لاتا شېئىرى (58) قاينىدى
لاتا شېئىرى (58) قاينىدى
كەتتى جۇت ، كەلدى تۇمۇز ، يەرۇ-ئاسمان قاينىدى ،
بۇ تۇمۇز چىققان قۇياشتا ، كۇللى جاھان قاينىدى .
تاغۇ-تاش ئوتتەك كۈيۈپ ، ئاسمان ھاۋا مىستەك قىزىپ ،
مەغرۇبى-مەشرىق دىمەيلى ، بارچە تامان قاينىدى .
ئۈچ ئەسىردىن بىرى مۇزلاپ ، دات بېسىپ كەتكەن يۈرەك ،
بۇ تۇمۇزدا ئىللىدى ، تۇمۇردا قان قاينىدى .
بۇ تۇمۇزنىڭ دەستىدىن ، كەتتى سەي-پەي سۇلىشىپ ،
ۋەلېكىن شاش تۇردى رۇزىدار ، ساۋاپقا ئىمكان قاينىدى .
گاھ قەھرىتان ، گاھ تۇمۇزدا ، تۇردى بىرخىل بىر سىياق ،
رەببىگە بولغان ئىشەنچى ، چىن مۇسۇلمان قاينىدى .
ئاغزىدا مەن مۇسۇلمان دەپ قاينىغانلار دۇغ ئىچەر ،
ئەھلى تەقۋا ،ئەھلى مۇسلىم ، دىلىدا ئىمان قاينىدى .
قىرىق ئەمەس سەكسەنگە ھەتتا ، مىڭ گە چىقسۇن بەرىبىر ،
بولسا تىنىق رۇزىدار بىز ، دىلدا پەيمان قاينىدى .
******************************************************
******************************************************
بولدى بەس ! توختا لاتا ! سەنمۇ ئارتۇق قاينىما !!!
ئىزدىنىشتە بۇ لاتا ، قالغاندەك پىنھان قاينىدى .!
قاينىدى تاسما- لاتا ، بەزى ياخشى قاينىدى،قاينىىسمۇ قاينىدى، ئىملانى بۇلغاپ چاينىدى.
ئىسمى- زادى بەدىۋى، ئادىمىيلىك ھۆسنى يوق،
كۇش- كۇش نى خو دەپ چۈشۈنۈپ ئىزدىنىشتا ئاينىدى.
سىزنى ئۇستاز تۇتسام بۇلارمۇ لاتا ئەپەندىم
1- قەۋەتتىكى tawlan11نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قاينىدى تاسما- لاتا ، بەزى ياخشى قاينىدى،
قاينىىسمۇ قاينىدى، ئىملانى بۇلغاپ چاينىدى.
ئىسمى- زادى بەدىۋى، ئادىمىيلىك ھۆسنى يوق،
كۇش- كۇش نى خو دەپ چۈشۈنۈپ ئىزدىنىشتا ئاينىدى.
بەلكىم ئو ھەرىپىنى ئۇ دەپ يازغاچقا ئىملا خاتا دەيدىغانسىز
لېكىن خوتەنلىكلەر ھەممىسى شۇنداق ئىشلىتىدۇ، ھەتتا خوتەن سۆزىنى خۇتەن دەپ ئاتايدۇ ھەممەيلەن، مەنمۇ شۇنداق، شۇڭا خوتەنلىكلەرگە نىسبەتەن بۇنىڭغا دىققەت قىلماق سەل تەسراق، ئەپۇ قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
بىزمۇ دىققەت قىلىشقا تىرىشىمىز.
بەلكىم يەرلىك شىۋە بىلەن مۇناسىۋىتى بولىشى مۇمكىن.
3- قەۋەتتىكى mahir512نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شۇنداق.
كۆپ گۇناھ ئۆتكۈزۈپتىمەن ئويلىسام،
تەۋبە قىلماي گۇناھ قىلسام تويمىسام،
ئاخىرەتنى دوزاخنى ئويلاپ قويمىسام،
دىنىم نىمە پەيغەمبەرنىڭ يولىچۇ؟
ئويلىماي تەۋبە قىلماي مەن ئوينىسام.
مۇسۇلمانمۇ قۇرئاننى يادقا بىلمىسەم،
بۈيۈك ئىسلام چاقىرىقىغا كىرمىسەم،
ناخشا ئاڭلاپ ھېچ قىرائىت قىلمىسام،
ئېرىنىپ نامازنى كامىل ئوقۇماي،
ئىسلامنى دەپ شېئىر يازسام تىنمىسام.
ئاللاھىم ھىدايەت بەرگىن ماڭا،
ئاخىرەتتە قىلمىغىن يۈزۈم قارا،
گۇناھىمغا تەۋبە قىلدىم دىل يارا،
رەھمىتىڭدىن ئۈمىدىم بار ئىھ ئاللاھ،
مېنى ئۈزەڭ مەغپىرەت قىل خۇدايا.
2013-03-28 پەيشەنبە.
بۇ شىئېرنى لاتا ئەپەندىنىڭ شىئېرلىرىدىن ئىلھاملىنىپ يېزىپ باققان ئىدىم، يوللاپ قۇياي، تەكلىپ پىكىر بىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى قېتىم يوللىنىپ كىتىپتۇ، تەھرىرلەندى. بۇ شېئىر ئادەمگە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ قىزىدى دىگەن شېئىرىنى ئەسلىتىدىكەن. بۇرۇن شېئىرلىرىڭىزنى ياقتۇرمايتتىم،ئەمما يېقىندىن بۇيانقى ئىككى شېئىرىڭىزنى كۆرۈپ كۆز قارىشىم ئۆزگىرەۋاتىدۇ.
مۇشۇ يولۇڭ بىلەن مېڭىۋەر لاتا...ئۈستۈڭ چەكسىز ئاسمان،ئالدىڭ چەكسىز زېمىن...ئەتراپىڭدا بىھېساپ خەلق.... مەنىسىزدۇر بۇ قىزىشلار قىلچىمۇ نەتىجىسىز ،
ئۇيغۇرا بازغاننى ئال تۆمۈرمۇ چاپسان قىززىدى دېگەن شئېرنى ئەسلىدىم . {:112:}ھەقىقەتەن ئېسل شېئىر مۇكاپاتلىدىم:lol:lol ئەلانى مائۇس چېقىلىپ كەتكۈدەك بېسىڭلا :P ئاران بىر قىتىم باسقىلى بۇلىدىكەن. تەڭگە تاشلاپ باقامدۇق يا؟:funk: azharbag يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 19:05 static/image/common/back.gif
ئاران بىر قىتىم باسقىلى بۇلىدىكەن. تەڭگە تاشلاپ با ...
ئۇنداق ئوخشاش يۈزلۈك تەڭگىنى بىز تاشلاپ ئولتۇرمايلى kakkur يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 19:36 static/image/common/back.gif
ئۇنداق ئوخشاش يۈزلۈك تەڭگىنى بىز تاشلاپ ئولتۇرمايلى
:lol :lol :handshake بولدى بەس ! توختا لاتا ! سەنمۇ ئارتۇق قاينىما !!!
ئىزدىنىشتە بۇ لاتا ، قالغاندەك پىنھان قاينىدى .!
ياخشى چىقىپتۇ؟ ئالامەت..:lol{:87:} mahir512 يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 18:51 static/image/common/back.gif
1- قەۋەتتىكى tawlan11نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قاينىدى تاسما- ل ...
سىزگە ۋە سىزگە ئوخشاش قاراشتىكى بارلىق دوستلىرىمغا تەكلىۋىم : ئېغىز تىلى بىلەن يېزىق تىلى پەرقلىق بولىدۇ . بولۇپمۇ ئەدەبىي ئەسەردە ( ئەگەر ئۇ سۆز ئويۇنى ياكى يەرلىك ئالاھىدىلىك تىما قىلىنغان مەخسۇس ئەسەر بولمىسىلا ) تېخىمۇ پەرقلىنىشى كېرەك .
گەرچە تور مۇنبىرى رەسمىي مەتبۇئاتلارغا يەتمىسىمۇ ، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇمۇ بىر خىل نەشىر سۇپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، كەڭ يازغۇچىلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۆرمەت قىلىشىغا تېگىشلىك .
بۇ مۇنبەردە قوللىنىلىۋاتقان يېزىق - بىز ئېگە بولالايدىغان بىردىنبىر خاس بەلگىمىز . چۈنكى قىياپەت ۋە خارەكتىر ئالاھىدىلىكىمىز ، كىيىم - كېچەك ، يېمەك - ئىچمەكلىرىمىز ۋە ئېغىز تىلىمىز ئاللىقاچان بۇزۇلۇپ ، قىممىتىنى يوقىتىش گىرداۋىغا باردى . ئەمدى پەقەت مۇشۇ يېزىقىمىزلا قالدى . بۇنىمۇ ئاللىقانداق باھانىلار بىلەن بۇزۇپ ، ئاسمىلىئاتسىيەگە يول ئاچمايلى .