kvlgvnchek يوللانغان ۋاقتى 2013-8-6 14:27:46

ساياھەت ئىدارىسىدە ياكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغان دوستلاردىن ياردەم س

مەن يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۆت ئا دەرىجىلىك ساياھەت ئورۇنلىرىنى رەتلەۋاتقان ئىدىم. لېكىن مەملىكەتلىك ساياھەت سۈپىتىنى باھالاش كومىتېتىدىكتەكشۈرۈپ بېكىتكەن تۆت ئا دەرىجىلىك ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ ئېنىق سانىنى بىلەلمىدىم، بەيدۇ بەيكېدىن ئىزدىسەم جەمئىي 15ى بار دەيدۇ، لېكىن قارىسام بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى ئاللىقاچان بەش ئا دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ بولغان ساياھەت ئورۇنلىرى ئىكەن. يەنە بەزى تورلاردا 12 دەپتۇ، ساياھەت ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان بۇ توغرىسىدا ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە دوستلار بولسا ئىشەنچلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن بولسا دېگەن ئۈمىدتە ئۇشبۇ تېمىنى يازدىم.دوستلارنىڭ قىممەتلىك پىكىر ـ تەكلىپ بىلەن تەمىنلىشىنى شۇنداقلا بولسا ئاشۇ ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ كىرىش ئىشىكىگە يېزىلغان ئۆلچەملىك، توغرا ئىسمى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۆتىنىمەن.(ساياھەتكە بارغان بولساڭلار چىرايلىق تارتىلغان رەسىملىرى بولسىمۇ ياق دېمەيمەن)       



مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما: بەش ئا دەرىجىلىك ساياھەت ئورۇنلىرى    


http://p13.freep.cn/p.aspx?u=v20_p13_photo_1308061626403858_0.jpg


                              


Qabil يوللانغان ۋاقتى 2013-8-6 20:40:58

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ياخشىمۇ سىز. 2007 - يىلغىچە رايونىمىزدىن تەكشۈرۈپ بېكىتكەن 4A دەرىجىلىك ساياھەت نۇقتىسى 25 كەن، ئۇنىڭدىن كېيىن دۆلەتنىڭ ساياھەت بايلىقىنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش چاقىرىقىغا ئاساسەن، بولۇپمۇ 2010 - يىلدىن كېيىن رايونىمىزدا سۈنئىي ۋە تەبىئىي ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى بەس - بەستە ئېچىلىپ، ئۇنىڭغا دەرىجە بېكىتىپ، ساياھەت رايونلىرىنىڭ A دەرىجىسى ۋە ساياھەت نوقتىللىرى پاخال نەرخى بوپ قالدى. مېنىڭ بىلىشىمچە 2012 - يىلغىچە رايونىمىزدىن تەكشۈرۈپ بېكىتكەن، كونا يېڭى بولۇپ 4A دەرىجىلىك ساياھەت نۇقتىسىدىن 43 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە نام بېرىپ قايتا تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەنلەرمۇ بار، بۇ يىل 9 ئايغىچە قايتا تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەنلەرنىڭ دەرىجىسىنى چۈشۈرۈۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، مېنىڭچە، پايدىلىنىمەن دېسىڭىز يەنىلا ئاشۇ 25 نى ئاساس قىلىپ تۇرۇڭ، ئادرېسى بۇ يەردە؛

http://zh.wikipedia.org/wiki/%E5%9B%BD%E5%AE%B6AAAA%E7%BA%A7%E6%97%85%E6%B8%B8%E5%8C%BA#.E6.96.B0.E7.96.86

ئەگەر ئاشۇ 43 نىڭ ھەممىسىدىن پايدىلانغۇڭىز بولسا مۇنبەرگە ئې - خەت ئادرېسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ، ياكى مۇنبەردىن ئۇچۇر قىلىپ يوللاپ قويۇڭ، مەن ئەتىگىچە تىزىملىكنى سىزگە ئەۋەتىپ بېرەي.

yalqin bulut يوللانغان ۋاقتى 2013-8-7 09:45:12

توت ئا بەش ئا قىلىۋىتىپ ئەزەلدىن بىز ئويناپ چوڭ بولغان يەرلەرگە قىممەتلىگىدىن يېقىن بارالمايمىز ھازىر،،بىزگە نىمە پايدىسى بولدى،بىز ھازىر تېلىۋېزوردىنلا كورىمىز ئۇ يەرنى،مەن ھازىر ئۇ گۇزەل ساياھەت رايونلىرى جاڭگالغا ئايلىنىپ قالسىكەن دەپ خۇدادىن تىلەيمەن،جاڭگالغا ئايلىنىپ قالغان چاغدا بىزگە ئاشىدۇ ئۇ يەر

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2013-8-8 13:31:17

2- قەۋەتتىكى yalqin bulutنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

توت ئا بەش ئا قىلىۋىتىپ ئەزەلدىن بىز ئويناپ چوڭ بولغان يەرلەرگە قىممەتلىگىدىن يېقىن بارالمايمىز ھازىر،،بىزگە نىمە پايدىسى بولدى،بىز ھازىر تېلىۋېزوردىنلا كورىمىز ئۇ يەرنى،مەن ھازىر ئۇ گۇزەل ساياھەت رايونلىرى جاڭگالغا ئايلىنىپ قالسىكەن دەپ خۇدادىن تىلەيمەن،جاڭگالغا ئايلىنىپ قالغان چاغدا بىزگە ئاشىدۇ ئۇ يەر



دۇئايىڭىزنىڭ ئىجابەت بولشنى تىلەيمەن، لىكىن دۇئا ئىجابەت بولغاندىن كىيىنمۇ بىزگە ئاشماسلىقىدىن غەم يەيمەن....


ئىشتنىڭ گېلىدىن ئۆتكەن سوڭاكنىڭ يىنىپ چىققىنىنى سىز كۆرگەنما؟ ئىشقىلىپ مەن كۆمىگەن، 60ياشتىن ئاشقان داداممۇ كۆمەپتىكەن...

kvlgvnchek يوللانغان ۋاقتى 2013-8-13 08:14:31


1- قەۋەتتىكى qabilنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ياخشىمۇ سىز. 2007 - يىلغىچە رايونىمىزدىن تەكشۈرۈپ بېكىتكەن 4A دەرىجىلىك ساياھەت نۇقتىسى 25 كەن،



ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، 2212433252 بولسا مۇشۇ مۇڭداشقۇ نومۇرىنىڭ ئىلخىتىگە ياكى مۇشۇ مۇڭداشقۇغا ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز، رھمەت سىزگە!


بەت: [1]
: ساياھەت ئىدارىسىدە ياكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغان دوستلاردىن ياردەم س