kaplanqak يوللانغان ۋاقتى 2013-8-12 22:22:08

شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمىيىتى لوڭقىسى توغىرىسىدا

8-ئاينىڭ 13-كۈنى 2013-يىللىق شىنجاڭ پۇتبولچىلارجەمىيىتى لوڭقىسى باشلىنىدۇ ، مۇسابىقە تاق ئايلانما شەكلىدە ئوينىلىدۇ .ئاساسى ئۇچۇرلار ئابدۇغىنىنىڭ تىمىسىدا يوللانغان ، ئۇنىشۇ تىمىدىن كۆرىۋىلىڭلار ، بۇ قىتىم مەن ۋاقىت چىقىرالاساملا پۈتۈن مۇسابىقىنى ئەڭ كەسپى ئەڭ تەپسىلى ھالەتتە خەۋەر قىلىمىز ، مىكروبىلوگدا 11ئادەمنىڭ مىكرولوبىگى ۋە ئۆزەمنىڭ شەخسى بىلوگىدا يوللاپ تۇرىمىز . ئۈندىداردا بولسا بىر ئامال قىلساق ،سەۋدايىنىڭ ۋاقتى يىتەمدۇ ئۇقالمىدىم ، ئەگەر ھىلىقىدەك تىمىنى رەسىمگە تارتىپ ، ئۈندىداردا تارقىتالايدىغانلاربولسا ،بىز بىلەن ئالاقىلاشساڭلار ، مۇشۇ ئىشنى ئەتىدىن باشلاپ باشلىۋالساق .



كاتتا يايلاق پۇتبول مۇسابىقە خەۋىرى

http://11adam.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=5335&fromuid=1





مىنىڭ توختىلىدىغىنىم مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرىشى ۋە مۇسابىقە تەھلىلى قاتارلىقلار .







مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇلىشى :



8-ئاينىڭ 13-كۈنى



ئاتۇش بىلەن ھەرەمباغ



كورلا بىلەن ئەزكا



گۇاڭخى بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى





8-ئاينىڭ 14-كۈنى



  كورلا بىلەن ئاتۇش



  گۇاڭخى بىلەن ھەرەمباغ



  مەشرەپ بىلەن ئەزكا





8-ئاينىڭ15-كۈنى



گۇاڭخى بىلەن كورلا



مەشرەپ بىلەن ئاتۇش



شىنجاڭ ئۇىۋىرسىتىتى بىلەن ھەرەمباغ





  8-ئاينىڭ16-كۈنى



   مەشرەپ بىلەن گۇاڭخى



  شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىىتىتى بىلەن كورلا



  ئەزكا بىلەن ئاتۇش





8-ئاينىڭ17-كۈنى



شىنجاڭ ئۇنىۋىرىسىتىتى بىلەن مەشرەپ



ئەزكا بىلەن گۇاڭخى



ھەرەمباغ بىلەن كورلا





8-ئاينىڭ18-كۈنى



ئەزكا بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى



ھەرەمباغ بىلەن مەشرەپ



ئاتۇش بىلەن گۇاڭخى





8-ئاينىڭ19-كۈنى



ھەرەمباغ بىلەن ئەزكا



ئاتۇش بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋىرىسىتتى



كورلابىلەن مەشرەپ







ئەسكەرتىش :

ھەربىر كۈننىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى 12:00،

2-مەيدان مۇسابىقە 14:00،

3-مەيدان مۇسابىقە 16:00دە ئوينىلىدۇ .



  كوماندىلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى تەھلىلى :

گەرچە ئۆزىمىزنىڭ يۈرتىنىڭ مۇسابىقىسى بولسىمۇ ، ياشقا چوڭيىپ قالغاندا ، يىڭىدىن يىتىلىپ چىقىۋاتقان چولپانلىرىمىزنىڭ خەۋرىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ ،بولالمايدىكەنمىز ،شۇڭابۇ تەھلىلنىڭ توغرىلىق نىسبىتى بەلكىم بەك تۆۋەن بولۇپ  قىلىشى مۇمكىن .



بۇ قىتىملىق مۇسابىقىغا يەتتە كوماندا قاتناشقان بولۇپ ، ھازىر مەن تونۇيدىغان چولپانلار ئەڭ جىق بولغان كوماندا ھەرەمباغ كوماندىسى ئىكەن ،شۇڭلاشقا مەن شەخسەن ئۇلارنى بۇ قىتىملىق مۇسابىقىنىڭ ئۇزغۇنلىقنىڭ ئەڭ چوڭ نامزاتى دەپ قارىدىم .

بۇ كوماندىدا بۇرۇن رادىئو -تىلىۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ پۇتبول كوماندىسىدا توپتەپكەن ماھىرلار بىلەن ھازىر جوڭگو كەسپى بىرلەشمىلىرىدە توپ تىپىۋاتقان چولپانلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ ، خۇنەن شىياڭتاۋ ۋە رادئوتىلىۋىزيە ئىدارىسىنىڭ ئالدى ھوجۇمچىسى ئەكرەم ، رادىئو-تىلىۋىزيە ئىدارىسى كوماندىسىنىڭ بىكى ئەھەتجان ، شىنجاڭ كوماندىسىنڭ قاپقىچىسى ئەكرەمجان،گۇجۇ كوماندىسىنىڭ ئالدى ھوجۇمچىلىرىدىن ئىلھامجان بىلەن ئابلەت ،شىنجىن قىزىلياقۇت كوماندىسىنىڭ توپچىلىرىدىن يەھيا بىلەن دىلمۇرات ،خىنەن كوماندىسىنىڭ سول بىكى ،ئابدىۋەلى قاتارلىقلاربار ، سەپ شەكلى رەتلىك .




يەنە بىر ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى شىنجاڭ گۇاڭخى كوماندىسى بۇ كوماندا بارىنى تەكلىپ قىلدى ، بارى بۇ كوماندىنىڭ 7-نومۇرىنىى كىيىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا چىڭدۇداتوپ تەپكەن ئەراپاتمۇ بۇ كوماندىدا ئۇ نىڭدىن باشقا ئالدىنقى قىتىم 5-باشلانغۇچتا  ئوينىغان مۇسابىقىمىزدا  يۈسۈپ ئىمىن ئاكىمىزغىلا پاس چىقىرىپ بەرگەن ،مەن شالۋاقلىرىم ئىقىپ كەتكۈچە 11ئادەم كوماندىسىدىكىلەرگە ماختاپ بەرگەن دىلشاتمۇ مۇشۇ كوماندىدا .



شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى كوماندىسى بولسا ئالدىنقى قىتىم ئالى مەكتەپلەربىرلەشمىسىدە مەغلۇپ بولۇپ كەتكەندىن ، بۇ قىتىم خىلى كۈچىدى ، ئۇلار بۇ قىتىم ئالدىنقى يىلى ب دەرىجىلىك بىرلەشمىگە قاتناشقان شىنقاڭكوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدانى نىزامىدىننى ، ھوجۇمنىڭ چىكىتى دەپ ئاتالغان ئەسقەرنى ۋە جوڭگو دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئاسىيا لوڭقىسىنىڭ ئۇزغۇنلىقىغا ئېرىشكەن تۇرسۇنجان قاتارلىقلاربار .



شىنجاڭ مەشرەپ كوماندسىسىدا بولسا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ كونا كاپىتانى پەرھات ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى شۆھرەت ، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ قىتىم 5-باشلانغۇچنى ۋىيفاڭ لوڭقىىسدا ئۇزغۇن قىلىشقا تۆھپىسىنى قوشقان مەشقاۋۇل ئەلىجان ، 5يىل ئالدىدىكى شىنجاڭ كوماندسىىسدا سۈرئىتى بىلەن داڭىق چىقارغان  قازاق كىراي قاتارلىقلار بار .



ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئىيتشقا تىگىشلىكى قارىماي ئەزكا كوماندىسى ،ئەزكا غۇ بىزنىڭ 11ئادەم كوماندىمىزنىڭ يېرىم ساھىپىخان مەيدانى ، مۇشۇنداق ماختاپ بەرسەكمۇ ياكى باھانى ئەرزان قىلىپ بەرمەيدۇ (چاقچاق ) .مەن راستىمنى ئىيتسام ئۇلارنىڭ تولۇق بىرەر مەيدان مۇسابىقسىىنى كۆرۈپ باقمىغان ،لىكىن ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ كوماندا قارىماي ۋە قەشقەردىكى ياخشى ئوينايدىغان بالىلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ پاسلىشىچانلىقى بەك ياخشىكەن ، بەلكىم بۇ قىتىملىق مۇسابىقىدا ھەممىنى ھەيران قالدۇرىشى مۇمكىن .



ئاتۇش كوماندىسدا بولسا گۇاڭجۇ خىڭدا كوماندىسىدا توپ تىپىۋاتقان شەۋكەت بىلەن ئالىي مەكتەپلەر بىرلەشمىسىدە ھەممىنى ھەيران قالدۇرغان ئالىمجان بار ، بولۇپمۇ ئالىمجاننىڭ توپ ئوينىشىنى بەك ئاڭلاپ كەتتتۇق ،لىكىن كۆرۈپ باقمىدۇق ، بۇ بىر قىتىملىق ياخشى پۇرسەت .



  كورلا كوماندىسى توغىرىسىدا مەندە ئازراقمۇچۈشەنچە يوقكەن ، كەچۈرۈڭلار .


مەنبە :


شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمىيىتى لوڭقىسى توغىرىسىدا

http://11adam.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=5344&fromuid=1

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 08:20:27

مۇسابىقىنىڭ بىرمۇ ئادەم يارىلانماي سىپايە ئاخىرلىشىشىنى ئۈمۇد قىلىمەن، چۇنكى مەن قەشقەر پىداگۇكا ئنىستۇتىدا ئوقۇۋاتقىنىمدا ھەريىلقى مۇسابىقىدا توپا مەيداندا بىر ئىككى ئادەمنىڭ پۇت قولى سۇناتتى.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 08:30:28

ۋاقىت ئۈرۈمچى ۋاقتىمۇ ياكى

danko يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 15:12:48

ئۈرۈمچى ۋاقتىكەن. بىز بايا كورۇپ كەلدۇق. ئاتۇش كوماندىسى ئويلىمىغان يەردىن چولپانلار يىغىلغان ھەرەمباغ كوماندىسىنى 5:2نەتىجە بىلەن ئۇتىۋالدى

tangriqut يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 15:59:32

كورلا بىلەن قارىماي 4:4 تەڭلەشتى. بايا كۆرۈپ كەلدىم،بۇ يىل راۋرۇس قىزىدى جۇمۇ.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 17:23:50

سىن، رەسىملەر يوقمۇ؟

بارغانلار تېلفۇنغا توكنى لىقلاپ بېرىپ بىزمۇ كۆرگۈدەك بىر نەرسە ئالغاچ كېلىڭلار بولسا \"\"

koragan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 17:34:15

شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى كوماندىسى 6:1 نەتىجە بىلەن غۇلجا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىپتۇ، ئاتۇش كوماندىسى بۇ يىل خىلى كۈچلۈك سانالغان ھەرەمباغ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىپتۇ،شۇنىڭغا قارىغاندا بۇ يىل ھەممە كوماندىلار خىلى پۇختا تەييارلىق قىلغان چىراي

قىنى مۇسابىقىنىڭ كىيىنكى ئايلانمىسىدا قانداق نەتىجىلەر چىقىدىكىن....

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 19:34:08

مەنمۇ كۆرۈپ كەلدىم .بۇيىل چولپان بولىدىغان كوماندا

مىنڭىچە يا شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتى يا ئەزكا كوماندىسى

ئەڭ قىززىغان مۇسابىقە كورلا بىلەن ئەزكا مۇسابىقىسى

بولدى. ھاۋا ناھايتى سالقىن سىم سىم يامغۇر.

كورلا كىينكى يىرىم مەيداندا پۇرسەتنى ياخشى تۇتىۋالدى .

ئەزكا كىينكى يىرىم مەيداندا سەل شەخسىيەتچىلىك قىلىپ تاس قالدى

ئۇتتۇرۋەتكىلى . ئاخىردا بىر يىراقتىن ئۇرۇلغان توپ بىلەن تەڭلەشتى .

ئەگەر ئەزكا ياخشى ماسلاشسا شەخسىيەتچىلىك قىلمىسا چاتاق چىقمىغۇدەك.

ئەزكادا قەشقەرنىڭ باللىرىنى تونىۋالدىم مەن . شۇنىڭغا قارغاندا بىر يۇرتنىڭ

ئەمەس قارماي بىلەن قەشقەرنىڭ باللىرىكەن. ئەزكا ناھايتى ياخشى ماسلاشتى

ئەزكانىڭ ۋارتارسى ئېسىل توپ توسۇپ قويدى . بۇرۇنقى ئەمىن نىڭ ۋارتارسى

شۇكەن ناھايىتى خوش بولدۇم ئەمىننىڭ بالىلىرى كوماندىسى تارقىلىپ چۈشكۈنلۈشۈپ

كەتكەن .ۋارتارنڭ ھازىغىچە مەشىقنى تاشلىمىغىندىن ناھايىتى تەسىرلەندىم .

بولسا ھەممە پۇتپۇلچى مۇشۇ ۋارتادىن ئۈگەنسە بولغۇدەك.

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 19:42:52

ئەڭ قىززىمىغان مۇسابىقە غۇلجا بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتنىڭ مۇسابىقىسى بولدى .

6-1 نەتىجە بارى بولسىمۇ غۇلجا 6 توپ يەپ قويدى بىكلىرى ئوتتىرا مەيدان قەتئىي ياخشى ئەمەسكەن

ش ئۇ نىڭ باللىرىنىڭ سۈرئىتى بەك تىز بولغاچ غۇلقا بىكلىرى مۇداپىيە قىپ بولالماي جىق ئستىمال قىپ كەتتى

مۇسابىقە غۇلجا بىلەن ش ئۇ نىڭ باللىردىن باشقا مۇسابىقە ناھايىتى دوستانە ئىلىپ بىرىلدى شۇنىڭغا قارغاندا

ئۇيغۇرلار يەنىلام ئىتتىپاقكەن

Lost0118 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 20:08:34

ئالدىدىكى ئىككى مەيدان مۇسابىقە قىززىپ قويدى. قاراماي بىلەن كورلىنىڭ مۇسابىقىسى ئۇلارنىڭ سەۋىيەسى تەڭ دېگۈدەك بولغانلىقتىن قىززىدى. ھەرەمباغ كوماندىسىغا ئىچكىرىدە توپ ئويناۋاتقان ئازراق بولسىمۇ داڭقى بار ئۇيغۇر بالىلار كۆپ يىغىلغان، دەسلەپتە ئىككى توپ ئۇرغان، كەينىدىن بىر مۇنچە پۇرسەتلەرنى كەتكۈزىۋەتتى. ئويلىمىغان يەردىن ئاتۇشنىڭ بەش توپ قايتۇرىۋەتتى. بۇنىڭدا ھەرەمباغنىڭ بوشاپ بەل قويىۋەتكەنلىكى ئاساسلىق سەۋەب. ئۇلار ئۆز ئارا شەخسىيەتچىلىكنى قويۇپ ئازراق ماسلىشىۋالسىلا يەنىلا ئۇلارنىڭ چېمپىيون بولۇش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك



بۇلاردىن قالسا شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى كوماندىسىمۇ خېلى كۈچلۈككەن. بۈگۈن مۇسابىقىسى بولمىغان مەشرەپ كوماندىسىغىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدۇ.



ئۈرۈمچىنىڭ يۇقارقى ئۈچ كوماندىسى بولمىسا ئاتۇش بوپ قېلىشى مۇمكىن. باشقىلىرىدا ئۈمىد يوق دېيەرلىك

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 20:44:07

لوست0118 ئۈرۈمچنىڭ ئۈچ كوماندىسى بولمىسىمۇ ئاتۇش چىمپىيۇن بولالمايدۇ

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 20:48:02

ھەرەمباغ ،شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتى،مەشرەپ مۇشۇ ئۈچ كوماندا

ئەڭ قاتىلى

مەنچە مۇشۇنداق بولىشى مۇمكىن

تەرتىپ

1- ھەرەمباغ

2-مەشرەپ

3-شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتى

4-ئەزكا

مۇشۇ تۆت كوماندا تۆت كۈچلۈكنىڭ ئىچىدە

ھەم تۆت كۈچلۈكنى ئوينىيالايدۇ

tangriqut يوللانغان ۋاقتى 2013-8-14 08:25:53

كورلا كوماندىسى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بىرەي. كورلا كوماندىسى ئاساسەن، كورلىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كەسپىي پۇتبولچىدىن ياكى سىرتتىن تەكلىپ قىلىنغان بىرمۇ توپچى يوق.كوماندا مەشقاۋۇلى ئالىم مۇئەللىم. كورلا ئالتۇن بۇلاق رېستۇرانىنىڭ خوجايىنى تۇرغۇن بۇلارنىڭ پۈتۈن چىقىمىغا ئىگە بولۇپ كىلىۋاتىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە شەھەر باشلىغى بەلگىلىك پۇل ئاجرىتىپ بەردى.قالغان چىقىمنى يەنىلا تۇرغۇن ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

tangriqut يوللانغان ۋاقتى 2013-8-14 08:55:59

ئىچكىرىدە توپ تىپىۋاتقان باللىرىمىزنىڭ ئىپادىسى خېلى ياخشى بولدى. ئالدىنقى بىر تىمىدا بارى توغرىلىق توختالغانتىم. تۈنۈگۈنكى مۇسابىقىدە بارى كەسپى پۇتبولچىغا خاس سالاپەت بىلەن ئوينىدى.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2013-8-14 15:32:25

ھەي قېرىداشلار ئادەمنىڭ كۆڭلىنى 0.5 قىلماي مۇسابىقىنىڭ سۆرەتلىرى ،سىن لىرى بۇلامدۇ ئەۋەتىڭلا ،،،،،،ئەمدى بىزلەر بارالمىغاندىكىن \"\" \"\"

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-8-14 15:45:48

توۋا، شۇ يەرگىمۇ بارماپتىمەن دېسە،ئەتە بېرىپ كېلەييا...

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-14 15:49:49

مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىگە باراتتىم. ئۇنىڭغىچە مۇسابىقە تۈگەپ كېتەرمۇ دوستلار؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-8-14 15:53:45

20-چىسلاغىچە كىلىڭلار ئەمىسە ....

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-17 21:59:25

بۇ خەۋەرنى ھازىر مىسرانىمدا كۆردۈم. راستمۇ؟



ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم  ئەزىز پوتپول  سويەر   قىرىنداشلار  بۇگۇنكى كۇنۇڭلا
  خەيرىلىك   بولسۇن   . پۇتبولنىڭ  كۈندىن- كۈنگە تەرەققىي قىلىشى بىلەن
پۈتۈن  دۇنيا ئىچىدە  شۇنداقلا  دۆلىتىمىزنىڭ ئىچى  ۋە
شىنجاڭنىڭ  ھەر  قايسى  ئۆلكە  ، ۋىلايەت ، ناھىيە
-يىزىلىرىدا  بولسۇن  پۇتبول روھى  جانلىنىپ  كېلىۋاتىدۇ ۋە شۇنداقلا
مۇشۇ  يىقىندا  ئاپتونوم  رايونىمىزدا  يۈسۈپ  ئىمىن  ھاجىم
ئاكىمىزنىڭ  تۆھپىسى  بىلەن  ياخشى  بولغان  مۇسابىقە  ئورۇنلاشتۇرۇلدى،
مانا  بۇنى  پۇتبول  روھى دىيىشكە بولىدۇ  ،   ئېلى  ۋىلايىتىدىمۇ  
2013-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى شەنبە   چوڭ  تىپتىكى
تەكلىپلىك  دوستلۇق  لوڭقىسىنى  تالىشىش  پۇتبول  مۇسابىقىسى  بايتوقاي  يىزا
مەيدانىدا  باشلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ ، دەپ  تىما  يولىغان
ئىدىم  لىكىن  بۇ  مۇسابىقە  
يۇقۇرنىڭ  بۇيرىقى  سەۋەپلىك  كىچىكتۇرۇلدى  ، مۇشۇ  سەۋەپلىق  سىلەرگە
ئاۋارچىلىق  ئىلىپ  كەلگەن بولساق  ئەپۇ  قىلغايسىلەر  ،  دەپ  بايتوقاي
كوماندىسى بالىرى  ،  ۋە  مەن  مىك مىڭ  كەچۇرۇم  سىلەرگە  مىنىڭمۇ
بەك  ئاچىقىم كەلدى  ئامال  يوق  ئىشلارغا  ئامال  يوقكەن  ، بۇ مۇسابىقىنى
ئورۇنلاشتۇرغاندا  ئۇقتۇرۇش قىلىمىز  



        2013يىلى 8ئاينىڭ17كۇنى  شەنبە  يازغۇچى  تىتانىك

بەت: [1]
: شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمىيىتى لوڭقىسى توغىرىسىدا