muhammadsiddiq يوللانغان ۋاقتى 2013-8-12 05:19:43

بايلار نىمە ئۈچۈن بىزگە پاي قوشمايدۇ؟

بايلار نىمە ئۈچۈن بىزگە پاي قوشمايدۇ؟

ئانا تىل شىركىتىمىزگە ئىككىنچى قېتىملىق پاي قوشۇش ئېلانى چىقارغىلى ئىككى-ئۈچ ھەپتىدىن ئېشىپتۇ. ھازىرغىچە تېلېفۇن قىلغان كىشى ئون نەچچىدىن ئاشمىدى. ئەمەلىي قوبۇل قىلغان مەبلەغ 300 مىڭ يۈەن بولدى. قالغانلىرى ئويلىشىدىغان بولغان. مەن سۈيلىمىدىم، ئۇلارمۇ قايتا تېلېفۇن قىلمىدى. ئارىدا بىرەيلەن بىر مىليۇن ئالتە يۈز مىڭ يۈەننى پۈتۈنلەي ئۆزى يالغۇز چىقىرىشنى خالايدىغانلىقىنى، ھەتتا ئىلگىرىكى بىز سېتىۋېلىشنى ئۈمىد قىلغان يەسلىنىمۇ ئېلىپ بىزگە مەبلەغ قوشۇدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئەمما، ھازىر جىمجىت. مەن تېلېفۇن قىلىپ سورىسام، بەزى ھالقىلاردا قايتىدىن ئويلىشىۋاتقانلىقىنى، ئويلىشىپ بولغاندىن كېيىن مېنى ئىزدەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇغۇ ھېچ ئىش ئەمەس. لېكىن، كىشىنىڭ كۆڭلى قالغاندەك بوپمۇ قالىدىكەن بەزىدە. ئەسلى پاي قوشۇش ئۇنداق ئاددىي ئىش ئەمەس، ئۈندىدار ۋە توردا ئېلان قىلىش ئارقىلىقلا ئىككى مىليۇن دىگەن پۇلنى تىزلىكتە يىغىۋالغىلى. پۇل دىگەن يامان تەس يەردن چىقىدۇ دېيىشىدۇ. لېكىن ئانا تىل شىركىتىدەك توختىماي ئىشلارنى «داۋراڭ قىلىش» ئارقىلىق ھەممىگە تونۇلغان، ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ مائارىپ ۋە جەمئىيەتتىكى ئىشلىتىلىشى ۋە ئېتىراپ قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت نىشان قىلىپ ئانا تىل دەۋاسىنى توختىماي كۆپچىلىكنىڭ دىققەت مەركىزىگە سۇنۇۋاتقان بىر «داڭدار شىركەت» ئۈچۈن، ئىككى مىليۇن پۇلنى يىغالمىدۇق دېسىمۇ سەت تۇرىدىغاندەك.

مەن بۇ توغرىسىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى تەھلىل قىلىپ، كاللام ئېچىلغاندەك بولغانتىم. شۇ ئويلىرىم، تەھلىللىرىمنى كۆپچىلىككە سۇنۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. بايلاردىن ئاغرىنىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭلار. ئوي-پىكىرلەر، تەھلىللەرنىڭ ھەممىمىزگە ئازدۇر-كۆپتۇر بولسىمۇ پايدىسى بوپ قېلىشى مۈمكىن. خاتالىق بولسا تۈزىتەرسىلەر.

بايلار نېمىشقا ئانا تىل شىركىتىگە پاي قوشمايدۇ؟

تۆۋەندىكىلىرى مەن ئويلاشقان ھەر خىل ئېھتىماللىقلار.

1.         يانفۇنى يوق، ياكى ئۈندىدارغا چىقىشنى بىلمەيدۇ. بۇ خىل ئېھتىماللىقنى بەك تۆۋەنمىكى دەيمەن. چۈنكى بىزلەردىن تارتىپ يانفۇنلىرىمىز ئالمىلىشىپ كەتكەن بۇ زاماندا، ئۇلارنىڭ 99% تى دىگۈدەك ئالما ياكى باشقا داڭلىق ماركىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن ئىشلىتىدۇ دەپ قارايمەن. ئەلۋەتتە بەزىلىرى ئەقلىي يانفۇن ئىشلەتمەسلىكى، ئىشلەتكەندىمۇ توردا چىقماسلىقى، تورغا چىقسىمۇ ئۈندىدارغا چىقماسلىقى تۈپەيلى بىزنىڭ ئوچۇق خېتىمىزنى كۆرمىگەن بولۇشى ئېھتىمال.

2.         ئانا تىل شىركىتىنىڭ قىلىۋاتقان، قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى توغرا تاپمايدۇ. قوش تىل دەۋرىدە ئانا تىل دەپ مەكتەپ قۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتىدىن، ھېچبولمىغاندا كەلگۈسىدىكى مۇۋەپپىقىيىتىدىن گۇمانلىنىدۇ. بۇ مەلۇم دەرىجىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە قارىتىلغان گۇمان بولۇشى مۈمكىن. ھۆكۈمەت بۇنىڭغا يول قويامدۇ؟ ئاغزىدا ماقۇل دىگىنى بىلەن ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ ئېچىلىشىنى خالىمايدۇ. شۇڭلاشقا، مەكتەپ قۇرۇلدى دىگەندىمۇ، باھانە سەۋەبلەرنى تېپىپ تاقىۋېتىشى مۈمكىن دەپ قارىشى مۈمكىن. بەزىلەردىن ئاڭلىشىمچە، ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەسلىك بايلارنىڭ سانائەتلىشىش، زاۋۇتلىشىشغا مەبلەغ سالماسلىقىدىكى ئاساسلىق ئامىلنىڭ بىرى ئىكەن. مەكتەپكە سېلىنغان مەبلەغنىمۇ ئاشۇنداق ھاۋاغا ئۇچۇپ كېتىدۇ دەپ ئەنسىرەيدىغان ئوخشايدۇ. بۇ خىل ئېھتىماللىقنى دەسلەپتە بەك تۆۋەن مۆلچەرلىگەن، كېيىنچە  20% تىن يۇقىرى دەپ مۆلچەرلىدىم.

3.         ئانا تىل شىركىتىنىڭ ئىقتىدارى، سەمىمىيىتىدىن گۇمانلىنىدۇ. ئانا تىل تېمىلىرىدا ئانا تىل شىركىتىنى سەمىمىيەتسىز، قۇرۇق داۋراڭ قىلىدىغان ئەمەلىي ئىشىنىڭ تايىنى يوق، مەشھۇر بولماقچى، خەلقنىڭ ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ بېيىماقچى دەيدىغان ئەيپلەشلەر يوق ئەمەس. ئون ئايدىن بېرى بىر يەسلى ئېچىپ بولالمايۋاتقاچقا، ئىقتىدارسىز دەپ قارىلىشىمۇ تامامەن مۈمكىن. سەمىمىيىتىمىزدىن گۇمان قىلغۇچىلارغا داۋاملىق سەمىمىيەت كۆرسىتىمىز، ئىقتىدارىمىزدىن گۇمان قىلغۇچىلارغا قارىتا، ئىشىمىزنى تىرىشىپ ياخشى قىلىپ، ئىقتىدارىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ياخشى نەتىجىلەرنى سۇنۇش ئارقىلىق جاۋاب قىلىمىز دەپ قارايمەن.

4.         مەبلەغ سالىدىغان، پايدا تاپىدىغان تۈرلىرى كۆپ. يەسلىگە سالغان مەبلەغنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى نىسبەتەن تۆۋەن. نوقۇل ئىقتىسادىي ئۈنۈمى جەھەتتىن ئويلىغاندا، پۇلنى كۆپ تېپىپ كۆنۈپ قالغانلارغا نىسبەتەن قىزىققۇچىلىكى يوق. مەن مۇشۇنداق ئويلايدىغانلارنى ئەڭ كۆپمىكى دەيمەن. ئۇلارنىڭ سودىلىرىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى، بايلىقىنىڭ داۋاملىق كۆپىيىشىنى، مىليادىرلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىنى تىلەيمەن.چۈنكى مال مۈلكى كۆپەيسە، ئەگەر اللەنى ئۇنۇتمىغان بولسىلا، زاكىتى بىلەن بولسىمۇ ئەلگە پايدا يەتكۈزىدۇ. ھەم ئۇلارنىڭ ئاشۇ پۇللارنى تېپىپ ئەلگە نەپ يەتكۈزگىچە ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن تېنىنىڭ ساغلام بولۇشىنى تىلەيمەن.

5.         ئانا تىل شىركىتى سەزگۈر شىركەت، خەتەردىن يىراق بولۇشۇم كېرەك. ساقچىلار، بىخەتەرلىك ئىدارىسىدىكىلەر ئانا تىل شىركىتىدىكىلەرنى 24 سائەت تولۇق نازارەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارغا تېلېفۇن ئۇرۇپ، ئۇلارغا مەبلەغ سالىمەن دەپ ئۆزۈمگە ئىش تاپماي. ئۆيۈمدە ئولتۇرۇپ ئۇلارغا خالىس دۇئا قىلىپ قويارمەن. اللە بەرمىسە مېنىڭ بەرگىنىممۇ بىكار.  مۇشۇنداقراق قاراشتىكىلەرمۇ مېنىڭچە زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇلارغا دەيدىغان سۆزۈم: بىزمۇ خاپىلىق، دىشۋارچىلىقلارنىڭ بېشىمىزغا كېلىشىنى خالىمايمىز. بىز ئەقەللىي، يوللۇق تىرىشچانلىقىمىزنى قانۇن دائىرىسى ئىچىدە كۆرسىتىۋاتىمىز. ياخشىلىق-يامانلىقلار اللەنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىگە چۇڭقۇر ئىشىنىمىز. شۇڭلاشقا، ئېھتىيات قىلغان ھالدا باشقىلار سەزگۈر قارىۋالغان ئىشقا دادىل قەدەم قويۇۋاتىمىز. بىز سەزگۈر شىركەت ئەمەس، سەزگۈرلۈك كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا، ئوي-پىكرىدە. مېنىڭ ئويلايدىغىنىم: خەيرلىك دەپ قارىغان ئىشلارغا قارىتا، قولىدىن كېلىدىغان ياردىمىنى قىلماي تۇرۇپ ياخشى دۇئا قىلىپ قويۇشلا بىلەن، بىر كىشى ۋىجدانىي بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىپ كىتەلەرمۇ؟

6.         كونتىرول  ھوقوقى بولماسلىقتىن ئەنسىرەش. ئۆزى مەبلەغ سالغان ئىشتا ئۆزىنىڭ دىگىنى ھېساب بولۇشىنى ئۈمىد قىلىش نورمال بىر ئىش. بىزگە مەبلەغ سېلىنسا، پايچىكلار يىغىنىدا قارار ماقۇللاش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى شىركەتكە تەسىر قىلدۇرغىلى بولىدۇ. ئەمما، بۇنىڭغا بىر جەريان كېرەك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، شىركەت مۇدىرىيىتى شەكىللىنىپ بولدى. ئۇنىڭدىكى ئەزالار ئۆزگەرمىگەن ئەھۋالدا، مۇدىرىيەت پايچىكلاردىن مۇستەسنا ھالدا قارار چىقىرىپ ئىجرا قىلىپ ماڭىدىغان ئىشلاردا يەنىلا پايچىكلارنىڭ خۇسۇسىي كۆز قارىشى يىتەرلىك ئېتىبارغا ئېلىنماي قېلىشى مۈمكىن. مەن بىلەن پاي قوشۇش ئىشى توغرىلىق سۆزلەشكەن بەزى پۇلدارلار  بىزنىڭ ئىش قىلىش ئۇسۇلىمىزنى توغرا تاپمايدىغانراق گەپلەرنى قىلغانتى. كۆز قاراشلار ئوخشاش بولمىسا، ھەمكارلىشىش، شىرىكلىشىش بىر قەدەر قىيىن توختايدۇ. ئەمما، بىز قانداق ھەمكارلىشىشنى ئۈگىنىۋېلىشىمىز، ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك. يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقمايدۇ. شۇنداقكەن، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ تۇرۇپ، چوڭراق، نەتىجىلىكرەك ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقارغىنىمىز تۈزۈك. ھەمكارلىشىش روھى بىز مىللەتتە ئانچە يىتەرلىك ئەمەستەك ئويلايمەن. شۇڭىمۇ، ئامال بار كۆپرەك ساھە، كۆپرەك كىشىلەر بىلەن ھەمكارلاشساق دىگۈم كېلىدۇ.

          ھەمكارلىشىش ئىشى تىلغا ئېلىنىپ قالدى. ھەمكارلىشىشتا كۆز قاراشنىڭ چوقۇم ئوخشاش بولۇشى شەرت قىلىنىشى كېرەكمۇ يوق دىگەن مەسىلىنى كۆپچىلىكنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. مېنىڭ قارىشىمدا، كىشىلەرنىڭ بىر مەسىلىدىكى كۆز قارىشىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى نورمال ۋە ئەقەللىي ئىش، ئوپمۇ ئوخشاش كۆز قاراشتا بولۇشى تاساددىبىي بىر ئىش. شۇڭا، كۆز قاراش ئوخشاش بولۇش بولماسلىقنى ھەمكارلىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىۋېلىش مۇۋاپىق ئەمەس. ئارىلىقتا ئىزدىنىش تورىدا شىركەت مۇدىرىيىتىدىكىلەرنىڭ پىكرى بىردەك ئەمەسمۇ قانداق دىگەن گۇمانلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز ئۈچەيلەننىڭ پىكىر قىلىش ئۇسلۇبىدا ئەلۋەتتە پەرقلەر بار. ئەمما بىز ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش، ئامال بار ئورتاق نۇقتىنى تېپىپ چىقىپ، شۇ نۇقتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئىشلارنى يۈرۈشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىۋاتىمىز. شۇڭلاشقا، بىزنىڭ مەلۇم ئىشتىكى كۆز قارىشىمىزنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى شىركەتكە نىسبەتەن تېخىمۇ مۇۋاپىقراق تەدبىر بەلگىلىشىمىز ئۈچۈن پايدىلىق.

يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن باشقا ئېھتىماللىقلارمۇ بولۇشى مۈمكىن. مەسىلەن: نەق مەبلىغى ۋاقتىنچە كەم بولۇش، چوڭلىرى قوشۇلماسلىق، شىرىكچىلىكتىكى مەبلەغنى يۆتكىيەلمەسلىك دىگەندەك. مەن پاي قوشماسلىق سەۋەبلىرىنى ئامال بار ئەتراپلىق تەھلىل قىلىشقا، ئاشۇ ئېھتىماللىقلارغا قارىتا بەزىبىر چۈشەندۈرۈشلەرنى بېرىشكە تىرىشتىم. بۇ يازمامنىڭ كۆپچىلىككە ئازدۇر كۆپتۇر مەنپەئەت قىلىشىنى، بولسا پۇلدارلىرىمىزنىڭ بەزى ئىككىلىنىش، دەرگۇمانلاردىن يېشىلىپ، بىزگە پاي قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

   ئانا تىل شىركىتى باشقا شىركەتلەرگە ئوخشاشلا پايدا تېپىشنى ئاساس قىلىشى كېرەك. شىركەتنىڭ ئاساسىي تىجارەت يۆنىلىشى ئانا تىل مەكتەپلىرىنى ئېچىش بولغاچقا، بەزى تەرەپلەردە مەلۇم خاسلىقلارغا ئىگە. پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئەقىدىلىك، غايىلىك، ئەخلاقلىق ۋە ياراملىق بولۇشىغا ھەسسە قوشۇپ، ئەلنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش بىزنىڭ تۈپ نىشانىمىز. بىز دائىم ئىشلارنى تور يۈزىدە ئاشكارىلاپ، جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسلىرى، جۈملىدىن تورداشلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىگە دىققەت ئېتىبارىمىزنى بېرىپ كەلدۇق. قۇرۇلغىلى ئەمدىلا ئالتە ئاي ئەتراپىدا بولغاچقا، بىزدە يېتىشسىزلىكلەر، كەمتۈكلۈكلەر تولا. ئەمما ئىشىنىمەنكى، بىزدىكى سەمىمىيلىك ۋە قىزغىنلىق ھازىرقىدەك تولۇپ تۇرسىلا، بۇ تەرەپلىرىمىزنى تۈزىتىپ، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ھالدا ئىگىلىك باشقۇرۇپ، ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈم قازىنىپ، پايچىكلىرىمىزنى ئوبدان پايدا بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز. مەبلەغ سېلىشتا ئىككىلىنىپ توختاپ قالغانلار كېيىنچە پۇشايمان قىپ قالىدۇ.

ئاخىرىدا بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا اللەدىن سالامەتلىك تىلەيمەن.

kabanna يوللانغان ۋاقتى 2013-8-12 08:47:55

Mozilla Firefox تا خەت نورمال كۆرۈنمىدى

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

lawa0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-12 12:51:30

بايلىرىمىزنىڭ ھازىرقى سالماقلىقى، ئۇلارنىڭ كىيىنكى پۇشايمىنى بولۇپ قالمىسىلا مەيلىتى....

karakqi520 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-12 15:12:08

بايلارنىڭ ئانا تىل شىركىتىگە پاي قۇشۇش مەجبۇرىيىتى بارمۇ؟ ياكى تۈزلا ئېيىتساق بايلار چۇقۇم ئانا تىل شىركىتىگە پاي قوشۇشى كېرەكمۇ؟

nur يوللانغان ۋاقتى 2013-8-12 16:14:22

ئون نەچچە يىل ئىلگىرى مۇئەللىمم ماڭا ئۇيغۇرنى مۇشۇ كۈنگە قويغان بايلىرىمىز بىلەن موللىلىرىمىز داۋاتقاندەك قىلغان.

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-8-12 16:23:02

بايلار نىمە ئۈچۈن پاي قوشمايدۇ؟

سەۋەپلىرىنى تولۇق تەھلىل قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ بوپسىز، ئەمدى مۇشۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك سەۋەپلەرگە كۆرە قانداق پىلان، تەدبىرلەر بار؟ ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسىڭىز ئاڭلاپ باققان بولساق.

ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى بايلارنىڭ ئاز دىگەندىمۇ %90 ئادەم چوڭ شەھەرلەرگە ئولتۇراقلىشىغلىق. ئۈرۈمچىدە ئەڭ كۆپ، ئۇنۇڭدىن قالسا قەشقەر ۋە خوتەن ئىككى شەھەردە. ئانا تىل يەسلىسى تېمىسى غولغولا قوزغاپ ھازىر بىر يىل بولاي دەپ قالدى. مېنىڭچە كۆپ قىسىم بايلارنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرى بار. ئەمدى سىلەر يازغان ئوچۇق خەتكە كەلسەك، تور ۋە ئۈندىداردىلا ئىلان قىلغان بولساڭلار، بۇنى بىلىدىغان بايلارنىڭ سانى كۆپ بولىشى ناتايىن.

مېنىڭ شەخسەن كۆز قارىشىم:

1. ئۇچۇرنى بايلارغا يەتكۈزۈش:

ئادەم تەشكىللەپ باي ئاتالغانلار بىلەن ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە بېۋاستە ئۇچۇرۇشۇپ بىلدۈرسەڭلەر ئاندىن ئۈنۈمى بولىشى مۇمكىن. بۇ توردا ئوچۇق خەت يېزىپ مۇراجەت قىلغاندىن كۆپ ئەۋزەل. موھىم مەسىلە ئۇيغۇردىكى بايلارنىڭ تەپسىلى تىزىملىكى قولۇڭلاردا بولىشى كېرەك. پىدائىلار ھاياجان بىلەن توردىلا قوللىماي ئەمەلى ئىشمۇ قىلىپ بېقىڭلار، ھېچ بولمىسا ئۆزەڭلار تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى باي ئاتالغانلارنىڭ ئىسىملىكىنى تەمىنلىسەڭلەرمۇ بولىدۇ.

ئىشىنىمەنكى، لاۋا0998 بۇرادىرىمىز يېڭىسارلىق ھاشىم باي بىلەن دىدارلىشىپ، مۇلاقەتتە بولسا جەزمەنكى تومۇزدىكى قوياشتەك ھارارىتى بىلەن قەھرىتاندىكى مۇزدەك قەلىبلەرنىمۇ ئىرىتىپ ئون تۈمەن ئەمەس ھەتتاكى يۈز تۈمەن ئاقچىنىمۇ مەبلەغ سالغۇزالىشى مۇمكىن.

لاۋاغا دىيىلگەن گەپ تەنە ئەمەس، لاۋانىڭ ئۇسلۇبى بىلەن يېزىپ قويدۇم، ئۆزەم يېڭىسارلىق بولغاچقا يېڭىساردىكى دەمال مەبلەغ سېلىشقا ئىمكانىيتى بار كىشىلەر ھەققىدە ئۇچۇر بېرەي، قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى ھاشىم ئەپەندى، ئۈمىد دوختۇرخانىسى قۇرغان، بەزى كېسەللەرنى ئەھۋالىغا قاراپ ھەقسىز داۋالاۋاتقان، بارلىق كېسەللەرنى ھەقسىز تاماق بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان تۇرغۇن ئەپەندى(ئىسىمىنى ئېسىمگە ئالالماي قالدىم، شۇنداقراققۇ دەيمەن)، يېڭىساردا داۋاملىق خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇنلىنىۋاتقان دارۋاز ئادىل ھوشۇر ئەپەندى قاتارلىقلار .

2. بايلارنى قايىل قىلىش:

تېمىدا بايان قىلغاندەك، بۇ ئىشتىن خەۋىرى بار، ئەمما ئىككىلىنىۋاتقانلارنى قانداق قايىل قىلىش مەسىلىسى، دائىرلەرگە گۇمان بىلەن مۇئامىلە قىلۋاتقانلارنى قانداق قايىل قىلىمىز؟ ھازىرغىچە نۇرغۇن ئاچچىق-سوغۇقنى باشتىن كەچۈرگەن ئادەملەر ئەلۋەتتە بۇ مەسىلىنى ئويلايدۇ. قانۇن بىلەن ئەمەس، سىياسەت بىلەن ئىدارە قىلىنىۋاتقان دىيارىمىزدا، بىرلا بۇيرۇق بىلەن ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ، شىركىتىنىڭ تاقىلىپ قالمايدىغانلىقىغا، سالغان مەبلەغنىڭ قۇدۇققا چۈشۈپ كەتمەيدىغانلىقىغا قانداق كاپالەت بېرىسىلەر؟

ئانا تىل مەسىلىسى بىز ئىتراپ قىلايلى ياكى قىلمايلى، نۆۋەتتىكى شارائىتتا يەنىلا سەزگۈر تېما، ھۆكۈمەت دائىرلىرى قوللىمىغان تەقدىردىمۇ، ھېچ بولمىغاندا روخسەت قىلغان بولۇشى كېرەك. مۇشۇ مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار بىلەن مەبلەغ سالماقچى بولغانلارنى خەۋەردار ھەم قايىل قىلىش زۆرۈر.

سودىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان پايغا قاراپ پايدا ئايرىش دىگەندەك مەسىلىلەرنى توردا ئېلان قىلىشنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك، چۈنكى بۇ شىركەتنىڭ سودا مەخپىيەتلىكى دائىرسىگە تەۋە ئىشلار بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزەممۇ تولۇق بىلمىگەچكە تەھلىل قىلماي قوياي.

ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

lawa0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-12 17:23:16

ئىشىنىمەنكى، لاۋا0998 بۇرادىرىمىز يېڭىسارلىق ھاشىم باي بىلەن دىدارلىشىپ، مۇلاقەتتە بولسا جەزمەنكى تومۇزدىكى قوياشتەك ھارارىتى بىلەن قەھرىتاندىكى مۇزدەك قەلىبلەرنىمۇ ئىرىتىپ ئون تۈمەن ئەمەس ھەتتاكى يۈز تۈمەن ئاقچىنىمۇ مەبلەغ سالغۇزالىشى مۇمكىن.

.....................

ئەجەبا مەندە ئارىسلان مەمەت-دىگەندەك ئىقتىدار بار-دىيىلسە مېنىڭ ، مەزكۈرنىڭ كۆڭلىدىكى گۈمانى تۇمانلارنى نىمە ئۈچۈن ھازىرغىچە تارقىتىۋېتەلمەسلىگىمنىڭ ئۆزى ئەجەپلىنەرلىك ئىش بولغان بولىدۇ.

ئۈمۈد دوختۇرخانىسىنىڭ خوجايىنى تۇرغۇن ئوبۇلقاسىم ئەپەندىگە كەلسەك، ئۇ مېنىڭ كەسىپدىشىم. گەرچە ئۇ خوجايىن مەن ئادەتتىكى كەسىپدىشى بولساممۇ ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى خېلىلا يېقىن.

بىراق مەن باشقىلارنى قايىل قىلىشتىن كۆپرەك ئۆزەمنىڭ پاي سوممىسىنى يۇقۇرلىتىشقا كۈچىيەلىسەمكىن دەيمەن.

چۈنكى ئادەم ئۆزى خالاپ قارار ئالغان ئىشنىڭ مۇۋاپىقيىتى ۋە مەغلۇبىيىتى ئۆزىگە نىسبەتەن ئوخشاشلا سۆيۈملۈك مۇكەممەل نەتىجە ھىساپلىنىشى مۇمكىن......

ئارىسلان مەمەت قېرىنىدىشىمىزنىڭ ماڭا يۇرۇتداشلىقنى يەتكۈزۈپ كۆرسەتمە بەرگەنلىكىگە، پىكىر تەكلىپلىرىنى ئايىمىغانلىقىغا ۋە مېنىڭ <<ئۇسلۇب>>ئۇمنى نەزەرگە ئالغىنىغا رەھمەت!!

nuzgum يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 09:31:58

بايلارنى تىللاش، مۇللىلارنى تىللاش مەدىنىيەت ئىنقىلاۋى مەزگىلىدە ئوتتۇرغا چىقىپ، شۇ ۋاقلاردا ئەڭ يۇقىرى پەلللىگە چىقىپتىكەن..بۇ كۈندىمۇ بايلارنى تىللايدىغانلار باركەن دىسە...مەن بىلىدىنغان بايلار ھەر رامىزاندا زاكات ئايرىيدۇ. مەن بىلىدىغان موللىلار ھەر جۈمەدە خۇتبىدا ئەمىر مەرۈپ قىلىدۇ.

مەيلى باي بولسا مەيلى گاداي بولسۇن ئەجىر قىلىپ تاپقان پۇلىنى قانداق خەجلەش شۇ ئەدەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئىختىيارلىقى..لاۋا قاتارلىق بۇرادەرلەر كوچىغا چىقىپ 200 كويغا ئىشتان ئالسىمۇ بولمىغاندا 5 دۇكاننى ئارىلايدۇ...بايلارمۇ پۇلنى بىر يەردىن ئۇسىۋالمىغان، ئۇلارمۇ تاپقان پۇللىرىنى ئاقماس كەسىپلەرگە مەبلەغ سىلىپ ھورغا ئايلاندۇرۋىتىشنى خالىمايدۇ ئەلۋەتتە...ئۆزەڭلەر ھىچقانداق ئىقتىسادى قىممەت يارىتالماي، ياراتقانلارنى ئۇنداق بۇنداق دىيىش ھەققىڭلار يوق....نوچى بولساڭلا سىلەرمۇ پۇل تىپىپ بىقىڭلا قېنى؟ ئاناتىل شىركىتىدىكىلەر نوچى بولساڭلا ئەرقال كاپىتالىغا بېرىپ شۇلارنى قايىل قىپ بىقىڭلا؟ نوچى بولساڭلا شاڭخەيگە بېرىپ خەۋىپ مەبلەغ سالغۇچى بايلارنى قايىل قىپ بىقىڭلا؟ نۇرغۇن بايلار مەبلەغ سالىدىغان يەر تاپالماي يۈرىيدۇ. گەپ خەق مەبلەغ سالمايدۇ ئەمەس..سىلەرنىڭ تىجارىتىڭلا ئاقامدۇ ئاقمامدۇ بىر مەسىلە....ئاراڭلاردا قۇرۇق گەپ قىلىدىغان كۆتەمىچى، گۇپپاڭچىلار جىق بولغىنى بىلەن ئۇتۇق قازانغان بىر كارخانىچى يوق، قۇرۇق تاغا ئۆرە تۇرمايدۇ....بولسا خەقنى مەبلەغ سالدۇرىمىز دەپ يۈرمەي ئۆزەڭلا بىر نىمە قىلاڭلا..قىلالمىساڭلا بولدى قىلڭىلا ئۈرۈمچىدە يەسلى جىق.....سىلەرگە مەبلەغ سالدۇق دەپ ئۇنچە جىق پۇلنى ھورغا ئايلاندۇرۇپ قۇيۇتىن ئىبارەت بۇ تىراگىدىيەنى ھىچكىم كۆتۈرۈلمەيدۇ.

lawa0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 09:55:20

نۇزۇگۈم قېرىنىداش-

سىز ‹‹باي››لارنىڭ تىزىملىكىدە بارمۇ؟ نىمانچە چۈچۈپ كېتىسىسز....‹‹مىڭ ئېغىز كاپ-كاپتىن بىر تامچە چىپ چىپ ئەلا››

ئابدىقادىر داموللامنىڭ دەۋرىدىمۇ بايلارنىڭ پۇلى ئارقىلىق قەۋىمنىڭ ئۈمۈت يۇلتۇزلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش تەكلىۋىدىن ئەنسىرىشىپ كەتكەن‹‹باي››لىرىمىز سىزگە ئوخشاش چۈچۈپ كەتكەن ئىدى.....

ھازىرقى رىئاللىقىمىزدا بايلىرىمىزنىڭ كۆپۈنچىسى سىزنىڭ ئويىڭىزدىكىدەك-پۇل ئۆزەمنىڭ دەپ قارىماستىن بەلكى ئۇنى ۋاقىتلىق ئامانەت -دەپ ھىس قىلىدىغانلىرى يەنىمۇ كۆپ دەپ قارىلىدۇ.

شۇڭا زامان بۈگۈنكگە قەدەر ئەنە شۇ دۇرۇس بايلىرىمىزنىڭ ئەمگىگى ۋە قوللىشى ئارقىلىق تەرەققىياتقا يۈزلىنىپ تۇرۇپتۇ...

بىز يەنىلا بايلىرىمىزدىن ئۈمۈتسىز ئەمەسمىز.....

سىز پۇلىڭىزنى ئۆزەمنىڭ نىمە قىلسام ئۆزەمنىڭ ئىشى دىسىڭىز ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى.چۈنكى سىز ئاخىرقى ھىساپتا مۇشۇ سۆزلىرىڭىز ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا ھىساپ بەرگۈچىسىز.....

بىراق ئانا تىل شىركىتى پۇل تاپىدىغان شىركەت بولۇش سۈپىتىدە-ھىچيەردە ساخاۋەت قولۇڭلارنى سۇنۇڭلار دىمىدى، پەقەت ئەقەللى سودا شىرىكچىلىكى ھەققىدە دىمگۈراتتىك ئۇسۇلدا چاقىرىق بېرىۋاتىدۇ...ئۇنىڭ نەرى سىزگە تاقاشتى؟

مۇھەممەد سىدىق ئەپەندى بۇ ھەقتە تەپسىلى ئۇچۇر بېرىپتۇ قېرىنداشلارنىڭ كەم قالغان تەرەپلىرىنى تولۇقلىسا داۋاملىق ئىزدىنىشتە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىكەن مۇزغا تاراڭگا ئاتقاندەك ئىبارىلەر بىلەن <<ئىپپىتى ئۈچۈن پۇل بايلىققا كۆز قىرىنى سالمىغان>>نۇزۇگۈمنىڭ روھىنى قورۇندۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ........

پۇل بەزىدە ئۆزىنى شۈنچە كۆرسەتكىنى بىلەن ئەبىدى بولمىسا بولمايدىغىنى پۇللا ئەمەس بەلكى روھ-سىز ھەقاچان بۇنى بىلىمەن دەيسىزغۇ دەيمەن؟!@!@!؟؟

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 10:37:52

6- قەۋەتتىكى arislanmemetنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بايلار نىمە ئۈچۈن پاي قوشمايدۇ؟

ئىشىنىمەنكى، لاۋا0998 بۇرادىرىمىز يېڭىسارلىق ھاشىم باي بىلەن دىدارلىشىپ، مۇلاقەتتە بولسا جەزمەنكى تومۇزدىكى قوياشتەك ھارارىتى بىلەن قەھرىتاندىكى مۇزدەك قەلىبلەرنىمۇ ئىرىتىپ ئون تۈمەن ئەمەس ھەتتاكى يۈز تۈمەن ئاقچىنىمۇ مەبلەغ سالغۇزالىشى مۇمكىن.

ھېلىقى ھاشىم گوسۇڭنى دەۋاتامسىلەر يا؟

qinar418 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 11:45:05

مىنىڭچەبۇتېما«بايلارنىمەئۇچۇن بىزگەپاي قوشۇشى كېرەك »دەپ يوللۇنۇپ ئاندىن ،سىلەرگە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئاساسى ،ئەۋزەللىگى،شۇنداقلا مەبلەغ سېلىشنىڭ قانۇنى رەسمىيەتلىرى ،مەبلەغنىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋەئوز ئورنىغا ئشلىتىلىشىگە كىم؟نىمەبىلەن؟قانداق كاپالەتلىك قىلىدۇ.مەبلەغ قانداق نازارەت قىلىنىدۇ؟مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قانداق مەجبۇرىيەت ۋە قانداق ھۇقۇقلىرى بار؟سىلەرنىڭ قانداق تۇرۋە سودا پىلانىڭلار بار؟مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پايدا ئېلىشىغا ،ھېچبولمىسا زىيان تارتماسلىقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىسىلەر .دىگەندەك مەبلەغ سالغۇچىلار ئەڭ كوڭۇل بولىدىغان مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا ئۇنۇمى تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن دەپ ئويلۇدۇم .بۇمىنىڭ مۇھەممەت سىدىق ئەپەندىگە شەخسى تەكلىۋىم .مۇۋاپىق كورسەپايدىلانسا،بولمىساكارى بولمىسا بولىدۇ.باشقا ھەر قانداق كىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز .باشىقىلار چۇشەنچە بەرمىسىمۇ بولىدۇ

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 13:36:26

9- قەۋەتتىكى lawa0998نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نۇزۇگۈم قېرىنىداش-

سىز ‹‹باي››لارنىڭ تىزىملىكىدە بارمۇ؟ نىمانچە چۈچۈپ كېتىسىسز....‹‹مىڭ ئېغىز كاپ-كاپتىن بىر تامچە چىپ چىپ ئەلا››

ئابدىقادىر داموللامنىڭ دەۋرىدىمۇ بايلارنىڭ پۇلى ئارقىلىق قەۋىمنىڭ ئۈمۈت يۇلتۇزلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش تەكلىۋىدىن ئەنسىرىشىپ كەتكەن‹‹باي››لىرىمىز سىزگە ئوخشاش چۈچۈپ كەتكەن ئىدى.....

ھازىرقى رىئاللىقىمىزدا بايلىرىمىزنىڭ كۆپۈنچىسى سىزنىڭ ئويىڭىزدىكىدەك-پۇل ئۆزەمنىڭ دەپ قارىماستىن بەلكى ئۇنى ۋاقىتلىق ئامانەت -دەپ ھىس قىلىدىغانلىرى يەنىمۇ كۆپ دەپ قارىلىدۇ.

شۇڭا زامان بۈگۈنكگە قەدەر ئەنە شۇ دۇرۇس بايلىرىمىزنىڭ ئەمگىگى ۋە قوللىشى ئارقىلىق تەرەققىياتقا يۈزلىنىپ تۇرۇپتۇ...

بىز يەنىلا بايلىرىمىزدىن ئۈمۈتسىز ئەمەسمىز.....

سىز پۇلىڭىزنى ئۆزەمنىڭ نىمە قىلسام ئۆزەمنىڭ ئىشى دىسىڭىز ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى.چۈنكى سىز ئاخىرقى ھىساپتا مۇشۇ سۆزلىرىڭىز ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا ھىساپ بەرگۈچىسىز.....

بىراق ئانا تىل شىركىتى پۇل تاپىدىغان شىركەت بولۇش سۈپىتىدە-ھىچيەردە ساخاۋەت قولۇڭلارنى سۇنۇڭلار دىمىدى، پەقەت ئەقەللى سودا شىرىكچىلىكى ھەققىدە دىمگۈراتتىك ئۇسۇلدا چاقىرىق بېرىۋاتىدۇ...ئۇنىڭ نەرى سىزگە تاقاشتى؟

مۇھەممەد سىدىق ئەپەندى بۇ ھەقتە تەپسىلى ئۇچۇر بېرىپتۇ قېرىنداشلارنىڭ كەم قالغان تەرەپلىرىنى تولۇقلىسا داۋاملىق ئىزدىنىشتە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىكەن مۇزغا تاراڭگا ئاتقاندەك ئىبارىلەر بىلەن <<ئىپپىتى ئۈچۈن پۇل بايلىققا كۆز قىرىنى سالمىغان>>نۇزۇگۈمنىڭ روھىنى قورۇندۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ........

پۇل بەزىدە ئۆزىنى شۈنچە كۆرسەتكىنى بىلەن ئەبىدى بولمىسا بولمايدىغىنى پۇللا ئەمەس بەلكى روھ-سىز ھەقاچان بۇنى بىلىمەن دەيسىزغۇ دەيمەن؟!@!@!؟؟

مۇشۇنداق سۆزلىرىڭلار سەۋەبلىك سىلەرنى قوللاش تور يۈزىدىلا ساقلىنىپ قېلىۋاتىدۇ،رېئاللىقتىمۇ بار دېيىلسىمۇ شۇ شىركەتكە باغلىنىقلىق كىشىلەرنىڭ قوللىشى بىلەنلا ئىش قىلىۋاتىسىلەر.

  سىلەر بايلاردىن ئاغرىنىشتىن بۇرۇن شۇ بايلار مەبلەغ سالىدىغان بىر ئىش قىلىپ

مەبلەغ كەملىك قىلغاندا شىركەتنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى،ھازىرغىچە مانچىلىك

مەبلەغ سالدۇق،مانداق ئىشلارنى قىلدۇق،پايدا مانچىلىك،يەنە مانداق ئىش قىلماقچىدۇق،ماۋۇ ئىشلارغا مەبلەغ كەملىك قىلدى دېگەندەك بايلارنى قايىل قىلغۇدەك پىلاننى ئوتتۇرغا قويساڭلار مەبلەغ سالىدىغانلار بەلكىم تېلفون بىلەنلا

يوقاپ كەتمەس.ھېچ ئىش يوق مەبلەغ قوشۇڭلار دېسەڭلار ھەر كىشى ئويلىنىدۇ.

سىلەرگە قارىتىلغان ھەرقانداق تەنبىھ بولسۇن ياكى تەۋسىيە بولسۇن ياخشى تەھلىل قىلىشنى ئاۋۋال ئويلىشىڭلار.بىرسى بىر گەپنى قىلىپ بولغۇچە زىق سانجىغىلى تۇرساڭلار بولمايدۇ.

ھەرقانداق ئىش كىچىكلىكتىن چوڭغا زورىيىپ ماڭىدۇ.ئاۋۋال كىچىك ئىشتىن باشلاپ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىپ بايلارنى قىززىقتۇرۇڭلار،شۇ ۋاقىتتا بايلار

سىلەرنى ئىزدەيدۇ.سىلەر ھازىر بايلار سىلەر مەبلەغ سالغۇدەك شۇلارنى قايىل قىلغۇدەك ئىشنى تېخى قىلمىدىڭلار.بۇنداق قىلىۋەرسەڭلار كىشىلەرنىڭ ئىدىيسىدە

ھېسىيات ئۇرۇشى قىلىۋاتىدۇ دېگەن گۇمان كۈچىيىپ كېتىۋاتىدۇ.ماختاش بىلەن بىر

ئىش پۈتمەيدۇ،سىلەر بېشىڭلاردىن تارتىپ ئايغىڭلارغىچە ماختاشقا ھېرىس بولۇپ

قاپسىلەر،بۇ ياخشى ئەمەس.ھەددىدىن زىيادە ئارتۇق ماختاش ئادەمنى بىخۇدلۇققا

باشلاپ قويىدۇ.

zuwansiz يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 13:44:48

لاۋانىڭ سۆزلىرى خۇددى سىلىق چۇماقنىڭ دۇمبە تېرىسىنى غىدىغاندەك بىر خىل تەسىر بېرىدىكەن، ئوقىۋىتىپ كۆڭلەم قوداڭشىپ كەتتى.

باينىڭ يانچۇقىدىكى پۇلدا ئانىڭىزنىڭ ھەققى بولمىغانكىن ئۇنداقمىدۇ بۇنداقمىدۇ دەپ ئالدام خالتاڭلارغا نىمە ئۈچۈن چۈشمەيدىغانلىقىنى نىسبەتلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلماي، نوچاڭلار بولسا ئۆزەڭلار تېپىپ بىرنىمە قىلمامسىلەر!

yansun يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 14:02:49

نۇزگۇم بەك توغرا گەپ قىپتۇ

zuwansiz يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 15:11:25

ئۇ باي بۇ بايلارنىڭ ئىسمىنى تىزىۋالغىنىڭلار قىزىقكەن، نەچچە ۋاقىتتىن ئاقماس يەسلى داۋرىڭىنى قىلىپ قۇيرۇق كۆرسۈتۈپ ئوپكە ساتتىڭلار چۆنتىكىڭلار توشقان بولسا بولدى قىلىڭلار، يەسلى زادى كىمگە دارىكەن يەسلى دىگەن كىچىك باللىنىڭ تۈرمىسى ئا ***لار بىلەن ھەمكارلاشماقچى بولغان يەسلىرىڭلارمۇ تايىنلىقكەنغۇ ئەينا ھەر قانچە پەدازلىساڭلارمۇ چېنىپ قاپتۇ ھەسەل ساتقىلى تۇرساڭلار تىخارەتكە ئېپى باكەن دىسەم باغانسىرى قويمقچىلىققىمۇ ئېپىڭلا بالىقىنى بىلدۈرۈپ قويدۇڭلار بىر قانچە روھى كېسەل خۇدىنى بىلمەي ئەگەشكەندەك قىلغان بىلەن نەتىجەڭلار كۆزگە كۆرۈنۈپ تۈرۈپتۇ ئىشنى قىزىقىدا يىغۇشتۇرۋالمىساڭلار يا قان ئىچىپ قان قەرىز بولسىلەر يا بۇ ئۈمۈدسىزلىك ئىچىدە تولغۇنىۋاتقان بىچارە مىللەتنى تېخىمۇ ئۈمۈدسىزلىك ئىچىگە پاتۇرۋىتىسىلەر…

lawa0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 18:37:44

قىسمەنلەرنىڭ چۈشىنىشى بۇ بولسا ئىنشائاللا بۇنىڭغىمۇ سەۋرىمىز بار......

تىمىدا ھىچقانداق باينىڭ ئىسمىنى تىزىۋالغان گەپ يوق، ۋاختىنچە تۆھمەتنى قېرىنىداشلىرىمىزمۇ بولسا تەڭلەپ تۇرمىغاي!!!

ئىنكاسلاردا تىلغا ئېلىنغىنى ھەر بىرلىرىگە ئوخشاش كۆرسەتمىلىرى بىلەن دىققەت بېرىۋاتقان قېرىنىداشلىرىمىزنىڭ ئىنكاسى.

سەمىمىلىك تىما-ئىنكاسلارنى تېخىمۇ تەپسىلى ئوقۇش بىلەن باشلانغۇسى...

قىسمەنلىرىمىز خاتا -دەپ قارىغان ئىش يەنەكۆپ سانلىق  قىسمەنلىرىمىز ئۈچۈن پايدىلىق بولىشى مۇمكىن بولغانغا ئوخشاش ، بىز توغرا دەپ قارىغان يول قىسمەنلىرىمىز نەزىرىدە خاتا دىيىلىشىگە ئەلۋەتتە يول قويىلىشى ياخشى ئىش، بىراق ‹‹ياخشى سۆز تاش يارىدۇ يامان سۆز باش››

ئانا تىل شىركىتى سەمىمىيەت نوقتىسىدىن تەۋىسيە يازغان ئىكەن قېرىنداشلارنىڭ قېرىنداشلىق مەيدانىدا ئىلمىي قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويمىقى لازىممىكى؟

تەنە-دىخمارغا بەزىدە سۈكۈت قىلىۋېرىشمۇ مەسىلە ھەل قىلىش يولىدىن تېيىپ مەسىلە پەيدا قىلىپ قويىشى مۇمكىن... شۇڭا بەزىدە ‹‹يولدىن ئېزىپ››قالغاندىمەن.....تەخسىرلىرىم ئەپۇ قىلىۋەتكەي!!!

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 19:53:11

8- قەۋەتتىكى nuzgumنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بايلارنى تىللاش، مۇللىلارنى تىللاش مەدىنىيەت ئىنقىلاۋى مەزگىلىدە ئوتتۇرغا چىقىپ، شۇ ۋاقلاردا ئەڭ يۇقىرى پەلللىگە چىقىپتىكەن..بۇ كۈندىمۇ بايلارنى تىللايدىغانلار باركەن دىسە...مەن بىلىدىنغان بايلار ھەر رامىزاندا زاكات ئايرىيدۇ. مەن بىلىدىغان موللىلار ھەر جۈمەدە خۇتبىدا ئەمىر مەرۈپ قىلىدۇ.

مەيلى باي بولسا مەيلى گاداي بولسۇن ئەجىر قىلىپ تاپقان پۇلىنى قانداق خەجلەش شۇ ئەدەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئىختىيارلىقى..لاۋا قاتارلىق بۇرادەرلەر كوچىغا چىقىپ 200 كويغا ئىشتان ئالسىمۇ بولمىغاندا 5 دۇكاننى ئارىلايدۇ...بايلارمۇ پۇلنى بىر يەردىن ئۇسىۋالمىغان، ئۇلارمۇ تاپقان پۇللىرىنى ئاقماس كەسىپلەرگە مەبلەغ سىلىپ ھورغا ئايلاندۇرۋىتىشنى خالىمايدۇ ئەلۋەتتە...ئۆزەڭلەر ھىچقانداق ئىقتىسادى قىممەت يارىتالماي، ياراتقانلارنى ئۇنداق بۇنداق دىيىش ھەققىڭلار يوق....نوچى بولساڭلا سىلەرمۇ پۇل تىپىپ بىقىڭلا قېنى؟ ئاناتىل شىركىتىدىكىلەر نوچى بولساڭلا ئەرقال كاپىتالىغا بېرىپ شۇلارنى قايىل قىپ بىقىڭلا؟ نوچى بولساڭلا شاڭخەيگە بېرىپ خەۋىپ مەبلەغ سالغۇچى بايلارنى قايىل قىپ بىقىڭلا؟ نۇرغۇن بايلار مەبلەغ سالىدىغان يەر تاپالماي يۈرىيدۇ. گەپ خەق مەبلەغ سالمايدۇ ئەمەس..سىلەرنىڭ تىجارىتىڭلا ئاقامدۇ ئاقمامدۇ بىر مەسىلە....ئاراڭلاردا قۇرۇق گەپ قىلىدىغان كۆتەمىچى، گۇپپاڭچىلار جىق بولغىنى بىلەن ئۇتۇق قازانغان بىر كارخانىچى يوق، قۇرۇق تاغا ئۆرە تۇرمايدۇ....بولسا خەقنى مەبلەغ سالدۇرىمىز دەپ يۈرمەي ئۆزەڭلا بىر نىمە قىلاڭلا..قىلالمىساڭلا بولدى قىلڭىلا ئۈرۈمچىدە يەسلى جىق.....سىلەرگە مەبلەغ سالدۇق دەپ ئۇنچە جىق پۇلنى ھورغا ئايلاندۇرۇپ قۇيۇتىن ئىبارەت بۇ تىراگىدىيەنى ھىچكىم كۆتۈرۈلمەيدۇ.

خېنىم ئۆزلەچە ئانا تىل شىركىتىدىكىلەر نىمە ئىش قىلسا بولار؟ سېلى بىر يول كۆرسىتىپ دەپ بەرمەملا ئانا تىل يەسلىسى قۇرغۇدەك مەبلەغ ھەل قىلىدىغان ئامالنى. سېلىنىڭ نەزەرلېرىدىغۇ ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇشنىڭ ھېچ ئەھمىيىتى يوقتەك.

ئۈرۈمچىدە يەسلى جىق. ماۋۇ تەۋسىيە ئانا تىل شىركىتى ئانا تىلنى قەدرىنى بىلىدىغانلارغا چىقىرۋاتىدۇ. سېلىدەك يەسلى جىق دەپ *** گۆشىدە بالىلارنى تاماقلاندۇرۇپ بالىلېرى ماما دۇزى ئېلې دەپ يەسلىدىن قايتىپ كەلسە خوشال بولىدىغانلار ئانا تىل شىركىتى ئۇچرايدىغان بۇ تىراگىدىيەدىن بەك غەم يەپ كەتمىسىلىمۇ بولىدۇ.

شەخسى پىكرىم ...

nuzgum يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 20:44:11

17- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

*******************************************************

ئانا تىل شىركىتىدىكىلەرنىڭ نىمە ئىش قىلىشى بىلەن مىنىڭ ئىشىم يوق؟مىنىڭ ئويلايدىغىنىم ماۋۇلارنىڭ مىللەت، ئاناتىل بايرىقىنى كۈتۈرۋىلىپ ساددا بايلارنى ئازدۇرۇپ، يەنە مانچە يىللارغىچە يەسلى قۇرالماي، قۇرسىمۇ ئوقۇيدىغان بالا قۇبۇل قىلالماي، ئۇنى بۇنى دەپ توپلىغان پۇللارنى ھورغا ئايلاندۇرۇپ قۇيىشى ھەممىمىز خالىمايمىز...گۈليۈرەك شىركىتىنىڭ شېرىن شىكەر سۆزلىرىگە، ھاياجان ۋەدىلىرىگە، رىسالىم شىركىتىنىڭ گۈلدۈرماما قەسەملىرىگە، قىران شىركىتىنىڭ مۇسۇلمان ئەللىرى بىلەن شېرىكلەشكەن ساختا ھېكايىلىرىگە ھىلىمۇ كۆپ قېرىنداش بايلىرىمىز گېلىگىچە قۇيۇلۇپ ئەلەم ئىچىدە ھازىرغا قەدەر تولغانماقتا!!!! مانا بۇ ئاچچىق ساۋاقلار بىزنى ھاياجاندىن نېرى بولۇپ ئەمەلىي پاراڭ قىلىشقا قىستىماقتا....

قۇياش ئوغلى ئۈكۈم ساڭا دەپ قۇياي بىزنىڭ ھويلىدىلا بىر يەسلى بار ئۇيغۇرلار ئاچقان بىزنىڭ باللامۇ شۇ يەسلىدە ئوقۇيدۇ. تاماقلىرىنىمۇ ئۇيغۇرلار ئىتىدۇ، ئۇيغۇر تىلى دەرىسلىكلەرمۇ بار؟ بۇ ئەھۋالدا سىلەر دىگەندەك ئاتالمىش يەسلىنىڭ  مەن ئۈچۈن ، باللىرىم ئۈچۈن ئەھمىيىتى بارمۇ؟

كاللاڭلارنى گۈلەن ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچلىرىنىڭ ئۈچمەنلىك، ئاشقۇنلۇق ئىديىسى بىلەن توشقۇزۋالساڭلارمۇ شۇنى بىلىڭلاركى ھەممە يەسلى سىلەر ئويلىغاندەك پۈتۈنلەي خەنزۇچىلىشىپ كەتمىدى...ئانا تىل دەپ داۋراڭ سالماي ئانا تىلنىمۇ قۇشۇپ تەلىم تەربىيە ئىلىپ بېرىۋاتقان يەسلىلەر يەنە نۇرغۇن...ئەمما بۇنى سىلەر كۆرەلمەيسىلە..ھىس قىلالمايسىلەر..سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردىكى ھەممە يەسلىدىن قايتىپ كەلگەن بالىلار ماما دۇزى ئېلى دەپ كىلىدۇ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 20:51:53

18- قەۋەتتىكى nuzgumنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

.

سىز قانداق بىلدىڭىز ئانا تىل شىركىتىنىڭ رىسالىم، گۈليۈرەكنىڭ ئىزىدىن مىڭىپ كىشىلەرنى قاقتى سوقتى قىلىۋاتقانلىقىنى؟

بەت: [1] 2 3
: بايلار نىمە ئۈچۈن بىزگە پاي قوشمايدۇ؟