tilmix يوللانغان ۋاقتى 2013-8-5 11:58:41

قەشقەر يەكەن ساياھىتى(مەسلىھەت)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

ئارام ئېلىش پۇرسىتىدە، خۇدايىم بۇيرىسا ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنلىرىدىن باشلاپ ئانامنى ئېلىپ قەشقەر، خوتەن تەرەپلەرنى ئون كۈنچە ئايلىنىپ كىلەيمىكىن دەيمەن.

دەسلەپكى پىلان قەشقەر ۋە يەكەننى كۆرۈپ كىلىش، ناۋادا ۋاقىت يار بېرىپ قالسا خوتەن تەرەپلەرگىمۇ بېرىپ كىلىش خىيالىم بار.

بولسا قەشقەر يەكەن تەرەپلەردە ئارلىقى يېقىن ساياھەت نۇقتىلىرى بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار، ئۇلاق يوق، كىرا قىلىپ بارىمەن. تەۋسىيە قىلغان ساياھەت نۇقتىلىرىغا قايسى جايدىن قانداق قاتناشقا ئولتۇرۇپ بارسا قولايلىق بولىدىغانلىقى توغۇرلۇق ئۇچۇرلارنىمۇ قوشۇپ قالدۇرۇپ قويساڭلار بەكمۇ خوش بولاتتىم.

رەھمەت.

ھە راست تۈنۈگۈن كىتابخاندىن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايوننىڭ قاتناش خەرىتىسى قوللانمىسى« دىگەن كىتاپنى سېتىپ ئالدىم. 2013 -يىلى 4-ئايدا نەشىر قىلىنىپتۇ.

ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ناھىيىلەرنىڭ خەرىتىلىرى باركەن.  سىنچىلاپ قارىسام پويىز يولى يەنىلا قەشقەردە توختاپ قاپتۇ، خوتەنگە تۇتاشقان تۆمۈريول سىزىلماي قاپتۇ، قارىغاندا كىتاپ يېڭى بولغان بىلەن يەنىلا كونا خەرىتىنى ئىشلەتكەن ئوخشايدۇ. ئاللاھ خالىسا مۇشۇ خەرىتىدىكى ھەممە ناھىيەلەرگە ھەر يىلى ئاز ئازدىن بېرىپ كۆرۈپ كەلسەم دەيمەن.

ئەمدى بولسا سىلەر تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارنى مۇشۇ خەرتىگە بەلگە قىلىۋالسام، ئاممىۋى قاتناش قولاي جايلار بولسا بېرىپ يۇرتىمىزنىڭ مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلۇنۇپ كەلسەم دەپ ئولتۇرمەن

قېنى ئەمسە ئۇچۇرۇڭلارنى ساقلاپ قالدىم.

رەھمەت........................................

بۇ يىتەرسىزلىكىنى ھىساپقا ئالمىغاندا بۇ كىتاپچە شەكلىدىكى مەمۇرى رايونلار خەرىتىسى خېلى بوپ قالغۇدەك.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2013-8-5 13:45:26

قەشقەرگە چۈشكەندىن كىيىن شەھەر ئىچىگە كىرىپ ھېيتگاھ ئەتراپىدا پاكىز مىھمان سارايدىن بىرسىگە جايلىشىۋەتكەندىن كىيىن ھېيتگاھ مەسچىت ئەتراپىنى بىرەر قۇر ئايلىنىپ خام بازىرى تەرەپكە ئۆتۈپ بىرەر تاۋاقتىن دوغ ئىچىلا، ھازىر ۋەھشى ئەنجۈر پىششىقى ۋاقتى، قەشقەردە ئەنجۈرنىڭ بازىرى ئاشۇ خام بازىرى بىلەن يارباغ چاۋاك مەھەللىسى ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەنجۈردىن بىر قورساق يەپ مېڭىشنى ئۇنتۇمىغايلا(لىكىن ئەنجۈر بىلەن دوغ بىللە ئىچىلسە مىزاجنى بۇزىشى ئىھتىماللىقى بار. ياخشىسى ئىككىسى ئارسىدا 2 سائەت ئۆتكۈزۈپ تەناۋۇل قىلغايلا-كەسپى كېسەل) ئۇندىن كىيىن كەچ بولۇشقا خىلى ۋاقىت بولسا ئارىلىقتا يۈسۈپ خاس ھاجىپ خاتىرە ئۆيىگە بىرىپ كىلىلا تاكسى بىلەن. كەچقۇرۇن ئانىلىرىنى ئىلىپ خام بازىرىدىكى قايناق ئۇيغۇرچە كەچلىك بازاردىن ھوزۇرلانساڭلار بولىدۇ. ئەتىسى ئەتتىگەندە ناماز بومداتتىن يېنىپلا ناشتا ۋاقتى بولغۇچە نور بېشى، ئۆستەڭبويى كوچىلىرىنى، بۇلاقبېشى، چاسا، قازانچى يار بېشى، كوزىچى يار بېشى دېگەندەك قەدىمكى كوچىلارنى پىيادە كۆرۈپ كەلسىە، بەلكىم 2-3 سائەت ۋاقىت يېتەر. چۈشتە ھاۋا قىززىپ كەتكەندە بىردەم ئارام ئىلىۋېلىپ چۈشتىن كىيىن تاكسىغا ئولتۇرۇپ توققۇزاق بىكەتكە بىرىپ ئۇ يەردىن توقۇزاق (كونا شەھەر ناھىيسى) گە بارىدىغان كىچىك ماشىنىغا ئولتۇرۇپ توققۇۇزاقتىن ئوپالغا بارىدىغان كىچىك ماشىنىغا ئالمىشىلا. كىرا ئەرزانچىلىق، 5-10 كوي ئەتراپىدا. ئوپال يېزا بازىرىنى بىر قۇر ئايلىنىۋېتىپ يەرلىك قوچقار گۆشىدە قىلىنغان كاۋاپلارغا ئېغىز تېگىپ قورساقنى توقلىۋېلىپ 3 چاقلىق توكسىكىلىتلاردا كىرا قىلىدىغانلارغا 5 كوي بەرسىلە 3 كىلومىتېر نېرىدىكى مەھمۇد قەشقىرى مەقبەرىسى جايلاشقان جايغا ئاپىرىپ قويىدۇ. ئۇ يەردە ھاي-ھاي تېرەك، بۇلاق، ئەجدىھا غارى دېگەندەك قەدىمدىن قالغان بەزى بىر رىۋايەتلەرگە مەنبە بولىدىغان ئورۇن ، بەلگىلەرنى مۇنداقلا كۆرىۋېتىپ قەۋرىستانلىق ئۈستىگە جايلاشقان تاققا چىقىپ تاغنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن ھوزۇرلانغاچ ئوپال يۇرتىغا يۇقۇردىن نەزەر تاشلاپ تولۇق كۆرۈپ تاماشا قىلسىلا بولىدۇ.

ئەتىسى ئەتتىگەندە ئاتۇشقا بىر چىقىپ كىرىلا، ئارىلىقى 40 كىلومىتېر ئەتراپىدا . ئاتۇشتا سۇلتان ساتۇق قەبرىسى بار. ئەنجۈرى داڭلىق. (خام بازىرىدا يەيدىغان ئەنجۈرلىرى بەشكىرەم بىلەن ئاتۇشنىڭ).

ئاتۇشتىن قايتىپ ئەتىسى بىر كۈن تۈمەن دەريا بويىدىكى يېڭى بازارنى كۆرۈپ قويسىلا. بولسا يەكشەنبىگە ئۇدۇل كەلسە ياخشى.

ئۇندىن كىيىن يەكەنگە بىرىپ كۆرىدىغان يەرلەرنى كۆرۈپ خوتەنگە بارساڭلار 10 كۈن كەڭتاشا يەتكۈدەك. قەشقەردە تىنەپ-تەمتىرەپ يول تاپالماي قالساڭلار ماڭا گاچچىدا تېلفۇن قىلىڭلا، ئالدىڭلارغا چىقىمەن ، بولمىغاندىمۇ يول كۆرسىتىشكە ياراپ قالىمەن. خۇدا خالىسا.

مۇھەممەتتۇرسۇن: 13565662787

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2013-8-5 13:46:19

datman يوللانغان ۋاقتى 2013-8-5 14:16:23

يەكەنگە كىلىشلىرىنى قارشى ئالىمىز

ئەمدى نەق گەپكە كەلسە بىرىنچى بولۇپ ياتاق مەسىلىسىنى ئويلاشمىسىلا بولمايدۇ ئەمدى سىلىگە ئالتۇن سۇبھى مىھمانسارىيىنى تەۋسىيە قىلىمەن بۇ مىھمانساراي ئۇيغۇرلارنىڭ

جايلاشقان ئورنى يەكەن ئالتۇن مەسچىت يىنىغا جايلاشقان مۇنداق بولغاندا ساياھەت قىلىشلىرىمۇ ئاسان ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىمۇ ئاساسەن مۇشۇئەتراپقا مەركەزلەشكەن

ساياھەت نوقتىلىرىدىن ئالتۇن مەسچىت شائىرە ئاماننىساخىنم مەقبەرىسى سەئىدىيە خانلىقى قەبرىستانلىقى جاللات خىنم مازىرى يەتتە چىلتەن مازىرى قاتارلىق جايلارغا بارسىلا بولىدۇ بۇ يەرلەر ئاساسەن ئالتۇن مەسچىت ئەتراپىدا بولۇپ جىق يول ماڭغىلى سالمايدۇ بىرەر كۇندە ئايلىنىپ بولغىلى بولىدۇ

ئاندىن يول تاپالماي قالسىلا خاتىرجەم بولسىلا ھەرقانداق بىر ئادەمدىن يول سورىسىلا قانداق مىڭىشلىرىنى تەپسىلى دەپ بىرىدۇ

چالا قالغان ساياھەت ئورۇنلىرى بولسا يەكەنلىك تورداشلار تولۇقلاپ قويغاي

kabanna يوللانغان ۋاقتى 2013-8-5 14:53:11

تۈنۈگۈن ئەنجۈرنى 10 كويغا 2 دەيدۇ،

ھازىر يەرلىك شاپتۇل پىشتى.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-5 22:56:22

ئېىسل مىۋە- قوتۇر ئامۇت نىڭ پىشىشىغا ئۈلگۈرۈدىكەنسىز.

كونا شەھەر رايونىنى، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى بىلەي دېسىڭىز جانقورغان، بۇلاقبېشىنى ئايلىنىپ چىقىڭ.

خامبازىرىنى كەچتە بىر ئايلانماي كەتمەڭ چۈنكى قەشقەردىكى تىپىك بازار مۇشۇ يەردىلا قالدى.

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2013-8-6 04:33:48

پايدىلىق مەسلىھەتلەرنى بەرگىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت…
ئىنكاسلارنى كۆرۈپ ناھايتى خوش بولدۇم، قەشقەردىكى ساياھەت ئاللاھ خالىسا ھەكىم دىگەندەك بولسا ناھايتى ياخشى بولغۇدەك، پۇرسەت بولسا ھېيتكاھ ئەتراپىدىكى دۇكانلىرىغا بېرىپ چاي ئىچىپ ماڭارمەن.

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2013-8-6 04:38:10

پايدىلىق مەسلىھەتلەرنى بەرگىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت…
ئىنكاسلارنى كۆرۈپ ناھايتى خوش بولدۇم، قەشقەردىكى ساياھەت ئاللاھ خالىسا ھەكىم دىگەندەك بولسا ناھايتى ياخشى بولغۇدەك، پۇرسەت بولسا ھېيتكاھ ئەتراپىدىكى دۇكانلىرىغا بېرىپ چاي ئىچىپ ماڭارمەن.

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2013-8-6 04:40:59

3- قەۋەتتىكى datmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يەكەنگە كىلىشلىرىنى قارشى ئالىمىز

ئەمدى نەق گەپكە كەلسە بىرىنچى بولۇپ ياتاق مەسىلىسىنى ئويلاشمىسىلا بولمايدۇ ئەمدى سىلىگە ئالتۇن سۇبھى مىھمانسارىيىنى تەۋسىيە قىلىمەن بۇ مىھمانساراي ئۇيغۇرلارنىڭ

جايلاشقان ئورنى يەكەن ئالتۇن مەسچىت يىنىغا جايلاشقان مۇنداق بولغاندا ساياھەت قىلىشلىرىمۇ ئاسان ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىمۇ ئاساسەن مۇشۇئەتراپقا مەركەزلەشكەن

ساياھەت نوقتىلىرىدىن ئالتۇن مەسچىت شائىرە ئاماننىساخىنم مەقبەرىسى سەئىدىيە خانلىقى قەبرىستانلىقى جاللات خىنم مازىرى يەتتە چىلتەن مازىرى قاتارلىق جايلارغا بارسىلا بولىدۇ بۇ يەرلەر ئاساسەن ئالتۇن مەسچىت ئەتراپىدا بولۇپ جىق يول ماڭغىلى سالمايدۇ بىرەر كۇندە ئايلىنىپ بولغىلى بولىدۇ

ئاندىن يول تاپالماي قالسىلا خاتىرجەم بولسىلا ھەرقانداق بىر ئادەمدىن يول سورىسىلا قانداق مىڭىشلىرىنى تەپسىلى دەپ بىرىدۇ

چالا قالغان ساياھەت ئورۇنلىرى بولسا يەكەنلىك تورداشلار تولۇقلاپ قويغاي

كۆپ رەھمەت

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2013-8-6 04:44:01

5- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئېىسل مىۋە- قوتۇر ئامۇت نىڭ پىشىشىغا ئۈلگۈرۈدىكەنسىز.

كونا شەھەر رايونىنى، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى بىلەي دېسىڭىز جانقورغان، بۇلاقبېشىنى ئايلىنىپ چىقىڭ.

خامبازىرىنى كەچتە بىر ئايلانماي كەتمەڭ چۈنكى قەشقەردىكى تىپىك بازار مۇشۇ يەردىلا قالدى.

ئاللھ خالىسا سىز دىگەندەك ئامۇتلارغىمۇ ئېغىز تىگەمەن، رەھمەت…

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-6 08:08:28

تىلمىش، مەن يەكەندە بولغان بولسام يەكەننى تازا چۆرگىلىتىپ قوياركەنمەن. لىكىن ئۆزەم بارالماي سىزنىڭ بارىدىغىنىڭىزنى ئاڭلاپ ھەجەپمۇ ئىچىم قىززىدى، دىسە  {:92:}  ئېنىم ھازىر ئۆيدە بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر بىر يەرلەرنى تاپالماي قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرىسىڭىز مەن ئېنىمنىڭ تېلفۇن نومۇرىنى سىزگە ئەۋەتەي، ئۇ سىزنى ئايلاندۇرسىمۇ بولىدۇ. بولسا بىزنىڭ ئۆيگە بىرىپ مېھمان بولۇپ كىتىڭ، ئانام تاماققا تازا ئۇستا... يەكەندە خۇشال ئوينىشىڭىزنى تىلەيمەن. \"\"

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2013-8-6 09:09:07

10- قەۋەتتىكى bilgejanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تىلمىش، مەن يەكەندە بولغان بولسام يەكەننى تازا چۆرگىلىتىپ قوياركەنمەن. لىكىن ئۆزەم بارالماي سىزنىڭ بارىدىغىنىڭىزنى ئاڭلاپ ھەجەپمۇ ئىچىم قىززىدى، دىسە ئېنىم ھازىر ئۆيدە بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر بىر يەرلەرنى تاپالماي قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرىسىڭىز مەن ئېنىمنىڭ تېلفۇن نومۇرىنى سىزگە ئەۋەتەي، ئۇ سىزنى ئايلاندۇرسىمۇ بولىدۇ. بولسا بىزنىڭ ئۆيگە بىرىپ مېھمان بولۇپ كىتىڭ، ئانام تاماققا تازا ئۇستا... يەكەندە خۇشال ئوينىشىڭىزنى تىلەيمەن.

سىز يەكەندىن راست ھە…
سىزنىڭ باشقىلارغا ياردەم، مەسلىھەت  بېرىدىغان مىجەزىڭىز شۇ پېتى تۇرۇپتۇ: جۇمۇ،  ئىسىل!-P
سىزگە كۆپ رەھمەت…

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2013-8-6 09:21:57

7- قەۋەتتىكى tilmixنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پايدىلىق مەسلىھەتلەرنى بەرگىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت…

ئىنكاسلارنى كۆرۈپ ناھايتى خوش بولدۇم، قەشقەردىكى ساياھەت ئاللاھ خالىسا ھەكىم دىگەندەك بولسا ناھايتى ياخشى بولغۇدەك، پۇرسەت بولسا ھېيتكاھ ئەتراپىدىكى دۇكانلىرىغا بېرىپ چاي ئىچىپ ماڭارمەن.

ھىكىم سىزگە ئاۋال چاينى سېتىپ،ئاندىن شۇ ساتقان چاينى دەملەم بىرەرمىكى(قېنى ماۋۇ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)

romantic0122 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-6 10:36:20

مەن ياركەنددە، ئەگەر ئۇياق - بۇياقلارنى تاپالماي تەمتىرەپ قالسىڭىز ماڭا تېلېفون قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ، قولۇمدىن كىلىشىچە ياردەمدە بولىمەن.

18699838482

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2013-8-6 12:03:14

12- قەۋەتتىكى dawanqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

7- قەۋەتتىكى tilmixنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پايدىلىق مەسلىھەتلەرنى بەرگىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت…

ئىنكاسلارنى كۆرۈپ ناھايتى خوش بولدۇم، قەشقەردىكى ساياھەت ئاللاھ خالىسا ھەكىم دىگەندەك بولسا ناھايتى ياخشى بولغۇدەك، پۇرسەت بولسا ھېيتكاھ ئەتراپىدىكى دۇكانلىرىغا بېرىپ چاي ئىچىپ ماڭارمەن.

ھىكىم سىزگە ئاۋال چاينى سېتىپ،ئاندىن شۇ ساتقان چاينى دەملەم بىرەرمىكى(قېنى ماۋۇ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)

ئۇنداق قىسىغۇ مەيلى، يىراق يەردىن كەپتۇ دەپ يۈزۈمنى قىلىپ چاي دەملىيدىغان قايناقسۇنىڭ پۇلىسىنى كەچۈرۈم قىلىۋىتەمدۇ يوق… (ھىجايغان چىراي ئىپادىسى)
ئەمما نىمىلا بولمىسۇن كىرىپ چىقىمەن.

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2013-8-6 12:24:54

13- قەۋەتتىكى romantic0122نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن ياركەنددە، ئەگەر ئۇياق - بۇياقلارنى تاپالماي تەمتىرەپ قالسىڭىز ماڭا تېلېفون قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ، قولۇمدىن كىلىشىچە ياردەمدە بولىمەن.

18699838482

رەھمەت…
خۇدايىم بۇيرىسا سىزنى ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم…

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-8-6 12:32:49

بۇ قېتىم مەن ھاجىمنى يوقلاپ ئۆتمىسەم، ئالدىنقى يىلى ئالدىراپ قېلىپ كىرەلمىگەن \"\"

MVXVK يوللانغان ۋاقتى 2013-8-6 22:45:06

10- قەۋەتتىكى bilgejanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تىلمىش، مەن يەكەندە بولغان بولسام يەكەننى تازا چۆرگىلىتىپ قوياركەنمەن. لىكىن ئۆزەم بارالماي سىزنىڭ بارىدىغىنىڭىزنى ئاڭلاپ ھەجەپمۇ ئىچىم قىززىدى، دىسە \"\" ئېنىم ھازىر ئۆيدە بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر بىر يەرلەرنى تاپالماي قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرىسىڭىز مەن ئېنىمنىڭ تېلفۇن نومۇرىنى سىزگە ئەۋەتەي، ئۇ سىزنى ئايلاندۇرسىمۇ بولىدۇ. بولسا بىزنىڭ ئۆيگە بىرىپ مېھمان بولۇپ كىتىڭ، ئانام تاماققا تازا ئۇستا... يەكەندە خۇشال ئوينىشىڭىزنى تىلەيمەن. \"\"

ئەكرەم قارىۋاي يەكەندىدۇ؟ شۇنىڭغا ھاۋالە قىلىڭە بولمىسا، تىلمىشنى دەپ بەرسىڭىز تونۇيدۇ چوقۇم

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-6 23:16:27

17- قەۋەتتىكى MVXVKنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

10- قەۋەتتىكى bilgejanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تىلمىش، مەن يەكەندە بولغان بولسام يەكەننى تازا چۆرگىلىتىپ قوياركەنمەن. لىكىن ئۆزەم بارالماي سىزنىڭ بارىدىغىنىڭىزنى ئاڭلاپ ھەجەپمۇ ئىچىم قىززىدى، دىسە \"\" ئېنىم ھازىر ئۆيدە بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر بىر يەرلەرنى تاپالماي قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرىسىڭىز مەن ئېنىمنىڭ تېلفۇن نومۇرىنى سىزگە ئەۋەتەي، ئۇ سىزنى ئايلاندۇرسىمۇ بولىدۇ. بولسا بىزنىڭ ئۆيگە بىرىپ مېھمان بولۇپ كىتىڭ، ئانام تاماققا تازا ئۇستا... يەكەندە خۇشال ئوينىشىڭىزنى تىلەيمەن. \"\"

ئەكرەم قارىۋاي يەكەندىدۇ؟ شۇنىڭغا ھاۋالە قىلىڭە بولمىسا، تىلمىشنى دەپ بەرسىڭىز تونۇيدۇ چوقۇم

==============

\"\" ئەكرەم قارىۋاي دەپ قويۇڭ، دىمىسىمىغۇ دوستلۇرۇمنىڭ ئىچىدە ئافرىقىلىق ۋە ھېندىستانلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا ئەڭ قارىسى شۇ ئىدى. ئۇمۇ بولىدۇ.

taltograk يوللانغان ۋاقتى 2013-8-8 12:14:28

قەشقەر ---- يەكەن يولىدا دولان مەكىت دەيدىغان بىر يۇرتمۇ بار . گەرچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆپ بولمىسىمۇ كۆرگۈچىلىكى بار يۇرت . يېقىندا ئىككى ساياھەت نوقتىسى يېڭىدىن قۇرۇلدى . ناھىيە بازىرىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 7 كىلومېتىر كېلىدۇ . ئاتاقلىق دولان نەغمىچىلىرى ۋە دولان دىھقانلار رەسىمىنى نەق مەيداندىن كۆرەلەيسىز .

ئۇندىن باشقا قەشقەرگە چۈشكەندە ئاپاق خوجا مازىرىنىمۇ كۆرۈپ قويۇڭ (ئۇيغۇر قەدىمقى زامان مىمارچىلىق سەنئىتى ۋە تارىخىنى كۆرگەندەك بولىسىز ، كۆرۈپ قويغانغا ھىچنىمە بولمايدۇ) ، كوچا ئاپتوبۇسى ياكى كىرا ماشىنىسىدىلا بارالايسىز . قاغىلىق ناھىيىسىگە ئۆتۈپ قالسىڭىز «زوڭلاڭ» (رىۋايەت قىلىنىشىچە «زورلاڭ» دىيىلىدىكەن) ساياھەت رايۇنىغىمۇ بېرىپ ئۆتسىڭىز تېخى ياخشى ، لىكىن ناھىيە بازىرىدىن سەل يىراق .
بەت: [1] 2
: قەشقەر يەكەن ساياھىتى(مەسلىھەت)