ئۆزىچىلا داڭق چىقارغان ئۇيغۇر
بەيدۇ ئېنسكلوپېدىيەسىدە يەن چىتەن (خەڭسو پۇتۇڭخۇاسىچە جېن زىدەن) نىڭ
تەرجىمىھالىنى كۆرىۋېتىپ، ئاستىدىكى ئۇيغۇر ناۋاي يەنچىتەن تاغا دېگەن
ماقالىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. 2011-يىلى نىڭبودا ناۋايلىق قىلىدىغان
لىتىۋاخۇن ئىسىملىك بۇ ياش شياڭگاڭ ۋە چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كىنوچىلىققا
ئالاقىدار بىلوگ ۋە خەۋەر توربەتلىرىنى بىر ئاپتۇ.
لىتىۋاخۇن داڭق
چىقارغۇدەك ھېچ ئىش قىلمىغان بولۇپ، پەقەت تونۇر بېشىدا نان يېقىۋاتقاندا
قىزىققۇچى ئۇنى رەسىمگە تارتىۋالغان ھەمدە تارتىلغان رەسىمدىكى بۇ ئۇيغۇر
ياشنىڭ شياڭگاڭنىڭ داڭلىق كىنو ئارتىسى، جىڭۋۇ سارىيى، يې ۋېن1، يې ۋېن2،
قاتارلىق داڭلىق فىلىملەرنىڭ باش رولچىسى يەن چى تەن (خەڭسوچە جېن زىدەن)
گە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغانلىقىنى بايقىغان ھەمدە بىلوگىغا چىقىرىپ
قويغان. شۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ناۋاي يەن چىتەن دېگەن تېما شىياڭگاڭ ۋە چوڭ
قۇرۇقلۇقتىكى كىنو-تېلېۋىزىيەگە ئائىت خەۋەر ۋە بىلوگ توربەتلىرىدە بىر
مەزگىل قايناپ كەتكەن.
بەيدۇ ئېنىسكلوپېدىيەسىدە لىتىۋاخۇن ئۈچۈن مەخسۇس بىر بەت ئېچىلغان:
baike.baidu.com.cn/view/6053672.htm
تۆۋەندە كىنو ئارتىسى يەن چىتەن ۋە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان چىرايى بىلەن داڭق چىقارغان ئۇيغۇر ناۋاي لىتىۋاخۇننى كۆرۈپ باقايلى:
ئوڭدا لىتىۋاخۇن، سولدا يەن چىتەن
لىتىۋاخۇننىڭ خىيالغا چۆمگەن يەرلىرى:
بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، يەن چىتەنگە ساقال-بۇرۇت چىقسا ياكى لىتىۋاخۇن ساقال-بۇرۇتىنى ئېلىۋەتسە، ئىككەيلەننى پەرقلەندۈرمەك خېلى تەسكە توختارمىش.
لىتىۋاخۇن (力塔洪) دېگەن نامنىڭ گۇگول ۋە بەيدۇدا كۆرۈلۈشى 7 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، يەن چىتەننىڭ 14 مىليونلۇق نەتىجىسىنىڭ يېرىمىغا بېرىپ قالغان.
لېكىن بىر ھون ئەزەلدىن تارىخقا ئائىت ماقالىلىرى بىلەن تونۇش ئىدى ، يا ئەمدى بۇمۇ مۇھىم تارىخمۇ ؟
ھېيتاخۇن دىگەن گەپمۇيا،لىتىۋاخۇن دەپ گەپ يوقتۇ بىزلەردە 人怕出名 猪怕壮 دەپتىكەن خەن كونىلار {:92:}
2- قەۋەتتىكى qinar616نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھېيتاخۇن دىگەن گەپمۇيا،لىتىۋاخۇن دەپ گەپ يوقتۇ بىزلەردە
ياق، لېتىپ ئاخۇننى زاغرا تىلدا لېتىۋاخۇن دەيدۇ.
甄子丹 zhēn zǐ dān
ئۆتكەندە خەۋەردىن كۆرسەم ئافرىقىدا ئوباما غا ئوخشايدىغان بىرسىنىڭ ئېلانغا چىقىپ مىليونىر بوپ كېتىپتىكەن.(ئوبامانىڭ چىرايىغا ئوخشايدىغانلىقى ئۈچۈن) بۇخەۋەر يېڭى چىققاندا يېڭسارلىق ، ھېيتاخۇن ناۋاي دەپ كۆرگەن ئېسىمدە . ئاۋۇ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغان رەسىمى توردا خېلى مەزگىل تارقىلىپ يۈردى. راستلا ئوخشايدىكەن. begir5 نېمىگە ئاساسەن ئۇنى ئۇيغۇر دەپ كېسىپ ئېيتىسىز؟ چىرايى ئوخشايدىكەن دەپ قويسىلا ئۇنداق ھۆكۈم چىقىرىۋەتسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ مۇنبەرگە يوللانغانلىكى تېمىغا،خەت يېزىپ باقىدىكەن، بەزىلەر.
10- قەۋەتتىكى ATLAN111نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
begir5 نېمىگە ئاساسەن ئۇنى ئۇيغۇر دەپ كېسىپ ئېيتىسىز؟ چىرايى ئوخشايدىكەن دەپ قويسىلا ئۇنداق ھۆكۈم چىقىرىۋەتسىڭىز قانداق بولىدۇ؟
بەزىلەرگە توۋۋا. داڭق چىقىرىپ نىمە بولغاندۇ ئاخىرىدا ھە؟


7- قەۋەتتىكى begir5نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
دىمەك جېن زىدەننىڭ ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىماللىقى بار .
ئۇ چوقۇم ئۇيغۇر .
.....................................................................................................................
مەنمۇ شۇنداقراق ئاڭلىغان ، تۇرغان دوقىنىڭ ئاتا باشقا ئانا بېلەك ئىنىسىمىش .
تۇرغان دوقا ئىزدەپ يۈرمەس ھە ، ما ئىلىخولۇق باللا
دەپقويماڭلا جۇمۇ . مۇخبىرلار يېڭى خەۋەر دەپ
بىرىپ يۈرمەسھە .
16- قەۋەتتىكى uyghurjan0997نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يەن چىتەن - بۇ نەچە ئاتاشتۇ جېنزىدەن پۇتۇڭخۇاچە بولسا .
ئۇ شياڭگاڭلىق، ئانا تىلىدىكى ئىسمى يەن چىتەن ئىكەن. جېن زىدەن دېگىنى چوڭ قۇرۇقلۇق خەڭسولىرىنىڭ مۇھەممەدنى مەي مەي تى دەۋالغىنىدەك ئىش. بىزنىڭ تىلىمىز كەلگەنكىن ئۆز ئىسمىنى يازدىم. توۋا قىلدىم بىر مىللەت تۇرۇپ ئىسمىنى ئاتىيالمىسا خېلى ساز كىشىلەر جۇما بۇ خەق {:92:} توۋا قىلدىم بىر مىللەت تۇرۇپ ئىسمىنى ئاتىيالمىسا خېلى ساز كىشىلەر جۇما بۇ خەق {:92:}