bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 09:31:26

NASA: ئەڭ دەسلەپكى ھاياتلىق دېڭىز ئاستىدا شەكىللەنگەن

ئەڭ دەسلەپكى ھاياتلىق دېڭىز ئاستىدا شەكىللەنگەن



بىلىمخۇمار



ئالىملار يېقىندا ئېلان قىلغان 3 پارچە ئىلمىي ماقالىدە دېيىلىشىچە، يەر شارىدىكى ھاياتلىق ئەڭ دەسلەپتە دېڭىز ئاستىدىكى گاز ئېقىملىرى ئېغىزىدا شەكىللەنگەن ئىكەن. بۇ ئىلمىي ماقالىلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسىنىڭ ئاپتورى ناسا مەركىزى JPL دىكى دوكتۇر مايىك راسۇل (Mike Russel) بولۇپ، ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئەڭ دەسلەپتىكى ھاياتلىق دېڭىز ئاستىدا مەۋجۇت بولىدىغان، ئىنگلىزچە «alkaline hydrothermal vents» دەپ ئاتىلىدىغان يورۇقلاردا ھاسىل بولغان.  



قالغان ئىككى پارچە ئىلمىي ماقالىدا، ھاياتلىق پەيدا بولۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان خېمىيىلىك ۋە مېتابولىزملىق رېئاكسىيىلەر ۋە باشقا تۈزۈلمىلەرنىڭ تەپسىلاتى چۈشەندۈرۈلگەن.  



بۇ ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە، يەر شارىدىكى ھاياتلىقلارنىڭ ئەڭ دەسلەپتە قانداق پەيدا بولغانلىقىنى چۈشىنىش، تاشقىي پلانېتىلاردىكى ھاياتلىقلارنى ئىزدەش ۋە تېپىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. مۇشۇ بايقاشلارغا ئاساسەن، ھازىر ئالىملار يۇپىتېر بىلەن ساتۇرننىڭ ھەمرالىرىغا ئوخشاش يۈزىنىڭ ئاستىدا مۇز ئوكيانلىرى بار كائىنات جىسىملىرىدىمۇ ھاياتلىق بار بولىشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلماقتا.



پايدىلىنىش ماتېرىيالى:


«Clues To AlienLife May Lie At The Bottom Of Earth"s Oceans, New Studies Reveal»



http://wwoceans-new-studies-reveal-1366005




1-رەسىم: دېڭىز ئاستىدىكى بىر ئاكتىپ گاز ئېغىزى


1-resim



2-رەسىم: ئاتلانتىك دېڭىزى ئاستىدىكى بىر توڭلاپ قالغان گاز ئېغىزى



2-resim



tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 12:31:25

ئىزدىنىشقا قەدەم باسقانلىرىغا مۇبارەك بولسۇن.

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 13:04:56

ئىنسانلار يارىتىلىشتىن بۇرۇن، باشقا جانلىقلار يارىتىلغان دىمەكچىكەندە بۇ ئىلمى ماقالدە؟

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 17:46:33



بۇ پەقەت پەرەز .......

oganbala يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 18:07:34

بۇ يەردە سىزنىڭ ماقالىرىڭىزنى كۆرگەنلىكىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن. رەھمەت سىزگە

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 19:20:35

مەن جانلىقلارنىڭ دېڭىزدا پەيدا بولغانلىقى يىللار بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەپ ئويلىغانتىم. پەقەت قوش ماكانلىق ھايۋانلاردىن باشلاپ قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىغان. مەزكۇر ماقالىدىكى يىڭى بايقاش ئېنىق بىر ئورۇننىڭ بايقىلىشى ئوخشىمامدۇ؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 20:18:55

بېغىرجان ئىپتارغىچە بەك زېرىكىپسىزدە ھە؟  {:90:}

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-4 07:14:22

1- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىزدىنىشقا قەدەم باسقانلىرىغا مۇبارەك بولسۇن.




مەن يېقىندا كائىنات ۋە ناسا دىكى يېڭىلىقلار ھەققىدە خېلە كۆپ يازمىلارنى تەييارلاپ، ھازىرغىچە ئۇلارنى پەقەت مىسرانىم غىلا چىقىرىپ كەلگەن ئىدىم.  ئۇنداق يازمىلىرىمنى مەزكۇر تور بېتىگە چىقىرىشىم مۇشۇ 1-قېتىم.  خۇدايىم بۇيرىسا  مەن بۇنىڭدىن كېيىن يازمىلىرىمنى مۇشۇ تور بېتىگىمۇ چىقىرىپ ماڭىمەن.  ئەگەر بۇرۇنقى يازمىلىرىمغا قىزىقسىڭىز، ئۇلارنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:




كائىنات توغرىسىدىكى بۇرۇنقى تېمىلىرىم :




1. ئايغا ساياھەت قىلىش ئىشلىرىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى

http://bbs.misranim.com/thread-106495-1-1.html




2. ئەڭ چوڭ كائىنات ئۇچار تېشى يەر شارىنى زىيارەت قىلدى

http://bbs.misranim.com/thread-106754-1-1.html




3. يەنە بىر ئالەم ئۇچار تېشى يەر شارىنىڭ يېنىدىن ئۆتتى

http://bbs.misranim.com/thread-107132-1-1.html




4. كائىنات ھازىرمۇ توختىماي كېڭىيىۋاتىدۇ

http://bbs.misranim.com/thread-106758-1-1.html




5. يەنە بىر ئالەم ئۇچار تېشى يەر شارىنىڭ يېنىدىن ئۆتتى

http://bbs.misranim.com/thread-107132-1-1.html




6. كائىناتتىكى ئادەتتىكى ماددا %4، قاراڭغۇ ماددا% 22، قاراڭغۇ ئېنېرگىيە % 74

http://bbs.misranim.com/thread-107190-1-1.html




7. مارستا قۇرۇق مۇزنىڭ ئىزى بايقالدى

http://bbs.misranim.com/thread-107297-1-1.html




8. بىر ئالەم ئۇشقۇرى قۇياش سىستېمىسى چېگرىسىغا يېتىپ باردى

http://bbs.misranim.com/thread-107626-1-1.html




9. كېيىنكى 2 كۈندە ئاي ئىنتايىن چوڭ كۆرىنىدۇ

http://bbs.misranim.com/thread-107660-1-1.html




10. مارسنىڭ ئەڭ يېڭى كۆرۈنىشى

http://bbs.misranim.com/thread-107802-1-1.html




11.  ناسا كائىنات ئۇچار تاشلىرىنىڭ 10000ئىنچىسىنى بايقىدى

http://bbs.misranim.com/thread-108115-1-1.html




12. بىزگە خوشنا گالاكسىنىڭ ئەڭ يېڭى رەسىمى

http://bbs.misranim.com/thread-108116-1-1.html




13. پلۇتوننىڭ ئىككى ھەمراھىغا ئىسىم قويۇلدى

http://bbs.misranim.com/thread-108204-1-1.html




14. مارس بەزىدە تەتۈر ماڭامدۇ؟

<http://bbs.misranim.com/thread-108241-1-1.html>




15.  كېيىنكى 10 يىللىق ئاي كالېندارى

http://bbs.misranim.com/thread-108267-1-1.html




16. ئۇچار تەخسە ۋە ناسا

http://bbs.misranim.com/thread-108442-1-1.html




17. بىر ئالەم ئۇشقۇرى ئەڭ چوڭ ئاستېرويدقا قاراپ ماڭدى

http://bbs.misranim.com/thread-108541-1-1.html




18. ئىككى ئالەم ئۇشقۇرى يەر شارىنى رەسىمگە تارتتى

http://bbs.misranim.com/thread-108845-1-1.html




19. «ئىرىس» تېلېسكوپى قۇياش ئاتموسفېراسىنى رەسىمگە تارتتى

http://bbs.misranim.com/thread-108995-1-1.html



ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-8-4 07:51:12

ھاياتلىقنىڭ كەپ چىقىشى توغرىسىدىكى قاراشلاردىن خىمىيەلىك تەرەقىيات نەزىرىيىسى(ئانئورگانىڭ ماددىلاردىن ئورگانىك ماددىلارنىڭ شەكىللىنىشى ۋە توپلىنىشى،ئاخىرىدا ئورگانىك ماددىلارنىڭ خىمىيەرلىك رىئاكسىيەسى ئارقىلىق ھاياتلىقنىڭ بارلىققا كىلىشى) ھەققىدىكى قاراشلار بىر قەدەر قايىل قىلارلىق دىيىلىدىكەن.بۇ كۆز قاراشنى ئۆز ۋاقتىدىكى ئاتمىسفىرا قاتلىمىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى دەپ قارىلىدىغان ھىدروگىن مېتان ۋە ئاممونىيا گازلىرىنى تەجرىبە قىلدۇرۇپ ئامىنو كىسلاتاسىنى شەكىللەندۈرۈپ ئىسپاتلاپ چىقىپتۇ.

مۇشۇ يەرگە كەلگەندە توختاپ قالدىم.

مىتان

ئادەتتە ئورگانىك ماددىلارنىڭ چىرىپ پارچىلىنىشى ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ دەپ قارىلىدۇ.

ئونداقتا ئورگانىك ماددا تېخى شەكىللەنمىگەندىچۇ؟

مەن يەنە سەل ماتىرياال كۆرۈپ باقاي

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-8-4 08:03:15

ھىم

ھىدروگىن بىلەن كاربون چالا ئوكسىدنىڭ مىتانەشىن رىئاكسىيەسى ئارقىلىق مىتان پەيدا بولىدىكەن.

ھىدروگىننىڭ مەنبەسىنى قۇياش بورىنى ئارقىلىق كەلگەن ياكى چاقماق سوقىشىدىن سۇنىڭ پارچىلىنىشدىن كەلگەن دىيىلىدىكەن.ئالدىنقىسىغا يېرىم ئىشەنمىسەكمۇ كىيىنكىسىگە بوپتۇ دەپ تۇرايلى.

كاربون 4 ئوكسىد بىلەن ئاممونىيا گازىنى يانار تاغ پارتىلاشتىن كەلگەن دەيدىكەن.كاربون 4 ئوكسىد بولسا چالا ئوكسىدمۇ بىر يەردىن بىر نىمە بولار.

ئەمدىكى گەپ

يانا تاغ پارتىلىغاندىكى كار بون 4 ئوكسىد نەدىن پەيدا بولغان؟

ئوكسىگىن بىلەن كاربون.........

ئوكسىىگىننى مەيلى ھىدروگىننىڭ مەنبەسى بىلەن ئوخشاش دەپ تۇرساق

نەدىن كەلگەن كاربون؟

كۈمۈر بۇنىڭدىن نەچچە يۈز مىليون يىل كىيىنكى پاراڭ............

bir_uyghur يوللانغان ۋاقتى 2013-8-4 11:54:52

ئالىملار ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىدىكى مەلۇم تەرەپتىن چىقىش قىلىپ سۆزلەيدىكەن، ئەمما مەلۇم ۋاقىت ئۆتسە باشقا بىر تەتقىقاتچى ئۇنى ئۆرىۋىتىپ باشقا گەپنى قىلىدىكەن. ئىشقىلىپ بەك جاپا تارتىپ كىتۋاتىدۇ بۇ تەتقىقاتچىلار، 1000 يىل بۇرۇنمۇ مەلۇم كىشىلەر قانداق پەيدا بولغاننى تەتقىق قىلغان ھازىرمۇ شۇ، ھىچبىر جاۋابى چىقمىدى،تەييار جاۋاپ تۇرسا ئىتراپ قىلمىغان.ئەمما تۈگىمەس تەتقىقاتلارنى دەپ خەلىقنىڭ پۇلىنى ئىسراپ قىلغان، ئۇ تەتقىقاتچىلار مىنىڭچە ھىچنىمىدىن ئەنسىرمەيدىغۇ دەيمەن.مەنمۇ ئاڭلىغان بۇ توغرىسىدا نەچچە يىل بۇرۇن دۇنيادىكى ئىشلاردىمۇ سۆزلىگەن ئىدى. ئەمما بىر كىتاپنى كۆرسەم بىرخىل يەنە بىر كىتاپنى كۆرسەم يەنە بىرخىل. ئىشقىلىپ ھىچقايسىسىغا ئىشىنىپ بولالماي، ئاخىرى مىڭ نەچچە يۈز يىلدىن بىرى ئۆزگەرمىگەن بىر كىتاپقا ئىشەندىم،بۇ كىتاپنى دىمىسەممۇ بىلىمىز ،قىزىقىدىغانلار ئوقۇپ باقسا بولىدۇ، يىزىلىپ ھازىرغىچە بىرەر تال چىكىت پەشمۇ ئۆزگەرمىدى،ئالىملارمۇ ئۆزگەرتەلمىدى، شۇنىىڭدىن بىلدىنمكى ئاشۇ كىتاپتا يىىزىلغىنى ئىسپاتلاش كەتمەيدىغان ھەقىقەت ئىكەن.بولسا مۇشۇ تەتقىقاتچىلىرىمىزمۇ ئۆيىسىدە پۇتىنى سۇنىۋىتىپ بىر قىتىم كۆرۈپ چىققان بولسا كاشكى چۈشۈنۈپ قالارئىكەن دەيمەن بەزىدە...

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2013-8-4 13:12:42

بېغىر: ئەمدى ئەنۋەر جۇلا كېرىلىدىغان ۋاقىت كەپتۇ مانا . ئۇ ئەتىلا دەيدۇ - دە ، دىمىدىممۇ ؟! دارۋىننىڭ نەزىرىيىسى توغرا دىمىدىممۇ ؟!! دەپ .ر



مەن: سىز قىچىقلىمىسىڭىزمۇ ئىلىم-پەنگە ئائىت ئۇچۇرلار بولسا بىر ئېغىز بولسىمۇ پىكىر قاتناشتۇرۇپ قېلىشىم مۈمكىن ئىدى. چۈنكى، ھازىر مېنىڭ ئىلىم-پەنگە قىزىقىشىم ھاياتىمنىڭ ھەر قانداق باسقۇچىدىكى قىزغىنلىقتىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتتى. لېكىن مەن «دارۋېننىڭ نەزەرىيىسى توغرا» دېگەن بۇ گەپنى ھېچقاچان ئېيتىپ باقمىغاندەك ئالىمىمىز يوللىغان بۇ تېمىدىمۇ «ئۇ توغرا،بۇ خاتا»دەپ ئىپادە بىلدۈرمەيمەن. مەن بۇرۇن باشقىلار «دارۋېننىڭ مەينەت نەزەرىيىسى ئاللىقاچان ئاغدۇرۇلدى» دېگەندە «ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى ئاغدۇرۇلۇپ تۇرىدۇ، يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، بېيىپ تۇرىدۇ. ئىلىم-پەن ئاغدۇرۇلۇشنى ئەڭ قارشى ئالىدۇ، دارۋېننىڭ نەزەرىيىسى پۈتۈنلەي ئاغدۇرۇلۇپمۇ كەتمىدى، بەزى قاراشلىرى ئاغدۇرۇلغان بولسا بەزى قاراشلىرى بېيىدى، بەزى پەنلەرگە، بولۇپمۇ بىئولوگىيە پېنىدە ھېلىمۇھەم يېتەكچى رول ئوينىغان بولىشىمۇ مۈمكىن» دېگەندەك ئېھتىماللىق شارائىتىدىكى گەپلەرنى قىلغان ئىدىم. دېمىسىمۇ، ئالىملار ئارىسىدا دارۋېننىڭ «تەدرىجى تەرەققىيات» ئىدىيىسى بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان ئىشلار تېخى ئاخىرلاشقىنى يوق. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، «دارۋېننىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسى»ئاللىقاچان ئاغدۇرۇلدى، دېگەن بۇ گەپ پەقەت بىر بۆلۈك ئادەملەرنىڭلا گېپى، خالاس.

سىز مۇشۇنىڭ بىلەن 5-قېتىم مېنىڭ گېپىمنى بۇرمىلاپ قىتىغۇر ئىنكاسلارنى يازدىڭىز، مەنمۇ ھەرقېتىم سىزگە مېنىڭ گېپىمنى بۇرمىلاي توغرىسىنى يېزىڭ،دەپ چىرايلىق ئەسكەرتىپ كېلىۋاتىمەن. بۇنى بەزى تورداشلارمۇ كۆرگەن بولىشى مۈمكىن. سىزگە ئەمدى چىرايلىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ قويايكى، بۇنداق قىتىغۇرلۇقنى قايتا تەكرارلىماڭ، باشقىلارنىڭ گېپىنى قەستەن بۇرمىلاۋاتقىنىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپ شەيتانلىق قىلالايمەنمىكىن، دەپ خام خىيال چاغلاپ قالماڭ. ۋاقتىمىز يار بەرگەن شارائىتتا سىز ئېچىتمىسىڭىزمۇ ئۆزىمىز ئەرزىيدۇ،دەپ قارىغان كەسكىن مۇنازىرىلەرنى قوزغىتىمىز.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-8-4 18:52:50

NASA: ئەڭ دەسلەپكى ھاياتلىق دېڭىز ئاستىدا شەكىللەنگەن

بىر ئۇيغۇر ئەپەندى
سىز تۇغۇلغان مىنوتلىرىڭىزدىلا ھاياتلىقىڭىزنىڭ جاۋابى چىقىپ بولغان،يەنى ھامان بىر كۈنى ئۈلىسىز……
جاننى قىيناپ ياشاپ سىزگە نىمە خورلۇق بۇ ئەمدى؟……

orkax1974 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-4 19:11:41

ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم

[ﺋﻪﻧﺒﯩﻴﺎ:30] ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭ ﺑﯩﻠﻤﻪﻣﺪﯗﻛﻰ، ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯦﻤﯩﻦ ﺑﯩﺮ – ﺑﯧﺮﯨﮕﻪ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﻩﺗﺘﯘﻕ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﺍﺗﻨﻰ ﺳﯘﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﯘﻕ، ﺋﯘﻻﺭ (ﷲ ﻧﯩﯔ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﯩﮕﻪ) ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻣﺪﯗ؟‏

  [ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﺍﺗﻨﻰ ﺳﯘﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﯘﻕ، ﺋﯘﻻﺭ (ﷲ ﻧﯩﯔ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﯩﮕﻪ) ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻣﺪﯗ؟ ﻳﻪﺭ ﺗﻪﯞﺭﻩﭖ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺑﯩﺰ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﺍ ﺗﺎﻏﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﯘﻕ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ (ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﻩ) ﻛﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺴﯘﻥ ﺩﻩﭖ، ﺗﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻛﻪﯓ ﻳﻮﻟﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﯘﻕ] ﻳﻪﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺳﯘﺩﯗﺭ.

  ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺋﻪﮬﻤﻪﺩ، ﺋﻪﺑﯘﮬﯘﺭﻩﻳﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ: ﻣﻪﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ: ﺋﻰ ﷲ ﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﻯ! ﻣﻪﻥ ﺳﯧﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺧﯘﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﻳﺮﺍﭖ ﻛﯧﺘﯩﻤﻪﻥ، ﺳﻪﻥ ﻣﺎﯕﺎ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﻪﺭﺳﻪﯓ، ﺩﯦﺪﯨﻢ. ﺋﯘ: «ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺳﯘﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﺪﻯ» ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ: ﻣﻪﻥ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﻪﺭﺳﻪﯓ، ﺩﯦﺪﯨﻢ. ﺋﯘ: «ﺳﺎﻻﻣﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﻏﯩﻦ، (ﺋﺎﺟﯩﺰ - ﭘﯧﻘﯩﺮﻻﺭﻏﺎ) ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺑﻪﺭﮔﯩﻦ، ﺋﯘﺭﯗﻕ - ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻐﺎ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﯩﻦ! ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﺧﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺳﻪﻥ ﻗﻮﭘﯘﭖ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻦ! ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ ﻛﯩﺮﻩﻟﻪﻳﺴﻪﻥ» ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﺩﻯ.



ﻧﯘﺭ:45] ﷲ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻧﺪﺍﺭﻧﻰ ﺳﯘﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﺴﻰ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ، ﺑﻪﺯﯨﺴﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﯘﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ، ﺑﻪﺯﯨﺴﻰ ﺗﯚﺕ ﭘﯘﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ، ﷲ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯗ، ﷲ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮﺩﯗﺭ.‏

  ﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ، ﺭﻩﯕﻠﯩﺮﻯ، ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺟﯩﻢ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺳﯘﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﭼﻮﯓ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: [ﷲ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻧﺪﺍﺭﻧﻰ ﺳﯘﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﺴﻰ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ] ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﻳﯩﻼﻥ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺗﯧﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ. [ﺑﻪﺯﯨﺴﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﯘﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ] ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﯘﺷﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ. [ﺑﻪﺯﯨﺴﻰ ﺗﯚﺕ ﭘﯘﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ] ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﺗﯚﺕ ﭘﯘﺗﻠﯘﻕ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ. ﺷﯘﯕﺎ ﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: [ﷲ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯗ] ﻳﻪﻧﻰ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﺧﺎﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﷲ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: [ﷲ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮﺩﯗﺭ].

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2013-8-6 23:32:02

دېڭىز - ئوكيان خېمىيىلىك شورپىسىنى دەۋېتىپتۇدە

ستانفورد ئۇنۋېرستىتىدىكى مىللېر مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر تەجرىبىنى ئىشلىدىغۇ دەيمەن

karquga يوللانغان ۋاقتى 2013-8-25 00:34:35

‹‹ئەڭ دەسلەپكى ھاياتلىق دېڭىز ئاستىدا شەكىللەنگەن››........



قوشۇلمايمەن!  ھاياتلىق پەقەت يارىتىلغان خالاس. يەنى ھەممىگە قادىر خۇدا ياراتقاندۇر.



شۇڭا ئەڭ ياخشىسى يۇقارقىدەك تايىنى يوق پەرەزلەرنى ئاساس قىلغان، ھەق يولغا قەتئىي خىلاپ كېلىدىغان ماقالىلەرنى بۇ توربەتلەرگە يوللىماڭ.
بەت: [1]
: NASA: ئەڭ دەسلەپكى ھاياتلىق دېڭىز ئاستىدا شەكىللەنگەن