tayker يوللانغان ۋاقتى 2013-7-31 10:16:50

تومۇز ئىسسىقتا قانداق قىلساق بولار ؟

بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ، مەن مۇشۇ ۋاقىتقىچە ھېس قىلىپ باقمىغان تومۇز ئىسسىقنىڭ ھارارىتىنى ھېس قىلدىم . دېمىسىمۇ رايۇنىمىزنىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك مۇشۇنداق ئىسسىق ھاۋارايى كۆرۈلۈۋېتىپتۇ ، شۇڭا مەن ئويلاپ قالدىم : مۇشۇنداق تومۇزدا قىرىنداشلىرىمىز نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك ؟ ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن باشقا يەنە قانداق پائالىيەتلەرنى قىلسا مۇۋاپىق بولىدۇ ( سىرىتنىڭ تېمپىراتۇرسى يۇقىرى بولغاچقا ) ؟


بۇ ھەقتە چۈشەنچەم يېتەرلىك بولمىغاچقا باشقا قىرىنداشلىرىمىز بىلەن بىللە مەنپەئەتلىنىش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يوللىدىم ، كەڭ مۇنبەرداش قىرىنداشلارنىڭ بۇ ھەقتە بىلگەنلىرىنى ئايىماسلىقىنى سەمىيمىي ئۈمىت قىلىمەن .

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2013-7-31 19:30:38

دېمىسىمۇ مۇشۇ ئىككى ئۈچ كۈندىن بېرى بازادا تۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئىسىپ كەتتى .قوساق ئاچلىقىمۇ بىر نۆرى قۇرغاق ئىسسىق بەدەننى قۇرۇتۇپ چاڭقىتىۋەتتى .ئاللاھ بارلىق روزىدار قېرىنداشلىرىمىزغا ئاسانلىق بەرسۇن .

Batush يوللانغان ۋاقتى 2013-7-31 20:09:31

5.ئايدا ھىندىستاننىڭ ئەڭ ئىسسىق يەرلىرىدىن بىرى بولغان ئەخمادابادتا 3 كۈن ئاپتاپقا قاقلىنىپ كۈننىڭ راسا ئىسسقىنى ئۆمرۈمدە تۇنجى قىتىم ھىس قىلدىم .

8 يىل مۇقەددەم نەنچاڭدا تۇنجى ئىسسىقى ھىس قىلغاندا خىلى قىينالغانىدىم . دەسلەپتە 1 يىل ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك ياتاقتا ياتاتتۇق ،كېيىن بىر يىل شامالدۇرغۇچلۇق ياتاقتا ياتتۇق . ئاندىن نەنجىڭدا 4 يىل كۈننىڭ ‹‹راھىتىنى›› سۈرۈپتىمەن. بۇ ۋاقىتلاردا ئەڭ ئىسسىق بولغاندىمۇ 30نەچچە سىلسىيە گىرادۇس ئىدى . شېنجىندىمۇ شۇنچىلىك .



ئەمما ماۋۇ ھىندىستاندا 50 سىلسىيە گرادۇسلۇق ئىسسقنىڭ ‹‹راھىتىنى›› راسا سۈرۈۋالدىم دېسە....  {:107:}  ھازىرغۇ ھىندىستاندا ھاۋا سالقىن بولۇپ كەتتى . يامغۇر پەسلى بولىۋاتىدۇ .



ھە راست،ھىندىستاندا نىمە قىلىدىغاندۇ دەپ قالماڭلا ، ماۋۇ ھىندىستانغا شىركەتنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى بىلەن كەلگەن. 5 .ئايدا بىر تۈر بار ئىدى قۇياش ئىنىرگىيەلىك ئۆزگىرىشچان توكلۇق سۇ پومپسىىنى سىنايدىغان . شۇ 3 كۈنلۈك سىناقنى ئاران تەستە تۈگەتتۇق دېسە...ئوڭۈشلۇق.



مەنغۇ ئارانلا 3 كۈنگە پايلاپتىمەن ، شۇ يەردە مۇشۇنداق ئىسسىقتا ئىشلەيدىغان تۈمەنمىڭ خەلقلەر باركەن ،شۇلارغا قاراپ ئاللاھقا مىڭ شۈكۈرلەر ئىيتتىم .....


Batush يوللانغان ۋاقتى 2013-7-31 20:11:08

@muzdala ماۋۇ ئىسسىق توغىرىسدا ئازراق سۆزلەپ بېرە ! ...

دۇبەيگە بېرىپلا شۇندا تويۇپتىم ئىسسق دېگەنگە ، سەن ئاغىنەم قاتاردا كۈننىڭ ‹‹راھىتىنى ›› راسا سۈرىۋاتقانسەن ھە !...  {:90:}

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2013-7-31 21:35:58

ماۋۇ خوتەن دىگەن 8-10 كۈنلەر بولدى ، ئۇدا دوزاختەك قىزىقچىلىق ۋە ئىسسىق بوپ كەتتى ، كېچىنىڭ تېمپىراتۇرىسىمۇ 30 دىن تۆۋەن ئەمەس ، بۇلۇت-يامغۇر،بوران دىگەنلەردىن ئەسەرمۇ يوق \"\"

ھاۋا رايى مەلۇماتىدا كېيىنكى بىر ھەپتىنىمۇ ھەر كۈنلۈكى 39 -40 دەپ قويۇپتۇ ، ئاز دىسىمۇ 45 لەردە بار تېمپىراتۇرا، ھۆكۈمىتىكام ۋە باشلىقلار نومۇس قىلماي قوڭىنى يۈزىگە ئىلىپ قويۇپ تۇرۇپ بۈگۈن 39 دەيدۇ ئادەم كۆيۈپ كەتكىلىۋاتسا \"\"

ئىشقىلىپ يەرگە گۆش قويۇپ قويسا پىشىدىغان يەرگە بېرىپ قالدى \"\"

بۇرۇنقى زامانلاردا ھۆل - يېغىن ياغماي قۇرغاقچىلىق بوپ كەتسە يۇرت جامائىتى بىرلىكتە قان قىلىپ زارا - خەتمە قىلىپ ئاللادىن يامغۇر تىلەيدىكەن ، ما ئىسسىقتا بىزمۇ يېقىنلاپ قالغاندەك ......

بۇ يىلقى يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق ھاۋا رايى نىمە سەۋەپتىنكەن باللا ، بىلىدىغانلىرىڭلار بارمۇ؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2013-7-31 21:42:03

مۇشۇ ئىسسىق دىگەنگە ھېچكىمنىڭ ، ھۆكۈمەتنىڭمۇ ئامالى يوقكەن دىسە ، ياشىسۇن سوغۇق ، ياشىسۇن سالقىنچىلىق ،ياشىسۇن قىش پەسلى

كۆيۈپ ئۆلگىچە توڭلاپ ئۆلگەن مىڭ راھەت ئوخشايدۇ  \"\"

سۈنئى يامغۇر ياغدۇرىدىغان ئىشلىرى بارتى ، شۇنى قىلالمامدىكىنە ؟؟؟؟

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2013-7-31 21:52:09

بىزنىڭ كورلىمۇ بەكلا ئىسسىپ كەتتى.

باغقا بۇرۇن ھاۋا سۈرۈن چاغلاردا بېغىمدىكى نەشپۈتلەرگە ئالتە تۇڭ دارا چاچقىلى بولاتتى.يېقىنقى دارا چېچىش ۋاقتىدا ھاۋا بەكلا ئىسسىق،رامزان ئېيىدا ئۆزىمىزنىڭ تەن-سالامەتلىكىگە دېققەت قىلمىساق بولمايدۇ دەپ ئويلاپ ئەتىگەن سائەت بەش تىن ئونغىچە بەش سائەت ئىشلەپ ،ئۆيدە سائەت تۆتكىچە ئارام ئالدىم.تۆتتىن كېيىن ھاۋا ئازراق سۈرۈن بولغان چاغدا يەنە ئىشلەپ كەتتىم.بۇرۇن ئالتە تۇڭ دارا چاچسام ھازىر ئۈچ تۇڭ دارا،بۇرۇن بىر كۈندە قىپ بولدىغان ئىشنى ئىككى كۈندە،ئېتىزغا سۇ ئاچقاندا كۈندۈزى ئاچماي،قۇياش پېتىپ قاراڭغۇ چۈشكەندە ئاچتىم.سالامەتلىكنى مۇشۇنداق ئاسراپ كەلدىم مەن \"\"

patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-7-31 21:56:23

4- قەۋەتتىكى iltershنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

م

بۇ يىلقى يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق ھاۋا رايى نىمە سەۋەپتىنكەن باللا ، بىلىدىغانلىرىڭلار بارمۇ؟

....


ياز پەسلى بولغانلىقتىن بولسا كىرەك...

patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-7-31 21:58:03

4- قەۋەتتىكى iltershنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

م

بۇ يىلقى يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق ھاۋا رايى نىمە سەۋەپتىنكەن باللا ، بىلىدىغانلىرىڭلار بارمۇ؟

....


ياز پەسلى بولغانلىقتىن بولسا كىرەك...

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-7-31 22:00:53

تۇرپاندا 40 گىرادوس سالقىن بولۇپ بەرسە خېلى خوش بولۇپ قالاتتىم. بۈگۈن 43 دىدى، ئەتە 44 كەن، ئۈگۈنلۈككە 45 مىش. ئىشقىلىپ 5-ئايدا 38 گە چىقىپ بولغان تىمپىراتورىنىڭ ھازىر تېلىۋىزوردا دەۋاتقان 40 گىرادوستا تۇرۇشىغا ئىشەنمەيمەن. ھازىر كەچ سائەت تۇققۇزدىكى تىمپىراتورىنى 36 گىرادوس دەيدۇ.

http://www.weather.com.cn/weather/101130501.shtml

patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-7-31 22:08:37

kuyaxoghli تۇرپاندا يانچۇقىڭلارغا توڭلاتقۇ سېپ يۈرەمسىلەر نىمە...ماۋۇ ج. جەنۇپتا 35-36گىرادۇستا كىشى يالتىراقنىڭ ئىچىگە تىقىپ ئېغىزىنى ئىتىۋەتكەندەك يۈرىۋاتىمەن...40تىن يۇقىرىسى ئاڭلىماققىلا باشنى قايدۇرىدۇ  {:92:}

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-7-31 22:19:37

تۇرپان شۇنداق ئىسسىق بولسىمۇ ئىشقىلىپ ئاپتىپى ئادەمنى بەك كۆيدۈرۈپ كەتمەيدۇ. قۇرغاق بولغاچقا بەك تىنجىق بۇلۇپ كەتمەيدۇ ياخشى يېرى. ئىشقىلىپ نەچچە كۈندىن بەكلا ئىسسىق. ئۈرۈمچىدە يامغۇر ياغسا توقسۇننىڭ بورىنى كېلىپ ئازراق سالقىنلاپ قالاتتۇق.

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-31 23:54:29

ئۈرۈمچىنىمۇ شۇنداق ئىسسىپ كەتتى دەپ قاخشاپ يۈرۈپتۇق. يۇقارقىلارغا قارىغاندا خېلى ياخشىكەن جۇمۇ.

يامغۇر يېغىپ تۇرىۋاتىدۇ، چاتاق يېرى دائىم كېچىدىلا ...

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-8-1 00:47:55

ماۋۇ يۇمۇرغا سەت كۈلۈپتىمەن بۈگۈن.

ئىچكىرىدىن چىققان ئانچە مۇنچە ئۇيغۇرچە بىلىدىغان بىر يولداش تۇرپانغا كەپتۇ. ئىسسىقتا ئىش قىلىش خوشياقماي يالغاندىن ماشنىغا سۇقۇلۇپ پۇل تاپاي دەپ ئويلاپ كېتىپ بارسا بىر ماشىنا كېلىۋاتقۇدەك. كېلەي دىگەندە ناھايتى ئۇستىلىق بىلەن سۈركەلگەن بۇلۇپ يېتىۋاپتۇ. شوپۇر ئىش چاتاق ئادەم سۇقۇپ قويدۇم دەپ ماشىنىدىن چۈشسە ئۇ ئاداش دەس تۇرۇپ كېتىپتۇ. شۇپۇر چاتاق يوقتۇ دىسە، ئۇ يولداش يەر بەك ئىسسىقكەن ياتقىلى بولمىدى دىگۈدەك. ھى ھى ھى

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-1 03:05:49

ئاللاھ سالقىنلىق بېرەر. بۇ يىل ھەممە جاي ئىسسىق. كەلكۈننىڭ چاقچىقىدىن ئىگىسى بىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلا...

adreamofmine يوللانغان ۋاقتى 2013-8-1 08:21:43

ئاپامنىڭ بىر مەشھۇر سۆزى باتتى  {:92:}  شۇنچە يىل ياشاپ بىرەر ئادەمنى ئېرىپ كېتىپتۇ دەپ ئاڭلىمىدۇق.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

bilkan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-1 11:03:08

ئاللاھتىن روزىدار مۇسۇلمان قىرىنداشلارغا ھەسسىلەپ ساۋاب بىرىشىنى ، روزىدار قىرىنداشلارنىڭ سىناقلارغا چىدامچان بولۇشىنى تىلەيمەن.

ئاللاھتىن ئۇزۇنلۇقى 50مىڭ يىلغا سوزۇلغان، قۇياش يىقىنلاشقان، زىمىن بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە قىزىغان قىيامەت كۈنىدە مۇسۇلمان بەندىلىرىنى ئۆز رەھمىتىگە ئىلىپ ئەرشىنىڭ ساھىسىدىن ئورۇن بىرىشىنى تىلەيمەن! ئامىن!

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-1 11:53:35

يەنە 20 كۈنلەردىن كىيىن، بىر ئىسسىقراق بولغان بولسا دەپمۇ قالىمىز. 9 - ئاي كىردىمۇ ئىشقىلىپ، ئەتىگەن ۋە كەچ تەرەپتىكى ئازادە راھەتلىك پائالىيتىڭىز تەدرىجى ئازلايدۇ.

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-1 13:28:49

7- قەۋەتتىكى patrolنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4- قەۋەتتىكى iltershنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

م

بۇ يىلقى يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق ھاۋا رايى نىمە سەۋەپتىنكەن باللا ، بىلىدىغانلىرىڭلار بارمۇ؟

....


ياز پەسلى بولغانلىقتىن بولسا كىرەك...




ھاھاھا   ....قىزىق توغرا جاۋاپ بوپتۇ بۇ .بۇ يىل ئىسسىق 8. ئايدا كىپ قالدىمۇ دەيمەن.\"\"

بەت: [1] 2
: تومۇز ئىسسىقتا قانداق قىلساق بولار ؟