tagh يوللانغان ۋاقتى 2013-8-11 21:19:14

پىرىنتىرنىڭ (打印机)قايسىى ياخشى؟

پىرىنتىرنىڭ (打印机)قايسىى ياخشى؟

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار!

مەن پىرىنتىردىن)打印机( بىرنى ئالماقچى،ئۆيدە ئىشلىتىمەن.ئاساسەن توردا ئەسەرلەرنى بېسىپ چىقىرىپ ساقلاپ،ئۇقۇپ ساقلاپ قويغۇم بار.بولسا ماڭا سىلەر ئىشلىتىىپ كۆرۈپ باققان،ياكى كۆرگەن،ئاڭلىغان ياخشى

باھاسى 200-300يۈەن ئەتراپىدىكى ،چىداملىق ،ئۆيدىكى دەپتەر ۋاراقلىرىنى سېلىپمۇ بېسىپ چىقارغىلى

بۇلىدىغان پىرىنتىردىن بىرنى تەۋسىيە قىلىشىڭلارنى سورايمەن.بولسا قانداق ئىشلىتىدۇ،ئاسراش ئۇسۇللىرى،رەڭ تەڭشەش ئۇسۇللىرى دېگەنلەرنىمۇ تەپسىلىي دەپ بەرسەڭلار.

پىرىنتىر چۇقۇم رەڭ تەڭشەپ ئىشلىتىش كېرەكمۇ ياكى كومپيۇتېرغا چېىتىپلا ئىشلەتسەك بۇلامدۇ؟

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-8-11 23:10:54

HP P1007 ، xerox نى جىق ئىشلىتىمىز. HP P1007 نى ئەينى چاغدا 350 يۇەندىن بەرگەن بىزگە. ئېتىۋار باھامۇ ئەسلى باھامۇ ئۇقمىدىم. مەنچە مۇشۇ ئىككىسى بولىدۇ. لېكىن ھازىر باھاسى قانداق ئۇقمايمەن. توردىن كۆرۈپ بىقىڭ.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-11 23:38:00

بىر رەسىمچىلىك دۇكىنىدىكى تونۇشۇم ئائىلىدە ئىشلەتكىلى بولىدىغان لازىرلىق رەڭلىك سىپىر باسقۇلارنىڭ بارلىقىنى، باھاسىنىڭ 4، 5 يۈز كوي ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدىن بىرنى سېتىۋىلىپ ئىشلىتىشىمنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى، ماركىسى نېمە، تىپى نېمە دەپ سورىۋالماپتىمەن، توردىن 家用激光打印机 دەپ ئىزدەپ باقتىم، كۆڭۈلدىكىدەكلىرىدىن تاپالمىدىم، مۇشۇنداق سىپىرباسقۇلارنى ئىشلىتىۋاتقانلار بولسا، بۇنىمۇ يۇقۇرىدىكى تىمىغا قوشۇپ تونۇشتۇرساڭلار بولۇپتىكەن.

serqut يوللانغان ۋاقتى 2013-8-11 23:48:15

خېلى مۇۋاپىقلىرى باركەنغۇ:

http://s.taobao.com/search?spm=a230r.1.8.3.yAkfzJ&promote=0&sort=sale-desc&ppath=20196%3A81224&initiative_id=tbindexz_20130812&tab=all&q=+%BC%D2%D3%C3%BC%A4%B9%E2%B4%F2%D3%A1%BB%FA&cps=yes#J_relative

Batush يوللانغان ۋاقتى 2013-8-11 23:48:19

بۇنداق خەتباسقۇلارنى ئالماقچى بولسا مېنىڭچە ئەڭ ياخىشىسى ئازراق پۇل قوشۇپ بولسمۇ ياخشىراقىنى ئالغان تۈزۈكمىكىن.

لازىرلىق خەتباسقۇ ياخشى تاللاش. ئەگەر پۈركىمە تىپلىقنى ئەرزانكەن دەپ ئالساق قارا خەت باسساق رەڭ توشىمايدۇ .

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-8-12 00:28:44

لازىرلىق خەت باسقۇ ئېلىڭ. سۈرئەت تىز. ئوڭاي بۇزۇلۇپ قالمايدۇ.

مېنىڭچە بولسىغۇ پۇل باسقىلى بولىدىغىنى ئەڭ ياخشى.  {:92:}

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2013-8-12 08:49:20

EPSON 101   http://item.jd.com/720599.html  ئۆيدە ئىشلىتىشكە تاززا مۇۋاپىق، مەن مۇشۇنى ئىشلىتىۋاتىمەن، 550كە ئالغان، ھازىر 529 يۈەنكەن، بۇ بېسىش، كۆپەيتىش،سايىلەش بىر يۈرۈش ئائىلىلەرگە مۇشۇنداق 一体机 يۈرۈشلۈكلىرى ياخشى

canon، HP ،Samsung نىڭ بىر يۈرۈشلىرمۇ ئائىلىدە ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق ، سىزگە ماس كىلىدىغان باھادىكىنى تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، ئائىلىدە بولسا بەك قولايلىق بولىدىكەن

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2013-8-12 08:52:06

http://list.jd.com/670-716-720-0-0-0-0-0-0-0-1-3-1-1.html

مانا ماۋۇ بىر يۈرۈشلەرنىڭ باھا تەرتىپ بويىچە تىزىلىشى  مۇشۇ يەردىن ئالسىڭىز ئىشەنچلىك، كىرا ھەققى ئالمايدۇ

police110 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-12 08:57:12

ئەپچىلراق، رەڭ ئۇزاق تۇرسىمۇ قېتىشىۋالمايدىغان (گاھىدا 10-15 كۈندە بىرئىشلىتىمىز ئائىلىدە ئىشلەتكەندىكىن) ئاۋارچىلىقى ئازراق رەڭلىك باسالايدىغان ، سىكەننىرلەش扫描,كۆپەيتىش复印,بېسىپ چىقىرىش打印 ئىقتىدارلىرى تۇلۇقراق ، پۇلىسى مۇۋاپىقراقلىرىدىن ئىشلىتىپ سىناقتىن ئۆتكەنلىرى بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار .

ھەراس ياخشى ئەمەسلەرنىمۇ دەۋەتىڭلار ئوخشاش خاتالىق قايتا سادىر بوپ يۈرمىسۇن.

      ئائىلىدە ئىشلىتىشكە مەنمۇ بىرنى ئالاي دەۋاتقىلى خېلى بولدى ھېچ تاللاپ بۇلالماي قالدىم . كەسىپ ئەھلى بولمىغاندىكىن.

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-12 09:17:34

8- قەۋەتتىكى police110نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىز دىگەن ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسى  epson me200 دە بار

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2013-8-12 09:55:12

پرنتېرنىڭ لۈكچىكى خۈيپۇ، لىكىن باھاسى سەل قىژمەت، پۇرۇخ سىياھ ئىشلىتىدىغىنى ئۇزۇنغا پايلايدۇ...

ئەگەر 300 كويلارغا ئالىمەن دېسىڭىز ئىپسۇننىڭكىنى ئالسىڭىز بولىدۇ، 300 كويلارغا بولمىدى دىگەندىمۇ 350 كويلارغا بېرىدۇ، رەڭلىك، رەڭسىز، سىكاننىر ھەممە ئىقتىدارى بار.... (لىكىن سىياسى ئۇزۇنغا پايلىمايدۇ.... سىرتتىن سىياھ سانجىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ...)

500كويدىن 800كويلارغىچە ئالىمەن دېسىڭىز سەنشىڭ ئېلىڭ، باھاسىمۇ مۇۋاپىق، پۇرۇخ سىياھ قاچىلىندۇ... رەڭسىز باسىسسىز... ئۇزۇنغا پايلايدۇ... ئەمما قەغەز شوراشتا خۈيپۇ سەل قاتىل...

ئىزاھات: «تەنفىن» نى ئۇيغۇرچە پۇرۇخ دەپ تەرجىمە قىلساق بولامىكن دەيمەن.... قازاننىڭ قارىسىغا ئوخشاش ئۇندەك نەرسە بولغاندىكن..

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-12 10:29:58

رەڭلىك پىرىنتېرلارنىڭ ھەممىسى پۈركۈمە سىياھ ئىشلىتىدۇ، بۇنداق پىرىنتېرلار سۈرئېتى ئاستا ھەم خورىشى يۇقۇرى، ھەتتا ئىشلەتمەي قويۇپ قويسىڭىزمۇ خوراپ كىتىدۇ، رەڭ بىر قىتىۋالسا، رەڭنىلا ئەمەس، پۈركۈمە باشنىمۇ ئالماشتۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ، كۈندە كەم دىگەندەك ئون پارچە رەڭلىك سۈرەت باسمىسىڭىز، ئائىلىگە ماس كەلمەيدۇ.

لازىرلىق پىرىنتېرنىڭ نوچىسى canon، ماتېرىيالى ئەرزان، رىمونىتلاشمۇ ئاسان.

بىر مۇنچە ئىقتىدار بولغان بىلەن، كۈندە ئىشلەتمەيسىز شۇ.

nur000 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-12 10:36:06

9- قەۋەتتىكى bapkarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

8- قەۋەتتىكى police110نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەپچىلراق، رەڭ ئۇزاق تۇرسىمۇ قېتىشىۋالمايدىغان (گاھىدا 10-15 كۈندە بىرئىشلىتىمىز ئائىلىدە ئىشلەتكەندىكىن) ئاۋارچىلىقى ئازراق رەڭلىك باسالايدىغان ، سىكەننىرلەش扫描,كۆپەيتىش复印,بېسىپ چىقىرىش打印 ئىقتىدارلىرى تۇلۇقراق ، پۇلىسى مۇۋاپىقراقلىرىدىن ئىشلىتىپ سىناقتىن ئۆتكەنلىرى بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار .

ھەراس ياخشى ئەمەسلەرنىمۇ دەۋەتىڭلار ئوخشاش خاتالىق قايتا سادىر بوپ يۈرمىسۇن.

ئائىلىدە ئىشلىتىشكە مەنمۇ بىرنى ئالاي دەۋاتقىلى خېلى بولدى ھېچ تاللاپ بۇلالماي قالدىم . كەسىپ ئەھلى بولمىغاندىكىن.

سىز دىگەن ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسى  epson me200 دە بار

epson me200  مەندە بىرسى بائىدى 2008-يىلى ئالغان ، ئائىلدە ئىشلىتىشكە ئانچە مۇۋاپپىق كەلمەيدۇ ، كۈدە بولمىدى دىگەندە بىر قتىم بولسىمۇ ھەيدەپ قويمىسا تولا رەك قىتىۋىلىپ ئادەم ئاۋارە قىلدۇ ، ئاندىن رىڭى سەل قىممەت توختاپ قالىدۇ ...

tagh يوللانغان ۋاقتى 2013-8-12 11:07:13

4- قەۋەتتىكى hawaskarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇنداق خەتباسقۇلارنى ئالماقچى بولسا مېنىڭچە ئەڭ ياخىشىسى ئازراق پۇل قوشۇپ بولسمۇ ياخشىراقىنى ئالغان تۈزۈكمىكىن.

لازىرلىق خەتباسقۇ ياخشى تاللاش. ئەگەر پۈركىمە تىپلىقنى ئەرزانكەن دەپ ئالساق قارا خەت باسساق رەڭ توشىمايدۇ .

سىز دېگەن لازىرلىق خەتباسقۇدا رەڭ تەڭشەش قۇتىسى باردۇ؟بولسا ئېنىقراق چۈشەنچە

بەرسىڭىز ئاكا!ئادەتتە ھەرقانداق قەغەزنى سالساق خەت بېسىپ چىقىرىپ بېرەلەمۇ؟

بولسا تور ئادىرىسى بىلەن تەمىنلەپ بېرەلەسىزمۇ؟

tagh يوللانغان ۋاقتى 2013-8-12 11:14:17

بولسا ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان تورداشلار بولسا رەڭ ئاسراش ئۇسۇللىرى،قانداق قەغەزنى ئىشلەتسەك مۇۋاپىق بۇلىدۇ؟پىرىنتىرنى قانداق چاتىدۇ كومپىيۇتېرغا؟رەڭ،قەغەزلەرنى ئادەتتە قايسى ماركىدىكى ياخشى؟تاۋباۋدىن ئالساق ياخشىمۇ؟بۇ توغرىسىدا سۆزلەپ بەرسىەڭلار!

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-12 11:35:41

12- قەۋەتتىكى nur000نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

9- قەۋەتتىكى bapkarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

8- قەۋەتتىكى police110نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەپچىلراق، رەڭ ئۇزاق تۇرسىمۇ قېتىشىۋالمايدىغان (گاھىدا 10-15 كۈندە بىرئىشلىتىمىز ئائىلىدە ئىشلەتكەندىكىن) ئاۋارچىلىقى ئازراق رەڭلىك باسالايدىغان ، سىكەننىرلەش扫描,كۆپەيتىش复印,بېسىپ چىقىرىش打印 ئىقتىدارلىرى تۇلۇقراق ، پۇلىسى مۇۋاپىقراقلىرىدىن ئىشلىتىپ سىناقتىن ئۆتكەنلىرى بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار .

ھەراس ياخشى ئەمەسلەرنىمۇ دەۋەتىڭلار ئوخشاش خاتالىق قايتا سادىر بوپ يۈرمىسۇن.

ئائىلىدە ئىشلىتىشكە مەنمۇ بىرنى ئالاي دەۋاتقىلى خېلى بولدى ھېچ تاللاپ بۇلالماي قالدىم . كەسىپ ئەھلى بولمىغاندىكىن.

سىز دىگەن ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسى  epson me200 دە بار

epson me200  مەندە بىرسى بائىدى 2008-يىلى ئالغان ، ئائىلدە ئىشلىتىشكە ئانچە مۇۋاپپىق كەلمەيدۇ ، كۈدە بولمىدى دىگەندە بىر قتىم بولسىمۇ ھەيدەپ قويمىسا تولا رەك قىتىۋىلىپ ئادەم ئاۋارە قىلدۇ ، ئاندىن رىڭى سەل قىممەت توختاپ قالىدۇ ...

بۇ پېرىنتىر ئۇ بۇرادىرىمىزنىڭ دىگەن ئېھتىياجلىرنىڭ ھەممىسىدىن تولۇق چىقىدىكەن، شۇڭا تەۋسىيە قىلدىم.

مەن ئۇ پېرىنتىرنى بۇرۇن ئىشلەتكەن، ئەگەر پەقەتلا ئامال بولمىسا ھەي تاڭەي، مومكىن بولسا ئالىدىغان پېرىنتىر ئەمەس.

مېنىڭ دۇكىنىمدا ئىشلىتىۋاتقان پېرىنتىرلىرىمنى تونۇشتۇرۇپ ئايرىم تېما يوللاپ قوياي، تورداشلار ئۆزى پايدىلىنىپ قالار

police110 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-12 14:04:56

11- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

رەڭلىك پىرىنتېرلارنىڭ ھەممىسى پۈركۈمە سىياھ ئىشلىتىدۇ، بۇنداق پىرىنتېرلار سۈرئېتى ئاستا ھەم خورىشى يۇقۇرى، ھەتتا ئىشلەتمەي قويۇپ قويسىڭىزمۇ خوراپ كىتىدۇ، رەڭ بىر قىتىۋالسا، رەڭنىلا ئەمەس، پۈركۈمە باشنىمۇ ئالماشتۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ، كۈندە كەم دىگەندەك ئون پارچە رەڭلىك سۈرەت باسمىسىڭىز، ئائىلىگە ماس كەلمەيدۇ.

لازىرلىق پىرىنتېرنىڭ نوچىسى canon، ماتېرىيالى ئەرزان، رىمونىتلاشمۇ ئاسان.

بىر مۇنچە ئىقتىدار بولغان بىلەن، كۈندە ئىشلەتمەيسىز شۇ.

بېشىم قېيىپلا كەتتىغۇ پۈركۈمە سىياھ ، لازىرنۇرلۇق پىرىنتېرلار توغرىسىدا  ھېچقانچە بىلىشىمىز يوقكەن پۈركۈمە سىياھلىق پىرىنتېر بىلەن لازىرنۇرلۇق پىرىنتېرلارنىڭ پەرقى ، ئىشلىتىلىشچانلىقى ، ئالاھىدىلىكى ، ئىقتىدارلىرى ، ئاۋارىچىلىقى قاتارلىق مەسىللەردە ئىككىلىك چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلا. قىسقىسى ئائىلىدە ئىشلىتىشكە ئاۋارچىلىقى ئاز ياخشىراق بىرنى تەۋسىيە قىلساڭلار ، باپكار- كەپتەر ئۇستازلار رەخمەت سىلەرگە قىل قاپتىمەن پۇلى مۇۋاپىقكەن دەپ تاۋباۋ دىن بىرنى ئېلىۋەتكىلى . ھاجەت چۈشكەندە چېتىپلام ئىشلەتكىلى بۇلىدىغان بولسا بولدى پۇلىسى 500-1000 ئەتراپىدا بولسا بۇلىدۇ.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-12 14:22:19

پۈركۈمە پىرېنتېر (喷墨打印机) ئادەتتە رەڭلىك پىرېنتېر دىگىنى شۇ. ئارتۇقچىلىقى رەڭلىك باسالايدۇ. رەسىم باسىدىغانلار مۇشۇنى ئىشلىتىدۇ. كەمچىلىكى، بېسىش سۈرئېتى ئاستا. پات پات ئىشلىتىپ تۇرمىسا، رەڭ قېتىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كاردىن چىقىدۇ، ناۋادا رەڭ قاچىلىغاندا ئەسلى شىركەت تەۋسىيە قىلغان رەڭنى ئىشلەتسىڭىز، بۇ خىل رەڭنىڭ باھاسى، پىرىنتېرنىڭ باھاسى بىلەن تەڭلىشىپ قالىدۇ. سىرىتتىن چاتىدىغان رەڭ قۇتىسى (连续供墨器) قىلسا ئەرزانراق توختاپ قالىدۇ. لىكىن ئوخشاشلا ئىشلىتىپ تۇرمىسا كاردىن چىقىدۇ. كۆپ ماتېرىيال باسقاندا قەغەز ئالماشتۇرۇپ يۈرۈشمۇ بىر جاپا. ئۇدا ئىشلەتمىگەن ۋاقىتىڭىز تۆت كۈنگە يەتسە، رەڭ ئاساسەن كاردىن چىقتى دەپ بىلسىڭىز بولىدۇ.

لازىر نۇرلۇق پىرېنتېر (激光打印机) ئادەتتە خەت باسىدىغان پىرىنتېر شۇ. ئارتۇقچىلىقى، بەزىلىرى مىنۇتىغا 50 پارچىمۇ باسالايدۇ. سۈرئېتى تىز، رەڭ تۈگىسە 25 سومدىن 100 سومغىچە چىقىم بىلەنلا رەڭ ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. بىر قۇتا رەڭ بىلەن كەم دىگەندە ئۈچ مىڭ پارچە قەغەزگە باسالايسىز. مېنىڭكىنى ئىشلەتمىگىلى بىر يىلدىن ئېشىپتۇ، ئىشلەتسەم يەنە نورمال ماڭىۋىرىدۇ. كەمچىلىكى: رەڭسىز باسىدۇ.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-12 14:27:55

HP نىڭ كۆپ قىسىم پىرىنتېرلىرىدا رەڭ ئالماشتۇرۇش بەك قىيىن، بەزىلىرى ھەتتا رەڭ قۇتىسى بىلەن بىللە ئالماشتۇرغىلى سالىدۇ. ئەڭ ياخشىسى Canon نىڭكىنى تاللاڭ. 黑白激光 دىگەنلىرىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-12 23:45:56

مەن 680.00 يۇەنگە پۈركىمە پىرىنتىردىن بىرنى ئېلىپ، ئۆزىنىڭ رېڭى خوشنامغا مۇتقا 10 پارچە رەسىم بېسىپ بېرىش بىلەنلا تۈگىگەن، كېيىن 100 نەچچە سومغا بىر جۇپ رەڭ ئېلىپ، بىرقانچە ۋاراق رەسىم باسقاندىن كېيىن، ئىشلەتمەي تاشلاپ قويۇپتىمەن، نېمە بىلەي، ئىشلىتىپ تۇرمىسا بۇزۇلىدىغانلىقىنى، 100 سومغا رىمۇنىت قىلدۇرۇپ، 100 سوم خەجلەپ سىرتتىن رەڭ چېتىپ ئىشلىتىپ، بىرھەپتىمۇ كاردىماي بۇزۇلدى، 100 سومغا ئوڭشىغان يەرگە ئاپارسام ھەقسىز ئوڭشاپ بەردى، 3 كۈندىن كېيىن يەنە بۇزۇلدى، قايتا ئاپىرىشقا خىجىل بولۇپ، ئۇ پىرىنتىرنى بىر يېقىنىمغا بىكارلىققا بېرىۋىتىپ قۇتۇلغان ئىدىم. ھازىر كانونننىڭ لازىرلىقىنى ئىشلىتىۋاتىمەن، لازىرلىق پىرىنتىرنىڭ رەڭلىك باسىدىغان، پۇلى، 6، 7 يۈز سوملىقىنى بار دەپ ئاڭلىدىم، لىكىن قايسىسى ئەڭ ياخشى بىلمىدىم، مېنىڭ ھازىر باھاسى مۇۋاپىق بولغان لازىرلىق پىرىنتىرلارنىڭ رەڭلىكىدىن ئىشلەتكىم بار.
بەت: [1]
: پىرىنتىرنىڭ (打印机)قايسىى ياخشى؟