رىم پاپاسى:«ھەمجىنىسلار چەتكە قېقىلماسلىقى كېرەك!»دىدى.
تەرجىمان ئىلاۋىسى:
مەزكۇر خەۋەر پەقەت ئىزدىنىش تورىنىڭ رەڭدارلىقنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ تەرجىمە قىلىندى، مەزكۇر خەۋەر تەرجىماننىڭ كۆز-قارىشى ۋە مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز! بۇھەم پاپا ئېتىقاد قىلىۋاتقان دىن بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ،پەقەت رىم پاپاسىنىڭ شەخسى كۆز قارىشىنى بىلدۈرىدۇ.
ۋاتىكان ئۇزاقتىن بېرى ھەمجىنىسلىققا قارشى تۇرۇش مەيدانىدا بولۇپ كەلگەن،ئەمما يېقىندا رىم پاپاسى جورجى مارىئو بېرگوگىلنىڭ مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولۇپ،ئۇ جەمىيەتنى ھەمجىنىسلارنى قوبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلغان ھەم ئۆزىنىڭ ئۇلارغا(ھەمجىنىسلارغا)«پەتىۋا پىچىش»ھوقۇقىنىڭ يوقلىغىنى بىلدۈرگەن.پاپانىڭ بۇ سۆزى غەرپ ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان بولۇپ،ئەنگىلىيە«كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى»ئىپادە بىلدۈرۈپ، «پاپا جورجى مارىئو بېرگوگىلنىڭ بۇ سۆزى كاتولىك دىنىنىڭ ئەقىدىسىنى ئۆزگەرتمەيدۇ،ئەمما ھەمجىنىسلارغا بولغان زىيانكەشلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ياردىمى بولىدۇ»دىگەن.
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى» 30-ئىيۇل خەۋەر قىلىپ،پاپا جورجى مارىئو بېرگوگىل بىرازىلىيىدىن رىمغا قايتىش سەپىرىدە ئايرۇپىلاندا مۇخپىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈۋاتقاندا،ھەمجىنىسلار ئۈستىدە توختىلىپ،«ئەگەر ھەمجىنىسلار پەرۋەردىگارنى قوبۇل قىلسا ھەمدە ئۇلاردا گۈزەل بىر قەلب بولسا،مەن قانداقمۇ ئۇلارنى تەنقىت قىلالايمەن؟ھەم ئۇلار چەتكە قېقىلماسلىقى كېرەك! ھەمجىنىسلىق خاھىشى بۇ بىر مەسىلە ئەمەس،ئۇلارمۇ بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز! »دىگەن.
رىم پاپاسى جورجى مارىئو بېرگوگىلنىڭ ھەمجىنىسلارغا بولغان قارىشى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن،دەرھال« كاتولىك دىنى مۇرىتلىرى ھەمجىنىسلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتى»نىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.ئەمما كاتولىك دىنى جەمىيىتىدىكى كونسىرىۋاتىپ مۇرىتلار پاپانىڭ بۇ باياناتىنى سۇسلاشتۇرۇشقا ئورۇنغان.ئامېرىكا ۋاشىنگىتون كاتولىك دىنى جەمىيىتىدىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچى پاپانىڭ بۇ خىل سەمىمىلىك بىلەن ھەمجىنىسلارغا بولغان قارىشىنى ئىپادە قىلىشىنىڭ كاتولىك دىنىنىڭ ئەقىدىسىگە خىلاپ ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا «لوس ئانجىلىس ۋاقىت گېزىتى» 29-ئىيۇل ماقالە ئېلان قىلىپ،«پاپانىڭ بۇ قارىشى كاتولىك دىنىنىڭ ئەقىدىسىنى ئۆزگەرتمىگەن،ھەمجىنىسلىق گۇناھ بولغان ھالەتتىمۇ،پاپا جورجى مارىئو بېرگوگىل كەڭ قوساق ،كۆيۈمچان بىر دىنى جەمىيەتنىڭ كارتىنىسنى شەرھىلەپ بەردى»دىگەن.
مەنبە:«يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»2013-يىل 31-ئىيۇلدىكى سانى4-بەت.
بۇ پاپامۇ چوقۇم چاتاق بولىشى مۇمكىن......
<<بانانغا ئامراقمۇ نىمە بۇ پاپا>>
ھاجەتخانىنىڭ تىمىنى تېلېفون دەپتىرى قىلىۋالدىغانلارنىڭ كۆڭلى يايراپ كېتىپتۇدە {:92:} ئاياللار ھاجەتخانىسىدىمۇ بارمۇ ئۇنداق خەت {:92:} ھاجەتخانا تازلايدىغانلارغا پۇل بىرىپ يازدۇرمدىكىن ئىشقىلىپ.....






6- قەۋەتتىكى bahadirhaqanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ما ئېدەمنىڭ پەتىۋا پىچىشى بىزنىڭ ئىمامنى بېسىپ چۈشىدىكەن،بىزنىڭ ئىمام «تېشى سەتنىڭ ئىچىمۇ سەت»بۇنى فەيغەمبىرىمىز شۇنداق دىگەن دەپتى....(نەئۇزىبىللاھ)
ما ئىمامغا چىرايلىق بولسىلا بۇلىدىغاندەك چىراي ، ئىنسان سەت چىرايلىق دەپ ئايرىلماسلىقى كېرەك . چۇنكى ئاللاھ ھىكمەت بىلەن ياراتقان . gay تۇيغۇسى بوۋاق ئانا قورسىقىدا يىتىلىش جەريانىدىكى ئۇچراشقان ھورمۇن ۋە مۇھىت، شۇنداقلا تۇغۇلغاندىن كىينكى بالا چوڭ بولغان مۇھىت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىككەن. بەزى پەرەزلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە ئەرلەرگە نېسبەتەن سىزنىڭ بىگىز بارمىقىڭىز ئۈزۈك بارمىقىڭىزدىن ئۇزۇن بولسا بۇنىڭ سىز ئاننىڭ قورسىقىدا يىتىلىش مەزگىلىدە يىتەرلىك تېستوستېرون بىلەن ئۇچراشمىغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرۈشى مۇمكىن، ھەم شۇنداق كىشىلەرنىڭ مېڭىسى پۈتۈنلەي ئەرلىك جېنىسنى قوبۇل قىلالماسلىقى مۇمكىنكەن. ئۈزۈك بارمىقى بىگىز بارمىقىدىن كۆرۈنەرلىك ئۇزۇن كىشىلەر تەنھەرىكەتكە ماھىر ھەم بۇنداق ئەرلەردىن ھەمجىنىس كىشىلەرنىڭ چىقىشى ئاز ئۇچرايدىكەن. ئاياللارغا ئەكىسىچە. شۇنداق بولغاندا بۇ يىتىلىشتىكى تەبئىي ھادىسە بولۇشى ياكى شۇنىڭغا ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشۇشى مۇمكىنكەن. بەلكىم پاپا بۇنى بىلىپ قالغاندۇ.
ئەسكەرتىش: يۇقىرىدىكىسى مېنىڭ شەخسىي پىكىرىم ئەمەس، بەلكى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن بىلگەنلىرىمنى دەپ قويدۇم. قىزىقارلىق تۇيۇلغاچقا...
http://www.doctoroz.com/episode/gay-straight-controversial-therapy
توسۇپ ئامال قىلىپ بولالماي، شۇنداق پەتىۋا چىقىرىپتۇ-دە!بۇ خىرىستىيان دىنىنىڭ ئېنىق پىرىنسىپى يوق، جەمئىيەتنىڭ ئېقىشىغا ۋېقىپ ئۆزگىرىۋالىدىغان خامىليون دىن، يالغان دىن ئىكەنلىكدىن باشقا نەرسىنى چۈشەندۈرمەيدۇ.
ئەگەر ھەمجىنىسلىق تۇغما سەۋەبلەردىن بولسا داۋالىتىشى، كېيىن ئادەت بويىچە يېتىلىپ قالغان بولسا، يەنە ئادەت بويىچە ئۆزگەرتىلىشى كېرەك. دۆڭكۆۋرۈكتىكى ھاجاتخانىلاردا ئېلان بېرىپ يۈرمەي! قايسى بىر تىمىدىكى خىرىستىئانلارنى داڭلاۋاتقان فىلەشبوي مۇنۇ تىمىغا نىمە دەپ جاۋاپ بىرىدىكى
14- قەۋەتتىكى karligaqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شەخسى كوزقارشىنى دىيىش ئارقلىق شۇ دىن قوللىسا باشقلانڭ قانداق ئنكاس قايتۇردىغانلقىنى بۈلۈش خالاس. كىتاپلىرنى بۇرۇندىن مەنپەتلىرى ئۈچۈن ئۆزگەتىۋاتمامدۇ.
قەيەرنى قانداق مەنپەت ئۈچۈن ئۆزگەرتكەن ؟پاكىت بىلەن سۆزلەڭ ، بىلىۋالايلى ..سىز مۇنداق تەجرىبە ئېلىپ بېرىڭ ،ھازىرقى ئىنجىلدىن بىرنى ساقلاپ قويۇپ ۋەسىيەت يېزىپ بالىلىرىڭىزغا قالدۇرۇڭ ،يەنە 100 يىل ياكى 200 يىلدىن كېيىن ئۆزگىرەمدىكىن ... مەن توردىن 2 نۇسقىنى تاپتىم بىرسى ھازىرقىسى يەنە بىرسى ئەينى ۋاقىتتا شىۋىت باسمىخانىسىدا بېسىلغان چاغاتايچىسى ... سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق سىز دىگەندەك مەنپەت ئۈچۈن ئۆزگەرتكەن يەرنى بايقىمىدىم ..
17- قەۋەتتىكى elqutنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قايسى بىر تىمىدىكى خىرىستىئانلارنى داڭلاۋاتقان فىلەشبوي مۇنۇ تىمىغا نىمە دەپ جاۋاپ بىرىدىكى
مەن خىرىستىيانلارنى داڭلىمىدىم ،خىرىستىيان ئەقىدىسىنى توغرا دىدىم . خۇددى ئۆزىنى مۇسۇلمان ئاتايدىغان كىشىلەر ئارىسىدا ياخشى يامان كىشى بولغىنىدەك ،خىرىستىيانلاردىمۇ تەقۋادار ۋە ساختا كىشىىلەر بار ...ئەڭ مۇھىمى شۇ ئەقىدىدە قانداق دىيىلگەنلىكى،ئەيسا مەسىھنىڭ قانداق تەلىم بەرگەنلىكىدە ...
تەۋرات ۋە شەرىئەت قانۇنىىدا قاتتىق جازا ئارقىلىق گۇناھنىڭ بەدىلى تۆلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن . تەۋراتتىمۇ ھەمجىنىسلىق ئومۇملاشقان سودوم ئاھالىسى يەنى لۇت قەۋمىنى ئاسماندىن گۇڭگۇرت تاغدۇرۇپ جازالىغانلىقى ئېيتىلغان ،بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى ،خۇدانىڭ نەزىرىدە ھەمجىنىسلىق ئىنتايىن قەبىھ گۇناھ ..
لېكىن يەنە بىر نەرسە بار ،خۇدانىڭ ئىنتايىن چەكسىز رەھمىتى ،يەنى تەۋراتتا خۇدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا سودومنى جازالايمەن دىگەندە، ئىبراھىم :ئەگەر ئۇلار ئارىسىدا 50 نەپەر پاك ئېتىقادلىق ئادەم بولسىچۇ دىسە ،خۇدا :شۇ 50 كىشى سەۋەبىدىن جازالىمايمەن دىدى ، ئىبراھىم : 45 كىشى بولسىچۇ ؟ دىگەندە ،خۇدا يەنە جازالىمايمەن دىدى ، ۋە ئاخىرىدا ئەگەر 10كىشى بولسىمۇ شۇلار سەۋەبىدىن جازالىمايمەن دىدى ،نەھايەت ، 10 كىشىمۇ چىقمىغانلىقتىن ،خۇدا ئاسماندىن گۇڭگۇرت ياغدۇرۇپ سودومنى ئاھالىسى بىلەن قوشۇپ خارابىيلىققا ئايلاندۇرىۋەتتى ....بۇ ۋەقەدىن بىز خۇدانىڭ غەزىبى ۋە مېھرى شەپقىتىنى شۇنداقلا ھەمجىنىسلىقنىڭ ئېغىر قەبىھ گۇناھلىقىنى بىلىۋالالايمىز ...
ئەمدى شەرىئەت قانۇنى بويىچە ھەمجىنىسلىق ئېغىر جازا بىلەن جازالىنىدۇ ،لېكىن مەسىھ ئېتىقادىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى شۇكى گۇناھكارلارنى چەتكە قاقماسلىق ،بەلكى ئۇلارغا خۇدانىڭ مېھرى مۇھەببىتىنى،خۇشخەۋىرىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق يامان يولدىن قايتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ ، ياخشى ياماننى بىلىپ تۇرۇپ ،خۇشخەۋەرنى ئاڭلاپ تۇرۇپ يەنە يامان يولدىن قايتمىغانلار خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچراپ مەڭگۈلۈك ھالاك بولىدۇ ...
ماۋۇ بەتتە ئىنجىلدىكى مۇشۇنداق ھەمجىنسىلىققا ئائىت بايانلار بار : ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى
http://www.hayatnuri.com/injil-6/239
كېيىنكى بەت بىلەن بىللە يەنى خۇدا ئايرىمچىلىق قىلمايدۇ دىگەن تېما بىلەن قوشۇپ ئوقۇڭ ....