز دېگەنگە تاپشۇرۇپ بەرگەنىدى.ئو ياخشى ھىساپتان ئىدى،ھەر يىللىق شۇ يەردىن يىغىلىدىغانسېلىقلارنى قەرەرلىك ھالدا ئوگەدايخانغا يەتكۈزۈپ بېرەتتى»6.


ھىلاكۇخاندىن كېيىن ئېلخانىيلارنىڭ تەختىدە ئولتۇرغان ئاباقان (1265-1282)دەۋرىدە ئىرانغا باش ۋالى قىلىپ تەيىنلەنگەن ئەنگيانۇ ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. ئۇنىڭ ياردەمچىسى خوتەنلىك جالالىدىن بولسا تەقۋادار مۇسۇلمان ئىدى. ئاباقان بۇددىست ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى ھۆرمەت كۆرسەتكەن. ئەمما، خرىستىئانلارنىمۇ ھىمايە قىلغان. شىمالىي جۇڭگوغا جايلاشقان شەنشىدىكى توقتو دېگەن يەردە نېستۇرىيانلارنىڭ پاترىكى بولغان ئۇيغۇر راببان سائۇما بىلەن خانبالىقتىكى نېستۇرى پاترىكى ئۇيغۇر ماركۇس مىلادى 1275- يىلى ئىرانغا كەلگەن ۋە ئاباقاننىڭ رۇخسىتى بىلەن خوراساندىكى تۇس شەھىرىگە يېقىن بىر يەردە مۇناستىر قۇرغان. ئىراندا ياشىغان ئۇيغۇرلا ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالغان.

قازانخان دەۋرى(1295-1304) دە ئۇيغۇرلاردىن نەۋدار رەھبەرلىك قىلغان مىڭ تۈتۈن ئۇيغۇر،قارلۇقلاردىن تەشكىل تاپقان «ئەزەربەيجان ئارمىيىسىنىڭ 3-دەرىجىلىك 10مىڭ تۈتۈنلۈك قۇشۇنى» دىن كېلىپ چىققان. ئۇرۇش ئاياقلاشقاندىن كېيىن بۇ ئۇيغۇرلار ھەرقايسى ئۇيغۇر جامائەتلىرى ئارىسىغا قۇشۇلغان. راشىدىننىڭ «جەمئۇل تاۋارىخ»تىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا ،خۇراسان ۋە ھىندىستانلاردا ئەمىر پەرمانلار ئۇيغۇر تىل- يېزىقى بىلەن چۈشۈرۈلگەن.دىمەك ،غەربىي ئاسىياغا كۆچكەن ئۇيغۇرلار ناھايىتىمۇ كوپ بولغان، مەدەنىيەت تارقىتىشتىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان. شۇڭا ،غەربىي ئاسىياغا كۆچكەنئۇيغۇرلارنىڭ تارىخنى ئۆگۈنۈش،ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى بىلەن ئالاقە ئورنۇتۇش ،مىللەت داشلىقىمىزنى بۈلدۈرۈش،جۇڭگۇ بىلەن غەربىي ئاسىيا يېڭى يىپەك يۇلىنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتلەردىمۇ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.


3. قاشقايلارنىڭ ياشاۋاتقان يۇرتلىرى


قاشقايلارنىڭ يۇرتى پارىس ئۆلكىسىنىڭ غەربىىي شىمالىدىن باشلىنىپ، شەرىقى جەنۇپقا قاراپ سۇزۇلغان. يەنى سەس ناھىييە، چىھار دۇنھە، كامفىرۇز، ئارداھان، كازىرون، فارراسىبەند، ماھلا ئەرباچا، قىروز ئاباد، مەيمەنىد، ئەفرەز، ھونىچ، ماھۇرمىلانى قاتارلىق يەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ جايلارنىڭ بەزىلىرى يايلاقلارنى ، يەنە بەزىلىرى يېزا قىشلاقلارنى تەشكىل قىلىدۇ.خانلار فىروز ئاباددا قىشلايدۇ.قاشقايلارنىڭ بۇ يۇرتلىرى بۈگۈنكى زامانغا قەدەر ئىران ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ۋىلايىتى قاشقاي» نامى بىلەن ئاتىلىپ ئايرىم بىر بۆلگە (رايۇن) قاتارىدا سانالماقتا.


   قاشقاي ۋىلايىتى- خەمسە ۋىلايىتى ،كۇھئى-گەلۇيا ۋىلايىتىدىكى ئاغاچەرى قارا كۆزلۈك ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە قۇم ۋىلايىتىنىڭ خالاجىستان بۆلىكىدىكى خالاچ تۈركلىرى قوشۇلۇپ ،بۈيۈك قاشقاي دەپ ئاتىلىدۇ .


پارىس ۋىلايىتىنى قاپلىغان قاشقاي تۈركلىرىنىڭ قىشلاقلىرى باسىرا دېڭىزدىن تارتىپ جىلاھدارغا قەدەر سۇزۇلغان، يايلاقلىرى بولسا شەرقى شىمالدا بەختىياربىلەن تاماسا ،قۇمغا قەدەر 480 كىلومىتىردىن 1000كلومېتىرغا سۇزۇلغان . تەخمىنەن 300 مەھەللە 15 شەھەردىن تەركىپ تاپقان.


قاشقاي ئېلى پارىس دېڭىز قولتۇغى قىرغاقلىرىدىن باشلاپ،ئىسپاھان ۋە بەختىيار بۆلگەلىرىنىڭ جەنۇپلىرىغا قەدەر بولغان كۆلەمدە يېيىلغان. زاگروس تاغلىرىنىڭ بىر بىرىگە كىرىشىپ كەتكەنئىگىزچوقىلىرى بىلەن دېڭىز ساھىللىرى بۇ ئەلنىڭ چېگرا سىزىغىدۇر. شىراز ئوتتۇرا-مەركەز قىسىم بۇلۇپ ،قاشقايلارنىڭ تۇرۋاتقان يەرلىرىنى ئۈچ قىسىمغا ئايرىش مۈمكىن.1-قاشقاي يايلاق بۆلگۈسى: بۇ شىرازنىڭ شىمالىدىن باشلىنىپ ،زاگروس تاغلىرىغىچە قەدەر ئۇزۇنغا سۇزۇلغان.بۇ بۆلگۈدىكى ئولتۇراقلاشقان يەرلىرى : سىپىدان،بەرۇچەر، سەمىرون ، ئابەدە ۋە موردەشتتۇر.2-قاشقاي قىشلاق بۆلگىسى: بۇ شىرازنىڭ جەنۇبىدىن باشلىنىپ ،فارس دېڭىز قولتۇغىغا قەدەر ئۇزۇن بىر بۆلگە ۋە شۇ جايلادىكى شەھەر-بالىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بۇلار ، جەھروم ،فرۇزئاباد ،كازرون ،مۈمەسنا ،بەھبەھان ،كەچسەران ،دۇگون بەدەن ،رامھۈرمۈز ،بۇ شەھىر، كونگان ۋە دەشتسەناندۇر.3- ئوتتۇرا مەركىزى قىسىم : شىراز ئەتراپى،دەشتى ئەرجان ۋە مەرۇدەشت شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .


       ئۇلار قىش ئايلىرىنى ئىران دېڭىز قولتۇغىنىڭ شەرقىدىكى زاگروس تاغلىرىنىڭ شەرىقى ئىتەكلىرىدە ئۆتكۇزسە ،ئىللىق باھارنىڭ كېلىشى بىلەن شىمالغا سۈرلۈپ يازنى ئىسپاھان تەۋەسىدە ئۆتكۈزۈدۇ. قىش باشلانسا تەكرار يەنە جەنۇپقا كۆچىدۇ.بۇھالەت تەكرارلىنىدۇ .

4.
قاشقايلارنىڭ نۇپۇسى


ئىراندا 1982يىلى ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق نۇپۇس تەكشۈرۈشتە ،200 مىڭ كىشى قاشقاي(كاشغاي) تىلىنى ئۆزىنىڭ ئانا تىلى دەپ قارىغان. يەنە ،1997يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئايرىم بىر تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا 1 يېرىممىليۇن كىشى(كۆچمەن ۋە مۇقۇم ئولتۇراقلاشقانلارمۇ بۇ ساننىڭ ئىچىدە) نىڭ قاشقاي تىلىنى قوللۇنىدىغانلىقى كۆرسۈتۈلگەن.7


يەنە شۇ يىلى ئىراندا تەكشۈرۈشتە بولغان گۇننار .يارىڭقاشقايلار (kashkay) نۇپۇسى ھەققىدە توختۇلۇپ :«قاشقايلار نۇپۇسىنىڭ 1997 يىلى 1 يېرىم مىليۇن ئىكەنلىكىنى» ئوتتۇرغا قۇيىدۇ 8.


2003يىلى ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا بىر يېرىم مىليۇندىن 2 مىليۇن كىشىنىڭ(كۆچمەن ۋە مۇقۇم ئولتۇراقلاشقانلارمۇ بۇ ساننىڭ ئىچىدە) قاشقاي تىلىنى قوللۇنىدىغانلىقى كۆرسۈتۈلگەن.9


بۈگۈنكى نۇپۇس سانلىرى 2مىليۇن 500مىڭبۇلۇپ ،بۇ سان ئازەربەيجان نۇپۇسىغا قۇشۇلمايدۇ. بۇئىران ئومۇمىي نۇسىنىڭ 2%نى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قاشقاي بۆلگەسىدەپارس بولمىغان توپلار قاشقاي ئورتاق نامى ئاستىدا ئېلىنىشقا باشلىغان10


   نۇپۇسسانلىرىئېنىق بىلىنمىگەنقاشقاي كۆچمەنلىرىنىڭ3 مىليۇن ئەتراپىدا نۇپۇسلىرى بولغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.11

قاشقاي تىلى ئىراندا ياشىغان 3 يېرىم مىليۇن قاشقايلار تەرىپىدىن قوللۇنىدىغان تۈرك تىلى( 2007-يىللىق نۇپۇس تەكشۈرۈش ،تەتقىقات نەتىجىسى) بۇلۇپ،ئازەربەيجان تۈركچىسىگە بەك يېقىن بولغان بىر تىلدۇر.11 دىمەك ،قاشقايلارنىڭ نۇپۇسى ھازىرغىچە ئېنىق بولمىغان بىر مەسىلە بۇلۇپ ،داۋاملىق تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بۇلۇپ تۇرماقتا.


5. قاشقايلارنىڭ تىلى


قاشقايلارنىڭئانا تىلى قاشقايچە بۇلۇپ، ئىراندىكى باشقاتۈركى تىللاردىن سەل پەرىقلىنىدۇ،قاشقاي تىلىمۇ باشقاتۈركى تىللارغا ئوخشاش پارس تىلىنىڭ چوڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ،قاشقايلار ئۆزئارا ئالاقىدە ئۆزىنىڭقاشقاي تىلىنى قوللانسىمۇ،ئەممامەكتەپلەردە پارس تىلى قوللۇنىدىغانلىقى ئۈچۈن ( ئىراندىكى تۈركى خەلقلەرنىڭ ئۆز ئانا تىللىرىدا ئوقۇيدىغان ئوقۇل-مەكتەپلىرى يوق) ،ھامانپارس تىلىنى قوللۇنىشقا مەجبۇر .شۇڭا قاشقايلار ھازىر ئىككى تىللىق بۇلۇپ ، قاشقاي تىلىدىن باشقا ،يەنە رەسمىي تىل بولغان پارس تىلىنىمۇ قوللىنىدۇ. قاشقايلارنىڭيېزىقى يوق بىر تىل دەپ قارالغان بولسىمۇ ،ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە ،ئۇلارنىڭ ئەرەپچە ھەرىپ بىلەن يېزىلغان بەزى ماتىرياللىرىنىڭ بارلىقى ھەققىدە ئىسپاتلاربولماقتا. ئۇلار «گۆر ئوغلى» ،«غېرىپ-سەنەم» داستانىنى ئوقۇيدۇ. قاشقايلاردىن مىرزا جىھانگىر خان قاشقايى، ۋە مىرزا مەزۇن قاشقايى قاتارلىق بۈيۈك سۆز ئۇستىلىرى يىتىشىپ چىققان.


ئەمما ھازىر قاشقايلارنىڭ بەزى قىسىملىرى تۈرلۈك سەۋەپلەر سەۋەبىدىن پارسلىشىقا قاراپ يۈزلەنگەن .قاشقايلار ئارىسىدا ئازەربەيجان تىل- شىۋىسى ياشلىرىنىڭ قوللىنىدىغانتىلى بۇلۇپ يۈزلەنمەكتە.


6. قاشقاي قەبىلىلىرى


   قاشقاي ئېلىنىڭ باشىدا ئەل خان،قەبىلىلەرنىڭ باشىدا قەبىلە بېگى، ئاۋۇللار باشىدا بايلارنىڭ ۋە دۆلەت ئەرباپلىرنىڭ ئىشىنى باشقۇرغۇچى كەتھۇدا ئۇنۋانلىق رەئىسلەر بار. ئېل بېگى بولسا خاننىڭ ۋەكىلى بۇلۇپ، ئېلنى ئىدارە قىلىش ئۇنىڭ ئىلىكىدە.يەنە ئېل بېگى خاننىڭ ئوغلى ياكى قېرىندىشى ، ئەڭ يېقىن تۇققانلىرى ئۈستىگە ئالاتتى.ئېل خانى مۇتلەق خان ئائىلىسىدىن بۇلۇپ، خان بۇلۇش سالاھىيتى شاھلار تەرىپىدىن تەيىنلىنىدۇ.


قاشقايلاركۆپ نۇپۇسلۇق ،كۆپ قەبىلىلىك بۇلۇپ ، ئۇلار كۆپلىگەن قەبىلە ۋەچىدىرلاردا ياشايدىغان كۆچمەن خەلىقلەردىن تەركىپ تاپقان ئاۋوللاردىن مەيدانغا كەلگەن.ئۇلار : كاشكۇلى، دەرەشۇلى ،كەللەزەن ،سافىخانلۇ ،مۇسلۇ ،شەش بۆلۈكلۇ ،لەشنى ،جافەر بەگلىرى،فارسىم ئەدان،ئامەلە، لىراۋىدۇر .مۇقىم ئولتۇراقلاشقانلار : خاللاچ، بايات، ئالىبەكلۇ ،شەيخۋاند ،فەيلى،فارباند ،كالباند قاتارلىقلار .


    باشقا قاشقاي تائىپەلەرى:


1.ئامەلە، 5 مىڭ 3 يۈز97ئائىلە بۇلۇپ ،بۇنىڭدىن450 ئائىلە ئولتۇراق تۇرمۇشقا ئۆتكەن.

2. دەررە شۇرى (تۇزلۇق ۋادا ) ، بۇلار 5مىڭ 265 ئائىلە.


3. سەش بەيلى، 4 مىڭ 350 ئائىلە .


4. پارسسىمان ،بىر مىڭ 500 ئائىلە .


5. كەشكۆللى ، 5 مىڭ 512 ئائىلە : بۇنىڭدىن چوڭ كەشكۆللى4مىڭ 862 ئائىلە، بۇلارنىڭ كۆپ سانلىقى ئولتۇراق تۇرمۇشتا ياشايدۇ.كىچىك كەشكۇلى ،650 ئىلە.


يەنە ئاز ساندىكى قەبىلىلەر :


قارا چا 430 ئىلە ،راھىملى 370 ئائىلە،سافىھانلى 335 ئائىلە .


7. قاشقايلارنىڭ دىنىي ئېتىقاتى


قاشقايلار ئىسلام دىنىنىڭشىئە مەزھىپىنىڭ 12 ئىمام سۈلۈكىگە ئېتىقات قىلىدۇ .6%قىسمى خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ.


8. قاشقايلارنىڭ تۇرمۇشى


ئاساسە كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئات ،كالا،قوي- ئۆچكە،تۆگە، ئىشەك قاتارلىق مال- چارۋىلارنى باقىدۇ . ئات يىتىشتۈرۈش بەك تەرەقىي قىلغان.سودىگەرچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. قاشقايلار قول سانائەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەپ چىقىرىشىمۇ تەرەققىي قىلغان. قاشقايلارنىڭبۇخارانىڭ قارا كۆل قويلىرىغا بەك ئوخشايدىغان (كۆزى، تېرىسى) باشقابىر تۈرلىك قويى بۇلۇپ، يۇڭىدىن گىلەم، پالاز تۇقۇپ چەتكە چىقىرىدۇ.يۇڭدىن توقۇغان تەبى بۇياق بىلەن بۇيىغان ۋە ئەن ئەنۋى ھۈنەر سەنئەت بىلەن زىننەتلەنگەن قاشقاي گىلەملەرى ئالاھىدە قۇلايلىق بۇلۇپ، خېرىدارلىرى كۆپ.ئىراننىڭ چەتئەللەرگە چىقارغان «ئىران نۇسخا »گىلەملىرى ئاساسەن قاشقاي گىلەملىرىدۇر











9. قاشقايلارنىڭ ئۆرۈپ ئادەتلىرى.


قاشقاي قىز- يىگىتلىرى ئات مىنشكە ئۇستا چارۋىچى ،مەرگەنلەر بۇلۇپ،ئۇلارھەر ۋاقىت يايلاقلىرىدا ۋە چاتىر-ئۆيلىرىدە يانلىرىدىن قورالنى ئايرىمايدۇ،قورال ئېلىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ .




قاشقاي خاتۇنلىرى قات-قات، رەڭلىك، ئېتەكلىك، چىرايلىق،نىپىز كۆينەك كىيىدۇ،شارپا ئارتىدۇ. ئۇلار ناخشا مۇزىكىغا ئامراق،دۇتتار ،داپ،سۇناي،غىجەك ،نەي قاتارلىق سازلارنى چېلىپ ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئوينايدۇ .توي-تۆكۈنلىرى ھازىرقى جۇڭگۇ شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇرۇنقى ئاتلىق توي كۈچۈرۈش ئادەتلىرىگە ئوخشايدۇ .





تۇرمۇشىدا ،پولو ،چىفىت (چىت) قاتارلىقلارنىيىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەرلىرى ئۈستىگە ئشلەگلىك تون ،كۆينەك كىيىدۇ.


10. قاشقايلارنىڭ قانۇن تۈزۈملىرى :


قاشقايلار قائىدەقانۇنلارغا ئىتىۋار قىلىش بىلەن مەشھۇردۇر .جەنۇبىي ئىراننىڭ پارىس ئۆلكىسى پۈتۈنلەي قاشقايلارنىڭنۇپۇزىتەسىرى كۈچى ئاستىدا، كېيىكى زامانلارغا قەدەر ،يېرىم كۆچمەن بىر ھايات سۈرگەن قاشقايلار ،بىربىرى بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەت قىلىشى،پىلانلىق ،تەشكىللىك ھەرىكەتلىرى بىلەن ئەلگە تۇنۇلغان.ئۇلار قەدىمدىن بۈگۈنگە قەدەر ئۆزئارا ئۆرۈپئادەتلەرگە ،مۇئايەن بىر قەبىلە باشقۇرۇش نىزامىنى ئىجرا قىلىپ كەلگەن.


قاشقاي ئېلىنىڭ باشقا خۇسۇسىيەتلىردىن بىرى ،كۈچلۈك بولغان بىر تۆرە قانۇن بەلگىلىمىگە ئىگە . ئېلىنىڭ ھەر قانداق مۇناسىۋەت ، مەسىللرى ، قائىدىلەرگە ئاساسلانغان بۇلۇپ، خاندىن باشلاپ، پۈتۈن قاشقاي ئېلى خەلقى قانۇنغا شەرتسىز ئەمەل قىلشدۇ. قاشقايلارنىڭ قۇدىرەتلىك بىر ئەل بولۇشى شۇنىڭدىن كەلگەن.


قاشقاي ئېلنىڭ كۆپ سانلىق ئائىلسى كېيىنكى زامانلارغا قەدەر كۆچمەن ھايات كۆچۈرۈپ كەلگەن. ئولار ئات، قوي ، ئىشەك، تۆگە قاتارلىق چارۋىلارنى باقىدۇ.خەلىقنىڭ بىرقىسمىنىڭ يايلاقلاردا ئىتىزلىرى بۇلۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى يېزىلار تەرپىدىن باشقۇرۇپ سۇغۇرۇلىدۇ. بۇ خىزمەتلەرگە قارشىلىق قىلغانلار ھەر يىلى يېزىغا ئىككى قوي تاپشۇرۇشتىن سىرىت ئەلدە ئالغان مەھسۇلاتىدىن بىر پاي ئايرىپ تاپشۇرىدۇ. بۇ يېزىلاردا «رائىيەتى قاشقاي (قاشقاي يوسۇنلىرى)» دېيلىدۇ.


قاشقاي خاتۇنلارى جەميئەت ھاياتىدا مۇھىم بىر ئۇرۇن ئىگەللىگەن ئىدى.سىياسى مەسىلىلرىدە داھى خاتۇنلارنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. بۇ ئەنئەنە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك خەلقلىرنىڭ ئەنئەنىسىنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىشى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.


11. قاشقايلارنىڭ كېلىپ چىقىشى


1)قاشقايلارنىڭ نەدىن ئىرانغاكەلگەنلىكى مەسىلىسى.


بۇھەقتە تۈركىيەلىك تارىخ تەتقىقاتچىسى مەلىك ئاق دېڭىز، قاشقايلار ھەققىدە توختۇلۇپ:«قاشقايلارنىڭ يازما تارىخى يوق،ئەمما سۆزلۈك بۇلۇپ ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا ئېغىزچە تارقىلىپداۋاملىشىپ كەلگەن بىر تارىخى بار. بۇنىڭغا كۆرە، چېڭگىزخاننىڭ ئالدىن يۈرەر قوشۇنلىرىچىن turkدىن كېلىپ،ئافغانىستانغا ۋە شىمالىي ئىرانغا تارقالغان.ئىراننىڭ غەربىي شىمالىي چېگرىسىدا ئەزەربەيجانغا يەرلەشكەن،1600يىللىرى جەنۇپقا كېلىپ يەرلەشكەن،16 ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا بولسا ،جەنۇپتىكىيەرلىرىنى پورتىگالىيەلىكلەردىن قۇتقۇزۇشنى ئىستىگەن شاھ ئىسمايىل ئۇلارنى جەنۇبىي ئىرانغايۆتكىگەن. تارقاق ھالەتتە بولغان قاشقايلار 18 ئەسىردە جانى ئاغا تەرىپىدىنئۇيۇشتۇرلۇپ ، بىر خانلىق قۇرغان ، جانى ئاغا قاشقاي بولسابۇ خانلىقنىڭدەسلەپكىئېل خانىدۇر ».12


ئىرانلىق تارىخچى سائد نەفىسى، 1607- 1618يىللار ئارىسىدا ئوسمان تۈركلىرى بىلەن ئىران ئۇرۇش ۋاقتىدا قاشقايلارنىڭئوسمان تۈركلىرى بىلەن بولغان يېقىنلىقى سەۋەبىدىن ،شاھ ئابباس تەرىپىدىن ئىراننىڭ جەنۇبىي ئەللىرىگە كۆچۈرۈلۈپ ئازەربەيجاندىن يىراقلاشتۇرۇلغانلىقىنى يازغان.13.


دوكتۇر .ھاشمېتۇللا تابىبى«قاشقايلار چىڭگىزخان قوشۇنلىرىدىن ۋە ياغمىلاردىن قېچىپ ، موغۇلىستاندىن ۋە turkدىن بۇ زىمىنغا كەلگەن» دەپ كۆرسەتسە،ئاخمەت جافەر ئوغلۇمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قاراشلاردا بولغان. فرانىك.جىنشور (Franc-Jean Shor) «قاشقايلار چىڭگىزخاننىڭ ئالدىدىن يۈرگۈچى قۇشۇنلىرى ئارىسىدا چىن turkدىن كېلىپ ،ئافغانىستانغا ۋە شىمالىي ئىرانغا تارقالغان. ئىراننىڭ غەربىي شىمال چېگراسىدا ئازەربەيجانغا يەرلەشكەندىن كېيىن 1600-يىللاردا جەنۇپقا كېلىپھازىرقى يەرلىرىگە يەرلەشكەن»دەيدۇ.14

   م.مەنسۇر،1953-يىلىدا م.ت.شۇتىن ( M.T Shooten)گە بەرگەن مەلۇماتىدا :«قاشقايلارنىڭ ئىرانغا كەلگەن ۋاقىتلىرىنىڭ 12- ئەسىردىكى چىڭگىزخان باسمىچى قۇشۇنلىرىنىڭ باستۇرۇپ كېلىشىبىلەن باغلىنىشلىق بۇلۇپ،بۇ باستۇرۇپ كېلىش نەتىجىسىدە قاشقايلارنىڭ كافكاز تاغلارى ئېتەكلىرىگە يەرلەشكەنلىكىنى،كېيىن ئەردەبىل بۆلگەسىدە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قالغانلىقىنى ،16-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا شاھ ئىسمايىل سەفەۋى (1501-1524)تەرىپىدىن پورتىگالىيەنىڭ ئىران دېڭىز قولتۇغىدىن پارس ۋىلايەتلىرىنى ئىگەللەش ئۈچۈن كۆچۈرۈلگەنلىكىنى » بۈلدۈرۈدۇ. سەئىد نەپىسى، كافكازىيەدىن ئىرانغا كۆچۈرۈلۈش سەۋەبىنىڭ   1607-1618يىللار ئارىسىدىكى ئوسمانىيە -ئىران ئۇرۇشى ۋاقتىدا قاشقايلارنىڭ ۋە قاچارلارنىڭ ئوسمانىلار بىلەن يېقىن بولغانلىقىنى، شۇ سەۋەپتىن ئازەربەيجاندىن يىراقلاشتۇرۇلغانلىقىنى يازغان.


2.)قاشقاي نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى.


تارىخىي مەلۇماتلارغان قارىغاندا قاشقاي نامى ئەسلىسدە كاشكا-قاشقا ،كاشغەر قاشغەر دەپ ئاتالغان ،غەربىي ئاسىياغا كۆچۈپ بارغان قاشقا-كاشغەر ئۇيغۇرلىرى ، پارىسچە ئەسەرلەردە قاشقاي( قشقائى، Qashqāī) نامى بىلەن، تۈركچە   Kaşkay (كاشكاي) ،kaşğay(كاشغاي) ،kaşğer ( كاشغەر) دېگەن شەكلىدە قوللۇنۇلىدۇ. ئىراندىكى قاشقالىقلار بولسا، ياۋرۇپالىق ئالىملاردىن ، ۋ .رادلوفۋە ۋ. بارتولىد -تەرىپىدىن ئوچۇق قىلىپ قاشقاي دەپ مۇقىملاشتۇرۇلغان . (ۋ.بارتولىد ، ۋ .رادلوف : «ئىسلام ئېنىسكلوپىديىسى» لۇغىتى قاشقايلار( Qashqaylar) قىسمى


    تەتقىقاتلارغا قارىغاندا ، قاشقاي- قاشغاي نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە ھەرخىل قاراشلار مەۋجۇت.


1.                  1) بەزى مەنبەلەردە «قاشقاي» ۋە «قاچقاي» نامى «قاچماق» دېگەن سۆزدىن كەلگەن بۇلۇپ تەلەپپۇز بۇزۇلۇشتىن «قاچقاي» ۋە «قاشقاي» شەكلىگە كەلگەنلىگىنى بىلىش مۈمكىن دەپ قارىسا، 2) يەنە بەزى مەنبەلەردە«قاشقاي» نامى شىمالىي ئازەربايجاندىكى ساۋالاننىڭ غەربىدىكى «گاشغاتاغ»Gashgha tagh)) ئىسمى بىلەن باغلىنىشى بار.«قاشقاي»لارنىڭ «قاشقاشە» دەپ ئاتالغان يامۇت قەبىلىسىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن،«قاشقاي» دەپ ئىسىم قويۇلغان دەيدۇ.3) مورىسدېن،يەرلىك مەنبەلەرگە تايىنىپ،«قاشقاي» نامىنىڭ ئەڭ دەسلەپجانى ئاغا قاشقاي ئىسىملىك،شاھ ئابباسنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مەھەللە ئاقساقىلى(باشلىقى)نىڭ نامىدىن ئېلىنغانلىقىنى بۈلدۈرۈدۇ.

4) يەنە بەزىلەر قاشقاي نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ«كاشكا-قاشقا(قاشغەر) شەھرى ۋە ئۆزبېكىستاندىكى كاشكا (قاشقا) دەريا بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دەپمۇ قارايدۇ 15.

5) «قاشقاي» نامى«قاشقا ئات »(كاشكا ئات) سۆزىدىن ئېلىنغان دېگەنقاراش.

يۇقارقى قاراشلار ئىچىدە ،1)قاشقاي سۆزى «كاچ»(قاچ) پىئىلىدىن زامانلارنىڭ ئوتۈشى بىلەن «كاشكاي»(قاشقاي) شەكلىدە تەلەپپۇز قىلىنغان دېگەن پىكىر توغرا بىر تاللاش ئەمەس. تۈرلۈك تارىخى دەۋېرلەردە ، جەنۇبىي ئىراندىكى ،قاشقاي ئېلىگە تۈرلۈك سەۋەپتىن پانالىق ئىزدەپ كۆچكەن قەبىلە-قوۋىمنىڭ بولىشى مۈمكىن.بۇلار قاشقا- قەبىلە ئىسمىنى قوبۇل قىلغان.ئۇلارنىڭ تەركىۋىگە قۇشۇلغان. كېيىن بۇلار ئىران ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «قاشقاي» ئورتاق نامى بىلەن ئاتىلىشقا باشلىغان.

2) «قاشقاي» نامى شىمالىي ئازەربايجاندىكى ساۋالاننىڭ غەربىدىكى«گاشغاتاغ»Gashgha tagh)) ئىسمى بىلەن باغلىنىشى بار.«قاشقاي»لارنىڭ «قاشقاشە» دەپ ئاتالغان يامۇت قەبىلىسىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن،«قاشقاي» دەپ ئىسىم قويۇلغان دەيدۇ.بۇ خىل قاراشنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق.بەلكى ئۇلارمۇ قەشغەردىن كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلار بۇلىشى،ئۇزۇن تارىخى تەرەققىياەت تۈپەيلى ئازەربەيقان تۈركلىرى دەپ قارالغان بولسا كېرەك.

3) قاشقاي نامىنىڭ جانى ئاغا قاشقاي نامىدىن ئېلىنغان دېگەن پىكىر ھىچ بىر ئىلمىي تەلىماتقا تايانمىغان. قاشقاي نامى ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بار ئىدى.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆزى چىققان قەبىلە
قەۋىم ،يۇرت نامىنى ئۇلۇغلاپ ،ئۆزىنىڭ قاشغەر-قاشقالىق ئىكەنلىكىنى بۈلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۆز ئىسمى نامىغا قاشقاي نامىنى قوشۇپ ئاتىغان.

4) قاشقاي نامى كېلىپ چىقىشىجەھەتتىن ،«كاشكا-قاشقا(قاشغەر) شەھرى ۋە ئۆزبېكىستاندىكى كاشكا (قاشقا) دەريا بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دېگەن قاراش ھەقىقەتەن توغرا.«قاچقاي» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى،تارىخىي ۋە جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن ، كاشكا-قاشقا-«كاشغار»(قەشقەر) شەھرى بىلەنمۇناسىۋەتلىك. «قاشقا»لىقلار ئۆز ۋاقتىدا كاشكا) قاشقا (-«كاشغار» شەھرى ئەتراپلىرىدا ئولتۇراقلاشقانلىقى ئۈچۈن ، «قاشقا» دەپ ئاتالغان. كاشكا-قاشقا-كاشغار(قاشقەر) شەھرى ۋە ئۆزبېكىستاندىكى قاشقا دەريا ئەتراپى جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن باغلىنىشلىق بۇلۇپ ،يەنە مىللەتداشلىق جەھەتتىنمۇ بىر خەلق ئۇيغۇرلار ئىدى .(ئۇلار 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللەتكە ئايرىش ئۇستىلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەت توپىنى پارچىلاپ باشقۇرۇش سىياسى تاكتىكىسى بويىنچە ،پەرغانە ۋادىسىدىكى (ھازىرقى ئۆزبېكىستان تەۋەسىدە) ئۇيغۇرلارتۈرلۈك ئامال ،مەجبۇرلاش بىلەن قەستەن ، ئۆزبىك مىللىتى دېگەن يېڭى ،قۇراشتۇرما ،سىياسىي نام بىلەن ئاتالدى .ئۇ جايلاردىكى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار تۈرلۈك سەۋەپلەرگە كۆرە ،ئۆزبېك دەپ ئاتىلىشقا مەجبۇرلاندى،ئوخشاش تىل،-يېزىقىقا ،مەدەنىيەتكە ،ئېتىقاتقا ئىگە بىر خەلىق ئۇيغۇر تۇرۇپلا ئىككى مىللەتكە ئايرىپ تاشلاندى.ئۇيغۇر تىل
يېزىغى،ئۆزبېك تىل يېزىغى دېگەن تىل يېزىق كەشىپ قىلىندى، پەرىقلەر كۈچەپ كۆرسىتىلىپ،ئۆزبېك مىللەتچىلىگى تەرققىي قىلدۇرۇلدى. ھازىرمۇ پەرغانە ۋادىسىدىكى كىشىلەر ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قاشقالىق ئىكەنلىكىنى بىلىشىدۇ،.... ئاتالمىش ئۆزبېك تىلى ،ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىر شىۋىسىدۇر.مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ،ئەل بىرونى دەۋرىدە پەرغانە ۋادىسىدائۆزبېكدەيدىغان ئېتنىك نام ،ئۇرۇق قەبىلە ياكى مىللەت يوق،بەلكى ئۇيغۇرلار دېگەن مىللەت بار.)   

5) «قاشقاي» نامى«قاشقا ئات »(كاشكا ئات) سۆزىدىن ئېلىنغان دېگەنقاراش. ئۆتكەن قېدىمكى زاماندا ھەرقايسى كۆچمەن قەبىلىلەرنىڭكۆپ قىسمى ئۆزلىرىنى ھايۋانلار ئېتى ۋە رەڭگى بىلەن ئاتالغان. قەبىلىلەر ئاتلىق قوشۇنلاردىنتۈزۈلگەن بۇلۇپ ،ئۇلار تۇرىۋاتقان ئورنى ياكىئاتلىرىنىڭ رەڭگىگە قاراپ تۈر ۋە سەپلەرگە ئايرىلغان. بۇ ئادەت ھونلار،تۈركلەر، ئۇيغۇرلاردا داۋاملىشىپ كەلگەن ،سەپنىڭ ئالدىدا« ئاق ئاتلىق» ياكى «قاشقا ئات»لىق بۇلاتتى . بۇنداق ئاتلىقلار «قاشقا ئاتلىقلار» -دەپ ئاتىلاتتى ، ئەل زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەنبۇ سۆز قىسقىراپ «قاشقا»،ياكى «قاشقاي» دەپ ئاتالغان . قاشقايلارنىڭ بىر قىسمى كۆچمەن ،سودىگەر خەلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ،كېيىنكى يىللارغا قەدەر بەك كۆپ ئات يىتىشتۈرگەن (سىرىتقى ئەللەرگە ئات چىقىراتتى) بالىلىرى بەك كىچىك ياشلاردا ئات مىنىدىغان ، بولۇپ ئېلىم-سېتىم ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرىلاتتى.قاشقالاردا «قاشقا» دىمەك ئات دىمەك،ئات دىمەك« قاشقا» دىمەك ،دېگەن گەپلەر بار. بۇنىڭدىن قارىغاندا ،قاشقاي سۆزىنىڭ «قاشقا ئات»سۆزىدىن كەلگەنلىكىنى كۆرۈشمۈمكىن. ھازىرمۇ ئۇيغۇر خەلقى ئاتنىڭ بىر تۈرىنى «قاشقا ئات» دەپ ئاتايدۇ ، بۇ ئاتنىڭباش تەرىپىدە ئىككى كۆزى ئوتتۇرسىدا يۇمۇلاق ئاق بەلگە بۇلىدۇ .مەھمۇد قەشغەرى ،«ئات ئەلنىڭ قانىتى»دەيدۇ . جەنۇبىي ئۇيغۇر بۆلگەلىرى يېزا ،كەنىدلىرىدە جۈملىدىن ئاقسۇ ،ئۇچتۇرپان، كەلپىن،باي قاتارلىق جايلارتەۋەسىدە «قەشقەر» نى،«قاشقا» دەپ ئاتايدىغانلارھازىرمۇ خېلى كۆپ . شىمالىي ئۇيغۇر يۇرتلىرى تەرەپلىرىدىمۇ جۈملىدىن ئىلى،قاراسۇ( شىخو)قاتارلىق تەرەپلەردىمۇ «قاشقا» ،«قاشقالىق» دەپ ئاتاشلار بار . بۇ ئەھۋال ئاتاغلىق يازغۇچىمىز ،زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» رۇمانىدىمۇ كۆپلەپ تىلغا ئېلىنىدۇ.بۇنىڭدىن قارىغاندا، «قەشقەر» نامى ، كاشكا-قاشقا دىن كاشغەر-كاشغار(قاشقەر) گە ئۆزگەرگەن. ئىراندا بولسا ،قاشقا ،قاشغاي، ئاخىرىدا قاشقاي دەپ مۇقىملاشتۇرۇلغان.


12. بۈگۈنكى كۈندىكى قاشقايلار


بۈگۈن قاشقاي جەميىتى ئىچىدە ئورۇن ئالغان 190غا يېقىن قەبىلە،ئۇرۇق،چاتىرلاردا ياشايدىغان كۆچمەن خەلقلەردىن بارلىققا كەلگەن ئاۋۇللارنىڭ ھەممىسى قاشقايلار ئاساسىدا ئۇيۇشۇپ ، كۆپ سانلىقى ئۆزلىرىنى قاشقاي دەپ ئاتاشتى.بەزىلىرى قەدىمقى ناملىرىنى ئالماشتۇرۇپ (تىگىشىپ) ،باشقا نام ئاتاقلارنى قوبۇل قىلدى .يەنە بەزىلىرى ئۆز نام ئاتاقلىرىدا قالىۋېردى. بۇ بىرلەشمىدىن ئىلگىرى بۇ ئىسىم قاشقاي نامى بىلەن ئاتالغان بىر قەبىلە قوۋىمنىڭ نامى بۇلۇپ ،قاشقاي نامى شۇ نامىدىن ئېلىنغان(چۈنكى تارىخىي مەنبەلەردە بۇ ئىسىم بىلەن ئاتالغان بىر تۈرك قەبىلىسى-قوۋمى مەۋجۇتتۇر.) تارىختا ،تۈركىي قەۋىملەر ئارىسىدا قايسى قەبىلىلەر كۈچلۈك بولسا باشقا قەبىلىلەر ئۇنىڭغا قوشۇلغان. شۇنىڭغا ئوخشاش ، پارستا ياشىغان تۈركىي قەبىلىلەر تارىخىي ھادىسلەرنىڭ زۆرۈريىتى بىلەن بىرلىشىكە مەجبۇر بولۇپ، بىر قەبىلە بۇلۇپ ئۇيۇشۇپ ،بۇلار قاشقاي دەپ ئاتالغان.


قاشقاي ئېلى ئىچىدە بولغان قەبىلە ،قەۋىملەر ئاتلىرىنىڭتۈرلۈك بولىشى ۋە ئاتلىرىنىڭ كۆپىنىڭ ئەسىرلەر بويى كۆپ قېتىم ئالماشتۇرلىشى، بەزىمۇئەللىپلەرنىڭمەسىلىگەسىياسىي جەھەتتىن يېقىنلىشىشى،قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ،بەزىلەر قاشقايلارنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئەسلى نەسەبىدىن،كېلىپ چىقىشىدىن، تارىخىي پاكىتلاردىن ئايرىپ(ئۈزۈۋېتىپ) ،ھازىر قوللۇنىۋاتقان تىلى يېقىنلىقى قاتارلىق ئامىللارنى پاكىت قىلىپ، ئۇلارنى بەزىلەرئازەربەيجان ياكى تۈركمەن مىللىتىگە ، تەۋە قىلۋېتىشقا ئۇرۇنۇش خىيالىدا،ئۇلارنىڭتارىخىي مىللىي كىملىكىنىبىلىپ تۇرسىمۇ ، ھەرخىل مەقسەتتە ئۇنى ئۇنتۇلدۇرماقچى بولىۋاتىدۇ.


تارىخ بىلگەنلەرگە ئايدىڭكى، موڭغۇل ئىستىلاسىدىن ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا بۈيۈك ئۇيغۇر قاراخانىيلار سۇلالىسى «مىلادى 8401212»مەۋجۇت بۇلۇپ،ئىنىڭ مەركىزىئوردۇسى كاشكا(قاشقا) كاشغەر شەھرى ئىدى.شۇڭلاشقا ئەتراپتىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنى ئەنە شۇ بۈيۈك قاغانلىقنىڭ مەركىزى شەھەرىكاشغەر نامى بىلەن ئۆزلىرىنى كاشغەرلىك دەپ ئاتىشاتتى.موڭغۇل ئىستىلاسى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار تۈرلۈك سەۋەپلەردىن ،ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدىن،تۈركۈملەپ غەربىي ئاسىيا تەۋەسىگە كۆچۈپ،ئىران،ئىراق،ئانادولۇ قاتارلىق جايلارغا ماكانلاشقان . ئىراندىكى قاشقاي(«قاشغاي»)لار دەل ئەنە شۇ قاشغايلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرىدۇر .گەرچە ئارىلىقتا 800 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن ، تىل ،مەدەنىيەت سەنئەت ،ئۆرۈپئادەت ،قاتارلىق جەھەتتە بەزى ئۆزگۈرۈشلەر بولسىمۇ ، ئۇلار يەنىلاقاشغەرلىك ئۇيغۇرلاردۇر.


قىسقىسى،قاشقايلار ئۇيغۇر تۈركلىرى نەسلىدىن بۇلۇپ،تارىخى ھادىسلەرنىڭ بېسىمى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى(شىنجاڭ) دىن كۆچۈپئافغانىستانغا،ئىراننىڭ شىمالىي قىسىملىرىغا، كافكازيەگە كەلگەن.ئۇزۇن بىر ۋاقىت بۇ يەردە تۇرۇپ قالغان.بۇ جەرياندا كافكاز تىللىرىنىڭ (ئازەرى تۈركچىسىنىڭ) تەسىرىگە ئۇچرىغان، 16- ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ،شاھ ئىسمايىل سافەۋى(1501-1524) تەرىپىدىن پارىسقا كۆچۈرۈلگەن. بۇ بۆلگۈگە كەلگەنلىرىدە بەزىدە خالاچلار بىلەن ئارىلىشىش ،بېرىش-كېلىش قىلغان بولسا يەنە بىر قىسىم خالاچلار قاشقاي قەبىلىسىگە قوشۇلغان. سالجۇقىلار دەۋرىدە ئانادولۇ تۈركلىرى بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋېتلىرى نەتىجىسىدە قاشقا قەبىلە بىرلىكىگە قاراشلىق ئانادولۇدىكى بەزى تۈركتەركىپلىرى بولغان.


بۇھەقتە يەنە ، 2012-يىلى 13-مارت كۈنى بىرەيلەن تورغا تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇر قالدۇرغان: « كىم بولغانلىقىمنى،نەدىن كەلگەنلىكىمنى،يەنى تارىخىمىزنى، ئۇلۇغلىرىمىزدىن ئۆگەندۇق.... ئاتالىرىم ئۇيغۇر ئېلى ۋادىسى (شىنجاڭ) دىن بۇلۇپ ،قاشقادىن ،شىرازغا ئاندىن تۈركىيەنىڭ ئىگدىر يېزىسىغا يەرلەشكەن،يەنى ھىجىرىيە 950-يىلى مىلادى 1534-يىلى2 يېزىدىن 38 چاتىرلىق ئائىلە بۇ يەرنى يۇرت تۇتقان»16 .


      بۈگۈنكى كۈندە ،ئىراننىڭ جەنۇبىيپارىس ئۆلكىسىدەياشاۋاتقان قاشقا ئۇيغۇرلىرى ،تۈرلۈك بېسىملار ئىچىدە ياشاپ تۇرۇپمۇئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ،ئۈمۈتۋار ھالەتتە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن جۈملىدىن جۇڭگۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكىلەر بىلەن ،دوسلىشىشنى،سودا - ئالاقە ئورنىتىشنى ئۈمۈت قىلماقتا.


13.قاشقايلارنىڭ دەسلەپكى تارىخى سەھنىگە چىقىشى


قاشقايلار ئەڭ دەسلەپ سافەۋى تۈرك دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى شاھ ئىسمايىل زامانىدا تارىخ سەھنىگە چىققان. شاھ ئىسمايىل پارىس بۆلگەسىنىڭ يەرلىك خەلقى ھىساپلانغان ھەرقايسى تۈرك قەبىلە قوۋىملىرىنى قوللىغان،نەتىجىدە ئۇلار قاشقاي نامى بىلەن ئاتىلىشقا باشلىغان.


جانى ئاغا قاشقايدىن باشلاپ ،قاشقاي خانلىرى ھەر زامان ئىراننىڭ جەنۇبىدا ئۈنۈملىك بىر سىياسى ۋە ئەسكىرى كۈچكە ئىگە بۇلۇپ ،كۆپ ۋاقىتپارىس بۆلگەسىنىڭ تىزگىنىنى قوللىرىدا تۇتۇپ تۇرغان..18- ۋە 19 ئەسىرلەر قاشقايلارنىڭ ئىراندا ئەڭ كۈچلەنگەن دەۋرى ئىدى.


ئۇلارنىڭ دەسلەپكى رەئىسلىرى خىندىستان بىلەن قېرىندىشى ئىسمايىلخان بۇلۇپ ھەر ئىككىلىسى كەرىمخان زەنىد (ئۆلۈمى 1779-يىلى) زامانىسىدا ياشىغان.


زاندييەدەۋرى (1750-1794)نىڭ ئاخىرىدا مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى ھەسەن خان ئىلى بۇلۇپ تاشلانغان ،ئىسمايىلخاننىڭ كۆزلىرىگە مىق تىقىلغان.

19-ئەسىر باشلىرىغىچە قاشقاي ئېلى خانلىرىشوھراب خان،داراپخان ۋە دارابخاننىڭ ئوغلى ئىسمايىلخانئۇلارنىڭ كىيىنكى ئوغۇللىرى جانى خان (1823-1884) ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەت ئالى خان (2-ئۆلۈمى1851 ) قېرىندىشى مۇھەممەت قۇلى خان (ئۆلۈمى 1867-68 ) بۇلارنىڭ كىيىنكى ئوغلى سۇلتان مۇھەممەت خان 19-ئەسىردىكى ئەڭ تۇنۇلغان قاشقاي رەئىسلىرىدۇر .


بۇلاردىن مۇھەممەت ئەلىخان بىلەن ئوغلى جاھانگرخان قاچارلارغا ئۆيلەنگەن. قاشقايلارنىڭ باشقا بىر دۈشمەنلىرى كىيىنكى زامانلارغا قەدەر شىمالى قوشنىلىرى بەختىيارلار بولغان .    ئىراندا باشقۇرۇش ئىدارىلىرى قۇرۇلغىچە كىسىم قانۇنىمەجلىسدە قاشقايلارنىڭخانئائىلىسىدىنھاجى كەرىم خان ۋەكىل بۇلاتتى .


1-            دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرىدا ،قاشقايلار ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئالدىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى بىلەن پارىسلار ئېنگىلىز ئىشغال كۈچلىرىدىن يېڭىلىدى .


رىزاھ شاھ باشقا ئايماق ۋىلايەتلەرگە ئوخشاش قاشقايلارنى تامامەن ئۆز قول ئاستىغا ئالدى (1930-يىلى )قاشقايلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇپ، 2-خان سەۋلاتۇن-دەۋلە تېھرانغا كەللتۇرۇلۇپ قاماققا ئېلىندى ،ئوغۇللىرىنى خاننى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر قىلدى .


1940- يىللىرىدىن كېيىن قاشقايلارنىڭ كۆچۈش يوللىرى رىزاھ شاھ تەرىپىدىن كېسىپ تاشلانغان.


2-دۇنيا ئۇرۇشىدا رىزاھ شاھنى تەخىتتىن چۈشۈرۋېتىپ، ھەپسىدە ۋاپات بولغان سەۋلاتۇت دەۋلەتنىڭ ئوغۇللىرىنى ئىرانغا كەلتۈرپ، بۇلاردىن ناسىرنى2خان قىلىپ تەيىنلەپ ،قاشقاي ئېلىگە رەھبەرلىك قىلىشقا قويغان.


1941-يىلدىن كېيىن بولسا ناسىر خان يەنە خانلىق تەخىتكە چىققان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قاشقاي ئېلى، قاشقاي خانلىرى قاشقاي لار تۈرلۈك بېسىملار تۈپەيلىدىن ،ئەسلىدىكى ئادەتلىرى بويىنچە ،يەرلەشكەن ھاياتتا تۇرمۇش كۈچۈرۈشكە باشلىغان.


2-دۇنيا ئۇرۇشىدا قاشقايلار گېرمان ئاگېنتلىقىدىن مىللى ئەنئەنىلىرىنى قوغداپ قېلىشنى ئۆتۈنۈپ،ئەنگىلىزلارغا تەسلىم بولمايدىغانلىقىنى ،ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . تۈركىيە ئەلچىسىنىڭ ئوتتۇرغا چۈشىشى بىلەن قاشقايلار بۇ تەھدىتتىن 1943-يىلى قۇتۇلغان .


1963-يىلىغا كەلگەندە ئىران ھۆكۈمىتى قاشقايلار ئارىسىدا يەر ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بېرىشقا كىرىشكەن . يەرلەرنى تەخسىملەش بىلەن قاشقايلارنىڭ سىياسى ئورنىغا چىقىماقچى بولغان .قاشقايلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، ھۆكۈمەت تەرەپتىن ھاۋا، قۇرۇقلۇق ھەركىتى قوزغىغان .بۇنىڭ نەتىجىسىدە قاشقايلار قوراللىق ئېتىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىراننىخان ئائىلىسى بىلەن يېڭىباشتىن تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان . كۆپلىگەن قاشقايلار قانلىق قىرغىنچىلىقتا جانىدىن ئايرىلغان.


1979-يىلدىكىئىران ئىسلام ئىنقىلاۋىغا قەدەر ، قاشقايلار رىزا شاھنىڭ قاتتىق باشقۇرۇش ئاستىدا بولغان ،ھەرقايسى شەھەر ،يېزىلارغا مەجبۇرى تارقاقلاشتۇرۇپ ،يەرلەشكەن ھاياتقا ئۆتۈشكە زورلانغان.ئىسلام ئىنقىلاۋىدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن تارقاقلاشتۇرۇلغان قاشقايلار يەنە تەكرار توپلۇنۇپ ،باشقا ئۆلكىلەرگە كۆچكەنلەر قايتىپ كېلىپ، ئىسلام جۇمھۇريىتى باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن كۈرۈشۇپ ،يەنە ھۆكۈمەتكە ياردەمچى بۇلۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بۈلدۈرگەن. بۇ پىكىر بىرلىكى ئۇزۇن داۋاملاشمىغان،1982-يىلى شىراز ۋە فىرۇزئاباد ئەتراپلىرىدا قاشقايلار بىلەنئىران ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى ئوتتۇرسىدا ئۇرۇشلار مەيدانغا كەلگەن.قاشقايلارنىڭ ئېل خانى-خۈسراۋخان زىندانغا تاشلىنىپ،1982-يىلى شىرازدا ئۆلتۈرۈلگەن.


   شۇندىن بۇيان «قاشقاي خەلقى جەمىيىتىدە ،تىللىرىنى قوللۇنۇش مەئىي قىلىنىپ ،يەرلىرى تارتىپ ئېلىنىپ ،چارۋا ماللىرى ئۆلتۈرۈلۈپ ، تىگىشلىك يەرلىرى ،يايلاقلىرى زورلاپ تارتىۋېلىنىپ، ئاھالىلىرى كۆچۈرۋېتىلىپ ،بېسىم ۋە ئىسكەنجە ئاستىدائىڭرىماقتا .ئۆز ھەق- ھۇقۇقلىرىنى قوغداش يۇلىدا تىرشماقتا. باشقا تۈرك خەلقلىرى ۋە قېرىداشلىرىدىنبۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشقا ياردەم قىلىشنى ئارزۇ قىلماقتا.»17


    ئىزاھاتلار :


    1 ليۇجىژشاۋ:« ئۇيغۇر تارىخى» ، بېيجىڭ، 1-قىسىم 473 بەتكە قاراڭ.


   2 «ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى»شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە ،2000-يىللى 3-ئاي 1-نەشرى.


3« ج.پ.كارپىن موڭغۇلىيەگە ساياھەت خاتىرسى،ۋ.روبرۇك شەرىققە ساياھەت خاتىرسى » جۇڭخۇا نەشرىياتى ،1985-يىلى نەشرى ،خەنچە ،248- بەت


4 جۇۋەينى: «تارىخىي جاھان كۇشاي» 1- قىسىم 6- بەت ،ئىچكى موڭغۇل خەلىق نەشرىياتى ،1981-يىل نەشرى.


5 كارتىر{ئامرىكىلىق} : «جۇڭگۇ مەتبەچىلىك تېخنىكىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ۋە غەرىپكە تارقىلىشى» سودا نەشرىياتى 1957-يىل نەشرى،127-بەت


6 ئوبۇلغازى باھادىرخان : «شەجەرەئى تۈرك»2005-يىللى خەنچە نەشرى ،39- بەت


11 9 7http://tr.wikipedia.org/wiki/Kaskayca


82006.Gunnar jarring, s kashkay materialis.in:Lars johanson&Christiane Bulut (eds) Turkic-Iranian contact areas.Historical

and linguistic aspectis.Wiesbaden: Harrassowitz.209-225.


http://www.forumalev.net/turk-tarihi/235115-kasgay-turkleri.html10


12 مەلىك ئاق دېڭىز :«ئىران تۈركلىرى» ناملىق ئەسەر، تۈركچە،http://www.gunaskam.com/tr/


    11 ياشار كالافات :«ئىران تۈركلىگى» ،2005- يىلى ،ئىستانبۇل ،تۈركچە نەشرى 28-بەتكە قاراڭ.


13 سەئىد نەفىسى: «ئىران تۈركلىرى» ،1965-يىلى تۈركچە نەشرى 178- بەتكە قاراڭ . http://www.gunaskam.com/tr/


14 http://www.textara.com/dunyadaki-turk-topluluklari-halklari-tarihi-cografyasi?page=0%2C20


15 جافەر ئولى :« ئىراندىكىقاشقاي تۈركلىرى» 1966-يىلى ،ئىستانبۇل ،تۈركچە نەشرى ،126-بەتكە قاراڭ.


16 http://www.qashqaiturk.blogsky.com/



ماقالە ۋە رەسىملەر مىسرانىم تورىدىن ئېلىندى








kulalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-8-14 21:27:30

دىمەك ئېران ھاكىمىيتىمۇ ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرمۇگۇدەك....

najib يوللانغان ۋاقتى 2013-8-14 21:39:54

بىز قاشقاي ما ؟



   ئۇف   ،،ئەجەپكۆپ   پەرەزلەركەنبۇ،،،

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-8-14 21:44:41

ئەزاربايجانلىقلار بىلەن پاراڭلاشسا مەقسەتنى ئۇقتۇرغىلى بولىدىكەن. خېلى ئەپلىك پاراڭلاشقىلى بولىدىكەن. بۇ قاشقايلار بىلەن تەرجىمانسىز پاراڭلاشقىلى بولارمۇ؟ بۇلارمۇ ھازارلارغا ئوخشاپ قالىدىغان قىسمەتتىكەن ئەمىسە.

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2013-8-14 22:51:55

بۇ ھېلىقى ياپوننىڭ ماشىنىسنىڭ ئىسمى بىلەن ئوخشاشكەن.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-14 23:19:54

قاشقايلار بىلەن تۇققانكەنمىز،ھازارلار بىلەنمۇ،بەزىلەر تېخى بىزنى يەھۇدىلار بىلەنمۇ تۇققان چىقاردى،بەزىلەردىن ئاڭلىسام ئۇيغۇر بىلەن تۈرك مىللىتىنىڭ ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوقمىش،يەنە تېخى ‹‹مۇ قۇرۇقلۇقى››دەپ بىر نەرسە بار.مۇشۇنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ كەلسە ئوچاققا ئوت تۇتاشتۇرغىلىمۇ يەتمەسمىكىن دەيمەن.



بىز قەشقەر ياكى قاشقا دىمەيمىز،ئېغىز تىلدا قەشقا دەپ قويىمىز،

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-8-15 10:35:40

نىم بولاشتىڭلا باللا .......

adreamofmine يوللانغان ۋاقتى 2013-8-15 11:44:05

بېغىر ئىچىڭىزدە توڭگۇز قاترايدىكەن...

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2013-8-15 13:23:58

قەشقەر دىگەنلەر ئېغىزدىن نېمە چىقۋاتقىننى بىلىپ سۆزلەيدىغان ئەقلى بارلار.

قاشقا دىگەنلەر ئېغىزدىن نېمە چىققاننى بىلمەيدىغان جالدىرىۋاقلار..............ھەمدە قاشقايلار ھەققىدە ھېچنىمە بىلمەيدىغانلار.


matu يوللانغان ۋاقتى 2013-8-15 14:11:59

بېغىر دىگەن چوشقىنىڭ كۈچىگىنى نەدە كۆرسەڭلارغالجىر ئىتنى ئۇرغاندەك ئۇرۇپ كۆزدىن يوقىتىڭلار. ئاڭلىدىڭلارمۇ بالىلار؟ \"\"

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-15 16:23:09

بېغىردېگىنى 3-ئەۋلادقا كەلگەندە بىر نېمە دەپ تىللىسام،بەزىلەرمېنى قارا كاپىرغا چىقارمىغانيۇ،لېكىن مۇسۇلمان ئەمەس نېمىكەنسەن دەپ تىللىغانتى،شۇ چاغدىلا كۆڭلۈم تۇيغان...

kabanna يوللانغان ۋاقتى 2013-8-15 18:44:58

ئوبدان بولدىمۇ ؟ باشقىلارغىمۇ شۈمەك سالغان.

زوراۋانلىق بىلەن ئىشنى ئوڭشىغىلى بولمايدۇ.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-8-15 19:17:26

تېمىغا كېلەيلى.

ئالدىنقى قېتىم بىر پاكىستانلىق ئوقۇتقۇچى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم، ئۆزىنى پاكسىتاننىڭ Chitral دىگەن يېرىدىن كەلگەن «قەشقەرى» دەيدۇ. ئۇنىڭ دېيشىچە شۇ يەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر «قەشقەرى»( Qashqari، Kashgari) دەپ ئاتىلىدىكەن، ئۆزىنىڭ ئايرىم تىلى، پەرقلىق مەدەنىيىتى بار ئىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ يەردىكى قەشقەرىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىسىنىڭ بىزنىڭ قەشقەر بىلەن مەلۇم باغلىنىشى بارمىش.

ئۇلارنىڭ تىلى Khowari, Khawar, Chitrali, Citrali, Chitrari, Arniya, Patu, Qashqari, Kashkari دىگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەپتۇ. ۋېكى، يۇتۇبلاردىمۇ ئۇلار ھەققىدە پاراڭلار باركەن.



ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: CHitral، History of Chitrali People، Khowar ...



http://en.wikipedia.org/wiki/Chitral#Languages

http://www.anusha.com/munnings.htm

http://www-01.sil.org/sociolx/pubs/32850_SSNP05.pdf

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2013-8-15 19:28:14

ھى ھى ھى ....سولىۋاپلا تىللىمايدىغان ئىشتى...

ھەممە كىشى مېنىڭدەك سولىۋەتسە 1 ئايغىچە گەپ قىلماي يۈرمەيدۇ،نەچچە ئىسىمدا كىرىپ تىللاۋېردىكەن.شۇ چاغدىمۇ زىيالى ناھەق سولىۋەتكەن مېنى.



ئىشقىلىپ بەزىلەرنى ئاپتونۇم رايۇنغا باشلىق قىلىپ قويسا ۋەزىيەت ھازىرقىدىنمۇ بەتەر بولۇپ كېتىشى 100%مۇمكىن.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-8-16 23:54:04

بىر خارنىڭ بىر ئەتىۋارى بار دەپ..بىر كۈنلەرمۇ كېلىپ قالار ....

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2013-8-17 08:45:06

بىزنىڭ مەھەللىلەردە جەنۇپلوقلارنى قاشقالىق دەيدۇ ،مەيلى جەنۇپنىڭ قەيىرىدىن بولسۇن قاشقالىق دەۋىرىدۇ ،،،مەنمۇ كونۇپ قاپتىكەنمەن ،مۇنبەرگە يىڭى كىرگەندە قاشقالىقلار دىسەم ئىزدىنىشتىكى قاشقالىق بالىلار مىنى سەت تىللاپ دەھشەت ئۇرۇشۇپ كەتكەن ئىدۇق ،،{:92:}
بەت: [1]
: قەشقەرمۇ قاشقامۇ؟[كۆچۈرۈلمە]