bozqir يوللانغان ۋاقتى 2013-7-31 15:21:46

[بوزقىر] فېدرخ ستارنى زىيارەت

تەرجىمان ئىلاۋىسى :

    يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا جۈملىدىن مەن تۇرىۋاتقان رايوندا نۇرغۇن ئۇيغۇر رەھبىرى كادىرلىرى «ئۈچ خىل كۈچلەر» لەرگە قارشى تۇرۇپ ، زوراۋانلىق-تېرورلۇققا قەتئىي زەربە بېرىش جەھەتتە تېلېۋىزىيىدە بەس-بەستە ئىپا بىلدۈرۈشتى. بولۇپمۇ  ئۇلارنىڭ تېلېۋىزىيە نۇتقى-سۆزىدىكى « چېگرا سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر»گە قارشى تۇرۇش ئالاھىدە ئۇرغۇلۇق ھالەتتە تەلەپپۇز قىلىندى. ئەمما ، تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلىگۈچىلەرنىڭ «تاشقىي كۈچ»لەر ھەققىدە ئېنىقراق بىر نەرسە دېمىگەنلىكىگە قاراپ بەلكىم ئۇلاردىمۇ بۇ ھەقتە تۈزۈك چۈشەنچە يوق چېغى ، دەپ پەرەز قىلغانىدىم. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نۇتۇق سۆزلەيدىغان ۋە تەسىرات ماقالىسى يازىدىغانلارغا پايدىسى يېتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ، دەپ قاراپ ئالدىنقى قېتىم  مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شىيوڭ كۇنشېڭ ۋە دوكتورى جاڭ پېيچىڭلارنىڭ « ئامېرىكىنىڭ ‹ شىنجاڭ قۇرۇلۇشى› دىن ھۇشار بولۇپ ، جۇڭگونى بۆلۈۋېتىش ئاساسلىرىنى بىتچىت قىلايلى»ناملىق ماقالىسىنى تەرجىمە قىلىپ يوللىغانىدىم.

  بۇ قېتىم جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىسى -« يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» غا بېسىلغان ئامېرىكىنىڭ « شىنجاڭ پىلانى»غا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر ماقالىسىنى  تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم.


------------------------------------



   ئامېرىكا خوپكىنىسكى ئۇنۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا - كاۋكاز تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى :



                      كۆپ قىسىم شىنجاڭلىقلار بۆلۈنۈشنى خالىمايدۇ



                   « يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى : لى بويا



                                      بوزقىر تەرجىمىسى




ئامېرىكا خوپكىنىسكى ئۇنۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا- كاۋكاز تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى فېدرخ ستار ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان ئامېرىكىدىكى نامى مەشھۇر ئالىم . ئۇ 2007-يىلى نەشىر قىلدۇرغان « يېڭى يىپەك يولى» دېگەن كىتابى بىلەن ئامېرىكىنىڭ « بۈيۈك ئوتتۇرا ئاسىيا پىلانى»غا زور تەسىر كۆرسەتكەن . ئۇ باش بولغان « شىنجاڭ : جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان چېگرا » ناملىق كىتابمۇ زور مۇنازىرە قوزغىغان. ئامېرىكا ئىلىم ساھەسىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا بولغان نەزىرى ۋە قارىشىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى يېقىندا ستارنى زىيارەت قىلدى . ئۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ  خىزمەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەم  ئۆزىنىڭ شىنجاڭ رايونىنىڭ تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقىغا بولغان قارىشىنى بايان قىلدى.

   «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» : سىلىنىڭ قىلىۋاتقانلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا- كاۋكاز رايونىنىڭ تەتقىقاتى ، ئۇ جۇڭگونىڭ چېگراسىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات. جۇڭگونىڭ چېگرا رايون تەتقىقاتى ئامېرىكا ئىلىم ساھەسىدە سوغۇق ساھە ھېساپلىنامدۇ ؟ بۇ ساھەدىكى ياش تەتقىقاتچىلار قانچىلىك ؟

ستار : « شىنجاڭ : جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان چېگرا » ناملىق كىتابنى مېنىڭ شىنجاڭ ساياھىتىدىن پۈتكەن ھاسىلاتىم دېسەممۇ بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن ھەم مول تارىخى ، ئۇ يەردىكى ئۆزگىچە ۋە مۇرەككەپ مەسىلىلەر مېنى بەكلا مەھلىيا قىلىۋالدى. مەن ئامېرىكىغا قايىتقاندىن كېيىن شۇ چاغدا تېپىش ئىمكانىيىتى بارلىكى 10 نەچچە ئالىمنى ئىزدەپ تېپىپ بۇ كىتابنى بىرلىكتە يېزىشقا كىرىشتۇق. ئۇلار ئوخشىمىغان ئورگانلاردىن كەلگەنىدى . بۇ ئاپتورلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىنىڭ تىلىغا پىششىق بولۇپ ، ئۇلاردىن خەنزۇچە ، ئۇيغۇرچە ھەتتا رۇسچە بىلىدىغانلىرىمۇ بار . ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشلار بولۇپ ، ئۇلارنىڭ بۇ كىتابنى يېزىشقا قىزىقىشى قانداقتۇر بىرەر سېياسىي غەرەزدىن ئەمەس بەلكى مۇشۇ ساھەدىكى تەتقىقاتقا راستىنلا قىزىقىشى بولغانلىقىدىندۇر.

  «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» : تەتقىقات مەبلىغى نەدىن كەلگەن ؟

ستار : بىز « شىنجاڭ : جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان چېگرا » ناملىق كىتابنى يازغاندا ياپونىيە شىچۇەنپىڭخې فوندىنىڭ مەبلەغ ياردىمىگە ئېرىشتۇق . ئۇنىڭدىن سىرىت باشقا ئاپتورلار بىر قىسىم باشقا فونىدلارنىڭمۇ مەبلەغ ياردىمىگە ئېرىشتى .

        «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» : مۇبادا بەزى تۈرلەرگە « دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» ياكى دالاي گۇرۇھىدىكىلەر مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم قىلسا تەتقىقات ئورنىڭلار ئۇنى قوبۇل قىلامدۇ ؟

    ستار : بىز بۇ كىتابنى يېزىۋاتقاندا بۇ تەشكىلاتلار مەبلەغ جەھەتتىن ياردىم  قىلىپ باقمىدى . مەن ئۇلارنى تونۇمايمەن . باشقا ئاپتورلارنىڭمۇ بۇ تەشكىلاتلاردىن مەبلەغ ياردىمى قوبۇل قىلمىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .

      «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» : تەتقىقات دوكلاتىڭلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە مۇئەييەن تەسىر ئېلىپ كەلدىمۇ –قانداق ؟

        ستار : بىز بۇ دوكلاتنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن يازمىدۇق ، بەلكى پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدىكى تەربىيە كۆرگەن ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن يازدۇق . مېنىڭچە ، بىزنىڭ قاراشلىرىمىز بىر تەرەپلىمىلىكلەردىن خالىي ، ئوبىيېكتىپ بولۇپ ، نۇرغۇن سۆز تېمىلىرىنىڭ سېياسىي بىلەن مۇناسىۋىتى يوق .

       «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» : ئالدىنقى يىللاردا ئامېرىكا پېرزىنتى بۇش « شىنجاڭ مۇستەقىللىقىنى تەرغىپ قىلغۇچى » ئۇنسۇر رابىيەنى قوبۇل قىلغاندا جۇڭگو بۇنىڭغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەنىدى . سىلى بىر ئىلىم ئەھلى بولۇش سۈپەتلىرى بىلەن بۇ ئىشنىڭ جۇڭگو - ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىگە قانداق قارايلا ؟

      ستار : مېنىڭچە ، بۇ مەسىلىگە ئەڭ ياخشىسى ئامېرىكا – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغانلارنىڭ باھا بەرگىنى تۈزۈك .

      «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» : سىلى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم شىنجاڭغا قاچان باردىلا ؟ سىلىچە، ئۇ يەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە جەمئىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر زورمىكەن ؟

          ستار : 2008-يىلدىن ئىلگىرى مەن شىنجاڭغا بېرىپ باققان . ئۇ يەرنىڭ قويۇق مەدەنىيەت تارىخىدىن ئەس- ھوشۇمنى يوقىتىپلا قويغانىدىم . جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ غەرىبنى ئېچىش سىتراتېگىيىسى  شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرغان بولسىمۇ ئەمما ، مېنى ئەندىشىگە سالغان تەرەپلەرمۇ يوق ئەمەس . دائىرىلەر قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزلىرىنى تازا ياخشى قوغدىماپتۇ . بۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن . ئۈمىدسىزلىك ۋە نەپرەتكە تولغان ئادەملەرلا قەبىھ ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىنىڭ ھېسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ . ئەمەلىيەتتە يېڭىشەھەرنى قەدىمىي شەھەرنىڭ يېنىغا بەرپا قىلسىمۇ بولىۋېرەتتىغۇ ، ئۇنى بىۋاستە قەدىمى شەھەرنىڭ ئورنىغا بەرپا قىلغىنى نېمىسى . ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇپمۇ بۇ يەردە خەنزۇلار ، ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلار يەنە بىرگە ئىناق ئۆتىۋېتىپتۇ ( ب د ت پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ مەدەنىي مىراسلار ئەمەلدارى قەشقەرگە كېلىپ كوناشەھەر رايونىنى تەكشۈرۈپ ، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن . دېمەك ، قەشقەر كونىشەھەرنى ئۆزگەرتىش  خەلقئارالىق ئۆزگەرتىش پىرىنسىپقا ئۇيغۇن . ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى قۇرۇلۇش شەكلى ئەسلىدىكى قۇرلۇش ئالاھىدىلىكى ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئولتۇراق تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاپ قالغان- مۇھەررىردىن) .

    «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» : ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكاز رايونى ئامېرىكا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان نۇقتىلىق رايون . جۇڭگو ، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئۇ يەردىكى« ئۈچ خىل كۈچ» لەردىن قاتتىق مۇداپىئەلەنمەكتە ۋە ئۇلارغا قاتتىق زەربە بەرمەكتە . ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر رايوننىڭ كەلگۈسى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە قارىتا قانداق ئالدىن ھۆكۈملىرى بار ؟ بۇ رايوننىڭ ۋەزىيىتى ھازىرقىدىن ياخشى بولارمۇ ؟

        ستار : تۆۋەندىكى ئۈچ خىل شەرىتنىڭ ھەممىسى تەل- تۆكۈس ئەمەلىيلەشكەن شەرىت ئاستىدا  مېنىڭچە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكاز رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش بولىدۇ : 1- ھۆكۈمەت شۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇشى ھەم شۇ يەرلىك ئاۋامنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مېۋىسىدىن بەھرىمەن قىلىشى كېرەك. 2- مائارىپ پۇرسىتىنى يارىتىپ ، شۇ يەردىكى ئاۋامنى ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى كۆرەلەيدىغان قىلىش كېرەك . بولۇپمۇ شىنجاڭ رايونى ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق . بۇ يەردە نۇرغۇن ياشلار مائارىپقا مۇھتاج . 3- شۇ يەرلىك ئاۋام ئۆز ساداسىنى ئاڭلىتالمايۋاتىدۇ . « ئاپتونومىيە» دېگەن بۇ ئۇقۇمنى جۇڭگونىڭ ئىلگىرىكى رەھبىرى ماۋزېدوڭ ئوتتۇرىغا قويغان . تارىخىي تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، شىنجاڭ رايونىدا تېخىمۇ كۆپ بولغان تارقاق شەكىلدىكى ئاپتونومىيىلىك باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى قوللانغاندا جەمئىيەت تېخىمۇ ساغلام تەرەققىي قىلىدۇ . مەن مۇستەقىللىقنى بىر خىل تاللاش دەپ قارىمايمەن . مېنىڭچە ، كۆپ قىسىم شىنجاڭلىقلار بۆلۈنۈشنى خالىمايدۇ . ئۇلارغا كېرەك بولىۋاتقىنى ياخشى كۈن كەچۈرۈش . ئەگەر يۇقۇردىكى ئۈچ شەرىت كونكىرىتنى ئەمەلىيلىشىدىغانلا بولسا مەن شۇ رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن قارايمەن . چۈنكى ، بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش قىيىن ئەمەس .




مەنبەسى : خەنزۇچە « يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 2013-يىل 7-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى سانىنىڭ 7-بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى.

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-31 18:35:30



  بوزقىر ئاكىنىڭ بۇ ئىسىل تەرجىمىسىگە كۆپ رەخمەت .  

  تىرناق ئىچىدىكى مەزمۇننى ئۇقۇۋېتىپ بۇ ستار ئەپەندە ھەجەپ ئوتتۇردا بىرقىسمىلا گەپ قىپتۇ دىسەم ئەسلى ئۇ مۇھەررىرنىڭ گىپكەن .  {:106:}

mispurqak يوللانغان ۋاقتى 2013-7-31 20:10:49

ئاۋۇ پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ مەدەنىي مىراسلار ئەمەلدارى كىم بولغىيتى.بەك يىراقنى كۆرىدىغان ئەمەلدار چىغىۋا،

كىسپۇرۇش!

patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-7-31 21:50:06

« يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»دىكىلەر ئەجەپ قىينىۋىتىپتا ئاۋۇ سىتارنى...ئېغىزىدىن سىياسىيغا ئائىت گەپ ئالالماي قوڭ ئىشىك قىلغان چېغۋا ئاخىرىدا بىراقلا 3مەسىلىنى تاشلاپتۇ...ئەمما، بۇ ئۈچ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قىيىن ئەمەس ئەمەس، قىيىننىڭ چوڭ دادىسى. قارىماققا بۇ بىر رايۇن(مەيلى ئۇيغۇر رايۇنى ياكى كاۋكاز بولسۇن)ئالاھىدىلىكىگە ئىگە،قىسمەن كۆلەملىك قۇرۇلۇشتەك كۆرۈنسىمۇ، چوڭقۇر جەھەتتىن كۆزەتكەندە دۆلەتنىڭ چوڭ ئىستىراتىگىيىلىرىنى تەۋرىتىپ قۇيىدۇ. مەسىلەن؛ ئىشسىزلىق،ئىنىرگىيە تەمىناتى، ئىنىرگىيە ئىكىسپورتىدىن يارىتىلىدىغان ئىقتىساد، جۇغراپىۋى-سىياسىي...

گەپ ئاڭلىماققا ئاسان، ئازراق قائىدە سۆزلىسە قۇلاققا يېقىشىمۇ مۇمكىن.لېكىن، ئىككى توك-توك پىماۋزى، كاۋكاز ياۋايىلىرىنى دەپ ئەڭ كۆپ سانلىق خەلىقنىڭ تاماق قاچىسىنى تاراڭ-تۇرۇڭ قىلىدىغانغا كاللىسى كەينىگە ئىشلەپ قالمايدۇ چوڭلارنىڭ...

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2013-7-31 22:01:54

ئىيۇل ئايلىرىدىن باشلاپ « يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» مەخسۇس مۇخبىر تەشكىللەپ ئامېرىكىنىڭ « شىنجاڭ پىلانى» غا دائىر مەسىلىلەر ھەققىدە ئىز قوغلاپ زىيارەت ئۇيۇشتۇرغاندەك قىلىدۇ. ھازىرغىچە مۇشۇ ھەقتە « يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دىن بىر پارچە ، « يەر شارى تورى»دىن ئىككى پارچە بولۇپ ئۈچ پارچە ماقالە ئوقۇدۇم.



  ھازىر « يەر شارى تورى» دىكى ئامېرىكىنىڭ «چېگرا پىلانى»نىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلايدىغان 3- ماقالىنى تەرجىمە قىلىۋاتىمەن. شۇ ماقالىدە سىتارنىڭ يۇقۇردىكى بايانلىرىغا بولغان بەزى گۇمانىي قاراشلار باركەن. يەنى شۇ ماقالىدە يېزىلىشىچە ، سىتارلارنىڭ قىلىۋاتقان «چېگرا تەتقىقاتى » نى ئۇ دېگەندەك سېياسىي غەرەز ئارىلاشمىغان ساپ ئىلمىي تەتقىقات دېگىلى بولمايدىكەن.

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2013-7-31 22:26:27

يەنە بىرى « يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى  لى بويا سىتارنى خۇددى قەشقەرلىقتەك «您» دەپ ئاتاپتۇ. بۇ يەردە ئالاھىدە ھۆرمەت مەناسى بارمۇ ياكى كىنايىمۇ ئۇخمىدىم. شۇنداقتىمۇ « سىلى » دەپ تەرجىمە قىلىپ قويدۇم.

mispurqak يوللانغان ۋاقتى 2013-7-31 22:48:59

بوزقىر ئەپەندىمگە تەشەككۇر!

تەرجىملىرىڭىزغا ئىنتىزارمىز.

joshua يوللانغان ۋاقتى 2013-7-31 23:11:41

تەرجىمىلىرى ئېسىل چىقىپتۇ، بوزقىر ئاكا ، كۆپ تەشەككۈر!



سىز تېڭشۈننىڭ مىكرو بلوگىنى ئوينامسىزكىن بىلمىدىم، شۇنىڭدا بىر قىزبالا «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» دېگەننىڭ خەنزۇچە ھەم ئېنگىلىزچە سانلىرىنى «ئەڭ نومۇسسىز، ئىككى يۈزلىمىچى» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن سۈپەتلەپتۇ، ئۇلار خوجانىياز ھاجىنى ھەم ئەخمەتجان قاسىمىنى «؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟چى بۆلگۈنچى ئۇنسۇر» دېگەن چاغدىلا مەن بىر قىسما بولۇپ، شۇندىن كېيىن بۇ گېزىتنى ئوقۇپ باقماپتىمەن. سىز مۇشۇ باھالارغا قانداق قارايسىز؟

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2013-8-1 04:54:16

مەنمۇ خەنزۇچە بىلوگلاردىن « يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دىن نەقىل ئالغانلارنى ياكى شۇ گېزىتنىڭ گېپىنى قىلغانلارنى كاللىسى يۇيۇلۇپ كەتكەنلەر قاترىدا مەسخىرە قىلغان ئەھۋاللارنى ئۇچراتتىم.  چىن ئاخبارات ئۆلچىمى جەھەتتىن « يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» بىلەن س س ت ۋ نىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق دەپ قارايدىغانلارمۇ باركەن. ئەشۇنداق قارىغۇچىلار مەيلى « يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» بولسۇن ياكى س س ت ۋ بولسۇن ئەشۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ب ب س غا ياكى « ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى» غا تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى ، ئۇلارنىڭ ج ك پ نىڭ كونتۇرۇللۇقىدا ئىكەنلىكىنى ، شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ دېپىنى چالىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىشى كېرەك.



ئاخبارات ۋاستىلىرى خۇسۇسلاشمىغان دۆلەتلەردە مېدىيالار پۈتۈنلەي ھۆكۈمەتنىڭ كونتۇرۇللۇقى ۋە پۇلى بىلەن مەۋجۇتلۇقىنى ساقلايدۇ. شۇنداق ئىكەن ئۇلارنىڭ ئۆزى تەۋە سىنىپنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن سۆزلەيدىغانلىقىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ . ئەمما ، « يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نى پۈتۈنلەي پەرىقسىز ھالەتتىكى شۇنچە كۆپ ۋاستىلەر ئىچىدىكى ئاز-تولا خاسلىقى بار تاراتقۇ دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلاردىكى خاسلىق دۆلەت مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان ھالدا دۇنيا دىققەت قىلىۋاتقان تىبەت ، شىنجاڭ مەسىلىسى ھەققىدە ئىزچىل خەۋەر بېرەلىگەنلىكىدە. بۇ يەردە ئەشۇ خەۋەرنى قانداق مەيداندا تۇرۇپ قوبۇل قىلىش ۋە تەھلىل قىلىش ئەلبەتتە شۇ كىشىنىڭ ساپاسى ۋە ئىدىيىسى باغلىق مەسىلىدۇر.

chighriqarliq يوللانغان ۋاقتى 2013-8-1 05:07:44

ھەقىقەتەنمۇ بىر تەرەپلىمە قاراشتىكى ئاپتوركەن. ئۇنىڭ تەتقىقاتىنى نوپۇزلۇق دېيىشكە خېلى باردەك قىلىدۇ. بەزىدە سىياسىي ئويۇنلار ئۈچۈن تەتۈرىدىن خىزمەت قىلىدىغان ئىشلارمۇ بولۇدۇ. مەسىلەن: مەن سىزگە بىرگەپنى قىلسام سىزگە پەقەت قوبۇل قىلدۇرالماسلىقىم مۈمكىن، ئىشەندۈرەلمەسلىكىم مۈمكىن. ئەمما، سىز بەك چوڭ بىلىدىغان بىر شەخسنى راسا بىر مىھمان قىلىپ، يانچۇقىغا ئاز-تولا زەللە سېلىپ، ئۆزەم دەپ ئىشەندۈرەلمەيدىغان گەپنى ئۇنىڭغا دېگۈزسەم سىز بۇنىڭغا ئىشەنمەي قالمايسىز، ئەڭ بولمىغاندىمۇ بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي قالمايسىز.

ئاندىن كاپىتالىستىك جەمىيەت قۇرۇلمىسى ئىقتىسادنى \"خۇدا قىلىۋېلىش» نەتىجىسىگە ئاپارغان بولۇپ، ئائىلە مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت بەك جىددىي بولۇدۇ. ئەر-خوتۇن ئارىسىدىمۇ ھىساپلىشىشلار بولۇدۇ، ئاتا -بالا ئارىسىدىمۇ رەھىمسىز ئىقتىسادىي ھىساپلار بولۇدۇ. ئىنتايىن تېز چۆگۈلەۋاتقان كاپىتالىستىك جەمىيەت ماشىنىسىنىڭ چىشلىق چاقلىرىغا چاينىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن جان تىكىپ پۇل تېپىشقا توغرا كېلىدۇ. پۇل ھەققىدىكى بۇنداق سەزگۈرلۈك بۇ يەردىكى ئادەملەرنى ھەر كويغا سېلىشى مۈمكىن. غەرپلىكلەرنىڭ مەرت-مەردان، رىتسار روھى ئاللىقاچان كەلمەسكە كەتكەن. شۇڭا بۇنداق نەرسىلەرگە دىققەتلىكراق مۇئامىلە قىلىنغىنى ياخشى. خەلقنىڭ ئومۇمىي ئارزۇسى ھەققىدىكى باھاسى ئادەمنىڭ ئۆتىنى يېرىۋېتىشكە يېتىپ ئاشىدۇ.

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-1 08:20:43

ئېسىل تەرجىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي بوز قىر ئەپەندىم . \"\"

datman يوللانغان ۋاقتى 2013-8-1 10:20:58

ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن تەرجىمە ئىسىل چىقىپتۇ

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2013-8-1 11:06:46

ھازىر « يەر شارى تورى» دىكى ئامېرىكىنىڭ «چېگرا پىلانى»نىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلايدىغان 3- ماقالىنى تەرجىمە قىلىۋاتىمەن. شۇ ماقالىدە سىتارنىڭ يۇقۇردىكى بايانلىرىغا بولغان بەزى گۇمانىي قاراشلار باركەن. يەنى شۇ ماقالىدە يېزىلىشىچە ، سىتارلارنىڭ قىلىۋاتقان «چېگرا تەتقىقاتى » نى ئۇ دېگەندەك سېياسىي غەرەز ئارىلاشمىغان ساپ ئىلمىي تەتقىقات دېگىلى بولمايدىكەن.



  شۇ ماقالىدە مۇنداق دېيىلىپتۇ :

« شىنجاڭ : جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان چېگرا » ئامېرىكىدىكى 10نەچچە ئالىم بىرلىكتە يېزىپ چىققان تەتقىقات دوكلاتى بولۇپ ، ئۇنىڭدا « غەرىبنى ئېچىش » سىتراتېگىيىسىگە قەستەنلىك بىلەن « مەلۇم دەرىجىدە ئۇيغۇرلارنى ئاسمىلاتسىيە قىلىدۇ» دېگەن سۈيقەسىت يۈكلەنگەن. دوكلاتتا يەنە « كۆچمەنلەر ئارقىلىق ئىدارە قىلىش» ، « مۇستەبىتلىك كىرزىسى » ۋە « خەنزۇ كۆچمەنلەر» دېگەندەك تېرمىنلار ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسىي ئىدىيە «جۇڭگونىڭ شىنجاڭدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ قانۇنلۇقلىقىدا مەسىلە مەۋجۇت» دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ ، بۇ شىنجاڭ بۆلگۈنچىلىرىنى نەزەرىيىۋى ئاساسلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىگىلىنىشىچە ، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن تېما تەتقىقاتىغا قاتناشقان بىر قىسىم ئالىملار « تېرورىزمنى قوللىمايدىغانلىقىنى ، شىنجاڭنىڭ بىر مۇستەقىل دۆلەت بولۇشىنىمۇ قوللىمايدىغانلىقىنى » ئوچۇق –ئاشكارە بىلدۈرگەن.

مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتى جۇڭگو مىللەتلەر نەزەرىيىسى ۋە مىللەتلەر سېياسىتى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى شىيوڭ كۇنشىننىڭ « يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ مۇخبىرىغا بىلدۈرىشىچە ، گەرچە « شىنجاڭ پىلانى» نىڭ باش تۈزگۈچىسى ھېچقانداق ھۆكۈمەت ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئېيىتقان بولسىمۇ ئەمما، بۇ ئورگان ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىدە ھەل قىلغۇچ تەدبىر بەلگۈلىشىگە ناھايتى ئاسانلا تەسىر كۆرسىتەلەيدىكەن. مۇبادا دوكلاتنىڭ يەنە بىر ئاپتورى رچارد بۇكنېستېر فېللېرنىڭ ئىلگىرى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى دۆلەت ئاخباراتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىنى ئۆتۈگەنلىكىدەك كەچمىشلىرىنى ئويلىغىنىمىزدا ، بۇ خىل ئوبىيېكتىپ ئەۋھالنىڭ كىشىنى تېخىمۇ شۈبھىلەندۈرىدىغانلىقىنى تەن ئالماي تۇرالمايمىز، ئەلبەتتە. « شىنجاڭ پىلانى» نىڭ ئىلمىي قاتلاملىق تەتقىقاتتىن بۇرۇلۇش ياساپ ئامېرىكىنىڭ سېياسىي ساھەسىدىكى ئەربابلارغىچە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۆتكەنلىكىنى سابىق پىرزېنىت بۇشنىڭ 2007-يىلى « شىنجاڭ مۇستەقىللىقىنى تەرغىپ قىلغۇچى ئۇنسۇر» رابىيەنى قوبۇل قىلغانلىقىدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىندۇر. بۇ ئىش جۇڭگو تەرەپنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك!

patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-8-2 02:14:15

بىر بالاسى بولمىسا قۇيرۇقتا تاش تۇرامدۇ دىگەندەك سىتارنىڭ پاراڭلىرىنى سىياسىي تىمىغا يۆتكەزگۈزۈشكە تىپىرلىشىدا زادى باشقا ھىكمەت بار...ئالدىنقى ئايدا كىسىنگىر بىلەن جىياڭ زېمىن كۆرۈشكەندىمۇ جىياڭ بۇۋاي ھە دەپ ئەمەلىي ئىشلار تىمىسىدا پاراڭ سوقۇشقا كۈچەپتۇ. ئامىرىكىنىڭ يېقىندا ئۇيغۇر رايۇنىدا يۈزبەرگەن بىرقاتار تىرورلۇق ۋەقەسىگە تۇتقان جۇڭگۇنى خۇشال قىلمايدىغان قېلىقىمۇ باركەن...ئەمما، كىسىنگىر نەدىكى نامى ئۇلۇغ سۇپرىسى قۇرۇغ-ئۆتكەن كەچكەن ئىشلار ھەققىدە گەپ سېتىپ جىياڭ بۇۋاينىڭ پاراڭ تىمىسىغا تازا ماسلاشمىغان چىراي...

ئۈستىدىكى سىلى دىگەننى خۇشامەتنىڭ ئەڭ ئەرزىنى دەپ چۈشەندىم...

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2013-8-2 06:19:13

«ئامېرىكىا‹ چېگرا پىلانى ›نىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلايى » ناملىق ماقالىدە يېزىلىشىچە ، ئامېرىكىدا بۇ خىل پىلاننىڭ يەر ئالغىنىغا 10يىلدىن ئېشىپتۇ. بۇ ساھەدە تىبەت ، موڭغۇل ، شىنجاڭغا دائىر غوللۇق تەتقىققاتچى-پروپىسورلار يېتىشىپ چىقىپتۇ. شۇنچە يىللاردىن بۇيان بۇ ساھەدە بىرەر خەۋەر =ئۇچۇر بېرىلمەي بۇ يىل ياز ئايلىرى كىرىشى بىلەن تەڭلا مۇشۇ تېمىدىكى ماقالىلەرنىڭ نوپۇزلۇق ۋاستىلەرنىڭ باش سىتون خەۋەرلىرىگە ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى نېمىدۇ ؟ بۇنىڭغا مۇشۇ ھەقتىكى ئالدىنقى ماقالىدە دېيىلگەن « ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭ بۆلگۈنچىلىرىنى قوللاشتا پەردىنىڭ ئارقىسىدىن ئالدىغا ئۆتۈشى» سەۋەبمۇ قانداق؟ مەيلى نېمىلا دېمەيلى مارالبېشىنىڭ سېرىق بويا ۋە پىچاننىڭ لۈكچۈندىكى ۋەقەلەرىدىن كېيىنكى ئامېرىكا گوۋۇيۇەنى ئاخبارات باياناتچىسىنىڭ جۇڭگونىڭ مىللەتلەر سېياسىتىنى تەنقىتلىگەن سۆزلىرىنىڭ مەنبەسىمۇ دەل ئامېرىكىا‹ چېگرا پىلانى ›نى ئارقا كۆرۈنۈش قىلمىغان دېگىلى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ.






























bozqir يوللانغان ۋاقتى 2013-8-2 06:27:08

« يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ يېقىنقى ئەلپازىدىن قارىغاندا بۆلگۈنچىلەرگە يانتاياق بولىۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدە يەنە تۈركىيەمۇ ئالاھىدە يەر ئالغان بولۇپ ، بۇ دۆلەتلەر قىلمىش-ئەتمىشلىرىمۇ چۇۋۇپ تاشلانغان. « يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ يېقىندىكى بىر سانىغا مۇشۇ ھەقتە خېلى ئۇزۇن بىر ماقالە بېرىلىپتۇ.

patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-8-2 11:23:55

جۇڭگۇ سىياسىتىدە ئامىرىكىنىڭ بېيجىڭنى خۇشال قىلمايدىغان بەزى تاكتىكىلىق ئىنكاسلارنى قايتۇرىشىنى، جۇڭگۇ ئەتراپىدىكى جۇغراپىيىۋى-سىياسىي مۇھىت بىلەن بىرلەشتۈرگەندە بۇنىڭ ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ‹ئاسىياغا قايتىش›ئىستىراتىگىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بۇلىدۇ. بۇنداق دىسەك بەزىلەر ؛ئامىرىكا ئاسىياغا قايتىش پىلانىنى غەربىي تىنچ ئوكيان رايۇنىنى مەركەز قىلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ، شۇنداقلا ئافغانىستاندىن كەڭ كۈلەملىك قۇشۇن چىكىندۈرۈشكە تەييارلىنىۋاتقان تۇرسا، دۇنيانىڭ سىياسىي مەركىزىدىن يىراق دەشتى بايان-ئۇيغۇر رايۇنىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىشىنى ئامىرىكىنىڭ ئىستىراتىگىيىدىكى ئىلگىرلىشى دەپ قارىلىغى بۇلامدۇ؟ مەنچە ئامىرىكىنىڭ غەربىي تىنچ ئوكيان ۋە ئۇيغۇر رايۇنى مۇھىم تەركىپ قىلغان ئاسىيغا قايتىش ئىستىراتىگىيىسىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھەربىي ئىشلار ۋە سىياسىي جەھەتتە ئىپادىسى نىسپەتەن گەۋدىلىك بولدى دىيىشكە بۇلىدۇ. ئەلۋەتتە شەرقىي ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر،بېقىندى دۆلەتلەرگە تۇتقان سىياسىي پوزىتسىيىگە قارىغاندا ۋاشىنگىتوننىڭ ئۇيغۇر رايۇنى ۋەزىيىتىگە قايتۇرغان ئىنكاسىنى بەك كۆرىنەرلىك دىگىلى بولمايدۇ. لېكىن، جۇڭگۇنىڭ ئىچكى ئىشى نوقتىسىدىن قارىغاندا بۇ ناھايىتى سەزگۈر مەيدان ھىساپلىنىدۇ. غەربىي تىنچ ئوكياندا ئامىرىكا رايۇندىكى كونا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ۋە كىيىن يېقىنلاشقان دۆلەتلەردىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىشكە كۈچەۋاتىدۇ.شۇنداقلا بۇ ھەرىكەتنىڭ ۋاقىتلىق ئەمەسلىكىنى تەكىتلاۋاتىدۇ. غەربىي تەرەپ-ئوتتۇرا ئاسىياغا قوشنا-ئافغانسىتاندىن قۇشۇن چىكىندۈرۈشكە تەرەددۇت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئامىرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ دۆلەتتىن چىقىپ كىتىشى سىياسىي بوشلۇق پەيدا بۇلۇشتىن دىرەك بەرمەيدۇ. قۇشۇن چىكىندۈرگەندىن كىيىن ئامىرىكا ئارمىيىسىنىڭ نۇرغۇن قۇرال-جابدۇقلىرى ئۆزبىكىستانغا سوۋغا قىلىنماقچى. ھىندىستاننىڭ ئافغانسىتاندا تەسىرىنى كۈچەيتىشى ئامىرىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. كەرىموف بۇلتۇرقى شايخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەتلىرى بىرلەشمە مانىۋىرىغا ئەسكەر ئەۋەتمىدى. كۆرىۋېلىشقا بۇلىدۇ-ئامىرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي كۈچى ئاجىزلىمىغان ئەھۋالدا ۋاشىنگىتون ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان سىياسىي تەسىرىنى كۈچەيتىشكە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. ئوتتۇرا،مەركىزى ئاسىيا رايۇنى سىياسىي مۇقىملىقىنىڭ ئۇلى مۇستەھكەم ئەمەس، جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى غايەت زور ئىقتسىاد ۋە زىھىن سەرپ قىلىپ ئۇيغۇر رايۇنىنىڭ مۇقۇملىقىنى ساقلاشقا مۇھتاج. شۇنداقلا بۇخىل ئىھتىياج سالمىقى ئاشۇرمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىۋاتىدۇ...بۇ بىر تەرىپى دەل رايۇننىڭ مۇقۇملىقى تېخىمۇ زور خىرىسقا دوچ كىلىۋاتىدۇ دىگەنلىك.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئېغىش ئىھتىماللىقى بىلەن غەربىي تىنچ ئوكياندا ھەربىي ئۇرۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئۆنۈمىنى سېلىشتۇرغاندا ئامىرىكىنىڭ شەرقى دىڭىز ياكى جەنۇبىي دىڭىز(فىلىپپىن غەربىي دىڭىز، ۋېيتنام شەرقىي دىڭىز دەپ ئاتايدۇ) بىر ئاۋىئاماتكا چەڭ توپى ئەۋەتىپ جۇڭگۇغا ھەيۋە قىلىشى بىلەن ئۇيغۇر رايۇنىدا كۆرۈلگەن بىرە سەزگۈر ۋەقەگە قارىتا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىغان ئىپادە بىلدۈرۈشنىڭ ئامىرىكىغا ئېلىپ پايدىلىق تەسىرى ماھىيەتتە تەڭداش كىلىپ قالىدۇ. مارالبىشى، پىچاندىكى ۋەقەلەردە ئامىرىكا پۇرسەتنى تۇتۇۋالدى.

تۈركىيىگە مۇناسىۋەتلىك ماقالىنى يەرشارى تورىدا كۆردۈممۇ شۇنداقراق ئىسىمدە، ماقالىدە دىيىشىچە تۈركىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگۇغا قارشى بۆلگۈنچىلەرنى گاھىدا قوللاپ گاھىدا تىزگىنلەش پوزىتسىيىدە تۇتۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما، 7.5ۋەقەسىدىن كىيىن كۆزىنى قىسىۋېلىشقا ئۆزگىرەپتۇ.

سۈرىيىدە باشىرغا قارشى نامايىش پارتلاش، كىيىن ئۆكتىچىلەرنىڭ تۇقۇنۇشنى ئىچكى ئۇرۇشقا ئايلاندۇرۇشتا تۈركىيىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى جۇڭگۇغا ئايان بولغاچقا مەتبۇئاتلارنىڭ تۈركىيىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس.

....


patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-8-2 11:29:38

ئەلۋەتتە، يەرشارى ۋاقىت گىزىتىنىڭ ئامىرىكىنىڭ شىنجاڭ ۋەزيىتىگە قاراتقان ئىپادىسىنى چۈشەندۈرۈشنى مۇھىم تەشۋىقات قاتارىدا مۇھىم تۇتۇپ ئىشلىشىنى دۆلەت ئىچىدە ئوينىلىۋاتقان ‹بۆرە كەلدى›ئۇيۇنىنىڭ بىرقىسمى دەپ چۈشۈنسەكمۇ بولغۇدەك... ياپۇن ئالۋاستىلىرنى سېغىۋاتقىلى بىريىل بۇلاي دىدى، ئەمدى ئانچە-مۇنچە پەدە ئالماشتۇۇرۇپ چالىدىغان ۋاقىتمۇ بوپ قالدى...

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 11:30:26

ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﯞﯗﯗ ﻣﯘﺧﺒﻰﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻨﻰﺍﺗﻰﯞﺍﺗﻘﺍﻧﺪﻩك ﺗﯘﻳﯘﻟﺪﻯ ﻣﺎﯕﺎ.

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-3 15:33:18

بۇ ئادەم ئاۋۇ مۇخبىرنى ئوينىتىۋاتقاندەك تۇيۇلىۋاتىدۇ ماڭا.
بەت: [1] 2
: [بوزقىر] فېدرخ ستارنى زىيارەت