almasburkut يوللانغان ۋاقتى 2013-8-14 16:31:26

«بايلار نىمە ئۈچۈن بىزگە پاي قوشمايدۇ»دىگەن تىمىنى ئوقۇغاندىن كىيىن

مۇشۇنداق بىر شىركەتنىڭ قۇرلىدىغانلىقى راس بولسا،مەيلى قۇرغۇچىلانىڭ نىمە غەرىزى بولىشىدىن قەتتىنەزەر.بۇ ئىنتايىن ئۇلۇغ ئىش بوپتۇ.ئانا تىلىمىزنى قوغدىغانلىق ئۆزىمىزنى قوغدىغانلىق.بايلىرىمىز ،داۋاملىق تەرەققى قىلىش ئۈچۈن ،دۇنيادا نام چىقىرىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىنىڭ مىللىتىنى تونۇتۇش،تەرەققى قىلغۇزۇش كىرەك،ھازىرقىدەك كىيىم كىچەك مەدەنىيى تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى تونۇتۇشتىكى بىردىنبىر پاكىت ،تىل-يىزىقى،شۇڭا بۇنىڭڭغا مەبلەغ سىلىش ،ئۇيغۇر تىلىنى كەڭەيتىش،بۆسۈش خاراكتىرلىك تەرەققىيات ئىھتىياجى.بايلىرىمىزئوتتۇرغا قويغان سەۋەپلەر بۇنىڭڭغا سەۋەپ بولالمايدۇ.تەۋسىيە قىلىدىغىنىم :سىز باي بولسىڭىز ،قۇربىڭىز يەتسە چوقۇم پاي قوشۇڭ،بۇ بىر توغرا تاللاش.ئۆزىڭىزدىن باشقا مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈستىدە ئويلانسىڭىزلا جاۋابى چىقىدۇ.


قورقماڭ ،غەرەزسىز قىلىنغان ياخشىلىق ۋە ئىشلار ئاللاھ تەرىپىدىن قوللىنىلىدۇ.ھەرۋاقىت بىخەتەرلىكىڭىز ئۈچۈن پەرشتىلەر ئەتراپىڭىزدا ئەگىپ سىزنى قوغدايدۇ.مال دۇنيارىڭىز بىر ياخشى ئىشقا سەرپ قىلغان مىقدارنىڭ نەچچە ھەسسىسى بويىچە قايتىدۇ.چۈنكى بىزنى ئاللا ياراتتى .بەرسىمۇ ئاللا بىرىدۇ.ئالسىمۇ ئالا ئالىدۇ.


بۇ يەردە بىر نەرسىنى دىگۈم كىلىۋاتىدۇ.ئاللا بەرگەن رىزىقنى يەرنىڭ ئاستىدىن كولاپ ئىلىپ مىليۇنلىغان پۇللارغا سىتىپ ئاتالمىش ھاجىم بوپكەتكەن ،يۇرت-يۇرتلاردىكى خوتۇنىنىڭ سانىنى بىلمەيدىغان بايلار قاچان ھوشىنى تاپىدىغاندۇ؟مەسىلەن يورۇڭقاش دەريا ۋادىلىرىدىن تىپىلغان تاشلارنى ئاللاھ يامان كۆزلەردىن يىراق قىلىپ ،ئۇنى مۇسۇلمانلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن ئىدى،بىچارە بايلىرىمىزنىڭ كۆزى كور ،كاللىسى گاس بولدى،بۇنى بىلەلمەي خاتا يولغا ماڭدى،مىللەتنى ھالاكەت گىردابىدىن قۇتقۇزىدىغان ،ئاللاھنىڭ ئۆز قولى بىلەن بەرگەن بۇ پۇللار ،ئۆز جايىنى تاپمايۋاتىدۇ.

خوتەنلىك بايلىرىمىز نەگە كەتكەندۇ؟مىللەت ئۈچۈن شۇنچىلىك كىچىك ئىشقىمۇ مەبلەخ سالالمايدىغان ھالىغا ئىسىل ماشىنىلاردا غادىيىپ ئولتۇرۇپ نەگە ماڭغاندۇ؟يە بۇ بىر ساخاۋەت ئىشى بولمىسا .ئىددىيىسى قاتمال،يىراقنى كۆرەلمەيدىغان بايلار ھوشۇڭلارنى يىغىڭلار،ئاللا بەرگەن مال دۇنيا ئاللا ئۈچۈن سەرپ قىلىنمىسا ،بىلمەي قالىسىز نەگە كەتكىنىنى،ھىچنىمىڭىز قالمايدۇ،چۈشكەندىمۇ ،ئۆگزىدىن چۈشكەندەك ئاسان چۈشمەيسىز.

قاراپ باقساق، توغرا ئىشقا تۇتۇش قىلىۋاتقانلارنىڭ بۇ دۇنيادىمۇ شۇنچىلىك ھۆرمەتلىك،ئىشلىرىنىڭ شۇنچىلىك يۈرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز.

خوتۇنى كۆپكەن ،چەتئەلگە مانچە قىتىم چىقىپتۇ،ئىگىز بىنالارنى ساپتۇ ،دەپ ئاڭلىغانلىرىمىزنىڭ ئازغىنە ۋاقىت ئۆتمەيلا يا ئىغىر كىسەل،ياكى باللىرىغا ۆىلىشمەسلىك،ۋە ياكى ئۆزىدىن چاتاق چىقانلىقىنى ئاڭلايمىز،ئورۇنسىز خەجلىگەن پۇللىرىنىڭ قەدرى شۇنداق ئۆتۇلىدۇكى :خەقنىڭ ئالدىغا پۇل سوراپ بىرىشتىن كۆرە ئۆلۈمنى تاللايدۇ.

ھەمىمىز ئەستىن چىقارمايلى.چىقىش ئاسان ،چۈشۈش تولىمۇ تەس.چوڭ بولماق تولىمۇ ئاسان،كىچىك بولماق بەكمۇ تەس.

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2013-8-14 18:21:27

almasburkutنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

مۇشۇنداق بىر شىركەتنىڭ قۇرلىدىغانلىقى راس بولسا،مەيلى قۇرغۇچىلانىڭ نىمە غەرىزى بولىشىدىن قەتتىنەزەر.بۇ ئىنتايىن ئۇلۇغ ئىش بوپتۇ.ئانا تىلىمىزنى قوغدىغانلىق ئۆزىمىزنى قوغدىغانلىق.بايلىرىمىز ،داۋاملىق تەرەققى قىلىش ئۈچۈن ،دۇنيادا نام چىقىرىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىنىڭ مىللىتىنى تونۇتۇش،تەرەققى قىلغۇزۇش كىرەك،ھازىرقىدەك كىيىم كىچەك مەدەنىيى تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى تونۇتۇشتىكى بىردىنبىر پاكىت ،تىل-يىزىقى،شۇڭا بۇنىڭڭغا مەبلەغ سىلىش ،ئۇيغۇر تىلىنى كەڭەيتىش،بۆسۈش خاراكتىرلىك تەرەققىيات ئىھتىياجى.بايلىرىمىزئوتتۇرغا قويغان سەۋەپلەر بۇنىڭڭغا سەۋەپ بولالمايدۇ.تەۋسىيە قىلىدىغىنىم :سىز باي بولسىڭىز ،قۇربىڭىز يەتسە چوقۇم پاي قوشۇڭ،بۇ بىر توغرا تاللاش.ئۆزىڭىزدىن باشقا مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈستىدە ئويلانسىڭىزلا جاۋابى چىقىدۇ.



ئورۇنلۇق پىكىر

Porsche يوللانغان ۋاقتى 2013-8-14 20:38:40

پۇل كىمنىڭ ؟ خەقنىڭ ..... قوشامدۇ قوشمامدۇ بۇ شۇ كىشىنىڭ ئەقلى ئىنسابىغا باغلىق ئىشتە ، مەجبۇرلاش تۈسىنى ئېلىپ قالسا بولماس !!

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-14 22:58:30

تېمىنى نەچچە ئوقۇدۇم،مەجبۇرلاش خارەكتېرلىك سۆز قايسىدۇ باللا؟

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-15 10:27:59

ئورۇنلۇق پىكىر قىپسىز. بەزى بايلىرىمىز پەقەت بىر ئايلىق كىرىمىنى چىقارسىلا ئانا تىل شىركىتىگە چوڭ ياردەم قىلغان بولاتتى.،

tahirbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-8-15 12:27:53

مەن باي بولغان بولسا پۇل قاتىتىم. كەلگۈسىدە تاھىرباي بولۇپ قالسام قاتىمەن. راس \"\"

taltograk يوللانغان ۋاقتى 2013-8-15 12:43:57

تاھىربەگ ، ئاناتىل شىركىتىگە «باي» لارلا ئەمەس «بەگ»لەر ئىئانە قىلسىمۇ بولىدۇ .

taltograk يوللانغان ۋاقتى 2013-8-15 12:44:55

تاھىربەگ ، ئاناتىل شىركىتىگە «باي» لارلا ئەمەس «بەگ»لەر ئىئانە قىلسىمۇ بولىدۇ .

uzakam يوللانغان ۋاقتى 2013-8-15 17:12:03

خوتەندە راسلا ئاشۇنداق بايلار كۆپمىدۇ.. \"\"

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-8-16 10:25:37

مۇشۇ يەسلىگە مەبلەغ سالمىغانلىكى بايلارنى قارغايدىكەنمىزدە ئەمدى، خوتەنلىك بايلارمۇ ئۇخلاپ ياتمىغاندۇ.

بۇ مىللەتكە يەسلىدىن باشقىمۇ نۇرغۇن نەرسىلەر كېرەك.

almasburkut يوللانغان ۋاقتى 2013-8-21 11:00:48

9- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇ يەسلىگە مەبلەغ سالمىغانلىكى بايلارنى قارغايدىكەنمىزدە ئەمدى، خوتەنلىك بايلارمۇ ئۇخلاپ ياتمىغاندۇ.

بۇ مىللەتكە يەسلىدىن باشقىمۇ نۇرغۇن نەرسىلەر كېرەك.




مەن يەسلىگىلا مەبلەغ سالايلى دىمىدىم.پەقەت مەبلەغ يىتىشسە چەتەللەرگە ئويۇن تاماشىغىلا مەبلەغ سىلىۋەتمەي مۇشۇنداق خەيرلىك ئىشلارغا مەبلەغ سالايلى دىدىم،ئويناپ تۈگەپ كەتكەن پۇل قايتىلىمايدۇ،ھەم نۇرغۇن پۇشايماننى ئىلىپ كىلىدۇ،ئىغىر بولغاندا ئائىلىدىكىلەرنىڭ بەختسىزلىكى كەپ چىقىدۇ ،ياخشى ئىشلارغا مەبلەغ سالساق قوش پايدىغا ئىرىشىمىز،كۈندىن كۈنگە كۆكلەيمىز،قىرىغان ھاجىملارنى ئازراق ئوينىسۇن دەۋاتىمەن،ئازغانلارنى يولىدىن توسۇپ قويۇش ھەربىر مۇسۇلماننىڭ مەجبۇرىيىتى،ئۆزۈم ساياھەت شىركىتىدە ئىشلەيمەن،كۈندە ھەرقايسى ۋىلايەتتىن نۇرغۇن ھاجىلار بىلەن ئۇچرىشىمەن.شۇڭا بىلگەنلىرىمنى سۆزلىدىم ،ئەپەندىم

almasburkut يوللانغان ۋاقتى 2013-8-21 14:13:43

2- قەۋەتتىكى Porscheنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پۇل كىمنىڭ ؟ خەقنىڭ ..... قوشامدۇ قوشمامدۇ بۇ شۇ كىشىنىڭ ئەقلى ئىنسابىغا باغلىق ئىشتە ، مەجبۇرلاش تۈسىنى ئېلىپ قالسا بولماس !!



مەن بىرەرسىنى مەجبۇرلاپ پاي قوش دەپتىمەنمۇ يىگىت.پەقەت ئويۇن -تاماشىدىكىلەر ئوقۇسىلا ئازراق بىسىم ھىس قىلىپ قالىدۇ.مەنمۇ شۇنى كۈتكەن،سىز نىمىگە چىچاڭشىپ كەتتىڭىز ئەمدى
بەت: [1]
: «بايلار نىمە ئۈچۈن بىزگە پاي قوشمايدۇ»دىگەن تىمىنى ئوقۇغاندىن كىيىن