Batush يوللانغان ۋاقتى 2013-8-9 01:48:54

سانائەت ئاپتوماتلاشتۇرۇشتىن - ئىنۋېرتېر

ئىنۋېرتېرنى چۈشۈنەمسىز ؟



(ئېنۋىېرتېر –
ئۇيغۇرچە مۇشۇنداق ئاتىدىم، ئەگەر مۇۋاپىق ئاتالغۇ بولسا تەۋسىيە قىلساڭلا .)


ھالقىلىق سۆزلەر :


ئىنۋېرتېر ->


خەنچە <<چاستوتا ئۆزگەرتكۈچ>>变频器


<<ئۆزگىرىشچان
چاستوتا قوزغاتقۇچ >>
Variable Frequency
Drive


<<ئۆزگىرىشچان
توك قوزغاتقۇچ>>
AC Drive


<<ئۆزگىرىشچان
سۈرئەت قوزغاتقۇچ>>
Variable Speed
Drive


<<چاستوتا
ئۆزگەرتكۈچ>>
Frequency Inverter


<<ئۆزگىرىشچان
چاستوتا ئۆزگەرتكۈچ>>
Variable Frequency
inverter


تۈركچە Ac sürücü,  Hız Kontrol Cihazları  دېگەندەك ناملار
بىلەن ئاتىلىدۇ .



ئەگەر ئۇنى
ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىمىز دېسەك ، ئۇيغۇرچە موتور قوزغاتقۇچ  دېسەك بولىدۇ .





ئەمدى گېپىمىزگە
كەلسەك ، ئىنۋېرتېر دېگەن مەھسۇلات بولسا ئاساسلىقى موتورنىڭ ھەرىكەت ھالىتىنى
كونترول قىلىدىغان مەھسۇلاتتۇر.


مەسىلەن
،ھەممەيلەنگە ئايان بولغاندەك ئۆيىمىزدىكى توكنىڭ چاستوتىسى 50 ھىرتىس، ئەگەر بىز
220ۋولتلۇق موتۇرنى بۇ توكقا چاتساق موتور نورمال ئەھۋالدا سىكونتىغا 50نى
ئايلىنىدۇ. ئوڭغا ئايلىنىشىمۇ مۇمكىن، سولغا ئايلىنىشىمۇ مۇمكىن. ئەمدى ئەگەر بىز
ئۇنى سىكونتىغا 20نى ياكى 60نى ئايلىنىدىغان قىلماقچى بولساق قانداق قىلىمىز؟ بىز
چوقۇم توكنىڭ چاستوتىسىنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك . ئادەتتە توكنىڭ چاستوتىسىنى
ئۆزگەرتىش ئۇنداق ئاسانمۇ ئەمەس. ئەمما ھازىر پەن تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا
ئەگىشىپ، مۇشۇ ئىنۋېرتېر دېگەن مەھسۇلات بارلىققا كەلدى .


بۇ مەھسۇلاتنىڭ
نەسەب تارىخىنى 20.ئەسىرنىڭ 60.يىللىرىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. كىشىلەر
دەپسلەپتە توكنىڭ چاستوتىسىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق موتورنىڭ ھەركەت ھالىتىنى
كونترول قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇلار كىرىستال لامپا ئارقىلىق
موتور كونترول قىلىش لاھىيەسىنى تۈزۈپ چىققان . ئەمما بۇنىڭ ئىش ئۈنۈمى ئانچە
ياخشى بولمىغان. ئاندىن بۇ ساھە تەرەققى قىلىپ بۈگۈنكى زاماندا
MOSFTۋە IGBTكونترول قىلىش
تىخنىكىسنى بارلىققا كەلتۈردى .(يىقىنقى 20 يىللاردىن بۇيانقى گەپ، ئارىلىقتا
نۇرغۇن تەرەققىيات جەريانلىرى قىسقارتىلدى)


ئادەتتە چاستوتا
كونترول قىلىش تىخنىكىسى ئاساسلىقى
ئۆزگىرىشچان توكنى تۇراقلىق توكقا ئايلاندۇرۇپ ئاندىن تۇراقلىق توكنى
چاستوتىسى ئۆزگەرگەن ئۆزگىرىشچان توكقا ئايلاندۇرۇشتۇر.
IGBT دېگەن نەرسە دەل ئۇشۇ تۇراقلىق
توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئايلاندۇرۇپ بېرىدىغان
ئەسۋاپ. باھاسى ناھايتى قىممەت. ئادەتتە ئېنۋېرتېر باھاسىنىڭ ئەڭ ئاز
بولغاندىمۇ 50%دىن كۆپرەكىنى مۇشۇ نەرسە ئىگەللەيدۇ .



بەك چۈشۈنۈكسىز
بولۇپ قالغان بولسا قايتىدىن دەي :


ئىنۋېرتېر دېگەن
مەھسۇلات ئارقىلىق بىز موتورنى ئوڭغا ،سولغا، تىز ،ئاستا كونترول قىلالايمىز .
مانا بۇ ئەڭ ئاددى ئىشلىتىش ئۇسۇلىدۇر.


يەنە مۇشۇ ئىنۋېرتېر
ئارقىلىق موتورنى ھەرخىل خوتتا (تىزلىكتە ) ئايلاندۇرالايمىز. مەسىلەن ،بىر
كۇنۇپكىنى باسساق ئوڭغا 20ھرتىس ئايلانسۇن، بىر كۇنۇپكىنى باسساق سولغا 60 ھىرتىس
ئايلانسۇن دېگەندەك ،موتوردىن ئۆز ئىھتىياجىمىزغا ئاساسەن خالىغانچە
پايدىلىنالايمىز. (ئەلۋەتتە موتۇرنىڭ ئىقتىدارى يەتكەن ئەھۋال ئاستىدا)


ھەقىچان مۇشۇ
ئىنۋېرتېر دېگەن نەرسىنىڭ چىرايى قانداقتۇر دەپ قالغانسىلەر :





تۆۋەندىكىسى بولسا Siemens نىڭ ئىنۋېرتېرى









بۇ سانائەت ماگناتى
بولغان
ABBنىڭ ئنۋېرتېرى









بۇ دۆلىتىمىزدىكى
مۇشۇ ساھەدىكى باشلامچى كارخانا بولغان
INVT نىڭ ئىنۋېرتېرى










ئېنۋېتېرنىڭ موتور كونترول قىلىش دائىرىسى ھازىرچە نەچچە مىگاۋات قا بارىدۇ .


تۆۋەندىكى سۈرەتتىكىسى بولسا توشىبانىڭ 1.5مىگاۋاتلىق موتورى .



بۇنداق چوڭ تىپتىكى موتورلارنى كونترول قىلىدىغان ئىنۋېرتېرمۇ شۇنىڭغا چۈشلۇق چوڭ بولىدۇ .








ئىنۋېرتېر ئاساسلىقى سانائەت ئاپتوماتلاشتۇرۇش ،ئىنىرگىيە تىجەش ۋە موتۇرنى قوغداش  ئاسراش جەھەتتە ئشلىتىلىدۇ .ئادەتتە ئىنۋېرتېرنىڭ باھاسى موتور باھاسىدىن تۆۋەنرەك . ئەگەر توك ئىگىز پەس بولۇپ قالسا، موتور ھەركەت ھالىتى تۇيۇقسىز ئۆزگۈرەپ كېتىدىغان، بىر پۈتۈن سىستېما كېرەكتىن چىقىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇد، ئەگەر بىز ئىنۋېرتېر ئىشلەتسەك  توك ئېگىز – پەس بولۇپ قالسا، بىرىنجى بولۇپ ،ئىنۋېرتېر ئاپتوماتىك ھالدا تەڭشەيدۇ ،ئەگەر تەڭشەش ھالىتىدىن ئېشىپ كەتسە، خىزمەتنى ۋاقتىنچە توختىدۇ، ئەگەر ئۇ ھالەتتىنمۇ ئىشىپ كەتسە پەقەت ئىنۋېرتېرلا كېرەكتىن چىقىدۇ، بىز يېڭى بىرنى ئەكىلىپ ئالماشتۇرۇپ ،پارامىتىرلىرىنى تەڭشەپ قويساقلا سىستېما يەنىلا نورمال ئىشلەيدۇ .








ئادەتتە ئېنۋېرتىرنى موتۇرغا ئۇلاش ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك :






ئاۋۇ دۈگلەكنىڭ ئىچىدىكى Mدەپ خەت باربۆلىكى دەل موتوردۇر.





ئېنۋېتېرنى قانداق ساھەلەرگە ئىشلىتىمىز دېگەندە ،ئىشقىلىپ موتورلا ئىشلىتىدىغان ھەرقانداق بىر ئەسۋاپ، زاۋۇت قاتارلىقلارغا ئىشلىتىمىز.





نەزەرىيە جەھەتتىن ئىيتقاندا ھەربىر موتورغا چوقۇم بىردىن ئىنۋېرتېر ئىشلىتىش كىرەك، ئەمما يىقىنقى بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە يەرشارىدكى 60% موتور يەنىلا مۇشۇ مەھسۇلاتسىز ئىشلىمەكتە.





ئەڭ ئاددىسى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىن ،لىفىت ،چوڭ رىستۇران – مىھمانخانىلارنىڭ مەركىزى ھاۋا تەڭشىگۈچىسى ، ئاشخانىنىڭ بۇس تارتقۇسى ،سۇ پومپىسى قاتارلىقلاردىن تارتىپ، يىمەك ئىچمەك زاۋۇتىدىكى ھىلىقى تالقان ئىشلەيدىغان ماشىنا، ئۇن تارتىش ماشىنىسى ،ياغ تارتىش ماشىنىسى .باسمىچىلىق ماشىنىسى ،قۇرۇلۇش زاۋۇتلىرى ،رەخ زاۋۇتلىرى ،ياغاچ زاۋۇتى، ئىچىملىك زاۋۇتى ،قەغەز زاۋۇتى،كان، قۇرۇق يۇيۇش ماشىنىسى  .....دىن تارتىپ يادرو ئىلكتېر ئىستانسىلىرىغىچە ئىشلتىمىز. ئىشقىلىپ ئازراق كۆلەملەشكەن ماشىنا –ئۈسكۈنىلەرنىڭ 90%تىگە ئاساسەن مۇشۇ مەھسۇلات ئىشلىتىلىش ئارقىلىق موتور كونترول قىلىنىلىدۇ. مۇشۇنداق زاۋۇتلاردىكى ھىلىقى چوڭ يوغان كونترول قىلىش ساندۇقنى ئىېچىپ كۆرۈپ باقساڭلار مۇشۇ مەھسۇلاتنى بايقايسىلەر  ياكى موتۇرنىڭ سىمىنىڭ يەنە بىر ئۇچىنى ئىزدىسەڭلارمۇ بايقىشىڭلار مۇمكىن .ياكى قۇرۇق يۇيۇش ماشىنىسىنىڭ كەينىنى ئىچىپ قاراپ باقساڭلارمۇ بولىدۇ.







يۇقارقى رەسىمدىكىسى مەن ھىندىستاندىكى بىر بەش يۇلتۇزلۇق مىھمانخانىنىڭ كىرخانىسىكى تەڭشىگەن ماشىنا .تايلاندتا ئىشلەنگەن  خىرىدارنىڭ تەلىپى بويىچە بىرىنجى ماشىنا ئوڭۇشلۇق تاماملاندى ،شۇنىڭ بىلەن 10مىڭ دوللارلىق بىر توختامغا ئىگە بولدۇم .(شەخسى ئەمەس، شىركەتكە)






خىرىدارنىڭ تەلىپى






يۇقارقى رەسىمدىكىسى ھىندىستان بويسىر شەھىرىدىكى بىر سانائەت قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىدىكى كەمىنە تەمىنلىگەن ئېنىرگىيە ساقلاش لاھىيەسى ،ئاۋۇ كۆزىنى پاقىرتىپ تۇرغان كىچىك ساندۇق دەل ئاشۇ ئىنىرگىيە تىجەيدىغان ،موتور كونترول قىلىدىغان ئىنۋېرتېر.、ئاۋۇ يوغان ماشىنىنى 注塑机دەيمىز  خەنچىدە ،ئېنگىلىزچە Injection Molding Machine دەيمىز ، ھازىرقى يېڭى لاھىيەدە تەخمىنەن 30%-50% كىچە ئىنىرگىيە تىجىيەلەيدۇ ،مۇنداقچە ئىيقاندا 30%-50% كىچە توك پۇلى تىجەيدۇ دېگەن گەپ. بۇ زاۋۇتتا مۇشۇنداق ماشىنىدىن 200 باركەن، بىزنىڭ مەھسۇلاتتىن 68نى ئورناتتۇق .





ئاۋۇ ماشىنا 注塑机ناھايتى ياخشى ماشىنا بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بىز تۇرمۇشىمىزدا ئىشلىتىدىغان بارلىق سۇلياۋ ماتىرىياللارنى ياسىغىلى بولىدۇ . ئەڭ ئاددىسى ئىستاكان، داس ،چىلەك ،تېلفون قاپلىرى ،ئاياقلارنىڭ سۇلياۋ چەملىرى،سۇلياۋ توشەي، سۇلياۋ تاغاق،سۇلياۋ  قوشۇق،چىنە ،بوتۇلكا ، سۇلياۋ نوكەشنىڭ  (سۇ تۇرۇبىسى) ھەرخىل جەينەكلەرنى، جۈمەكلەرنى ...دېگەندەك، ئىشقىلىپ جاھاندىكى بارلىق سۇلياۋ مەھسۇلاتلارنى ياسىغىلى بولىدۇ.



يۇقارقى رەسىم ،ھىندىستاننىڭ گۇجارات ئۆلكىسىدىكى بىر شەھەردىكى سۇلياۋ ماتىرىياللىرى زاۋۇتىنىڭ ئىنىرگىيە تىجەش لاھىيەسى سىناق نەق مەيدانى 1  



يۇقارقى رەسىم ،ھىندىستاننىڭ گۇجارات ئۆلكىسىدىكى بىر شەھەردىكى سۇلياۋ ماتىرىياللىرى زاۋۇتىنىڭ ئىنىرگىيە تىجەش لاھىيەسى سىناق نەق مەيدانى 2






يۇقاردىكىسى ھىلىقى 注塑机دېگەن ماشىنىنىڭ كونترول قىلىش ئاددى  سىخىمىسى ، بىز مۇشۇنىڭغا ئاساسەن لاھىيە تەمىنلەيمىز.






注塑机نىڭ ئاساسلىق مېڭە توك يولى . بىز ئالدىنقى رەسىمگە قاراپ ،مۇناسىۋەتلىك كېرىش- چىقىش ئىغىزلىرىنى سىناپ ،ئاندىن لاھىيەنى مۇقىملايمىز.بۇ خىرىدارىمىز ئىشلەتكىنى جوڭگو ماركىسىدىكى ماشىنىكەن ،بىزدە دۆلەتتە ئىشلەنگەن بۇنداق ماشىنىلارنىڭ لاھىيەسى تولۇق، شۇڭا بۇ خىزمەتمۇ تەس توختىمىدى .




سىناق نەق مەيدانى








يۇقاردىكىلەر ئىنۋېرتېرنىڭ پەقەت ئاددى بىر قىسىم ئىشلىتلىشىدۇر .




كۆپچىلىكنىڭ قانداق سۇئاللىرى بولسا سورىسا بولىدۇ .




رەسىملەر نورمال كۆرۈنمىسە ئەسكەرتىپ قويغايسىزلەر.




ھۆرمەت بىلەن ، ھەۋەسكار يازدىم .

2013.يىلى 8.ئاينىڭ 9.كۈنى شەھىرى مومباي (كونا بومباي). ھىندىستان



saraywan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-9 08:55:46

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئالدى بىلەن سىزنىڭ روزا ھېيىتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!

مەندە ياغاچ پەنەركىگە گۈل ئويۇش ماشىنىسىدىن توتى بار، يەنى (雕刻机) ئۇنىڭ ئىچىدە بىرىسىنىڭ سۈرئىتىنى سەل تېزلەشتۇرۇپ ماڭدۇرسام ئىزىپ كىتىپ خاپا قىلىدۇ. سەۋەپنى ھېچ بىر بىلەلمىدىم، رېمۇنىتچى بالىلارغىمۇ كۆرسىتىپ باقتىم، ئۇلارمۇ كۆرۇپ كېسىلىنى تاپالمىدى، بىردەم ماتۇردىن كۆردى، بىردەم ئۇچۇر يەتكۇزۇش كارتسىىدىن كۆردى، بىردەم ماتۇر قوزغاتقۇچتىن كۆردى، ئۇلارنى ئالماشتۇرۇپ كۆرۇپ بىقىپمۇ ئوڭشالمىدى. بىراق ئىنۋېرتېردىن كۆرۇپ باقمىدى، سىزنىڭچە بولغاندا ئىنۋېرتېر نورمال بولمغان توك بىسىمىغا دۇچ كەلگەندە ماشىننى ئازدۇرۋىتەمدۇ؟ ئۇنىڭ ئۇستىگە بىزنىڭ بۇ مەھەللىدە توك بىسىمى تازا نورمال ئەمەس. مىنىڭ زاۋۇتۇمدا ئۈسكىنلەر سەل كۆپرەك، ئىشلىتىدىغان توكمۇ كۆپرەك. ئۇلار مەھەللىگە تىرانسفۇرماتۇردىن ئورنىتىپ بىرىمىز دەپ ئورنىتىپ، تىخىچە ئورنىتىپ بەرمىدى. ئۇندىن باشقا يەنە توكنى تىجەشنىڭ قانداق ئۇسۇللىرى بار؟

yerimnan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-9 09:50:18

ئەلا!!!

ياقتۇردۇم .

بۇ دەل ئۇيغۇر ئېھتىياجلىق بىلىملەر ئىكەن ،قۇۋۋەت تالىقىنى ،چاچ سۇپۇن ،ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدىن باشقغىمۇ مەبلەغ سېلىش يوللىرى مۇشۇنداق شەكىلدە چۈشەندۈرۈلسىمۇ ياخشىكەن.

yerimnan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-9 09:50:50

ئەلا!!!

ياقتۇردۇم .

بۇ دەل ئۇيغۇر ئېھتىياجلىق بىلىملەر ئىكەن ،قۇۋۋەت تالىقىنى ،چاچ سۇپۇن ،ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدىن باشقغىمۇ مەبلەغ سېلىش يوللىرى مۇشۇنداق شەكىلدە چۈشەندۈرۈلسىمۇ ياخشىكەن.

bughra68 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-9 11:36:09

بەك تەپسىلى تېما ئىكەن . پەقەت ئىتىقاد بىلەن پۇللا ئادەمنى مۇشۇنداق ئەستايىدىل قىلىۋېتىدۇ

imkansiz يوللانغان ۋاقتى 2013-8-9 11:57:41

ئەلا،،،،،،،،

تالاش تارتىشلىق تىمىلاردىن ماشتاق تىمىلار بەك قىزىقتۇرىدۇ مېنى، كەمىنە ئۆزۈممۇ بىر ھۈنەرۋەن، بەزى ئۈسكۈنىلەر بۇزۇلسا بىلەلمەي بەك ئاۋارە بولغان ۋاقىتلىرىم بولغان، رېمۇنتچىلارنىڭ سەۋىيەسى چەكلىك، يەنە كېلىپ دۇكىنىغا ئاپارمىسا ئۆزىنى بۇ يەرلەرگە ئەكەلگىلى بولمايدۇ، يامان يېرى بەزى ئۈسكۈنىلەر ئېغىر،،،،،،،،

ئىشقىلىپ مۇشۇنداق تىمىلار يوللانسا بەك قىزىقىپ كۆرىمەن، گەرچە بەك بىلىپ كېتەلمىسەممۇ،،،

ناھىيەمىزدە ئېلىكتىر رېمۇنتچىلىقى كەسپى كەمچىل، بەزى بىكار يۈرۈيدىغان بالىلارغا تولا دەپ ئېغىزىم ئۇپراپ كېتىدۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا شۇ ئۆزگەرمەس ھالىتىدە،ئاتا ئانىسىنىڭ ھالىغا ۋاي، ئۆزىگىمۇ ھەم.

ئېلىكتىر رېمۇنتچىلىقى قىلىدىغانلارغا قارىسا ھەممىسى توڭلاتقۇ بىلەن كىرئالغۇ بىلەن، تېلۋېزور بىلەنلا قالغان،

كەسپى ساھەلەردە ئىشلىتىلىدىغان، تۇرلۈك ماشىنىلار، ئىستانوكلار، ۋە ھۈنەرۋەنلەرنىڭ سايمان جابدۇقلىرىنى تۇتقىلى ئۇنىمايدۇ، ياكى بىلمەيدۇ، ياكى بىلسىمۇ ئاۋارىچىلىق كۆرۈمدىكىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. يا بۇ ھۈنەردىگەننىڭ ھەممىسىنى ئۆگىنىپ يېتىشىپ بولغىلى بولمىغان،،،،،،،،،،،،

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-8-9 15:21:17

قارىغاندا، ئەمىلىيەت جەريانىدا 逆变器 بىلەن 变频器 نىڭ ھەر ئىككىلىسىنى Inverter دەپ ئاتايدىغان ئوخشايدۇ.

逆变器 تەتۈر ئۆزگەرتكۈچ_تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئايلاندۇرىدىغان زاپچاس.

变频器 چاستوتا ئۆزگەرتكۈچ-ئۆزگىرىشچان توكنىڭ چاستوتىسىنى ئۆزگەرتىدىغان زاپچاس.



ئۆزگەرتىپ ياسىغان مەھسۇلاتلارغا ئىشلەتكەن تەتۈر ئۆزگەرتكۈچ تولا بۇزۇلۇپ، بىزنىڭ خېرىدارلار ھازىر جۇڭگونىڭ ماركىلىرىغا قاراپمۇ قويماس بولدى.

Batush يوللانغان ۋاقتى 2013-8-9 17:16:33

1- قەۋەتتىكى saraywanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئالدى بىلەن سىزنىڭ روزا ھېيىتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!


مەندە ياغاچ پەنەركىگە گۈل ئويۇش ماشىنىسىدىن توتى بار، يەنى (雕刻机) ئۇنىڭ ئىچىدە بىرىسىنىڭ سۈرئىتىنى سەل تېزلەشتۇرۇپ ماڭدۇرسام ئىزىپ كىتىپ خاپا قىلىدۇ. سەۋەپنى ھېچ بىر بىلەلمىدىم، رېمۇنىتچى بالىلارغىمۇ كۆرسىتىپ باقتىم، ئۇلارمۇ كۆرۇپ كېسىلىنى تاپالمىدى، بىردەم ماتۇردىن كۆردى، بىردەم ئۇچۇر يەتكۇزۇش كارتسىىدىن كۆردى، بىردەم ماتۇر قوزغاتقۇچتىن كۆردى، ئۇلارنى ئالماشتۇرۇپ كۆرۇپ بىقىپمۇ ئوڭشالمىدى. بىراق ئىنۋېرتېردىن كۆرۇپ باقمىدى، سىزنىڭچە بولغاندا ئىنۋېرتېر نورمال بولمغان توك بىسىمىغا دۇچ كەلگەندە ماشىننى ئازدۇرۋىتەمدۇ؟ ئۇنىڭ ئۇستىگە بىزنىڭ بۇ مەھەللىدە توك بىسىمى تازا نورمال ئەمەس. مىنىڭ زاۋۇتۇمدا ئۈسكىنلەر سەل كۆپرەك، ئىشلىتىدىغان توكمۇ كۆپرەك. ئۇلار مەھەللىگە تىرانسفۇرماتۇردىن ئورنىتىپ بىرىمىز دەپ ئورنىتىپ، تىخىچە ئورنىتىپ بەرمىدى. ئۇندىن باشقا يەنە توكنى تىجەشنىڭ قانداق ئۇسۇللىرى بار؟



ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، ئايەم مۇبارەك .


سىزنىڭ ماشىنىڭىز نورمال سۈرئەتتە ياكى تۆۋەن سۈرئەتتە نۇرمال ئىشلىگەن بولسا ئۇنداقتا سىستېمىنىڭ قاتتىق دىتالدا مەسىلە يوق . مەسىلە ئاساسلىقى پارامىتېرنى تەڭشەشتە. ئادەتتە بۇنداق ماشىنىلارنىڭ پارامىتېرلىرى زاۋۇت تەرەپتىن ئەڭ ئۆلچەملىك ھالەتتە تەڭشەلگەن بولىدۇ .


ماشىنىنىڭ ئىزىپ كېتىشى دېگەننى مەن ماشىنا توختاپ قالىدۇ ياكى قىتىپ قالىدۇ دەپ چۈشەندىمغۇ ؟


بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشى ئاساسلىقى 1. موتۇر يۇقۇرى سۈرئەتتە ئايلانغاندا تاساددىبى موتور ئوقى بىرەر توسالغۇغا ياكى قاتتىق بىر قارشى كۈچكە ئۇچرىسا موتورنىڭ توك ئېقىمى ئىنتايىن قىسقا ۋاقت ئىچىدە ھەسسىلىنىپ كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا بىزنىڭ تولا ئۇچرايدىغان مەسىلىلەر ئاددىسى كونتاكتور (سىۋچ ياكى 接触器)  سەكرەپ كېتىدۇ ياكى باۋشىيەن سىم بىخەتەر سىم ئۈزۈلىدۇ . مۇرەككەپرەك بولغاندا موتور سىم ئورام كۆيىدۇ ياكى ئوت كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىىشىمۇ مۇمكىن . ئىنۋېرتېرنىڭ ئالاھىدىلىكى دەل مۇشۇنداق ئەھۋالدا موتورنى قوغداش رولى بار.


بىز دەسلەپ تەڭشىگەندە ئارتىپ كەتكەن توك بېسىمىدىن قوغداش 过压保护、 过流保护ئارتىپ كەتكەن توك ئىقىمىدىن قوغداش دەپ پارامىتېرلىرى بار ،مۇشۇنى ئادەتتە بىز موتورنىڭ ئۈستىدىكى ئۇچۇر بويىچە تەڭشەيمىز، ئەگەر توك بىسىمى ياكى ئېقىمى بۇنىڭدىن يۇقۇرى بولۇپ كەتسە ئنۋېرتېر بىر خاتالىق ئۇچۇرى چىقىرىپ موتور ھەركەتتىن توختايدۇ .بۇ ۋاقىتتا بىز ئىنۋېرتېرنى قايتا قوزغاتساقلا بولىدۇ .


ئەمدى بۇنى تەكشۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى :


\"\"


ئىنۋېرتېرنىڭ U  V W دەپ ئېغىزى بار موتورنىڭ سېمىنى ئۇلايدىغان . سىز مالتىمىتىرنى توك ئىقىمى تەكشۈرۈش خوتىغا تەڭشەپ(دىققەت، مالتېمېتېرنىڭ توك ئىقىمى خوتىنىڭ چوڭ كىچىكلىك دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ ،شۇڭا ئەگەر موتۇرنىڭ ئۈستىدىكى ) .شۇ يەردىكى توك ئىقىمىنى تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ .ئالدى بىلەن نورمال ئەھۋالدا بىر تەكشۈرۈڭ ئاندىن خاتىرلىۋىلىڭ. ئاندىن يۇقۇرى سۈرئەتتە بىر تەكشۈرۈڭ . ماشىنا ئىزىپ كەتكەن ۋاقىتتىكى سانلىق مەلۇمات ئىنتايىن مۇھىم .


ئاندىن سىز بۇب ئۇچۇرلارنى ئاشۇ ماشىنىنى ياسىغان زاۋۇتقا ئىنكاس قىلسىڭىز ئۇلار سىزگە ئەڭ ياخشى تەڭشەك لاھىيەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.



توكنى تىجەشنىڭ ھەم توك مۇقىملاشنىڭ يەنە ئەڭ ياخشى بىر ئۇسۇلى - UPS ئىشلىتىش ، بۇ ئادەتتە بىز ئىشلەتكەن كىچىك تىپتىكى UPSكە ئوخشىمايدۇ .لىكىن بۇ خىل لاھىيەنىڭ (مەھسۇلاتنىڭ) تەننەرخى قىممەت ئەمما ئۈنۈمى يۇقۇرى . بۇ لاھىيە ئارقىلىق سىز ئەڭ سۈپەتلىك توكقا ئىرىشەلەيسىز. بۇ لاھىيەنىڭ ئارتۇقچىلىق توك ساقلاش بولماستىن بەلكى ئەڭ سۈپەتلىك توك بىلەن تەمىنلەش. يەنى توك ئىگىز -؟؟؟؟؟بوپ كەتكەن ۋاقىتتا 5-10 مىنۇت سىزنىڭ يەنىلا ئەڭ سۈپەتلىك مۇقىم توك بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.


توكنىڭ سۈپىتى توغىرلىق كېيىن ئايرىم يازما يوللارمەن .

Batush يوللانغان ۋاقتى 2013-8-9 17:24:31

5- قەۋەتتىكى imkansizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەلا،،،،،،،،

تالاش تارتىشلىق تىمىلاردىن ماشتاق تىمىلار بەك قىزىقتۇرىدۇ مېنى، كەمىنە ئۆزۈممۇ بىر ھۈنەرۋەن، بەزى ئۈسكۈنىلەر بۇزۇلسا بىلەلمەي بەك ئاۋارە بولغان ۋاقىتلىرىم بولغان، رېمۇنتچىلارنىڭ سەۋىيەسى چەكلىك، يەنە كېلىپ دۇكىنىغا ئاپارمىسا ئۆزىنى بۇ يەرلەرگە ئەكەلگىلى بولمايدۇ، يامان يېرى بەزى ئۈسكۈنىلەر ئېغىر،،،،،،،،

ئىشقىلىپ مۇشۇنداق تىمىلار يوللانسا بەك قىزىقىپ كۆرىمەن، گەرچە بەك بىلىپ كېتەلمىسەممۇ،،،

ناھىيەمىزدە ئېلىكتىر رېمۇنتچىلىقى كەسپى كەمچىل، بەزى بىكار يۈرۈيدىغان بالىلارغا تولا دەپ ئېغىزىم ئۇپراپ كېتىدۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا شۇ ئۆزگەرمەس ھالىتىدە،ئاتا ئانىسىنىڭ ھالىغا ۋاي، ئۆزىگىمۇ ھەم.

ئېلىكتىر رېمۇنتچىلىقى قىلىدىغانلارغا قارىسا ھەممىسى توڭلاتقۇ بىلەن كىرئالغۇ بىلەن، تېلۋېزور بىلەنلا قالغان،

كەسپى ساھەلەردە ئىشلىتىلىدىغان، تۇرلۈك ماشىنىلار، ئىستانوكلار، ۋە ھۈنەرۋەنلەرنىڭ سايمان جابدۇقلىرىنى تۇتقىلى ئۇنىمايدۇ، ياكى بىلمەيدۇ، ياكى بىلسىمۇ ئاۋارىچىلىق كۆرۈمدىكىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. يا بۇ ھۈنەردىگەننىڭ ھەممىسىنى ئۆگىنىپ يېتىشىپ بولغىلى بولمىغان،،،،،،،،،،،،


بۇ خىل سانائەت مەسۇلاتلىرىنىڭ بۇزۇلۇش شەكلى بىلەن ئائىلە ئىلىكتېر سايمانلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى  ئوخشىمايدۇ .


سانائەت مەھسۇلاتى ئاتالمىش بۇزۇلۇشى ئەمەلىيەتتە رەسمى بۇزۇلىشىمۇ ئەمەس بولىشى مۇمكىن . مەن يۇقىرىدا دېگەن مەھسۇلاتنىڭ ئەگەر بىرەر قارشىلىقى ياكى بىرەر سىملىرى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بولسا بۇنى رېمونىتچى ئۇستاملار ئوڭشىيالايدۇ . لىكىن ، بۇ مەھسۇلاتنى ئوڭشاپ بولغاندىن كېيىن موتۇرنى ماڭغۇزۇش يەنە بىر مەسىلە  .


ئادەتتە بىر PLC نى 1000-2000 كويغىچە ئالساق ، بۇنى ئىشلىتىش ئۈچۈن، شۇ لاھىيەسىگە ئىرىشىش ئۈچۈن ھەسسىلەپ ھەق تۆلەيدىغان گەپ.  بۇنداق سانائەت ئاپتوماتلاشتۇرۇش مەھسۇلاتلىرى بولسا ،مەھسۇلاتتىن باشقا مۇلازىمەتمۇ ھەقىلىق. بىزنىڭ خىرىدارلىرىمىز بىزدىن ئەرزان باھادا ئىلىپ ،ئۇنىڭغا باھا ۋە مۇلازىمەت ھەققى قوشۇپ سودا قىلىدۇ .سانائەت ئاپتوماتلاشتۇرۇشتا ئاساسلىقى مۇلازىمەت -تېخنىكا پۇل . قاتتىق دېتال رېمۇنتچىلىقى بۇ ساھەگە ئانچە بەك رولى يوق . ئادەتتە بۇنداق مەھسۇلاتلارنىڭ بازار باھاسى قىممەت ،ئەمما سۈپەت كاپالىتى ئۇزۇن. بۇزۇلسا بىراقلا ئالماشتۇرىدۇ. ئاساسەن رىمونت قىلمايمىز. مېنىڭ بىر 5 يىللىق بىر كونا خىرىدارىم بار . ئۇنىڭ ئامبرىدا ئاز بولغاندا 100 تال بۇزۇق مۇشۇندا مەھسۇلاتلار بار. ھەممىسى بىۋاستە ئالماشتۇرۇلغان، رېمونت قىلىنمىغان. ئەمما ئۇ خىرىدارىم ئۆزى رىمونت قىلىپ يەنە ئوڭشاپ سېتىپ يۈرىدۇ.

Batush يوللانغان ۋاقتى 2013-8-9 17:28:25

6- قەۋەتتىكى muzdalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قارىغاندا، ئەمىلىيەت جەريانىدا 逆变器 بىلەن 变频器 نىڭ ھەر ئىككىلىسىنى Inverter دەپ ئاتايدىغان ئوخشايدۇ.

逆变器 تەتۈر ئۆزگەرتكۈچ_تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئايلاندۇرىدىغان زاپچاس.

变频器 چاستوتا ئۆزگەرتكۈچ-ئۆزگىرىشچان توكنىڭ چاستوتىسىنى ئۆزگەرتىدىغان زاپچاس.



ئۆزگەرتىپ ياسىغان مەھسۇلاتلارغا ئىشلەتكەن تەتۈر ئۆزگەرتكۈچ تولا بۇزۇلۇپ، بىزنىڭ خېرىدارلار ھازىر جۇڭگونىڭ ماركىلىرىغا قاراپمۇ قويماس بولدى.

逆变器نى ئادەتتە پەقەت قۇياش ئىنىرگىيەلىك مەھسۇلاتلارغا ۋە قاتناش تىرانسپورتنىڭ ئىنىرگىيە مەنبەسىنى كونترول قىلىش ئىشلىرىدا ئىشلىتىمىز. بۇ 变频器بىلەن ئوخشىمايدۇ.  لىكىن شۇ ئۇيغۇرچە ھەممىنى مۇشۇنداق ئېنۋېرتېر دېدىمغۇ .


چەتئەللىكلەرمۇ مۇشۇندا دەيدۇ .


ئىنۋېرتېر دىسەك ئەڭ ئاددىسى ئۆيدىكى ئاۋۇ ئۇزچات، توكلىغۇچلارمۇ مۇشۇ ئىنۋېرتېرگە كېرىدۇ . لىكىن سانائەتتە مۇشۇ مەھسۇلاتنى ھەقىقەتەن ئىنۋېرتېر دەيدۇ .

saraywan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-9 17:42:16

7- قەۋەتتىكى hawaskarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى saraywanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئالدى بىلەن سىزنىڭ روزا ھېيىتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!

مەندە ياغاچ پەنەركىگە گۈل ئويۇش ماشىنىسىدىن توتى بار، يەنى (雕刻机) ئۇنىڭ ئىچىدە بىرىسىنىڭ سۈرئىتىنى سەل تېزلەشتۇرۇپ ماڭدۇرسام ئىزىپ كىتىپ خاپا قىلىدۇ. سەۋەپنى ھېچ بىر بىلەلمىدىم، رېمۇنىتچى بالىلارغىمۇ كۆرسىتىپ باقتىم، ئۇلارمۇ كۆرۇپ كېسىلىنى تاپالمىدى، بىردەم ماتۇردىن كۆردى، بىردەم ئۇچۇر يەتكۇزۇش كارتسىىدىن كۆردى، بىردەم ماتۇر قوزغاتقۇچتىن كۆردى، ئۇلارنى ئالماشتۇرۇپ كۆرۇپ بىقىپمۇ ئوڭشالمىدى. بىراق ئىنۋېرتېردىن كۆرۇپ باقمىدى، سىزنىڭچە بولغاندا ئىنۋېرتېر نورمال بولمغان توك بىسىمىغا دۇچ كەلگەندە ماشىننى ئازدۇرۋىتەمدۇ؟ ئۇنىڭ ئۇستىگە بىزنىڭ بۇ مەھەللىدە توك بىسىمى تازا نورمال ئەمەس. مىنىڭ زاۋۇتۇمدا ئۈسكىنلەر سەل كۆپرەك، ئىشلىتىدىغان توكمۇ كۆپرەك. ئۇلار مەھەللىگە تىرانسفۇرماتۇردىن ئورنىتىپ بىرىمىز دەپ ئورنىتىپ، تىخىچە ئورنىتىپ بەرمىدى. ئۇندىن باشقا يەنە توكنى تىجەشنىڭ قانداق ئۇسۇللىرى بار؟



ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، ئايەم مۇبارەك .


سىزنىڭ ماشىنىڭىز نورمال سۈرئەتتە ياكى تۆۋەن سۈرئەتتە نۇرمال ئىشلىگەن بولسا ئۇنداقتا سىستېمىنىڭ قاتتىق دىتالدا مەسىلە يوق . مەسىلە ئاساسلىقى پارامىتېرنى تەڭشەشتە. ئادەتتە بۇنداق ماشىنىلارنىڭ پارامىتېرلىرى زاۋۇت تەرەپتىن ئەڭ ئۆلچەملىك ھالەتتە تەڭشەلگەن بولىدۇ .


ماشىنىنىڭ ئىزىپ كېتىشى دېگەننى مەن ماشىنا توختاپ قالىدۇ ياكى قىتىپ قالىدۇ دەپ چۈشەندىمغۇ ؟


بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشى ئاساسلىقى 1. موتۇر يۇقۇرى سۈرئەتتە ئايلانغاندا تاساددىبى موتور ئوقى بىرەر توسالغۇغا ياكى قاتتىق بىر قارشى كۈچكە ئۇچرىسا موتورنىڭ توك ئېقىمى ئىنتايىن قىسقا ۋاقت ئىچىدە ھەسسىلىنىپ كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا بىزنىڭ تولا ئۇچرايدىغان مەسىلىلەر ئاددىسى كونتاكتور (سىۋچ ياكى 接触器)  سەكرەپ كېتىدۇ ياكى باۋشىيەن سىم بىخەتەر سىم ئۈزۈلىدۇ . مۇرەككەپرەك بولغاندا موتور سىم ئورام كۆيىدۇ ياكى ئوت كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىىشىمۇ مۇمكىن . ئىنۋېرتېرنىڭ ئالاھىدىلىكى دەل مۇشۇنداق ئەھۋالدا موتورنى قوغداش رولى بار.


بىز دەسلەپ تەڭشىگەندە ئارتىپ كەتكەن توك بېسىمىدىن قوغداش 过压保护、 过流保护ئارتىپ كەتكەن توك ئىقىمىدىن قوغداش دەپ پارامىتېرلىرى بار ،مۇشۇنى ئادەتتە بىز موتورنىڭ ئۈستىدىكى ئۇچۇر بويىچە تەڭشەيمىز، ئەگەر توك بىسىمى ياكى ئېقىمى بۇنىڭدىن يۇقۇرى بولۇپ كەتسە ئنۋېرتېر بىر خاتالىق ئۇچۇرى چىقىرىپ موتور ھەركەتتىن توختايدۇ .بۇ ۋاقىتتا بىز ئىنۋېرتېرنى قايتا قوزغاتساقلا بولىدۇ .


ئەمدى بۇنى تەكشۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى :


\"\"


ئىنۋېرتېرنىڭ U  V W دەپ ئېغىزى بار موتورنىڭ سېمىنى ئۇلايدىغان . سىز مالتىمىتىرنى توك ئىقىمى تەكشۈرۈش خوتىغا تەڭشەپ(دىققەت، مالتېمېتېرنىڭ توك ئىقىمى خوتىنىڭ چوڭ كىچىكلىك دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ ،شۇڭا ئەگەر موتۇرنىڭ ئۈستىدىكى ) .شۇ يەردىكى توك ئىقىمىنى تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ .ئالدى بىلەن نورمال ئەھۋالدا بىر تەكشۈرۈڭ ئاندىن خاتىرلىۋىلىڭ. ئاندىن يۇقۇرى سۈرئەتتە بىر تەكشۈرۈڭ . ماشىنا ئىزىپ كەتكەن ۋاقىتتىكى سانلىق مەلۇمات ئىنتايىن مۇھىم .


ئاندىن سىز بۇب ئۇچۇرلارنى ئاشۇ ماشىنىنى ياسىغان زاۋۇتقا ئىنكاس قىلسىڭىز ئۇلار سىزگە ئەڭ ياخشى تەڭشەك لاھىيەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.



توكنى تىجەشنىڭ ھەم توك مۇقىملاشنىڭ يەنە ئەڭ ياخشى بىر ئۇسۇلى - UPS ئىشلىتىش ، بۇ ئادەتتە بىز ئىشلەتكەن كىچىك تىپتىكى UPSكە ئوخشىمايدۇ .لىكىن بۇ خىل لاھىيەنىڭ (مەھسۇلاتنىڭ) تەننەرخى قىممەت ئەمما ئۈنۈمى يۇقۇرى . بۇ لاھىيە ئارقىلىق سىز ئەڭ سۈپەتلىك توكقا ئىرىشەلەيسىز. بۇ لاھىيەنىڭ ئارتۇقچىلىق توك ساقلاش بولماستىن بەلكى ئەڭ سۈپەتلىك توك بىلەن تەمىنلەش. يەنى توك ئىگىز -؟؟؟؟؟بوپ كەتكەن ۋاقىتتا 5-10 مىنۇت سىزنىڭ يەنىلا ئەڭ سۈپەتلىك مۇقىم توك بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.


توكنىڭ سۈپىتى توغىرلىق كېيىن ئايرىم يازما يوللارمەن .



مۇمكىن بولسا، مىنى چ چ رىڭىزغا قاچىلاپ قويسىڭىز: 1073202699

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-9 18:35:59

سىللە ھەۋەسكارمۇ ياكى باتۇشمۇ ؟

1- قەۋەتتىكى بۇرادەرگە تەكلىپ ( saraywan@  @saraywan ) :

يىتەرلىك مەبلىغىڭىز بولسا ، 在线式UPS ئىشلىتىڭ . بولمىسا بىسىم تەڭشىگۇچ ياكى بىسىم مۇقىملاشتۇرغۇچ ئىشلەتسىڭىز ئۇنۇمى ياخشىراق بولىدۇ ...

Batush يوللانغان ۋاقتى 2013-8-9 19:22:01

11- قەۋەتتىكى radiofanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىللە ھەۋەسكارمۇ ياكى باتۇشمۇ ؟

1- قەۋەتتىكى بۇرادەرگە تەكلىپ ( saraywan@ @saraywan ) :

يىتەرلىك مەبلىغىڭىز بولسا ، 在线式UPS ئىشلىتىڭ . بولمىسا بىسىم تەڭشىگۇچ ياكى بىسىم مۇقىملاشتۇرغۇچ ئىشلەتسىڭىز ئۇنۇمى ياخشىراق بولىدۇ ...

مەن ماۋۇ ئىزدىنىشقا 10 يىل مۇقەددەم مۇشۇ ئىسىمدا تىزىملىتىپ قويۇپتىكەنمەن، ھازىرغىچە باتۇش دېگەنگە ئۆزگەرتەلمەي يۈرىمەن .


مەن باتۇش شۇ.


ئىزدىنىشتىلا نامىم ھەۋەسكار .

joshua يوللانغان ۋاقتى 2013-8-9 21:12:03

دەنفوسنىمۇ ئازراق تونۇشتۇرۇپ قويماي، بىزدىمۇ يۇقىرى بېسىمغا ئا ب ب ئىشلىتىمىز، لېكىن تۆۋەن بېسىمدە دەنفوس دېگەن ئوقەت بولىدۇ.



تېمىڭىز تەپسىلىي ئىكەن، ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-8-9 22:45:30

ياخشى يېزىلغان تېما ئىكەن. ئاپتورمۇ مۇلايىم كەمتەر ئىكەن. ھېيتلىق سالام بىلەن رەھمەت تەڭ كەتتى. ئەمەلى قوللىنىشچانلىقى بار تېما بوپتۇ.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-8-10 06:29:04

ياخشى يازما \"\"



ئىنۋېرتېر دىگەن ئاتالغۇ يەنىلا 逆变器 گە ماس كەلگۈدەك. بۇ يەردىكى invert دىگەن سۆز ئادەتتىكى ئۆزگىرىشچان توكنى تۇراقلىق توكقا ئۆزگەرتىدىغان ئۈسكۈنىلەرگە قارشى ئېيتىلغان بولسا كىرەك.

kabanna يوللانغان ۋاقتى 2013-8-10 10:58:53

مۇنداق بىلىمدىن تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى خەۋەردار قىلىش كېرەك.

تېما ئەلا!

Batush يوللانغان ۋاقتى 2013-8-10 14:41:12

15- قەۋەتتىكى yollughنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ياخشى يازما \"\"



ئىنۋېرتېر دىگەن ئاتالغۇ يەنىلا 逆变器 گە ماس كەلگۈدەك. بۇ يەردىكى invert دىگەن سۆز ئادەتتىكى ئۆزگىرىشچان توكنى تۇراقلىق توكقا ئۆزگەرتىدىغان ئۈسكۈنىلەرگە قارشى ئېيتىلغان بولسا كىرەك.



ئادەتتە 逆变器نى solar inverter دەيمىز . 变频器نى ئامىرىكىلىقلار Variable Frequency inverter دەيدۇ. ياۋروپالىقلار AC Drive،frequncy inverter دەيدىكەن ، 逆变器ھەم 变频器نى ئوخشاشلا Inverter دېسەك مېنىڭچە تامامەن بولىدۇ . ئەگەر 逆变器 ئىشلەيدىغان ياكى ئىشلىتىدىغان كارخانىغا بېرىپ ئىنۋېرتېر دېسەك ئۇلار بۇنى 逆变器دەپ چۈشىنىدۇ . 变频器 بار يەرگەر بارساق 变频器 دەپ چۈشىنىدۇ .


ئىنۋېرتېرنى يەنىمۇ بەك تۈرگە ئايرىساق ، ئۆزگىرىشچان چاستوتا ئۆزگەرتكۈچ ۋە قۇياش ئىنىرگىيەسى ئۆزگەرتكۈچ دېسەكمۇ بولىدۇ .ياكى چاستوتا ئىنۋېرتېر ، قۇياش  ئىنۋېرتېر دېسەكمۇ بولغۇدەك .  

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-8-10 15:50:53

---

ئىنۋېرتېرنى يەنىمۇ بەك تۈرگە ئايرىساق ، ئۆزگىرىشچان چاستوتا ئۆزگەرتكۈچ ۋە قۇياش ئىنىرگىيەسى ئۆزگەرتكۈچ دېسەكمۇ بولىدۇ .ياكى چاستوتا ئىنۋېرتېر ، قۇياش ئىنۋېرتېر دېسەكمۇ بولغۇدەك .

--



solar inverer دىگىنى قۇياش ئىنىرگىيە تاختىسى چىقارغان تۇراقلىق توكنى ئۆزگۈرۈشچان توكقا ئۆزگەرتىدىغان ئۈسكۈنە ئىكەن، يەنى بىز دىگەن ئىنۋېرتېرنىڭ بىر تۈرى. كۆپىنچە خەنزۇچە مەنبەلەردە inverter دىگەننى 逆变器 دەپ تەرجىمە قىپتۇ.ئۈستىدىكى پىكىرىڭىزگە ئاساسەن ئىككىسىنى ئىنۋېرتېر ۋە چاستوتا ئىنۋېرتېرى دەپ ئالساق مۇۋاپىق بولغۇدەك. solar inverter پەقەت ئىنۋېرتىرنىڭ بىر تۈرى ئىكەن. تېخنىكىلىق جەھەتتىن ئىككىسىنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپى ئوخشاپ كېتەمدۇ -يوق ئۇنى بىلمەيدىكەنمەن. پىرىنسىپى ئوخشاپ كەتسە ئەلۋەتتە بىر خىل ئاتالغۇ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. پايدىلىنىشقا بولىدىغان يەنە بىر سۆز transoformer ,变压器 نى ئۇيغۇرچىدا تىرانسفورماتور دەپ ئالىدۇ، شۇنىڭغا ماسلاشقان بىر سۆز تېپىش مۈمكىن بولامدۇ يوق.



ئىنۋېرتېرغا قىزىقىپ قېلىشىم بىر دانە 220 ۋولتلىق توك ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىنى ئاپتوموبىل ئۈستىدە ئىشلىتىش لازىم بولۇپ قېلىپ بىر ئىنۋېرتېر سېتىۋالغان، ئاپتوموبىل ئۈستىدىكى 12ۋولىتلىق توكنى 220ۋولىتقا ئۆزگەرتىپ بېرىدىكەن. باھاسى نەچچە يۈز سوم ئەتراپىدا.

Abdikadir يوللانغان ۋاقتى 2013-8-10 22:19:19

ئاپتورنىڭ نەزەر دائىرسى كەڭ ، ئۆز كەسپىگە پىششىقلىقى يازمىسىدىنلا چىقىپ تۇرۇپتۇ ، ئىزدىنىشقا كۆز تەگمىسۇن ، ئۇيغۇرغا ھازىرقى زاماندا (مىنىڭچە بولغاندا ھە ، شەخسەن ئۆز كۆز قارىشىم ) ئەڭ مۇھىمى تېخنىكا ، ئىقتىساد ۋە مەدىنىيەت -ساپا ، مۇشۇنداق تىمىلارنىڭ كۆپلەپ يېزېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، بىلگەجان قاتارلىق ئىلىمنىڭ زاكىتىنى بىرىۋاتقان قېرېنداشلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن .
بەت: [1] 2
: سانائەت ئاپتوماتلاشتۇرۇشتىن - ئىنۋېرتېر