ئۈرۈمچىدە بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئوت كەتتى(تەرجىمە)
بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقىت سائەت 10:20 دە، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئوت كىتىش ۋەقەسىدە بىر ئادەم ئۆلۈپ ئالتە ئادەم يارىلانغان.تەپسىلاتى: 2013- يىلى 8- ئاينىڭ 5- كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 09:30 دا، ئۈرۈمچىدە 528A لىنىيە ئاممىۋى ئاپتوبۇسىغا نۇرلۇق يول بۆلىكىدىكى بوغدا مىھمانخانىسىنىڭ ئالدىدا تۇيۇقسىز ئوت كەتكەن. ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 10:20 گىچە قەدەر ۋەقەدە بىر ئادەم ئۆلۈپ، ئالتە ئادەم يارىلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بىر قىسىم يىنىك يارىلانغان يولۇچىلار ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆزلىكىدىن يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارنى ئىزدىگەن. نۆۋەتتە، ئوت پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلۈپ، ئوت كىتىش سەۋەبى ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە. نۇرلۇق يول بۆلىكىدىكى قاتناش تەرتىپىمۇ ئاساسەن نورمال ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
http://y1.ifengimg.com/3c3836acca646962/2013/0805/rdn_51ff2bbeb2144.jpg
چوقۇم بىرەر تېرورچىنىڭ قىلغان ئىشى بولۇشى مۇمكىن. بولمىسا جوڭگو شۇنچە چوڭ تۇرسا باشقا ئۆلكە، شەھەردە ئوت كەتمەي، ئۈرۈمچىدىلا ئوت كېتەمدۇ؟
چالا دانىشمەنلەر ، خەققە دەستەك بولىدىغان مانداق پاراڭنى قىمماڭلار ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقماي . ئاپتۇبۇس دىگەن ماڭىدۇ ، ئۈسسۈپمۇۋالىدۇ ، ئوتمۇ كېتىدۇ ، پارتىلاپمۇ كېتىدۇ ، ھاڭدىن چۈشۈپمۇ كېتىدۇ . ما يەردە بىز قورساق ئاغرىقىنى تارتىپ بولالمايۋاتساق ئادەمنىڭ يېغىرىغا تۇز سەپمەڭلار لاۋزا پاراڭ قىلىپ . بەك چىدىمىساڭلار سىياسى مەسلىھەت كىڭىشىگە بېرىپ پۇل ئالمايدىغان خالىس مەسلىھەتچى بولۇڭلار . سىلەردەك پۇتاقچى ، دۇمباقچىلارنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ . مۇتخەسلەرنىڭ مەيدانى بىلەن چۈشەندۈرگەندە:
1ـ يەرشارى كىلىماتىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ئۈرۈمچىدە بىر ئاپتۇزنىڭ ئوت كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان (ئېكولوگىيە مۇتخەسلىرى).
2ـ فالون بىدئەت تەشكىلاتنىڭ بىر ئاپتۇزى ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان (ئېدولوگىيە مۇتخەسلىرى).
3ـ بىر ئاپتۇز نۇرلۇق يولىغا كەلگەندە شىڭگەن بەدەنلەرنى كۆرۈپ،ھارارىتى ئېشىپ كېتىپ ئوت كەتكەن(شاپاقچى گەدەنكەش مۇتخەسىسلەر).
7- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
چالا دانىشمەنلەر ، خەققە دەستەك بولىدىغان مانداق پاراڭنى قىمماڭلار ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقماي . ئاپتۇبۇس دىگەن ماڭىدۇ ، ئۈسسۈپمۇۋالىدۇ ، ئوتمۇ كېتىدۇ ، پارتىلاپمۇ كېتىدۇ ، ھاڭدىن چۈشۈپمۇ كېتىدۇ . ما يەردە بىز قورساق ئاغرىقىنى تارتىپ بولالمايۋاتساق ئادەمنىڭ يېغىرىغا تۇز سەپمەڭلار لاۋزا پاراڭ قىلىپ . بەك چىدىمىساڭلار سىياسى مەسلىھەت كىڭىشىگە بېرىپ پۇل ئالمايدىغان خالىس مەسلىھەتچى بولۇڭلار . سىلەردەك پۇتاقچى ، دۇمباقچىلارنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ .
ئۇنداقلارنى يەتتە كۈن ئەمەس ،بەلكى مۇنبەر تۈرمىسىگە يەتتە ئاي قاماش كېرەكتى باشلىق.
8- قەۋەتتىكى newstarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇتخەسلەرنىڭ مەيدانى بىلەن چۈشەندۈرگەندە:
1ـ يەرشارى كىلىماتىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ئۈرۈمچىدە بىر ئاپتۇزنىڭ ئوت كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان (ئېكولوگىيە مۇتخەسلىرى).
2ـ فالون بىدئەت تەشكىلاتنىڭ بىر ئاپتۇزى ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان (ئېدولوگىيە مۇتخەسلىرى).
3ـ بىر ئاپتۇز نۇرلۇق يولىغا كەلگەندە شىڭگەن بەدەنلەرنى كۆرۈپ،ھارارىتى ئېشىپ كېتىپ ئوت كەتكەن(شاپاقچى گەدەنكەش مۇتخەسىسلەر).


بەت:
[1]