گېرمانىيەلىك ئالىملار قۇشقا ئوخشاش ئۇچىدىغان ماشىنا ياساپتۇ!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار، ئىنسانلار نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان قۇشلارنىڭ ئەركىن پەرۋاز قىلىشىغا مەستانە بولۇپ ھەرخىل ئۇچىدىغان لەگلەك ، ماشىنا دېگەندەك نەرسىلەرنى ياسىغان بولسىمۇ ، ئۇلارنىڭ شەكلى ، ئۇچۇش ئۇسۇلى يەنىلا ئەشۇ قۇشلاردىن پەرقلەنگەچكە ھەم ياسىغان نەرسىلەر ئېنىگىيەنى كۆپ ئىسراپ قىلىۋەتكەچكە بۇ توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلەرنى پەقەت توختىتىپ قويمىغان ئىدى.
يېقىندا گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئالىملار شەكلى قۇشقا ئوخشايدىغان ھەم قۇشتەكلا ئۇچىدىغان بىر ئەقلى ئىقتىدارلىق ماشىنا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپتۇ. بۇ <قۇش>نىڭ ئېغىرلىقى 450 گىرام بولۇپ ، بېشىنى ھەم قۇيرۇقىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇچۇش يۆنۈلىشىنى ئۆزگەرتەلەيدىكەن.
تېخىمۇ تەپسىلى ماتىريال بولسا يوللاپ قويىدىغان ئىش ئىكەندۇق.
تۆمۈر ئادەم كېنوسىدىكىگە ئوخشاش كىچىك ماتور ياساپ چىقىلسا دەپ ئويلاپ كېتىمەن بەزىدە، ماشىنىغا ماي قۇيىمەن دەپ ئاۋارە بولۇپ يۇرمەي، بىر ئۆمۈر ھەيدىگىلى بولسا. نىمىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىدىكەن ، تەپسىلى يازماپسىز
قاراپ باقسام پىروپېللىرى يوقكەن ، 450 گىراملىق نەرسىگە رېئاكتىپ ماتور ئورنىتىپ يۈرمىگەندۇ
قۇشقاچتەك قانىتىنى يۇقىرى - تۆۋەن قىلىپ ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئۇچامدۇ يا؟ بۇ ماشىنا قۇشلارغا ئوخشاش قانىتىنى يۇقىرى-تۆۋەن قىلىپ ئۇچىدىكەن
http://tv.sohu.com/20120912/n352910008.shtml بۇ ماشىنا قۇشلارغا ئوخشاش قانىتىنى يۇقىرى-تۆۋەن قىلىپ ئۇچىدىكەن
http://tv.sohu.com/20120912/n352910008.shtml ئىنسانلارنىڭ قۇشلارغا ئوخشاش قانات ياساپ ئۇچىدىغان ئارزۇسى ئەمدى ھەقىقى ئەمەلگە ئاشىدىغاندەك ھېس قىلدىم.. بۇ خەق نېمە قالسا قىلىدىغان ئوخشايدۇ.
ئامېرىكىلقلار ۋاكۇئۇملۇق تېز پويىز ياسايدىغان ئوخشايدۇ،سائىتىگە مىڭ كېلومېتىردىن ئوشۇق ماڭغۇدەك.
بەت:
[1]