UyghurWeb يوللانغان ۋاقتى 2013-8-9 10:51:11

Android ئەمەلىي ئىقتىدار تەربىيىلەش كۇرسى

Android ئەمەلىي ئىقتىدار تەربىيىلەش كۇرسى



ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون تېخنىكىسىنىڭ تېزلىكتە تەرەققىي قىلىشى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارغا رۇم قاچىلاش(يانفون ئانا سىستېمىسى)، ئەپ قاچىلاش، ئەپ تەرجىمە قىلىش، ئەپ گۈزەللەشتۈرۈش، ئەپ ئېچىش قاتارلىق بىلىملەر، مۇشۇ ساھەگە مۇناسىۋەتلىك شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ، ئادەتتىكى يانفون ئىشلەتكۈچىلەردىن تارتىپ، كەسپىي خادىملارغىچە ئۆگەنمىسە بولمايدىغان زۆرۈر بىلىمگە ئايلاندى.


Android بولسا يادروسىدىن ناھايىتى مۇكەممەل لايىھىلەنگەن سىستېما بولغاچقا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە تىز ئومۇملىشىپ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىردى. ھازىر ھەممىمىزنىڭ قولىدا Android قاچىلانغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر بار بولدى. Android يادروسىدىن كۆپ تىللىق لايىھىلەنگەن بولغاچقا، ئۇنىڭغا تۈزۈلگەن ئەپلەرنىمۇ تامامەن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۆز ئېھتىياجىمىز بويىچە گۈزەللەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ Android نىڭ تېخىمۇ تىز ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇنىڭدىن كېيىن Android قا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرگە بولغان ئېھتىياج تېخىمۇ ئېشىپ بارىدۇ. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەت پۇرسىتى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. بۇ قېتىمقى كۇرس ئارقىلىق بىز Android دۇنياسىغا كېرىمىز.


بۇ قېتىمقى تەربىيىلەشتە ئەڭ ئەمەلىي بولغان مەزمۇنلار سۆزلىنىدىغان بولۇپ، ھەرخىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارغا سىستېما قاچىلاش، ئەپ ئۆزگەرتىش، ئەپ ئېچىش سىستېمىلىق ئۆگىتىلىدۇ.


ئۆتۈلىدىغان ئاساسلىق مەزمۇنلار:



ماس كېلىدىغان ئوبيېكتلار:





دەرسلەرنى مۇشۇ ساھەدە ئەمەلىي تەجرىبىلىرى مول، ئوقۇتۇش مېتودى ياخشى بولغان ئوقۇتقۇچىلار سۆزلەيدۇ. تەربىيىلەش ئورنى قەشقەر شەھىرىدە بولۇپ، ئارام ئېلىش كۈنلىرىگە ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، مەھمۇد قەشقەرى مازىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت پۇرىقىغا تويۇنغان جايلىرى ساياھەت قىلدۇرۇلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئىگىلىك تىكلىگەن دىرېكتورلار، جەمئىيەتشۇناسلار مۇۋاپىق لېكسىيىلەرگە تەكلىك قىلىنىپ، كۇرسانتلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىدۇ.


دەرس مەزمۇنى نۆلدىن باشلاپ ساپ ئۇيغۇر تىلىدا تەپسىلىي سۆزلىنىدىغان بولۇپ، ئازراق كومپيۇتېر ئاساسىنى تەلەپ قىلىدۇ، باشقا جەھەتلەرگە يۇقىرى تەلەپ قويۇلمايدۇ. ئوقۇش پۈتۈن كۈنلۈك بولۇپ، ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ(يۈك-تاقا ئېلىپ كەلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ)، كۈنىگە 8 سائەت دەرس ئۆتىلىدۇ، ئوقۇش مۇددىتى 20 كۈن، 120 سائەت، 8-ئاينىڭ 12-كۈنى دەرس باشلىنىدۇ، ئوقۇش ۋە ياتاق پۇلى قوشۇلۇپ 1500 يۈەن.





http://edu.algha.biz/index.php?P=Android

tahir17 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-9 19:40:16

مەكتەپنىڭ ئېنىق ئورنى نەدە؟

UyghurWeb يوللانغان ۋاقتى 2013-8-9 20:04:39

قەشقەر شەھرىدە

e_chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2013-8-9 20:32:59

بۇ ئىككىنچى قارارلىق كۇرۇسمۇ ياكى تۇنجى قارارلىقمۇ؟ ئالدىنقى قېتىم ئالىپ تورىدا بۇ توغورلۇق ئىلان كۆرگەندەك قىلغانىدىم.قاتنىشاي دىسەم،ئەپسۇس شىكەر تەتىلىمىزمۇ توشۇپ قالاي دەپتۇ،ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن!

kabanna يوللانغان ۋاقتى 2013-8-9 20:40:03

2- قەۋەتتىكى UyghurWebنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قەشقەر شەھرىدە

قەشقەر شەھرى نەچچە پىڭپاڭ كېلىدۇ؟ \"\"

UyghurWeb يوللانغان ۋاقتى 2013-8-9 21:51:00

3- قەۋەتتىكى e_chewendazنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ ئىككىنچى قارارلىق كۇرۇسمۇ ياكى تۇنجى قارارلىقمۇ؟ ئالدىنقى قېتىم ئالىپ تورىدا بۇ توغورلۇق ئىلان كۆرگەندەك قىلغانىدىم.قاتنىشاي دىسەم،ئەپسۇس شىكەر تەتىلىمىزمۇ توشۇپ قالاي دەپتۇ،ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن!

بۇ ئىككىنچى قارارلىق.

fistik يوللانغان ۋاقتى 2013-8-10 08:22:02

ئۆتۈلگەن دەرىسلەرنى سىنلاپ قويساڭلار،،،پۇلنى تۆلىسەك،،سىننى توردىن ئىۋەتىپ بەرسەڭلار.بىزمۇ تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەپ توردا ئىۋەتسەك،يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشتەك قىلىش مۇمكىنمۇ؟؟؟؟؟؟

UyghurWeb يوللانغان ۋاقتى 2013-8-11 08:09:14

6- قەۋەتتىكى fistikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۆتۈلگەن دەرىسلەرنى سىنلاپ قويساڭلار،،،پۇلنى تۆلىسەك،،سىننى توردىن ئىۋەتىپ بەرسەڭلار.بىزمۇ تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەپ توردا ئىۋەتسەك،يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشتەك قىلىش مۇمكىنمۇ؟؟؟؟؟؟

ھازىرچە بۇ ئىشلارغا يىتىشىپ بولالمىدۇق، كەلگۈسىدە بولۇپ قالار. يەنىلا يۈز تۇرانە ئۆگەنگەنگە يەتمەيدۇ.

UyghurWeb يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 08:56:39

كۇرۇسنىڭ باشلىنىش ۋاقتى ئارقىغا سۈرۈلۈپ 8-ئاينىڭ 15-كۈنى باشلىنىدىغان بولدى، ئېنىق ئورنى قەشقەر مالىيە سودا مەكتىپى ئىچىدە

bilimhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-14 09:29:20

بۇ كۇرسقا مەنمۇ قاتناشتىم \"\"
بەت: [1]
: Android ئەمەلىي ئىقتىدار تەربىيىلەش كۇرسى