niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-2 22:30:29

غۇلجىغا ساياھەت خاتىرىسى

غۇلجىغا ساياھەت خاتىرىسى


ۋاسىلى ۋاسىلىيېۋىچ
رادلوف


رۇسچىدىن پولات
بۇرھان تەرجىمىسى






بىز 1862-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى جۇڭگو چېگرىسىغا ئەڭ
يېقىن بولغان كوپال دېگەن يەر بىلەن ۋېرنېي (ئالمۇتا) ئارىلىقىدىكى كۆكسۇ پوچتا
ئۆتىڭىدىن يولغا چىقتۇق. بۇ ئۆتەڭ ئىنتايىن چوڭ بىر كازاكلار مەھەللىسىدە
ئىدى. بۇ مەھەللە قارادالا دەرياسىنىڭ بالقاش كۆلىگە قۇيۇلىدىغان تارماق ئېقىنى
بولغان كۆكسۇ دەرياسى قىرغىقىدا ئىدى. شەرق تەرىپى ئالاتاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىي
تارمىقى بولۇپ، بۇ تاغنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسى جۇڭگو-رۇسىيە چېگراسىنىڭ پاسىلى ئىدى.
ئۆتەر يولىمىز كۆكسۇ ئۆتىڭىدىن قارىسا كۆرۈنۈپ تۇرغان شەرق تەرەپتىكى قارلىق تاغ
چوققىسىدىن ئۆتەتتى. باشقىلارنىڭ ماڭا سۆزلەپ بېرىشىچە بۇ قارلىق چوققىنى
«ئۇيگىنتاش» دېيىشىدىكەن (دۆۋىلەنگەن تاش − ئاپتوردىن). قارىغاندا بۇ نام بۇ يەردە
ياشايدىغان قالماقلار (ئويراتلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ − ئاپتوردىن) نىڭ ئوباسىدىن
(موڭغۇللار يول ۋە پاسىللارغا تاش دۆۋىلەپ بەلگە قىلىدۇ − تەرجىماندىن) كەلگەندەك
قىلىدۇ. يولىمىز خېلى كۆپ قىرغىز (چاررۇسىيە دەۋرىدە رۇسلار قازاقلارنى قىرغىز،
قىرغىزلارنى قارا قىرغىز، دەپ ئاتايتتى − تەرجىماندىن) ئاۋۇللىرى ۋە ئېگىز
تۆپىلىكلەردىكى يايلاقلاردىن ئۆتەتتى. بىز تەخمىنەن 10 ۋېرستا (رۇس چاقىرىمى. بىر
ۋېرستا مۇساپە تەخمىنەن 1.06 كىلومېتىرغا باراۋەر − تەرجىماندىن) يول يۈرگەندىن
كېيىن بىر-بىرىدىن ئېگىز تاغلاردىن ئۆتتۇق ۋە ئۇيگېنتاش دېگەن يەردە قىرغىزلار
چېدىرىدا قوندۇق. مەن بۇ يەردىن كۆكسۇدىكى چېغىمدا باشقىلار تونۇشتۇرغان تۇتاي
ئىسىملىك قىرغىزنى تەرجىمانلىققا ياللاپ ئالدىم. ئۇ غۇلجىدا كۆپ يىل تۇرغان، خەنزۇ
تىلىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىي لەھجىلىرىدە شۇنىڭدەك موڭغۇل تىللىرىدا سۆزلىشەلەيدىغان
ھەمدە ئۇ يەرلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك مۇھىتىنى پىششىق بىلىدىغان ئادەم ئىدى.
بايقىشىمچە قىرغىزلار بۈگۈنگە قەدەر جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزمىگەن.
بىزگە ھەم جۇڭگوغا ئوخشاشلا خىزمەت قىلاتتى. رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئالدىدا ئۇلارنىڭ
ساداقەتمەن پۇقراسىغا ئوخشايتتى. جۇڭگوغىمۇ شۇنداق مۇناسىۋەتتە بولاتتى. تۇتاينىڭ
ماڭا ئېنىق قىلىپ ئېيتىشىچە، نۇرغۇنلىغان قىرغىز ئاۋۇللىرى بىر يىلنىڭ كۆپ قىسىم
ۋاقتىنى جۇڭگو زېمىنىدا ئۆتكۈزىدىكەن.


7-ئاينىڭ 24-كۈنى. بۈگۈن ناھايىتى ئەتىگەن يولغا
چىقتۇق. يول يۈرگەنسېرى داۋانلارمۇ شۇنچە تىكلەشتى. بىز ئىزچىل ھالدا شەرقىي
جەنۇبىي يۆنىلىشتە ئىلگىرلىدۇق. ئۇيگېنتاش تېغىنىڭ تار، خەتەرلىك قىساڭلىرىدىن
قىينالماي ئۆتتۇق. رۇسىيە تەۋەسى ئىچىدىكى قىرغىز ئاۋۇللىرى قۇشمۇرۇن دېگەن تاغ
چوققىسىغا كەلگەندە ئاياغلاشتى. يەنە شەرققە قاراپ يۈرگىنىمىزدە شېغىللىق
چۆل-جەزىرىلەر باشلاندى. بۇ يەردە چۆپلەر شالاڭ ئۆسكەن، ناگاندا تاغ سۇلىرى
بويىدىكى دەرەخلەر كۆرۈنەتتى. ھەممىلا يەردە تىك قىيا تاشلار بار ئىدى. ئېنىقكى بۇ
يەردىن ئۆتۈش خەتەرلىك ئىدى. سەپىرىمىزدىكى يەنە بىر خەتەر قىرغىز ۋە قالماق
قاراقچىلىرى ئىدى. ئۇلار بۇلاڭچىلىق قىلغاندىن كېيىن قىلچىمۇ تەپتارتماي يۈرەتتى.
ئۇلار خىلۋەت تاغ-تاشلار ئارىسىغا ئاسانلا يوشۇرۇنۇپ ئالاتتى. بىزنىڭ بۇ ئانچە چوڭ
بولمىغان ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىمىزدە يەتتە ئەر بار بولۇپ، بۇلار ئارىسىدىكى ئۈچى
سەرخىل قوراللانغان بولغاچقا، ئەندىشە قىلىش ھاجەتسىز ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ
بىخەتەرلىك يۈزىسىدىن ئالتىنئېمىل تاغ قاپتىلىدىن ئۆتۈپ، ئىلى دەرياسى ياقىسىدىكى سولۇنلار
ئولتۇراق رايونىنى بويلاپ ماڭىدىغان يولنى تاللىۋالدۇق. مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل
كۆكسۇ ۋادىسىدىن شەرققە قاراپ يۈرگەندە تاكى قۇشمۇرۇنغىچە بولغان جايلار بىر سېرىن
يايلاق ئىدى. بۇ يايلاقلار كۆپىنچە تىك تاغ، كەڭ تۈزلەڭلىك ۋە ئېدىرلىقلار ئىدى.
بۇ زېمىننىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك قورام تاشلار تىنىپ ياتاتتى. پەقەت شىمالدىلا تاقىراڭغۇ
ئېدىرلار كۆرۈنۈپ تۇراتتى. تاغ سۇلىرىنىڭ بورخوجىدىكى گىرەلەشكەن يېرىدىن باشلاپ
يەر شەكلى تەدرىجى جەنۇبقا قاراپ يانتۇ، سېرىلاڭغۇ ئىدى. تاغ سۇلىرىنىڭ قىنى
ئېگىزلىكنىڭ تەكشى يۈزىدىن 20-30 سارژېن (رۇسلارنىڭ ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى. بىر
سارژېن تەخمىنەن 2.1 مېتىرغا باراۋەر − تەرجىماندىن) پەس ئىدى. جىرالار
ئېگىزلىكتىن قارىسا كۆرۈنمەيتتى. پەقەت يېنىغا بارغاندىلا جىرا ئىچىدە ئۆركەشلەپ
ئېقىۋاتقان تاغ سۈيى، بۈك-باراقسان چاتقاللىق ۋە ئېگىز ئۆسكەن تاغ تېرەكلىرى
كۆرۈنەتتى.


شۇنىسى ئېنىقكى بۇ زېمىن قىرغىزلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك
قىشلىق يايلىقى ئىدى. شۇڭا قىش كىرىشى بىلەن بۇ يەردە چېدىر ئۆيلەر كۆپلەپ تىكىلىپ
ھەممە يەرنى قاپلاپ كېتەتتى. بورخوجا دەرياسىنىڭ قىنى ئىلى ۋادىسىنىڭ جۇڭغار
بۆلىكىنىڭ چېگرا لىنىيەسى ئىدى. بۇ يەردىمۇ بورخوجا دەپ ئاتىلىدىغان جۇڭگونىڭ
چېگرا قاراۋۇلخانىسى بار بولۇپ، بۇ قاراۋۇلخانا تاش-توپا قۇرۇلمىلىق ئىدى. قاراۋۇل
بىزگە قاراۋۇلخانىغا 50 قەدەمچە يېقىنلىشىشقا رۇخسەت بەردى. كېيىن ئوقيا ۋە
ساداقلار ئاسقان چېرىكلەر ئالدىمىزغا كېلىپ، بىزنى دەرھال توختاشقا بۇيرۇق قىلدى.
مەن تەرجىمانىم ئارقىلىق گۇۋاھنامە-ھۆججەتلىرىمنى جۇڭگو تەرەپكە بەردىم. كېيىن
مېنىڭ قاراۋۇلخانىغا كىرىشىمگە رۇخسەت قىلدى. لېكىن ھەمراھلىرىم ۋە يۈك ئارتقان
ئۇلاغلارنىڭ قاراۋۇلخانا يېنىغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلمىدى. قاراۋۇلخانا ئارقىسىدا
بىرنەچچە تۈپ دەرەخ ۋە بىر ئىمارەت بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ئىمارەت
بۇتخانا ئىكەن، قاراۋۇلخانا باشلىقى مېنى ئولتۇرۇشقا ئىجازەت قىلدى. بىرسىنى
بۇيرۇپ ماڭا بىر پىيالە چاي كەلتۈردى. ئۇ مەندىن ئىسمىمنى، سەپەر مەقستىمنى،
ھەمراھلىرىم ۋە يۈك ئارتقان ئۇلاغلار سانىنى سورىدى. بىردەم تەپسىلىي سۆزلەشكەندىن
كېيىن بىر چېرىككە ئىككى پارچە يول خېتى بېرىپ، بۇ چېرىكتىن خالىغىنىمچە يىراقلاپ
كەتمەسلىكىمنى، يول بويى ئۇنىڭ بىلەن بىللە مېڭىشىمنى، قىلچىمۇ بىخەستەلىك
قىلىشىمغا بولمايدىغانلىقىنى جېكىدى. قاراۋۇلخانا باشلىقى بۇلارنى خەنزۇ تىلىدا
سۆزلىدى. شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ ماڭا تەرجىماننىڭ لازىمى يوق ئىدى. ئەتراپىمغا
ئولىشىۋېلىپ قىزىقسىنىۋاتقان 10-20 چېرىكنىڭ ھەممىسى سولۇن ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى
قىرغىز تىلىدا راۋان سۆزلىشەلەيتتى. قاراۋۇلخانا باشلىقى مانجۇ ئىدى. ئۇنىڭ
قالپىقى ئۈستىدىكى مىس بېزەك بەلگە ئۇنىڭ ئۇنۋان دەرىجىسىنىڭ بوشقۇ ئىكەنلىكىنى
چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى. ئارىدىن تەخمىنەن بىر سائەت ئۆتكەندىن كېيىن بىزنى مۇھاپىزەت
قىلىپ مەنزىلىمىزگە يەتكۈزىدىغان ئوقيا بىلەن قوراللانغان چېگرا مۇداپىئەچى
چېرىكلەر يېتىپ كەلدى. ھېلىقى بوشقۇنىڭ سۆزلىرى قوپال ئىدى. ئۇ ئالدىمىزدا ماڭدى.
ھېچكىم بىلەن پاراڭلاشمايتتى، پات-پات ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ بىزنى كېلىۋاتامدۇ-يوق
دەپ قاراپ قوياتتى. بىز پىيادە ئىلدام ماڭغانلىقىمىز ئۈچۈن قاش قارايماستىلا
بورخوجا دەرياسىغا قوشۇلىدىغان ئۈچىنچى تارماق ئېقىننىڭ بويىغا يېتىپ كېلىپ،
جىلغىدىكى قىرغىز چېدىرلىرىغا ئانچە يىراق بولمىغان يەردە قوندۇق. قوغدىغۇچى
چېرىكلەر بىزنى بۇ يەردە قالدۇرۇپ، ئۆزلىرى دەريانى ياقىلاپ بىزگە بىرنەچچە يۈز
قەدەم نېرىدىكى بىر چېگرا پونكىتىغا كېتىشتى. بىز كېچىنى ئىس-تۈتەككە تولغان چېدىر
ئىچىدە تولىمۇ بىئارامچىلىق ئىلكىدە ئۆتكۈزدۇق. ياۋا توڭگۇز ئوۋلىغۇچىلارنىڭ يېرىم
كېچىدىكى چۇقان-سۈرەنلىرىدە ئويغىنىپ كەتتىم. قارىغاندا بۇ يەردە ئېھتىمال ياۋا
توڭگۇز بەك كۆپ بولسا كېرەك. قىرغىزلار ئات ئۈستىدە ياۋا توڭگۈزلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەندىن
كېيىن ئولجىسىنى ھەرگىزمۇ قولى بىلەن تۇتمايدىكەن. ئۇلار توڭگۇزنى ناپاك نەرسە دەپ
ھەزەر ئەيلەيدىكەن. تاڭ ئېتىشى بىلەن چېرىكلەر ئوۋلانغان توڭگۇزنى ئېلىپ كېتىشتى.


7-ئاينىڭ 25-كۈنى ئەتىگەنلىكى باشقا بىر تۈركۈم يېڭى
چېرىكلەر تۈنۈگۈنكى چېرىكلەر بىلەن ئالماشتى. ئۇلارنىڭ قوراللىرى ئىلگىرىكى چېرىكلەرنىڭكىگە
ئوخشاش ئىدى. ئۇلارنىڭ باشلىقى كىشىگە بىر خىل ئاجىز، ئىنجىمارۇقتەك تۇيغۇ
بېرەتتى. بۇنداق ئاجىز ئەسكەرلەر بىلەن بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزنى قوغداش ئۆزىلا بىر
خىل كۈلكىلىك ئىش ئىدى. ئۇنىڭ بويى پاكار، يېشى تەخمىنەن 60 ياشلار چامىسىدا ئىدى.
كەينىگە ئۆرۈۋالغان چېچى قاردەك ئاقارغان، چىرايى سولغۇن، مەزمۇتمۇ تۇرالمايتتى،
قەدەملىرىنىمۇ تەستە يۆتكەيتتى. ئۇ بىر دۆنەن ئاتقا مېنىۋالغانىدى. بۇ ئاتمۇ
ئىگىسىگە ئوخشاش ھەم ئورۇق ھەم ۋىجىك ئىدى. ئۇ ئىگەر ئۈستىگە بىر پارچە ئەيلەنگەن
پۈتۈن قوينىڭ تېرىسىنى سېلىپ، ئۈستىگە ئولتۇرۇۋالغانىدى. شۇنداق قىلغان بولسىمۇ
ئۇنىڭ بويى ئات ئۈستىدىن ئاران يېرىم فوت چوقچاراپ تۇراتتى مېنىڭ كازاك
نەۋكەرلىرىم بىلەن قىرغىز خىزمەتچىلىرىم ئۆزلىرىنى ئەركىن تۇتاتتى ۋە يۇمۇرلۇق
ئىدى. لېكىن سولۇن چېرىكى جىددىي ۋە قوپال تەلەپپۇزدا، ئاتلارنى توقۇشنى ۋە ئۆزى
بىلەن بىرگە يولغا چىقىشنى بۇيرۇدى. مۇھاپىزەتچى ئەسكىرىم تەييارلىق ئىشلىرىنى
تولىمۇ تېز بىجا كەلتۈردى، چۈنكى مەنمۇ مېڭىشقا ئالدىرايتتىم. بىز ھېچ يەردە ھايال
بولماي، يولنى تېز مېڭىپ، ناھايىتى تېزلا ئۆسەك دەرياسى بويىغا يېتىپ كەلدۇق.
ئۆسەك سۈيى كەڭ ۋە شىددەتلىك ئاقاتتى. يامغۇردىن كېيىن دەريادىن ئۆتۈش ئەسلا
مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا يولۇچىلار دەريا سۈيىنىڭ سوغۇلۇپ پەسىيىشىنى كۈتۈپ
بىرنەچچە كۈن ھايال بولاتتى. بىزنىڭ بۇ سۇدىن ئۆتۈشىمىز سەپىرىمىزدىكى ئەڭ قىيىن
بولغان بىر قېتىملىق دەريادىن ئۆتۈش بولدى. چۈنكى دەريا سۈيى ئۇلغىيىپ ئات
ئىگىرىگە كەلگەنىدى. دەريادىن ئۆتكەندە ئات ئىگىرىنىڭ ئۈستىدە باداشقان قۇرۇپ ياكى
يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇشقا توغرا كېلەتتى. سەۋەب، دەريا ئېقىنى شىددەتلىك ئاقاتتى، دەريا
ئېقىنىدا 45 گىرادۇس يانتۇ ھالدا تۇرساقمۇ، ئېقىن ئاتلارنى ئېقىتىپ كېتىدىغاندەكلا
قىلاتتى. دەريادىن ئۆتكىنىمىزدە ئات ئۈستىدىكى ھەمراھلىرىم چۇقان-سۈرەن سېلىشىپ،
ئاتلارنى ھەيدىگىنىچە ئۆزلىرىگە مەدەت بېرىشتى. مۇھاپىزەتچى سولۇن چېرىكى سەل
ئارقىدا قالدى. بىز دەريادىن ئۆتۈپ بولغاندا ئۇ ئاران قىرغاققا يېقىنلاشتى.
ئىلگىرى بىز ئۇنىڭغا ياخشىراق ئاتتىن بىرنى مېنىشنى ئېيتقانىدۇق. بۇنداق قىلىش
ئۇنىڭ غۇرۇرىغا تەگكەن بولسا كېرەك، گېپىمىزنى ئىلىكمۇ ئالمىدى-دە، ئېتىنى سۇغا
سالدى. بىزنىڭ مۆلچەرىمىزدىكى ئىش ئاخىرى يۈز بەردى. شىددەتلىك ئېقىن ئۇنى ئېتى
بىلەن بىرگە ئېقىتىپ كەتتى. ئاتقا مىنگۈچى، ئات ۋە ئىگەر ئۈستىگە سېلىنغان قوي
تېرىسى دەريادا ئۈچ بۆلەك بولۇپ ئېقىپ كېتىپ باراتتى. مەن ئىككى قىرغىزغا سۇغا
چۈشۈشنى بۇيرۇدۇم. دەرۋەقە ئۇلار قوي تېرىسىگە قاراپ ئۈزۈشتى، نالە-پەريات
قىلىۋاتقان چېرىككە پەرۋامۇ قىلمىدى. مەن قايتا بۇيرۇق قىلغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئېقىپ
كېتىۋاتقان چېرىككە قاراپ ئۈزدى. تەرجىمانىم تۇتاي ئېقىپ كېتىۋاتقان چېرىكنىڭ بىر
ئۆرۈم چېچىدىن تۇتۇپ ئۇنى سۇدىن چىقىرىۋالدى ۋە ئارقىسىدىكى يېتىلىۋالغان ئاتقا
مىندۈردى. مەن ھەمراھلىرىمدىن بايىقى قىلغان قاراملىقى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشنى
تەلەپ قىلغىنىمدا ئۇلار ماڭا: «بىلمەيسىز، بىر ئات بىلەن بىر قوي تېرىسى بۇنداق
بىر تېگى پەس ئادەمدىن كۆپرەك پۇلغا يارايدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. ھۆل بولۇپ كەتكەن
تېگى پەس ئادەم ئالدىمدا تولىمۇ بىچارە كۆرۈنەتتى. ھەمراھلىرىم ھېلىقى چېرىكنىڭ
كىيىم-كېچىكىنى يەشتۈرۈپ سىقىپ، ئاپتاپقا يېيىپ قويغاندا، يول خېتىمىزنىڭ ھۆل
بولۇپ كەتكىنىنى بايقىدۇق. بىز ھۆل بولۇپ كەتكەن يول خېتىنى تەرجىمان تۇتايغا
بەردۇق. تۇتاي بۇ ھۆل بولۇپ كەتكەن يول خېتىنى ئالىقىنىغا يېيىپ تاكى قۇرۇغىچە
تۇتۇپ تۇردى. ئۆتۈك ۋە ساداقلارغا كىرگەن سۇنى تۆكۈۋېتىپ، ئاتقا مىنىپ يولغا چىقتۇق.
خېلىدىن كېيىن يول خەت، گۇۋاھنامە ۋە ھۆججەتلىرىمىز قۇرۇدى. بىراق ھۆججەتلەرنىڭ
ۋاراقلىرى بىر-بىرىگە چاپلىشىپ كېتىپتۇ، ئۇنى قانداق ئاجرىتىشىمىزنى بىلمىدۇق.


ئۆسەك دەرياسىدىن ئۆتۈپ بىرنەچچە ۋېرستا يۈرگەندىن
كېيىن، تۇپراق مۇنبەتلىشىپ، ئالدىمىزدا تېرىق ۋە بۇغداي ئېتىزلىقى كۆرۈنۈشكە
باشلىدى. زىرائەتلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى ئورۇلۇپ بولغان ۋە ئېگىز قىلىپ بېسىلغانىدى.
بىزنى قوغداپ كەلگەن چېرىك توساتتىن بىزگە بۇرۇلۇش بۇيرۇقى بەردى. بىز جەنۇبقا قاراپ
بىر ۋېرستا مۇساپە يۈرگەندىن كېيىن يەرلىك ئەمەلدار فوندى بوشقۇنىڭ چېدىرىغا
كەلدۇق. ئۇ بىزنى چېدىرىغا كىرىشكە تەكلىپ قىلدى. بىز چېدىرغا كىرىپلا ئۈستىگە
ئەمەل تونى كىيگەن بىر ئەمەلدارنى كۆردۇق. ئۇ بىزنىڭ يول خېتىمىزنى ئېچىپ
كۆرگەندىن كېيىن بىزگە تەكەببۇرانە بېقىپ توساتتىن قىرغىز تىلىدا بىزنى تىللاشقا
باشلىدى. ئۇ بىزگە، بۇ يەرگە نېمە دەپ كېلىشتىڭ، دەپ ۋارقىرىدى. شۈبھىسىزكى ئۇ
بىزنى بۈيۈك ئىمپېرىيەگە كىرگەن جاسۇس دەپ قالغان بولسا كېرەك. ئۇنىڭ بۇنداق
ئەدەبسىزلىكىدىن غەزەبلىنىپ، بۇ يەرگە بىرنەچچە ۋېرستا كېلىدىغان جەنۇب تەرەپتىكى
يەنە بىر قاراۋۇلخانىغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئەمەلدارغا ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز
قىلىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتۇق. مەن بۇنداق مۇئامىلىگە تاقەت قىلالمىدىم. كونسۇلنىڭ
تەدبىر قوللىنىشىنى لايىق كۆردۈم-دە، چېدىردىن چىقىپ ئېتىمغا مىندىم. بۇ چاغدا
فوندى بوشقۇ سۆزىدىن ياندى. بۇنى بىر چاقچاق دېدى. بىزنىڭ بىر پىيالىدىن چاي ئىچىشىمىزنى
ئۆتۈندى. ئۇنىڭ تەلەتىگە قارىغۇممۇ كەلمىدى. ئاتقا مېنىۋېتىپ ھەمراھلىرىمنىمۇ
ئاتقا مېنىشكە بۇيرۇدۇم-دە، يولغا چىقتۇق. بىزنىڭ پاكار قوغدىغۇچى چېرىكىمىز
كەينىمىزدىن يېتىپ كېلىپ، فوندى بوشقۇنى ئەپۇ قىلىشىمىزنى ئۆتۈندى. (بۇ يەردىكى سولۇنلارنىڭ
ئېتىزلىقلىرى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىم قىسقارتىلدى. بۇنىڭ تەپسىلاتى «سولۇنلار
ھەققىدە ئومۇمىي بايان» دا سۆزلىنىدۇ.)


بىز ئۆسەك دەرياسىدىن ئۆتۈپ جەنۇبقا بۇرۇلۇپ ماڭغاندىن
كېيىن، كۆز ئالدىمىزدا بىپايان ئىلى ۋادىسى نامايەن بولدى. بۇ يەردە زىرائەت
ئېتىزلىرى كۆپ بولۇپ، يول بويى قوللىرىدا ئورغاق، ئارا تۇتقان بېشىغا چىغ قالپاق
كىيگەن، كىيىنىشى قالماقلار ياكى خەنزۇلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئادەملەرنى خېلى كۆپ
ئۇچراتتۇق. ئەرلىرى قىسقا ياكى ئۇزۇن يەكتەك كىيگەن، ئاياللىرى بولسا ئادەتتىكى
ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىشكەن. تۇتاينىڭ ئېيتىشىچە بۇلارنىڭ ھەممىسى سولۇنلار بولۇپ،
ئۇلارنىڭ تېرىلغۇ ئېتىزلىرى شۇ يەردە ئىكەن. جەنۇب تەرەپتە يىراقتىن تۈتەكتەك قارا
كۆرۈنگەن يەر ئۇلارنىڭ مەھەللىلىرى ئىكەن. تۈزلەڭلىكتە قارا كۆرۈنگەنلىرى ئۇلارنىڭ
باغ-ھويلا، قورۇقلىرى ئىكەن. بۇ ھويلا-ئارانلار ئەتراپىدا ئۇلار مەخسۇس ئىھاتە
قىلغان دەرەخ ۋە مېۋە دەرەخلىرى بار ئىكەن. بىز شەرققە ماڭغانسېرى ئېتىز ۋە پاخال،
شاخ-شۇمبىدا يېپىلغان ئۆيلەرمۇ شۇنچە كۆپەيدى، ھەتتا ھەممىلا يەردە چۆپ دۆۋىلىرى
ۋە ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىۋاتقانلار كۆزگە چېلىقاتتى.


چۈشتىن كېيىن قورغاس جىلغىسىدىكى قاراۋۇلخانىغا يېتىپ
باردۇق. بۇ قاراۋۇلخانىدا ئىككى ئېغىز توپا تام ئۆي بار بولۇپ، بىر ئېغىزى ئۆرۈلۈپ
كېتەيلا دەپ قالغانىكەن. بۇ ئۆيلەرنىڭ نە ئىشىكى، نە دېرىزىسى يوق ئىدى. ئۆينىڭ يېنىدا
ئەتراپى توپا تام بىلەن قورۇلغان ئانچە چوڭ بولمىغان بۇتخانا قورۇقى بار ئىدى. بۇ
يەردە بىرمۇ ئادەم ئۇچرىتالمىدۇق. مۇھاپىزەتچى چېرىكنىڭ ماڭا دېيىشىچە، بۇ
ئۆيلەردە ئادەم ئولتۇرمايدىكەن. مەن شۇ ئۆيلەرنىڭ بىرىنى يىغىشتۇرۇپ قونالغۇ
تەييارلاشنى بۇيرۇدۇم. شۇنداق قىلىپ بىز بۇ ئۆيگە چۈشۈپ، قازان ئاستۇق.
ھەمراھلىرىمنىڭ ئات ئوغرىسى بار دېگەن سۆزىگە قارىتا بىز ئاتلارنىڭ ئالدى پۇتىنى
چۈشەپ قويۇپ، كېچىلىك كۈزەتچى قويدۇق. تاماق يەۋاتقاندا جۇڭگو چېرىكلىرى بىز بىلەن
كۆرۈشكىلى كەلدى. ئۇلار بىزگە ئۆز ئەپسۇسىنى بىلدۈرۈپ، بۇ يەردە تۇرۇشلۇق قوشۇننىڭ
دېھقانچىلىق بىلەن ئالدىراش بولۇپ، قاراۋۇلخانىدا پەقەت ئۆزىنىڭ يالغۇز جېسەكچىلىك
قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەمدە بىزنى مۇھاپىزەت قىلىپ يەنە بىر قاراۋۇلخانىغا يەتكۈزۈپ
قويىدىغانلىقىنى شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزگە قورغاس قەلئەسىدىن ئۆتمەسلىكىمىزنى
تەۋسىيە قىلدى. بىراق تۇتاي بۇ تەكلىپكە قوشۇلمىدى، قورغاس قەلئەسىدىن ئۆتۈشتە چىڭ
تۇردى. كېيىن ھېلىقى چېرىك بىزگە بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، چوڭ يولدىن چىقىپ
ماڭساڭلار خەتەرگە يولۇقىسىلەر، بولۇپمۇ قورغاستا تېخىمۇ شۇنداق، ئۇنىڭ ئۈستىگە
قورغاسقا بېرىش ئۈچۈن ئايلىنىپ ئوشۇق يول باسىسىلەر، دېدى. بۇ قاراۋۇلخانىدىكى سولۇن
چېرىكى ئىلگىرىكى قاراۋۇلخانا چېرىكلىرىگە قارىغاندا دوستانە ئىدى. مەن تۇتايدىن
بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىسام، ئۇ: «بىز ھېلىقى بوشقۇنىڭ ئەدىپىنى بەرگەندىن كېيىن،
ھەممىسى بىزگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىشقا جۈرئەت قىلالماس بولۇپ قاپتۇ» دېدى. ھېلىقى
چېرىك تۇتايدىن مېنى ئامبالمۇ، دەپ سۈرۈشتۈرۈپتۇ. تۇتاي ئۇنىڭغا مېنى ئامبال، دەپ
تونۇشتۇرۇپتۇ. بىزنى قوغداپ كېلىۋاتقان مۇھاپىزەتچى چېرىكمۇ دوستانە ۋە
تەكەللۇپچان بولۇپ كەتكەنىدى. مەن ئۇنى كەچلىك غىزانى بىللە يېيىشكە تەكلىپ قىلدىم
ھەمدە ئۇنىڭغا سوۋغا بەردىم. بۇ ئىلتىپاتىم ئۈچۈن ئۇ ماڭا ھەددى-ھېسابسىز تازىم
قىلىپ تەشەككۈر ئېيتتى.


7-ئاينىڭ 26-كۈنى. ئەتىگەن سائەت ئالتىلەردە بىز
قاراۋۇلخانىدىن چىقىپ، قورغاس جىلغىسىدىن ئۆتتۇق. قورغاس سۈيى يايلاق يۈزىدىن
بىرنەچچە فوت (بىر فوت تەخمىنەن 30 سانتىمېتىرغا باراۋەر − تەرجىماندىن) پەستە
ئاقىدىكەن. لېكىن ئېقىن ناھايىتى كەڭ دائىرىدە ۋە ئوننەچچە شاخاپقا تارىلىپ
ئاقىدىكەن. شۇڭا قورغاس سۈيى تېز، دەريا قىنى چوڭ-كىچىك تاشلارغا تولغانىدى.
ئېنىقكى ئەتىيازدا قىيان كەلگەندە بۇ سۇدىن ئۆتۈش تولىمۇ قىيىن ئىدى. تەخمىنەن بەش
ۋېرستا يول يۈرگىنىمىزدىن كېيىن قورغاس شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. بۇ چاغدا شەھەر
دائىرىسىگە كىرگەنلىكىمىزنى بايقىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى. شۇ تاپتا كۆز ئالدىمىزدا
تولىراق زاھىر بولىدىغىنى ئېتىز-ئېرىق شۇنىڭدەك توپا تاملار بىلەن قورشالغان قورۇ،
بوستانلىق ۋە مېۋىلىك باغلار ئىدى. ئارقىدىن ئىشلەۋاتقانلار بلەن يولۇچىلارنى
چېلىقتۇرۇشقا باشلىدۇق. بىز ئاستا يۈرۈپ ئىككى قاسنىقى ئېگىز توپا تام بىلەن
توسالغان تار يولغا كەلدۇق، بۇ تار كوچىنىڭ بېشىغا چىقىپ بۇرۇلۇپ ئالدى تەرەپتە
ئېگىز دەل-دەرەخلەرنى ئۇچراتتۇق. تار كوچىنى بويلاپ 50 قەدەم مېڭىۋىدۇق ئالدىمىزدا
توساتتىن بىر مەنزىرە پەيدا بولدى. بىز تۇيۇقسىز ئىنتايىن كەڭ، ئادەملەر كۆپ ئاۋات
بىر بازارغا كېلىپ قالدۇق. يولنىڭ ئىككى قاسنىقى دۇكان، ھۈنەرۋەنلەر ئىشخانىسى، تىككۈچىلىك
ئىشخانىسى، موزدۇزخانا، تۆمۈرچىلىك، ياغاچچىلىق دۇكىنى قاتارلىقلار بار بولۇپ،
ھەممىسى دېگۈدەك ئۈستى ئوچۇق دۇكانلار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئارىلىقلىرىدا تۈرلۈك
يېمەكلىك، قاچا-قومۇچ ۋە ياغاچ بۇيۇملارنى ساتىدىغان دۇكانلار بار ئىكەن، خەنزۇ
يېزىقىدا يېزىلغان نامتاختىلارنى ھەممە جايدا ئۇچراتقىلى بولىدىكەن. بۇ يەردە
ئاشپۇزۇللارمۇ بار بولۇپ، نامتاختا ئورنىغا بېلىقلارنى ئېسىپ قويىدىكەن، يىراقتىن
بىرلا قاراپ ئاشپۇزۇل ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدىكەن.


بازار-رەستە كوچىسىنىڭ ئوتتۇرىدىكى يول يۈزىدىن ئېگىز
كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان قىسىمى ھارۋا، قول ھارۋىسى، ئاتلىقلار، يۈك ئاتقان ئۇلاغلار
ئۆتىدىغان يول ئىدى. ھەر ساھە تىجارەتچىلىرى تاۋارلىرىنى سىۋەتلەرگە تىزىپ
ئەپكەشتە كۆتۈرۇۋېلىپ، يول بويى ۋارقىراپ خېرىدار چاقىراتتى. پات-پاتلا كىيىملىرى
جۇل-جۇل تىلەمچىلەرنى، چاچ پاسونى گۈزەل، چېچىغا گۈل قىسقان ئاياللار ۋە قۇياش
نۇرىدىن مۇداپىئە كۆرىدىغان كۆزەينەك تاقاپ قولىغا سايىۋەن كۈنلۈك تۇتقان
سەيياھلارنى ئۇچراتقىلى بولاتتى. بىز بىلەن ياندىشىپ ئۆتۈپ كېتۋاتقانلارنىڭ كۆپى
قالماق، تاتار شۇنىڭدەك قىرغىزلار ئىدى. ئېنىق قىلىپ ئېيتسام بىزنىڭ يايلاقنىڭ
زېرىكىشلىك بىر خىل مەنزىرىسىگە كۆنۈپ قالغان كۆزلىرىمىز بۇنداق رەڭدار مەنزىرىنى
كۆرۈپ قامىشىپ كەتتى. راست گەپنى قىلسام بۇنداق كۆرۈنۈش ماڭا گەرچە تونۇش بولسىمۇ
لېكىن ئۆيۈمگە كېلىپ قالغاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلدى. ئەتراپتىكى يېقىملىق چىرايلار
ۋە جىددىي تۈس ئالغان ئەمگەك مەيدانلىرىنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتى گەرچە بىزگە ناتونۇش
بولسىمۇ، يەنىلا بىز خۇددى ياۋروپادىكى مەلۇم شەھەرگە كېلىپ قالغاندەك بولدۇق.
بىپايان يايلاقتىكى زېرىكىشلىك ۋە ئۇزۇن مۇساپىدىن كېيىن، بىز بۇ يەرگە كېلىپ
مەدەنىي تۇرمۇشقا قەدەم قويغاندەك بولدۇق. مەدەنىيەتكە نىسبەتەن ئىنسانلار
ئۇنىڭدىن ئىلاجسىز مەھرۇم بولغاندا ئاندىن ئۇنىڭ قەدرىگە ئوبدان يېتىدىكەن. بىزنىڭ
بۇ كىچىك قوشۇنىمىز ئەتراپتىكىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. كىشىلەر توپى ئارىسىدا
قېلىپ، يا ئالدىمىزغا يا كەينىمىزگە ماڭالماي قالدۇق. مۇھاپىزەتچى چېرىكنى
تەرەپ-تەرەپتىن ئىزدىدۇق، ئۇ ئارىمىزدىن چىقىپ قىرغىزلار بىلەن ھەدەپ
پاراڭلىشىۋېتىپتۇ. تۇتاي بىزنىڭ ئاۋارىچىلىققا يولۇققانلىقىمىزنى كۆرۈپ، دەرھال
يۈگۈرۈپ كېلىپ، بىزنى ئورۇۋالغانلارغا قامچىسى بىلەن ھەيۋە قىلىپ قوغلاپ: «بۇ
ئورۇس ئامبال بولىدۇ» دەپ ۋارقىرىدى. بۇنداق جىددىي ئارىلىشىش نەتىجىسىدە بىز
قۇتۇلۇپ چىقتۇق. ئولىشىۋالغانلار گەرچە ۋارقىراپ ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاۋاتقان بولسىمۇ
يەنىلا بىزگە يول بوشىتىپ بەردى. بۇ يەردە شۇنىسى ئېنىقكى ئازراق خەنزۇچە
ئىنتوناتسىيەدە ئېيتىلغان مەنىسى ئېنىق بولغان كۈچلۈك بىر جۈملە رۇسچە سۆز ئۆز
رولىنى كۆرسەتكەنىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۇتاي مۇنداق بىر ئىشنى سەمىمگە سېلىپ:
«جۇڭگونىڭ شەھەر-بازارلىرىدا ئوغرىدىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك» دېگەنىدى. شۇڭا
كۆپچىلىككە كوللېكتىپ ھەرىكەت قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەنىدىم. تۇتاينىڭ
دېگەنلىرى تېزلا ئىسپاتلاندى. چىڭ ئىمپېرىيەسىدىكى بىر ئوغرى ئىگەر كەينىگە
غانجۇغىلاپ قويغان پەلتويۇمنى يېشىۋاتقاندا، تۇتاينى دوراپ، تۇيدۇرماي بېرىپ
دۇمبىسىگە قامچا بىلەن بىرنى ئۇردۇم. ئۇ قورققىنىدىن: «چىگىشى يېشىلىپ كەتكەن
كىيىمنى باغلاپ قوياي دېگەنىدىم» دەپ ئۆزىنى ئاقلىدى ۋە قارشىلىق كۆرسەتمەي
كىشىلەر ئارىسىغا كىرىپ غايىب بولدى. بىز غۇلجىغا ھېچ يەردە ھايال بولماي بىر
يولىلا يېتىپ بېرىش قارارىغا كەلدۇق. شۇڭا قورغاستا غىزالىنىشنى لايىق تاپتۇق
ھەمدە تۇتايغا قەدىر ئەھۋال بىر مېھمانساراي تېپىشنى ئېيتتۇق. تۇتاي ئىنتايىن
ھەشەمەتلىك بىر مېھمانساراينى سۆزلىشىپتۇ. ياساۋۇل نەۋكەر قولىمىزدىن ئاتلارنى
ئالدى. بىر جۇڭگولۇق بىزنى بىر ھۇجرىغا باشلاپ كىردى، ھەمدە چاي، ھورنان، تاتلىق
نان، كەينىدىن يەنە بىر كوزا شاراپ كەلتۈردى، ئاندىن مايدا قورۇلغان توخۇ، دۈملىمە
گۆش ئېلىپ چىقتى. بۇ مېھمانساراينىڭ غىزالىرى تەملىك ھەم پاكىز ئىدى. كەلتۈرگىنى
ئىسسىتىلغان كۈچلۈك ھاراق ئىدى. ئالدىمىزغا كىچىك قەدەھلەر قويۇلدى، تاماقنى پىل
چىشىدىن ياسالغان چوكىلاردا يېدۇق. مەن چوكا تۇتالماي خېلى جاپا چەكتىم. ئۇلار
تېخى ئاتلارغىمۇ يەم بېرىپتۇ. ھەمراھلىرىم بىلەن قورساق تويغۇزۇپ بولۇپ
غىزا-ئىچىملىك ئۈچۈن ئىككى رۇبلى 45 كوپېيك تۆلىدىم. غوجايىن مەن بەرگەن رۇسىيە
ئاقچىسىنى گەپ قىلمايلا ئالدى. تۇتاي ماڭا ئۇلار پۇلنى سەل جىق ئالدى دېدى.
تاماقتىن كېيىن تۇتاي بىزنى تېزرەك يولغا چىقايلى دەپ سۈيلىدى. چۈنكى ئالدىمىزدا
يۈرىدىغان مۇساپە ئۇزۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە مۇھاپىزەتچى چېرىك ئالمىشىدۇ.
مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ ئالمىشىشى ئۈچۈنمۇ خېلى ۋاقىت كېتەتتى. شۇنداق قىلىپ بىز
مېھمانساراي قورۇسىغا چىقىپ ئاتلىرىمىزغا مىندۇق. تازىم قىلىپ بىزنى ئۇزىتىۋاتقان
مېھمانساراي مۇلازىملىرى بىلەن خوشلىشىپ، ئادەملەر بىلەن تولغان قىستاڭ يولغا
چىقتۇق. ئازىراق ماڭغاندىن كېيىن بىر تار كوچىغا كىردۇق. بۇنداق ئايلىنىپ
ماڭغىنىمىز − ئاۋات رەستىلەردىن ئۆتۈپ، ئۇدۇل ماڭغىنىمىزدىن كۆپ ياخشى ئىدى. بۇ
يەرنىڭ مەندە قالدۇرغان تەسىرى شۇكى، بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى چەت ئەللىكلەرنى يامان
كۆرەتتى. مەن بۇ يەردە چىرايىدا ئۆچمەنلىك ئىپادىسى يوق بىرەرسىنىمۇ ئۇچراتمىدىم.
ئېھتىمال ئۇلارنىڭ چىرايىدا بىردىنبىر پەيدا بولىدىغان ئىپادە دۈشمەنلىك،
مەنسىتمەسلىك بولسا كېرەك. ئەلۋەتتە بۇ يەردە نەزەردە تۇتقىنىم تىجارەتچى ۋە پايدا
ئالىدىغان غوجايىنلار ئەمەس. مېنىڭچە ئامما ئارىسىدىكى بۇنداق دۈشمەنلىكنى ھۆكۈمەت
سۈنئىي رەۋىشتە پەيدا قىلغان. ئۇلار خەلقنى تاشقى دۇنيادىن ئايرىۋەتكەن، شۇڭا
ئۇلار كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان شەيئىلەرنى ئۇچراتقاندا ھەزەر ئەيلەش پوزىتسىيەسىدە
بولاتتى.


بىز يولغا چىقىپ بىر ھازادىن كېيىن مۇھاپىزەتچى چېرىك
ئارقىمىزدىن يېتىپ كېلىپ، قورغاستىكى قەرز ئىگىسىگە يولۇقۇپ قېلىشتىن قورقۇپ
ۋاقتىدا يېتىپ كېلەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە قەرز ئىگىلىرى ئۇنى ھەربىي
مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتىدۇ دەپ ئاياپ قويماي تۇتقۇن قىلىۋېرىدىكەن. ئۇنداقتا بۇ
مۇھاپىزەتچى چېرىك باشلىقىغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىدۇ؟ بۇ ئىشنى بايان قىلىشىمىزدىن
مەقسەت، جۇڭگو سودىگەرلىرى چېرىكلەر ۋە كىچىك ئەمەلدارلارنى كۆزگە ئىلىپمۇ
قويمايدىغانلىقىنى دېمەكچىمەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا پۇلدارلار ۋە سودىگەرلەر
تۆۋەن دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلارنىمۇ ھۆرمەت قىلمايدىكەن.


بىز قورغاستىن يولغا چىقىپ، يول بويى بىر-بىرىگە
تۇتۇشۇپ كەتكەن باغ، ئېتىز، مەھەللە ۋە ئۆيلەرنى چىلىقتۇرۇپ ماڭدۇق. بۇ زېمىننىڭ
يوللىرى تولىمۇ ناچار، تىقما-تىقماق بولۇپ، يولدا پىيادىلەر، يۈك ئارتقان
ئېشەكلەر، ھارۋا ۋە تۆگە كارۋانلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. ئىھاتە ئورمانلىقلار
ھەممىلا يەردە دېگۈدەك ئۇچرايتتى. بىز ئۆتكەن ئۆتەڭلەردىكى مېھمانسارايلىرى توشۇق
ئىدى. يوللاردا كېتىپ بارغان ئەمەلدار، چەۋەندازلارنىڭ بىزگە قارار كۆزى يوق ئىدى.
بالىلار بىزگە قاراپ ۋارقىراپ قويۇپ قېچىشاتتى ياكى بىزگە قاراپ يامان سۆزلەر
بىلەن بىر نېمىلەرنى دەيتتى. بۇ زېمىننىڭ ھەممىلا يېرى ئاۋاتچىلىق ۋە شادلىققا
چۆمگەنىدى. زىرائەتلەرمۇ ئوبدان تېرىلغان، باغلارنىڭ ھەممىسىدىلا دېگۈدەك ئالما،
ئۆرۈك ۋە شاپتۇل ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، مېۋىلەر شاخ-شېخىنى كۆتۈرەلمەي قالغۇدەك
ئوخشاپ كەتكەنىدى. بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھويلا-ئارانلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىمۇ ئوخشاش
ئەمەس بولۇپ، بەزى ھويلا-ئارانلارغا قاراپلا ئۇنىڭ غوجايىنىنىڭ قانچىلىك باي
ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى. بەزىدە تۇتاي بىزگە دەپ بەرگەندەك نامراتلىقتىن يالاڭ
ئاياغ يۈرىدىغان كەمبەغەللەرنىمۇ ئۇچرىتاتتۇق. مەن ئەمدى يەرلىك خەلقلەرنىڭ
كىيىم-كېچەكلىرىنى ئوبدان پەرق ئەتكۈدەك بولۇپ قالدىم. ھەتتا خەنزۇ سودىگەرلەر
بىلەن سولۇن چېرىكلىرىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان بولدۇم. كۆپىنچە *** ئاياللىرى ۋە
يەنە ئوتتۇراھال سەۋىيەدىكى دېھقان ئاياللىرى بوغۇلغان كىچىك پۇتلۇق ئىدى. ئۇلار
گەرچە يىرتىق كىيىم كىيسىمۇ چاچلىرىنى رەتلىك تەكشى تاراپ، چېچىغا گۈل
قىسىۋالاتتى.


كەچقۇرۇنلۇقى بىز ئىنتايىن چوڭ بىر مەھەللىگە كەلدۇق.
بۇ تەلكە مەھەللىسى ئىدى. جۇڭگولۇقلار «تارجى» دەپ ئاتايدىكەن. تەلكىنىڭ ئالدىدا
تۇغلۇق چېرىكلەرنىڭ قاراۋۇلخانىسى بار ئىدى. بىز بۇ مەھەللىدە ئۇزۇن ھايال
بولمايلا مۇھاپىزەتچى چېرىكنى ئالماشتۇردۇق. ئالماشتۇرۇلغان مۇھاپىزەتچى چېرىك سولۇن
چېرىكلىرىدەك كىيىنگەنىدى.


غۇلجا شەھىرىگە يەنە بىرنەچچە چاقىرىم يول قالغاندا،
بىز بىر قاسنىقى ھويلا-ئارانلىق چوڭ يول بىلەن قۇمساڭغۇ تۇپراقلىق ئىلى دەرياسى
قىرغىقىغا كەلدۇق. بۇ يەرنىڭ ئوت-چۆپلىرى بولۇق ئۆسكەن ئىدى. قاش قارايغاندا غۇلجا
شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، ئۇدۇل رۇسىيە تىجارەت شىركىتىگە باردۇق.


ئىلى ۋادىسىنىڭ
ئاھالىسى


ئىلى ۋادىسىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەھۋالىنى بايان قىلىپ
ئۆتكەنىدىم. ئەمدى بۇ يەرنىڭ ئاھالىسى توغرىسىدا توختىلىمەن.


جۇڭگو ھۆكۈمران دائىرىلىرى ئۆتكەن تارىخىي دەۋرلەردە
ھەر خىل مىللەتلەرنى بۇ زېمىنغا ئولتۇراقلاشتۇرغانىدى. بۇ مىللەتلەرنىڭ ئىرقىي
مەنبەسى، تىللىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايتتى. ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا
دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ-ئادەت شۇنىڭدەك باشقۇرۇش تۈزۈملىرى بار ئىدى. ئۇلار بىر
ئەسىر مابەينىدە بىللە ياشاپ كەلگەن ھەتتا بەزىدە ئارىلاش ئولتۇراقلىشىپ ياشاپ
كەلگەن بولسىمۇ، بىر-بىرىگە قوشۇلمىغان. ھېسسىيات جەھەتتىمۇ يېقىنلاشمىغان.
مىللەت، قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى بۇنداق دۈشمەنلىك مانجۇ ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئەلنى
ئىدارە قىلىشتىكى تايانچلىق تەدبىرى ئىدى. ھەرقايسى تائىپىلەر ئۆزئارا
دۈشمەنلەشسىمۇ مانجۇ ھۆكۈمرانلىرىنى تېخىمۇ يامان كۆرەتتى. تائىپىلەر
قەبىلە-مىللەت چېكىدىن ھالقىپ بىرلەشسە، ئەڭ بولمىغاندا ئىككى تائىپە بىرلەشسە
مانجۇ ھۆكۈمرانلىرىنىڭ جېنىغا ۋاي ئىدى. مانجۇ ھاكىمىيىتى مەڭگۈگە ئاغدۇرۇلغان
بولاتتى.


ئىلى ۋادىسىدا بىرقەدەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان
قەدىمىي مىللەتلەردىن غەرب موڭغۇللىرى ياكى قالماق دەپ ئاتىلىدىغان خەلقلەر بار
ئىدى. چىڭ سۇلالىسى چيەنلۇڭ پادىشاھى قالماق خانلىقىنى ئاغدۇرغاندىن كېيىن،
ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىم پۇقرالىرى غەربىي-شىمال رايونىغا سۈرۈپ كېلىنگەن. پەقەت 20
يىلدىن كېيىن بىر قىسىم قالماقلار ئۆز يۇرتلىرىغا ئاران قايتىپ بارالىغان. شۇ
مەزگىلدە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىلى ۋادىسىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ھۆكۈمرانلىقىنى
يۈرگۈزگەن. شۇڭا موڭغۇللارنى ئىلى ۋادىسىدا قالدۇرماي، تاغلىق چېگرا رايونلارنى
مۇداپىئە قىلىشقا ئەۋەتكەن. بىز شۇ كۈنى بۇ يەردە ئۇلارنى ئۇچراتتۇق. ئۇلار
جايلاشقان ئورۇنلار ئىلى ۋادىسىنى يېرىم ھالقا شەكىلدە ئوراپ تۇرىدىكەن. تەمىنلەنگەن
ماتېرىيالدىن بىلىشىمچە چېگرا رايوندا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش
كەچۈرىدىغان، جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە سېلىق تۆلەيدىغان قالماقلارنىڭ ئومۇمىي سانى 18
مىڭدىن 19 مىڭ تۈتۈنگىچە بولۇپ، ئۇلار 40 سۇمۇنغا بۆلۈنىدىكەن، ھەر سۇمۇندا
400-500 تۈتۈن بولىدىكەن. بۇ 40 سۇمۇننىڭ تارقىلىش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:


1. جەنۇب تەرەپتىكى تاغلىق چېگرا رايوندىكىلەر:


(1) زورغا سۇمۇن (ئالتە سۇمۇن) تېكەس دەرياسىنىڭ تۆۋەن
ئېقىنىدىكى رايونلارغا جايلاشقان.


(2) ئارۋۇن سۇمۇن (ئون سۇمۇن) تېكەس دەرياسىنىڭ تۆۋەن
ئېقىنىدىكى رايونلارغا جايلاشقان.


(3) دۆرۈن سۇمۇن (تۆت سۇمۇن) توققۇزتارانىڭ شەرقىي ۋە
جەنۇبىدىكى رايونلارغا جايلاشقان.


2. شىمالدىكى تاغ رايونلىرىدىكىلەر؛


ئۆسەكتىن قاش دەرياسىغىچە بولغان جايلاردىكى ھۆرۈم
سۇمۇن (20 سۇمۇن).


يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان 40 سۇمۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇن
قالماقلار شەرق ۋە غەرب رايونلاردا تۇرىدىكەن. ئۇلارنى چاخار دەپ ئاتايدىكەن.


قالماقلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى قازاقلاردىن ھېچقانچە
پەرقلەنمەيدىكەن. قالماق ۋە قازاقلار كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان
مىللەتلەر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىگىز ئۆيلەردە تۇرىدۇ. پەسىل ئۆزگىرىشىگە قارىتا
كۆچىدۇ. يەنى يازنى تاغدا، قىشنى تۈزلەڭلىكلەردە ئۆتكۈزىدۇ. قالماقلارنىڭ قولدا
بېقىلىدىغان مال-چارۋا سانى قازاقلارنىڭىدىن پەرقلەنمەيدۇ. پەقەت يىلقىسى
قازاقلارنىڭكىدىن كۆپ ئاز. ئۇلارنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىرى
قازاقلارنىڭكىگە قارىغاندا ئاز. پەقەت نىلقا قاش دەريا بويىدىكى قالماقلار
بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇ يەردىكى قالماقلار يەرلىك تاتار دېھقانلىرى بىلەن ئارىلاش
ئولتۇرىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 1862-يىلى مەن
ھېچقانچە قالماقنى ئۇچراتمىدىم. پەقەت ئۇلارنىڭ ئىككى قوشىنى زىيارەت قىلدىم. بۇ
قوشلار ئاساسەن قازاقلارنىڭ قوشلىرىدىن پەرقلەنمەيدۇ. لېكىن قازاقلاردىن
مەينەترەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىيىم-كېچەكلىرىمۇ كۆپ جۇل-جۇل ئىدى.


قالماقلار بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. ئۇلارنىڭ
ئىلى رايونىدىكى ئەڭ بۈيۈك ئۆلىماسى سامبا لاما بولۇپ، ئۇ ھەر يىلنىڭ 4-ئېيىدىن
9-ئېيىغىچە تېكەستىكى بۇتخانىدا دىن تارقىتاتتى. قالماقلارنىڭ ئىككىنچى ئورۇندا
تۇرىدىغان چوڭ بۇتخانىسى ئىلى دەرياسىنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ،
ئورنى غۇلجا شەھىرىدىكى تاتارلار بىلەن ***لار ئولتۇراق رايونلىرى ئوتتۇرىسىدا
ئىدى. بۇ بۇتخانا سامبالاما قىش پەسلى يەنى 9-ئايدىن كېلىدىغان يىلى 4-ئايغىچە
تۇرىدىغان بەندەرگاھى ئىدى. قىش كىرىشى بىلەن سامبالاما بىلەن بىرگە 200 ئادەم
غۇلجىغا كېلەتتى. ئۇلارنىڭ كۆپى روھانىلار ئىدى. بۇنداق روھانىلار قالماقلار
ئارىسىدا خېلى كۆپ ئىدى. بۇ ياشلار (روھانىلار) بۇ يەردە خەت يېزىشنى، نوم ئوقۇشنى
ئۆگىنەتتى. ئىگىلىگەن ماتېرىيالدىن مەلۇم بولۇشىچە قالماقلار ئارىسىدا ساۋاتلىقلار
خېلى كۆپ ئىدى.


ئىلى سانغۇنى ھەر يىلى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان
بۇتخانا چوقۇنۇش پائالىيىتىگە قاتنىشاتتى. سانغۇننىڭ ئىشتىراك قىلىشى پادىشاھنىڭ
قەدەم تەشرىپ قىلغىنى بىلەن باراۋەر ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن بىرگە
نۇرغۇنلىغان تەنتەنىلىك مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلەتتى. قىش كۈنلىرى ئىلىنىڭ بۇتخانىلىرى
ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كېتەتتى. بۇ پەسىلدە، ئەشۇ ئادەم ئېقىنلىرى ئىچىدە
تەقۋادار قالماقلار، تاۋاپ قىلغۇچىلار قوشۇنى ۋە يەنە *** سودىگەرلىرى بولاتتى.
بۇ سودىگەرلەر بۇتخانا سىرتىدا يايمىلىرىنى يېيىپ كىچىك بىر سودا شەھەرچىسىنى
شەكىللەندۈرەتتى. بۇتخانىنىڭ ئۈچ ئېغىزلىق تاۋاپ ئىبادەت سارىيىنىڭ ئالدىدا بىر
ھويلىسى بولۇپ، كۈنىگە ئىككى ۋاق غىزالىنىدىغان دىنى تاماق مانا مۇشۇ يەردە
يېيىلەتتى. ھەر قېتىملىق دىنىي غىزا ئۈچۈن بەش كالا، ئون قوي سويۇلاتتى.


قالماقلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى
قەبىلە ئاقساقىلى − زەڭگى بىلەن تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ قولىدا ئىدى. بۇ
ئەمەلدارلارنىڭ قالپاقلىرىدا چىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن، ئەمەل دەرىجىسىنى
بىلدۈرىدىغان مونچاق بولاتتى. قەبىلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئاقساقىلى ھەتتا سانغۇن
ئۇنۋانىغىمۇ ئېرىشەتتى، يەنى قىزىل مونچاق قادالغان قالپاقمۇ كىيەتتى. شۇنداق
بولغان تەقدىردىمۇ بۇ قالماق ئەمەلدارلىرى چىڭ سۇلالىسى سانغۇنى − مېيىن ئامبالغا
بويسۇناتتى. مېيىن ئامبال بىر جەھەتتىن چىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن قالماقلار
ئوتتۇرىسىدىكى ۋاسىتىچى، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا ئۇ چىڭ سۇلالىسى سانغۇنىنىڭ پەرمانلىرىنى
قالماق ئەمەلدارلىرىغا چۈشۈرەتتى، قالماقلارنىڭ ئارزۇ-تىلەكلىرىنى سانغۇنغا
يەتكۈزەتتى. يەنە بىر جەھەتتىن مېيىن ئامبالنىڭ ۋەزىپىسى قالماق ئەمەلدارلار ۋە ئامما
ئارىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى نازارەت قىلىپ، ھۆكۈمەتكە يانتاياق بولۇپ،
مۇستەقىللىق ۋە قانۇنغا خىلاپ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. مېيىن
ئامبال بۇ ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش مەقسىتىدە سانى ئانچە كۆپ بولمىغان بىر
قىسىم چېرىكلەرنى قالماقلار ئارىسىدا تۇرغۇزاتتى. قالماق ئەمەلدارلار بولسا بىر
جەھەتتىن ئەمەلدارلار بىلەن پۇقرالار ۋە ئۆز ئىچىدىكى خىلمۇخىل زىددىيەتلەرنى ھەل
قىلىپ، ئىچكى قىسىمىنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرتىپىنى ساقلىسا، يەنە بىر جەھەتتىن،
باج-سېلىقلارنىڭ ۋاقتىدا تاپشۇرۇلۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلاتتى ۋە چىڭ مەركىزىي
ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى بەجانىدىللىق بىلەن ئادا قىلاتتى.
قالماقلارنىڭ ئورۇنلاشقا تېگىشلىك باج-مەجبۇرىيەتلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت
ئىدى.


1. باج: ئىلى رايونىدىكى دېھقانلار ۋە چېرىكلەر
كۈرەلىرىنىڭ تۈزۈملەشكەن باج ئومۇمىي سېلىقى 2000 تۇياق كالا، 500 تۇياق يىلقا
تاپشۇرۇش ئىدى.


2. كىشى بېشىغا تاپشۇرىدىغان سېلىق مەجبۇرىيىتى:


(1) تاغلاردىن قېزىپ تەييارلانغان مىس ۋە ئاليۇمىن
رۇدىلىرىنى غۇلجا شەھىرىگە يەتكۈزۈپ بېرىش؛ (2) چېگرا قاراۋۇلخانىلىرىنى يېتەرلىك
چېرىك بىلەن تەمىنلەش؛ (3) مۇبادا ئۇرۇش بولسا ھەر سۇمۇن مىڭدىن چېرىك چىقىرىش؛
(4) يېغىلىق مەزگىلىدە قوشۇننى ھەربىي ئاشلىق بىلەن تەمىن ئېتىش.


چېرىكلەرنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە ياكى قاراۋۇلخانىلاردا
تۇرغان مەزگىلىدە ھەر ئايلىق مائاشى يېرىم ئۇنسىيە كۈمۈش تەخمىنەن تۆت يېرىم مارك
بولۇپ، بۇ مائاشنى ھۆكۈمەت خېلى بۇرۇنلا تارقاتماس بولغانىكەن. قاراۋۇلخانىلاردىكى
چېرىكلەر بىر ئايدا بىر نۆۋەت ئالمىشىدىكەن، قالماقلار ئىلگىرى خەنزۇلارغا
قازاقلاردىن بەكرەك دۈشمەنلىك قىلاتتىكەن، بىراق ھازىر بولسا دىنىي ئېتىقاد ۋە
تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرى سەۋەبىدىن ئۇلار قازاقلاردىن كۆرە ھۆكۈمەتكە تېخىمۇ يېقىن
ئىكەن. قالماقلار مانجۇلارغا نىسبەتەن تولىمۇ دوستانە بولمىغىنى بىلەن، ئەمما
ئومۇمەن ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى دۈشمەنلىك مۇناسىۋىتىدە ئەمەس ئىكەن. چىڭ سۇلالىسى
دائىرىلىرىنىڭ بۇنداق ھالەتنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى سەۋەب، ئۇلار يەرلىك
ھاكىمىيەتلەرگە تولۇق ئەركىنلىك بەرگەنلىكىدىن شۇنىڭدەك قالماقلارنىڭ ئىچكى
ئىشلىرى، ئۆرپ-ئادەت ئېتىقادىغا دەخلى-تەرۇز قىلمىغانلىقىدىن بولغانىدى. نۆۋىتى
كەلگەندە شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى ھەرگىزمۇ
سىياسىتىدىكى كەڭ قورساقلىق ۋە رەھىمدىللىكتىن بولماستىن بەلكى چەت ئەل ۋە چەتتىن
كىرگەن نەرسىلەر ئۇلارنىڭ كۆزىگە سىغمايتتى بۇنىڭدىن باشقا قالماقلارغا ئەسكەر
چىقارغۇزۇپ دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ پاكىت قالماقلارنىڭ مەركىزىي
ئىمپېرىيەگە بويسۇنۇش ئىستىكىنى ئويغۇتاتتى. توپىلاڭلاردا قالماقلار ھۆكۈمەتكە ئاسىيلىق
قىلمايتتى، يەنە شۇنداقلا ھۆكۈمەت مەنپەئەتىنى دەپ ئۆزىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى
قۇربان قىلمايتتى.


ئىلى ۋادىسىدىكى ھەقىقىي مۇسۇلمان بولغان كۆچمەن
چارۋىچى مىللەت قىرغىز ۋە بۇيرۇتلار (قارا قىرغىزلار ) نىڭ سانى تولىمۇ ئاز
ئىدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا قازاق مىللىتىگە مەنسۇپلىرى ئىلى ۋادىسىنىڭ غەربىي
شىمالىدا قىشلايدىغان ئۇلۇغ يۈزىنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسىمىلا ئىدى. ئۇلار
ئاساسەن سىۋان قەبىلىسىنىڭ بىر قىسىم ئاۋۇللىرى ۋە ئارغۇن قەبىلىلەرنىڭ قوشلىرىدىن
ئىبارەت ئىدى. قازاقلارنىڭ چوڭ يۈزى جۇڭگو زېمىنىدا تۇراتتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتىمۇ
سىۋان قەبىلىسىنى ئۆزىنىڭ پۇقراسى دەپ بىلەتتى. شۇڭا ئۇلار ھەر يىلى ھۆكۈمەتكە 40
تۇياق ئات تاپشۇرۇپ تۇراتتى. سولۇنلار بىلەن سىۋان قەبىلىسىنىڭ مۇناسىۋىتى
ناھايىتى قويۇق بولۇپ، دائىم دېگۈدەك ئۆزئارا سودىلىشىپ تۇراتتى. قازاقلارغا چارۋا
ماللىرىنى باقتۇراتتى. مانا بۇ قازاقلارنى مال ئوغرىلاشتىن توسۇشنىڭ ئۈنۈملۈك
چارىسى ئىدى. بۇيرۇتلار (قارا قىرغىزلار) ئىلى ۋادىسىغا زادىلا كەلمەيتتى. ئۇلار
قالماقلارغا قوشنا بولۇپ تېكەسنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق چېگرا رايونلىرىدا
ئولتۇراتتى. پەقەت بۆكۈ قەبىلىسىنىڭ ئاز بىر قىسىمى تا بۈگۈنگە قەدەر رۇسىيەگە
تەۋەلىك بىلدۈرمەي كەلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى تاكى بۈگۈنگە قەدەر بۆكۈ قەبىلىسىنى ئۆز
پۇقراسى دەپ بىلىدۇ ۋە ئۇلاردىن باج-سېلىق ئېلىپ كەلدى.


بىز ئىلى ۋادىسىدىكى تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان،
ئولتۇراقلاشقان تاتارلار (ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدۇ − تەرجىماندىن) توغرىسىدا
توختالغىنىمىزدا بۇ زېمىندىكى نۇرغۇن شەھەر، يېزىلارنى بايقايمىز، ھەتتا كىچىك
مەھەللىلەردىمۇ ئولتۇراقلاشقان تاتارلارنى بايقايمىز. ئۇلار ئۆزلىرىنى يەرلىك دەپ
ئاتىشىدىكەن، لېكىن قوشنا مىللەتلەر ئۇلارنى تارانچى دەپ ئاتىشىدىكەن. يۇقىرىدا
بايان قىلغىنىمىزدەك موڭغۇل ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە قەشقەرلىك ئەسىرلەرنى ئىلى
ۋادىسىغا ئېلىپ كەلگەن بولسا، چىڭ سۇلالىسى ئىلىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن،
ئۇلارمۇ قالماقلارنى دوراپ بۇ زېمىندا ئالتەشەھەردىن كەلگەن تاتارلارنىڭ نۇرغۇن
مەھەللىلىرىنى بەرپا قىلغان. قەشقەر، يەركەنت، خوتەن، ئاقسۇ، ئۇچلاردىن ئىلىغا
كۆچۈرۈپ كېلىنگەن تاتارلارنىڭ ئومۇمىي سانى 6000 ئۆيلۈك بولۇپ، ھازىر ئۇلار
كۆپىيىپ 8000 ئۆيلۈككە يېتىپتۇ. بۇ تاتارلارنى كۆچۈرۈپ چىقىشنىڭ مۇنداق ئىككى
سەۋەبى بار ئىكەن. بىرىنچىسى، تاتارلار رايونلىرىدىكى خەتەرلىك ئادەملەرنى
تارقاقلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قارشىلىقىنى يىمىرىش؛ ئىككىنچىسى، بۇ يېڭى
كۆچمەنلەرنى ئىلى ۋادىسىدا دېھقانچىلىق قىلدۇرۇپ، ئۇلار ھەر يىلى تاپشۇرغان
ئاشلىقلار بىلەن چېرىكلەرنى تەمىنلەش. ئەگەر بۇ ھەربىي ئاشلىقلار ئىچكىرىدىن توشۇپ
كېلىنسە خىراجىتى ئېشىپ كېتىدۇ. ھەر ئائىلىگە دېھقانچىلىق قىلىش ئۈچۈن 12 دېسياتىنا
(196 موغا باراۋەر) يەر بەرگەن. ھەر ئائىلە دېھقان ھەر يىلى ھۆكۈمەتكە 32 كۈرە
غەللە پاراق تۆلىگەن، يەنى بۇغداي، گۈرۈچ، چۈجگۈن قوناق بولۇپ ھەر بىر خىل
ئاشلىقتىن سەككىز كۈرەدىن تاپشۇرۇپ كەلگەن.


بۇ خىل ئاشلىقتىن ئىبارەت ماددىي باج توققۇز كۈمۈش
رۇبلىغا باراۋەر ئىدى، يەنە كېلىپ ئىلى رايونىدا پۇل كۇرسى يۇقىرى بولغانلىقتىن
ئەمەلىي ئېلىنىدىغان باج-سېلىق يۇقىرىدا ئېيتىلغان سېلىقتىن ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك
ئېشىپ كېتەتتى.


بۇ ئالتە مىڭ ئۆيلۈك تاتارنىڭ ئىلى رايونىدىكى
تارقىلىش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە ئىدى.


ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىغا:


(1) قاش دەرياسى بويىغا 500 ئۆيلۈك؛ (2) ئارائۆستەڭگە
600 ئۆيلۈك؛ (3) تاشتۆپە ئۆستىڭىگە 520 ئۆيلۈك؛ (4) نىلقىغا 400 ئۆيلۈك؛ (5) ئولاستايغا
620 ئۆيلۈك؛ (6) بورابورغاسۇن، بولۇكەي، چۈبۈركەيگە 500 ئۆيلۈك؛ (7) جىرغىلاڭغا
1000 ئۆيلۈك، جەمئىي 4100 ئۆيلۈك ئىلگىرىكى دەۋرلەردە ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.


ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا:


(1) قوغۇنچىغا 100 ئۆيلۈك؛ (2) كۆكوسۇنغا 200 ئۆيلۈك؛
(3) جاغىستايغا 200 ئۆيلۈك؛ (4) قاينۇققا 200 ئۆيلۈك؛ (5) بۇغراغا 200 ئۆيلۈك؛ (6)
خۇنخايغا 400 ئۆيلۈك؛ (7) دولاتا، غالجات ۋە داردامتۇغا 600 ئۆيلۈك، جەمئىي 1960
ئۆيلۈك تاتار ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.


تاتار دېھقانلىرىنى 6000 ئۆيلۈك ھېسابلىغاندا ھەر يىلى
يۇقىرىغا 192 مىڭ كۈرە ئاشلىق تاپشۇرۇشى كېرەك. 1834-يىلى ئۇلارنىڭ دەپتەر
تىزىمىدىكى سانى كۆپىيىپ 8000 غا يەتكەنىدى بۇ سانغا ئاساسلانغاندا يۇقىرىغا 256
مىڭ كۈرە ئاشلىق تاپشۇرۇشى كېرەك ئىدى. يەنى ئىككى مىليون رۇبلى تاپشۇرۇش دېگەنلىك
بولۇپ، گەرچە ئۇلارنىڭ زىممىسىدىكى باج-سېلىق ناھايىتى ئېغىر بولغان تەقدىردىمۇ،
ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ ماڭا چۈشەندۈرىشىچە 1826-يىلى قەشقەر قوزغىلىڭىدىن
ئىلگىرى بۇ يەردىكى تاتارلار تۇرمۇشى خېلى يامان ئەمەس ئىكەن، ئۇلار
باج-سېلىقلارنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ يەنە خېلى كۆپ ماللىرىمۇ بولغان ئىكەن. ئۇچۇر
بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ ئالاھىدە تەرىپلەپ بايان قىلىشىچە بۇندىن مۇقەددەم جۇڭگو
ھۆكۈمىتى ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلەتتىكەن ۋە ھېسداشلىق قىلاتتىكەن. ئاپەت يۈز بەرگەن
ياكى ھوسۇلى كېمەيگەن چاغلاردا ھۆكۈمەت دېھقانلارنىڭ باج-سېلىقىنى كېمەيتىپ يەنە
مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ، ئۆز غەمخورلۇقىنى يەتكۈزەر ئىكەن. ۋاھالەنكى قەشقەردە
قوزغىلاڭ پارتلىغاندىن بۇيان، ئىلى رايونى بولۇپمۇ تاتار دېھقانلىرى غايەت زور بالايىئاپەتلەرگە
مۇپتىلا بولغان ئىكەن.


ئالتەشەھەردە يېغىلىق بولغاندا ئىلى رايونىدىكى
تارانچىلار ھەسسىلەپ ھەربىي ئاشلىق يەتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇر قىلىندى. ئۇنىڭ
ئۈستىگە ئۇلار بۇ ئاشلىقلارنى ئۆز كۆلۈكلىرى بىلەن ئۇرۇش رايونلىرىغا يەتكۈزۈپ
بېرەتتى. بۇنداق قاتناش يوللىرى تەڭرى تېغىنىڭ خەتەرلىك تاغ يوللىرىدىن ئۆتەتتى.
شۇڭا چىقىم خىراجىتىمۇ زور بولاتتى. يېغىلىقنىڭ ئىككىنچى يىلى تاتارلار تۇرمۇشى
نامراتلىقنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىگە يەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ يىلى قىش تولىمۇ ئۇزۇن ۋە
قەھرىتان كەلدى. ئۇلارنىڭ ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە نەچچە يۈز تارانچى قەشقەر يولىدا
توڭلاپ ئۆلگەن ۋە سانسىز مال-كۆلۈكلىرى يېرىم يولدا كۆتۈرەم بولۇپ يىقىلىپتۇ،
تىرىك قالغانلىرىنى نامرات چېرىكلەر بۇلاپ كەتكەن ئىكەن. ھەتتا غۇلجا شەھىرىدىكى
جۇڭگو تەۋەلىكىدە بولمىغان سودىگەرلەرنىمۇ ھەربىي ئاشلىق توشۇشقا 500 تۇياق ئات
چىقىرىشقا مەجبۇرلىغان، نەتىجىدە ئۇلار ھاشارغا بەرگەن ئاتلىرىدىن بىرىنىمۇ
قايتۇرۇپ ئالالمىغان. بۇ ھال تا جۇڭگو دائىرىلىرى توپىلاڭنى تىنجىتىپ، تەرتىپ
تۇرغۇزغانغا قەدەر داۋاملاشقان. ھېلىھەم يەرلىك ھۆكۈمەت ھەسسىلەپ كۆپىيىپ
كېتىۋاتقان ھەربىيلەرنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. مەركىزىي ھۆكۈمەت بۇنىڭغا
مەبلەغ-خىراجەت ئاجراتمايدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ مالىيە ئەھۋالى ئىنتايىن قىيىن
ئەھۋالدا تۇرماقتا. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مالىيە مەنبىيىنى ئىزدەش داۋامىدا بىر
سانغۇن ئىلى تارانچىلىرىنىڭ نوپۇس سانى ئېشىپ 8000 ئۆيلۈككە يەتكەنلىكىنى نەزەردە
تۇتۇپ، 1834-يىلى توققۇزتارا ئۆستىڭىنى چاپتۇرۇپ، ھۆكۈمەت تەسەررۇپىدىكى يەرلەرنى
تېرىيدىغان تارانچى يېڭى دېھقانلىرىدىن باج-سېلىق ئېلىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ
يېڭى ئۆستەڭ ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاشلىقتىن ئۆتىدىغان بولغاچقا، بۇ ئۆستەڭ
توپتوغرا ئىككى يىل چېپىلىدۇ. يېڭى ئۆستەڭنى چېپىش داۋامىدا تارانچىلار 3000 نەپەر
ھەقسىز ئەمگەك كۈچى چىقىرىدۇ. ئۆستەڭ پۈتۈپ يەر تەقسىملەنگەندە 1500 ئۆيلۈككىلا
يەر تەقسىملەپ بېرىلىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەت دوكلات بەرگەندە يۇقىرىغا: «2000 ئائىلىگە
يەر تەقسىم قىلىپ بەردۇق» دەپ مەلۇمات يوللايدۇ. تاتار يەرلىك ئەمەلدارلىرى
نائىلاج ئۆز تەسەررۇپىدىكى، بورابورغاسۇندىكى يەرلىرىنى تارانچىلارنىڭ تېرىشىغا
بۆلۈپ بېرىدۇ ھەمدە مەبلەغ چىقىرىپ بورابورغاسۇن ۋە بۇلۇكەي يېڭى ئۆستىڭىنى
چاپقۇزىدۇ. 1836-يىلى يازدا ئۆستەڭ چوڭقۇر چېپىلمىغانلىقى ئۈچۈن يېڭى ئېچىلغان
تېرىلغۇ يەرلەرگە سۇ چىقمايدۇ. نەتىجىدە 1500 ئۆيلۈك يېڭى كۆچمەننىڭ زىرائەتلىرى
قۇرۇپ كېتىپ، باج-سېلىق تاپشۇرۇش بۇياقتا تۇرسۇن، بىچارە كىشىلەر ئاچ قالىدۇ.
بۇنداق ھالەت ئۈچ يىل داۋام قىلىدۇ. بۇ جەرياندا 6000 ئۆيلۈك تارانچى 1500 ئۆيلۈك
دېھقاننىڭ غەللە پارىقىنى تۆلەيدۇ. ھەتتا يېڭى ئۆستەڭنى قايتا چېپىشقا 3000 ئەمگەك
كۈچى چىقىرىدۇ ۋە توققۇزتارادىكى ئاچ قالغان خەلقنى قۇتقۇزىدۇ.


1836-يىلى خونخاي تاتار دېھقانلىرى غوۋغا چىقىرىدۇ.
ئۆزىنى غوجا دەۋالغان شەمسىدىن ئىسىملىك بىر پارس، ئاۋام خەلقنى خەنزۇلار ھۆكۈمرانلىقىدىن
قۇتقۇزۇشقا قادىرمەن دەپ تەرغىبات ئېلىپ بارىدۇ. مىسلىسىز ئېغىر بولغان ئاپەتلىك
ئون يىل داۋامىدا نامرات ۋە قاششاقلاشقان خەلق بەرداشلىق بەرگۈسىز ئېزىلىشتىن
قۇتۇلۇش ئۈچۈن يالغان غوجىغا ئەگىشىدۇ. كىمكى غوجىغا قارشى چىقسا ئۆلتۈرۈلەتتى.
قوزغىلاڭ تېخى ئەتراپتىكى مەھەللىلەرگە كېڭەيمەي تۇرۇپلا جۇڭگو دائىرىلىرى بۇ
ۋەقەدىن خەۋەر تېپىپ پىلانسىز كىچىككىنە بۇ قوزغىلاڭنى ئوڭايلا بېسىقتۇرۇۋالىدۇ.
ھېلىقى پارسمۇ باشقا قوزغىلاڭچىلار سەردارلىرىدەك قولغا ئېلىنىپ غۇلجا شەھىرىگە
يەتكۈزۈلىدۇ. ئاۋام ئالدىدا قاتتىق قىيناپ سوراق قىلىنغاندىن كېيىن باشقا 16 كىشى
بىلەن بىرگە كاللىسىنى ئېلىپ، ياغاچقا سانجىپ، تارانچى مەھەللىلىرىنىڭ قاتناش
تۈگۈنلىرىگە ئېسىپ سازايى قىلىدۇ. 100 گە يېقىن ئادەم سۈرگۈن قىلىنىدۇ.
نۇرغۇنلىغان مەھەللىلەر چېرىكلەر تەرىپىدىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ. 1840-ۋە
1844-يىللىرى قەشقەردە يەنە توپىلاڭ بولىدۇ. بۇ يىللاردا تارانچىلار ھەربىي
لاۋازىمەتلەرنى توشۇش داۋامىدا نۇرغۇن كۈلپەتلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ.


بۇ بالايىكۈلپەتلەر تارانچىلارنى خار-زار قىلىدۇ.
جۇڭگو ھۆكۈمران گۇرۇھى بولمىغان بولسا بۇ خەلق پىداكارلىقى ۋە ئەمگىكى بىلەن بۇ
مۇنبەت تۇپراقتا باي، پاراغەت ياشىغان بولاتتى. ھۆكۈمران گۇرۇھ خەلققە ئىشەنمەي،
ئۇلارنى ئېزىپ، قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىدى، ئۇلارنى ياشاش يوللىرىدىن مەھرۇم
قىلدى. ئۇلارنىڭ تارانچىلار ئارىسىدا تەسىس قىلغان ئەمەلدارلىرى بەئەينى يامان
سۈپەتلىك ئۆسمە ئىدى. بۇ تارانچى يەرلىك ئەمەلدارلار ھەرقايسى تارانچى يېزىلىرىدا
تارقاق ئولتۇراقلاشقانىدى. ئۇلار ھۆكۈمران دائىرىلەر قولىدىكى قورال بولۇپ،
شەخسىيەتچى، ئاچكۆز، ئۆز مەنپەئەتىنىلا كۆزلەيدىغان، ئۆز مىللىتىدىن يۈز ئۆرىگەن،
غەيرى مىللەتنىڭ قۇللىرى ئىدى، شۇنىڭدەك مىللىي توننىڭ ھېمايىسىدە قىلمايدىغان
ئەسكىلىكى يوق ئىدى. بۇ ھەقتە مانجۇلار كۆپ ئەقىللىق ئىدى، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار
ئاۋام پۇقرالارنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئىزچىل ئېزىشى ۋە بوزەك قىلىشىغا ئۇچراپ
كېلىۋاتقان بۇ پاكىتتىن پايدىلىنىپ، ئاۋام خەلقنىڭ ئۆچمەنلىكىنى ئۆزىدىن يۆتكەپ،
يەرلىك ئەمەلدارلارغا مەركەزلەشتۈرەتتى.


تارانچىلارنىڭ يۇقىرى قاتلام تۆرىلىرى غۇلجا شەھىرىدە
تۇرىدىغان ھاكىمبەگ ۋە ئىشىكئاغابەگلەر ئىدى. ھاكىمبەگ بىلەن ئىشىكئاغابەگلەر
ئۇلارنىڭ مەنسەپ-مەرتىۋىسىنىڭ رەمزى بولغان كۆك مونچاق قادالغان مەنسەپ قالپىقى
كىيەتتى. ئۇلارنىڭ ئۇنۋانى ئوكۇرداي يەنى پولكوۋنىك دەرىجىسىدە ئىدى. ھاكىمبەگكە
بەزىدە قىزىل مونچاقلىق ئەمەل قالپىقىمۇ يەنى ئامباللىق ئۇنۋانىمۇ بېرىلەتتى.
ھازىرقى ھاكىمبەگنىڭ ئەنە شۇنداق مەنسەپ ئۇنۋانى بار بولۇپ، دېھقان-چارۋىچى، تاتار
ئاھالىسىنىڭ تەقدىرى ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ئىدى. ئۇلار پەقەت سانغۇن ۋە ئۇنىڭ
مۇئاۋىنىنىڭ ئالدىدىلا جاۋابكار ئىدى. سانغۇن بولسا ئۇلار ئارقىلىق پۈتۈن
تارانچىلارغا ئۆز بۇيرۇق، پەرمانلىرىنى يەتكۈزەتتى. تارانچىلارغا تەئەللۇق
ئەرز-دەۋا، ھەق-تەلەپ ئەنزىلىرى كۆرۈلسە پاششاپ ۋە مەمۇرىي دائىرىلەردىن قالسا
ئۇلار يۇقىرى كېسىم سوتىنىڭ ۋەكىلى ئىدى.


تارانچىلار سەككىز مەمۇرىي باشقۇرۇش رايونىغا
بۆلۈنەتتى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالتىسىنى شاڭبېگى بىلەن مىراببېگى باشقۇراتتى. قالغان
ئىككىسىنى خەزىنىچىبەگ بىلەن پاششاپبەگ باشقۇراتتى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالتە مەمۇرىي
باشقۇرۇش رايونى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.


1. جىرغىلاڭ؛


2. بورابورغاسۇن، چۈبۈركەي، بۇلۇكەي؛


3. نىلقا ۋە ئولاستاي؛


4. قاش؛


5. بۇغرا، قاينۇق، جاغىستاي، قوغۇنچى؛


6. داردامتۇ، دولاتا، خونخاي.


قالغان ئىككى مەمۇرىي رايونى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.


1. توققۇزتارا؛


2. ئارائۆستەڭ.


خەزىنىچىبەگ بىلەن شاڭبېگىنىڭ قالپىقىدا ئۇلارنىڭ
مەنسەپ-مەرتىۋىسىنى بىلدۈرىدىغان ئاق مونچاق قادالغان بولىدۇ. (ئۇلارنىڭ مەنسىپى جالا
زەڭى بولۇپ ستارشى لېيتانتقا تەڭ) مىراببەگمۇ ئۆز مەنسەپلىرىگە لايىق مونچاق
قادايدۇ. بەزىدە خەزىنىچىبەگكىمۇ كۆك مونچاقلىق مەنسەپ قالپىقى ئىنئام قىلىناتتى.


يۇقىرىدىكى ھەربىر مەمۇرىي باشقۇرۇش رايونى ئىككى
قىسىمغا بۆلۈنەتتى، ھەمدە ھەر بىر قىسىم بىر مىڭ بېگىنىڭ باشقۇرىشىدا بولاتتى. مىڭ
بېگى بېشىغا مىس قۇببىلىق مەنسەپ قالپىقى كىيەتتى. يۈز بېگى، ئەللىك بېشى تەسىس
قىلىناتتى. 12 چوڭ يۈز بېگىمۇ مىس قۇببىلىق ئەمەل قالپىقى كىيەتتى. ئەڭ كىچىك
بىرلىك ئون ئۆيلۈك بولۇپ، ئونبېشى تەسىس قىلىناتتى. بىرسېرىن بيۇروكرات ئاپپارات
قۇرۇلمىسى مۇنداق ئىدى: بىر ھاكىمبەگ، بىر ئىشىكئاغابەگ، ئىككى خەزىنىچىبەگ، ئالتە
شاڭبېگى، سەككىز مىراب، 16 مىڭ بېگى، 80 يۈز بېگى، 80 ئەللىك بېشى، 800 ئونبېشى
بولۇپ جەمئىي 994 نەپەر ئەمەلدار تەسىس قىلىناتتى. يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن بارلىق
ئەمەلدارلار ئىچىدە ئونبېشىدىن باشقا ھەممىسىنى چىڭ ھۆكۈمىتى دائىرىلىرى تەستىقلاپ
تەيىنلەيتتى. ئونبېشىنى ھاكىمبەگ بەلگىلەيتتى ھەمدە ھاكىمبەگ ئۆز ئارزۇ-خاھىشى
بىلەن ئونبېشىنى ئالماشتۇراتتى. بارلىق ئەمەلدارلارنىڭ مائاشىنى دېھقانلار
زىممىسىگە ئالاتتى. ھۆكۈمەت بۇنداق چىقىملارنى بېرىشنى توختاتقىنىغا بىرقانچە يىل
بولغانىدى. بۇ دېھقانلار بۇ ئەمەلدارلارنىڭ مائاشىنى تەمىن ئەتكەندىن سىرت يەنە
ئۇلارنى مالاي-چاكارلار ۋە ئىشلەمچىلەر بىلەن تەمىن ئېتەتتى. بۇنىڭدىن شۇنى
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىلى دېھقانلىرىنىڭ ئەمەلدارلار خىراجىتى ئۈچۈن تۆلىگەن
بەدىلى ئۇلار تۆلەشكە تېگىشلىك باج-سېلىقىدىن ئاللىبۇرۇن ھەسسىلەپ ئېشىپ
كەتكەنىدى.


ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگۈچى ماڭا بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى
سۆزلەپ بەردى: «ھېچكىممۇ ئىلى خەلقىدەك مۇنداق ھەددى-ھېسابسىز ئېغىر سېلىقنى
ئۈستىگە ئالغان ئەمەس. ئۇنى ئاز دەپ ئۇلار ئاچ-يالىڭاچلىق ئىلكىدە كۈن كەچۈرمەكتە.
بىز ھەر دائىم ئەمەلدارلارغا ھالىمىزنى ئېيتساقمۇ ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ياردىمىگە
ئېرىشەلمەيتتۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مانجۇ تۆرىلىرىنىڭ يانتاياقلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ
بىزنى شىلغىنى شىلغان. بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان قالماقلاردىن مال-ئۇلاق سېتىپمۇ
ئالالمىدۇق. يەرلىك ئەمەلدارلار ۋە مانجۇ تۆرىلىرى بارلىق كۆلۈك ماللارنى يەپ
تۈگەتتى.»


ئىلىدا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تارانچىلاردىن باشقا
يەنە غۇلجا شەھەر ئاھالىسىمۇ بار. ئۇلار يەرلىك تاتارلارمۇ دېيىلىدۇ. يۇقىرىدا
بايان قىلغىنىمدەك غۇلجا شەھىرى خەنزۇلار ھۆكۈمرانلىقى بۇ يەرگە يېتىپ كېلىشتىن
بۇرۇنلا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يەرنىڭ كۆپ قىسىم ئاھالىسى ئىلى ۋادىسىنىڭ يەرلىك
تاتارلىرى ئىدى. (ئىلگىرى ئىلى ۋادىسىدا ياشاپ كەلگەن تاتارلار بولۇپ، ئۇلار
چاغاتايچە سۆزلىشەتتى. «بابۇرنامە» نىڭ 2-بېتىگە قارالسۇن −ئاپتوردىن) تاتارلاردىن
سىرت يەنە ئالتەشەھەردىن سۈرگۈن قىلىنىپ مەجبۇرى كۆچۈرۈپ كېلىنگەنلەر ۋە
قەشقەرلىك، قوقەندلىك، تاشكەنتلىك ۋە شۇنىڭدەك بۇخارالىق سودىگەرلەرمۇ بار ئىدى.
ئۇلار بۇ زېمىندا كۆپ يىللاردىن بۇيان سودا قىلىپ، جۇڭگو پۇقراسى بولۇپ كەتكەنىدى.
مەن ئۇلارنىڭ ئېنىق سانىنى تەمىن ئېتەلمەيمەن. لېكىن ئۇلار ئاز دېگەندىمۇ 80 مىڭچە
بولسا كېرەك. غۇلجا شەھىرى پىلىچى سۈيىنىڭ ئىلى دەرياسىغا قۇيۇلۇش ئېغىزىغا يېقىن
يەرگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ بىر تۆت تەرىپى سېپىل بىلەن قورشالغان چاسا شەكىللىك
شەھەر بولۇپ، تۆت شەھەر دەرۋازىسى بار. شەھەر يوللىرى تۈز ئېلىنغان بولۇپ، يوللار
بىر-بىرى بىلەن تىك بۇلۇڭ ھاسىل قىلىپ كېسىشىدۇ.


پۈتۈن شەھەرنىڭ بارلىق چوڭ ھوقۇقى ھاكىمبەگ بىلەن
ئىشىكئاغابەگنىڭ قولىدا بولغان بىلەن، تارانچىلارنىڭ يەنىلا ئۆزىگە خاس باشقۇرۇش
سىستېمىسى، ئۆز ئەمەلدارى، ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە باج تۈزۈمى بار. ماڭا
تونۇشتۇرۇلغان ئەمەل-مەنسەپ تىزىملىكىدە قازى(سوتچى)، پاششاپ (تۈرمە باشلىقى)،
سەدرى ۋە مىڭ بېگى (ساقچى باشلىقى ۋە گارنىزون قوماندانى) قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى.
شەھەر ئاھالىلىرى تاپشۇرۇدىغان سېلىقلار ئىچىدە بىر قىسىمى يەر بېجى، يەنە بىر
قىسىمى تىجارەت بېجى ئىدى. بۇ خىل باج ئېلىش ئۇسۇلى جۇڭگونىڭ باشقا شەھەرلىرى
بىلەن ئوخشاش ئىدى. ھاكىمبەگ چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قوشۇلۇش شەرتى بىلەن قانۇنغا
خىلاپلىق قىلغۇچى شەھەر ئاھالىسىنى يېزىلارغا ھەيدىۋېتىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى.


غۇلجا شەھەر ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشى يېزىلاردىكى
تارانچىلارنىڭ تۇرمۇشىدەك نامرات، مۇشەققەتلىك ئەمەس ئىدى. ئۇلار توپلىشىپ
ئولتۇراتتى. بۇ قوۋم مەدەنىيەت بىلەن ئۇچراشقان بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدا كاپىتالىست،
سودىگەر ۋە دىنىي زاتلار يېتىشىپ چىققان، ھەتتا ئۇلارنىڭ كۈچى تەدرىجى زورىيىپ
كەلمەكتە، بەزى ئىشلار ئۇلارنىڭ دىتىغا ياقمىغان ئەھۋالدا ئەمەلدارلار بىلەن
قارشىلىشالايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلالايدۇ. بۇنداق چىنبارلىق (رېئال)
شارائىتتا ئۇلار ئۆزىگە ئۆزى غوجا بولۇش ھالىتىنى ساقلاپ كەلدى.


يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى،
شەھەر ئاھالىسىنىڭ ھۆكۈمران دائىرىلەرنىڭ ئورۇنسىز تەلەپلىرىنى رەت قىلغان سانسىز
مىساللارنىڭ بىرى مۇنداق ئىدى. قەشقەردە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەندە ھۆكۈمەت غۇلجا
شەھەر ئاھالىسىغا 500 تۇياق ئات ئىئانە قىلدۇرىدۇ. كېيىن يەنە ئىئانە قىلىش تەلىپى
قويۇلغاندا ئۇلار رەت قىلىدۇ. كېيىن قوزغىلاڭ تىنجىتىلىپ قوقەندلىك نۇرغۇن
سودىگەرنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغاندا شەھەرنىڭ يەرلىك سودىگەرلىرىگە تېگەلمەيدۇ.
1862-يىلى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىسسىق كۆلنى تەكشۈرۈشنى باھانە قىلىپ، دېھقانلارنىڭ
8000 رۇبلى مەبلەغ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغاندا، شەھەر جامائىتى ئۇنىڭ ئىچىدىكى 5000
رۇبلى سېلىقنى رەت قىلىپ تاپشۇرمايدۇ.


شەھەر ئاھالىسى قۇرۇلمىسى، باشقۇرۇش ئۇسۇلى قاتارلىق
جەھەتلەردە تارانچى يېزىلىرى بىلەن زور پەرقى بولسىمۇ غۇلجا شەھىرى يەنىلا ئىلى
رايونىدىكى تاتار ئاھالىسىنىڭ مەركىزىي ۋە يادروسى. شەھەر-يېزا ئارىسىدىكى
قاتناش-ئالاقە بۇ شەھەرنى بۇنداق بىر يادروغا ئايلاندۇرغانىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا
(بۇخارا، قوقەند، ئالتەشەھەر) دىن ئىلى ۋادىسىغا كەلتۈرۈلگەن ماللارنىڭ ھەممىسى
غۇلجا شەھىرىدە، شەھەر-يېزا ئاھالىسى ئارىسىدا قايتا تەقسىملىنىدۇ. بۇ يەر (غۇلجا
شەھىرى) دېھقانلار ئۆز ئاشلىقلىرىنى ساتىدىغان شۇنداقلا ئۆزىگە ئېھتىياجلىق
لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋالىدىغان بازار. غۇلجا شەھىرىدىكى تاتارلار قول-ھۈنەر
سانائىتىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى بىلەن مەشھۇر. لېكىن ئاخىرقى ھېسابتا غۇلجا
شەھىرى بىلەن تارانچى يېزىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى مۇستەھكەملىگەن
شۇنىڭدەك بۇ شەھەرنى پۈتۈن ئىلى رايونىدىكى تاتار خەلقىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرالىغان
نەرسە، ئۇلارنىڭ ئورتاق ئېتىقادى بولغان − ئىسلام دىنى ئىدى. ئىسلام دىنى كاپىرلار
بىلەن بىرگە ياشىغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئېزىشىگە ئۇچرىغان تاتارلارنىڭ قەلبىدىن
تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالالىدى. خەلق ئاممىسى تەبىئىي مايىللىقى بىلەن شۇنى تونۇپ
يەتتىكى: پەقەت دىنغا بولغان چىن ئېتىقاد، شەرىئەت يولىنى شەرتسىز تۇتقاندىلا،
ئۆزگە دىندىكىلەر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ نىزا پەيدا قىلىش تەسىرىدىن خالىي بولغىلى
بولىدۇ. مۇسۇلمانلار ئۆزلىرى ئۆچ بولغان ھۆكۈمرانلار ۋە ئۇلارنىڭ بۇتقا چوقۇنۇش،
بۇتخانىلارنى تاۋاپ قىلىپ نوم ئوقۇشتەك پائالىيەتلەرنىڭ شاھىتى بولغان ئەھۋالدا
ئۆز دىنىغا بولغان ئېتىقادنى كۈچەيتمەي بولامدۇ. شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ يەنىلا
چوشقا گۆشىنى ئاساسىي يېمەكلىك قىلىدىغانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇنماي نەچارە.


بۇنداق ئىجتىمائىي شارائىتتا ھۆكۈمران دائىرىلەرنىڭ
بيۇروكرات ئاپپاراتى بىلەن پارالىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىسلام دىنىدىكى يەرلىك
مىللەتنىڭ باشقۇرۇش سىستېمىسى چۇۋالچاق بولغان رەھبەرلىك ئاپپاراتى بارلىققا
كېلىدۇ. بۇ خىل سىستېما ئاساسەن خەلق ئاممىسىنىڭ دىنىي ھېسسىياتى، مايىللىق
تۇيغۇسى ئارقىلىق ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ، ئەتراپتىكى مىللەتلەرنىڭ زىيانلىق
تەسىرىدىن ساقلىناتتى. غۇلجا شەھىرى مانا بۇ دىنىي يۇقىرى قاتلامنىڭ مەركىزىي ۋە
ئولتۇراقلىشىش ماكانى ئىدى.


تارانچى يېزىلىرى ھەرقانچە كىچىك بولسىمۇ ئۇنىڭدا
بىردىن ئىمام ۋە موللىلاردىن ئىبارەت دىنىي ئۆلىمالار بولاتتى. ھەتتا ھەممە يەردە
دىنىي مەكتەپ ۋە مەسچىت بولاتتى. دىنىي ئۆلىمالار جامائەتنى شەرىئەت ئەھكاملىرىغا
بويسۇنۇشقا دەۋەت ۋە نازارەت قىلاتتى. مۇبادا دىنىي ئەخلاق ۋە شەرىئەتكە مۇخالىپ
قىلمىشلار كۆرۈلسە، ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئاخۇن بۇ ھەقتە مەلۇمات سۇنىدۇ.
ئاخۇن ھاكىمبەگ ئارقىلىق گۇناھكارنى جازالايتتى. موللىلارنىڭ ياز كۈنلىرى ئانچە
كۆپ ئىشى بولمايتتى. دىنىي مەكتەپلەردە قىش كۈنلىرىلا دەرس ئۆتۈلەتتى. پەقەت ھېيت
ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىلا بۇنىڭدىن سىرت. خەلق بالىلىرىنى ئوقۇتامدۇ ياكى
ئوقۇتمامدۇ، بۇ ھەركىمنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش ئىدى.


پەقەت قىسمەن ئادەملەر بالىلىرىنى بۇنداق مەكتەپتە
ئوقۇتمايدۇ. خەلپەت ھەر بىر تالىپتىن مەلۇم مىقداردا ھەق ئالىدۇ. شۇڭا خەلپەت
نەسىھەت قىلىش ياكى مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ھەر ئائىلىدىن كەم دېگەندە بىر
بالىسىنى ئوقۇتۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. بۇ خىل مەكتەپلەرنىڭ كۆپىدە كىتاب ئوقۇتىدۇ.
يەنى دەرسنى ئەرەب تىلىدا ھەپتىيەك ئوقۇش ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىشتىن
باشلايدۇ. بالىلار دەرسنى يادقا ئېلىپ بولغىچىلا ئوقۇتۇلىدۇ. بالىلار قۇرئاننى
يادقا ئېلىپ بولغاندن كېيىن تاتار تىلىدا تەپسىر قىلىپ بېرىدۇ. ئۇلار ئارىسىدىكى
ئاز بىر قىسمىلا ئوقۇغۇچىلارغا يېزىشنى ئۆگىتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن خەلپەت ئايرىم ھەق
ئالىدۇ. بۇلار ئارىسىدىكى 30-40 پىرسەنت تالىپلارلا خەت ئوقۇيالايدىغان، 10
پىرسەنت تالىپ يازالايدىغان بولۇپ چىقىدۇ. دىنىي خادىملار ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ
ھەممىسى مائاشلىق.


غۇلجا شەھىرىدىكى ئىمام ۋە موللىلارمۇ يېزىلاردىكى
دىنىي ساھەدىكى زاتلارغا ئوخشاش يەرلىك خەلقلەردىن بولۇپ، ھەممىسى ئۆز يېرىدە
تەھسىل كۆرىدۇ. بۇ يەردە ئاممىۋى مائارىپ مەۋجۇت ئەمەس، موللا ۋە خەلپەتلەر ئۆز
ئۆيلىرىدە تالىپلارغا ئايرىم دەرس ئۆتىدۇ، ئوقۇغۇچى تالىپلار سانى چەكلەنمەيدۇ.
ئوغۇل-قىز ۋە ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى تالىپ ۋە تالىبەلەر بىر ئورۇندا دەرس
ئالىدۇ. بۇنداق ئوقۇتۇشمۇ پۈتۈن كۈنلۈك بولىدۇ. ھەر بىر تالىپ موللىغا ئوخشاش
بولمىغان مىقداردا ئوقۇش ھەققى تۆلەيدۇ. موللىنىڭ ئوقۇش بەدىلى ئېلىش ئۆلچىمى
ئۇنىڭ نوپۇزى ۋە ئابرويىغا باغلىق. دەسلەپكى ئوقۇش مەزگىلىدە ھەر ئايلىق ئوقۇش
پۇلى بىر سەر يارماق (80-90 كوپېكقا باراۋەر−ئاپتوردىن). پۇلدارلار ئۆيىدە
بالىلىرىغا خەلپەت تەكلىپ قىلىپ ئوقۇتىدۇ. بەزى ئىلىملىك موللىلار پۈتۈن ئۆمرىنى
ئىسلام دىنىغا ئاتىغان يۇقىرى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىمۇ قوبۇل قىلاتتى.


غۇلجا شەھىرىدىكى مەلۇم كىچىك مەسچىتلەردە
ئىمام-مەزىندىن سىرت مەھكىمە شەرئىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئاخۇنلىرىمۇ بولىدۇ.
بۇنداق چوڭ موللىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قەشقەر ياكى بۇخارادا تەربىيەلەنگەن ھەمدە
ئۇلار ئەرەب ۋە پارس تىللىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن بولىدۇ. مەسچىت ئىماملىرى بۇ
رايوندىكى قانۇننى ھەقىقىي چۈشىنىدىغان ئالىملار ئىدى. ئۇلار ھەرقانداق يەرلىك
ئەمەلدارغا بويسۇنمايتتى. ھۆكۈمران دائىرىلەر گەرچە ئاخۇنلارنى قوللىمىسىمۇ،
ئاۋام-خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئاخۇنلارغا چەكسىز كۈچ ئاتا قىلاتتى. تاتار
مىللىتىدىن بولغان ئەمەلدارلارمۇ ئۇلارنىڭ سۆزىدىن چىقمايتتى. چۈنكى ئۇلار
ئاۋامنىڭ دىنىي قىزغىنلىق ئوتلىرىنى ئاسانلا يانغىنغا ئايلاندۇرالايتتى. شۇ
ۋەجىدىن چىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇلاردىن قورقاتتى. تۆۋەندىكى ۋەقە بۇنى چۈشەندۈرىدىغان
ئېنىق مىسال: 1834-يىلى توققۇزتارا ئۆستىڭى چېپىلىۋاتقان مەزگىلدە تاتارلارنىڭ
ھاكىمبېگى خالزات بوز يەر ئېچىشقا تايىنىپ چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئارزۇلۇق
ئەركىسىگە ئايلانغانىدى. ئۇنىڭ مەنسەپ-مەرتىۋىسىمۇ ئۆسىدۇ. بۇ ھاكىم چىڭ سۇلالىسى
سانغۇنىنىڭ ھېمايىسىدە ھاكاۋۇرلىشىپ ھەددىدىن ئېشىپ قېرىنداشلىرىنى چەتكە قېقىپ
كۆزگە ئىلمايدۇ. ئەمەلدار تونىنى كىيىپ، ئىسلام شەرىئىتىگە بويسۇنۇشتىن باش
تارتىدۇ. ئۇ ئاخۇن بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا ناماقۇل بولۇشنى كۆپ قېتىم رەت قىلىدۇ.
بۇ ئىشتىن كېيىن ئاخۇن سانغۇندىن ئۇنى گۇناھى ئۈچۈن جازالاشنى تەلەپ قىلىدۇ. سانغۇن
گەرچە ھاكىمبەگنىڭ قىلغىنىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىسىمۇ ئاخۇننى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ.
ھەمدە تاتار يۇقىرى قاتلاملىرى ئارىسىدىن باش قازىنى تاللاپ بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشكە
قوشۇلىدۇ. دىنىي سوت ھاكىمبەگنىڭ گۇناھىنى بېكىتكەندىن كېيىن سانغۇن ھاكىمبەگنى
دىنىي خادىملارنىڭ ئۆزى بىر ياقلىق قىلىشىنى بۇيرۇيدۇ. دىنىي سوت مەھكىمە شەرئى
ئىسلام شەرىئەت ھۆكۈمى بويىچە ھاكىمبەگنى تاشبوران قىلىپ ئۆلتۈرۈشكە لايىق
بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەلىپىنى نەزەردە تۇتۇپ مەنسىپىدىن ئېلىپ تاشلاپ تۇرپانغا
ھەيدىۋېتىدۇ. بارلىق تارانچىلار ئىسلام شەرىئەت ئەركاملىرىغا بېجانىدىللىق بىلەن
رىئايە قىلاتتى. روزا تۇتۇپ، پىتىر بېرىپ، قۇرئان تىلاۋەت قىلاتتى. ئىسلام
شەرىئىتىدە يول قويۇلغان يېمەكلىكلەرنىلا ئىستىمال قىلىشاتتى − يەنى ھالال
يېمەكلىكلەرنى يەيتتى، چوشقا گۆشى يېمەيتتى. تارانچىلارنىڭ بۇنداق دىنىي كەيپىياتى
شۇنداق بىر دەرىجىگە يەتكەنكى بۇنى بىرسىنىڭ ماڭا قانداق يېمەكلىك ئەڭ مەينەت
دېگەن سوئالىمغا بەرگەن مۇنداق جاۋابىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ئادەم مۇنداق دەپ
جاۋاب بەرگەنىدى: «ھارام نەرسە مۇنداق يەتتە خىل بولىدۇ: چوشقا گۆشى ۋە قۇرئاندا
يېيىش مەنئىي قىلىنغان ھايۋانلار گۆشى، ئوغرىلىق بەدىلىگە كەلگەن يېمەكلىكلەر،
يېتىم-يېسىرلارنى بۇلاش، قاقتى-سوقتى قىلىش بەدىلىگە كەلگەن يېمەكلىكلەر،
ئامانەتكە قىلىنغان خىيانەتتىن كەلگەن يېمەكلىكلەر، ئايالىنىڭ ئىپپەت-نومۇسىنى
سېتىش بەدىلىگە كەلگەن يېمەكلىكلەر، ئوغرىلاپ كەلگەن يېمەكلىكلەر، ئالدامچىلىق
قىلىش بەدىلىگە كەلگەن يېمەكلىكلەر…» لېكىن كېيىنكى ئالتە خىل ھارامنىڭ جازاسىغا
قارىغاندا بىرىنچى خىل ھارامغا بېرىلگەن جازا ئوخشاش ئەمەس ئىدى. كىمكى چوشقا گۆشى
يېسە چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولاتتى.



مەنبە: «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 2013-يىل 3-سان




(داۋامى بار)

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 12:27:28

ئىلى رايونىدا ھۆكۈمران دىننىڭ قالماق ۋە داغۇرلارغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن زور ئىدى. ۋاھالەنكى تاتارلار خەنزۇ ۋە باشقا مىللەتلەر دىنىنىڭ تەسىرىگە كەم ئۇچرايتتى. شۇڭا ئۇلار ئىسلام دىنىغا مۇتلەق بويسۇناتتى. يۈز يىلدىن بۇيان پۈتكۈل تاتارلارغا نىسبەتەن خەنزۇ ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى خۇددى مانجۇلار ۋە خەنزۇلار كەلگەن دەسلەپكى مەزگىلگە ئوخشاش بىر-بىرى بىلەن سىغىشالماي كەلدى. پەقەت شەھەر ۋە خەنزۇلار رايونىدىكى ئايرىم شەخسلەر خەنزۇلار بىلەن يېقىنلىشىپ ئۆتتى. بۇ يەردە بۈگۈنكى كۈندىمۇ غەيرىي مىللەت مەدەنىيىتىگە بولغان قوبۇل قىلىش باشباشتاقلىقتىن باشلىنىدۇ. شۇڭا بۇنداقلارنىڭ نام-ئابرويى يامان بولىدۇ. ھاكىمبەگ خالزاتنىڭ مىسالى شۇ جۈملىدىندۇر. ئۇ ھاراققا ئامراق، مانجۇلار يۇقىرى تەبىقىسىگە ئارىلىشىپ شاللاقلىق ئىلكىدە تۇرمۇش كەچۈرگەن.

دېھقانلار ياشايدىغان كەنتلەر ئانچە چوڭ ئەمەس ئىدى. ئادەتتە 10-30 تۈتۈن ئاھالە بولاتتى. ئۆيلەرنىڭ ئارىلىقى يېقىن بولۇپ، ئۆيلەرنىڭ سېلىنىشى تەرتىپسىز ئىدى. يول دېگۈدەك يوللارمۇ يوق ئىدى. مەھەللىدىكى ئۆيلەرنىڭ بۇ خىل جايلىشىشى ئېھتىمال كۆچمەن چارۋىچى تۈركلەردىن قالغان ئۇدۇم بولسا كېرەك. يەنە بىر جەھەتتىن ئۇلارنىڭ يەرلەرنى سۇغۇرۇش شارائىتىغا باغلىق بولسا كېرەك. بارلىق تارانچىلارنىڭ ئۆيلىرى توپا-ياغاچ قۇرۇلمىلىق تۆت چاسا شەكىلدە ئىدى. بۇ ئۆيلەر پاكار بولۇپ، ھەممىسى بىردەك تەكشى ئۆگزىلىك، ھەر بىر تۇرالغۇ دالان، سارايدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكتىن تەركىپ تاپاتتى. دالان پۈتۈن تۇرالغۇنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيتتى، ياز بويى دالاندا تۇراتتى. دالاندىن سارايغا كىرىدىغان بىر ئىشىك بولاتتى. يەنە بىر ئىشىك ياندىكى ئامبار ۋە ئاشخانىغا ئېچىلاتتى. سارايغا ئادەتتە پاكار دۈگىلەك شىرە قويۇلاتتى. تامغا تاقاپ كىيىم-كېچەك ۋە باشقا ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەر سېلىنىدىغان ساندۇق قويۇلاتتى. يەرگە كىگىز، گېلەم سېلىناتتى. ئاشخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئوچاق بولاتتى. ئۆي ئىدەنلىرى سامانلىق لاي بىلەن سۇۋىلاتتى. ئىس كارنىيى ئورنىدا تام ئارىسىدىن تېشىلگەن مورا تۇرخۇنلۇق ئارقىلىق ئىسى تالاغا چىقىرىلاتتى.

ئۆي ئەتراپىدا تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى ۋە مال ئېغىللىرى بولاتتى.

ئىسلام شەرىئىتىدە بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا يول قويۇلغان بولسىمۇ، بارلىق دېھقانلار بىر خوتۇنلۇق ئىدى. غۇلجا شەھىرىدىمۇ شۇنداق ئىدى. كۆپ خوتۇنلۇقلار كەمدىن كەم ئۇچرايتتى. پەقەت ئايرىم بايلارلا كۆپ خوتۇنلۇق ئىدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ يەردە بىر تاتارنىڭ تۆت خوتۇنى بار ئىكەن. ئاياللار ئائىلە تۇرمۇش ئىشلىرىنى قىلىدىكەن، شۇنداقلا كالا-قويلارغا قارايدىكەن. ئاتقا ئەرلەر قارايدىكەن. ئېتىز ئىشلىرىنىڭ يىغىم-تېرىم مەزگىلىدە ئاياللار ئېتىز-ئېرىق ئەمگەكلىرىگە قاتنىشىدىكەن.

يېزا ئاھالىسىنىڭ يېمەك-ئىچمىكى ئاددىي بولۇپ، قارا كېسەك چاي، قوي گۆشى، قارا بۇغداي ۋە ئارپا ئومىچى، نان، گۈرۈچ، تېرىق يەيدىكەن. ئۇلار ئالما، شاپتۇل، ئۆرۈك، قوغۇن، تاۋۇز، تەرخەمەك قاتارلىق مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى تېرىيدىكەن.

تارانچىلارنىڭ كىيم-كېچەكلىرى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭكىدىن پەرقلەنمەيتتى. تارانچى ئەرلىرى ئۈستىگە قولدا توقۇلغان ماتادىن ئۇزۇن ياقىلىق چاپان، رەختتىن تىكىلگەن كەڭ ئىشتان كىيەتتى. ئىشتاننىڭ پۇشقاقلىرىنى كالاچلىق يۇمشاق مەسىنىڭ قونچىغا كىرگۈزۈپ يۈرەتتى. يازدا كۆڭلەكلىرى ئۈستىگە پاسونى كۆڭلەككە ئوخشاش تىكىلگەن ئىچكىرى جۇڭگودا توقۇلغان ماتادىن چاپان كىيەتتى. قىشتا بۇنداق ئۇزۇن چاپان-كۆڭلەكلەرنى قاتمۇقات كىيىشەتتى. بەزىلىرى بەزىدە قوي ياكى ئۆچكە تېرىسىنى ئەيلەپ تىكىلگەن جۇۋا كىيىشەتتى. پۇلدارلار ھېيت-بايراملاردا قوقەند دۇردۇنىدىن تىكىلگەن ئۇزۇن يەكتەك كىيەتتى. ئاياللارنىڭ كىيىم-كېچىكىدىكى پەرق، كۆڭلەك ۋە نىمچىلىرى ئۇزۇن، ئالدى پۈتەي بولاتتى.

ئەرلەر ئىسلام ئادىتى بويىچە بېشىنى قىرىپ چۈشۈرۈپ دوپپا كىيىپ يۈرىدۇ. توي قىلمىغان قىزلار چېچىنى ئۆرۈيدۇ. توي قىلغان ئاياللار ياغلىق تاڭىدۇ. يۈزىنى روپاشلىمايدۇ، ئاياللار ھېيت-بايراملاردا بۇخارا رەختىدىن توقۇلغان زەر يىپ بىلەن تىكىلگەن كىمخاپ كۆڭلەك كىيىشىدۇ.

بۇ يەرنىڭ ئاياللىرى بارلىق مۇسۇلمان ئاياللىرىدەك بېقىندا ئورۇندا ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئىجتىمائىي ئورنى ئىسلام شەرىئەت قانۇنى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. ئادەتتە جەمئىيەتتە ئاياللارغا قوپال مۇئامىلە قىلىنىدۇ. خوتۇن ئالغاندا قالىن (توي مېلى) بېرىلمەيدۇ. ئەگەر ئېرى ئايالىنى ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىۋەتسە ئىككى تەرەپنىڭ توي ئەلچىسى ئايرىم مەسلىھەتلىشىپ ئەرنىڭ قېيىنئاتىسىغا بېرىدىغان تۆلەم ساننى بەلگىلەيدۇ.

تارانچىلارنىڭ مىجەز ئالاھىدىلىكى ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي، ئەمگەكچان كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ خىل مىجەزى چىرايىدىن چىقىپ تۇرىدۇ. لېكىن ئۇزۇن يىللىق ئېزىلىش ۋە قاششاقلىق ئۇلارنى غەمكىن، ئەنسىز ۋە گۇمانخور قىلىپ قويغان. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ ھەرقانداق نەرسە ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى بويسۇندۇرالمايدۇ. ئۇلاردا ئەلەڭگىۋاتقىنى ئەزگۈچىلەرگە بولغان ئۆچمەنلىك يالقۇنلىرى ئىدى. ئۇلار ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك داۋامىدا ئىنتايىن ئازابلىق، قاششاق، غەمكىن ۋە زېرىكىشلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. شۇنداق مۇشۇ ئامىللار بۇ كىچىككىنە مىللەتنىڭ روھىنى تاۋلىغانىدى. تارانچىلارنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەمگەككە چىدامچانلىقىغا كىشى قايىل بولماي تۇرالمايدۇ. يېزا ئىگىلىك ئەمگىكى تارانچىلارنىڭ بىردىنبىر جان بېقىش يولى، شۇڭا ئۇلار ھەسسىلەپ ئەمگەك قىلىشى كېرەك، ئۇلار ئىپتىدائىي ئەمگەك قورال-جابدۇقلىرى بىلەن ئېتىزلاردا ئىشلەيدۇ، ھەتتا ھەر بىر تاختا ئېتىزغا ئىككى-ئۈچ فوت (بىر فوت 30.48 سانتىمېتىرغا باراۋاەر − تەرجىماندىن) چوڭقۇرلۇقتا ئېرىق چېپىپ، ئېرىقلارنى چوڭ ئۆستەڭلەر بىلەن تۇتاشتۇرىدۇ. ھەمدە بۇ ئېرىق-ئۆستەڭلەرنى دائىم چېپىپ راۋانلاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئۆستەڭ چېپىش ئەمگەكلىرىنى يىلدا نەچچە قېتىم قىلىدۇ، چۈنكى ئىتتىك سۇ ئېقىنى ئېرىق-ئۆستەڭلەرنى بۇزۇپ تۇرىدۇ.

ئىلى ۋادىسىدا دېھقانچىلىق زىرائەت ھوسۇلىنىڭ باھاسى تولىمۇ ئەرزان، ئېغىر ئەمگەك بەدىلىگە ئىنتايىن ئاز كىرىم كىرىدۇ، شۇڭا تارانچىلار دائىم دېگۈدەك بالىلىرىنى باشقا شەھەرلەرگە بېرىپ پۇل تېپىپ كېلىشكە نائىلاج ئەۋەتىشىدۇ. ئىلى رايونىدىكى شەھەر-بازارلاردىكى تاتار ئىشچى، قول ھۈنەرۋەنلەر ئاز ئەمەس، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى كۆپىنچە ئەمگەك سىجىللىقى كۈچلۈك ئىش تۈرىدىكى كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. كۈچسىز ھەتتا ئىنجىمارۇق كېلىدىغان خەنزۇلار بۇنداق كەسىپلەرنى تارانچىلارغا بوشىتىپ بېرىدۇ. كۆپ ساندىكى تارانچىلار تۆمۈرچىلىك، ياغاچچىلىق، دەرەخ كېسىش، كىراكەشلىك قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار تامامەن غۇلجا شەھىرىدىكى يەرلىكلەر بىلەن ئالتەشەھەر كۆچمەنلىرى.

ئەمەلىي تۇرمۇش شارائىتى سەۋەبىدىن تارانچى تىلىدا بىرمۇنچە ئالاھىدە تەركىبلەرنىڭ بار بولۇشى ئىنتايىن تەبىئىي ئەھۋال. دىن ۋە دىنىي تەسىر سەۋەبىدىن پەيدا بولغان يېزىق تىلى بۇخارا يېزىق تىلىغا ئىنتايىن يېقىن بولۇپ، نۇرغۇنلىغان پارسچە، ئەرەبچە لېكسىكا تەركىبلىرىنى قوبۇل قىلغان. قالماق، داغۇر ۋە ***لارمۇ ئوخشاشلا تارانچى تىلىنىڭ لېكسىكا سۆز بايلىقىنى ئاشۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە زور رول ئوينىغىنى خەنزۇ تىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تارانچى تىلىغا خەنزۇ تىلىدىن خەنزۇ مەدەنىيىتى بىلەن ئالاقىدار كۆپ مىقداردىكى تېخنىكا تېرمىنلار ۋە ئاتالغۇلار ھەتتا مەمۇرىي باشقۇرۇش، ئەدلىيە-دەۋا ۋە سىياسىي تۇرمۇشقا ئائىت سۆزلۈكلەر كىردى. گەرچە مۇنداق تېرمىن-ئاتالغۇلارنىڭ كۆپلەپ كىرىشى تارانچى تىلىدا ئىنتايىن روشەن ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ تارانچى تىلى تۈرك تىلىنى ساپ ساقلاپ قالدى. تارانچى تىلى ئالتەشەھەر رايونىدىكى تىلغا تولىمۇ يېقىن. شۇڭا مېنىڭ قارىشىمچە بۇ خىل تىل ئومۇمىي جەھەتتىن تامامەن ئوتتۇرا ئاسىيا تىلىنىڭ ئۇيغۇر تىلى گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ، ھەتتا ئالتەشەھەر رايونىدىن كەلگەن تارانچى ۋە تاتارلارنى قەدىمىي ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى دېيىش مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت. جۇڭگولۇقلار تا بۈگۈنگە قەدەر تاتارلارنى «خۇيزى» (مۇسۇلمان پۇشتى − تەرجىماندىن) دەپ ئاتاپ كەلمەكتە. ئۇلار بۇ سۆز ئارقىلىق ئالتەشەھەر ۋە ئىلى تاتارلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاتارلاردىن (بۇخارا، ئەنجان، تاشكەنتلەردىكى تۈركى تىللىق خەلقلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ − تەرجىماندىن) پەرقلەندۈرگەن. ئەگەر بىر قىسىم جۇڭگولۇقلار «چەنتو» دەپ ئاتالسا، بۇ پەقەت ئۇلارنى جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى دەپ چۈشەندۈرگەنلىك بولىدۇ. جۇڭگونىڭ غەربىدىكى مۇسۇلمانلارنى يەنى غۇلجا شەھىرىدە «تۇڭگان» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ مىللەتنى خەنزۇ تىلىدا «خۇيخۇي» دەپ ئاتايدۇ. دېمەك بۇنداق ئاتاش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلارنىڭ مۇسۇلمان پۇشتى دېگەن بۇ قوۋمغا ئورتاق مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇيغۇر ئىككى خىل نام بىلەن ئاتىلىپ كەلدى. جۇڭگونىڭ تارىخناملىرىدە قەدىمىي دەۋرلەردە خاتىرىلىنىشىچە ئۇيغۇرلارنى ئەڭ دەسلەپ تاڭ سۇلالىسى دەۋرى يەنى 806-820 يىللىرى ئارىلىقىدا مىللەت نامىنى «خۇيگۇ» غا ئۆزگەرگەنگە قەدەر «خۇيخۇي» دەپ خاتىرىلىنىپ كەلدى. موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە «ئۇيغۇر» دەپ ئاتىلىپ كەلدى. غۇلجا شەھىرىدىكى تارانچى ئاھالىسى ئالتەشەھەرنىڭ مەلۇم رايونلىرىدىن كوللېكتىپ كۆچۈرۈلۈپ كېلىنگەچكە ئۇلار ئۆز تىل ئالاھىدىلىكلىرىنى خېلى ئۇزۇن زامان ساقلاپ كەلدى. ھازىرمۇ قىسمەن جايلاردىكىلەر قەشقەر شىۋىسىدە سۆزلىشىدۇ، يەنە بەزى جايلاردىكىلەر تۇرپان شىۋىسىدە سۆزلىشىدۇ.

تارانچىلار ئارىسىدا، خەلق ناخشىسى ۋە خەلق چۆچىكى شەكلىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مەدەنىيەت تۈسى خېلى ئېنىق، خىسلىتى ئۆزگىچە بولغان خەلق ناخشىلىرى نامراتلىق ۋە ئېزىلىش تارانچىلارنى يىمىرىپ تاشلىيالمىغانلىقىنى شۇنداقلا ئۇلارنى روھىي قۇۋۋەتتىن مەھرۇم قىلالمىغانلىقىنى دەلىللەيدۇ. بۇ شېئىر مىسالىدىن ناخشا تېكىستىنى نەقىل كەلتۈردۈم ھەم بۇ تېكىستلەر ئارقىلىق تارانچىلار توغرىسىدىكى بايانىمنى ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن. بۇ ناخشىلارنى ماڭا ئېلىپنىڭ سۇنۇقىنى بىلمەيدىغان تارانچى ناخشىچىسى ئېيتىپ بەرگەن. مەن بۇ ناخشا تېكىستلىرىنى تۆۋەندىكىچە ئەينەن تەرجىمە قىلدىم.

قاشىڭ قارامۇ قۇندۇز؟

كېچە بارايمۇ كۈندۈز؟

كېچە بارسام سالامەت،

كۈندۈز بارسام مالامەت.



جان ئىچىدە جانان قىز،

يۈرەككە ئوتنى ياققان قىز.

قاشلىرى ئۇنىڭ مەھبۇب،

ساچلىرى سۇلايمان قىز.



باغقا بۇغداي تېرىسام،

بەلباغقا كەلدى بۇغداي.

ئۆرگەنىپ قالغان زاماندا،

ئايرىپ ئەتتى خۇدايىم.



چىغنى چىغقا ئۇلىسا،

بۇغدايغا باغلىق بولغىدەك.

يېڭى يار كىشى تۇتسا،

سودايى ئاغرىق بولغىدەك.



بىر قارا بوران كېلىپ،

تەگسە يامان بولمامدۇ گۈل.

شاخى شاخقا تېگىپ،

بەرگى غازاڭ بولمامدۇ گۈل.



يارسىز ئۆمرۈم مېنىڭ،

مىڭ ياشىسام بىر كۈنچى يوق.

ئىشق ئوتىنىڭ ئالدىدا،

دوزاخ ئوتى ئۇچقۇنچە يوق.



بىۋاپا بۈگۈن بارار،

تاڭنا ئۇنتار يارىنى.

ئادىمى ھەرگىز ئۇنۇتماس،

بۇرۇن سۆيگەن يارىنى.



قارا قاشلار ئويناشۇر،

چېچى بەلگە تولغاشۇر.

چىقماڭ ئۆيدىن تاشقىرى،

ئاشىقلار پىچاقلاشۇر.



يارنىڭ كۆڭلى لېچىندۇر،

مەن ئۆزۈمنى غاز ئېتەي.

كىرپىكىمنى دولۋاي ئېتىپ،

تېنىمنى تەبىلۋاز ئېتەي.

پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ بۈركۈت بىلەن ئوۋ قىلىشىنى ئوبدان بىلىدىغانلارلا بۇ ناخشا تېكىستىنى چۈشىنەلەيدۇ. ئوۋچى ياۋا غازنى كۆرۈپ، قولىدىكى بۈركۈتنىڭ تۇماغاسىنى ئېلىۋېتىپ، غازغا سالسا، بۈركۈت ئاسمان قەھرىگە ئۆرلەپ ئولجىسىنى ئالىدۇ. ئوۋچى قۇشنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن، ئوڭ مۈرىسىگە ئېسىۋالغان تەبىل (دۇمباق) نى چالىدۇ. ھەمدە قولىدىكى گۆشنى دىلىكەي قىلىپ قۇشنى چاقىرىدۇ. قۇش قايتىپ كېلىپ ئوۋچىنىڭ سول قولىغا قونىدۇ ۋە دىلىكەي قىلغان گۆشكە ئېرىشىدۇ.

18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىلى ۋادىسىنى قوغداش مەقسىتىدە داغۇرلارنى بۇ زېمىنغا يۆتكەپ كېلىدۇ. ئۇلار ئەسلى تونگۇس قوۋمىنىڭ شىبە بىلەن سولۇندىن ئىبارەت ئىككى قەبىلىسى ئىدى. بۇ ئىككى مىللەتنى ھۆكۈمەت ئائىلە-تاۋاباتلىرى بىلەن ئىلىغا كۆچۈرۈپ كېلىدۇ ھەمدە ئۇلار كۆچۈپ كېلىپ مۇنبەت تۇپراقلارغا ئېرىشىدۇ. كېيىن سولۇنلار ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى تۈرگىندىن قورغاسقىچە بولغان ئارىلىقتىكى زېمىندا ياشايدۇ. شىبەلەر بولسا تاتارلار شەھىرى غۇلجىنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كېلىدىغان ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدا ياشايدۇ. ئۇلار ھەربىي تېرىقچىلىق زېمىنى ئۈچۈن باج تاپشۇرمايتتى. ئەمما ئەرلىرى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەيتتى، ھەتتا ئۇرۇش مەزگىللىرىدە ئۇلارنى يۆتكەپ ئىشلىتىدۇ. بۇ كۆچمەنلەرنىڭ ھەممىسى 14 گازارما − سۇمۇنغا تارقىلىپ جايلاشقان. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالتە سۇمۇندا سولۇنلار تۇرىدۇ، سەككىز سۇمۇندا شىبەلەر تۇرىدۇ. مۇشۇ ئەسىردە (19-ئەسىر كۆزدە تۇتۇلىدۇ − تەرجىماندىن) يەنە يېڭىدىن ئىككى شىبە سۇمۇنى قۇرۇلۇپ، ئۇلار سولۇن گازارمىسىنىڭ باشقۇرىشىدا بولدى. ھازىر سەككىز شىبە سۇمۇنى بىلەن سەككىز سولۇن سۇمۇنى بار. ھەر بىر سۇمۇنغا 500 ئۆيلۈك تېرىلغۇ يەر تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن بولۇپ، شۇنداق ھېسابلىغاندا داغۇرلارنىڭ ئومۇمىي سانى 8000 ئۆيلۈك، دېمەك ئۇلارنىڭ سانى تارانچىلار بىلەن باراۋەر، ھەر بىر ئائىلە ئوخشاش كۆلەمدىكى تېرىلغۇ يەرگە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن ھەر بىر ئائىلىدىن ئۈچ ئەر ھەربىي مەشىق قىلىدۇ. مېنى ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئەتكۈچىنىڭ مەلۇماتىدا ئۇرۇش بولسا داغۇرلار 20 مىڭ دىن 25 مىڭغا قەدەر ئەسكەر چىقىرالايدىكەن. مېنىڭچە بۇ بىر مۇبالىغە قىلىنغان سان. چۈنكى ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆز ئومۇمىي سانىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە باراۋەر ساندا ئەسكەر چىقىرالىشى مۇمكىن ئەمەس، شىبەلەر بىلەن سولۇنلار 19 يېشىدىن باشلاپ ھەربىي خىزمەت ئۆتەيدۇ ھەمدە ئۆز يېزىسىدىكى ئەمەلدارلار قولىدا ھەربىي مەشىق قىلىدۇ. تىنچلىق مەزگىلىدە ھەقىقىي ھەربىي مەشىق قىلىپ ھەربىي خىزمەت ئۆتىگۈچىلەر سانى مىڭ ئادەمگىمۇ يەتمىسە كېرەك، ھەتتا ھەر بىر يېزىدىن نۆۋەت بويىچە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىغا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە ئىككى يىللىق مۇددەت بىلەن ئادەم ئەۋەتىدۇ. ئىلى رايونىدىكى چېگرا قاراۋۇلخانىلىرىدا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش مۇددىتى بىر ئايلا ئىدى. قوشۇنلار ئەسكەر ئالغاندا ئىسمى دەپتەرگە تىركەلگەن شۇ شەخسنىڭ ئۆزى بېرىشى ناتايىن، ياللىۋېلىنغان باشقا بىرسى شۇ كىشىنىڭ ئورنىغا بارسىمۇ بولىدۇ. تىنچلىق مەزگىللىرىدە ياللاپ ئېلىنغۇچى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەيتتى. شۇ سەۋەبتىن چېگرا باقىدىغان قاراۋۇلخانىدىكىلەر تامامەن ئېتىز ئىشلىرىغا يارىماس قېرى-چۈرە بىكار تەلەپلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ تەق-تۇرقى چېگرىدىن ئۆتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى ئاسانلا جەلپ قىلاتتى ۋە كىشىلەر ئۇلاردىن يىرگىنەتتى ۋە ئۇلارغا ئىچى ئاغرىيتتى. مالىيە ئەھۋالىنىڭ ناچار بولۇشى تۈپەيلى، ھۆكۈمەت ئاللىبۇرۇنلا قاراۋۇلخانا چېرىكلىرىنىڭ ئۈچ رۇبلى ئايلىق ئىش ھەققىنى توختىتىۋەتكەن، شۇڭا ئۇلار ئىمكانقەدەر ئەمگەك قىلالمايدىغانلارنى ياكى ئەرزان باھالىق ياللانمىلارنى ئۆز ئورنىغا قاراۋۇلخانىلارغا ئەۋەتەتتى. ئەرزان باھادا ياللىنىدىغانلار كۆپىنچە ھورۇن بىكار تەلەپلەر ئىدى. بۇ ئىنسانلار تاپقان پۇلىغا ھاراق ئىچىپ تۈگەتكەندىن كېيىن قاراۋۇلخانىلارغا ياللىنىپ بېرىپ ئۇ يەردە كۈن ئۆتكۈزەتتى. ئۇلار پەقەت ئاچلا قالمىسا شۇنىڭغا رازى ئىدى. مەن قاراۋۇلخانىلاردا ئوزۇقلىنىشى ياخشى بولمىغان، ئەپيۈن چېكىپ ئۆزىنى قىيناپ ئېچىنىشلىق ھالغا چۈشۈپ قالغان سولۇن ۋە شىبەلەرنى ئۇچراتقانىدىم. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنسانلار بىر توپ تىلەمچىلەر بولۇپ، نەدىمۇ چېگرا قوغدىغۇچىلار بولسۇن.

يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ چېگرا رايون ئىشلىرى ۋە ھەربىي ئىشلارغا ئەھمىيەت بەرمەسلىكتەك پوزىتسىيەسىنى تەھلىل قىلساق، ئۇلار پەقەت چېگرا قوغداش ئۈچۈن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن خەلقنىڭ ئىقتىسادىي ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن، بىراق ئۇلارنىڭ ھەربىي جاسارىتى تامامەن تۈگەشكەنىدى. بۆھران يۈز بەرگەن جىددىي خەتەرلىك پەيتتىمۇ ھۆكۈمەتكە ئەسقاتمايتتى ئۇلار شىبە، سولۇندىن ئىبارەت ئىككى كۈرە مانجۇ ئامبىلىنىڭ باشقۇرىشىدا ئىدى. داغۇر ھەربىي ئەمەلدارلىرىمۇ مانجۇ ئامبالغا قارايتتى. مۇبادا بىرەر داغۇر ھەربىي ئەمەلدارغا سانغۇنلۇق مەنسىپى بېرىلىپ قىزىل مونچاقلىق ئەمەل قالپىقى كىيسە، ئۇ مانجۇ ئەمەلدارلىرى بىلەن ئوخشاش مەئىشەت ۋە ۋەزىپىگە ئېرىشەلەيتتى.

شىبە بىلەن سولۇنلار بىر-بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ يۈز شەكلىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئېنىق ۋە روشەن. ئۇلارنىڭ بوي-بەستى ئېگىز بولمايدۇ. ساغلام، قاۋۇل، تەمبەللىكمۇ كەلمەيدۇ. ئۇلار خەنزۇلاردىن ئەپيۈن چېكىشنى ئۆگىنىۋالغان، شۇڭا قارىماققا ھەممىسى كېسەلدەك كۆرۈنەتتى. ئۇلارنىڭ ئەرلىرى جۇڭگو چېرىكلىرىدەك ھەربىيچە كىيىنەتتى. ئۈستىگە ئاق پاختا رەختتىن ئۇزۇن كۆڭلەك، ئوخشاش رەختتە تىزىدىن ئۇزۇنراق ئىشتان كىيەتتى. يەنە ئۇزۇن كۆڭلەك ياكى ئۇزۇن چاپان ئۈستىگە كەمزۇل كىيەتتى. پۇتىغا جۇڭگوچە پاختىلىق خەي ياكى تىزىغا كېلىدىغان ئۆتۈك كىيەتتى. بېشىغا جۇڭگوچە چوققىسىغا قىزىل مارجان تاقالغان شاپاق بۆك كىيەتتى. ياز كۈنلىرى ئەمگەك قىلغاندا ئۈستىگە قىسقا كۆڭلەك، بېشىغا چىغ قالپاق كىيەتتى. شىبە، سولۇنلارمۇ خەنزۇلاردەك كاچات ساقاللىرىنى چۈشۈرىۋېتىپ ئىڭىكىگىلا ساقال قوياتتى. مەن پەقەت ئېتىزلىقلاردا ئىشلەۋاتقان ئاياللارنىلا ئۇچراتتىم. ئۇلار ئۈستىگە كۆك رەختتىن تىكىلگەن ئۇزۇن كۆڭلەك، بېشىغا چىغ قالپاق كىيەتتى. داغۇرلارمۇ مانجۇ ۋە كۆپ قىسىم خەنزۇلارغا ئوخشاش بۇددا دىنى ۋە كۇڭزى تەلىماتىغا ئېتىقاد قىلاتتى.

شىبە تىلى مانجۇ ئەدەبىي تىلىغا ئوخشاش ئىدى. يەنى شىبە تىلى مانجۇلارنىڭ يېزىق تىلى ئىدى. لېكىن ئېغىز تىلىدا پەرق بار ئىدى. شىبەچە «گىشۇن» دېگەن سۆزنىڭ تەلەپپۇز قىلىشى بىلەن يېزىلىشى تامامەن بىردەك ئىدى. ئەمما مانجۇلار «گىشۇن» دەپ يازغىنى بىلەن «جىشۇن» دەپ تەلەپپۇز قىلاتتى. قارىغاندا شىبە مىللىتى 15-ئەسىردە قوۋۇقتىن ئۆتۈپ ئىچكى جۇڭگوغا كىرگەن مانجۇ مىللىتى بىلەن بىر خەلق بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ساۋاتسىز مانجۇلار ئۆز تىلىنى تامامەن ئۇنتۇغان، خەنزۇچىلا سۆزلىشىدۇ. ساۋاتلىق مانجۇلار مانجۇ تىلىنى چەت ئەل تىلى سۈپىتىدە ئۆگىنىدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب مانجۇ تىلى خىزمەت ئىشلىرىدا قوللىنىلىدىغان ھۆكۈمەت تىلى. شۇڭا مانجۇ ئەمەلدارلار ئىشخانىلىرىدىكى پۈتۈكچىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شىبەلەر. مانجۇ ئەمەلدارلىرىغا پۈتۈكچى بولۇش مائاش تەمىناتى تولىمۇ ياخشى بىر ئىش. شۇڭا شىبەلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مانجۇ تىلىنى ئۆگىنىدۇ. سولۇنلارنىڭ ئەھۋالى باشقىچىرەك. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى تونگۇس تىلىدا سۆزلەيدۇ، يەنە بىر قىسىمى سۆزلىگەندە موڭغۇلچىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالنى مەن خاتىرىلىگەن سولۇن تىلى سۆز-ئىبارىلىرىدىن ھېس قىلدىم.

شىبە ۋە سولۇنلارنىڭ مىجەزى كۆپىنچە ھاكاۋۇر، يوغانچى بولىدۇ. ھەممىسى دېگۈدەك مىجەزى ئىتتىك، تەنتەك كېلىدۇ. پادىشاھنىڭ قوغدىغۇچىسى ۋە ھۆكۈمران مىللەتنىڭ يېقىن تۇغقىنى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئۆزلىرىنى تاتار ۋە خەنزۇلاردىن كۆپ يۇقىرى مەرتىۋىلىك دەپ قارايتتى. خەنزۇلار ئۇلاردىن قورقۇپ قالمايتتى، ئۇلارنى دائىم دېگۈدەك بەدەۋى ۋە قاراقچىلار دەپ ئاتاپ، ئۆزئارا زىددىيەت ۋە ئاداۋەتلەرنى كۈچەيتەتتى. شىبە ۋە سولۇنلارمۇ تارانچىلارغا ئوخشاش يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئۇلاردا بۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇن چارۋا مالمۇ بار ئىدى. ياز كۈنلىرى چارۋا ماللىرىنى قازاقلارغا باققۇزاتتى. ئۆيلىرىدە قوي ۋە ئاتلارنى باقاتتى.

غۇلجا شەھىرىگە بارغىنىمدا چەكلىك دائىرىدە پائالىيەت قىلىشىمغا رۇخسەت بېرىلگەنلىكى سەۋەبىدىن، ئەپسۇسلىنارلىق ئىش شۇ بولدىكى دەريانىڭ شىمالىدىكى سولۇنلار مەھەللىلىرىگە بارالمىدىم. زىيارەت قىلغۇچۇمنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ يۇرتلارنى شەھەر-بازار دەپ ئاتايدىكەن. بۇنىڭ ئۆزىلا شۇنى يېتەرلىك چۈشەندۈرىدۇكى، ئېھتىمال سولۇنلار مەھەللىلىرى تارانچىلار مەھەللىلىرىگە ئوخشىمىسا كېرەك. ئۇنىڭ دەپ بېرىشىچە ئۇلار يېزا-كەنتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئىككىسىنىڭ بىرىنى ياركەنت، يەنە بىرىنى ئاقكەنت دەيدىكەن، ساياھەت خاتىرەمدىن شۇنىسى مەلۇمكى، بىز بۇ ياققا كەلگىنىمىزدە ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى قاراۋۇلخانىلار ئارىلىقىدىكى سولۇنلارنىڭ ئېتىزلىقىدىن ئۆتكەنىدۇق. ئۇ يەردە ئىنتايىن چوڭ بىر تېرىلغۇ مەيدانى ئوتتۇرىسىدا ھوسۇل يىغىش مەۋسۇمىدە ئادەملەر تۇرىدىغان كەپە ۋە ئىككى چېدىرنى ئۇچراتقانىدۇق. بۇ يەردە مەن سولۇنلاردىن باشقا ئۈچ تارانچى ئىشلەمچىنى كۆرگەنىدىم. چېدىر ئانچە يىراق بولمىغان جايدا ئىدى. ئورۇپ، باغلاپ بېسىلغان ئۈچ دۆۋە بۇغدايمۇ بار ئىدى. بۇ پەسىلدە (7-ئاي) ئۇلار يامغۇر يېغىپ كېتىشتىنمۇ ئەنسىرىمەيتتى. بۇغداي دۆۋىسىنى چۈمكەشمۇ ھاجەتسىز ئىدى. ئۇلار يەرنى تۈزلەپ، چىڭداپ دۈگىلەك خامان ياساپ، ئوتتۇرىسىغا بۇغداينى دۆۋىلەيتتى. ئۇلار بۇغداينى تۇلۇق بىلەن تېپەتتى. بۇ خىل تۇلۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن ئىككى ئارشىن (رۇسلارنىڭ ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى. بىر ئارشىن 0.71 مېتىرغا تەڭ − تەرجىماندىن) دىيامېتىرى 6 دىن 8 ۋېرشوكچە (رۇسلارنىڭ ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى. بىر ۋېرشوك 4.444 سانتىمېتىرغا تەڭ − تەرجىماندىن) كېلەتتى. تۇلۇق سەككىز قىرلىق قىلىپ ياسىلاتتى. يېنىدىن تۆشۈك ئېچىلىپ ئوق بېكىتىلەتتى. تۇلۇققا ياغاچتىن بەش فوت كەڭلىكتە جازا بېكىتىلەتتى. تۇلۇق جازىسىنىڭ ئىككى يېنىغا ئارغامچە باغلىنىپ، بۇ ئارغامچا ئاتقا چېتىلاتتى، سەككىز قىرلىق تۇلۇق خاماندا ئايلىنىپ زىرائەت باشاقلىرىدىكى دانلارنى يانجىپ-چەيلەپ ئاجرىتىدۇ. ھەمدە تۇلۇق ئۆز ئېغىرلىقى بىلەن زىرائەت دانلىرىنى زىرائەت پاخاللىرى ئاستىغا قېقىپ چۈشۈرۈپ، خامان ئاستىدا بىر قەۋەت توپان قاتلىمى ھاسىل قىلىدۇ.

مەن بۇ يەردە يەنە چالغا، ئورغاق قاتارلىق دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى ئۇچراتتىم. چالغىنىڭ سېپى تەخمىنەن بىر ئارشىن كېلىدىكەن. چالغىنىڭ يۈزى تەخمىنەن بىر ۋېرشوك بولۇپ، ئۇچلۇق ئەگمىسى چوڭ ئەمەس. سېپى بىلەن چالغا يۈزى ئاساسەن تىك بۇلۇڭ شەكلىنى ھاسىل قىلىدىكەن. بىرنەچچە سوقىنىمۇ ئۇچراتتىم. ياسىلىشى قوپال ۋە ئاددىي ئىدى. سوقىغا ئۇزۇن ياغاچ بېكىتىلگەن، ئىككى ئات ياغاچنىڭ ئىككى تەرىپىگە قوشۇلۇدىكەن، ئۇزۇن ياغاچنىڭ يەنە بىر تەرىپىنىڭ ئاستىغا سوقا ئورنىتىلغان بولۇپ، سوقىدا بىر تۇتقۇچ بار ئىكەن. بۇ تۇتقۇچ ئارقىلىق سوقىنى چۆكۈرگىلى، ئۈستىگە كۆتەرگىلى بولىدىكەن.

بىز بۇ يەردىكى مەزگىلدە بۇغداي ئورۇلۇپ بولغان ئىكەن. شال تېخى ئورۇلمىغانىكەن. ئاڭلىشىمچە سولۇنلار بۇغدايلا يەيدىكەن، ئارپىنى ئات يېمى قىلىدىكەن. بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى سۇلۇ تېرىمايدىكەن. مەن يەنە ئىھاتە قىلىنغان چۆپلۈكلەرنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. بۇنداق ئوت-چۆپ يېتىشتۈرىلىدىغان مەيدانلار سۇغۇرۇلىدىكەن. سۈنئىي ئىھاتە چۆپلۈكلەرگە تاتارلار «بېدە» دەيدىغان ئۆسۈملۈك تېرىلىدىكەن. بۇ خىل ئۇششاق يوپۇرماقلىق ئۆسۈملۈك سۆسۈن رەڭلىك چېچەكلەيدىكەن. بېدە بەك تېز ئۆسىدىكەن. بىر يازدا ئۈچ-تۆت قېتىم ئورۇۋالىدىكەن، ھەتتا ھەر قېتىمدا بىر ئارشىن ئۇزۇنلۇقتا ئۆسىدىكەن. بېدە دېگەن بۇ ئۆسۈملۈك كۆپ يىللىق ئۆسۈملۈك بولۇپ، بىر تېرىپ قويسا سەككىز-ئون يىلغا قەدەر ئۆسىدىكەن. ئات باشقا يەمگە قارىغاندا بېدىگە ئامراق ئىكەن، ھەتتا ئۇنىڭ ھوسۇلىمۇ بەك مول بولۇپ، بېدىدە بېقىلغان ئاتلارغا باشقا يەم بەرمىسىمۇ ئېغىر ئەمگەكلەرگە ياراۋېرىدىكەن.

سولۇنلار دانلىق زىرائەت تېرىغانلىقى ئۈچۈن، شىبەلەر ئاساسەن تاماكا ۋە كېۋەز تېرىيدىكەن. شىبەلەر ئۆستۈرگەن تاماكىنىڭ قازاقلار ئارىسىدا نامى بار ئىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇلار تېرىغان تاماكىنىڭ پۇرىقى ئېسىل ئىكەن، ئېھتىمال شىبەلەر تاماكىنى بىر خىل دورىغا چىلىسا كېرەك. ئۇلارنىڭ كېۋىزى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭكىگە يەتمەيدىكەن. پەقەت تۆۋەن دەرىجىلىك پاختا قاتارىدا ئىشلىتىشكە بولىدىكەن. شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ ئىلى رايونىدا پاختا تېرىشقا بولۇشتەك بىر پاكىت تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئىش.         



ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

تەرجىمان ئىزاھلىرى:

رادلوف 1862-يىلى ئىلىغا تۇنجى قېتىملىق ساياھىتىنى باشلىغاندا كوپال دېگەن جۇڭگو-رۇسىيە چېگرىسىغا يېقىن يەردىن يولغا چىقىدۇ. بۇ ھال بۈگۈنكى جۇڭگو-رۇسىيە چېگرىسىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەھۋالىغا توغرا كەلمەيتتى. سەۋەبى، ئىلگىرى − يەنى «جۇڭگو-رۇسىيە ئىلى شەرتنامىسى» ئىمزالىنىشتىن ئىلگىرى جۇڭگو-رۇسىيە چېگرىسى بورخوجا سۈيىنى پاسىل قىلاتتى. 1881-يىلى «جۇڭگو-رۇسىيە ئىلى شەرتنامىسى» ئىمزالانغاندىن كېيىن چىڭ ھۆكۈمىتى ئىلىغا تەۋە زېمىندىن 70 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر يەرنى رۇسىيەگە كېسىپ بېرىدۇ ھەمدە توققۇز مىليون رۇبلى تۆلەم تۆلەيدۇ. 45 مىڭ ئۇيغۇر يەتتىسۇغا كۆچۈرۈلىدۇ. جۇڭگو-رۇسىيە چېگرىسىمۇ غەربتىن شەرققە سۈرۈلۈپ ئەسلى ئىلىغا تەۋە بولغان بورخوجا، ياركەنت، ئاقكەنت، غالجات، دولاتا قاتارلىق نۇرغۇن يېزا-كەنتلەر ئاھالىلىرى كۆچمەيلا ئۆز كەنتلىرى بىلەن بىرگە رۇسىيەگە تەۋە بولۇپ كېتىدۇ.

رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيانى مۇستەملىكە قىلىپ ئۆز تەسەررۇپىغا ئالغاندىن كېيىن، ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش مەقسىتىدە ئىچكىرى رۇسىيەنىڭ دون، كۇبان رايونلىرىدىن كۆچۈرۈپ كەلگەن، تىنچ مەزگىلدە دېھقان، ئۇرۇش مەزگىلىدە ئەسكەرلىك رولىنى ئۆتەيدىغان، سۇيۇرغال قىلىنغان يەرلەرنى باجسىز تېرىيدىغان رۇس مىللىتىنىڭ بىر قەبىلىسى. ئۇلارنىڭ يېزىلىرى «كازاچىيا ستانىتىسىيا» يەنى كازاكلار مەھەللىسى ياكى يېزىسى دېيىلىدۇ.

بوشقۇ − چىڭ سۇلالىسى ھەربىيلىرىنىڭ ئۇنۋان دەرىجىسى . بۇ مانجۇچە سۆز بولۇپ، لېيتىنانتقا باراۋەر.

فوندىبوشقۇ − مانجۇچە ھەربىي ئۇنۋان دەرىجىسى. سۆز مەنىسى ۋاكالىتەن بېجىرگۈچى، دېگەنلىك بولۇپ، تەخمىنەن ستارشى لېيتىنانتقا توغرا كېلىدۇ.

تاتار − رادلوف ئىلىغا كەلگەندە، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ رۇسىيەدە ياشايدىغان تۈركى تىللىق تاتارلار بىلەن ئېتنىك جەھەتتە يېقىن بولغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنى «تاتار» دەپ ئاتىغان.

بۇ يەردە قازاق دېگەندە جۇڭگوغا تەۋەلىك بىلدۈرگەن يەنى چىڭ ھۆكۈمىتىگە باج-سېلىق تۆلەيدىغان قازاقلار نەزەردە تۇتۇلسا كېرەك.

ھازىرقى موڭغۇلكۈرە دېگەن ناھىيە چىڭ دەۋرىدە تېكەس دېيىلەتتى. تېكەستىكى ئىبادەتخانا دېگەندە ھازىرقى موڭغۇلكۈرەدىكى لاماجۇنى نەزەردە تۇتسا كېرەك.

مېين ئامبال − چىڭ سۇلالىسى ئەمەل-مەنسەپ نامىنىڭ مانجۇچە ئاتىلىشى بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە بۇ مەنسەپ نامى ئۇيغۇرچىغا «باشبۇغ» دەپ تەرجىمە قىلىنىپ كەلمەكتە. بۇ ئەمەل دەرىجىسى مۇئاۋىن سانغۇن دەرىجىسىگە باراۋەر.

بۇيرۇت − چاررۇسىيە دەۋرىدە رۇسلار ھازىرقى قازاق مىللىتىنى قىرغىز، قىرغىز مىللىتىنى قارا قىرغىز دەپ اتاپ كەلگەن. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە ھازىرقى قىرغىز مىللىتىنى بۇيرۇت دەپ ئاتىغان.

ھەپتىيەك − قۇرئان سۈرىلىرىدىن تاللانما. قۇرئاننىڭ يەتتىدىن بىر قىسىمىغا تەڭ ھەجىمدىكى ئېلىپبەدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان دەرسلىك.



(رادلوفنىڭ «سىبىرىيە خاتىرىلىرى» ناملىق توپلامىنىڭ 9-بابىدىن تەرجىمە قىلىندى)

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 12:29:00

ئوغۇز ك ب ماۋۇ ماقالىنى كۆرۈپ بېقىڭ يېڭى گەپلەر باركەن.

kabanna يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 19:41:22

مۇنداق يازمىسىڭىز ئۇچۇر بارمايدۇ

@oghuzkb

koxuk يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 22:05:10

\"\" ماشتاق تېما، ئەلا كەتتى.

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2013-8-4 23:22:06

@niyazdixan



بەھىرلەنگەنلىكىڭىزدىن بەكلا خۇرسەن بولدۇم! تەشەككۈرلەر!



راست، يىقىندا بەزى قېرىنداشلىرىمىز قازاقىستان، قىرغىزىستاندىكى ھايات جەڭچىلىرىمىزنى، ھەم شۇلارنىڭ پەرزەنىتلىرىنى زىيارەت قىلىپ فىلىم ئىشلەپتۇ. 6 قىسىم يوللاپ بوپتۇ يۇتيۇبقا. بەك ئېسىل پاراڭلار باركەن. چاچ-ساقاللىرىغا ئاق كىرگەن شۇ قەدىردان كىشىلىرىمىزنىڭ روھى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىكەن. نەشىر قىلىنغان كىتابلارمۇ خىلى كۆپكەن.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-8-5 09:10:13

5- قەۋەتتىكى oghuzkbنىڭ يازمىسىدىن نەقىل





راست، يىقىندا بەزى قېرىنداشلىرىمىز قازاقىستان، قىرغىزىستاندىكى ھايات جەڭچىلىرىمىزنى، ھەم شۇلارنىڭ پەرزەنىتلىرىنى زىيارەت قىلىپ فىلىم ئىشلەپتۇ. 6 قىسىم يوللاپ بوپتۇ يۇتيۇبقا. بەك ئېسىل پاراڭلار باركەن. چاچ-ساقاللىرىغا ئاق كىرگەن شۇ قەدىردان كىشىلىرىمىزنىڭ روھى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىكەن. نەشىر قىلىنغان كىتابلارمۇ خىلى كۆپكەن.

يۇكۇ دىگەنلەرگىمۇ يوللاپ قويۇش ئىمكانىيىتى بارمىدۇ؟ يۇتۇبقا چىقالمايدىغانلارغا بەھىرلەنسە.

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2013-8-7 23:29:47

بۇ يوللانغان ئادرىس ئىكەن. بىرىنچى قىسمى، 50 قىسىم يوللايمىش، دېمەك 50 ئادەمنى زىيارەت قىلدى دېگەن گەپ.



بۇ فىلىمنى ئەگەر مەن يوللىسام، ۋاقتى كەلگەندە \"چاي ئېچكەن\" دە بەك دەرت تارتىۋالارمەنمىكىن دەيمەن. بەلكى چىقىپ قالار ئاز كۈندە يوللايدىغانلار.





http://www.youtube.com/watch?v=ltzjLWj94Os



تام ئاتلايدىغانلار سىناپ باقسىمۇ بولىدۇ. تەس ئەمەس، لېكىن قانداق ئاتلايدۇ دەپ مەندىن سورىماڭلار، بەيدۇ يېتەرلىك.
بەت: [1]
: غۇلجىغا ساياھەت خاتىرىسى