خۆرەك تارتمايدىغانسىز؟
خۆرەك تارتمايدىغانسىز؟
خۆرەك تارىتىشمۇ كېسەللىك ئىكەن .بۇنى بىلمەي يۇۇپتىمەن .مەن بۇرۇن يېنىمدا بىرەرسى خۆرەك تارتىپ ئۇخلىسا بەك بېئارام بۇلاتتىم .ئەمدى ياش 35 تىن ئاشقاندا مەنمۇ بۇ سەپكە قۇشۇلدۇم .بۇ ماتىريالنى كۇرۇپ تورداشلارنىڭ پايدىلنىشغا يوللاپ قويدۇم .
ئامرىكىدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇخلىغاندا دائىم يۇقىرى ئاۋازدا خۆرەك تارتىدىغان كىشىلەر ۋە تەستە ئۇخلايدىغان كىشىلەردە چوڭ بولغاندا مىتابولىزىم يىغىندى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆپرەك بولىدىكەن.
ئامرىكىدا يېقىندا ئېلان قىلغان سەكتە(شامالدارىش)نىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى كۆرسەتمىدە كۆرسىتىلىشىچە، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاش سەكتەكېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتە ئىكەن.
تۇرمۇش ئۇسۇلى ساغلام بولسا، سەكتە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى%80تۆۋەنلەيدىكەن. ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى تاماكا چەكمەسلىك، نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش، مېۋە ۋە كۆكتاتنى كۆپ يېيىش، نورمال قان بېسىمىنى ساقلاش، قاندىكى خولىسترىن مىقدارىنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكنى كۆرسىتىدىكەن.
ئەنگىلىيەلىك تەتقىقاتچىلار دادۇردىن‹‹بوياق ئېلىنىدىغان گېنستا چاتقىلى فلاۋونى››دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددىنى بايقىغان بولۇپ، بۇ ماددا بالىلاردىكى ھاڭۋاقتىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقتىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇش ئەھۋاللىرىغا شىپا بولىدىكەن.
ئېلىمىز ئالىملىرى بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت تەتقىق قىلىپ، ئەم ئوت گۈلبۇغۇندىن مېڭە سەكتىسىگە كۆرۈنەرلىك شىپا بولىدىغان بىر خىل ماددىنى تاپتى.ئۇ ماددا مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ قېتىشىش دائىرىسىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىپ، كەمتۈكلۈكنى ياخشىلايدىكەن.
ئامرىكىلىق تەتقىقاتچىلار قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇلارنىڭ قورساق ئايلانمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئاز ياكى بەك كۆپ بولسا، قورساقتىكى ياغنىڭ مەلۇم ۋاقتتىن كېيىن كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ قالىدىغانلىقىنى بايقىدى.
مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
http://chongbazar.com/forum.php?mod=viewthread&tid=1 يولدىشىم بەكراق چارچاپ قالسا خورەك تارتىدىغان ئىدى، دىققەت قىلمىسا بولمىغۇدەك ...
ئۇف، مۇشۇ كۈنلەردە كىممۇ ساقتۇ دەيمەن ... خورەككە داۋا بولسا بىر يوللاڭلا باللا خورەك تارتىش نورمال ئىش ،،،،،لىكىن بەزى ئادەملەر يولۋاس ياكى غالجىر ئىت نەرە تارىتقاندەك خورەك تارتىدۇ مۇ شۇندق خورەك تارتىدىغانلاردا راسلا بىرەر كىسەل بارمىكى دەپ قالمەن ،،،ئەل ئاغىنىلەر ۋە ئۆزۈم دىمەتلىك ياش باللارغا دىققەت قىلسام خوروك تارىتمايدىغىنى يوق ،لىكىن ئادەمنىڭ ئۇيقۇسنى بۇزۇپ بىئارام قىلغۇدەك تارىتمايدۇ {:92:}
3- قەۋەتتىكى katipimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
خورەك...
http://chongbazar.com/forum.php?mod=viewthread&tid=1
ئۇ يەردىكى ئېلاندىكى چۈشەندۈرۈش، جوڭگۇنىڭ ساختا ئېلانلىرىنىڭكىگە ئوخشايدىكەن، مەھسۇلات ئىشەنچلىك بولسا باشقىچە ئۇسۇل قوللىنىڭلار.
ئۇخلىمىسىلا خورەك تارىتمايدۇ ، مەن بىر ئۇيقۇغا كەتسەم باشقىلار خورەك تارىتسىمۇ بەك قۇلاق سېلىپ كەتمەيمەن ، لېكىنزە چالا بوغۇزلېنىپ جېنى چىقمىغان توپاقتەك خارتىلداپ تارىتقان خورەككە دەھشەت ئۆچ جۇمۇ مەن . مەن بۇرۇن خورەك تارىتمايىتتىمكەن ،،خوتۇن ئىلىپ سەل سىمىرىپ قالدىممۇ خورەك تارتىدىغان بولوپ قالدىم ،بەك خورەك تارتىپ كەتسەم خوتۇنۇم پەرى بورنۇمنى تارتىپ مىنى ئوخىتىۋىتىدۇ،،،شۇڭا كوپ چاغلاردا بورنۇمنىڭ ئۇچى قىپقىزىل قىزىرىپلا تۇرىدۇ،،، كەمپىرىم تەلەيلىكككەن، مەن خورەك تارتمايمەن... ئۇمۇ شۇ... يېڭى تۇغۇلغان بالاممۇ شۇ..
7- قەۋەتتىكى kabannaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
3- قەۋەتتىكى katipimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
خورەك...
http://chongbazar.com/forum.php?mod=viewthread&tid=1
ئۇ يەردىكى ئېلاندىكى چۈشەندۈرۈش، جوڭگۇنىڭ ساختا ئېلانلىرىنىڭكىگە ئوخشايدىكەن، مەھسۇلات ئىشەنچلىك بولسا باشقىچە ئۇسۇل قوللىنىڭلار.
ئۆزىمىزمۇ سىناپ كۆرگەن، ھەم ھازىرغىچە ئىشلەتكەنلەردىمۇ باشقىچە پىكىر بولمىدى.
ئەگەر ياخشى تەكلىپ- پىكىرلەر بولسا، سەمىمىيلىك بىلەن قوبۇل قىلىمىزغۇ...
@katipimئەڭ ياخشىسى يازمىچە، رەسىملىك ئېلان قىلىڭلار، شەخسەن مەن ئاشۇ ئاۋازدىكى نەرسىنى ساختا دەپ ھېس قىلىمەن.