گۈلەن: ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەتسەبىلەر تەرەققىيات مەركىزىمىز يېڭى ئورۇن، يېڭى كۆلەم ۋە يېڭى رەسمىيەتتە قايتىدىن ئېچىلماقچى. مەركىزىمىز قەشقەر نەزەرباغقا تەۋە 16 سىنىپلىق بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىشلىتىلمەيۋاتقان ئورنىنى ئىجارىگە ئېلىپ 30-ئىيۇل كۈنى بېزەشكە باشلىدى. بېزەش ۋە بارلىق تەييارلىق خىزمىتى 20-ئاۋغۇست ئاياقلىشىدۇ. ئاللاھ خالىسا 1-سىنتەبىر دەرس باشلىنىدۇ. مەركىزىمىزنىڭ بۇرۇنقى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قايتىدىن تىزىمغا ئالدۇرىشىنى ئىلتىماس قىلىمىز. يېڭىدىن تىزىملاتماقچى بولغانلارمۇ قىزغىن قارشى ئېلىنىدۇ. 3.5 ياشتىن 6.5 ياشقىچە بالىلار قوبۇل قىلىنىدۇ. تېلىفون: 186-0998-5955، 180-0998-8148 (ئۇيغۇرچە تەرتىپ بويىچە ئوڭدىن سولغا)
مەركىزىمىز يەنە بالىلارنى سۆيىدىغان، ئوقۇتقۇچىلىقنى سۆيىدىغان، مۇستەقىل پىكىرلىك دوستلاردىن ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىدۇ. بالىلار مائارىپى بويىچە تولۇق كۇرۇستا تەربىيىلەنگەنلەر ئالدىن ئويلىشىلىدۇ. سىرىتتىن كېلىدىغان ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا مەكتەپتە ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
ئوقۇتقۇچى بولۇشنى خالايدىغانلار ئاۋغۇستنىڭ 15-كۈنىگىچە تىزىملىتىپ بولۇشى كېرەك. 20-ئاۋغۇست يېڭىچە يەسلى ئەندىزىسى بويىچە تەربىيەلەش باشلىنىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن
سەبىلەر تەرەققىيات مەركىزى
30-تومۇز، 2013- يىل. قۇر ئالماشتۇرۇپ يازسىڭىز نورمال كۆرۈنۈدىكەن.
تېلىفون:
186-0998-5955
180-0998-8148 مەركىزىڭلارنىڭ بارغانسىرى گۈللەپ روناق تېپىشىغا چىن كۆڭلۈمدىن تېلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ھۆرمەتلىك گۈلەن ئەپەندىمنىڭ تىرىشچانلىغىغا مىڭ مەرتىبە تەشەككۈر ئېيتىمەن!
سەبىيلەر قەلبىنىڭ كۈلۈپ يايرىشىغا تاشلانغان بۇ خاسىيەتلىك قەدەملەردىن خۇشپۇراق قىزىل گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەي، ئىلاھىم!
كۆپ ئەپسۇس، ئارىلىغىمىزنىڭ يىراقلىغى سەۋەپلىك ئەمەلىي ھەسسىدار بولالماي قالدىم، ..........!
ئاللاھ يولۇڭلارنى راۋان، ئىشىڭلارنى ئاسان قىلغاي، ئامىين!
قەشقەردىمۇ؟ئىسىت ئۈرۈمچىدە بولغان بولسا ھەقسىز دەرس ئۆتۈپ بېرەتتىمكەن ئانا تىلىم مىللىتىم ئۈچۈن قوشقان زەررىچىلىك تۆھپەم ھېسابىدا قەشقەرگە بارغۇلۇق جۇما.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام ئىشلار ئىلگىرى بولسۇن،سىزنىڭ يازمىلىرىڭىز ۋە قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىز ئۇندىدار ئارقىلىق پۇتۇن دىيارىمىزنىڭ يېزا قىشلاق بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغىچە تارقىلىپ ئەلنىڭ دۇئاسى ۋە دىققەت نەزىرىدەسىز ئامان بولوڭ گۇلەن ئەپەندىم، ئىشلىرىڭىز ئىلگىرى بولسۇن ! ئىشلىرىڭىزلارغا ئاللا مەدەتكار بولسۇن قەشقەرگە بېرىپ قالسام كۇرۈپ كىلىمەن
10- قەۋەتتىكى Musicfanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قەشقەرگە بېرىپ قالسام كۇرۈپ كىلىمەن
قارشى ئالىمىز، ئورنىمىز ھەقىقەتەن چوڭ ۋە خالى. مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەڭ ماس جاي. كېلىپ ئارام ئېلىپ كەتسەڭلەرمۇ بولىدۇ. ئالدى ئۆستەڭ، مەكتەپتەپ ئىچىدە ئېرىق، يېزا يولى خالى...ماشىنا ئۆگىنىدىغانلار مۇشۇ تەرەپكە كېلىڭلار، مەيدىنىمنى بېرىپ تۇراي ھە راست، ماشىنا ئۆگىنىۋاتقانلار سايلاردا يۈرمەي بىزنىڭ ھويلىدا ھەيدەپ مەشىق قىلىۋېلىڭلار. شەھەرگە 10 مىنۇتتا كىرىپ بولىسىلەر. بۇ يوغان مەيداننى يەنە نېمە قىلىپ ئاۋات قىلساق بولار، بىر پىلان كۆرسىتىڭلار. ئىككى تەرەپ سىنىپ، ئوتتۇرىسى مەيدان، ئەتراپى تېرەكلىك داۋراڭنىڭ ئاخىرى
تىزىمغا ئالدۇرغانلار 15-ئاۋغۇست ئۇيغۇر ۋاقتى سائەت سەككىزدە قەشقەر مالىيە سودا مەكتەپكە بېرىڭلار. تېل: 18009988148 تەبرىكلەيمەن خۇدايىم ئەجىرىڭىزنى كاتتا قىلىپ بەرسۇن ! ھە راست سىرىتتىن كېلىدىغانلارغا ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىمىز. پەرزەنتىڭلارنى يىراق كۆرمەي ئەۋەتىش ھەققىدە ئويلاشساڭلار بولىدۇ. گۈلەن ئەپەندىمنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى پىتنە ئىغۋالارغا قارىتا يازغان تىمىسىنى ئاچسام 4- بەت ئېچىلىپتىكەن، تىمانى ئوقۇپ بولۇپ، 1- قەۋەتتىن باشلاپ ئىنكاسلارنى كۆرەي دېسەم، يوقاپ كەتتى، ھىچ تاپالماي قالدىميا؟ {:92:}
16- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
گۈلەن ئەپەندىمنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى پىتنە ئىغۋالارغا قارىتا يازغان تىمىسىنى ئاچسام 4- بەت ئېچىلىپتىكەن، تىمانى ئوقۇپ بولۇپ، 1- قەۋەتتىن باشلاپ ئىنكاسلارنى كۆرەي دېسەم، يوقاپ كەتتى، ھىچ تاپالماي قالدىميا؟
بىداركا ئۆزلىرى بىلىلا، ئىزدىنىشتا قۇرۇق ھاياجانلىنىشقا چەك قويۇلىدۇ. تېما ياخشى بولغان بىلەن ئىنكاسلار ھەددىدىن ئېشىپ كەتسە، تېما مەزمۇنى بىلەن مۇناسىۋەتسىز پايدىسىز گەپ كۆپەيسە تېما ئۆچۈرۈلىدۇ. مەن شۇ سەۋەپتىن ئۆچۈرۈلدىمىكى دەپ قالدىم يا.
مەن 4-5 يىلغىچە ئىزدىنىشقا كىرىپ تېما ئىنكاس يازغۇدەك سەۋىيەم يوق دەپ قاراپ، تىزىملىتىشقىمۇ پىتىنالمىغان ئىدىم. 3-4 ئاي بولدى بۇ مۇنبەردىكى ئىنكاسلارنىڭ سەۋىيىسىمۇ بەك پۈچەكلىشىپ كىتىپ بارىدۇ. ئەسلىدە ئىزدىنىش مۇنبىرى دېگەن تېمىدىن ئىنكاسلىرى تېتىملىق، بىر نەچچەن قۇر يېزىلغان تېمىغا نەچچە بەت ئىنكاس چۈشۈدىغان، بىرەرسى بىر خەۋەرنى بىر يەردىن تەرجىمە قىلىپ يوللىسا باشقىلار باشقا دۆلەت، باشقا تىللاردىكى تور بەتلەردىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەرجىمە قىىلپ يوللاپ مەزمۇننى بېيىتىدىغان ئاجايىپ ئېسىل يەر ئىدى. خەلقئارا مۇناسىۋەت، ئىجتىمائى ئىشلار توغرىسىدىكى ..........مۇنازىرىلەرمۇ بەك قىززىيىتتى. بولدىلا!
بىرىڭلارنىڭ ئىنكاسىنىڭ ئاستىغا چىقىدىغان بىر گەپ بولىدىغان:
بىر-بىرىنى ياخشى دەپ ئۆسەر يۇرتنىڭ باللىرى،
بىر-بىرىنى نادان دەپ چۆكەر يۇرتنىڭ باللىرى.