niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-1 15:34:13

ئىلىدا يېڭى مائارىپ قانداق باشلانغان

ئىلىدا يېڭى
مائارىپ قانداق باشلانغان



يالقۇن روزى







ئانا دىيارىمىزغا
نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىلى ۋادىسى ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ھەرىكىتى، يەنى جەدىدچە
مائارىپ ھەرىكىتىدىكى ئاۋانگارت ئورۇنلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. تارىختا ئىلى
ۋادىسىدا ئېچىلغان جەدىدچە مەكتەپلەرنىڭ سانى ۋە سۈپىتىنى باشقا يۇرتلارنىڭكىگە
سېلىشتۇرغاندا ھەقىقەتەن ئۈستۈن دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ، شۇنىڭغا يارىشا 1980-يىللاردىن
ھازىرغىچە ئىلىنىڭ يېڭى مائارىپ ئىشلىرىغا ئالاقىدار ماقالە
-ئەسلىمىلەرمۇ كۆپلەپ يېزىلىپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۈرلۈك
مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، 30 يىلدىن بۇيان يېزىلغان بۇ
ماقالە
-ئەسلىمىلەردە
ئىلىنىڭ يېڭى مائارىپ ھەرىكىتى چىنلىق ۋە ئىلمىيلىك جەھەتتىن قايىل قىلارلىق
دەرىجىدە يورۇتۇپ بېرىلمىدى. ئەلۋەتتە، بۇ ماقالە
-ئەسلىمىلەر ئىلىنىڭ يېڭى مائارىپ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا
ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە، بۇنىڭغا كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. لېكىن 30 يىلچە ۋاقىت
ئىچىدە بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشتە تەتقىقات دەرىجىسىدە يېزىلغان بىرەر ماقالە-ئەسەر
بارلىققا كەلمىدى، بۇ توغرۇلۇق يېزىلىپ ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر بەك بولسا يۈزەكى
بايان شەكلىدىلا بولدى. 30 يىلدىن بېرى يېزىلغان ئاشۇ ماقالە-ئەسلىمىلەردە
كۆرۈلگەن زىددىيەتلىك بايانلار، خاتا تەپسىلاتلار، ئېگىز-پەس يىلنامىلەر توغرۇلۇق
تەنقىدىي مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلگەن بىرەر ماقالىنىڭمۇ مەتبۇئاتتا كۆرۈلمەسلىكى، بۇ
جەھەتتىكى ئىزدىنىشتە ئىلمىي روھنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەر
بىزدە ئىلمىي روھ يېتەرلىك بولغان بولسا، بۇ ماقالە
-ئەسلىمىلەردىكى بايانلارنىڭ قايسىسى تارىخىي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن،
يىلنامىلەرنىڭ قايسىسى ئىشەنچلىك، شەخسلەرگە ئالاقىدار تەپسىلاتلارنىڭ چىنلىق
ئاساسى قانچىلىك؟ دېگەندەك گۇمانىي سوئاللار ئاللىبۇرۇن ئوتتۇرىغا چىققان بولاتتى.
جەرياننى سۈرۈشتۈرۈش، پاكىتنى دەلىللەش ئارقىلىق كۆزقاراشلارنى ئىنكار قىلىش ياكى
مۇئەييەنلەشتۈرۈشتەك ئىلمىي پوزىتسىيەمىز ئاجىز بولغاچقا، گويا 30 يىلدىن بۇيان
يېزىلغان ماقالە
-ئەسلىمىلەرنىڭ
ھەممىسى توغرىدەك، ئىلىدا يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى، شەكىللىنىشى
ھەققىدىكى بايانلار ۋە يىلنامىلەر، بۇ ھەرىكەتتە باشلامچى بولغان تۆھپىكار بايلار
ۋە مائارىپچىلارغا ئالاقىدار تەپسىلاتلارنىڭ ھەممىسى توغرا قەيت قىلىنىپ
كېلىۋاتقاندەك ئەھۋال كۆرۈلدى. ئەمەلىيەتتە، خاتالىق ناھايىتى ئېغىر ئىدى. تېخىمۇ
يامان يېرى، خاتالىق ئىزچىل تەكرارلىنىشتەك بىنورماللىق مەۋجۇت ئىدى. بۇ
خاتالىقلارغا رەددىيە ۋە تۈزىتىش بېرىش تولىمۇ زۆرۈر ئىدى. بولمىسا، بۇ جەھەتتىكى
ئىزدىنىش چوڭقۇرلاشمايتتى، سۈپەت كۆتۈرۈلمەيتتى.


مەن خېلىدىن بېرى
ئىلىنىڭ يېڭى مائارىپ تارىخىغا ئائىت ماقالە
-ئەسلىمىلەردىكى خاتالىقلارنى بايقاپ كەلگەن بولساممۇ، «ئۇيغۇر يېڭى
مائارىپ تارىخى» ناملىق يېزىلىۋاتقان كىتابىمدا تۈزىتىپ ھەم توغرىلاپ كەتسەملا
بولىدىغۇ، دەپ قاراپ مەخسۇس ماقالە يېزىشنى خىيال قىلمىغان ئىدىم. لېكىن،
مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2012
-يىلى نەشر قىلىنىپ
تارقىتىلغان زور ھەجىملىك «جەننەت ماكان − ئىلى» دېگەن كىتابنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ يېڭى
مائارىپ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك بابىدا ئىلمىي خاتالىقلارنىڭ ئوخشاشلا
تەكرارلانغانلىقىنى كۆرۈپ قولۇمغا قەلەم ئېلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھېس قىلدىم.


ئىلىدا جەدىدچە
ئوقۇتۇش تۇنجى قېتىم كىم تەرىپىدىن، قاچان، قانداق باشلانغان دېگەن نېگىزلىك
مەسىلە «جەننەت ماكان − ئىلى» ناملىق بۇ كىتابتا پۈتۈنلەي خاتا يېزىلغانىدى.
ئەلۋەتتە، بۇ خاتالىق باشقىلارنىڭ ماقالە-ئەسلىمىلىرىدە ئىلگىرى بايان قىلىنغان
خاتالىقنى تەكرارلاش شەكلىدە كۆرۈلگەن.


يىغىنچاقلاپ
قارايدىغان بولساق، بۇ نېگىزلىك مەسىلە ئوخشاشمىغان ماقالە-ئەسلىمىلەردە بەش خىل
بايان قىلىنغان.


بىرىنچى خىل
قاراش. بىرىنچى خىل قاراش ئىلى يېڭى مائارىپى، يەنى جەدىدچە مائارىپ تارىخىغا
ئالاقىدار تۇنجى ئەسلىمىدە كۆرۈلگەن. مۇھەممەتخان كامالى ئەپەندى يازغان «ئىلىدىكى
ئوقۇتۇش ئىشلىرى − ئۇسۇلى قەدىم ۋە ئۇسۇلى جەدىد توغرىسىدا» دېگەن بۇ ئەسلىمە 1984-يىلى
بېسىپ تارقىتىلغان «ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى» (1) دا ئېلان قىلىنغان. مۇھەممەتخان
كامالى ئەپەندى بۇ ماقالىدا «ئاتىمىز مەرھۇم ئابدۇلمۇتائالى كامالى (خەلپەم)
ئىلىغا ئۇسۇلى جەدىدنى ئەڭ بۇرۇن ئېلىپ كىرگۈچىلەرنىڭ بىرى» دېگەن. مۇھەممەتخان
كامالى ئەپەندى بۇ ئىشنىڭ جەريانى توغرۇلۇق مۇنداق يازغان: «ئاتام دەسلەپتە موللا
ئېلى ھاجى دېگەن شائىردا، كېيىن شۇ دەۋردىكى مەشھۇر ئىشان ۋە شائىر نىزامىدىن ئاخۇنۇمدا
ئوقۇغان. بۇنىڭدىن سەل كېيىن ياركەنتكە ئابدۇراخمان داموللام دېگەن تاتار ئالىم
كېلىدۇ. بۇ كىشىمۇ مەكتەپ ئېچىپ بالا ئوقۇتىدۇ. بۇ كىشىنىڭ شۆھرىتىنى ئاڭلاپ
كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار بېرىپ دەرس ئوقۇيدۇ. ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئاتىمىزمۇ بېرىپ
دىنىي دەرس ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلىدۇ. ئابدۇراخمان داموللام دىنىي دەرس
ئوقۇۋاتقانلار كۆپ، سەن ئۇسۇلى جەدىدچە ئوقۇغىن. بۇنى ئوبدان ئۆزلەشتۈرگەندىن
كېيىن خەلققە ئىلىم
-مائارىپ ئۆگەتسەڭ
شۇنچە ياخشى دېگەن سۆزنى قىلىدۇ. ئاتىمىز داموللامنىڭ سۆزىنى ماقۇل كۆرۈپ جەدىدچە
ئوقۇيدۇ. بىرقانچە يىلدىن كېيىن ئوقۇشنى تۈگىتىپ غۇلجىغا قايتىپ كېلىدۇ. 1895
-يىلى ئەلاباي مەسچىتىگە چۈشۈپ، بالا يىغىپ 40
چە ئوقۇغۇچىنى ئوقۇتىدۇ. شۇ يازدا غۇلجا شەھىرىنىڭ يۇرت چوڭلىرىنى چاقىرىپ
بۇلارنىڭ ئالدىدا ئىمتىھان ئالىدۇ.»


ئىككىنچى خىل
قاراش. ئىككىنچى خىل قاراش يۇقىرىقى ئەسلىمىدىن كېيىن، يەنى 1985-يىلى «ئىلى
دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 4-سانىدىكى ئىمىن ئىبراھىم بىلەن ئەيساجان مۇسا يازغان «ئىلى
يېقىنقى زامان پەننىي مائارىپى توغرىسىدا قىسقىچە بايان» دېگەن ماقالىدا كۆرۈلگەن.
بۇ ئىككەيلەن مەزكۇر ماقالىسىدا مۇنداق يازغان: «مۇسابايېفنىڭ ئىككىنچى ئوغلى
باھاۋۇدۇن باي 1870-يىلى ياركەنتكە چىقىپ، تاتارلار ئاچقان پەننىي مەكتەپتە ئوقۇپ
كەلگەندىن كېيىن، ئىلىدىكى نوپۇزلۇق ئۆلىمالاردىن بولغان ناسىر ئەلەم ئاخۇنۇمنىڭ
قوللىشى ئارقىسىدا بەيتۇللا چوڭ مەسچىتى يېنىدىكى دىنىي مەكتەپلەردە ھېساب، ئانا
تىل، ئەدەبىيات، تارىخ، جۇغراپىيە، تەنتەربىيە، رەسىم، شېئىر قاتارلىق پەننىي
دەرسلەرنىڭ قوشۇمچە ئۆتۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. مۇسابايېف تىجارەتخانىسى ۋە باشقا
مۈلۈكلىرىنىڭ زاكات پۇلى ھېسابىغا 1875-يىلى بەيتۇللا مەسچىت دەرۋازىسىنىڭ ئوڭ
تەرىپىگە زالى بىلەن تۆت سىنىپلىق مەكتەپ سالدۇرۇپ، ئۇنىڭ پارتىلىرىنىمۇ ياۋروپاچە
ياسىتىپ، مەخسۇس پەننىي دەرس ئۆتىدىغان مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. باھاۋۇدۇن باي
بۇ مەكتەپنىڭ مۇئەللىملىرىنىمۇ ئۆزى تاللاپ، مەكتەپ خىراجىتى ۋە مۇئەللىملەرنىڭ
ئىش ھەققىنى ئۆزى تەمىنلىدى. مانا بۇ ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم
بولغان تۇنجى پەننىي مەكتىپى.» روشەنكى، ئاپتورلار تىلغا ئالغان «پەننىي مەكتەپ»
ئادەت بويىچە جەدىدچە مەكتەپنى كۆرسىتىدۇ.


ئۈچىنچى خىل
قاراش. ئۈچىنچى خىل قاراش يۇقىرىقى ئىككى پارچە ماقالە ئېلان قىلىنىپ ئۈچ-تۆت
يىللار ئۆتكەندە، يەنى 1988-يىلى نەسرىدىن
ناسىرى ئەپەندى يازغان ماقالىدە كۆرۈلگەن. شۇ يىلى «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى»
(25) دا ئۇنىڭ «ئىلىنىڭ كونا مائارىپ ئىشلىرى ھەققىدە ئەسلىمە» دېگەن ماقالىسى
ئېلان قىلىنغان. گەرچە ئاپتور ماۋزۇدا «كونا مائارىپ ئىشلىرى» دېگەن بولسىمۇ،
ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي جەدىدچە، يەنى يېڭى مائارىپ ئىشلىرى توغرىسىدا توختالغان.
ئاپتور ماقالىسىدا قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئېلىدا جەدىدچە
مەكتەپنىڭ قاچان، قانداق باشلانغانلىقىنى ئېنىق تىلغا ئالمىغان. پەقەت «غۇلجا
شەھىرىدە دەسلەپتە، 1909-يىلى مۇسابايېفلار قۇرغان ئىلى تېرە زاۋۇتىنىڭ يېنىدا
زاۋۇت ئىشچىلىرىنى تەربىيەلەيدىغان بىر مەكتەپ ئېچىلىپ، ئوقۇتقۇچىلىرى سىرتتىن
تەكلىپ قىلىندى. بۇ مەكتەپنىڭ شۇ چاغدىكى تەسىرى خېلى زور بولۇپ، بۇنىڭ تەسىرى
بىلەن يەرلىك باي، ئەمەلدارلاردىمۇ قىسمەن ئويغىنىش بولدى. نەتىجىدە مەرىپەتپەرۋەر
بەزى كىشىلەر، ئويغانغان سودا-سانائەتچىلەر ئۆز بالىلىرىنى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ
بالىلىرى ئىچىدىكى بىلىم تەشنالىقى كۈچلۈك بولغانلىرىنى تاللاپ، تۈركىيە،
ئىستانبول، مىسىر، سوۋېت ئىتتىپاقى، گېرمانىيە قاتارلىق جايلارغا ئەۋەتىپ، ئوقۇپ
كېلىشكە باشلىدى. مەسىلەن، شۇ چاغدا چەت ئەلگە چىقىپ بىلىم ئىگىلەپ كەلگەنلەردىن
مەسۇم ئەپەندى، ئابدۇراخمان ئەپەندى، جىرجىس ھاجى، ئابدۇللا ئەپەندى، سابىت
مۇسابايېف، مىجىت مۇسابايېف، جاۋدەت مۇسابايېف، ئابلەھەت مۇسابايېف قاتارلىقلار
بار ئىدى» دېگەن بايانلارنى يېزىپ، جەدىدچە ئوقۇش ئىشلىرىنىڭ غۇلجىدا قاچاندىن
باشلاپ كۈچەيگەنلىكىنى كۆرسەتكەن. شۇڭا بۇنىمۇ بىر خىل قاراش دېيىشكە بولىدۇ.


تۆتىنچى خىل
قاراش. تۆتىنچى خىل قاراش كوللېكتىپ تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «ئۈمىد يۇلتۇزى» ناملىق
كىتابتا كۆرۈلگەن. غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا
بېغىشلاپ تۈزۈلگەن بۇ كىتاب 2001-يىلى بېسىپ تارقىتىلغان. بۇ كىتابتا مۇنداق
يېزىلغان: «1875-يىلى ئەتراپىدا ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەرنىڭ تەشەببۇس قىلىشى ۋە
قوللىشى، مەرىپەتپەرۋەر سودىگەرلەرنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن بەيتۇللا مەسچىت يېنىدا
تۆت سىنىپلىق مەكتەپ سېلىندى ھەمدە بۇ سىنىپلار يېڭىچە پارتا، دوسكىلار بىلەن
جاھازىلاندى. ئوقۇغۇچىلار ياش قورامى ۋە بىلىم سەۋىيەسى بويىچە سىنىپلارغا
ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، دىنىي دەرسلەر بىلەن بىللە تىل، ھېساب، تارىخ، جۇغراپىيە
دەرسلىرى ئۆتۈلۈشكە باشلىدى. بۇ مەكتەپ غۇلجىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئۆلىما ناسىر
ئەلەمنىڭ قوللىشى، ۋېلىباي، باھاۋۇدۇن باي، شېرىپىدىن باي قاتارلىق مەرىپەتپەرۋەر
بايلارنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن قۇرۇلدى. مەكتەپنىڭ دەسلەپكى مۇدىرى قازاندا
ئوقۇپ كەلگەن زاھىد ئەپەندى ئىدى. زاھىد ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن مەكتەپكە
‹ئىلى مەكتىپى› دەپ ئىسىم قويۇلدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ مەكتەپ 1881-يىلىدىن
1883-يىلىغىچە بولغان ‹كۆچ-كۆچ› مەزگىلىدە ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئازلاپ، بىر مەزگىل
يېپىلىپ قالغان بولسىمۇ، 1889-يىلىغا كەلگەندە مۇسابايېفلارنىڭ قوللىشى بىلەن يەنە
ئەسلىگە كەلگەن ۋە ئىسمىنى ‹ھۈسەينىيە مەكتىپى› گە ئۆزگەرتكەن.»


بەشىنچى خىل
قاراش. بەشىنچى خىل قاراش يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن تۆت خىل قاراشتىن پەرقلىق ھالدا،
يەنە يېڭىچە تەپسىلات بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان. بۇ قاراش ئىمىن ئىبراھىم بىلەن
ئەدھەم ئابدۇمىجىت يازغان «تۇنجى مەرىپەت بۆشۈكى ‐ ‹ئىلى مەكتەپ› توغرىسىدا» دېگەن
ماقالىدا كۆرۈلىدۇ. بۇ ماقالە «ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى» (11) نىڭ 2003-يىلى
بېسىپ تارقىتىلغان سانىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ ئىككى ئاپتور مۇنداق يازغان:
«ئىلىنىڭ مائارىپ تارىخىنى ۋاراقلاپ كۆرگىنىمىزدە، ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن چەتكە چىقىپ
ئوقۇپ كەلگەن، بىلىمىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ خىزمەت قىلغان كىشىلەرنىڭ بىرىنچىسى
قورغاس مازارلىق زاھىد ئەپەندىم بولسا كېرەك. ئۇ كىشى 1810-يىلى قورغاس كىچىك
مازاردىن غۇلجىغا كېلىپ، بۇ يەردىن قازان شەھىرىگە بېرىپ، ئون نەچچە يىل ئوقۇپ،
بىلىم ۋە تەجرىبىگە ئىگە بولۇپ قايتىپ كېلىدۇ. ئىلى خەلقى ئۇ كىشىنى قىزغىن قارشى
ئالىدۇ. ئىلى خەلقى: ‹ئالغان بىلىمىڭىزنى بالىلىرىمىزغا بېرىڭ، بۇ يەردىكىلەرمۇ
ئاق - قارىنى تونۇسۇن› دەپ ئۇ كىشىنى مۇئەللىم بولۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ. نەتىجىدە
زاھىد ئەپەندى مەدرىس يېنىدىكى يېڭى تەسىس قىلىنغان مەكتەپكە ئورۇنلىشىپ مۇئەللىم
بولىدۇ. بۇ ئىلى رايونىدا قۇرۇلغان تۇنجى مەكتەپ بولغاچقا، كۆپچىلىك بىلەن
پىكىرلىشىپ بۇ مەكتەپكە ‹ئىلى مەكتەپ› دەپ نام قويىدۇ. 1827-يىلى ئىككىنچى قەدەمدە
زاھىد ئەپەندى بىر چوڭ ئۆيدە ئوقۇۋاتقان بالىلارنى ئۈچ سىنىپقا ئايرىپ، بىرىگە
يۈسۈپ خەلپەتنى، يەنە بىرىگە ئابدۇقادىر خەلپەتنى مەسئۇل قىلىدۇ. يەنە بىر سىنىپقا
ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ.»


ئىلىدا يېڭى
مائارىپنىڭ قاچان، قانداق ۋە كىملەر تەرىپىدىن باشلانغانلىقىغا ئائىت يۇقىرىقى بەش
خىل قاراشتىن باشقا مەن كۆرمىگەن ياكى ئاڭلىمىغان ئالتىنچى، يەتتىنچى خىل قاراشلار
بارمۇ؟ خەۋىرىم يوق. مېنىڭ ئۇچراتقىنىم يۇقىرىقى بەش خىل قاراش. بۇ بەش خىل قاراش
1984-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە بولغان 20 يىل جەريانىدا بىر-بىرلەپ ئوتتۇرىغا چىققان.
بۇ ماقالە-ئەسلىمىلەردىكى يىلنامىغا قارايدىغان بولساق ئىلىدا يېڭىچە مەكتەپنىڭ
ئېچىلغان ۋاقتىنى بالدۇر دېگىنى 1820-يىللار دېگەن بولسا، كېيىن دېگىنى 1910-يىللاردا
دېگەن. دېمەك پەرق بەك زور. باشلامچىلارمۇ ھەرخىل. نېمە ئۈچۈنكىن «جەننەت ماكان − ئىلى»
دېگەن كىتابتا باشقا قاراشلار تىلغا ئېلىنماي ئىمىن ئىبراھىم بىلەن ئەدھەم ئابدۇمىجىت
ئوتتۇرىغا چىقارغان «بەشىنچى خىل قاراش» تەكرارلانغان. تەكرارلىغۇچىلار بۇ خىل
قاراش ئىلگىرىكى قاراشلار تۈزىتىلىپ، تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ ئەڭ ئاخىرىدا
ئوتتۇرىغا چىققان، دەپ قارىغانمۇ ياكى ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ باشلانغان ۋاقتىنى
1820-يىللارغا تاقاپ بايان قىلغانلىقىنى خوپ كۆرگەنمۇ، بۇ تەرىپى ماڭا قاراڭغۇ.
ئەمما ماڭا ئايدىڭ تەرىپى شۇكى، يۇقىرىقى بەش خىل قاراشنىڭ ھەممىسى ماددىي
پاكىتسىز ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دېمەك، ھۆججەت، دەلىل يوق. ئىلمىيلىك جەھەتتىن
ئېيتقاندا مۇھەممەتخان كامالى ئوتتۇرىغا قويغان بىرىنچى خىل قاراشنىڭ مەلۇم
دەرىجىدە ئاساسى بار. باشقا بارلىق قاراشلارنىڭ ئىلمىي ئاساسى ۋە تارىخىي ئاساسى
پەقەتلا يوق.


ئۇنداقتا يۇقىرىدا
كۆرسىتىلگەن بەش خىل قاراش قايسى جەھەتلەردىن پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ؟


بىرىنچى، «ياركەنت
شەھىرىدە ئوقۇپ كەلگەندىن كېيىن» دېگەن مەسىلە. بۇ قاراش بىرىنچى خىل قاراش بىلەن
ئىككىنچى خىل قاراشتا ئىپادىسىنى تاپقان. يەنى، بىرىدە ئابدۇمۇتائالى خەلپىتىم
1895-يىلى ياركەنت شەھىرىدە ئۇسۇلى جەدىدنى ئۆگىنىپ كەلگەن دېگەن بولسا، بىرىدە
مۇساباينىڭ ئىككىنچى ئوغلى باھاۋۇدۇن باي 1870-يىلى ياركەنت شەھىرىدە ئوقۇپ
كەلگەندىن كېيىن جەدىدچە ئوقۇتۇشنى يولغا قويغان دەپ بايان قىلىنغان. ھەقىقەتەن
ياركەنت شەھىرى شۇ يىللاردا جەدىدچە ئوقۇتۇش يولغا قويۇلغان شەھەرمىدى؟ دېگەننى
ئېنىقلاشقا توغرا كەلسە، بۇنىڭغا قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئالىم مۇرات ھەمرايېف بىلەن
ئۇيغۇر جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم باشلامچىلىرىدىن بىرى نەزەرغوجا
ئابدۇسەمەتنىڭ بايانلىرىدىن جاۋاب ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. قازاقىستانلىق ئۇيغۇر
ئالىم مۇرات ھەمرايېفنىڭ يېزىشىچە، «1895 - يىلى ئانتروپولوگ پايسېل ياركەنت
شەھىرىدىكى 300 ئۇيغۇرنى تەكشۈرۈپ چىققان ۋە ئىچىدە بىرمۇ ساۋاتلىق ئادەمنى
ئۇچراتمىغان
.» مۇرات
ھەمرايېفنىڭ تىلغا ئالغان يىلنامىسى ئابدۇمۇتائالى خەلپىتىم ياركەنتتە جەدىدچە
ئوقۇتۇشنى ئۆگىنىپ كەلگەن دېگەن ئەسلىمىدىكى يىلنامە بىلەن ئوپمۇئوخشاش. يەتتە سۇ
ئۇيغۇرلىرىدىن بولغان نەزەر غوجا ئابدۇسەمەت 1911-يىلى «شۇرا» ژۇرنىلىدا ئېلان
قىلغان «تارانچىلاردا مۇئەلىم ۋە مەكتەپ مەسىلىلىرى قانداق» دېگەن ماقالىسىدا
«تارانچى تۈركلىرىدە مەدەنىيەت نۇرى بولغان چوڭراق كىتابخانا، قىرائەتخانا،
خەيرىيە جەمئىيىتى دېگەندەكلەردىن ھېچ قايسىسى يوق. ئۇلارنىڭ نامىمۇ يوق. شۇنداقلا
مۇنتىزىم مەكتەپ، مەدرىسەگە كەلسەك، بۇرۇندىن قالغان مەكتەپ، مەدرىسەلەر بار دەپ
ئاتالغان يۇرتلار بەك جىق بولۇپ، بۇلاردىن ھەقىقەتتە بىرسىمۇ رەتلىك مۇنتىزىم
ئەمەس


دېمەك، يۇقىرىقى
ئىككى نەقىلدىكى ئۇچۇردىن ئۇ يىللاردا ياركەنت شەھىرىنىڭ مائارىپ ئەھۋالىدىن
ئېيتقاندا، بىراۋلارنى جەدىدچە ئۇسۇلدا تەربىيەلەيدىغان ئىمكانىيەتنىڭ
ھازىرلانمىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ياركەنتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «تارانچى
تۈركلىرى» يۇرتلىرىدا كونىچە مەكتەپ ۋە مەدرىسەلەر بار بولسىمۇ، ئەمما رەتلىك،
مۇنتىزىم جەدىدچە مەكتەپلەرنىڭ ئۇ يىللاردا مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.


ئىككىنچى، قەدىمچە
مەكتەپلەر بىلەن جەدىدچە مەكتەپلەرنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش مەسىلىسى. مەكتەپ دېگەن
ئۇقۇمدىن قەدىمچە ياكى جەدىدچە دېگەن ئېنىق ئۇقۇمغا ئېرىشكىلى بولمايدۇ.
قەدىمچىسىمۇ مەكتەپ، جەدىدچىسىمۇ مەكتەپ. بىز يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن
ماقالىلارنىڭ بەزىلىرىدە بۇ ئۇقۇم ئېنىقسىز بايان قىلىنغان. پەننىي دەرس ئۆتۈلسىلا
جەدىدچە مەكتەپ ھېسابلانمايدۇ. خۇددى نەزەر غوجا ئابدۇسەمەت يازغاندەك ئىلى
ۋادىسىدا قەدىمچە مەكتەپ-مەدرىسەلەردە پەننىي دەرسلەر قىسمەن بولسىمۇ مەۋجۇت ئىدى.
19-ئەسىردە ئانا دىيارىمىزدىكى قەدىمچە مەكتەپلەردە قانداق دەرسلەرنىڭ
ئۆتۈلۈدىغانلىقىنى ئەنگلىيەلىك س. د. فورسىيسنىڭ كىتابىدىكى ئۇچۇردىن ئېنىق
كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، دەپ قارايمەن. ئۇ 1873-يىلى ھىندىستاندىن ئانا دىيارىمىزغا
تەكشۈرۈشكە كېلىپ، قەشقەر تەۋەسىدىكى يۇرتلارنى تەكشۈرگەندە مۇنداق يازغان:
«سەككىز ياشتىن ئون ياشقىچە بولغان بالىلار مەكتەپكە بېرىلىدۇ. ئوغۇل، قىزلار
مەكتەپتە ئارقىمۇ-ئارقا تىزىلغان ئۈستەلدە يانداش ئولتۇرىدۇ. ئوغۇللار ئومۇمەن
ئىشىك تەرەپتە ئولتۇرىدۇ، قىزلار يەنە بىر تەرەپتە ئولتۇرىدۇ. ئوتتۇرىسى بوش
قالىدۇ. ئەڭ بېشىدا ئوقۇتقۇچى ئولتۇرىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن كىتابتىن
دۇئا-تىلاۋەت ئۆگىتىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ۋاراڭشىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا دەرسلىرىنى
ئوقۇيدۇ. ھەرقايسى شەھەرلەردە نۇرغۇن مەكتەپلەر بار. بۇ مەكتەپلەردە بازار
ئەتراپىدىكى بالىلار كېلىپ ئوقۇيدۇ. ئادەتتە ئېگىز ئۆيلەرنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدىكى
ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان، كوچىغا يېقىن بولغان ئۆيلەرنى مەكتەپ قىلىدۇ. قىزلار ئون
ياشتىن ئاشقاندا مەكتەپتە ئوقۇمايدۇ، بىراق ئوغۇللارنىڭ ياش چەكلىمىسى يوق.
ئۇلارغا ئوقۇش ۋە يېزىش ئۆگىتىلىدۇ ھەمدە شەيخ سەئىدىنىڭ ‹گۈلىستان› كىتابى
دەرسلىك قىلىنىدۇ. ‹ئىسكەندەرنامە› ئازراق ئوقۇتۇلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر ئايلىق
ئوقۇش ھەققى ئۈچۈن يېرىم تەڭگىدىن بىر تەڭگىگىچە ھەق بېرىلىدۇ. مائارىپ مەجبۇرىي
ئەمەس، بىراق شارائىتى يار بەرگەن ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىدۇ.
ئالىي مەلۇماتلىق بولۇش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن مەدرىسەگە ئۆرلەيدۇ. ئۇلار بۇ
يەردە ئىلاھىيەت، شەرىئەت، تېبابەت، شېئىرىيەت ۋە تارىخ ھەم بۇنىڭغا قوشۇپ
يېزىقچىلىق بىلەن ھېساب دەرسلىرىدىن ئىلىم تەھسىل قىلىدۇ. فىزىكا پەنلىرى يوق
دېيەرلىك بولۇپ ئىلىم ئۆلچەمگە توشمايتتى. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئوقۇيدىغىنى
ئىلاھىيەت ۋە مېتافىزىكا بولۇپ ئەمەلىي قوللىنىشچان ئىلىملەرگە سەل قارايدۇ.
ھەربىر شەھەردە نۇرغۇن مەدرىسە بار ئىكەن»، «ئەمىر (ياقۇپ بەگنى دېمەكچى) نىڭ
پەرمانى بىلەن يوقىلىپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان نۇرغۇن مەكتەپ، مەدرىسە
قايتىدىن كېڭەيتىپ قۇرۇلۇپتۇ. نۇرغۇنلىرى كارىدورلۇق سېلىنىپ ئەسلىدىكى 20
ئوقۇغۇچىدىن 80 ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ ئوقۇغۇچى ئوقۇيالايدىغان ھالەتكە كەپتۇ.
»


مانا بۇ بىزگە 19-ئەسىردىكى
قەدىمچە مەكتەپ-مەدرىسەلەرنىڭ ئەھۋالىدىن يەتكۈزۈلگەن خېلىلا ئوبيېكتىپ مەلۇمات.
ئومۇمەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلىرىدىكى شەھەرلەرنىڭ مەكتەپ، مەدرىسەلىرىنىڭ ئوقۇتۇش
مەزمۇنى ئاساسەن مۇشۇنداق ئىدى، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئومۇمەن، بۇ خىل مەكتەپ-مەدرىسەلەرنىڭ
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە دەرسلىك مەزمۇنى كونىچە ئىدى.


«جەننەت ماكان − ئىلى» دېگەن كىتابتا، ئىمىن ئىبراھىم بىلەن ئەدھەم
ئابدۇمىجىتنىڭ «تۇنجى مەرىپەت بۆشۈكى ‹ئىلى مەكتەپ› توغرىسىدا» دېگەن ماقالىسىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق يازغان:
«1840-يىللىرى غۇلجا شەھىرىدىن راشىدىن، مەنسۇر دېگەن كىشىلەر يەتتە سۇغا چىقىپ
زامانىۋى ئىلغار مەكتەپلەردە ئوقۇپ كەلگەندىن كېيىنلا، بۇ مەكتەپتە ھېساب، ئانا
تىل، ئەدەبىيات دەرسلىرى قوشۇمچە ئوقۇتۇلىدۇ. 1866-يىللىرىغا كەلگەندە غۇلجىدىن
شارائىتى يار بەرگەن نۇرغۇن كىشىلەر ياركەنت، شەمەي، بۇخارا، تاشكەنت، قازان
قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يېڭى پەن-مائارىپ، ھۈنەر-سانائەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ
كېلىپ ‹ئىلىدا پەننىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرساق، ئادەملىرىمىزنىڭ بىلىم
سەۋىيەسى ئاشىدۇ، مەدەنىيىتى يۈكسىلىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلىدۇ، خەلق
تۇرمۇشى ياخشىلىنىدۇ› دېگەنلەرنى تەشۋىق قىلىدۇ.»


بۇ نەقىلدىكى
«يېڭى پەن-مائارىپ»، «ئىلىدا پەننىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرساق» دېگەن سۆز-جۈملىلەردىن
گەپنىڭ جەدىدچە مائارىپ ئۈستىدە كېتىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى
بىزدە جەدىدچە مەكتەپ دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئورنىغا پەننىي مەكتەپ دەپ ئىشلىتىش
ئومۇملاشقان. شۇڭا ئاخىرىدىكى شەكلى ۋە مەزمۇنى زامانىمىزدىكى گېزىتلەردە كۆپ
ئۇچرايدىغان تەشۋىقات خاراكتېرلىك جۈملىلەرگە ئوخشايدىغان بۇ نەقىلنى ئوقۇغان
ئادەم قەدىمچە مائارىپ بىلەن جەدىدچە مائارىپ ئىشلىرىدىن ئاز-تولا خەۋىرى بولسىلا،
«بۇ قىلچە ئاساسى يوق بىمەنە مەلۇمات ئىكەن» دېمەي تۇرالمايدۇ. تۇنجى قېتىم، يەنى
1985-يىلى «ئىلى يېقىنقى زامان پەننىي مائارىپى توغرىسىدا قىسقىچە بايان» دېگەن ماقالىدا
كۆرۈلگەن بۇ بىمەنە مەلۇماتنى 2012-يىلى نەشر قىلىنغان كىتابلاردىمۇ ئۆز پېتى
ئىستېمال قىلىش، بىزنىڭ ئىلمىي ئاشقازىنىمىزنىڭ «ھەزىم» قىلىش قۇۋۋىتىنى كۆرسەتسە
كېرەك. بىزدە ئىدراكىي گۇمان ۋە ئىلمىي ئانالىز ئادىتى دېگەندەك شەكىللەنمىگەچكە
يۇقىرىقىدەك بىمەنە بايانلارغا تۆۋەندىكىدەك سوئاللار تۇغۇلۇپ باقمىدى: 1840-يىللىرى
يەتتە سۇدا ئىلغار مەكتەپلەر نېمە ئىش قىلسۇن؟ 1866-يىللىرى ياركەنت، شەمەي،
بۇخارا، تاشكەنت قاتارلىق جايلاردا يېڭى پەن-مائارىپ، ھۈنەر-سانائەت بىلىملىرى
نېمە ئىش قىلسۇن؟ مەكتەپ، مەدرىسەلەرنىڭ سەۋىيەسى قەشقەر تەۋەسىدىكى مەكتەپ،
مەدرىسەلەرنىڭ سەۋىيەسىدىن تۆۋەن تۇرىدىغان ئىلى ۋادىسىدا پەننىي مائارىپنى
تەرەققىي قىلدۇرۇش تەشەببۇسىنى كىم ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن؟ 1866-يىلى ياركەنت
دېگەن شەھەر يەتتە سۇ تەۋەسىدە مەۋجۇتمىدى؟


يۇقىرىقى
بايانلارنى يازغان ئاپتورلار بىلەن بۇ بايانلارنى تەكرار ئىشلەتكەن نەقىلچىلەر بۇ
گۇمانىي نۇقتىلارنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان. جەدىدچە مەكتەپ دېگەن ئاتالغۇنىڭ
ئورنىغا پەننىي مەكتەپ دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتكەن ئاپتورلار بۇ يىللاردا ئوتتۇرا
ئاسىيادا بىرەرمۇ «پەننىي مەكتەپ» نىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىدىن خەۋەرسىز بولسا كېرەك.
دېمەك، بۇ خاتالىقلار قەدىمچە مەكتەپ بىلەن جەدىدچە مەكتەپنىڭ تارىخىي ئەھۋالىنى
ۋە پەرقىنى بىلمەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەقەللىيسى، ياركەنت شەھىرىنىڭ 1881-يىلى
ئىلىدىن ۋېلىباي يولداشوف باشچىلىقىدا كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، گۇبېرناتور
كالپاكوۋىسكىينىڭ بۇيرۇقى، ئىنژېنىر ئابراموفنىڭ لايىھەلىشى بىلەن قۇرۇلۇشقا
باشلىغانلىقىنى، 1880-يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە كىچىك بىر شەھەر ھالىتىگە
كەلگەنلىكىنى بىلىشى لازىم ئىدى. 1881-يىلىدىن ئىلگىرى يوق شەھەرنى شىپى كەلتۈرۈش
ماقالە-ئەسلىمىلەرنى يېزىش توقۇلما ۋە تەسەۋۋۇرغا تايىنىپ يېزىشتىن باشقا نەرسە
ئەمەس. تارىخچىلىقنىڭ مېتودىدىن ئايانكى، تارىخچىلىق توقۇلما ۋە تەسەۋۋۇرغا ئىمكان
بەرمەيدۇ. چۈنكى بۇ ئامىللار تارىخچىلىقنىڭ چىنلىق ئاساسىنى تەۋرىتىۋېتىدۇ. مۇشۇ
نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئىككىنچى خىل قاراش بىلەن تۆتىنچى خىل قاراشمۇ ئىناۋەتسىز!


ئۈچىنچى،
باھاۋۇدۇن باينى 1870-يىللىرى دىنىي مەكتەپلەردە دۇنياۋى ئىلىملەرنىڭ ئۆتۈلۈشىگە
تۈرتكە بولغان دېگەن مەسىلە. بۇ ئىككىنچى خىل قاراش بىلەن تۆتىنچى خىل قاراشتا
قەيت قىلىنغان. مەن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى يازغان «نەزەرىيە ئەمالىقى ۋە ئىدىيە
قاتماللىقىدىن قاچان قۇتۇلىمىز» دېگەن ماقالەمدە تىلغا ئالغاندەك، 1870-يىللاردا
باھاۋۇدۇن مۇسابايېف تۇغۇلمىغان ياكى تۇغۇلغان بولسىمۇ ئېغى يوق ئىشتان كىيىپ
يۈرگەن گۆدەك چاغلىرى ئىدى. ئۇ يىللاردا باھاۋۇدۇن باي ياركەنتتىكى تاتار مەكتەپتە
ئوقۇپ كەلگەنىدى، دېگەن گەپلەرمۇ قىپقىزىل ئويدۇرما گەپلەردۇر. ماتېرىياللاردا
باھاۋۇدۇن باي 1851-يىلى تۇغۇلغان دېگەن بايانلار ئۇزاقتىن بۇيان يېزىلىپ كەلگەن بولسىمۇ،
ئىشەنچىسىزدۇر. مېنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قارايدىغانلىقىمنى بىلمەكچى بولغانلارنى
«نەزەرىيە ئەمالىقى ۋە ئىدىيە قاتماللىقىدىن قاچان قۇتۇلىمىز» دېگەن ماقالەمدە
ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسلارنى ئوقۇپ بېقىشقا تەۋسىيە قىلىمەن. بىزنىڭ ئەسلىمە ۋە
تارىخقا ئائىت ماقالىلارنى يازىدىغان كۆپلىگەن ئاپتورلىرىمىز باشقىلار دېگەن ياكى
يازغان تارىخىي مەلۇمات ۋە قاراشلارنى پاكىت ۋە ئىلمىيلىك جەھەتتىن دەلىللەپ،
تارىخىي جەھەتتىن مۇلاھىزە قىلىپ، لوگىكىلىق خۇلاسە چىقىرىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.
ئەھمىيەت بەرگەن بولسا، بۇ چاغقا بىزنىڭ يېڭى مائارىپ تارىخى ھەققىدىكى
ئىزدىنىشلىرىمىز كەڭلىك، چوڭقۇرلۇق ۋە ئىلمىيلىك جەھەتتىن يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن
بولاتتى. مىسال ئۈچۈن كۆرسىتىدىغان بولساق ئىلگىرى يېزىلغان بىر قىسىم ماقالىلاردا
بايان قىلىنغان تۆۋەندىكىدەك قاپقارا ئويدۇرمىلار «جەننەت ماكان − ئىلى» دېگەن
كىتابتا شۇ پېتى تەكرارلانمىغان بولاتتى. قاراڭ:


«1875-يىلى باھاۋۇدۇن باي بەيتۇللا مەسچىتى دەرۋازىسىنىڭ ئوڭ
تەرىپىگە زالى بىلەن تۆت سىنىپلىق بىر مەكتەپ سالدۇرىدۇ. مەكتەپنىڭ ئۇستەل-پارتا،
ئورۇندۇقلىرىنىمۇ پۈتۈنلەي ياۋروپاچە ياسىتىپ، بۇ مەكتەپنى پۈتۈنلەي پەننىي دەرس
ئۆتىدىغان مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ. باھاۋۇدۇن باي ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆزى تاللاپ
بېكىتىدۇ. مەكتەپنىڭ خىراجىتى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆز يېنىدىن
تەمىنلەپ تۇرىدۇ.


1896-يىلى چەت ئەللەرنى كۆرۈپ كەلگەن باھاۋۇدۇن مۇسابايېف بەيتۇللا
مەسچىتى پەشتىقىنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى كونا سىنىپلارنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن
كارىدورلۇق ئۈچ سىنىپ سېلىپ، ئۇيغۇرچە ئوتتۇرا دەرىجىلىك پەننىي مەكتەپ بەرپا
قىلىپ، يەتتە سىنىپ تەسىس قىلىدۇ. بۇ چاغدا بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 200 دىن
ئاشىدۇ. مەكتەپتە مۇسابايېفلارنىڭ راسخوتى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستانبول شەھىرىدە
ئوقۇپ كەلگەن ئابدۇراخمان شادى، تۇرسۇن ئەپەندى، خېلىل ئەپەندىلەر ئوقۇتقۇچىلىق
قىلىشقا باشلايدۇ.» (300-بەت)


بۇ ئىككى ئابزاس
باياننىڭ بىرىنچىسىدىكى «1875-يىلى» دېگەن يىلنامىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ،
«پۈتۈنلەي پەننىي دەرس ئۆتۈدىغان مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ، باھاۋۇدۇن باي
ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆزى تاللاپ بېكىتىدۇ» دېگەن جۈملىنىڭ مەزمۇنىنى تەھلىل قىلىدىغان
بولساقلا، مەسىلىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىمىز. باھاۋۇدۇن باي ئىلىدىكى ئەڭ
كاتتا مەسچىد بولغان بەيتۇللا مەسچىتىنىڭ بىقىنىدا «پۈتۈنلەي پەننىي دەرس
ئۆتىدىغان مەكتەپ» قۇرسا مەدرىسە ئۆلىمالىرى قاراپ تۇرارمۇ؟ «نېمىشقا دىنىي دەرس
ئۆتمەيسەن» دەپ سورىماسمۇ؟ ياكى باھاۋۇدۇن باي ئاتىئىزمچىمىدى؟ «باھاۋۇدۇن باي
ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆزى تاللاپ بېكىتكەن» دېگەن جۈملىنى ئوقۇغاندا تۆۋەندىكىدەك سوئاللارنىڭ
تۇغۇلۇشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ: غۇلجىدا 1870-يىللىرى تۈرلۈك پەننىي دەرسلەرنى
ئۆتەلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بارمىدى؟ تاللاپ ئىشلەتكۈدەك كۆپ بۇ
ئوقۇتقۇچىلار قايسى دارىلمۇئەللىمىننى پۈتكۈزگەن؟ بۇ دارىلمۇئەللىمىننى كىم
قۇرغان؟ بۇ دارىلمۇئەلىمىننىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى كىملەر ئىدى؟


گەپنىڭ قىسقىسى،
بۇ بايانلار توقۇلما ۋە تەسەۋۋۇردىن باشقا نەرسە ئەمەس!


ئىككىنچى
ئابزاستىكى 1896-يىلى غۇلجىدا «ئوتتۇرا دەرىجىلىك پەننىي مەكتەپ» يەنى ئوتتۇرا
دەرىجىلىك جەدىدچە مەكتەپ بولغان، «بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى سانى 200 دىن ئاشاتتى»
دېگەندەك بايانلارمۇ كۈلكىلىكتۇر. ئۇ چاغدا غۇلجىدا بۇ سەۋىيە، بۇ كۆلەمدىكى
جەدىچە مەكتەپ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ئەگەر بار بولسا نەزەر غوجا ئابدۇسەمەت
1911-يىلى يازغان «تارانچىلاردا مۇئەللىم ۋە مەكتەپ مەسىلىسى قانداق» دېگەن
ماقالىسىدا 1896-يىلىلا ئوقۇغۇچى سانى 200 دىن ئاشىدىغان، يەتتە سىنىپلىق ئوتتۇرا
دەرىجىلىك جەدىدچە مەكتەپنى «يوق» دېيىشكە تىلى بارمىغان بولاتتى. يۇقىرىقى
باياندىكى تارىخىي ئەمەلىيەتكە خىلاپ يەنە بىر مەلۇمات «بۇ مەكتەپتە
مۇسابايېفلارنىڭ راسخوتى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستانبول شەھىرىدە ئوقۇپ كەلگەن
ئابدۇراخمان شادى، تۇرسۇن ئەپەندى، خېلىل ئەپەندىلەر ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا
باشلايدۇ» دېگەن جۈملىلەردە كۆرۈلىدۇ. ھۆججەتلىك پاكىتقا ئاساسلانغان ھالدا شۇنداق
دېيىشكە بولىدۇكى، ئاكا - ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ تۈركىيەگە ئابدۇراخمان شادى،
مەسئۇد ئەپەندى، تۇرسۇن ئەپەندى، خېلىل ئەپەندىلەرنى قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارنى
چىقارغان ۋاقتى 1904-يىلىدۇر. ئۇلارنىڭ تۈركىيەگە چىقىش جەريانى مۇنداق:


ئىستانبولدا
ئوقۇۋاتقان مەسۇم ئەپەندى ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئوسمانلى تىل-يېزىقىدا
ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ سۇلتانى ئابدۇلھەمىدكە ئىلتىماس سۇنغان. ئىلتىماستا تۆت
ئوقۇغۇچىنى تەربىيەلەپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان. شۇ بويىچە ئابدۇراخمان شادى قاتارلىق
تۆت ئوقۇغۇچى ئىستانبولغا ئوقۇشقا چىققان. ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئوقۇشى 1913-يىلى،
باشقىلىرىنىڭ ئوقۇشى 1914-يىلى تاماملىنىپ ئانا ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. ئۇلار
قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇغان تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن پېداگوگىكا
مەكتەپتە ئوقۇغان ئابدۇراخمان شادى ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. تېببىي مەكتەپتە ئوقۇغان
مەسئۇد سەبىرى «ئالتاي دوختۇرخانىسى» دېگەن نامدا دوختۇرخانا ئاچقان. «ئالتاي دوختۇرخانىسى»
ئېچىش تەكلىپىنى ئۇنىڭغا 1913-يىلىنىڭ ئاخىرى غۇلجىغا كېلىپ تۆت يىلغا يېقىن
مائارىپچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان داڭلىق تاتار مائارىپچى ئابدۇللا بۇبى (1871 ‐
1922) بەرگەن. ئىككىيلەن مەسلىھەتلىشىپ تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەڭ قەدىمىي ئانا ماكانى
بولغان ئالتاينىڭ نامىنى قوللىنىشنى قارار قىلغان. ئابدۇراخمان شادى، مەسئۇد
سەبىرىلەر تۈركىيەدىكى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ 1914-يىلى ئۇدۇل قەشقەرگە كەلگەن.
ئۈستۈنئاتۇش ئىكساقتا ئېچىلغان «ھەبىبزادە دارىلمۇئەللىمىن» دە قىسقا مۇددەت دەرس
ئۆتۈپ، ئاندىن غۇلجىغا قايتىپ كەلگەن. بۇ ئىشلار ئەينى ۋاقىتتىكى «ھەبىبزادە
دارىلمۇئەللىمىن» نىڭ مۇدىرى ئەھمەد كامالنىڭ كىتابىدا تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن.
قىسقىسى، «جەننەت ماكان − ئىلى» دېگەن كىتابتا يېزىلغان يۇقىرىقى بىر ئابزاس
مەلۇمات ھەم باھاۋۇدۇن باي 1870-يىللىرى غۇلجىدىكى دىنىي مەكتەپلەردە دۇنياۋى ئىلىملەرنىڭ
ئۆتۈلۈشىگە تۈرتكە بولغان دېگەن قاراش پۈتۈنلەي ئاساسسىز.


تۆتىنچى، جەدىدلىك
مائارىپىنىڭ پەيدا بولۇش ۋە شەكىللىنىش تارىخىنى بىلمەسلىك مەسىلىسى. روشەنكى
جەدىدلىك (يېڭىلىق ھەرىكىتى دېگەن مەنىدىكى سۆز بولۇپ، بىزدە جەدىدچىلىك دەپمۇ
ئېلىنىدۇ) ھەرىكىتى تۈركىي خەلىقلەر تارىخىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، 19-ئەسىرنىڭ
ئاخىرى رۇسىيەگە تەۋە قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى قىرىم تاتارلىرى ئارىسىدا پەيدا
بولغان. ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشى فىرانسىيەدە ئىككى يىل تۇرۇپ ياۋروپانىڭ ئىلغا
مائارىپى بىلەن پىششىق تونۇشۇپ كەلگەن ئىسمائىل غاسپىرالى (1851 ‐ 1914) نىڭ باغچە
ساراي شەھىرىدە 1883-يىلى «تەرجىمان» گېزىتىنى نەشر قىلىشى ۋە 1884-يىلى «ئۇسۇلى
جەدىد» («ئۇسۇلى سەۋتىيە» مۇ دېيىلىدۇ) ئوقۇتۇش مېتودىنى سىناق قىلىشىنى باشلىنىش
مەنبەسى قىلىدۇ. جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى تېز ساۋات چىقىرىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇل
بولغاچقا قىرىمدىن باشقا قازان تاتارلىرى ۋە ئەزەربەيجانلىقلار ئارىسىدا تېز
ئومۇملاشقان. ئەمما 1890-يىللاردا ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا
ئۆلكىلىرىدىكى سەمەرقەند، بۇخارا، تاشكەنت، غۇلجا، قەشقەر قاتارلىق كاتتا
شەھەرلەردە قەدىمچىلىك بىلەن جەدىدچىلىك جىدىلى قاتتىق بولغان. 1909-يىلى ئىسمائىل
غاسپىرالى بۇ ئىككى گۇرۇھنىڭ كۈرىشىدىكى كەسكىنلىكنى نەزەردە تۇتۇپ «قەدىمچىلىك ۋە
جەدىدچىلىك» دېگەن مۇھاكىمە ماقالىسىنى يېزىپ «تەرجىمان» گېزىتىنىڭ 5-ئايدىكى
سانلىرىدا ئېلان قىلغان.


مەشھۇر پېداگوگ
ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ غەيرىتى بىلەن باشلانغان جەدىدچىلىك ھەرىكىتى بارغانسېرى
نوقۇل ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئىسلاھاتى بولۇشتىن ھالقىپ ئىجتىمائىي، سىياسىي، مەرىپەت
ھەرىكىتى بولۇپ شەكىللەنگەن. دىنىي مەكتەپ ۋە مەدرىسەلەرنىڭ ئوقۇتۇش تۈزۈمى ۋە
مەزمۇنىنىمۇ ئىسلاھ قىلىش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ جەرياندا قەدىمچىلىك
بىلەن جەدىدچىلىك تەرەپدارلىرى كەسكىن ئېلىشىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن. قەدىمچىلەر
دىن نامى بىلەن ئىش كۆرۈپ جەدىدچىلىك ئىمانىمىزنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، ئۈممەتلەرنى
ئاداشتۇرىدۇ دەپ قارىغان. جەدىدچىلەر ياشاش ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتمىسەك، تەرەققىيات
يوللىرىنى ئۆگەنمىسەك بىراقلا ھالاك بولىمىز دەپ قارىغان. ئومۇمەن كۈرەشنىڭ
كەسكىنلىك دەرىجىسى بەك يۇقىرى بولغان. جەدىدچىلىك تەرەپدارلىرى ئاممىۋى ئاساسى
ئاجىز يېڭى كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان. شۇنداقتىمۇ يولىدىن قايتمىغان.
جەدىدچىلەر 10 ‐ 20 يىلدەك تىرىشىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئاساسىنى مۇستەھكەملىگەن
ھەم جەدىدلىك ھەرىكىتىنى تارىخىي ئېقىمغا ئايلاندۇرغان. ئانا دىيارىمىزدىمۇ
جەدىدچىلىك بىلەن قەدىمچىلىك جىدىلى ئوخشاشلا ئۆتكۈر بولغان. مۇتەپەككۇر جەدىدچى
ئابدۇقادىر داموللام (1870-1924) قەشقەردىن ئۈچ قېتىم چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر
بولغان. ئەھمەد كامال چېقىمچىلىققا ئۇچراپ قەشقەردە تۈرمىلەرگە قامالغان ھەم
ۋەتىنىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن. ئابدۇللا بۇبى غۇلجىدا تۇرالماي قازانغا قايتىپ كېتىشكە
مەجبۇر بولغان. قەشقەر، ئاتۇش ۋە غۇلجىدىكى ئابدۇمۇتائالى خەلپىتىمگە ئوخشاش
يەرلىك جەدىدچىلەر قەدىمىنى ئاستىلاتقان. ئۇيغۇر جەدىدلىك ھەرىكىتىگە ئۇل سالغان
كاتتا شەخس ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ بۇ ئىسلاھات ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلىش
پوزىتسىيەسىدە پەرق ھەم مەلۇم ئىختىلاپ كۆرۈلگەن. ھۈسەيىن باي ئېھتىياتچان بولۇۋالغان،
باھاۋۇدۇن باي دادىل بولغان بولسىمۇ، كۆپ ھاللاردا ئاكىسىنىڭ رايىنى نەزەرگە ئېلىپ
ئىش قىلىشقا مەجبۇر بولغان. شۇڭا زامانداش جەدىدچىلەرنىڭ خاتىرە ۋە شېئىرلىرىدا بۇ
ئىككى ئاكا-ئۇكىنىڭ يېڭى مائارىپ ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاش دەرىجىسى نەزەرگە
ئېلىنىپ باھاۋۇدۇن بايغا ئالاھىدە يۇقىرى باھالار بېرىلگەن. مەسىلەن، ئەھمەد
كامال، ئابدۇللا بۇبى، ئادىل ھېكمەت بەي قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ خاتىرىلىرىدە
، شەمسىدىن
داموللام ئۆز مەرسىيەسىدە باھاۋۇدۇن بايغا بەك يۇقىرى باھا بەرگەن. شۇڭا،
جەدىدچىلىك بىلەن قەدىمچىلىك تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنى ئاددىي چاغلاشقا
بولمايدۇ. كونىچە مائارىپتىن يېڭىچە مائارىپقا ئۆتۈش جەريانى ھەممىلا جايدا
ئوخشاشلا مۇشەققەتلىك بولغان. چۈنكى «كونىچە مائارىپتىن يېڭىچە مائارىپقا ئۆتۈش
ناھايىتى زور ئىسلاھات ھەرىكىتى بولۇپ، كونىلىق بىلەن يېڭىلىق، ئىلغارلىق بىلەن
قالاقلىق، مەرىپەت بىلەن خۇراپاتلىق، تەرەققىيپەرۋەرلىك بىلەن مۇتەئەسسىپلىك
ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان كەسكىن ۋە تەكرار ئېلىشىشلار ئارقىلىق بارلىققا
كەلگەن.
»


تارىخىي ئەمەلىيەت
مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، «جەننەت ماكان − ئىلى» نىڭ يېڭى مائارىپ تارىخى توغرىسىدىكى
بابى ۋە ئۇنىڭغا مەنبە بولغان كۆپلىگەن ماقالىلەردە ئىلى ۋادىسىدا جەدىدچە ئوقۇتۇش
ئۇسۇلى ۋە جەدىدچە مەكتەپلەر يۇقىرى ئاممىۋى قىزغىنلىق بىلەن توي بولغاندەك
داغدۇغىلىق شەكىلدە ئەمەلگە ئاشقاندەك ھالەتتە يېزىلغان. كىشىنى ئۇيالدۇرۇپ
قويىدىغان يېرى شۇكى، ئاپتورلارنىڭ بىلمەسلىكى ۋە ئەستايىدىلسىزلىقى سەۋەبىدىن
ئىلى ۋادىسىدىكى جەدىدلىك مائارىپى (گەرچە پەننىي مەكتەپ ۋە پەننىي ئوقۇتۇش
دېيىلگەن بولسىمۇ) مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىلا ئەمەس، پۈتكۈل ئاسىيا قىتئەسىدە
جەدىدلىك ھەرىكىتى باشلانماستا باشلانغان قىلىپ يېزىلغان. تارىخنى ئەسلەيدىغان
بولساق، شۇنى بىلىمىزكى، ياپونىيەدە 1860-يىللىرى قەدىمچىلىك بىلەن جەدىدچىلىك
(يېڭىلىق) تەرەپدارلىرى كەسكىن كۈرەش قىلىپ، ئاخىر قانلىق ئۇرۇش بولغان. نەتىجىدە
1868-يىلى مىڭجى يېڭىلىققا كۆچۈش ئىسلاھاتىنى پادىشاھنىڭ پەرمانى بىلەن ھۆكۈمەت
ھەرىكىتى سۈپىتىدە يولغا قويغان. جۇڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە 1890-يىللاردا
خەنزۇ مىللىتىنىڭ سەرخىللىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ يېڭىلىققا، تەرەققىياتقا بولغان
تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، 1901-يىلى «يېڭى سىياسەت» يولغا قويۇلغاندىن
كېيىن، ئاندىن بۇ خىل مىللىي ئارزۇ ھۆكۈمەت ئىرادىسىگە ئايلانغان. نەتىجىدە يېڭىچە
مائارىپ تۇشمۇ تۇشتىن يولغا قويۇلغان. رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا 1884-يىلى
ئىسمائىل غاسپىرالى جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يولغا قويغاندىن، گېزىت چىقارغاندىن
ۋە «رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى» دېگەن كىتابىنى نەشر قىلدۇرۇپ تارقاتقاندىن كېيىن بارا-بارا
جەدىدلىك ھەرىكىتى بىخلانغان. ئالدى بىلەن قازان، ئۇفا، ئورېنبۇرگ شەھەرلىرىدىكى
تاتار ۋە باشقىرت مىللىتىنىڭ سەرخىللىرى ھەم ئەزەربەيجان زىيالىيلىرى ئاكتىپ
ئىشتراك قىلغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇخارا، سەمەرقەنت، تاشكەنت قاتارلىق
شەھەرلەردە جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا بولغان قىزىقىش تولىمۇ تەستە شەكىللەنگەن.
ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلىرىنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى قالاقلىقىغا ئىچى سىقىلغان
ئىسمائىل غاسپىرالى 1892-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرىدىكى كونىچە مەكتەپ ۋە مەدرىسەلەرنى
ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇسۇلى جەدىد (ئۇسۇلى سەۋتىيە) ئوقۇتۇش مېتودىنى يولغا قويۇش
توغرۇلۇق چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى تۈركىستانغا بەلگىلىگەن گېنېرال گۇبېرناتور ئە. ب.
ۋىرىۋېسكىيغا (يەنە بىر مەلۇماتتا روزىنباخقا دېيىلگەن) مۇراجەت قىلىپ مەكتۇب
يازغان. ئۇ مەكتۇبىدا يەرلىك مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ئالتە
يىلدا باشلانغۇچ (ئىپتىدائىي) مەكتەپتە بېرىلىدىغان بىلىمنى تەڭشەپ ئىككى يىلدا
ئېلىپبە ئۆگىتىش، قالغان تۆت يىلدا مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئائىت بىلىملەرنى ھەم
رۇس تىلىنى ئۆگىتىش تەكلىپىنى بەرگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر قىسىم ئىلغار مەدرىسەلەرنى
قايتا قۇرۇپ «ئالىي مەدرىسە» گە ئۆزگەرتىپ رۇس تىلى، رۇسىيە قانۇنلىرى ۋە
پېداگوگىكا بىلىملىرىنى ئۆگىتىپ، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇدىغان
ئوقۇتقۇچىلارنى تەييارلاش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ ھەتتا مەكتۇبىدا ئۆزى
تۇرۇشلۇق باغچە سارايدىكى «زەنجىرلى» مەدرىسەسىنى ئودېسسانىڭ سابىق گېنېرال
گۇبېرناتورى خ. خ. راپپىنىڭ ياردىمى بىلەن قايتا تەشكىللەپ، ئىلغارلاشتۇرۇپ
ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرىدىغان «ئالىي مەدرىسە» گە ئايلاندۇرغانلىقىنى مىسال سۈپىتىدە
كۆرسەتكەن. تۈركىستاننىڭ تاشكەنتتە تۇرۇشلۇق گېنېرال گۇبېرناتورى ۋىرىۋېسكىي
ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ مەكتۇپىنى ئۆزىگە مەسلىھەتچىلىك قىلىدىغان مىسسىيونېر ن.
ئوستىروموف بىلەن ك. پ. پابېدىناستىسېۋگە بەرگەن. ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئالغان
ۋىرىۋېسكىي ئىسمائىل غاسپىرالىغا جاۋاب خەت يېزىشنى ھاجەتسىز دەپ بىلگەن. بۇنداق
بولۇشىدا تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدە سەۋەب بار ئىدى.



مەنبە: ئىلى دەرياسى ژۇرنىلى 2013-يىل 3-سان


(داۋامىنى تەستىقلانسا  )


niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-1 23:42:34

چاررۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىر قىسىم ئۆلكىلىرىنى ئۆز مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇپ، 1867-يىلى تاشكەنتنى مەركەز قىلىپ تۈركىستان گۇبېرناتورلۇقىنى تەسىس قىلغان. گېنېرال ك. پ. كوۋفمان گۇبېرناتور بولغان. ئۇ يەرلىك ئاھالىنى رۇسلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ن. ئى. ئىلمىنسكىي (1822 ‐ 1891) نىڭ قازان تاتارلىرىنى رۇسلاشتۇرۇش تەجرىبىسىنى تۈركىستان رايونىدا تەتبىقلاش ئۈچۈن ئۇنى تاشكەنتكە تەكلىپ قىلغان. ئىلمىنىسكىي ئەرەب، پارس، تۈرك تىللىرىنى ناھايىتى مۇكەممەل بىلىدىغان، «بابۇرنامە» نى 35 يېشىدا رۇسچىغا تەرجىمە قىلىپ قازاندا نەشر قىلدۇرغان تۈركلوگ ئىدى. ئۇ قازان دىنىي ئاكادېمىيەسىنىڭ پىروفېسسورى، تۈركىي خەلقلەرنى رۇسلاشتۇرۇش مەقسىتىدىكى مائارىپ لايىھەسىنى تۇرغۇزۇپ چىققان، تاتارلارنى رۇسلاشتۇرۇشتا زور تەجرىبە توپلىغان مىسسىيونېر ئىدى. چاررۇسىيە مۇستەملىكە قىلغان تۈركىستان رايونىدا ئېچىلغان «رۇس-تۈرك» مەكتەپلەر ئىلمىنىسكىينىڭ لايىھەىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان ئىدى. چاررۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىگە قاراتقان مائارىپ سىياسىتى ناھايىتى ئېنىق ئىدى: ۋولگا دەرياسى بويلىرى، ئۇرال، كاۋكاز، قىرىمدىكى تۈركىي خەلقلەر مائارىپى پىروگراممىسىغا سىڭدۈرۈلگەن رۇسلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تۈركىستان رايونىدىكى خەلقلەر مائارىپىغا تەدبىق قىلىش ئىدى. بۇ سىياسەت رۇسىيە مائارىپ ۋازارىتىنىڭ 1869-يىلىدىكى نىزامنامىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ نىزامنامە رۇس مىسسىيونېرلىرىنىڭ يول كۆرسەتكۈچىسى ئىلمىنىسكىينىڭ ئاكتىپ پائالىيەت قىلىشى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن ئىدى. بۇ خىل مەكتەپلەرنىڭ ئېچىلىشى رۇسىيەنىڭ تۈركىستان ئۆلكىسىدە يېڭى مائارىپ سىياسىتى يۈرگۈزۈلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. بۇ سىياسەت توغرۇلۇق ئامېرىكىلىق جەدىدشۇناس دوكتۇر ئەدىب خالىد «ئوتتۇرا ئاسىيادا جەدىدچىلىك» دېگەن كىتابىدا مۇنداق يازغان: «مۇستەملىكە مەمۇرىيىتى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام قانۇنى، ئەمىر-مەرۇپلارغا ئەمەل قىلىشلىرىنى مەنئىي قىلمىدى. كونا مەكتەپ ۋە مەدرىسەلەرنىڭ پائالىيىتىگە توسالغۇ بولمىدى. ئەكسىچە، ئېتىبار قىلمىدى. مەكتەپ ۋە مەدرىسەلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئېتىبارىدىن چەتتە قالغانلىقى ۋە دۆلەت ياردىمىدىن مەھرۇم بولغانلىقى، ۋەخپە مۈلۈكلىرىنىڭ مۇستەملىكىچىلەر قولىغا ئۆتكەنلىكى باش ھۆكۈمەت نەزىرىدىن ھەم قالدى. ھۆكۈمەت يەرلىك خەلقنى ‹رۇس-تۈرك› مەكتەپلىرىگە جەلپ قىلىش ھەرىكىتىنى تېزلەتتى. چۈنكى بۇ مەكتەپلەردە يەرلىك بالىلار ۋە رۇس بالىلىرى بىرلىكتە تەلىم ئالاتتى. يەرلىك ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلىرىگە ئوخشىتىش ئاسان ئىدى، بۇ ئارقىلىق چاررۇسىيەگە سادىق يەرلىك قاتلام تەشكىل قىلىش مۇمكىن بولاتتى. شۇ سەۋەبتىن گېنېرال گۇبېرناتور كوۋفمان مائارىپ تۈزۈمىنىڭ باش مەقسىتى، دىنىي ئېتىقادى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر رۇسىيە ئۈچۈن پايدىلىق بولغان پۇقرالارنى تەربىيەلەش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.» بېنجامىن. س. لېۋىينىڭ «شىنجاڭ مائارىپى» ناملىق ماقالىسىدىكى بايانىدىن قارىغاندا «1884-يىلىدىن كېيىن، رۇس تىلىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ مۇستەملىكە ھاكىمىيىتى ئاتالمىش ‹رۇس-تۈرك› مەكتەپلىرىنى ئاچقان. بۇ مەكتەپلەردە يېرىم كۈن رۇسچە ئۆگىنىش، يېرىم كۈن ئەنئەنىۋى مەكتەپلەردىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىش يولغا قويۇلغان. بىراق بۇ مەكتەپلەر بەك كۆپ ئالقىشقا ئېرىشەلمىگەن.⑦»

تۈركىستان گۇبېرناتورى ۋىرىۋېسكېي ئىسمائىل غاسپىرالىغا جاۋاب خەت يازمىغاندىن كېيىن ئۇ پاسسىپ ھالدا كۈتۈپ تۇرۇۋەرمەي، مەقسىتىگە يەتمىگىچە بولدى قىلمايدىغان غايىلىك كىشىلەردە بولىدىغان روھ بويىچە دادىل ئىش كۆرۈپ، 1893-يىلى چار رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى تاشكەنتكە كەلگەن. ئۇ يەردىن سەمەرقەنت ۋە بۇخاراغا بارغان. سەمەرقەنتتە جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان تاتار مىليونېر غەنىباي بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان. سەمەرقەنتتىكى مېھماندارچىلىقلاردا تەبىئىي ھالدا جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ ئەۋزەللىكى ھەققىدە سۆھبەت بولغان. نەتىجىدە ئىسمائىل غاسپىرالى سىناق قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولغان. مىليونېر غەنىباي خىراجەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان بولغان، ئىسمائىل غاسپىرالى ئېلىپبە ۋە ئوقۇتقۇچى مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان بولغان. شۇنداق قىلىپ ئۆزىگە ھەمراھ بولۇپ بارغان باكۇلۇق ئوقۇتقۇچى سۇلتان مەجىد غەنىزاتنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلغان. تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن سەمەرقەنت شەھىرىدىن 30 غا يېقىن بالىنى يىغىپ بىر سىنىپ قىلىپ ئوقۇش باشلىغان. ئېلىپبە ئۆتۈلۈپ 40 كۈنگىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنىڭ ساۋاتى چىققان. سىناق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان، كىشىلەر ئاپىرىن ئوقۇشقان. تاشكەنتلىكلەر ھەتتا بالىلارنىڭ ساۋاتىنى ناھايىتى تېز چىقارغانلىقى ئۈچۈن بۇ مەكتەپنى «ماشىنا مەكتەپ» دەپ ئاتاشقان. بۇ مەكتەپنىڭ داڭقى ئەتراپقا تارقالغان. مەكتەپنىڭ داۋرىڭى چاررۇسىيە مەمۇرى بولغان مائارىپ باشلىقىنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندىن كېيىن بۇ مەكتەپنى قانۇنسىز دەپ دەرھال تاقىغان. بەزى يەرلىك مۇتەئەسسىپ روھانىلارمۇ تەتۈر شامال چىقارغان. قازان شەھىرىدە تۇرىدىغان مۇستەملىكىچىلىك ئىدىيەسى كۈچلۈك ن. ئى. ئىلمىنسكىي ئۆزىنىڭ تۈركىستاندا ئىش بېجىرىدىغان مەسلەكدىشى ك. پ. پابېدىناستىسېۋگە يوللىغان مەكتۇبىدا مۇنداق كۆرسەتمە بەرگەن: «ئالىملاردىن ۋە ئۆتە بىلىملىك ئوقۇتقۇچىلاردىن ئاگاھ بولۇڭلار. ئەدەپلىك ۋە ۋۇجۇدى بىلەن دىنغا بېرىلگەن ئاددىي ئادەملەرگە قارىغاندا ئۇلارنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىڭلار. رۇس بىلىمىنى ئۆگەنمىگەن، رۇسلارنىڭ تىلىنى بىلمىگەن يەرلىك ئادەملەر بىز ئۈچۈن رۇسچە بىلىم ئالغان تاتارغا قارىغاندا ياخشىراق. يامىنى ئۇنى-بۇنى بىلىۋالغانلار، ئەڭ يامىنى ئۇنىۋېرسىتېت تەربىيەسى كۆرگەن كىشىلەردۇر. بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇناسىپ ئادەملەر رۇس تىلىنى ياخشى بىلمەسلىكىدىن قىزىرىدىغان، ئانچە-مۇنچە خاتا يازىدىغان، گۇبېرناتوردىنلا ئەمەس، ئاددىي مەمۇرلىرىمىزدىن قورقۇپ تۇرىدىغان كىشىلەردۇر.»

دېمەك، ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ جەدىدچە مەكتەپلەرنى ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرىدە ئومۇملاشتۇرۇش ئارزۇسى مانا مۇشۇنداق ياۋۇز مۇستەملىكىچى سىياسەت ۋە يەرلىك قاشاڭ ئاڭ-ئىدىيە ئىگىلىرى تەرىپىدىن يوققا چىقىرىلغان. ئەمما، بۇ چاغدا ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ ھەپتىدە بىر سان چىقىشقا ئۆزگەرتىلگەن «تەرجىمان» گېزىتى ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرىدە كەڭ تارقالغان. ئىلغارلىققا مايىل، ئەمەلىيەتچى، يىراقنى كۆرەر ياشلار «تەرجىمان» گېزىتىدىكى ئاكتۇئال سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي، مىللىي ۋە دىنىي خەۋەر، مۇلاھىزىلەرنى ئوقۇپ بارا-بارا جەدىدىزملىق ئاڭغا ئىگە بولغان⑧.

ئىسمائىل غاسپىرالى «تەرجىمان» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىسىدە مۇنداق يازغان: «سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، بىز ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل ئىش ئىلىم ۋە مائارىپ ئىشىدۇر. ئەڭ مۇقەددەس ئىنتىلىش ئىلىمگە، مائارىپقا ئىنتىلىشتۇر. چۈنكى ئىنساننى ئىنسان قىلغان مېھنەت ۋە بىلىمدۇر. بىلىم مەدەنىي تۇرمۇشقا يېتىش ۋاسىتىسىدۇر. مەدەنىي تۇرمۇش بولسا ئىنساننىڭ ياشاش مەقسىتى ۋە ئۇسۇلىدۇر.» قالاقلىق، نادانلىق ئاسارىتىدە ۋىجدانى پۇچۇلانغان ئوت يۈرەك ياشلارنىڭ بۇ خىتابلارنى ھاياجانلانماي ئوقۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. 1897-يىلى ئىسمائىل غاسپىرالى ئوتتۇرا ئاسىياغا يەنە بىر قېتىم سەپەر قىلىپ مەھمۇد خوجا بەھبۇدى (1874 ‐ 1919) بىلەن كۆرۈشكەن. دەل مۇشۇ مەھمۇد خوجا بەھبۇدى ئارىدىن ئون يىللار ئۆتكەندە، يەنى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جەدىدچىلەرنىڭ داھىيسى سۈپىتىدە رول ئوينىغان. شۇ ئۇچرىشىشتا 46 ياشقا كىرگەن ئىسمائىل غاسپىرالى بىلەن 23 ياشقا كىرگەن مەھمۇد خوجا بەھبۇدى ئوتتۇرىسىدا ئۇستاز-شاگىرتلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان. بەرچىناي جۇدايىۋانىڭ «ئىسمائىل غاسپىرالى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جەدىدلىك ھەرىكىتى» ناملىق ماقالىسىدىكى مەلۇماتتىن قارىغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيادا تۇنجى جەدىدچە مەكتەپ 1898-يىلى قوقەنتتە موللا سالاھىدىن ئەپەندى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان. يەنە بىر ماتېرىيالدا يېزىلىشىچە، 1900-يىلى 2-ئايدا سالاھىدىن ئەپەندى دەپ ئاتىلىدىغان تاتار مۇئەللىم قوقانتلىق ئەلى ئەسقەر ئەپەندىنىڭ ياردىمى بىلەن بىر ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ مەكتەپ ئاچقان ھەم ئۇسۇلى سەۋتىيە بىلەن بالىلارنى ئوقۇتۇشنى باشلىغان. ئالتە ئاي توشقاندا جامائەت ئالدىدا بالىلاردىن ئىمتىھان ئالغان. جامائەت 8 ‐ 9 ياشلاردىكى بالىلارنىڭ خەت يېزىشنى، كىتاب ئوقۇشنى، ھېساب ئىشلەشنى، جۇغراپىيە ۋە تارىخقا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ھەم قىرائەت قىلىشنى بىلىدىغانلىقىنى كۆرۈشۈپ ھەيران قېلىشقان. ئابدۇقادىر شۈكۈرى 1901-يىلى ئاتايىن بۇخارادىن كېلىپ بۇ مەكتەپ بىلەن تونۇشۇپ كەتكەن. ئومۇمەن، چار رۇسىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان تۈركىستان رايونىدا، جۈملىدىن تاشكەنتتە ئۇسۇلى جەدىد مەكتەپلىرىنىڭ ئېچىلىشى تاتار مۇئەللىملەرنىڭ پائالىيىتى بىلەن باغلىنىشلىقتۇر. يەرلىك خەلق تاتار مۇئەللىملەر قوللانغان جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى دەسلەپتە «نوغايچە ئوقۇتۇش» دەپ ئاتاشقان. بۇ خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى 1900-يىلى تاشكەنتكە كەلگەن بىر تاتار مۇئەللىم بەش ياغاچ دەرۋازىسىدىكى «نوغاي مەھەللىسى» دە قوللانغان. ئۆزبېكلەر كۆرۈپ ھەيران قالغان. ئۇلارنىڭ كۆرگىنى باشقا نەرسە ئەمەس بەلكى، تاتارچە ئېلىپبەنى قارا تۈنىكە تاختىغا بور بىلەن يازدۇرۇپ ئوقۇتۇش ھەم ئانچە - مۇنچە ھېساب ئۆگىتىش ئىدى. بۇ «نوغايچە ئوقۇتۇش» ئىدى. تۈركىستان گۇبېرناتورلىقى تېررىتورىيەسىدە تۇنجى بولۇپ جەدىدچە مەكتەپ ئاچقان مەشھۇر ئۆزبېك جەدىدچى مۇنەۋۋەر قارىي ئابدۇرەشىدخاندۇر. ئۇ 1901-يىلى يەرلىكلەردىن تۇنجى بولۇپ تاشكەنت شەھىرىدە جەدىدچە مەكتەپ ئاچقان. ئارقىدىنلا توقماق شەھىرىدە ئۇسۇلى جەدىد ئوقۇتۇش مېتودىنى قوللانغان بىر مەكتەپ، ئەنجاندا شەمسىدىن داموللا ئاچقان بىر مەكتەپ بارلىققا كەلگەن. 1903-يىلى سەمەرقەندتە ئابدۇقادىر شۈكۈرى ۋە مەھمۇد خوجا بەھبۇدىيلار تۇنجى جەدىدچە مەكتەپ ئاچقان. شۇنداق قىلىپ جەدىدچە مەكتەپلەر ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلىرىدە كەڭ ئومۇملاشقان. ئارقىدىنلا گېزىت-ژۇرناللار نەشر قىلىنغان. دەرسلىكلەر تۈزۈلگەن. جەمئىيەتلەر قۇرۇلغان. مەھمۇد خوجا بەھبۇدى، ئابدۇقادىر شۈكۈرى، مۇنەۋۋەر قارىي ئابدۇرەشىدخان، ئابدۇللا ئەۋلانى، سەدىردىن ئەينى، ھەمزە ھەكىمزادە، ئەبەيدۇللا خوجا، ئابدۇرەئۇف پىترەت، ئەھمەد زەكى ۋەلىدى، پەيزۇللا خوجا، ئوسمان خوجا، چولپان قاتارلىق داڭلىق جەدىدچىلەر ئوخشاشمىغان ساھەلەر بويىچە باشلامچىلىق قىلغان، پىداكارلىق كۆرسەتكەن.

ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلىرىدە جەدىدلىك ھەرىكىتىنىڭ جانلىنىشى مۇستەملىكىچى چار پادىشاھ دائىرىلىرىنى ئەندىشىگە سالغان، چۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ تەلىم-تەربىيە پىروگراممىسىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسى تۈركىي خەلقلەر تەپەككۇرىدىكى بۈيۈك ئىنقىلاب ئىدى. بۇنداق تەپەككۇر ئىنقىلابىنىڭ ئاقىۋىتى چارىزمغا پايدىسىز دەپ قارىغان چار پادىشاھ دائىرىلىرى، جەدىدىزم ھەرىكىتىنى توسۇش ئۈچۈن تۈرلۈك قەبىھ سىياسەتلەرنى يۈرگۈزگەن ھەم مۇتەئەسسىپ دىن پېشۋالىرىنى كۈشكۈرتۈپ ئىچكى ئىختىلاپنى كۈچەيتكەن. بولۇپمۇ جەدىدچە مەكتەپلەرنى تاقاش، بولمىغاندا ئۇلارنىڭ ئومۇملىشىشىغا توسالغۇ پەيدا قىلىش، شۇ ئارقىلىق بۇنداق مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى توختىتىشقا ئۇرۇنغان.

دېمەك، تۈركىي خەلقلەر ھاياتىدا جەدىدچىلىك ھەرىكىتى بارلىققا كەلگەن مەركەز قىرىمنىڭ باغچە ساراي شەھىرى ئىدى. ئۇنى بارلىققا كەلتۈرگەن شەخس موسكۋادا ئوقۇغان، فىرانسىيەدە ئىككى يىل ئۆگەنگەن داڭلىق زىيالىي ئىسمائىل غاسپىرالى ئىدى. بارلىققا كەلگەن ۋاقتى 1884-يىلى ئىدى. بۇ بارلىق جەدىدشۇناسلار ئېتىراپ قىلغان ئورتاق قاراش ئىدى. پەقەت بىزلا بۇ ھەقىقەتنى ئۆگەنمىگەن ئىدۇق. شۇڭا يىلنامىلەرنى خالىغانچە قوللىنىپ، جەرياننى خالىغانچە بايان قىلىپ، سەۋەبنى خالىغانچە توقۇپ جەدىدلىك ھەرىكىتىنى گويا بىز باشلىغاندەك تەرىزدە يېزىپ كەلدۇق. ئەمەلىيەتتە، جەدىدلىك ھەرىكىتى ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئاپتورلىرىمىزنىڭ ماقالە-ئەسلىمىلىرىدە بايان قىلىنغىنىدەك ئۇنداق ئادەتتىكى ھەرىكەت ئەمەس ئىدى. مائارىپتىكى زور ئىسلاھات ھېسابلىنىدىغان جەدىدچە مەكتەپ ئېچىشمۇ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. جەدىدچە ئوقۇتۇش مېتودى بويىچە تەربىيەلەنگەن ئوقۇتقۇچى بولمىغان شارائىتتا كونا مەكتەپلەرنىڭ خەلپەتلىرىگە تايىنىپلا بۇنداق مەكتەپنى ھەرگىز ئاچقىلى بولمايتتى.

ئۇنداقتا ئىلى ۋادىسىدا يېڭى مائارىپ قانداق باشلانغان؟ شۈبھىسىزكى، قىرىمدىن تارقىغان جەدىدلىك مەشئىلىنىڭ ئۇچقۇنلىرى تاتارىستان، ئۇرال، ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرىدە جەدىدچە مائارىپنىڭ ئوچاقلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەندەك، ئانا دىيارىمىزدىكى ئاتۇش، غۇلجا، چۆچەكتىن⑨ ئىبارەت ئۈچ يۇرتتا ئوخشاش مەزگىلدە جەدىدچە مەكتەپلەرنىڭ ئېچىلىشىغا تۈرتكە بولغان. ئانا دىيارىمىزدىمۇ خۇددى باشقا جايلاردىكىدەك تەرەققىيپەرۋەر بايلارنىڭ ۋە ئىلغارلىققا ئىنتىلىدىغان زىيالىيلارنىڭ رولى چوڭ بولغان.

تاتارىستانلىق ئاكادېمىك مىرقاسىم گوسمانوف (ئوسمانوف) نىڭ «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئىسمائىل غاسپىرالى» ناملىق ماقالىسىدىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، قازانلىق ۋەلىشاھ غالىئەكبەرېف دېگەن بىرەيلەن «تەرجىمان» گېزىتىنىڭ 1899-يىلى 10-دىكابىردىكى سانىغا بىر خەۋەر يازغان. خەۋەرنىڭ مەزمۇنىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھۈسەيىن مۇسابايېف 1898-يىلىدا «ئۇسۇلى سەۋتىيە» مېتودىنى ئۆگىنىپ كېلىش ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ ئورېنبۇرگ شەھىرىدىكى جەدىدچە تاتار مەدرىسەسىگە ئابدۇلكەرىم ئەپەندى دېگەن ئۇيغۇر كىشىنى ئەۋەتكەن. مانا شۇ كىشى ئورېنبۇرگدا بىر يىلدىن ئارتۇق تۇرۇپ «ئۇسۇلى سەۋتىيە» بويىچە تەجرىبە ھاسىل قىلىپ، شۇ كۈنلەردە غۇلجا ئارقىلىق قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن. بۇ خەۋەرنى يازغان ۋەلىشاھ «تەرجىمان» گېزىتىنىڭ 1900-يىلى 16-يانۋار كۈنىدىكى سانىدا يەنە ماقالە يېزىپ ھۈسەيىن مۇسابايېفنىڭ بۇ ئىشىغا يۇقىرى باھا بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن كۆپ ئۆتمەي ھۈسەيىن مۇسابايېف يەنە بىر كىشىنى − ھاجى سوپى ئوغلى مەسۇم ئەپەندى دېگەن ئۇيغۇرنى جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تېخىمۇ ئوبدانراق ئۆگىنىپ كېلىش ئۈچۈن باغچە ساراي شەھىرىگە ئەۋەتكەن. ئەنە شۇ مەسۇم ئەپەندى قەشقەر ۋە غۇلجا شەھەرلىرىدە جەدىدچە توققۇز مەكتەپنىڭ دائىمىي رەۋىشتە ئىشلەپ تۇرغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. «تەرجىمان» گېزىتىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ھۈسەيىن مۇسابايېفنىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرىنى ئالاھىدە خەۋەر قىلىپ تۇرغان («تەرجىمان» 1902-يىلى 3-ئاۋغۇست).

مىرقاسىم گوسمانوفنىڭ ماقالىسىدىكى بۇ بايان بىزگە مەسۇم ئەپەندى قىرىمغا بارغاندا قەشقەر ۋە غۇلجا شەھەرلىرىدە جەدىدچە توققۇز مەكتەپنىڭ دائىمىي رەۋىشتە ئىشلەپ تۇرغانلىقىنى مەلۇم قىلغانلىقىدەك مۇھىم ئۇچۇرنى يەتكۈزىدۇ. قەشقەردىكى جەدىدچە مەكتەپ ئابدۇلكەرىم (كېرەم) ئەپەندى ئۈستۈنئاتۇشنىڭ ئىكساق كەنتىدە 1899-يىلى كۈزدە جەدىدچە ئوقۇتۇشنى يولغا قويغان «ھۈسەينىيە مەكتىپى» نى كۆرسىتىدۇ⑩. غۇلجىدىكى جەدىدىچە مەكتەپلەرنى كىملەر ئاچقان بولۇشى مۇمكىن؟ يۇقىرىقى باياندا كۆرسىتىلگەندەك «ھۈسەيىن باينىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى» ئاساسىدا ئېچىلغانمۇ ياكى غۇلجىغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان رۇسىيەلىك تاتارلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش ئېھتىياجى بىلەن ئۇلار تەرىپىدىن ئېچىلغانمۇ ۋە ياكى ئابدۇمۇتائالى خەلپىتىم تەرىپىدىن 1895-يىلى ئېچىلغانمۇ؟ مېنىڭچە ئالدى بىلەن ئابدۇمۇتائالى خەلپىتىم 1895-يىلى ياركەنتتىكى ئابدۇراخمان داموللا دېگەن تاتار كىشىدىن جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپ كېلىپ غۇلجىدا تۇنجى جەدىدچە مەكتەپ ئاچقان، دېگەن قاراشنى ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. بۇ قاراشتا مەن باشتا ئېيتقاندەك مەلۇم دەرىجىدە ئاساس بار. لېكىن بۇ ئاساس بۇ قاراشنىڭ پۇت دەسسەپ تۇرۇشىغا يېتەرلىك ئەمەس. مېنىڭچە بۇ قاراشنىڭ توغرا بولۇشىغا پايدىسىز گۇمانلىق ئىككى نۇقتا بار: (1) ئابدۇمۇتائالى خەلپىتىمنىڭ غۇلجىدا دىنىي مەكتەپ ئوقۇتۇشىغا ئۇسۇلى جەدىدنى ئېلىپ كىرگەنلىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان قاراش بولسىمۇ مۇھەممەتخان كامالى ئەپەندى ماقالىسىدا «1895-يىلى» دېگەن يىلنامىنى دەلىل-پاكىتسىز ئوتتۇرىغا قويغان. ئاپتور بۇ ماقالىسىنى 1984-يىلى يازغان. ئارىدا 90 يىل ۋاقىت بار، شۇڭا يىلنامىنى بايان قىلغاندا ئىشەنچلىك دەلىل، ئىسپات بولمىسا، ئىشەنچ بىلەن قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. خاتا كېتىپ قېلىش ئەھۋالى ھەر زامان مەۋجۇت. مەسىلەن، مۇھەممەتخان كامالى ئەپەندىنىڭ ماقالىسىدىمۇ يىلنامىغا ئالاقىدار مۇنداق بىر روشەن خاتالىق كۆرۈلگەن. «1910-يىلى كەشفۇلئەسرار داموللامنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تاتارلار ‹نوغاي مەكتىپى› دەپ مەكتەپ ۋە بىر قىرائەتخانا ئاچقان.» بۇ باياندا ئىككى خاتالىق كۆرۈلگەن: بىرى، 1910-يىلى ئەمەس 1914-يىلى دېيىلگەن بولسا توغرا بولاتتى. يەنە بىرى، كەشفۇلئەسرار داموللامنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئەمەس، ئابدۇللا بۇبىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن دېيىلگەن بولسا توغرا بولاتتى. (2) مۇرات ھەمرايېف بىلەن نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتنىڭ ماقالىلىرىدىكى ئۇچۇرلار ياركەنتنىڭ مائارىپ ئەھۋالىنىڭ 1895-يىلى ئۇ دەرىجىدە ئۈستۈن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.

بۇ قاراشنىڭ توغرا بولۇشىغا پايدىلىق مۇنداق ئىككى ئامىل بار: (1) «ئاتىمىز مەرھۇم ئابدۇمۇتائالى كامالى (خەلپەم) ئىلىغا ئۇسۇلى جەدىدنى ئەڭ بۇرۇن ئېلىپ كىرگۈچىلەرنىڭ بىرى» دېگەن ئۇچۇرنى يازغان مۇھەممەتخان كامالى ئەپەندى ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلپىتىمنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئوقۇمۇشلۇق، مۆتىۋەر كىشىدۇر. ئۇ دادىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنى يازغان بولۇپ، ئىشەنچىلىكلىك دەرىجىسى خېلىلا يۇقىرى. (2) ياركەنت شەھىرىدە ھەقىقەتەن ئابدۇراخمان داموللام دېگەن كىشىنىڭ بىر مەزگىل تۇرغانلىقى توغرا بايان قىلىنغان. ئابدۇللا بۇبىنىڭ خاتىرىسىدە ئابدۇراخمان داموللىنىڭ ياركەنتتە ياشىغانلىقىغا ئائىت بىر ئۇچۇر بار. ئابدۇللا بوبى بۇ ئۇچۇرنى 1913-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى غۇلجىغا كېلىپ، تاتارلارنىڭ قىزلار مەكتىپى بىلەن ئوغۇللار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا باشلاپ بىرەر ئاي ئۆتمەي تۇرۇپ، غۇلجىدىكى رۇسىيە كونسۇلى تاتارلار ئۈچۈن ئاقساقاللىققا تەيىنلىگەن فازىلجان ئاقساقال دېگەن كىشىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغاندا بايان قىلغان. ئۇ خاتىرىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭدىن بۇرۇن، بىزدىن مۇسابايېفلارغا مۇئەللىم بولۇپ كەلگەن ئابدۇلمۇتەللىپ ئىلكايېفنىمۇ فازىلجان ئەپەندى يولغا سېلىۋەتكەن ئىكەن. مېنىمۇ ئۇ، ئابدۇلمۇتەللىپنى يولغا سېلىۋەتكەندەك يولغا سېلىۋەتمەكچى ئىكەن. لېكىن ئىش ئۇنىڭ دېگىنىدەك بولمىدى.»، «ئۇنىڭ پۈتۈن مەقسىتى ھەركىمنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇپ، ئۆزىنى ھەممىدىن بىلىملىك قىلىپ كۆرسىتىشتۇر. ئۆزىگە بېقىنمىغان، ئۆزىدىن پازىل بىر ئادەمنى ھەرۋاقىت بار كۈچى بىلەن بوزەك قىلىشقا، يوقىتىشقا ھەرىكەت قىلىپ يۈرىدۇ. ياركەنتتىكى داموللا ئابدۇرەھماننىمۇ ئۇ خاراب قىلغان. پىتنە توقۇپ ئىناۋىتىنى تۆككەن.»

بۇ ئۇچۇردىن بىز ئابدۇراخمان داموللىنىڭ ياركەنتتە قاچان تۇرغانلىقىنى بىلەلمىسەكمۇ، بىر مەزگىل تۇرغانلىقىنى دەلىللىيەلەيمىز.

قىسقىسى، ئابدۇمۇتائالى خەلپىتىم ئىلىدا ئۇسۇلى جەدىد ئوقۇتۇشىنى يولغا قويغان پېشۋا مائارىپچىلاردىن بىرى ھېسابلانسىمۇ، ئەمما، پاكىت يېتەرلىك بولمىغاچقا، ئاساس كۈچلۈك بولمىغاچقا تۇنجى جەدىدچى دېگەن ئاتاققا نائىل بولالمايدۇ. مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن ئىنكار قىلىشنىڭ ئاساسلىرى تەڭلىشىپ قالغان ئەھۋالنى ئۆزگەرتىدىغان كۈچلۈك ئاساس ياكى ھۆججەتلىك پاكىتلار ئوتتۇرىغا چىققاندا، چوقۇمكى، بۇ ئىككى تەڭپۇڭ قاراشنىڭ بىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ.

ئىلىدا مۇنتىزىم يېڭى مائارىپنىڭ قانداق باشلانغانلىقىنى بىر قەدەر كۈچلۈك ئاساسلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغىلى بولىدىغان قاراش مەسۇم ئەپەندى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن.

مەسۇم ئەپەندى دېگەن ئىسىمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى ھازىرقى كىشىلەرگە ئانچە تونۇش ئەمەس. لېكىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بۇ ئادەم ئىلىنىڭ يېڭى مائارىپ ئىشلىرىدىكى تۆھپىسى ئەڭ زور پېشۋا مائارىپچىلارنىڭ بىرىدۇر.

ئۇيغۇر جەدىدلىك ھەرىكىتىنىڭ ئاۋانگارتلىرى بولغان ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار رۇسىيەدىكى تاتار شەھەرلىرىدە سودا قىلىش جەريانىدا جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئەڭ بالدۇر تونۇپ يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن 1898-يىلى ئاتۇشتىن كېرەم ئەپەندىنى ئۇرېنبۇرگقا جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپ كېلىشكە ئەۋەتكەن. «تەرجىمان» گېزىتىنىڭ 1902-يىلى 3-ئاۋغۇستتىكى سانىغا بېسىلغان خەۋەردىن بىز ھاجى سوپى ئوغلى مەسۇم ئەپەندىنىڭ جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تېخىمۇ ئوبدانراق ئۆگىنىپ كېلىش ئۈچۈن ھۈسەيىن مۇسابايېف تەرىپىدىن باغچە ساراي شەھىرىگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى، ئەنە شۇ مەسۇم ئەپەندىنىڭ مۇخبىرغا قەشقەر ۋە غۇلجا شەھەرلىرىدە توققۇز جەدىدچە مەكتەپ دائىمىي رەۋىشتە ئىشلەپ تۇرغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلىمىز. مەسۇم ئەپەندى باغچە سارايغا بارغاندىن كېيىن مۆتىۋەر جەدىدچى ئىسمائىل غاسپىرالى بىلەن كۆرۈشكەن. ئىسمائىل غاسپىرالى ئۇنىڭغا يېڭى مائارىپ ئىشلىرىنى پىششىق ئۆگىنىش ئۈچۈن تۈركىيەگە بېرىپ ئوقۇش تەكلىپىنى بەرگەن. چۈنكى بۇ يىللاردا تۈركىيەدە ياۋروپاچە مەكتەپلەر كۆپلەپ ئېچىلىپ يېڭىچە مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئالاھىدە يۈكسەلگەن. مەسۇم ئەپەندى ئىسمائىل غاسىپرالىنىڭ تەكلىپى بىلەن باغچە سارايدىن 1902-يىلى 9-ئايدا ئوقۇش مەقسىتىدە تۈركىيەگە بارغان. مەسۇم ئەپەندى تۈركىيەگە بارغاندىن كېيىن 1884-يىلى مەھمەت نادىر بەي تەرىپىدىن قۇرۇلغان «نەمۇنە تەرەققىي مەكتىپى» دە ئوقۇش ئۈچۈن ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ مائارىپ باش نازارىتىگە ئىلتىماس سۇنغان. ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى كۆرگەن مائارىپ نازىرى جەلالىددىن سۇلتانلىق باش كاتىپىغا تۆۋەندىكىچە ئىلتىماس سۇنغان:

مائارىپ باش نازارىتىدىن سۇلتانلىق باش كاتىپىغا:

غۇلجىدا «مەكتىپى ھۈسەينىيە» مۇئەللىمى بولۇپ، چىندىكى ئىسلام مەكتىپىدە ئۆگەنگەن ۋە كۆرگەن ئىلىمىنى ئەمەلىيىتىدىن ئۆتكۈزۈش ۋە ئىسلامنىڭ ئۆگىتىش ئۇسۇللىرىنى قۇلايلاشتۇرۇش مەقسىتى بىلەن سۇلتانلىقىمىزغا ئەۋەتىلگەن مەسۇم ئەپەندىنىڭ «نەمۇنە تەرەققىي مەكتىپى» گە ئىلتىجا قىلغان ئىلتىماسى ماڭا كەلدى. مەزكۇرنىڭ ئىسلامغا خىزمەت قىلىدىغان بىر ئۇسۇلدا ئىلىم تەھسىل قىلىشى ئۈچۈن، تېخىمۇ مۇۋاپىق باشقا بىر مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ھەققىدە پەرمان قىلىپ 1318-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى 1929-نومۇرلۇق مەخسۇس بۇيرۇق بىلەن مەزكۇرنى خەلىپىلىكىمىزگە تەۋە مەخسۇس مۇئەللىم يېتىشتۈرىدىغان «دارىلمۇئەللىمىن» گە ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە خەلىپىلىكىمىزنىڭ «مەكتەبى مۈلكىيە⑾» دىمۇ ئوقۇشىغا سۇلتانىمىز ئەمىر قىلسا.



        ھىجرى 1320-يىلى جەمادىيەل ئاخىرنىڭ 27 سى

                (1902-يىلى 9-ئاينىڭ 31-كۈنى)

                        مائارىپ نازىرى جەلالىددىن



بۇ قىممەتلىك تارىخىي ئۇچۇردىن بىز مەسۇم ئەپەندىنىڭ ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار غۇلجىدا ئاچقان جەدىدچە مەكتەپ − «مەكتىپى ھۈسەينىيە» نىڭ مۇئەللىمى ئىكەنلىكىنى، «تەرجىمان» گېزىتىدىكى خەۋەردە ئېيتىلغاندەك «جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تېخىمۇ ئوبدانراق ئۆگىنىپ كېلىش ئۈچۈن» باغچە سارايغا ئوقۇشقا بارغانلىقىنى بىلەلەيمىز.

ئۇنداقتا، «مەكتىپى ھۈسەينىيە» قاچان ئېچىلغان؟ بۇ سوئالغا ئېنىق بىر نېمە دېمەك تەس. كېرەم ئەپەندى توغرۇلۇق «تەرجىمان» گېزىتىگە بېسىلغان خەۋەردىكى «غۇلجا ئارقىلىق قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن» دېگەن ئۇچۇرغا ئاساسلىنىپ، بەلكىم ئۇرېنبۇرگدا بىر يىل تۇرۇپ جەدىدچە ئوقۇتۇش مېتودىنى پىششىق ئۆگىنىپ كەلگەن كېرەم ئەپەندى غۇلجىدا مەسۇم ئەپەندىگە ئوخشاش بىر نەچچە ياشقا ئۆزى ئۆگىنىپ كەلگەن جەدىدچە ئوقۇتۇش مېتودىنى ئۆگەتكەن بولۇشى مۇمكىن دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويالايمىز. چۈنكى ئۇسۇلى جەدىد مېتودى ئەنئەنىۋى مائارىپ ئۈچۈن زور يېڭىلىق ھېسابلانسىمۇ، ئەمما، ئۆگىنىۋېلىش ئۇنچىۋالا تەس مېتود ئەمەس ئىدى. بۇ كونىچە مەكتەپلەردىكى بوغۇمنى بوغۇمغا قوشۇپ يادلاپ ساۋاد چىقىرىدىغان قىيىن ئۇسۇل، يەنى «ئۇسۇلى ھىجا» مېتودىنىڭ ئورنىغا، تاۋۇشلارنى تونۇش ۋە قوشۇپ ئوقۇش ئارقىلىق ساۋاد چىقىرىدىغان «ئۇسۇلى سەۋتىيە» مېتودىنى كۆرسىتەتتى. بۇ مېتودنى 1810-يىللىرى گېرمانىيەلىك پېداگوگ يوھان فىرېدرىخ ھېربېرت (Johann Friedrich Herbart،1776 ‐1841) ياراتقانىدى. ئەلۋەتتە، جەدىدچە مائارىپ ئۇقۇمى ئۇسۇلى سەۋتىيە مېتودى بىلەنلا چەكلەنمەيتتى. ئۇسۇلى سەۋتىيە مېتودى ئۇسۇلى جەدىد مېتودى ئىچىدىكى بىر مۇھىم ئۇسۇل ئىدى. يەنى تېز ساۋات چىقىرىش مېتودى ئىدى. ئەينى يىللاردا كونىچە مەكتەپلەردە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار  5-6 يىل ئوقۇپمۇ كۆپىنچىسى يېزىشنى ئۆگىنەلمەيتتى. ئەمما ئۇسۇلى سەۋتىيە مېتودىنى قوللىنىپ يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولاتتى. بۇ شۇ يىللاردا كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ھەيران قالارلىق يېڭىلىق ھېسابلانغاچقا، ھەر قېتىملىق ئىمتىھان يۇرت جامائىتىنىڭ ئالدىدا ئوچۇق-ئاشكارا ئېلىنىپ كۆرسىتىلگەن. بۇنداق قىلىش ئومۇمىي ئادەتكە ئايلانغان. دېمەك، مەسۇم ئەپەندى بەلكىم كېرەم ئەپەندىدىن ئۆگەنگەن بولۇشى ئېھتىمال دېيىشىمىزدىكى سەۋەب مۇشۇ. نېمە ئۈچۈن مەسۇم ئەپەندى كېرەم ئەپەندىدىن ئۆگەنگەن بولۇشى مۇمكىن دەيمىز دېگەندە، كېرەم ئەپەندىنى ئۇرېنبۇرگقا باشقا بىرى ئەمەس، ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. مەسۇم ئەپەندى باشقا بىرىنىڭ ئەمەس ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار غۇلجىدا ئاچقان «مەكتىپى ھۈسەينىيە» نىڭ مۇئەللىمى. بۇ مۇناسىۋەتمۇ بىزنىڭ پەرىزىمىزنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىدۇ.

مەسۇم ئەپەندى تۈركىيەدىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ كەلگەندىن كېيىن ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار غۇلجىدا مەخسۇس يېتىم بالىلار ئۈچۈن ئاچقان «يېتىملار مەكتىپى» دىمۇ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. بۇنى بىز تۈركىيەدە چىقىدىغان «سراتىل مۇستەقىم» دېگەن گېزىتنىڭ 1909-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان خەۋەردىن كۆرۈۋالالايمىز. بۇ گېزىتتە يېزىلىشىچە ئىسمائىل غاسپىرالى 1909-يىلى تۈركىيەدە ئېچىلغان، ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ مائارىپ ۋەزىرى ئەھمەد مىتھاد ئەپەندى قاتناشقان بىر يىغىندا مەسۇم ئەپەندىنىڭ غۇلجىدا يېڭى مەكتەپ ئوقۇتۇشى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلغان. ئەشرەپ ئەدىب بەي بۇ دوكلاتنى خەۋەرگە ئايلاندۇرۇپ ھىجرىيە 1327-يىلى رەجەب ئېيىنىڭ 19-كۈنىدىكى «سىراتىل مۇستەقىم» گېزىتىدە ئېلان قىلغان.

ئۇنداقتا، ئىلىدا تاتارلار كۆپ تۇرسا، ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى سەۋتىيە بويىچە تەسىر كۆرسىتىشىنى نەزەرگە ئالامدۇق - يوق؟ ئۇلار تەرىپىدىن تەربىيەلەنگەن بولسىچۇ؟ دېگەندەك سوئاللار ئوتتۇرىغا چىقىشىمۇ مۇمكىن. بۇ خىل سوئاللارغا بۇنداق مۇمكىنچىلىكنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. لېكىن تاتارلارنىڭ غۇلجىدا جەدىدچە مەكتەپ ئېچىشى 1900-يىللىرى باشلانغان بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ جەدىدچە مەكتەپ ئېچىشىدەك جانلىق بولمىغان. بۇنى تۆۋەندىكى ئىككى پاكىتتىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بىرى، «سىراتىل مۇستەقىم» گېزىتىگە بېسىلغان يۇقىرىقى خەۋەردە «باشقا جەھەتتىن چىن مۇسۇلمانلىرى تېخىمۇ بالدۇر ھەرىكەت قىلماقتا» دېگەن جۈملە ئارقىلىق ئاكا-ئۇكا مۇسابايېف ۋە مەسۇم ئەپەندى قاتارلىق ئىلى جەدىدچىلىرىنىڭ جەدىدچە مەكتەپ ئېچىش جەھەتتىكى ئاكتىپ پائالىيەتلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. ئېنىقكى، بۇ خەۋەردىكى «چىن مۇسۇلمانلىرى» ئىلى ئۇيغۇرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئۇ چاغدىكى ئىلى تاتارلىرى تەۋەلىك جەھەتتىن رۇسىيە پۇقرالىرى بولۇپ، ئۇلارنى ئىلىدىكى رۇس كونسۇلى باشقۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئاقساقىلى فازىلجان ئاقساقال دېگەن كىشى ئىدى. يەنە بىر پاكىت، ئابدۇللا بۇبىنىڭ خاتىرىسىدە ئۇچرايدۇ. ئۇ خاتىرىسىدە 1913-يىلى غۇلجىغا ئايالى ھۆسنۈفاتىمەنى ئېلىپ تاتارلار ئاچقان ئوغۇللار ۋە قىزلار مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچىلىققا كەلگەن چاغدىكى تەسىراتىنى مۇنداق يازغان: «مەن كەلگەن يىلى ئوغۇللار مەكتىپىدە تۆت سىنىپقا بىر مۇئەللىم باركەن. قىزلار مەكتىپىدە بىرمۇ مۇئەللىمە يوقكەن. مەن كەلگەندىن كېيىن سالاھىددىن ئەپەندىنى ئەكەلدۈردۈم. يۈسۈپ قارى، سالاھىددىن ۋە مەن ئۈچ مۇئەللىم بولدۇق. قىزلار مەكتىپىگە ھۆسنۈفاتىمە، يېنىغا ئابدۇللا مۇھسىننىڭ خوتۇنىنى ئەكەلگەنىدى. لېكىن مۇئەللىملىككە يارىمىغاچقا قايتۇرۇۋەتتۇق، تۆت سىنىپتىكى قىزلارنى ھۆسنۈفاتىمە ئۆزى يالغۇز ئوقۇتۇشقا مەجبۇر بولدى. مەنمۇ بىرئاز ياردەم قىلدىم.»

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، غۇلجىدىكى تاتارلار 1913-يىلىغىچە ئوقۇتقۇچى جەھەتتە مانا مۇشۇنداق قىيىنچىلىق تارتقان. ناۋادا ئۇلار غۇلجىدا 1899-يىلى مەكتەپ ئاچقان بولسا، 10 يىللار ئۆتكەندىكى تەرەققىياتى بۇ ھالەتتە بولمىغان بولاتتى. 1913-يىلىغىچە ئۆزلىرىگە ياراملىق مۇئەللىم تاپالماي تۇرغان غۇلجا تاتارلىرىنىڭ مەسۇم ئەپەندىگە ئوخشاش 1899-يىلىلا مائارىپچىلىق ھاياتىنى باشلىغان مۇئەللىمگە ئۇسۇلى سەۋتىيە مېتودىنى ئۆگەتكەن بولۇشى ناتايىن. شۇڭا، مەن ئىلىدا تۇنجى جەدىدچە مەكتەپ − «مەكتىپى ھۈسەينىيە» 1899-يىلىنىڭ باشلىرى ئېچىلغان، بۇ مەكتەپكە 1898-يىلى ئۇرېنبۇرگقا بېرىپ ئۇسۇلى سەۋتىيە مېتودىنى ئۆگىنىپ كەلگەن كېرەم ئەپەندى ئۈلگە كۆرسىتىپ دەرس ئۆتۈپ بېرىپ، مەسۇم ئەپەندى قاتارلىق تۇنجى جەدىدچى مۇئەللىملەرنى تەربىيەلىگەن دەپ قارايمەن. كېرەم ئەپەندى قەشقەرگە بىكاردىن بىكار غۇلجا ئارقىلىق قايتمىغان بولسا كېرەك. بۇ مەنتىقىي خۇلاسە، مەسۇم ئەپەندىنىڭ ئىلى مائارىپىدىكى تۇنجى جەدىدچى ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

قارايدىغان بولساق، مەسۇم ئەپەندىنىڭ ئىسمى ئىلىدىكى يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىش باسقۇچىغا مۇناسىۋەتلىك يازمىلاردا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. مەسىلەن، مەسۇم ئەپەندىنى ماقالىسىدا تىلغا ئالغان كىشى نەسىردىن ناسىرىدۇر. مەن ماقالەمنىڭ باش قىسمىدا «قىممەتلىك ئۇچۇرلار بار» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن «ئىلىنىڭ كونا مائارىپ ئىشلىرى ھەققىدە ئەسلىمە» دېگەن ماقالىدا نەسىردىن ناسىرى مەسۇم ئەپەندىنىڭ نامىنى ئالتە قېتىم تىلغا ئالغان. ئۇ ماقالىسىدا غۇلجىدىن تۈركىيەگە ئوقۇشقا چىققانلارنى سانىغاندا باشتا مەسۇم ئەپەندىنىڭ نامىنى ئاتىغان. ئۇ ماقالىسىدا يەنە مۇنداق يازغان: «مەسۇم ئەپەندى، ئابدۇراخمان ئەپەندى، جىرجىس ھاجى قاتارلىقلار ئىلى بەيتۇللا مەسچىتىنىڭ يېنىدا ئىلىم-بىلىم دەرنەك مەكتىپى ئېچىپ، شەھەردىكى بالىلاردىن 100 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى يىغىپ پەننىي بىلىملەرنى ئوقۇتتى. بۇ مەكتەپ ئىلى يېڭى مائارىپىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى.» نەسىردىن ناسىرى ئەپەندى بۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار توغرۇلۇق توختالغاندا «غاپپار پالتايوف، ھەسىنىم پالتايوف، ئابدۇللا لوندون، ھەسەن شاڭخەي، ئابدۇرۇپ مەخسۇم، مەقسۇت ھاجىم قاتارلىقلار كېيىنكى ۋاقىتلاردا مەشھۇر بىلىم ئىگىلىرى، سودا-سانائەتنىڭ ماھىر يېتەكچىلىرى ۋە يېڭى ئىلىم-مەرىپەت تارقاتقۇچىلاردىن بولۇپ قالغانىدى» دەپ يازغان.

ئەلۋەتتە، مەسۇم ئەپەندىنىڭ جەدىدچە ئوقۇتۇش پائالىيىتى توسالغۇسىز بولمىغان. نەسىردىن ناسىرى ئەپەندىنىڭ يېزىشىچە بۇ جەھەتتىكى كۈرەش گەۋدىلىك بولغان. بۇنى بىز تۆۋەندىكى بايانلاردىن كۆرۈۋالالايمىز: «چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇپ كەلگەن ئەپەندىلىرىمىز ياكى دىنىي ئۆلىمالىرىمىز بولسۇن خەلق مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش، پەن ئەھلىلىرىنى يېتىشتۈرۈشتە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن، بەزى مۇتەئەسسىپ كۈچلەر يەنە باش كۆتۈرۈپ، ياش ئوغول-قىزلىرىمىزنىڭ پەننىي ئۆگىنىش، ناخشا ئېيتىش، تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىشتەك يېڭىلىق ئىشلىرىغا قارشى چىقتى. مۇتەئەسسىپ جاھىل كۈچلەر يەنە: ‹جەدىدچىلەر كۆپىيىپ كەتتى، دىنىي ئوقۇشىمىزغا زىيان سالدى، تالىپلار دىننى تاشلاپ جەدىدچىلەرگە ئەگىشىپ كەتتى› دېيىشىپ مەسۇم ئەپەندىنى دەرنەكنى يېپىشقا قىستىدى. مەسۇم ئەپەندى يۇرت مۆتىۋىرى ھەم پاراسەتلىك كىشى بولغاچقا، مەرىپەت ساھەسىدىكى مەسلىكىدىن يانمىدى، بەلكى خەلققە، ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن مەدەنىيەت لازىملىقى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردى. كۆپلىگەن ئىلغار زات ۋە ئۆلىمالار مەسۇم ئەپەندىنى قوللاشتى. شۇڭا دەرنەك مەكتەپ ئۇزۇنغىچە مەۋجۇت بولۇپ، خېلى كۆپ ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلىدى. شۇ چاغدا ئىسمائىل خەلپەت بۇ مەكتەپ ھەققىدە مۇنداق بىر غەزەل ئوقۇپ يۈرگەنىدى:

بۇ مەكتەپ بېغىدا ئېچىلدى گۈل، ئەترە، رەيھان،

ئىلى شەھىرىنى خۇشبۇي ھىدى قىلدى خاسىيەتلىك دەۋران.»

ئومۇمەن، مەسۇم ئەپەندىنىڭ نامى 1920-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان مائارىپ ھەرىكەتلىرى توغرىسىدىكى ماقالىلاردا ئۇچرايدۇ. 1934-يىلىدىن باشلانغان غۇلجىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق يېڭى مائارىپ ھەرىكىتى دولقۇنىدا بۇ كىشىنىڭ نامى پەقەت تىلغا ئېلىنمايدۇ. قارىغاندا، ئۆمرى ئاخىرلاشقان بولسا كېرەك.

مەسۇم ئەپەندىنىڭ نامىنى ئابدۇللا بۇبى ئۆز خاتىرىسىدە مۇنداق تىلغا ئالغان: «غۇلجىدا ئېچىلغان ھۆكۈمەت مەكتىپىدە بىر-ئىككى يىل ئىشلىگەن بىر ياپون بولۇپ، ئىنقىلاپ ۋاقتىدا مەكتەپلەر تاقالغاندىن كېيىن، رۇسىيە ئارقىلىق لوندونغا كەتمەكچى بولغان ئىكەن. لېكىن، تاشكەتتە، ‹ياپون جاسۇسى› دەپ قاراپ، رۇسلار تۇتۇۋېلىپ، ئون ئاي ساقچى نازارىتىدە تۇرغان ۋە ئاخىرى يەنە غۇلجىغا ئەكىلىپ تاشلىغانىكەن. ھازىر بۇ يەردە تۈركىيەدە ئوقۇپ قايتقان مەسۇم ئەپەندىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتىدۇ.»

ئابدۇللا بوبى خاتىرىسىدە بۇ ئۇچۇرنى 1913-يىلى 12-ئايدىكى بىر ئىشقا باغلاپ يازغان. بۇ ئۇچۇردىكى ئىنقىلاب 1911-يىلى 11-ئايدا غۇلجىدا يۈز بەرگەن «ئىلى شىنخەي ئىنقىلابى» نى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ياپون ئىلىدىكى ياپونىيەدە ئوقۇپ كەلگەن ئوفېتسېر ياڭ زەنشۈ باشقۇرىدىغان يېڭى ئەسكەرلەرنى تەربىيەلەشكە تەكلىپ قىلىنغان بولسا كېرەك.

خۇلاسىلىگەندە، مەسۇم ئەپەندى دېگەن بۇ ئادەم خىيالىي ئويدۇرما ئەمەس. ئۇ ئىلىنىڭ يېڭى مائارىپ ئىشلىرى باشلانغان چاغدىكى ئوقۇتقۇچى بولغاچقا كېيىنكىلەر ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئاساسەن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن. نەسىردىن ناسىرىنىڭ ماقالىسىدىكى بايانلارمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى دېگەندەك قوزغىيالمىغان. 1910-ۋە 1920-يىللاردا ئىلىدا تېخىمۇ يېتىشكەن زىيالىيلار ۋە جەدىدچە ئوقۇتۇشقا ماھىر مۇئەللىملەر بارلىققا كەلگەچكە مەسۇم ئەپەندى گەۋدىلەنمىگەن بولۇشى مۇمكىن.

مېنىڭ ئىلىدا يېڭى مائارىپ قانداق باشلانغان دېگەن ماۋزۇ ئاستىدىكى ئىزدىنىشلىرىم ۋە قاراشلىرىم مۇشۇ. مەن بۇ ئىزدىنىشلىرىمنى ئاخىرقى چەك، بۇ قاراشلىرىمنى ئاخىرقى يەكۈن دەپ تۇرۇۋالمايمەن. بۇ تېما ھەممىمىز ئۈچۈن ئوچۇق، پەقەت ئىزدىنىش ئۇسۇلىمىز ئىلمىي تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى، قاراشلىرىمىز پاكىتلىق، لوگىكىلىق بولۇشى شەرت! بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئاساسسىز قاراشلارنى «جەننەت ماكان − ئىلى» دېگەن كىتابتىكىگە ئوخشاش تەكرارلاپ كۆتۈرۈپ يۈرۈۋېرىدىغانغا ئەمدى ھېچقانداق باھانىمىز يوق. بۇ تېمىدىكى يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە سەل قاراش ئىلمىي پوزىتسىيە جەھەتتىكى بىپەرۋالىقىمىزنى ئىسپاتلايدۇ. پاكىتنى ھۆرمەت قىلىش، تارىخىي چىنلىققا ئۇيغۇن ئىلمىي يەكۈننى قوبۇل قىلىش ئىلمىي ساپاغا بېرىپ تاقىلىدۇ.





مەنبە ۋە ئىزاھات:

① مۇراد ھەمرايېف: «دەۋر سەھىپىلىرى» (ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى توغرىسىدا)، قازاقىستان، ئالماتا. 1972-يىلى نەشرى (كىرىل يېزىقىدا نەشر قىلىنغان كىتاب)، 9-بەت.

② پ. م. ھەمرايېف تۈزگەن: «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى خىرېستومانىيا»، (11-سىنىپلار ئۈچۈن)، ئالماتا مەكتەپ نەشرىياتى، 2002-يىلى نەشرى، 49-بەت.

③ س. د. فورسىيس: «س. د. فورسىيس باشچىلىقىدىكى ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ 1873-يىلى يەكەنگە قىلغان زىيارىتى ھەققىدە دوكلات يەكەن ئەمرى ۋە ئۇنىڭ تېرىتورىيەسىنىڭ تارىخى ھەم جۇغراپىيەلىك ئەھۋالى»، تاشقى ئالاقە نەشرىياتى، ھىندىستان كالكۇتتا، 1974-يىلى، ئىنگلىزچە نەشرى، 87-، 88-بەت. (فورسىيس يەكەن دېگەندە قەشقەرىيەنى نەزەردە تۇتقان.)

④ «ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ پىكرىي ئەسەرلىرى»، تۈركىيە «ئۆتۈكەن» نەشرىياتى، 2008-يىلى نەشرى، تۈركچە، 273-، 286-بەتلەر.

⑤ ئەھمەد كامالنىڭ «چىن - تۈركىستان خاتىرىلىرى. شاڭخەي خاتىرىلىرى» دېگەن خاتىرىسى 1997-يىلى، ئادىل ھېكمەت بەينىڭ «ئاسىيادا بەش تۈرك» دېگەن خاتىرىسى 1999-يىلى تۈركىيەدىكى ئۆتۈكەن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. ئابدۇللا بۇبىنىڭ خاتىرىلىرى 1913-يىلى تاشكەنتتىن يولغا چىقىپ 1917-يىلى غۇلجىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان جەرياننى ئەسلىمە شەكلىدە يازغان خاتىرە بولۇپ، تاتارىستاندىكى ئارخىپتا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىدىن تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە دوكتۇرانتلىققا ئوقۇۋاتقان ۋەتەندىشىمىز ئۆمەرجان نۇرى تەرىپىدىن ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنغان.

⑥ «ئۈمىد يۇلتۇزى» (غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان كىتاب)، 2001-يىلى بېسىپ تارقىتىلغان. 244-بەت.

⑦ بېنجامىن . س. لېۋىي: «شىنجاڭ مائارىپى: 1884-1928»، بۇ ماگىستىرلىق دىسسېرتاتسىيەسى بولۇپ، 2006-يىلى ئامېرىكا ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتى مەركىزى ياۋروپا-ئاسىيا تەتقىقاتى فاكۇلتېتىغا ئۇنۋان ئۈچۈن تاپشۇرۇلغان. بۇ ماقالىدىكى شىنجاڭ جەدىدچىلىك مائارىپى 1980-يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرچە ئەسەرلەردىكى بايانلار ئاساسىدا يېزىلغان. ئاپتور ماتېرىياللارنى تەنقىدىي نەزەر بىلەن تەكشۈرۈپ باقمىغاچقا بەك كۆپ ئىلمىي خاتالىقلارغا يول قويغان.

⑧ يالقۇن روزى: «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى قاچاندىن باشلانغان»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىلى 1-سانى.

⑨ مالىك چانىشىف (تاتار) ئەپەندى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 2009-يىلى نەشر قىلىنغان «جۇڭگو تاتار مائارىپى تارىخى» ناملىق كىتابىدا «چۆچەك شەھىرىدە تۇنجى ئۇسۇلى جەدىدچە تاتار مەكتىپى 1910-يىللاردا ئېچىلغان» (74-بەت) دەپ يازغانىدى. ئەينى زاماندا چۆچەكتە ياشىغان تاتار تارىخچى قۇربان ۋەلىدى خالىد 1905-يىلى قازاندا نەشر قىلىنغان «تاۋارىخى خەمسەئى شەرقى» ناملىق كىتابىنىڭ 751-بېتىدە «چۆچەكتە تۇنجى جەدىدچە مەكتەپ 1899-يىلى 15-دىكابىردا ئېچىلغان» دەپ يازغان. مەن قۇربان ۋەلىدى خالىد ئەپەندىنىڭ كىتابىدىكى ئۇچۇرنى ئىشەنچلىك دەپ قارايمەن.

⑩ يالقۇن روزى: «لاي قەلئەنىڭ سىرى» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى قاچاندىن باشلانغان» دېگەن ماقالىگە قاراڭ. شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى، 2012-يىلى نەشرى.

⑾ «مەكتەبى مۈلكىيە» 1856-يىلى قۇرۇلغان ھاكىم ۋە مەمۇرىي باشلىق يېتىشتۈرىدىغان مەمۇرىشۇناسلىق مەكتىپى. كېيىن تەرەققىي قىلىپ، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي بىلىملەر فاكۇلتېتى بولغان.

kantir يوللانغان ۋاقتى 2013-8-2 09:15:28

ھەر ئىككىڭلارغا تەشەككۈر! ئاللاھ تېنىڭلارنى سالامەت قىلسۇن.

tawlan2 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-2 17:06:33

قوللىرىڭلارغا دەرت كەلمىسۇن. ئاللاھ ئىشلىرىڭلارنى ئاسان قىلسۇن.

kabanna يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 13:21:13

ئەلا باھالىدىم.
بەت: [1]
: ئىلىدا يېڭى مائارىپ قانداق باشلانغان