kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 06:24:30

سېستىمامغا سۈۋەرەك كىرىۋاپتۇ. مەسلىھەت بېرىڭ

ئىشلىتىۋاتقىنىم ۋىندوۋس7. ئەتىگەندە بىر ھۈججەتنى كۆرىدىغان كۆرگۈچنى چۈشۈرۈپ قاچىلىدىم. شۇ ۋاقىتتىلا IEنىڭ باشبەت ئادرىسىغا hao123 باشبەت بولۇۋاپتۇ. ئاچچىقىمدا يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويدۇم. ئاۋۇ دېتالنى قاچىلاش جەريانىدا ھىچنىمىنى قوشۇپ قاچىلاشقا يول قويمىغان بولمىسا.


ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويۇپ ئىشىمنى قىلىۋەردىم. كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىپ IEنى قوزغاتسام يەنە شۇ سۈۋەرەك! ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويسام تۈزۈلىدۇ. قايتا قوزغاتساملا يەنە بار... جىڭ سۈۋەرەككەن! كونترول تاختىسىدىكى پروگرامما تازىلاشقا قارىساممۇ ئۇنىڭ ئۇچۇرى يوق. ئەمدى بۇنى نەدىن تازىلايمىز؟ سېستىمىنىڭ قايسى ئوبىرنىسىغا مۆكۈنۈۋالغاندۇ بۇ؟ مەسلىھەت بېرىڭلار...



2-مەسىلە. يۇقارقى ئىش يۈز بېرىش بىلەن بىللە، تۇرۇپلا تۆۋەندىكىدەك بىر نەرسە پات-پات چىقىۋالىدىغان بوپ قالدى بىردەمدە.


ئاۋال مۇنداق پەيدا بولىدۇ:




بۇنى كۆرەي دېسەم مۇنداق بولىدۇ:




بۇنىڭدىكى ئاۋۇ< نىمىشقا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدۇ؟> دىگەننى باسسام تۆۋەندىكى رامكا چىقىدۇ:



<ئۇچۇرنى كۆرۈش>نى باسسام ئىكران باشقا بىر ھالغا ئۆزگىرىپ تۈزۈك گەپ يوق< ئىكرانغا قايتىش>دەپ بىر بېسىلما كۆرۈنىدۇ باسسام ئىكران نورماللىشىدۇ. ئاۋۇ ھالىتىدە رەسىمگە ئالالمىدىم چۈنكى ئەشۇ ئەسكەرتمىدىن بۆلەك ئىكراندىكى ھىچنىمە ئىشلىمەيدىكەن.


ئىكرانغا قايتىپ بۇ رامكىنى ئۆچۈرۈۋەتسەم ئۆچىدۇ. بىردەمدىن كېيىن يەنە شۇنداق پەيدا بولىدۇ.



بۇرۇن مەن كۆرۈپ باقمىغان بىر ئەھۋالكەن . ئۇستىلارنىڭ مەسلىھەتىگە سۇندۇم.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 12:23:28

بولۇپمۇ QVOD قويغۇچلىرىنى قاچىلىغاندا، سىز دىگەن HAO123 دىگەن تور بەت ۋىرۇسى مەجبۇرىي باش بەت بولىۋالىدۇ.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 13:12:56

360 بىخەتەرلىك قاراۋۇلى (بۇ يەردە لازىم بولغاچقا دەپ سالدىم) نىڭ سېستېمىنى رېمۇنتلاش (系统修复) دېگەن تۈرىدە IE باش بېتىنى قۇلۇپلاش دېگەن يېرىدىن ئۆزگەرتىپ باقسىڭىز قانداق بولار؟

amball يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 15:03:25

windows 7 نىڭ تىزىم جەدۋىلىگە كىرىپ تۆۋەندىكى ئىككى ئورۇندىكى startpage نىڭ قىممىتىنى about:blank دەپ ئۆزگەرتىۋەتسىڭىز بولىدۇ.










تىزىم جەدۋىلىگە كىرىش ئۈچۈن، windows نىڭ بەلگىسى بار كونۇپكا (مېنىڭكىدە سول تەرەپتىكى ctrl نىڭ يېنىدا) بىلەن R نى قوشۇپ باسسىڭىز بىر كۆزنەك چىقىدۇ. شۇ كۆزنەككە regedit دەپ بېسىپ Enter نى ئۇرسىڭىز بولىدۇ (بەك ئۇرىۋەتمەڭ) ياكى ok نى چەكسىڭىز بولىدۇ.



ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن 360 تىن يىراق تۇرۇشىڭىزنى بەك بەك بەك تەۋسىيە قىلىمەن.



ۋىروسخور ئۈچۈن avira نى ياكى microsoft security essentials نى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئاتىكاچا ئەمەس، تېنچ ئىشلەيدۇ، تولا سەكرەپ چىقىۋېلىپ كىشىنى بىزار قىلمايدۇ.



ئەخلەت تازىلاش ئۈچۈن CCleaner ياكى tweekcube دېگەن يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

katipim يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 15:28:35

سىستېمىنىڭ تىزىملاش جەدىۋىلىگە كىرىپ HAO123 دەپ ئىزدەپ، شۇ ئۇچۇر بار جەدىۋەلنى ياكى قىممىتىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاڭ.

تىزىملاش جەدىۋىلىگە كىرىش ئۇسۇلى 3- قەۋەتتىكى قېرىندىشىمىز دېگەن ئۇسۇل بويىچە كىرسىڭىز بولىدۇ. ياكى باشلاش تىزىملىكىنى ئاچسىڭىز بارلىق پىروگراممىلار نىڭ ئاسىتىدا بىر تېكىست رامىكىسى بار يەنى «پىروگرامما ۋە ھۆججەت ئىزدە» دېگەن خەت بار رامىكغا regedit دېپ يېزىپ مۇقىملاشتۇرسىڭىز ئېچىلىدۇ.

katipim يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 15:29:04

2- قەۋەتتىكى newstarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

360 بىخەتەرلىك قاراۋۇلى (بۇ يەردە لازىم بولغاچقا دەپ سالدىم) نىڭ سېستېمىنى رېمۇنتلاش (系统修复) دېگەن تۈرىدە IE باش بېتىنى قۇلۇپلاش دېگەن يېرىدىن ئۆزگەرتىپ باقسىڭىز قانداق بولار؟

http://katipim.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=79

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 16:46:53

مەنمۇ بىر سۇئالىمنى سورىۋالاي، Windows8 ئىشلىتىۋاتقانلار ، سودا سانائەت بانكىسىنىڭ شوركىسى سىلەرنىمۇ بىئارام قىلىۋاتامدۇ يا؟ ھەر قېتىم قوزغالغاندا چىقىۋېلىپ ئىچىمنى بەك پۇشادى  ياخشىراق ئامال يوقمۇ؟

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 22:13:34

3- قەۋەتتىكى amballنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

windows 7 نىڭ تىزىم جەدۋىلىگە كىرىپ تۆۋەندىكى ئىككى ئورۇندىكى startpage نىڭ قىممىتىنى about:blank دەپ ئۆزگەرتىۋەتسىڭىز بولىدۇ.









تىزىم جەدۋىلىگە كىرىش ئۈچۈن، windows نىڭ بەلگىسى بار كونۇپكا (مېنىڭكىدە سول تەرەپتىكى ctrl نىڭ يېنىدا) بىلەن R نى قوشۇپ باسسىڭىز بىر كۆزنەك چىقىدۇ. شۇ كۆزنەككە regedit دەپ بېسىپ Enter نى ئۇرسىڭىز بولىدۇ (بەك ئۇرىۋەتمەڭ) ياكى ok نى چەكسىڭىز بولىدۇ.



ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن 360 تىن يىراق تۇرۇشىڭىزنى بەك بەك بەك تەۋسىيە قىلىمەن.



ۋىروسخور ئۈچۈن avira نى ياكى microsoft security essentials نى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئاتىكاچا ئەمەس، تېنچ ئىشلەيدۇ، تولا سەكرەپ چىقىۋېلىپ كىشىنى بىزار قىلمايدۇ.



ئەخلەت تازىلاش ئۈچۈن CCleaner ياكى tweekcube دېگەن يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.





سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت. سىز دىگەن ئۇسۇل بويىچە تىزىم جەدۋىلىگە كىرىپ ئىككى ھۈججەت ئىچىدىكى starpageدىن نەچچىسى بولسا شۇنچىنىڭ قىممىتىنى سىز دىگەن بويىچە ئۆزگەرتتىم.



360دىگەن دېتالنى ئىشلىتىشنى نىمىشقىكىن كۆڭلۈم كۆتۈرمىدى. بۇرۇندىن تارتىپلا مۇشۇ خەقنىڭ ماڭا بىكارغا قىلىپ بەرگەن ئىشىدىن تەسىرلىنىپ ئۆرۈلۈپ كەتمەي دەپلا ئىشلەتمەيتتىم يېقىندىن بۇيان خەۋەرلەرنى ئاڭلاۋاتىمىزغۇ...


ئەممازە ماڭا بەكلا لازىملىق دېتاللارنى تەۋسىيە قىپسىز تەشەككۇر!

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 22:15:03

4- قەۋەتتىكى katipimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىستېمىنىڭ تىزىملاش جەدىۋىلىگە كىرىپ HAO123 دەپ ئىزدەپ، شۇ ئۇچۇر بار جەدىۋەلنى ياكى قىممىتىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاڭ.

تىزىملاش جەدىۋىلىگە كىرىش ئۇسۇلى 3- قەۋەتتىكى قېرىندىشىمىز دېگەن ئۇسۇل بويىچە كىرسىڭىز بولىدۇ. ياكى باشلاش تىزىملىكىنى ئاچسىڭىز بارلىق پىروگراممىلار نىڭ ئاسىتىدا بىر تېكىست رامىكىسى بار يەنى «پىروگرامما ۋە ھۆججەت ئىزدە» دېگەن خەت بار رامىكغا regedit دېپ يېزىپ مۇقىملاشتۇرسىڭىز ئېچىلىدۇ.




سىزگىمۇ كۆپ تەشەككۇر ! تىزىم جەدۋىلىدىن ئىزدىۋىدىم بىرتوقام چىقتى بۇ سۈۋەرەكنىڭ ئۇۋىسى... تازززززىلاپلىۋەتتىمغۇ

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 22:41:50

6- قەۋەتتىكى jahanzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنمۇ بىر سۇئالىمنى سورىۋالاي، Windows8 ئىشلىتىۋاتقانلار ، سودا سانائەت بانكىسىنىڭ شوركىسى سىلەرنىمۇ بىئارام قىلىۋاتامدۇ يا؟ ھەر قېتىم قوزغالغاندا چىقىۋېلىپ ئىچىمنى بەك پۇشادى ياخشىراق ئامال يوقمۇ؟



دىگىنىڭىز توربانكىسىنىڭ سېستىمىسى قوزغىلىۋالامدا؟


مېنىڭچە بۇنى باشلاش- ئىجراغا msconfig نى يېزىپ ئېنتېرنى بوشراق ئۇرسىڭىزلا بىر رامكا چىقىدۇ. قرىسىڭىز قوزغىتىش 启动 دەپ بىر كۇنۇپكا بار. شۇ يەردىن ئۆزىڭىز خالىغانچە قوزغىلىدىغان، خالىمىغاننى قوزغىمايدىغان قىلىپ تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ. يەنى ئالدىدىكى كاتەكچىنى بوش قىلىپ قويسىڭىز قوزغالمايدۇ. قوزغالمايدىغان قىلىپ قويغانلىرىڭىز سېستىما قوزغالغاندا قوزغلىۋالمايدۇ. بەلكى لازىم بولغاندا قوزغاتسىڭىز قوزغىلىدۇ.


بىراق سەل ئېھتىيات قىلىڭ. نىمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ قوزغىلىشتىن چەكلەڭ بولمىسا.......... يامانراقىنى چەكلەپ قوياپ سېستىمىنى قوزغىتالماي قالماڭ يەنە\"\"

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-4 02:05:31

بۇ ئالامەتلا سۈۋەرەككىنا...... مۇشۇ تاپتا يۇقارقى ئىككى توردىشىمىز دىگەن بويىچە ئۇسۇللارنىڭ بېرىنى سىناپ ئىككى قېتىم قوزغاتسام يەنىلا شۇ سۈۋەرەك قوزغىلىۋاتىدۇ...



بۇ زادى نەگە يوشۇرۇنۇۋالىدىغاندۇ؟ تېخىمۇ ئىچكى قىسىمدىن تازىلاشقا توغرا كېلەمدۇ نىمە بۇنى؟ يەنىمۇ يول كۆرسەتسەڭلار

katipim يوللانغان ۋاقتى 2013-8-4 02:27:29

10- قەۋەتتىكى kosanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ ئالامەتلا سۈۋەرەككىنا...... مۇشۇ تاپتا يۇقارقى ئىككى توردىشىمىز دىگەن بويىچە ئۇسۇللارنىڭ بېرىنى سىناپ ئىككى قېتىم قوزغاتسام يەنىلا شۇ سۈۋەرەك قوزغىلىۋاتىدۇ...



بۇ زادى نەگە يوشۇرۇنۇۋالىدىغاندۇ؟ تېخىمۇ ئىچكى قىسىمدىن تازىلاشقا توغرا كېلەمدۇ نىمە بۇنى؟ يەنىمۇ يول كۆرسەتسەڭلار

مەشغۇلات جەريانىدا كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتماي تۇرۇپ، تۆۋەندىكى مەشغۇلاتلارنى بىجىرىپ بېقىڭ. تور كۆرگۈنىڭ باشبەت تەڭشىكىنى ئۆزگەرتىڭ. پىروگرامما تىزىملىكىدىن «قوزغىتىش» نىڭ ئىچىگە قاراپ بېقىڭ. كونترول تاختىسىدىن پىروگرامما ئۆچۈرۈش تىزىملىكىنى ئېچىپ قاراپ بېقىڭ. ۋەزىپە باشقۇرغۇچتىن «جەريان» دېگەن تۈرگە قاراپ بېقىڭ. يۇقىرىقى تىزىملىك تۈرلەردە hao123 كە مۇناسىۋەتلىك پروگرامما ۋە ھۆججەتلەر بولسا ئاۋال ئىجرا بولۇشتىن توختىتىۋېتىپ ئاندىن ئۆچۈرۈۋېتڭ. ئاخىرىدا تىزىملاش جەدىۋېلىدىن تازىلىۋېتىڭ.


يەنە بولمىسا، microsoft نىڭ ۋىروسخورىنى ئىشلىتىپ تازىلاپ بېقىڭ.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-4 10:00:47

يىقىندىن بىرى سودا سانائەت بانكىسىنىڭ 防钓鱼 دەيدىغان نەرسىسى IE نى ئاچسىلا چىقۋالىدىغان بولۋالدى. 更新 قىلىڭ دەپلا. ھىچ نىمە قىلسام يوقالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىمدا كومپيۇتېردىن سودا سانائەتنىڭ ھەممە نەرسىسىنى ئۆچۈرۈپلا يوقاتتىم. قارانچۇقنى ئەمەلدىن قالدۇرۋىتىپ، پارول ھىسابلىغۇچقا ئالماشتۇردۇم. شۇنىڭ بىلەن سودا سانائەتنىڭ تور بىتىنى كومپيۇتېردا ئېچىپ باقمىغىلى ئۇزۇن بوپتۇ، يانفوندىلا چاناۋاتىمەن.  {:92:}  

دۆلىتىمىزنىڭ دىتاللىرىنى قاچىلىغاندا 下一步 نى باسىۋەرمەي، ئانچە مۇنچە چىقىپ قالىدىغان تاللاشلارغىمۇ دىققەت قىلىپ قويىلى.

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-8-4 11:10:05

10- قەۋەتتىكى kosanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ ئالامەتلا سۈۋەرەككىنا...... مۇشۇ تاپتا يۇقارقى ئىككى توردىشىمىز دىگەن بويىچە ئۇسۇللارنىڭ بېرىنى سىناپ ئىككى قېتىم قوزغاتسام يەنىلا شۇ سۈۋەرەك قوزغىلىۋاتىدۇ...



بۇ زادى نەگە يوشۇرۇنۇۋالىدىغاندۇ؟ تېخىمۇ ئىچكى قىسىمدىن تازىلاشقا توغرا كېلەمدۇ نىمە بۇنى؟ يەنىمۇ يول كۆرسەتسەڭلار

بەك مۇرەككەپ ئىش ئەمەس ئىدى. تور كۆرگۈچنىڭ ئۇلانمىسىنى ئۆچۈرۈپ قايتا تۇرغۇزۇڭ.

TAWPIK يوللانغان ۋاقتى 2013-8-4 15:46:04

ئەمىن س سۈۋەرەك خورىنى ئشلىتىپ سىناپ بىقڭ  {:92:}  \"\"

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-4 18:38:37

ئاخىرى تېگىدىن ھەل قىلدىم بۇ سۈۋەرەكنى. بۇ ئۇسۇلنى قالدۇرۇپ قوياي:

يۇقارقى تورداشلار دىگەندەك تىزىم جەدۋىلىدىنمۇ تازىلاپ چىقىرىۋەتتىم. ئەڭ ئاخىرقى ئامال بولسا ieنىڭ باش بەت تەڭشىكىنى ئۆزگەرتىشنى چەكلىۋېتىش بولدى.



باشلاش- ئىجراغا gpedit.msc نى كىرگۈزۈپ ئىجرا قىلغاندىن كېيىن كۆرۈنگەن كۆزنەكتىن ئابونت سەپلىمىسى-قېلىپنى باشقۇرۇش- ۋىندوۋس قىستۇرمىلىرى - internet explorer نىڭ ئىچىدىن ‹باشبەتنى ئۆزگەرتىشنى چەكلەش› دىگەننى قوزغىتىۋەتسەكلا (ئاۋال باش بەتنى ئۆزىمىز خالىغانغا تەڭشىۋالىمىز) ئىش تامام. بۇنداق سۈۋەرەكلەرمۇ يوقاپ كەتتىغۇ

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2013-8-5 11:32:46

ئۆتكەندە ئىتىزدا ئىشلەۋىتىپ كوزۇمگە كومۇتا كىرىپ كىتىپ ئۇچ كۇندىن كىيىن ئولوپ قىلىپ ئولوگى توت كۇن تۇردى شۇنىڭ بىلەن جەمئى بىر ھەپتە تۇرۇپ ئاندىن ئاران كۇزۇمگە ئىقتىدىغان دورا قويۇپ ئاندىن چىقىپ كەتتى ،،،،

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-5 13:50:24

5- قەۋەتتىكى katipimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى newstarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

360 بىخەتەرلىك قاراۋۇلى (بۇ يەردە لازىم بولغاچقا دەپ سالدىم) نىڭ سېستېمىنى رېمۇنتلاش (系统修复) دېگەن تۈرىدە IE باش بېتىنى قۇلۇپلاش دېگەن يېرىدىن ئۆزگەرتىپ باقسىڭىز قانداق بولار؟


http://katipim.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=79



مەن توۋا قىلاي...\"\"




Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-8-6 16:19:24

360 قاچىلانغان كومپيۇتېرلار تاس قالىدۇ مەندىن «تاماق يىدىڭىزمۇ؟» دەپ سورىغىلى. بىرنى قاچىلىسا ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنى قوشۇپ كىرىدىغان ئەپلەرنى ئۆزۈم تۇتقان كومپيۇتېرغا قەتئىي يېقىن يولاتمايمەن.



ئاندرويىدلارنىڭ رۇتنى ئېلىش بارغانچە تەسلىشىپ كېتىپتۇ، ئىچىگە QQ نىڭ بىر ھويلا جەمەتىنى توشقۇزۇپ قويىدىكەن، ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان نەرسىكەن. سېلىشتۇرغاندا، WP كۆپ راھەت جۇمۇ. ھەتتا يانفۇننىڭ T نەشىرىگىمۇ ئەڭ- ئەڭ قىسمەن نەرسىلەردىن باشقا نەرسىنى قاچىلاپ قويالمايدىكەن.
بەت: [1]
: سېستىمامغا سۈۋەرەك كىرىۋاپتۇ. مەسلىھەت بېرىڭ