aqari123 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-6 07:51:17

شىنجاڭدىكى ئەيدىز كۆپ يۇرتلار

2012- يىلى سىنتەبىرنىڭ ئاخىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزغا دوكلات قىلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە ئەيدىز ئاغرىقى 40 مىڭ 110 بولۇپ، بۇنىڭ ئارىسىدىكى ئەيدىز ئاغرىقى 8600 ئىكەن، 5929ئەيدىز ئاغرىقى قازا قىلغان. مۆلچەرىنىشىچە ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 60مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. ئىلى، ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن ۋە تۇرپان قاتارلىق رايۇن-ۋىلايەتلەردىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار پۈتكۈل ئاپتونوم رايۇنىمىز ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمى سانىنىڭ %83.2 ئىگىلىگەن.

    ھەممىمىزگە مەلۇم، خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، تۇرپان، غۇلجا، ئۈرۈمچى قاتارلىق يۇرتلاردا پۈتۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلار ئاھالىسىنىڭ %80 دىن كۆپى ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئەيدىزنىڭ يۇرت ھەم مىللەت پەرقى بويىچە تارقىلىش ۋە يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ كىلىپ چىققانلىقىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ. شۇنداقلا، تۆۋەندىكى سېلىشتۇرما مەلۇماتتىن قارىغاندىمۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىمىزدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشى ھەممىدىن كۆپ بولۇپ، ئويلانماي تۇرالمايمىز.

    ئەيدىزنىڭ بۇنداق تارقىلىشىدا بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان ھەرقايسى يۇرتلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە جەمىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقى نامايەن بولىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ جەمىيەت ۋە مەدەنىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنىڭ شىنجاڭدا بىللە ياشاۋاتقان باشقا نوپۇسى كۆپرەك مىللەتلەردىن پەرقلىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولىۋاتىدۇ.

ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئادەملەرنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ھۇشيارلىق ئېڭى بىلەن مۇناسىۋەتلەك بولغاچقا، شۇنداقلا ئادەملەر مەلۇم مىللەت مەدەنىيەت-جەمىيەت ئاڭ-مۇھىتىدا ئۆسۈپ يىتىلىدىغان ھەم ياشايدىغان بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى مەدەنىيەت مىجەز-خارەكتېرى تامغىسى ۋە تەرەققىيات ساپاسى پەرقى بويىچە ئەيدىزگە پۇتلىشىپ يۈرۈشى كىلىپ چىققان دېمەي تۇرالمايمىز.

    دېمىسىمۇ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىرىق ۋە كىيىم-كېچەك جەھەتتىكى سىرتقى كۆرۈنۈش پەرقىدىن باشقا، ئىدىيە-قىممەت ئېڭى، ئەقىدە-ئېتىقادى، تىل-يېزىقى، مىللى مەدەنىيەت ئۆرۈپ-ئادىتى، مىجەز-خارەكتېرى، ئەر-ئاياللىق تۇنۇشى ھەم نىكاھ قارىشى، تۇرمۇش ئادىتى-چۈشەنچىسى، جاھاندارچىلىق ئۇسۇلى، بالىلارنى تەربىيىلەش ھەم مائارىپقا تۇتقان پۇزىتسىيەسى، ساغلاملىق ئېڭى، مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى قاتارلىق جەھەتلەردىن بىر-بىرسىدىن پەرقلەنمەي قالمايدۇ. يەنى ئادەملەر مۇشۇنداق ئوخشىماسلىق بىلەن مىللى خاسلىققا، مىللەت پەرقىگە ئىگە بولغان. مىللەت پەرىقلەنگەن يەردە ئادەملەرمۇ پەرىقلىنىدۇ، ئەلۋەتتە.

    شۇنداقلا، دۇنيادىكى دۆلەتلەر، مىللەتلەر ھەم مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۇچۇر-تېخنىكا، قاتناش، سودا-ئىقتىساد، سەنئەت-كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزئارا تەسىرى-ئۆتۈشىشى بۈگۈنكىدەك بارغانسىرى كۈچىيىۋاتقان زاماندا، ئۆز مەدەنىيەت-جەمىيەت مۇھىتىنى گۈللەندۈرۈشتە تەلىم-تەربىيە، تەشۋىقات، تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردە يېتەرلىك كۈچ چىقىرىپ بولالمايۋاتقانلارنىڭ سەلبى مەسىلىلىرى كۆپۈيۈپ كىتىدۇ.

    ئۇيغۇرلاردىن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئالاھىدە پەرىقلىق ھالەتتە زەھەر سېتىشى ھەم زەھەر چېكىپ يۈرۈشلىرى، كىچىك بالىلارنى ئالداپ-ئوغۇرلاپ ئىچكىرىگە ئاپىرىپ مەجبۇرى ئوغۇرلىققا سېلىپ كەسپى ئوغۇرلۇق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى، چىرايلىق ئۇيغۇر قىزلىرى مىللەتداش ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن ھەر خىل ئۇسۇل-ۋاستىلەر بىلەن ئىچكىرىگە ئاپىرىلىپ پاھىشەخانىلارغا سېتىۋېتىلىشى، يېقىندا يۈز بەرگەن ياڭاق سوقمىسى(ماتاڭ)نى زورلاپ ساتتى دېگەن قالپاققا ئىگە بولۇپ تور دۇنياسىدىكى كەمسىتىلىش-ھاقارەتلىرى، شۇنداقلا شىنجاڭدا بىر مۇنچە مىللەت بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشتا ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىپ رىكورت يارىتىشى، جۇڭگو ئاھالىسىنىڭ شەھەرلىشىشىنىڭ ئەللىك پىرسەنتكە يەتكەنلىكىنىڭ ئەكسىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەرلىشىشتە باشقىلارنىڭ كەينىدە قېلىپ، ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەرلىشىشنىڭ سىرتىدا ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش ئەھۋالىنى مىللەتلەر ئارا نىسبەتلەشتۈرگەندە جۇڭگودا بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇشى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى كۈتۈپخانا-كىتابخانىلارنىڭ باشقىلارنىڭكىدەك ئاۋاتلىشالماسلىقى...

مىللەتلەر ئارا پەرىق دېگەن بولىدۇ. ئەمما تەرەققىيات، گۈللىنىش، ئىلغارلىقتا بىر دۆلەت-بىر جەمىيەت ئىچىدە يۇقىرى-تۆۋەنلىك بولسا، تەرەققياتى كەينىدە قالغان مىللەتنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنىڭ يېتەرلىك ھەم مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. چۈنكى، ھەرقانداق مىللەت ئۆزىنىڭ تىل-يېزىقى، ئاخبارات-نەشرىياتى، رادىيۇ-تىلىۋىزىيەسى، مەدەنىيەت-مائارىپى، ئىدىيە-تەپەككۇر تەتقىقاتى، مىللى پىسخىكا ــ مىجەز-خارەكتېر باھا-ئانالىزى، ئىگىلىك-تۇرمۇش يولى، سىياسىي-ئىقتىساد ئېڭى، مەدەنىيەت قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق گۈللىنىش يولىغا قاراپ ئىلگىرلىيەلەيدۇ. يەنى يۇقارقى جەھەتلەردە باشقا مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۈلگە قىلىشى، ئۆزلىرىنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇپ تەرەققىيات ئۇسۇلىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تۈزۈتىشى، مىللەت مەدەنىيەت قاتلىمىدىكى سەلبى مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىپ، مۇكەممەل تەرەققىيات قۇرۇلمىسى ئارقىلىق تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ يېتەكلەش ئۇسۇلى بىلەن گۈللىنىش يولىغا كىرىش كېرەك.

    «يول تەغدىرنى بەلگىلەيدۇ» دەپ شى جىنپىڭ «گۈللىنىش يولى» كۆرگەزمىسىدە ئېيتقاندەك، تەرەققىيات يولى-ئۇسۇلى مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرت ھەم مىللەت بويىچە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ باشقا مىللەتلەردىن ئېغىرلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۇسۇلىدىكى يېتەرسىزلىك ھەم چالا تەرەپلىرىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەمما، ئۇيغۇرلاردا يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، رايۇن ئىچىدە ھەم ئىچكىرى ئۆلكىلەردە مىللەتنىڭ يۈز-ئابرويىغا ھەم ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر مۇنچە سەلبى مەسىلىلەر كىلىپ چىقتى. بۇلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئىقتىدارسىزلىق، ھۆكۈمەت فۇنكىتسىيەسىدىكى يېتەرسىزلىكنىڭ نامايەن بولۇشى دېيىش كېرەكمۇ؟ ياكى كىشىلەرنىڭ قانداق قالپاق كىيىشىدىن قەتئىنەزەر مىللەت كوللىكتىپىنىڭ مەنپەئەتىدىن ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتىنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇشىمۇ؟ ۋە ياكى ئۇلار ھەرقانداق ئىش-پائالىيەتتە مىللەتنىڭ ئوبرازى ھەم ۋەكىلى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتنى چۈشەنمەمدۇ؟!....

    «كېسەلنى يۇشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا» دېگەن گەپ بار. شۇڭا كېسەل يۈز بەرگەندىن كىيىن دىئاگنۇز قۇيۇش كېرەك. رىتسىپ يېزىپ داۋاللاش ئۈچۈن ئويلىنىش، ئىزدىنىش كېرەك. باشلىق جاڭ چۈنشەننىڭ ئەھمىيەت بىرىشى بىلەن ئىچكىرىگە ئاپىرىلىپ ئوغۇرلىققا سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ كۈچ چىقىرىپ يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىشى، بالىلىرىنى تاپالمايۋاتقان ئاتا-ئانىلار بىلەن ئاتا-ئانىلىرىنىڭ مېھرىبانلىقىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىچكىرىدىكى سەرگەردان بالىلارنى ناھايىتى رازى قىلغىنىنى ھەممىمىز بىلىمىز. شۇڭا، شىنجاڭدىكى ئەيدىز كۆپ يۇرتلار توغرىسىدا ئويلانمىساق، ئىزدەنمىسەك بولمايدۇ. چۈنكى، ئادەم ئەيدىز بىلەن يۇشۇرۇن ھالەتتە يۇقۇملىنىدۇ، يۇشۇرۇن ھالەتتە يۇقۇملانغان ئەيدىز يۇشۇرۇن ھالەتتە داۋاملىشىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى خالاپ ئېلىپ بارسا بولىدىغان جىنسىيەت ئەركىنلىكى قۇيۇۋېتىلگەن جەمىيەتتە، مەدەنىيەتتىكى نىكاھنىڭ كونتۇرۇللىقى ئاجىزلاپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر نىكاھنىڭ ئالدى-كەينى، ئىچى-تېشىدا خالىغانچە جىنسى مۇناسىۋەت ئەركىنلىكىگە ئېرىشتى. باشقىچە ئېيتقاندا بىر ئەر كۆپ ئايال بىلەن، بىر ئايال كۆپ ئەر بىلەن بىللە بولۇش نۇرماللىققا يۈزلەندى. جىنسى مۇناسىۋەت نۆۋەتتە ئەيدىزنىڭ نىسبەتەن كۆپ تارقىلىش يولىغا ئايلانغان بولۇپ، ئەيدىز ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسى مۇناسىۋەت ئورنىغا يۇشۇرۇنغان بولغاچقا، شۇنىڭ بىلەن ئەيدىز ئۆمۈچۈك تورىدەك تورلۇشۇپ، دەرەخنىڭ شېخىدەك شاخلىشىپ يۇشۇرۇن ھالەتتە بازار تېپىشقا باشلىدى. شۇڭا، ساقايمايدىغان دۇنياۋى يۇقۇملۇق كېسەل ئەيدىز بۇنداق بازار تاپسا، ئەل-يۇرتقا خەۋىپ ئېلىپ كەلمەي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە.

مەنبە:http://www.xahtur.com/bbs/forum. ... ad&tid=848#lastpost

مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

azizim يوللانغان ۋاقتى 2013-8-6 09:31:10

ئەڭ ئىچىم ئېچىشىدىغىنى ئاشۇ ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ ئۇلارنىمۇ كېسەل قىلىۋېتىشى. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى جەمىيەتكە قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، بولسا ئاپىرىپ ئېتىۋەتسە، ئاندىن مىللەت ساپلىشىدۇ.

  مۇشۇ قىشتا ئۈرۈمچى ئاققوۋۇق يەر ئاستى سودا بازىردىكى ئىشنى ئاڭلىغانسىلەر بەلكىم، بىر ياش يىگىت پىچاقتا بەدىننى كېسىپ كىشىلەرگە قالايمىقان شىلتىپ قالايمىقانچىلىق چىقاردى، ساقچىلارمۇ تېز ئېنكاس قايتۇرالمىدى، نېمىشقا دېسەڭلار، جېنىدىن تويغان ئادەمدىن جىنمۇ قورقىدۇ ئەمەسمۇ، شۇڭا كېيىن ساقچى-ھەربىيلەر كېلىپ يەر ئاستى سودا بازىرى تاقالدى. بۇنى مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن. كېيىن مەھەلدىكىلەردىن سورىسام ئۇ بالا ئەيدىز ئىكەن، ئۇنداق ساراڭلىقنى جىق قىلىدىكەن، مانا ئەيدىز دېگەن.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-6 09:33:14

ھەئە .... ئەيدىز دىگەن ئۇيغۇردىن جىق چىقىدۇ . ئەيدىزنى ئۇيغۇرلار ئىچكىردىكى كىتايلاردىن ئەمەس ئافرىقىدىكى مايمۇنلاردىن يۇقتۇرۇپ كەلگەن ئەمەسمۇ .

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-6 09:35:19

ئۇيغۇرچە خەت بولسىلا كۆچۈرۈپ كېلىدىكەنسىلەرۋە ماۋۇ بەزىلىرىڭلار ئادەمنىڭ دېمىنى سىقىپ ، ئەقلىڭلار بولغاندىكىن مېغىز بىلەن شاكالنى ئايرىمامسىلەر دەيمەن . خەق پوقنى چىرايلىق پەردازلاپ ئۈستىگە لازا ئاچچىقسۇ چېچىپ بەرسە ئاچچىق چۈچۈككەن دەپ يىمەڭلار يەنە .

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-6 10:20:51

ئاۋۇ ئۈستىدىكى سان سىپىرنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسى قانچىلىك؟ئەگەر شىنجاڭدا ھەقىقەتەن ئەيدىز بىمارى ۋە يۇقۇملانغۇچى 60000مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا تەخمىنەن ھەر 300ئادەمنىڭ بىرى ئەيدىز بولىدۇ دېگەن گەپ.بۇ بەك قۇرقۇنۇشلۇق سان ئەمەسمۇ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار بولسا تەخمىنە 180ئۇيغۇرنىڭ بىرى ئەيدىز دېگەن گەپ بولىدۇ.كۆپتۈرۈلگەن سانمۇ ياكى ئىشەنىچلىك مەنبەسى بارمۇ؟

yalqin bulut يوللانغان ۋاقتى 2013-8-6 10:40:48

،،،ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ئەسكى ياۋايى قالاق كوپ قىسمى ئەيدىز، ئەيدىزدە غۇلجا شەھىرى مەملىكەت بويىچە بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ،زەھەرلىك چېكىملىكنى كوپ چېكىدۇ، بىرسى باشقۇرۇپ تۇرمىسا بىر بىرسىنى يەيدۇ دىمەكچىما...........

دولىتىمىزدىكى سىتاتىسكىغا ئىشىنىدىغانلارمۇ بارمىدۇ،،ۋاي ئاللاھ ئۇنتۇپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ مۇشۇ تېمىنى يوللىغان يولداش ئىشىنىدىكەن ئەمەسمۇ،تېمىنى يوللىغان يولداش ئىسىم فامىلىڭىزنى دەپ بېرەمسىز خاتىرلەپ قوياي،كېيىن سىتاتىسكىغا ئىشىنىدىغانلارنى سوراپ قالسا سىزنى دەپ بېرەي



قازاقىستاندىكى قازاقلارنىمۇ سابىق سوۋىت ئىتپاقى پارچىلانماس چاغدا شۇنداق دەپ ئىدىيىسىگە سىڭدىرىۋېتىپتىكەن،مەن 90 يىل ئەتىيازدا چىققانتىم ئاشۇ چاغدىمۇ قازاقلارنىڭ ئوزىمۇ ئاشۇنداق گەپلەرگە قايىلتىكەن،،،ھازىرچۇ دۇنيادىكى ھاياتى كۇچى ئۇرغۇپ تۇرغان ئەڭ گۇزەل مەملىكەتلەرنىڭ بىرسى،خەلقى باي پاراۋان،


ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-8-6 11:12:43

بۇ ئىستاستىكىنىڭ ئىشەنچىلىك بولۇش نىسپىتى باشىقا سانلىق ماتىرياللارغا قارىغاندا كۆپ يۇقىرى

uyghurluq يوللانغان ۋاقتى 2013-8-6 11:21:58

قىزىل مەلەڭزىلىك لەي-لەيخانىلارنى تاقىۋەتسە ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . ئۇنداق يەرلەر تېخى ساقچىخانىنىڭ ، خەلق ھۈكۈمەتنىڭ ، ئاھالە كومتىتى قاتارلىق ئۇرۇنلارنىڭ يېنىدا ياكى ئالدىدا بولىدىكەن . ئۇلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىسا ھەرقانچە تەشۋىقات قىلغان بىلەن بىكار .


ئىچكىردە پاھىشەلەرنىڭ ئۇۋۇللىرىغا ھۇجۇم قىلىپ تۇتۇپ تۇردىكەن ، ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇندا ئەسۆىچە http://www.nur.cn/news/2013/08/130801.shtml

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-8-6 11:23:56

خەقنىڭ نىمە كىيىۋالغانلىقىغا،ناماز ئۈتىگەن ئۈتىمىگەنلىكىگە ئاجراتقان كۈچنىڭ بىر ئۈلۈشىنى زەھەرلىك چىكىملىكنى چەكلەش ئىشىغا قاراتقان بولسا بەلكىم  شىنجاڭ تەۋەسىدە زەھەرلىك چىكىملىك ساتىدىغان ياكى چىكىدىغانلار قالمىغان بولاتتى.

يەنە بىر قىزىق گەپ
باشقا يەرلەردە شەھەرلىشىش 50تىن ئاشسا بىزدە تېخى ئۈچتەن ئىككىسى دېھقان دەپتۇ.
ۋاڭ شۇجى نۇئېر رەئىسلەرنىڭ رەھبەرلىكىدە ئامانلىق بىرىنچى دەپ مۇقىملىقنى ساقلاۋاتىمىزغۇ ئەينا……تەرەقىياتنى نىم قىلماقچىدۇ بۇ ئەدەم……
يەنە بىر قىزىق ئىش ئۈرۈمچى دىگندەك شەھەرگە كىرىپ ئىشلىگەنلەرنى قوغلاپ يۇرتىغا قايتۇرۋەتىدىكەنيۇ،ئىچكىرىگە ئاپارىدىغانغا زورلاپ ئادەم تۇتۇپ بېرىدىكەن

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-8-6 11:27:12

ۋاڭ شۇجى چۈشۈپ كەتتىمىيە راست……
پەرھات شاڭجاڭغۇ چۈشۈپ كىتىپ تۈگە بولغان……
ۋاڭ شۇجى چۈشۈپ كىتىپ نىمە بولغاندۇ

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-6 13:55:48

مۇشۇ نەرسىنىمۇ يوللاپ.... ھۆكىمەت بىخەتەرلىككە چىقارغان كۈچىنىڭ

10دەن بىرىنى چىقارغان بولسا ئەيدىز تامامەن كونتۇل قىلىنغان بولاتتى .

ئامما لىكىن ئۇنداق قىلمايدۇ. بولسا ئۇيغۇرلار ئەيدىز بولاپ ئۆلەپ تۈگەپ كەتسەك

زىمىن ئوڭچىلام قالسا ............

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2013-8-6 15:49:06

«ئۇيغۇرلاردا ئاجرىشىش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى» دېگەنمۇ يالغان گەپ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-8-6 19:13:20


2- قەۋەتتىكى azizimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەڭ ئىچىم ئېچىشىدىغىنى ئاشۇ ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ ئۇلارنىمۇ كېسەل قىلىۋېتىشى. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى جەمىيەتكە قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، بولسا ئاپىرىپ ئېتىۋەتسە، ئاندىن مىللەت ساپلىشىدۇ.



مۇشۇ گىپىڭىز بولغاچقا، مۇشۇنداق ئىدىيە بولغاچقا، مۇشۇنداق يەكلەش، كەمسىتىش بولغاچقا بىلىپ بىلمەي ئەيدىز كېسىلى بۇلۇپ قالغان قىسمەن ناھايتى قىسمەن كېشىلەر باشقىلارغا زىيانكەشلىك قېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەيدىز كېسىلى ئەمەس ساق كېشىلەرنىڭ باشقىلارغا زىيانكەشلىك قېلىشى قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. ھەر قاتىللىق دىلولېرىنى، مەست بولۇپ چىققان جىدەللەرنى، ئۇرۇش-تالاشلارنى، ماشىنا ھادىسىلېرىنى كۆرۋاتىمىز شۇلارنى ئەجەپ ئېتىۋەتمەي ئىككى تۆت تال ئەيدىز بىمارى كۆزۈڭلارغا كۆرۈنۈپ قالدىما؟ 20000 ئەيدىز كېسىلى شىنجاڭدىن يىۋۇغا، جىڭجۇغا كېسەل يۇقتۇرغىلى مىڭىپتۇ دىسە ساددا بالىلار ھازىرغىچە كىيۇكىيۇدا ئەۋەتىپ يۈرىدۇ. ئەيدىز كېسىلى نورمال كېشىلىك مۇناسىۋەتتە يۇقمايدۇ. شۇڭا ئۇنچە تەشۋىشلىنىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. ھازىر ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئۈچ خىل يوقۇش يولى ئىچىدە قالايمىقان مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش نىسپىتى بارغانچە يۇقۇرلاۋاتىدۇ. شۇڭا مىسالەن جۆرىسىنىڭ ۋاپاسىزلىقى تۈپەيلى ئۆزىگە يۇقتۇرۋالغۇچىلارمۇ ئاز ئەمەس، شۇ سەبى بالىلارمۇ تۇغۇلىشىدىنلا ئەيدىز بولۇپ قالىدۇ. شۇ بالىلارنىمۇ ئاپىرىپ ئېتىۋىتىش كېرەكمۇ؟ ئۇنداق دەپ كەتمەيلى. ئەدەپ ئەخلاقلىق ، گۈلدەك قىزلېرىمىزنىڭ ئېرىنىڭ يۇقتۇرىشى بىلەن ئۆزى شۇنداقلا يىڭى تۇغۇلغان بالىسىنىڭ ئەيدىز بولۇپ ئائىلىسىنىڭ خانىۋەيران بولغىنىنى كۆرگەنمەن. بۇنداق ئەھۋالدا يەنە شۇ بىگۇناھ قىزدىن شۇ بىگۇناھ بەش ياشقىمۇ ئۇلىشالمىغان شۇ سەبى بالىنىڭ نىمىسىدىن ئاغرىنىمىز؟


ئەيدىز بىمارلېرىمۇ بىزنىڭ كۈيۈنىشىمىزگە، توغرا يولغا يىتەكلىشىمىزگە مۇختاج.


mustapa يوللانغان ۋاقتى 2013-8-6 20:53:47

دېمەك يۇقارقى سانلىق مەلۇماتلار توغرا بولسا شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە مۇقىملىق مەسىلىسى ئەمەس ئەيدىزنى تىزگىنلەش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسى بولىشى كېرەك .ئۇيغۇر رايونىدا بۇنداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ھېچقانداق بىر ئاممىۋى تەشكىلات ياكى تاراتقۇلارنىڭ بولماسلىقى ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرنىڭ ئومۇملاشماسلىقىدىكى بىر سەۋەپ .ھۆكىمەتنىڭ بۇ رايوندا مۇقىملىققا ئاجراتقان مەبلەغ ۋە زېھىن كۈچى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ شۇڭا بۇنداق ئىشلارغا يىتىشەلمەيدۇ .

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-8-6 21:00:04

مەھەللىمىزدە بىر نەشىكەش ئاق ساتقۇچى بار. ساقچىلار ۋەزىپە تاماملاش ئۈچۈن يىلدا بىر نۆۋەت تۇتۇپ قويىدۇ. جىق ياتمايدۇ بىر ئىككى ھەپتىگە قالماي يىنىپ چىقىدۇ. بۇرۇنغۇ ئاق چەككۈچىلەر شىپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ ئاسان يۇقتۇرۋالىدىغان بۇ كېسەلنى. ھازىر شىپرىس دىگەن نىمىمۇ ئەرزان بوپكەتتى تېخى بەزىلەرگە بىكارلىق. يەنىلا ئىنسان ئۆزىگە ئۆزى پۇختا بولۇپ، يولدىن چىقماي خاندىن قورقماي ماڭغان ياخشى.

kabanna يوللانغان ۋاقتى 2013-8-7 20:40:54

دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرنىڭ كۆپ قىسمى دېھقان، شۇ دېھقاننىڭ ئىچىدە بۇرنى بولمىسا نىجاسەتنى يەيدىغانلار كۆپرەكمىكىن، مىڭ جاپادا شەھەرگە ئەكىرىپ تۆتتەڭگىگە بىرنەرسە سېتىپ تاپقان پۇلىغا خوتۇن بالىسىغا تۆت سامسا ئالغاچ چىقاي دېمەي، شوپاڭخانىغا يۈگرەۋاتقان...

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-7 20:53:15

دېھقانلارنىغۇ نادان دەيلى بوپتۇ،ئۇستىرىسى يوق ساتراشخانىلارنىڭ ئەتراپىدا جەمىيەت ئامانلىقىنى تۈزەش خادىملىرى ئۇقماي يۈرىۋېرىدۇ -دە،غوجامنىڭ غوجىسى دېمىسە كىم قول تىقىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ ئۇ ئىشلارغا…

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-8-7 21:32:50

ئىزدىنىشتىكى بارلىق تورداشلارغا روزا ھېيتلىق سالام.



بايرام كۈنلەردە بۇنداق ئېغىر تېمىلاردا مۇنازىرە قىلىپ، كۆڭۈل يېرىم قىلساق ياخشى بولمايتى. بۇ ماقالىگە \"\" كەتتى. قارىسام ئاساسى مەنا جەھەتتىن يەنا شۇ ئۇيغۇر ناچار مىللەت بولغاچقا مۇشۇنداق بولدى دىمەكچىكەن.

ئەسلىدە مەسىلىنىڭ نېگىزى خەلقنىڭ نامراتلىقىدا، قولىدا ئىقتىسادىنىڭ ئازلىقىدا بولىشى كېرەك ئىدى.



بۈگۈن جۇڭگۇنىڭ شەندۇڭ دىگەن يېرىدىن دىيارىمىزغا ئىشلىگىلى كەلگەن تۆت ئىشچىنى ئېلىپ، ياساۋاتقان يولدىكى يامغۇر سۈينى ئاققۇزىدىغان قۇدۇققا قاپقاپ ئورنىتىۋاتقان. پاراڭ ئارلىقىدا ئىككى بىلىكىگە ئەجدىھار نەقىشلىۋالغان بىر ئىشچى ئۆزىنىڭ دىيارىمىزنىڭ خوتەن رايونىغا بارغانلىقىنى ھېكايە قىلىپ بەردى، ئۇنىڭ بىلەن دىيشكەن ئارتۇق گەپلەرنى قىلماي قوياي،

( ئۇنىڭ بىلەن جىدەل قىلىپ يۈرمىدىم، غورۇرۇم قايناپ كېتىپ چۈشەندۈرۈپمۇ يۈرمىدىىم، گەپلىرىنى ئاڭلاپ قويدۇم، ۋېجدانسىز دەپ تىللايدىغانلارغا مەرھەمەت!)



مۇشۇ تېمىغا ماس كېلىدىغان يېرى، ئۇ بارغان يۇرت ئادەملىرىنىڭ ناھايىتى كەمبەغەل ئىكەنلىكى، ئۇ يەردىن 20 ، 30 سوملۇق پاھىشە قىزدىن 5 ئېلىپ يۇرتى شەندۇڭغا بېرىپ 150 سومدىن پاھىشىلىككە سالغانلىقى بولدى. بۇ ئىشچى بىزنىڭ شىركەتنىڭ كىچىك ئىشلىرىنى ھۆددىگە ئالغان خوجايىننىڭ ئىش بېشى، سالاھىيىتىدىن قارىغاندىمۇ گەپلىرى ئىشەنچىسىز ئەمەس.

ئۇلۇغ ئاللاھ ھەر بىرىمىزنى يامان كۈنلەردىن ساقلىغاي! ناۋادا بۇ ئىنكاسنى ياقتۇرمىغان بولساڭلار ئۆچۈرۋەتسەڭلارھېچقانداق پىكىرىم يوق.

bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-8 11:43:36

مۇشۇنداق ئەيدىزنمۇ مىللەتنىڭ ئىللىتىگە ئارتىپ تەھلىل يۇرگۇزۇش بىر خاتالىق.ئەمىلىيەتتە مىللەتتكى ئىللەتنى ئجتىمالى تۇزۇم كەلتۇرۇپ چىقىردۇ،جۇڭگۇدىكى ئەيدىز ئەڭ كۆپ يۇرىت يۇننەن ،سەۋەبى يۇننەن ئالتۇن ئۈچ بۇرجەككە چىگىرلىنىدۇ ،زەھەر چىكىش بىلەن ئەيدىز مۇناسىۋىتى زىچ ،شىنجاڭنىڭ ئەيدىز كۆپ بولىشى شىنجاڭ ئالتۇن ھىلال ئاي غا چىگىرلىنىدۇ ،ئاففانىستان دۇنيانىڭ زەھەر بازىللىرىنىڭ بىرسى. يەرلىك ئاھالە بولغان ئۇيغۇرلاردا ئەيدىز تەبئى كۆپ،شىنجاڭدىكى خەنلەر بولسا كۆپ قىسىمى ئازادلىقتىن كىيىن كۆچۇپ كەلگەن ھەم كۆپ قىسىمى ئەسلى يۇرتى يۇننەن ئەمەس ،شۇڭا ئالتۇن ھىلال ئاينىڭ تەسىرگە جىق ئۇچىرمىغان، ئالدىراپ مىللەتكە گۇناھ ئارىتمىساق.....
بەت: [1] 2 3
: شىنجاڭدىكى ئەيدىز كۆپ يۇرتلار