danko يوللانغان ۋاقتى 2013-8-1 17:54:56

تۈركىيەدە ئوقۇشتىن مەسلىھەت سورايمىز

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار، نەۋرە ئاكامنىڭ ئوغلى بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ، بىرىنچى تۈركۈمدە چاقىرىق كەلدى. بىراق ئوغلىنىڭ تۈركىيىدە ئوقۇش ئارزۇسى بار ئىكەن.ئۇرۇق-تۇققانلار يېشىڭ كىچىك، تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالىسەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيىگە بارغاندىن كېيىن، تىل ئۆتكۈلىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىسەن. ئەگەر تۈركىيىنىڭ مائارىپ قۇرۇلمىسىدىكى پەرق تۈپەيلىدىن ئۆتەلمەي قالساڭ ئۇمۇ يوق، بۇمۇ يوق بولۇپ قالمىسۇن دېگەن مەسلىھەتلەرنى بېرىپ سەل گاڭگىرىتىپ قويۇپتۇ.


ئەمدى سىلەردىن سورايدىغىنىم:


18ياش ئەتراپىدىكى بالىلار تۈركىيىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆنەلەرمۇ؟


بۇ يەردە ئالىي مەكتەپنىڭ تەبىئىي پەن بىرىنچى تۈركۈمگە ئۆتكەن بالا تۈركىيىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلەرمۇ؟ نەۋرە ئاكامنىڭ بۇ ئوغلى تىرىشچان، كەيىپ-ساپادا يوق، ئەخلاقلىق بالا.


سىلەرنى مالال قىلدىم. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-2 19:00:49

12- قەۋەتتىكى rita1028نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىلىگكا ، يەلكەنكا ، سىلەرمۇ ئولتۇرۋالماي بىر پىكىر بېرىپ قويۇڭلارچۇ مېنىڭكىنى تولۇقلاپ .چۈنكى مەنلا گەپ قىلغان بىلەن بىر تەرەپلىمە ئۇچۇرلار جېق بوپ كېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى چۈنكى دۇنيادىكى ھېچبىر ئادەمنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسى ئوخشاش بولمايدۇ.

دىلرۇبا، تۈركىيەگە كەلگەن بالىلارنى كەمسىتكۈم يوق ئىدى ،ئەمما باشقا ياۋروپا ،ئامېرىكىغا چىقىش ئۈچۈن ھېچبولمىسا مەلۇم سەۋىيەدىكى تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش كېرەك ،ئاشۇ تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتەلىگەندە ئاندىن ئاشۇ دۆلەتلەرگە چىققىلى بولىدۇ. تىل ئۈگىنىش بىر مۇشەققەتلىك ۋە سىجىللىق تەلەپ قىلىدىغان ،ئىرادە تاۋلايدىغان جەريان . مۇشۇ جەرياننى ئۆتكۈزۈپ ياۋروپا ،ئامېرىكىغا چىقالىغان بالىلاردېمەك خېلىلا مۇنەۋۋەر بالىلار دېگەن گەپ .

ئۇنىڭدىن بۇرۇن تۈركىيەگە قانداق ئادەم كەلگەن ئۇنى ئۇقمايمەن ،ئەمما مەن كەلگەن 2011-يىلىدىن باشلاپ تۈركىيەگە ھەتتا جوڭگۇدا دەرسلىك قىلىپ ئۆتىلىدىغان خەنسوچىنىمۇ تۈزۈك ئۈگەنمىگەن ،كەسپى دەرس نەتىجىلىرى ناچار،ھەتتا ھېچقانداق بىر ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن بالىلار كۆپلەپ كەلمەكتە . ۋە ئادەتتە تۈركىيەگە كېلىش ئۈچۈن ياكى تۈركچە خەلىقارالىق سەۋىيە سىناش ئىمتاھانى ،ياكى ئېنگلىزچە دېگەندەكلەر تەلەپ قىىلىنمايدۇ .ئەلچىخانا تەلەپ قىلغان ئاددى ماتېرياللارنى تەييارلاپ ،يۈز تۇرانە ئىمتاھان دېگەننىمۇ كۆرۈپمۇ باقماي شۇنداق ئاسانلا چەتكە چىقىۋالىدۇ (تۈركىيەگە چىقىۋالىدۇ) . دېمەك تۈركىيەگە چىقىش باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا راۋرۇس ئاسان ،يەنى ۋىزا ئىلتىماسقا سۇنىدىغان ماتېريال ئاز،بانكىغا قويغان كاپالەت پۇلى ئاز ، چەتئەل تىلى تەلەپ قىلمايدۇ .

شۇڭا باشقا دۆلەتكە چىقالمىغانلارنىڭ ،بىڭسى يوقلارنىڭ بىرىنچى بوپ ئىنتىلىدىغان يېرى بوپ قالماقتا. ئاقىۋەتتە يا بىرەر مەكتەپكە كىرەلمەي ،ياكى قىلىدىغان بىرەر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتالماي ئاخىرى ئامال يوق ئۈرۈمچىگە تۈركىيە ماللىرى ،گىرىم ،زىبۇ-زىننەت ..قاتارلىقلارنى كىرگۈش بىلەن تۇرمۇش چىقىمىنى ئاران ئاران قامداپ كېتىۋاتقانلار بەك جېق .

بەلكىم دەرسىلەر ،بۇمۇ ئۇلار ئۈچۈن بىر پۇرسەت ،كەلگۈسىدە كارخانىچى بوپ قېلىشى مۇمكىن دەپ .ئەمما ئوقۇيمەن دەپ كېلىپ ئۇششاق سودىغا ئۆزىنى ئاتقان شۇنچىۋالا جېق بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كەلگۈسى كۈتكىنىمىزدەك ياخشى بوپ كېتەرمۇ؟

ئۆزى ئەڭ ئادەتتىكى خەنسوچىنىمۇ بىلمەي تۇرۇپ ،شىركەتلەردە ھالال ئىشلەۋاتقان ،تەرجىمان بولىۋاتقانلارنى تىللاپ سېسىتىپ ياشايدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسىمۇ مۇشۇنداق بالىلاردىن چىقىۋاتمامدۇ ؟

ئۇلار دېگەن بەك ۋەتەنپەرۋەر،مىللەتپەرۋەر ھازىر.


ئاشۇ ئابزاسلار دىن سىزنىڭ گەرچە تۈركىيەدە بولسىڭزمۇ جەميەت كۆرمىگىنىڭىزنى بىلدۈردۇ


مەيلى جاپا چەكسۇن چەكمىسۇن مۇشۇ يەردىمۇ ئوخشاش


بۇيەردە ھۆكىمەت قوڭىدىن يۆلەپ باقمىسا خەنزۇلارمۇ


سىزنىڭ قىرىندىشڭىز قىلغاننىڭئوندەن بىرنى قىلالمايدۇ ئۇلار بەسەيلەرنى دەيمەن تۇغما سودىگەر ئەمەس ياكى شىنجاڭغا ئەمەلدار بولغىلى تۇغۇلغان ئەمەس


ئەڭ مۇھىمى سىياسەت قىنى تۈركىيە ياخشى سىياسەتلەرنى يولغا قويسا شۇ سىزدگەن ۋەتەنپەرۋەرلەر


خېلى ئشنى قىلۋەتكەن ۋەتەنپەرۋەر ئەمەسلەرنى بىسىپ چۈشۈدۈ بولدىلا جىق گەپ قىلماي مەنغۇ ئەزەلدىن كەمسۆز بالا مۇشۇ مۇنبەردە يۈرگىلىمۇ قانچە يللار بوپ كەتتى لىكىن جىق گەپ قىلماي كۆرۈپ قويىمەن


.....




rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-2 01:05:00

نىمىدەپ جاۋاب بىرەي .

مۇستەقىل ئىش قىلىشنى بىلىش ،ئۆزىنى كونترول قىلالاش دېگەن ئاجايىپ بىر نەرسىكەن، ئەمما بىزنىڭ مىللى ئائىلە تەربىيىمىزبالىلارنى يۈزى تۆۋەن ياكى شوخ قىلىپ يېتىششتۈرەلىگەن بىلەن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپلا ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ ئۆز ھاياتىنى باشلىيالىغۇدەك ھالەتكە ئەكىلەلمەيدىكەن.

بىزمۇ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئىچكىرىسىگە بېرىپ ئىككى يىل تەييارلىقنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئاز تولا ھوشۇمىزنى تېپىپتىكەنمىز ،ھېلىمۇ تەييارلىق ئوقۇيدىغان ئىككى يىل بوپ قاپتىكەن دەپ قويىمەن پات پات ، بولمىسا خىلمۇ خىل ماسلىشالماسلىق ،مۇھىت ،مەدەنىيەت ، ناتونۇشلۇقلارنىڭ يەكلىشى ( يەكلەش دەپمۇ ئېيتالمايمەن ،مۇۋاپىقراق گەپنى تاپالمىدىم ) تۈپەيلىدىن ئوقۇش ۋاقتىدا ئىزىغا چۈشۈپ بولالماي ئۈگىنىش ھاياتىمىز خېلىلا كېچىكتى دەپ بەكمۇ ئەپسۇسلىنىمەن .بىزغۇ ئۇ چاغلاردا ھېچبولمىسا بارىدىغان مەكتىپىمىزگە ئۆتۈپ بولۇپ ئاندىن ئاشۇنداق جەريانلارنى بېشىمىزدىن كەچۈرگەن . ئەمما ئاۋۇ ئىنىڭىزتۈركىيەگە كېلىمەن دېسە ئەڭ ياخشىسى تۈركىيە ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مېنىستىرلىكى ۋە چەتئەلدىكى تۈركى مىللەتلەر بىرلەشمىسى دەيدىغان ئورگان تەرىپىدىن تاللىنىپ تۈركىيەگە كەلگىنى ياخشى . بۇ ئورگانغا قانداق ئىلتىماس قىلىدۇ دېگەنلەرنى ئاستىدىكى ئىنكاسىمدا داۋاملىق چۈشەندۈرىمەن.

بۇ ئورگان ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلسە ئىقتىسادى ۋە تۇرمۇش جەھەتتىن پۈتۈنلەي كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ ، بىرىنچى قېتىملىق تۈركىيەگە كېلىش ئايروپىلان بېلىتى ئېلىپ بېرىدۇ، ئۇنىڭدىن كىيىنكى كېلىپ كېتىش چىقىمىغا ئۆزى ئىگە . ۋە ھەر ئايدا 500 تۈرك ؛ىراسى تۇرمۇش خىراجىتى بېرىدۇ. ياتاق ۋە ئوقۇش ھەقسىز بولىدۇ .تاللىنىش ئىمكانىيىتى بەك ئاز بولسىمۇ سىناپ باققانغا يەتمەيدۇ.

ئىككىنچىدىن : تۈركىيەگە كېلىشكە ئالدىراپ كەتمەستىن بىر چەتتىن مەكتىپىگە بېرىپ تۇرۇپ پاسپورتىنى چىقارسۇن ۋە ئىنگلىزتىلىنى چىڭ تۇتۇپ ئۈگەنسۇن ،ئىنگلىز تىلى ھەممە دۆلەتتە ئاقىدۇ . ۋە ئەگەر ئاشۇ بىر يىلدا تىرىشچانلىق بىلەن خەلىقارالىق ئىنگلىز تىلى ئىمتاھانلىرىدا ياخشى نەتىجىلەرنى ئالالاپلا قالسا تۈركىيەنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتماشماي تۇرۇپمۇ تولۇق ئوتتۇرا نەتىجىسى ۋە ئىنگلىز تىلى نەتىجىسىگە ئاساسەن مەكتەپ ئىلتىماس قىلالايدۇ .ئەگەر ئىنگلىزتىلى نەتىجىسى ،تولۇق ئوتتۇرا نەتىجىسى ياخشىلا بوپ قالسا يەلكەنكامنىڭ ئانا مەكتىپىدەك تەبى پەن ،سانائەت پەنلىرىدە تۈركىيىدە ئالدىنقى قاتارلىق مەكتەپلەرگە ئۆتەلەيدۇ، دەرسلەرنى تۈركچە ئەمەس ئېنگلىزچە ئالىدۇ ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەت تېپىش پۇرسىتى دەرسنى تۈركچە ئالغانلاردىن جېق بولىدۇ، مائاشىمۇ ياخشى بولىدۇ، شۇنداقلا يۇقىرىلاپ ئوقۇشىغىمۇ ھەسسىلەپ پايدىسى بار.

ئۈچىنچىدىن : بىرىنچى ،ئىككىنچى خىل ئۇسۇلنى قىلالماي زادى تۈركىيەگە بارمىسام بولمايتتى دەپ تۇرىۋالسا ئۈچىنچى يولنى يەنى تۈركىيەگە بىۋاستە كېلىپ تۈركىيەنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتنىشىپ ئانىدىن مەكتەپ ئىلتىماس قىلىشنى سىناپ باقسا تامامەن بولىدۇ ، ئەمما شۇ ئوقۇغۇچى بالا ۋە ئائىلىسى نۇرغۇن ئىقتىسادى ،سىياسى بېسىم (تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇغانلار ۋە ئائىلىسى پات پات چاي ئىچىپ تۇرىدۇ ھۆكۈمەت تەرەپتىن ) ،شۇنداقلا يوقىتىشلارغا تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشى كېرەك .چۈنكى تۈركىيەگە كېلىپ ،بۇ يەرنىڭ ئىمتاھانلىرىغا قاتنىشىپ ئۆزى مەكتەپ ئىلتىماس قىلىش ئاسان ئىش ئەمەس (بېشىمدىن ئۆتكەن جەريان ) ، ۋە نومۇرنى ئۇلارنىڭ تەلەپ قىلغىنىدەك ئېلىشمۇ بەك تەس. راستىنى دېسەم تولۇق كۇرس ئوقۇغىلى كەلگەن بالىلارنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ نومۇر شەرتىگە چۈشەلىگەن بالىلارنى تېخى تونۇپ باقمىدىم. \"\"

شۇنداقتىمۇ مەكتەپكە كىرەلەيدۇ،قانداق قىلىپ دەمسىز؟ تۈركىيەنىڭ خېلى جېق مەكتەپلىرى (مەن ئىسمىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان مەكتەپلەر خېلى كۆپ سانلىق ) تۈركى مىللەتتىن بولغان ئوقۇغۇچىلارنى مەكتىپىگە خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالىدۇ. ھېلىقى قاتناشقان ئىمتاھانىدىكى نەتىجىسى گەرچە ئالىي مەكتەپكە كىرىشكە توشۇپ كەتمىىسمۇ نەتىجىسى سەل پەل ياخشىلا بولسا بۇ خىل مەكتەپلەرگە كىرەلەيدۇ،ئەمما بۇنداق مەكتەپلەردە نېمىنىمۇ ئۈگۈنۈپ چىقالا دەپ سورىغۇم كېلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق مەكتەپلەرگە ئۆتۈپ چەتئەلدە تۆت يىل ياشايدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن ........؟؟؟؟!!!! خۇدايىم بەرگەن بەختى پىشانىسىگە قارايمىز.



كۆزىتىشىمچە يېقىنقى يىللاردا ئاتا-ئانىلاردا بالىلىرىنى چەتكە چىقىرۋېتىش دولقۇنى كۆتۈرلۈپ كەتكىلىۋېتىپتۇ . پالانى بالام پالانى دۆلەتتە ئوقۇيدۇ دەپ بالىلىرىنى ئۇلارنىڭ قابىليىتى ئارقىلى ئەمەس پۇلغا زورلاپلا چەتكە چىقىرۋېتىش بىر ئابروي بوپتۇ . ئەمما ئاشۇ پالانى بالىڭىز ،پۇكۇنى دۆلەتنىڭ قايسى مەكتىپىدە نېمە ئوقۇيدۇ ؟ شۇنچىۋالا پۇل خەجلەپ ، ھېجران ،سېغىنىش ئازابى ،ئايرىلىش ئازابى تارتىپ نېمىلەرنى ئۈگۈنۈپ كېلەر ؟ۋەتەن خەلققە تۆھپە قوشۇشتىن ئېغىز ئاچماي تۇرىلى ، كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ جېنىنى قانداق جان ئېتەر؟

بەلكىم ئاتا-ئانىنىڭ قەدرىگە يېتىش ، ۋەتەننىڭ نېمىلىكىنى بىلىشنى ئۈگىنىپ كېلە دەپ تۇرىۋالارسىز، ئەمما ياشلىق .ئۈگىنىشنىڭ ئەڭ مۇھىم پەيتلىرىنى مۇشۇنداق ئاچچىق ساۋاق ئېلىشقا سەرپ قىلىۋەتسە بەك چوڭ قۇربانلىق بوپ كېتەمدۇ قانداق ؟

چەتئەلدە بۇنچىۋالا جېق ئۇيغۇر بالىلار بارلىقىنى چەتكە چىقىپ كۆرۈپتىمەن .بىر تۇرۇپ خۇش بولغان بولسام بىر تۇرۇپ ئاشۇ بالىلارنىڭ كەلگۈسىدىن قايغۇردۇم.بېيجىدىكى چېغىمدىمۇ مەن چەتئەلدە دەپ ئاتا-ئانىسىنى ئالداپ تۈمەنلەپ پۇل سالدۇرۇپ ،ئۇلارنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن جوڭگۇنىڭ تېلىفونىدا تېلىفون قىلالماي توردىن تېلىفون قىلىپ ياشاپ يۈرگەن ئۇكىلارنى جېق كۆرگەن ئىدىم . بۇ يەردىمۇ چەتكە چىقىپ بولۇپ لاغايلاپ يۈرگەنلەر ، چەتئەلدە لاغ لاغ تىترەپ ،ئەمما ۋەتەندىكىلەر كۆرمىگەندىكىن دەپ چەتئەلنى جەننەتتەك تەسۋىرلەپ ئۆزنى خوش قىپ يۈرگەن ئاكيۇ لارنى ئاجايىپ جېق ئۇچراتتىم،بولۇپمۇ تۈركىيىدە .

ئىنىڭىزنى ئەھۋالىنى ئۇقمايمەن ،بەلكىم دەرسىز ئىنىم ئائىلە تەربىيىسىنى ياخشى ئالغان ،مۇستەقىللىقى يېتىلگەن، ئۆزىنى كونترول قىلالايدىغان ،غەرەز ئۇقىدىغان بالا دەپ .ئەمما شۇنداقتىمۇ يۇقىرىدا مەن دەپ ئۆتكەن نۇقتىلارغا دىققەت نەزىرىڭىزنى سېلىپ، نەچچە ئۆلچەپ بىر كېسىپ ئىش قىلغايسىز ، ھەرگىزمۇ ئالدىراپ چەتكە چىقىرۋېتىش دولقۇنىغا قوشۇلۇپ كەتمىگەيسىز.

ئۇنىڭ ئۈستىگە دىيارىمىزغا سېلىشتۇرغاندا تۈركىيىدە سەنئەت ۋە ئىجتىمائى پەن تۈرىدىكى كەسىپلەر خېلىلا ئىلگىرى تۇرغان بىلەن تەبى پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنچىلىك بەك ياخشى ئەمەس ۋە بۇجەھەتتە ساناقلىقلا بىر قانچە مەكتىپى بولۇپ بۇ مەكتىپىگە ئۆتۈش بەكمۇ تەس . ماستىرلىققا ئۆتەلىگەنلەر ۋە پۈتتۈرگەنلەر بار بولسىمۇ باكلاۋۇرلۇققا ئۆتكەن، ئۆتۈپ پۈتتۈرەلىگەن ئادەم بار دەپ ئاڭلاپ باقمىدىم ئۆزى ئىمتاھان بېرىپ ،ئۆزى ئىلتىماس قىلىپ كىرىپ .

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-2 01:12:40

http://bbs.izdinix.com/showpost.aspx?Page=1&ThreadID=49200#Inkas

تۈركىيە خاندەلىكى ھەققىدە يېڭى ئۇقتۇرۇش



2012 – يىل 13 – ئىيۇل



ھۆرمەتلىك ساۋاقداشلار! تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مېنىستىرلىقى قارمىقىدىكى چەتئەللەردىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈرك مىللەتلىرى ئىدارىسى بۇ يىللىق تۈركىيە خاندەلىكى ھەققىدە يېڭى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى. ئېلاننى ئەينەن تەرجىمە قىلىپ، دىققىتىڭلارغا سۇندۇق، ۋاقىپ بولغايسىلەر!



تۈركىيەنى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تەلىم – تەربىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇش مەقسىتىدە، 2010 – يىلىدىن تارتىپ ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەر نەتىجىسىدە، خاندەلىك سىستېمىسى پۈتۈنلەي يېڭىلاندى. يېڭى خاندەلىك سىستېمىسى پۈتۈنلەي نەتىجىگە تايانماقتا.



ئۆتكەن يىللاردا خاندەلىك ئۈچۈن ئوقۇغۇچى تاللاش ئىمتىھانلاردا ھەرقايسى دۆلەتنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ۋە ئىمتىھان سوئاللىرىنىڭ پەرقلىق بولۇشى تۈپەيلىدىن بىر قاتار سەۋەنلىكلەر مەيدانغا كەلگەنىدى. شۇڭا ئوقۇش نەتىجىسى ۋە ئارزۇ قىلغان كەسىپكە مۇناسىپ كېلىدىغان – كەلمەيدىغانلىقى باھالانماي تۇرۇپ، تۈركىيەگە كېلىپ خاندەلىككە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆپ ئەمگەك سەرپ قىلىندى.



يېڭىدىن يولغا قويۇلغان تۈركىيە خاندەلىك پروگراممىسىدا بولسا، ئىقتىسادىي مەنبەدىن ئەڭ مۇناسىپ شەكىلدە پايدىلىنىش ۋە ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ ھەمدەمدە بولۇش نىشان قىلىنماقتا.



تۈركىيە خاندەلىكىدە ئوقۇغۇچىلارغا 17 خىل پروگراممىغا تىزىملىتىش ئىمكانىيىتى بېرىلدى. ئالدىنقى يىللىرى تۈركىيە خاندەلىكىگە تىزىملىتىدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچى سانى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 7 – 10 مىڭ ئەتراپىدا ئىدى، ئەمما بۇ يىل جەمئى 45 مىڭ ئوقۇغۇچى ئىلتىماس قىلدى.



بولۇپمۇ، تىبابەت ۋە ئېنژىنېرلىق كەسىپلىرىگە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ سانى بەكمۇ كۆپ بولۇپ، تىبابەت كەسپىگە تىزىملاتقانلارنىڭ سانىلا 5500 گە يەتكەچكە، ئامما ئارىسىدا بۇنچە كۆپ ئوقۇغۇچىنىڭ تىبابەت كەسپىدە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىشى تەنقىدكە ئۇچرىماقتا. بۇ يىل 157 دۆلەتتىن تىبابەت كەسپى ئۈچۈن 300 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن، تولۇق ئوتتۇرىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئالدىن ئويلىشىپ، مۇلاقەتكە چاقىرىش زۆزۈرىيىتى تۇغۇلدى.



ھەرخىل تور بەتلەردە مۇلاقەتكە ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار چاقىرىلماي، نەتىجىسى تۆۋەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ چاقىرىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر – ئۇچۇرلارنىڭ مەنبەسى شۇكى، بۇ پەقەت تىبابەت كەسپىنى تاللىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللىنىش پۇرسىتىنىڭ ئاز بولۇشىدىن ئىبارەت. تىبابەت كەسپىگە قوشۇمچە قىلىپ باشقا كەسىپلەرنىمۇ تاللىغان ئوقۇغۇچىلار (نومۇر چېكى سەل تۆۋەنرەك بولغان) مەمۇرىي باشقۇرۇش، خەلقئارا مۇناسىۋەت، سىياسەت بىلىمى، تارىخ، ئىگىلىك باشقۇرۇش، جەمئىيەتشۇناسلىق قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە مۇلاقەتكە چاقىرىلدى. پەقەت تىبابەت كەسپىنىلا تاللىغان ئوقۇغۇچىلار نومۇر چېكىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە رىقابەتنىڭ كەسكىنلىكى سەۋەبىدىن مۇلاقەتكە چاقىرىلمىدى.



تۈركىيە خاندەلىكىگە تاللانغان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە مۇناسىپ كەسىپلەردە ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇش داۋامىدا ھەر تەرەپلىمە يېتىشكەن، ساپالىق زىيالىيلاردىن بولۇشى ئۈچۈن ئەتراپلىق خىزمەت قىلىنىدۇ ۋە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ.   



مەنبە: ئۇيغۇر ئوقۇ تورىwww.uyguroku.com

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-2 01:13:46

تۈركىيەدە ئوقۇش ۋە خاندەلىك ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمىلەر



ھازىر تۈركىيەدە 100دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچى دۆلىتىمىزدىكى ھەرخىل ئۇنىۋېرسىتېتلاردا خاندەلىك ئېلىپ ئوقۇۋاتىدۇ. بۇ يىلغىچە، ئوقۇغۇچىلار TCS دەپ ئاتىلىدىغان ئىمتىھان ئارقىلىق ياكى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەت تەرىپىدىن تاللىنىپ (تۈركىيەدە ئوقۇش ئۈچۈن) ئەۋەتىلىۋاتاتتى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىۋاتقان خاندەلىك پروگراممىسى 2012 – يىل 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى «تۈركىيە خاندەلىكى» نامى بىلەن قايتىدىن تۈزۈپ چىقىلدى. يېڭى سىستېمىدا تۈركىيەدە ئوقۇش ئۈچۈن تىزىملىتىش، تاللاش، سان ۋە كەسىپلەرگە مۇناسىۋەتلىك ماددىلارغىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى. يېڭى سىستېمىغا ئاساسەن، 2012 – يىلىدىن باشلاپ ئوقۇغۇچى تىزىملاش پروگراممىسىنىڭ ماددىلىرى تۆۋەندىكىچە:



1. يېڭى خاندەلىك سىستېمىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى قولايلاشتۇرۇپ، ھەركىمگە تەڭ پۇرسەت يارىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، رەسمىيەتلەرنى ئازايتىپ، مەدەنىيەت سەۋىيەسى ۋە قابىلىيەتلىرىگە يارىشا ئۇنىۋېرسىتېت ۋە فاكۇلتېت تاللاشتا ئوقۇغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.



2. تىزىملىتىش: ئوقۇغۇچىلار ئېنتىرنېت تورى ئارقىلىق ئۆزلىرى (بىۋاسىتە) تىزىملىتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىدىن تەلەپ قىلىنغان ماتېرىياللارنى سكەن قىلىپ، تور بېتىمىزگە يوللايدۇ. خالىغان ئوقۇغۇچىلار ماتېرىياللىرىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ (ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى) باش ئەلچىخانىسى ياكى كونسۇلخانىسىغا پوچتا ياكى قول ئارقىلىق تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. بۇ يىلدىن تارتىپ تەلەپ قىلىنىدىغان ماتېرىياللارنىڭ سانى ئۆتكەن يىللاردىكىدىن ئاز بولىدۇ. تىزىملىتىش ۋاقتىغا مۇناسىۋەتلىق ئۇقتۇرۇش 4 – ئاينىڭ بېشىدا ئايرىم ئېلان قىلىنىدۇ.



3. تاللاش: ئوقۇغۇچىلارنى تاللاش شەكلى ئىككى باسقۇچلۇق بولۇپ، بىرىنچى باسقۇچتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىلىرى كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ (تولۇق ئوتتۇرا دىپلوم نەتىجىسى ياكى خۇلاسە ئىمتىھان نەتىجىسى، ئۇنىۋېرسىتېت ئىمتىھان نەتىجىسى، خەلقئارالىق ئىمتىھان نەتىجىسى (تىل ئىمتىھانلىرى) ياكى (دىپلومىنى تېخى قولىغا ئالمىغانلار) تىزىملىتىش ۋاقتىغىچە ئېلىنغان بارلىق ئىمتىھان نەتىجىلىرى قاتارلىق نەتىجىلەردىن ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ بىرنى كۆرسىتىشى كېرەك). ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ئوقۇماقچى بولغان ئۇنىۋېرسىتېت ۋە فاكۇلتېتنىمۇ تىزىملىتىش ۋاقتىدا ئېنىق بىلدۈرۈشى كېرەك. ئەۋەتىلگەن ماتېرىياللار باھالاپ چىقىلغاندىن كېيىن، تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇشقا مۇناسىپ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلار يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا چاقىرىلىدۇ.



ئىككىنچى باسقۇچ يۈزتۇرانە ئىمتىھان باسقۇچى بولۇپ، ئىمتىھاندا ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش تارىخىنىڭ (تۈركىيەدە ئوقۇش ئۈچۈن) تاللىغان كەسپىگە مۇۋاپىق كېلىپ – كەلمەيدىغانلىقى، دۆلىتى ۋە تۈركىيەگە بولغان چۈشەنچىسى ۋە كەلگۈسى (خىزمەت) پىلانى قاتارلىقلار باھالىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بۇ ئىككى باسقۇچتا ئالغان نومۇرلىرىنىڭ رەت تەرتىپىگە ئاساسەن ئۆزلىرى تاللىغان ئۇنىۋېرسىتېت ۋە فاكۇلتېتلاردىن بىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. يۈزتۇرانە ئىمتىھان ھەر دۆلەتنىڭ ئوقۇ – ئوقۇتۇش كالېندارىغا ئاساسەن 6 -، 7 – ۋە 8 – ئايلارنىڭ ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، تۈركىيەدە ئوقۇشقا تاللانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى 8 – ئايدا ئېلان قىلىنىدۇ.



4. قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئوقۇش نەتىجىلىرى يۇقىرى بولغان، ئۇنىۋېرسىتېت ۋە فاكۇلتېتنى ئۆزىنىڭ بىلىم ۋە قابىلىيىتىگە كۆرە تاللىغان نامزاتلارغا ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا خاندەلىك بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت مۇۋاپىق ساندا زاپاس نامزات بېكىتىلىپ، ئالدىن تاللانغان نامزاتلاردىن كەلمىگەنلەرنىڭ ئورنىغا تىزىملىكتىكى رەت نومۇرى بويىچە قوبۇل قىلىنىدۇ.



5. ئۇنىۋېرسىتېت ۋە فاكۇلتېت پىلانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەمنۇنىيىتىنى ئاشۇرىدىغان يېڭى بەلگىلىمىلەر تۈزۈپ چىقىلدى. ئوقۇغۇچىلار تۈركىيەنىڭ ئالدىن قاتاردىكى ۋەقپە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى تاللىسىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، دەرسنى ئىنگىلىزچە بېرىدىغان فاكۇلتېتلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيتىلدى.



6. تۈركىيەدە ئوقۇش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلاردىن نەتىجىلىرىنىڭ (تولۇق ئوتتۇرا دىپلوم نەتىجىسى ياكى خۇلاسە ئىمتىھان نەتىجىسى، ئۇنىۋېرسىتېت ئىمتىھان نەتىجىسى، خەلقئارالىق ئىمتىھان نەتىجىسى (تىل ئىمتىھانلىرى) ياكى (دىپلومىنى تېخى قولىغا ئالمىغانلار) تىزىملىتىش ۋاقتىغىچە ئېلىنغان بارلىق ئىمتىھان نەتىجىلىرى قاتارلىق) 60 تىن تۆۋەن بولماسلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ.



7. بۇ يىل يولغا قويۇلغان «تۈركىيە خاندەلىكى»نىڭ تىزىملىتىش شەرتلىرى، تەلەپ قىلىنىدىغان ماتېرىياللار ۋە نامزاتلارنىڭ قانداق تاللىنىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي مەلۇمات 4 – ئاينىڭ بېشىدا ئېلان قىلىنىدۇ. يېڭى ئۇقتۇرۇش ۋە تۈركىيەدە ئوقۇش ھەققىدىكى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مېنىستىرلىق قارمىقىدىكى چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈرك مىللەتلەر ئىدارىسىنىڭ تور بېتى: www.ytb.gov.tr نى زىيارەت قىلىپ تۇرىشىڭىزنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز.



مەنبە:كۆكلەم تورى www.koklem.biz

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-2 01:34:50

يۇقىرىدىكى ئىككى ئىنكاسىم تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە تۈركىيە چەتئەلدىكى تۈركى مىللەتلەر بىرلەشمىسى (ئۇدۇل تەرجىمە ) تەرىپىدىن بىۋاستە ئوقۇش مۇكاپاتلىق قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردۇر. ۋە تورلاردا بۇخىل ئۇچۇرلار كۆپ جۈملىدىن ئىزدىنىشتىمۇ بىر ئىككى تال ئۇچۇر بار.


Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-8-2 02:32:48

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،

مۇشۇ توغرىلىق تەپسىلىي بىر تېما يازاي دەپ ھېچ يېزىپ بولالمىدىم...

مېنىڭچە بىرىنچى تۈركۈمدە چاقىرىق كەلگەن بالا شۇ يەردە ئوقىۋەرسۇن. ئەگەر قايىل بولمىسا تېلفۇن نۇمۇرىنى دەپ بېرىڭ مەن تېلفۇن قىلىپ قايىل قىلاي، يېزىپ بولالمىدىم.

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-2 05:06:16

بىلىگ زادى تۈركىيەدە ئوقۇمىسۇن دېمەكچى{:92:}

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2013-8-2 09:59:28

يات ئەللەر بىلەن بولغان بۇنچە چوڭ كىرىم پەرقى ۋە پاسپورت- ۋىزا قىيىنچىلىقلىرى بولمىغان بولسا، چەتكە چىقىپ ئوقۇش ياكى ئىشلەش دېگەنلەر بۇنچىۋالا تالاش- تارتىش قىلغۇدەك مەسىلىمۇ بولۇپ كەتمەس ئىدى بىزدە.

ياشلاردا سىرتقى دۇنياغا ئىنتىلىش، قىزىقىش بولۇشى نورمال، لېكىن نىشان ئايدىڭ بولۇش كېرەك. مۇشۇ تېمىدىكى بالىمۇ پەقەت تۈركىيىگە چىقىشقىلا ئەمەس، نېمىنى ئۆگىنىش، ئۆزىنى قانداق كۈچلەندۈرۈش دېگەنلەرنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىپ، ئاندىن شۇ ئىشقا قىزىقىۋاتقان بولسا مەنچە يامان ئىش دېگىلىمۇ بولمايدۇ.

ئاتا- ئانىلارنىڭ شۇنچىۋالا ئىقتىسادى بېسىم ۋە ھىجران ئازابىغا چىداپ تۇرۇپ بالىلىرىنى چەتكە ئوقۇشقا ئەۋەتىشى پەقەت نام- ئابروي ئۈچۈنلا بولۇشى ناتايىن.

تۈركىيەدىكى ئوقۇش ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە رىتاقىز پايدىلىق ئۇچۇرلاردىن بەھرىلەندۈرۈپ تۇرىۋاتىدۇ.

چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققان بالىنىڭ مەكتىۋى مۇنتىزىم، كەسپى ئېنىق بولسا، ئاتا- ئانىسى 1-2 يىلغىچە ئىقتىسادى جەھەتتە ئۆزلىرى ئانچە قىينىلىپ قالغۇدەك بولمىسا، تۇرمۇشتىن قىينىلىپ قالارمۇ؟ كىرىنى قانداق يۇيار، ناشتىسىنى كىم تەييارلاپ بېرەر دېگەن غەملەرنى قىلماي، ئوقۇشقا ئەۋەتسە بولىدۇ دەپ ئويلايمەن، ياتىدىغان يەر ئىزدەپ قاتىرىسا نېمە بوپتۇ؟ بىرەر ۋاق ئاش- تاماقسىز قالسا نېمە بوپتۇ؟ دەل ئاشۇ قىيىنچىلىق ۋە مۇستەقىللىق ئادەمنى تاۋلايدۇ. بۇ كەچۈرمىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇشىنى ئۇتۇقلۇق تاماملىيالىغان ئادەم ئاتا- ئانىسىنىڭ يېنىدىن ئاجرىماي چوڭ بولغان ئادەمگە ئوخشاش ۋە ياكى ئۇنىڭدىن ياخشى كۈن كۆرسە كۆرىدۇكى، ئارزۇ- نىشانسىز ۋە چۈشكۈن ھالدا كەش بازىرىدا قالمايدۇ.

كۆپىنچە كىشىلەر «چەتئەلدە ئوقۇش پۈتتۈرسىلا ھېساب ئەمەس، جان باقالىسا ھېساب» دەپ ئۆز كۆڭۈللىرىگە قورقۇنچ سالىدىكەن، قارىسام رىتاقىزنىڭ ئىنكاسىدىمۇ شۇنداقراق مەزمۇن بار ئىكەن، (خاتا چۈشىنىۋالغان بولسام ئۆزرە) تۈركىيەگە مەن تېخى بېرىپ باقمىدىم، تۇققانلىرىممۇ يوق، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقۇش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالى ھەققىدە بىلگەنلىرىممۇ پۈتۈنلەي مۇنبىرىمىزگە يېزىلىۋاتقان تېما- ئىنكاسلىرىدىن شەكىللەنگەن. ئەمما ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەر، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە قىتئەسىگە جايلاشقان باردى- يوق ئىككى دۆلەتتىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن مېنىڭ كۆز قارىشىم شۇكى، جېنىڭىز چىڭراق، ئۆزىڭىز ئىدىتلىقراق بولسىڭىزلا دەسلەپكى بىر- ئىككى يىلدىن كېيىن ئاتا- ئانىڭىزنى سىقماي تۇرۇپمۇ ئىقتىسادى كىرىم مەسىلىڭىزنى ھەل قىلىپ، ئوقۇشىڭىزنى پۈتتۈرۈپ كېتەلەيسىز، دۇنياۋى سەۋىيەدىكى مائارىپ تۈزۈلمىسىدە ئۆزىڭىز ئېھتىياجلىق بولغان بىلىمنى ئىگەللەپ چىقالايسىز، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەتمۇ تاپالايسىز. قاتار- قاتار بىنالارغا جايلاشقان ئىشخانىلاردا ئولتۇرغان ئاق تەنلىك، قارا تەنلىك ۋە سېرىق تەنلىكلەرنىڭ بىز ئۇيغۇرلاردىن پەرقلىنىدىغان ھېچنەرى يوق، ئۇلارنىڭمۇ تەڭ يېرىمى دېگۈدەك شۇ دۆلەتتە تۇغۇلۇپ چوڭ بولمىغان، ئېنگىلىز تىلى ئانا تىلى ئەمەس، شۇلار ئۆگەنگەن ھەر قانداق نەرسىنى ئۇيغۇرلارمۇ ئۆگىنەلەيدۇ، قىلغان ئىشىنى قىلالايدۇ، ھەتتا ئاشۇرۇپ قىلالايدۇ. باشقىلارنىڭ شۇنچە خىيالىلىقى، بىزنىڭ كىشىلىرىمىزنىڭ بۇنچە جىددى ۋە نېرۋا بولۇپ يۈرۈشلىرى، ئاندىن ئۇلارنىڭ بىر- بىرىگە قاراپ تېخىمۇ ئەنسىز بولۇپ كېتىشلىرى ھەقىقەتەن كىشىنى بىئارام قىلىدۇ. پەقەت سىز ھەقىقەتەن ئوقۇغان، تەلەپ قىلىنغان دەرس- پروگراممىلارنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىپ بولمىسىمۇ لاياقەتلىك تاماملاپ ماڭغان بولسىڭىزلا شۇ دۆلەتتىكى نورمال سەۋىيەدە ياشاۋاتقان ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشىغا ئېرىشەلەيسىز. خالىسىڭىز (تىرىشسىڭىز) قالالايسىز، خالىسىڭىز كېتىسىز. مەيلى سىز جاھاننىڭ نەرىدە بولۇڭ، قانچىلىك بىلىم ئالغان بولۇڭ، كىشىلىك تۇرمۇشتا پوزىتىسىيە يەنىلا ھەممىدىن مۇھىم دەپ قارايمەن.

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى بايانلاردا مەن كۆزدە تۇتقانلار پەقەت ۋە پەقەت ئوقۇغۇچىلار، مەيلى ياش، مەيلى قېرى بولسۇن، ئوقۇشقا چىقىش يولى ئارقىلىق چەتكە چىققانلار.

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-8-2 10:05:10

5- قەۋەتتىكى Biligنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،

مۇشۇ توغرىلىق تەپسىلىي بىر تېما يازاي دەپ ھېچ يېزىپ بولالمىدىم...

مېنىڭچە بىرىنچى تۈركۈمدە چاقىرىق كەلگەن بالا شۇ يەردە ئوقىۋەرسۇن. ئەگەر قايىل بولمىسا تېلفۇن نۇمۇرىنى دەپ بېرىڭ مەن تېلفۇن قىلىپ قايىل قىلاي، يېزىپ بولالمىدىم.

ئىككىنچى، ئۈچىنچى تۈركۈمدىن چاقىرىق كەلگەن بالىلار تۈركىيەگە كەلسە، تېخىمۇ ئوقۇيالمايدۇ. تۈركىيەنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇشى تېخىمۇ تەس. ماگىستىرلىقتا، دوكتۇرلۇقتا ئوقۇغىلى كەلگەنلەر بەلگىلىك ئاساس تىكلەپ كەلگەچكە، يەنە بەك قىينىلىپ كەتمەيدۇ. لېكىن تولۇق كۇرس ئۈچۈن كەلگەنلەر بولسا، تېخى ئەمدى ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەن، .... يېشى كىچىك، دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن ئوقۇشى تەسرەك بولىدۇ.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-8-2 10:59:12

يەلكەن،

مېنىڭ دېمەكچى بولغېنىم ئۇ ئەمەس.

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2013-8-2 12:05:06

مېنىڭ بالامنىڭمۇ تۈركىيىدە ئوقۇغۇسى باركەن ، ئەممە بىز تېخى قانداق قىلساق مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىشىپ بىر قارارغا كەلمىدۇق .

danko يوللانغان ۋاقتى 2013-8-2 13:56:56

نەۋرە ئاكام ماڭا مەسلىھەت سالغان ۋاقىتتا مەنمۇ تازا بىر قارارغا كەپ بولالماي، ئىزدىنىشقا تېما يوللاپ مەسلىھەت سورايلى دىگەنتىم. كۆڭلۈمدە، بىلىگ، يەلكەن، رىتا ۋە دىلارە قاتارلىق تۈركىيىدە تۇرىۋاتقان ۋە ئوقۇۋاتقان ئىلغار پىكىرلىك دوستلار مەسلىھەت بەرگەن بولسا بەك ياخشى بولاتتى دەپ ئارزۇ قىلغان ئىدىم. دېگەندەك بۇ دوستلار ياخشى مەسلىھەتلەرنى كۆرسىتىپتۇ. سىلەرگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-2 15:40:00

بىلىگكا ، يەلكەنكا ، سىلەرمۇ ئولتۇرۋالماي بىر پىكىر بېرىپ قويۇڭلارچۇ مېنىڭكىنى تولۇقلاپ .چۈنكى مەنلا گەپ قىلغان بىلەن بىر تەرەپلىمە ئۇچۇرلار جېق بوپ كېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى چۈنكى دۇنيادىكى ھېچبىر ئادەمنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسى ئوخشاش بولمايدۇ.

دىلرۇبا، تۈركىيەگە كەلگەن بالىلارنى كەمسىتكۈم يوق ئىدى ،ئەمما باشقا ياۋروپا ،ئامېرىكىغا چىقىش ئۈچۈن ھېچبولمىسا مەلۇم سەۋىيەدىكى تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش كېرەك ،ئاشۇ تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتەلىگەندە ئاندىن ئاشۇ دۆلەتلەرگە چىققىلى بولىدۇ. تىل ئۈگىنىش بىر مۇشەققەتلىك ۋە سىجىللىق تەلەپ قىلىدىغان ،ئىرادە تاۋلايدىغان جەريان . مۇشۇ جەرياننى ئۆتكۈزۈپ ياۋروپا ،ئامېرىكىغا چىقالىغان بالىلاردېمەك خېلىلا مۇنەۋۋەر بالىلار دېگەن گەپ .

ئۇنىڭدىن بۇرۇن تۈركىيەگە قانداق ئادەم كەلگەن ئۇنى ئۇقمايمەن ،ئەمما مەن كەلگەن 2011-يىلىدىن باشلاپ تۈركىيەگە ھەتتاجوڭگۇدا دەرسلىك قىلىپ ئۆتىلىدىغان خەنسوچىنىمۇ تۈزۈك ئۈگەنمىگەن ،كەسپى دەرس نەتىجىلىرى ناچار،ھەتتا ھېچقانداق بىر ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن بالىلار كۆپلەپ كەلمەكتە . ۋە ئادەتتە تۈركىيەگە كېلىش ئۈچۈن ياكى تۈركچە خەلىقارالىق سەۋىيە سىناش ئىمتاھانى ،ياكى ئېنگلىزچە دېگەندەكلەر تەلەپ قىىلىنمايدۇ .ئەلچىخانا تەلەپ قىلغان ئاددى ماتېرياللارنى تەييارلاپ ،يۈز تۇرانە ئىمتاھان دېگەننىمۇ كۆرۈپمۇ باقماي شۇنداق ئاسانلا چەتكە چىقىۋالىدۇ (تۈركىيەگە چىقىۋالىدۇ) . دېمەك تۈركىيەگە چىقىش باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا راۋرۇس ئاسان ،يەنى ۋىزا ئىلتىماسقا سۇنىدىغان ماتېريال ئاز،بانكىغا قويغان كاپالەت پۇلى ئاز ، چەتئەل تىلى تەلەپ قىلمايدۇ .

شۇڭا باشقا دۆلەتكە چىقالمىغانلارنىڭ ،بىڭسى يوقلارنىڭ بىرىنچى بوپ ئىنتىلىدىغان يېرى بوپ قالماقتا. ئاقىۋەتتە يا بىرەر مەكتەپكە كىرەلمەي ،ياكى قىلىدىغان بىرەر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتالماي ئاخىرى ئامال يوق ئۈرۈمچىگە تۈركىيە ماللىرى ،گىرىم ،زىبۇ-زىننەت ..قاتارلىقلارنى كىرگۈش بىلەن تۇرمۇش چىقىمىنى ئاران ئاران قامداپ كېتىۋاتقانلار بەك جېق .

بەلكىم دەرسىلەر ،بۇمۇ ئۇلار ئۈچۈن بىر پۇرسەت ،كەلگۈسىدە كارخانىچى بوپ قېلىشى مۇمكىن دەپ .ئەمما ئوقۇيمەن دەپ كېلىپ ئۇششاق سودىغا ئۆزىنى ئاتقان شۇنچىۋالا جېق بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كەلگۈسى كۈتكىنىمىزدەك ياخشى بوپ كېتەرمۇ؟

ئۆزى ئەڭ ئادەتتىكى خەنسوچىنىمۇ بىلمەي تۇرۇپ ،شىركەتلەردە ھالال ئىشلەۋاتقان ،تەرجىمان بولىۋاتقانلارنى تىللاپ سېسىتىپ ياشايدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسىمۇ مۇشۇنداق بالىلاردىن چىقىۋاتمامدۇ ؟

ئۇلار دېگەن بەك ۋەتەنپەرۋەر،مىللەتپەرۋەر ھازىر.

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 00:07:37

مېنىڭچە،

ئەگەر ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن يۇرتقا قايتىدىغان ئىش بولسا، تۈركىيەدە ئوقۇماي يەنىلا ۋەتەندە ئوقۇسۇن. چۈنكى تۈركىيەدە ئوقۇسا خەڭسوچە ئۇقمايدۇ. مېنىڭ بىر تونۇشۇم بار. تۈركىيەدە ئالىي ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ كېلىپ، ۋەتەنگە تۆھپە قوشىمەن دەپ تۈزۈك خىزمەت تاپالماي، كەچلىك كۇرسلاردا دەرس ئۆتۈپ يۈرىدۇ.

ئەگەر ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، قايتىپ كەلمىسىمۇ مەيلى بولسا، ئوقۇۋەرسۇن! تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى، بوغاز ئىچى ئۇنىۋېرسىتېتى، بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى دېگەندەك مەكتەپلىرىنىڭ خەلقئارالىق ئىناۋىتى يۇقىرى. شۇ مەكتەپلەرنىڭ بىرەرىدە ئوقۇيالىسا، كەلگۈسىدە چوڭ ئادەم بولالىشى مۇمكىن.

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 07:53:18

مەن بۈگۈن ۋاقتىم چىققاندا، سەل تەپسىلى يېزىپ چىقاي.

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 15:40:39

ئۇچقۇن مېنىڭ گېپىمنى خەنسوچە بىلمىسە تۈركىيەدىمۇ ياشىغىلى بولمايدۇ دەپ چۈشىنىۋاپتۇ. \"\"

ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس ئىدىم ،چۈشەندۈرەلمەي قاپتىمەن.

مەنمۇ ۋاقىت چىقىرىپ بىر قايتىلاپ يازاي .

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 15:44:38

بىرھونكام نەق گەپنى قىپتۇ. لېكىن ئىچىدىكى ئاچچىق كىنايە ۋە ھەقىقەت ئىچىمگە ئۆتۈپ كەتتى .

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-8-5 20:08:38

ئىككى يىل بۇرۇن، مىڭدىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن بالىلار ئالدىمدىن ئۆتتى، تىزىملاش جەدۋىلى تولدۇرۇش، سۈرۈشتۈرۈش ئىشىنى ئاتا- ئانىلارنىڭ چۈشىنىپ باققۇسى كەلگىنىغۇ خاتا ئەمەسقۇ، لېكىن مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىشى ئۈچۈن ئىككى مىڭ ئادىمگە سۆزلەش بەكلا ئارتۇقچە، جەدۋەلنى تەكشۈرۈپ، كومپىيۇتېرغا كىرگۈزۈپ.. ئارخىپ قۇرۇپ ۋە يوللاپ يىتىشەلمەيۋاتقاندا، پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى يەرگە قاراپ، ئاتا- ئانىسى بىزدىن سوراپ.. «بالا ئۆزى سورىسۇن، يەنە خەنچە جەدۋەل تولدۇرىدۇ، سىز يازالمايسىز..» دەپ، بالىنىڭ ئۆزىگە ئېغىز ئاچۇرىمەن. ھەتتا ئاسپىرانت پۈتتۈرگەن بالىمۇ ئاتىسىنىڭ كەينىدە سۆزلەشتىن تارتىنىپ تۇرغان.. چوڭلارغا:«بالىلار ئۆز ئۇكىمىز،ئۆزىگە تولوق چۈشەندۈرىمىز، خاتىرجەم بۇلۇڭ..» دەيمىز شۇنداق ئاز بىر قسىم بالىلار بار چوڭلارسىز ئىش قىلالمايدىغان. يەنە بىر قسىم نومىرى تورغا چىقىرىلمغان ئەھۋالنى ئۆزى ئۈرۈمچىگە بېرىپ قاتتىق- يۇمشاق ۋاستە بىلەن ئوڭشاپ كىلەلىگەنلەر بار. بۇ، ئائىلە تەربىيىسىنى مۇكەممەللىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئوخشايدۇ.
بەت: [1]
: تۈركىيەدە ئوقۇشتىن مەسلىھەت سورايمىز