kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-14 17:41:57

ياز پەسلىنىڭ مىزاجى

ياز پەسلىنىڭ مىزاجى

ياز پەسلىدە قۇياش نۇرى يەر يۈزىگە تىك چۈشكەن بولۇپ، بۇ ۋاقىتتىكى قۇياش ئىسسىقلىق ئېنىرگىيىسىنىڭ يەر يۈزىگە بولغان تەسىرى كۈچلۈك بولىدۇ.

بۇنىڭ بىلەن يەز يۈزى زىيادە ئىسسىپ، ھاۋا تەركىبىدىكى يۇقىرى زىچلىقتىكى سۇ ھورىنىڭ زىچلىقى شالاڭلىشىپ، ھەممىسى ئاتموسفىرا يۇقىرى قاتلىمىغا كۆتۈرۈلۈپ، ھۆللۈك كەيپىياتىنىڭ ئورنىنى قۇرۇقلۇق كەيپىيات ئىگىلەش بىلەن بۇ پەسلىدىكى ھاۋانىڭ كەيپىياتى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ شەكىللىنىدۇ.

ياز پەسلىدە شەكىللەنگەن بۇ خىل قۇرۇق ئىسسىقلىق كەيپىيات بىر تەرەپتىن ئادەم ئورگانىزىمىغا تەسىر قىلسا، بولۇپمۇ تەبىئىي مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق بولغان كىشىلەرگە ياكى قۇرۇق ئىسسىقلىق ھالەتكە ئۆزگەرگەن كىشىلەرگە تەسىر قىلسا، ئۇلارنىڭ يۈرەك، قان تومۇر ھەرىكىتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ قان ئايلىنىشنى تىزلەشتۈرىدۇ، بەدەندىكى تەبىئىي ھۆللۈكىنى ئازايتىپ، مىڭە توقۇلمىلىرىغا قۇرۇقلۇق يەتكۈزۈپ، نىرۋىلاردىكى ماددا ئالمىشىشنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىش بىلەن نېرۋىلاردا غىدىقلاش پەيدا قىلىپ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىىنىڭ نورمال قوزغىلىشى ۋە تورمۇزلىنىش پائالىيىتىنى بۇزۇپ، ھەرخىل نېرۋا كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن ياز پەسلىدىكى بۇ خىل قۇرۇق ئىسسىقلىق كەيپىياتىنىڭ تەسىرىدە يەر يۈزىدىكى ماددىلارنىڭ چىرىش، بۇزۇلۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، قۇرۇق ئىسسىقلىق مۇھىتتا ئۆسۈپ كۆپىيىدىغان جاراسىملارنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشىگە شارائىت يارىتىلىدۇ. نەتىجىدە ھاۋا ۋە يېمەكلىكلەرنىڭ جاراسىملار بىلەن بۇلغۇنىشى بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئاستىدا كىشىلەر يېمەكلىك تازىلىقى ۋە مۇھىت تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمىگەندە ئاسانلا جاراسىملىق، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىدۇ.

مەسىلەن: يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغى، ھېيىز ۋابائى (يۇقۇملۇق ئىچى ئۆتكۈ)، ئاميۇبالىق تولغاق قاتارلىق ھەزىم يوللىرى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى بىر قەدەر كۆپ يۈز بېرىدۇ. شۇڭا بۇ پەسلىدە يېمەك-ئىچمەك تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، مۇۋاپىق دەم ئېلىش، بەدەن ھارارىتىنى پەسەيتىدىغان ھەم ئۇفۇنەتكە قارشى تۇرىدىغان يېمەك-ئىچمەك، دورا-دەرمەكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىش لازىم. مەسىلەن: قېتىق، سوغۇق سۈت، مېۋە، كۆكتات، تەمرى ھىندى سۈيى، قاپاق ئېشى، چىلان، ئەينۇلا، ئالما شەربىتى، بىھى شەربىتى، ئەينۇلا مۇرابباسى قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەدەننىڭ نورمال مىزاجىنى ساقلاش بىلەن بىرگە، مۇھىت تازىلىقىنى كۈچەيتىپ جاراسىملارنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىدىغان ئامىللارنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

kabanna يوللانغان ۋاقتى 2013-8-14 17:54:33

Internet Explorer دىن باشقا تور كۆرگۈچتە خەت بىنورمال:

بەت: [1]
: ياز پەسلىنىڭ مىزاجى