پىچەت تېلېفون تەۋسىيە قىلايمۇ[ziltar]
ھازىر ئەقلىفوننىڭ كۈنسىرى ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، تېلېفوننىڭ خىلللىرىمۇ، بىزنىڭ ئېھتىياجىمىزمۇ كۈنسىرى ئاشماقتا.
بۇ يەردە ئەقىلىفوننىڭ تارىخى ئارقا كۆرىنىشى،ئەھمىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 500 خەت قىسقارتىلدى
ئەلۋەتتە ھەممىمىزنىڭ ئەڭ نوچى تېلېفوننى ئىشلىتىپ باققۇمىز بار، لېكىن مۇشۇ پۇل دېگەن «ئىپلاس» بىزنى چەكلەپ تۇرماقتا ، گەپنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا كەلسەم پۇلى ئەرزان ئۆزى ياخشى تېلېفوننى ئىشلىتىپ پاقىمىزنى قاندۇرغىمىز كېلىدۇ، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچىنى تولۇق قولللىشى ئالدىنقى شەرت.
قايسى كۈنى بىرسىگە تېلېفون لازىم بولۇپ قېلىپ توردىن تېلېفون كۆرگەن ئۇنى كۆرۈپ-بۇنى كۆرۈپ بىر تېلېفوننى ئېلىشنى ئويلاشتۇق . بۇ تېلېاوننىڭ سەپلىمىسى مۇنداق ئىكەن.
تېپى:Lenovo a820e
تور ئۆلچىمى:GSM, CDMA (يەنى بىرلەشمە ، كۆچمە ، تېلگىراف كارتىلىرىنى قوللايدۇ) ھەقىقەتەن شۇنداقكەن، كارتا ئوقۇرىدىن ئىككىسى باركەن.
ئېكران:4.5دىئۇم،960x540 چېكىت ئېنىقلىقتا(سۈزۈك دېگەن گەپ)
CPU:تۆت يادىرولۇق 1228MHz
ئىچكى ساقلىغۇچ:1GB (بۇ ھۆججەت ساقلىندىغان بوشلۇق ئەمەس بەلكى پىروگىرامما ئىجرا جەريانىدا ئىشلىتىلدىغىنى)
ئۆزىنىڭ بار بولغان ساقىلىغۇچى:4GB
ئاپپاراتى:8مىليون چېكىتلىق ئىكەن يەنى 800万像素
سېستىمىسى:Android OS 4.1(دېمەك ئۇيغۇرچىنى تولۇق قوللايدۇ)
شۇنداق قىلىپ بۇ تېلېفوننى سېتىۋالماقچى بولدۇق.
بۇ يەردە تېلېفوننى سېتىۋېلىش مەزمۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 300 خەت قىسقارتىلدى
شۇنداق قىلىپ بۇ تېلېفون قولغا تەگكەندىن كېيىنكى تۇنجى ھېس قىلغىنىم تېلېفون نېپىز ، ھەم ئېكراننىڭ سۈزۈكلىكى ياخشى ئىكەن.
بىردەمدە ئېيتىشىپ يۈرۈپ سېستىمىسىنى قايتا قاچىلاپ، گەرچە خەت نۇسخىسى چىرايلىق بولسىمۇ تېخىمۇ چىرايلىق بولىشى ئۈچۈن خەت نۇسخىسىنى قاچىلاپ قىلىۋالدىم.
نېپىزلىكى، ئېكراننىڭ سۈزۈكلىكى،ئۇيغۇرچىنى قوللىشى ئاپپاراتىنىڭ سۈزۈكلىكى مېنى رازى قىلدى. مېنى تېخىمۇ رازى قىلغىنى سېستىما قاچىلاشنىڭ ئاددىي بولغىنى بولدى.
سېتىۋالماقچى بولغان تورداشلار بۇ ئادىرىستىن سېتىۋېلىڭلار، مەنمۇ بۇ يەردىن سېتىۋالدىم.
سېتىۋالغاندا بىر مۇنچە يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى باركەن مەن بۇنىڭدىن 6-تۈرنى سېتىۋالغان بۇنداق بولغاندا روتلاپلا ئەۋەتىدىكەن.
ئەمدى قايلاڭلا سىلىگە لازىم بولىدىغان مۇشۇ گۇينىڭ قوراللىرىنى تونۇشتۇرۋېتەي، تورغا يوللاپ قويغن لازىم بولسا ئىشلىتىڭلا
1. ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى قاچىلاش بولىقى (سېستىما قاچىلغاندەك قاچىلساڭلىلا بولىدۇ)
چۈشۈرۈش ئادىرىسى:http://pan.baidu.com/share/link?shareid=3936616078&uk=1090829550
2. بىر كۇنۇپكا بىلەن recovery نى يېڭىلاش (بۇ recovery خەنزۇچە، كۆپ ئىقتىدارلىق نۇسخىسى ئىكەن) بۇ دېتالنى قوزغاتسىڭىزلا بولدى ، بشقا يەردىن recovery تەسۋىر ھۆججىتى ئزدەپ يۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، بىر كۇنۇپكىلا كۇپايە
چۈشۈرۈش ئادىرىسى:http://pan.baidu.com/share/link?shareid=3949682903&uk=1090829550
3. مەن ئىشلەتكەن سېستىما بولىقى،(root ئېلىقلىق ،پاكىز ۋە تېز ئىكەن)
چۈشۈرۈش ئادىرىسى:http://pan.baidu.com/share/link?shareid=3960619505&uk=1090829550
ياخشى نەرسە مەخپى قالمىسۇن (ما گېپىم مۆمىنجاننىڭ ئېلان سۆزىگە ئوخشىدىمۇ يا) دېگەندەك يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن ئىشقىلىپ شەخسەن مەن رازى بولىدۇم، باھاسى پەقەت 800 يۈەن ئەتىراپىدا بۇنداق سەپلىمىلىك تېلېفون سېتىۋالماق ئوڭاي ئەمەس.
بۇ تېما يارىغان بولسا قولىڭىزغا دەرت ، پۇتىڭىزغا ھەسرەت كەلمىسۇن دېگەندەك ئىنكاسلارنى ئايىمىغايسىلەر
ئۆزىڭلارنى ئاسراپ Lenovo يېراق تۇرۇڭلار android لۇق يانفونلارنىڭ ئالدى samsung بولۇپ قالدى، بۇندىن كېيىن sony باش كۆتۈرىشى مۇمكىن. ماڭىمۇ lenovo A60 نىڭ 2.3.6 نەشىرىنى ئىشلىتىۋاتقىلى 11 ئاي بولدى. بۇ ئىنكاسنىمۇ ئاشۇ تېلېفوندا يېزىۋاتىمەن. باشقا يەرلىرىغۇ ھەر ھالدا بوپ قويىدۇ. لېكىنزە ئىشلەتكىلى بولىدىغان سىغىمى ئاران 109 مېگابايىت. سىغىمى چوڭراق تېلېفون ئالاي دەپ ھېچ ئېلىپ بولالمايۋاتىمەنغۇ شۇ. چاينا مەھسۇلاتلىرى قانداقتى؟ تۆت يادرۇ دەپ قاراپلا ئۇنىڭ زادى قايسى تىپلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلمىساق بولمايدۇ. ئۇيغۇرۋېب بۇنداق دىگەن بولسا دىگىنى بۇيىچە قىلساڭلار خاتالاشمايسىلەر.ھاھاھا
زىلتار قولىڭىزغا دەرت ، پۇتىڭىزغا ھەسرەت كەلمىسۇن.
ياخشى تېلفون ئىكەن. ھازىرقى ئىھتىياجدىن تولۇق چىقالايدۇ. بولۇپمۇ باھاسى بەك مۇۋاپىق ئىكەن.
2- قەۋەتتىكى UyghurWebنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
android لۇق يانفونلارنىڭ ئالدى samsung بولۇپ قالدى، بۇندىن كېيىن sony باش كۆتۈرىشى مۇمكىن.
مەن مۇشۇ سەنشىڭ ياكى سونىي يانفۇندىن بىرنى ئالاي دەپ ئۇيلىغان ، لىكىن زادى تاللىيالمىدىم بۇ جەھەتتىكى بىلىمىم ئاز بولغاچقا ، ماڭا بىر تەۋسىيە قىلمامسىز ئاۋال تېلېفونغا بولغان تەلىپىڭىزنى دەڭ، ئاندىن مەن تەۋسىيە قىلاي ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغان ، سۇرئىتى تىز ، سىغىمى چوڭراق ،شەكىلى كۆركەم، بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ 3G كارتىسنى قولايدىغان بولسا بۇلاتتى مەنمۇ بىر تېلىفون ئالاي دېگەن .يېڭى چىققان قىزىل گۈرۈچنى بەك داڭلاۋاتاتتى.20-چىسلا يەنە تالاشتۇرۇپ ساتامىش!! ماۋۇ تېلېفۇن سونىينىڭ. ئالدىنقى بىر تېمىدا بىر توردىشىمىز تونۇشتۇرغانىدى:
http://item.taobao.com/item.htm?spm=a230r.1.14.160.UwhhkB&id=17895825712
تاۋباۋدىن ماۋۇ سونىي LT25C نى 1540 يۈەن. 13 مىليون مېگا پىكسول سۈرەت تارتىش ئېنىقلىقى ، س پ يۇ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسى قوش يادرولۇق (تور سۈرئىتى ئىنتايىن تېز) ، تېلىفون ئۆزىنىڭ سىغىمى، يەنى روم 8 G ،
رام 1 G , ئېكران چوڭلۇقى 4.3 ، پ د ف ئېلكىتاپلارنى راۋان ئوبدان كۆرىسىز .
بۇ تېلىفوننىڭ ئەڭ نوچى يېرى سۇدىن قەتئى قورقمايدۇ . بىر مېتىرلىق سۇ ئاستىدا يېرىم سائەت سۆزلەشكىلى بولىدۇ . مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلغاندا سىناق قىلىنغان . ھازىر دۇنيادا سېتىلىشى جەھەتتە سامسۇڭ گالاكسى ،3، 4 لەردىن كېيىن ئالما 5 ئەۋلات تۇرىدۇ ، ئۈچىنچى ئورۇندا مۇشۇ سونىي V تېلىفونى تۇرىدۇ . ئەلۋەتتە بۇ تېلىفوننىڭ سۇ ئۈزەلەيدىغان ئىقتىدارى ئاۋۇ ئالما ۋە سامسۇڭدا يوق.
产品名称:Sony/索尼 LT25C品牌: Sony/索尼索尼型号: LT25C手机价格区间: 2001-3000元上市时间
: 2012年12年上市月份: 11月网络类型: 电信3G CDMA/CDMA2000(3G)外观样式: 直板主屏尺寸: 4.3英寸机身颜色: 港版-黑色(只送保护壳)
港版-白色(只送保护壳) 港版-粉红(只送保护壳) 港版-黑色(带大礼包) 港版-白色(带大礼包) 港版-粉红(带大礼包)
欧美版 无中文手机套餐: 官方标配 套餐一 套餐二 套餐三 套餐四 套餐五后置摄像头: 1300万操作系统: Android/安卓高级功能: WIFI上网宝贝成色: 全新售后服务: 店铺三包触摸屏: 电容式触摸屏运行内存RAM: 1G机身内存ROM: 8G键盘类型: 虚拟触屏键盘厚度: 超薄(小于9mm)主屏分辨率: 1280×720像素手机类型: 拍照 3G电池类型: 可拆卸式电池摄像头类型: 双摄像头(前后)视频拍摄: 1080P(全高清D5)网络模式: 单卡双模cpu核心数: 双核双核cpu频率: 1.5G زىلتار ئىنىمىز تەۋسىيە قىلغان تېلېفۇننى مېنىڭ ئالغىم كىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ قوش كارتىلىق بولغانلىقى ۋە روت ھوقۇقىدىكى ئاۋارىچىلىقىنىڭ بولماسلىقى ماڭا ماقۇل كەلدى، ئەمما يەنە تۆۋەندە باشقا تورداشلارنىڭ تەۋسىيەسىنىمۇ ئاڭلاپ باقاي.
تېلېفۇن ئالىدىغانلار HTC-T328D نى ئېلىشتا ئىھتىيات قىلىڭلار، مەن ئىزدىنىشتىكى دوستلارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئۆتكەن يىل 10- ئايدا 2000.00 سومغا ئالغانتىم، باشقا 2 نەپەر دوستۇمغىمۇ تەۋسىيە قىلىپ ئالدۇرغان ئىدىم، ئۇلارنىڭ ئىكرانى خىلى بۇرۇنلا يورۇماس بولۇپ قاپتىكەن، مېنىڭمۇ ھېيتنىڭ 2- كۈنى ئىكرانى يورۇماس بولۇپ قىلىپ، 200 سومغا ئىكران سالدۇردۇم، ھازىر باھاسى 1000 سوملارغا چۈشۈپتۇ، ئەمما مەن قايتا تېلېفۇن ئېلىشقا توغرا كەلسە بۇنى 500 سومغىمۇ ئالماسمەن. مەنمۇ lenovo 798t نى ئىشلىتىۋاتقىلى 10 ئاي بولدى، ئۆزنىڭ سىغىمى 2 گىگابايىت، ئۆزۈم سالغان ساقلىغۇچ كارتا 16 گىگابايىت، ئۇيغۇرچىنى سەتەڭ تونۇيدۇ، تورغا چىقامسىز ياكى ئۆزىڭىز قاچىلىغان كىنولارنى كۆرەمسىز ھەممىسى قولاي، تاق كارتا، نېپىز، ئېكران سۈزۈك، كومپىيوتېرغا تونۇتۇش قولاي، باتارىيىسى كىنو كۆرمىسەملا 3 كۈن يېتىدۇ. قىزىل گۈرۈچنىڭ زاپەر تېلېفوندىن پەرقى يوق، نېمىمۇ قىلارسىلە ئۇنى ئېلىپ.
Samsung نىڭ تەۋسيلىك تېلېفۇنلىرى:
i9300 باھاسى 2500 ئەتراپىدا
s7562 باھاسى 1000 ئەتراپىدا
i939D قوشكارتا (تېلگىراف ۋە كۆچمە/بىرلەشمە) SONY ST25I ماۋۇنى ئىشلىتىۋاتىمەن بىرەر يىل بولاي دېدى،1200 يۈئەنگە ئالغان ھازىر بەزىدە سۈرئىتى سەل ئاستىلاپ قېتىۋالغاندەك قىلغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا رازى بولدۇم. بىداركا مەن دېگەننى ئويلىشىپ باقاملا يا، مەنمۇ ئىككى دوستۇمغا تەۋسىيە قىلىپ ئاۋال ئۇلارغا ئالدۇرۇپ ئاندىن مەن ئالغان {:92:} ئۇلارنىڭ مېنىڭكىدەك ئاستىلىۋالماپتۇ. لېنوۋو ۋە باشقا مۇشۇ دۆلەت ئىچىدىكى ماركىلارنىڭ ئاتالمىش تۆت يادرو دىگىنى دەھشەت ساختا...بۇدا شىياۋمى چىقارغان خۇڭمى تېلفۇنى MTK تۆت يادرولۇق، ھە شىياۋمىنىڭ ئۆزىنىڭ رۇمى ئىشلىتىلگەن باشقا دۆلەت زاپەرلىرىدىن ئارتۇقچىلىققا ئىگە 799 يۈەن، ئەمما مەن تۆنۈگۈن تىزىملىتىپ بولغۇچە سىتىلىپ تۈگەپ بوپتۇ...1000 يۈەن ئاستىدىكى يانفون ئىلىشنى ئويلاشقانلار مۇشۇ يانفوننى ئىلىڭلار...شىياۋمى 2S نى ئىشلىتىپ شۇنداق رازى بولدۇم..بۇلۇپمۇ سىسىتىمىسىدىن...بۇداقى خۇڭمى دىگەن تېلفۇنى سەپلىمىسى ۋە ھەر جەھەتتىن لېنوۋو، خۇاۋىي، كۇپەي،جۇڭشىن زاپەرلىرىدىن كۆپ جەھەتتىن ئۈستىن دەپ قارايمەن... NOKIAتىپلىقلار قانداقراقتۇ