shekerim يوللانغان ۋاقتى 2013-8-14 17:32:50

يوقال بۇزۇق، مىنىڭ ئايالىم بار

يوقال بۇزۇق، مىنىڭ ئايالىم بار


(تەرجىمە ئەسەر)




    ئەر ھازاق ئىچىپ ئېغىر مەس بولۇپ ئۆيگە
قاتىپ كەپتۇ ،ئەتىسى ئۇيقىسىدىن يىشىلىپ قارىسا ئۆيلەر رەتلىك تۇرغانلىقىنى ، يەنە
ئۇستەل ئۈستىدە ئايالى خەت يېزىپ قالدۇرغان بىرۋاراقچە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ .
ئايالى مۇنۇلارنى قالدۇرغان ئىكەن :

ـــــ ئاخشام ھاراق ئىچىپ بەك مەس بوپ
كېتىپسىز ، ناشتىلىق تەييارلاپ قويدۇم،كىيىملىرىڭىزنى يۇيۇپ قويدۇم ،بۇنىڭدىن كىيىن
ھاراق ئىچمەڭ ــــــ ئايالىڭىزدىن .


    ئەر ھەر قېتىم ئۆيگە مەس پېتى قايتىپ
كەلسە ئايالى دائىم ئۇنىڭ بىلەن جىدەل قىلاتتى ، بىراق بۈگۈنكى ئەھۋال ئەرگە
غەلتىلىك بىلىندى . ئەر ئوغۇلىنى چاقىرىپ سوراپتۇ :

ـــــ مەن تۈنۈگۈن نىمە
بولدۇم ؟

ئوغلى جاۋابەن :

ـــــ ھېچنىمە ، سەن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئاپام
سىنى تىللاپ كەتتى ، ئاندىن سەن تۇربىدىن ئازراق سۇ ئىچىۋالغاندىن كىيىن ، ئاپام
سىنىڭ كىيىملىرىڭنى يىشىندۈرمەكچى بولدى .

ئەر ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ ئوغۇلىدىن سورىدى
:

ــــــ ئاندىن مەن نىمە دىدىم ؟

ئوغۇلى جاۋابەن :

ـــــــ سەن بىرمۇنچە
گەپ قىلدىڭى ، ھەممىسى تاققا تۇققا گەپلە ، ھېچنىمىنى چۈشىنەلمىدىم.

ھە راس ،
ئىشتىنىڭ بەك مەينەت بوپ كېتىپتىكەن ، ئاپام ئىشتىنىڭنى سالدۇرۇشقا تەمشەلگەن چاغدا
ئاپامنى ‹‹يوقال بۇزۇق، مىنىڭ ئايالىم بار ›› دەپ تىللىدىڭ . شۇنىڭ بىلەن ئاپام
سىنى تىللاشتىن توختىدى .








[ گەرچە ئەسەر ناھايىتى قىسقا ، تىلى ئاددى بولسىمۇ ،
مەڭگۈلۈك مۇھەببەت تېمىدىسىكى ناھايتى تىپىك بولغان بىر ۋەقەلىكنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ
بېرىدۇ ]



arqin يوللانغان ۋاقتى 2013-8-14 17:41:49

ساتىرا ، مىكرو ھىكايە ، تەرمىلەر ....( ناھايىتى ئويلانغان چىراي ئىپادىسى )

Alif يوللانغان ۋاقتى 2013-8-14 18:04:15

بۇرۇن بىر قېتىم ئوقۇغان ھېكايەت، نېمىلا بولمىسۇن، شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ.

ubuljan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-14 18:40:01

بىر ئايالنىڭ غورورى بىر ئەر كىشىنى يامان يولدىن توسسا ،

بىر ئەرنىڭ غورورى قىرىق ئايالنى يامان يولدىن توسۇپ قالالايدۇ .

ئاياللار ھېيىققۇدەك ئەرلەر قالمىغاچقا ، ئاياللار ھايا پەردىلىرىنى يىرتىپ تاشلىماقتا ....








Porsche يوللانغان ۋاقتى 2013-8-14 20:32:35

ئوڭ خاتوننىكەن ، ئەگەرچەندە سولچىراق مەزلۇم بولىدىغان بولسا بۇزۇقلار با يەردە ؟؟؟؟؟؟؟ڭ توشىيى بامۇ دېيىشتىن يانمىشى ...

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-14 20:43:44

سىزنىڭ توردىكى نامىڭىزمۇ قالتىسكەنغۇ{:92:}

Meryem يوللانغان ۋاقتى 2013-8-15 11:18:27

يولدىشىمغا تۇنجى قېتىم ئۇقۇپ بەرسەم كۈلۈپ كەتكەنتى، پات پات مۇشۇ كىچىك ھېكايەتنى چاق چاق قىلىپ دېيىشىپ كۆڭۈللۈك ئۆتەتتۇق، تەربىيىۋى ئەھمىيتى بار، مەنىلىك كىچىك ھېكايەت ... \"\"

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2013-8-15 17:56:56

6- قەۋەتتىكى Meryemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يولدىشىمغا تۇنجى قېتىم ئۇقۇپ بەرسەم كۈلۈپ كەتكەنتى، پات پات مۇشۇ كىچىك ھېكايەتنى چاق چاق قىلىپ دېيىشىپ كۆڭۈللۈك ئۆتەتتۇق، تەربىيىۋى ئەھمىيتى بار، مەنىلىك كىچىك ھېكايەت ... \"\"

\"\"\"\"

tayker يوللانغان ۋاقتى 2013-8-15 20:43:55

ئوڭلۇق خاتۇنكەن بۇ ؟ ئەگەرچەندە مەن خاتۇن كىشى بولۇپ بۇ ئايالنىڭ ئورنىدا بولساممۇ مۇشۇنداق قىلغان بولاتتىم ،

shekerim يوللانغان ۋاقتى 2013-8-19 09:06:36

بۇ ئەسەرنى شۇنچە چۈشىنىكسىز تەرجىمە قىلىپ قويدۇممۇ ياكى ئوقۇغانلار تەپسىلى ئوقۇمايلا ئېنكاس يازدىمۇ !!؟ ئەجەپ مەن ئويلىغان نوقتىدىن ئېنكاس يازغانلار كۆپ ئەمەسقۇ ؟!‹؟ \"\"
بەت: [1]
: يوقال بۇزۇق، مىنىڭ ئايالىم بار