Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 18:11:12

ھايدېنس فېررى ژۇرنىلىدا تونۇشتۇرۇلغان پەرھات تۇرسۇن

205- قەۋەتتىكى kantirنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
داۋاملىق قارماق تاشلاش بۇيرۇقى چۈشۈپتۇ دە.

ئىزدىنىش قۇرۇلغىلى ئون يىلدىن ئاشتى ، بىراق ھازىرغا قەدەر بىرەرسىنى ئىزدىنىشتا ئىنكاس يېزىپ تۇتۇلۇپ قاپتۇ دەپ ئاڭلاپ باقمىدۇق ۋە ئۇنداش ئىش كۆرۈلمىدى .  ھازىرغا قەدەر بولغان مۇساپىدە داۋاملىق ئېنىقسىز سەۋەپلەر تۈپەيلى تاقىلىپ قالغان ياكى مەسئۇل كىشلەر جاۋاپكارلىققا تارتىلغان بولسىمۇ ئەزالارنىڭ مەخپىيەتلىكى قوغدىلىپ كەلدى . بۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر ئىشنى بىز ئاڭلىمىغان ئىكەنمىز سىلەرمۇ ئاڭلىمىغان بولىسىلەر . بىلىمەن ، جەمىيەتتە ئىزدىنىشقا ئاجايىپ ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدىغانلارنىڭ بارلىقى راست، سىلەر تاۋلان ۋە كانتىر ئىككى ئاشۇق مەشۇقلارنىڭ ئىزدىنىشقا مەخسۇس ناچارلىق قىلغىلى كىرىدىغىنىڭلارنىمۇ بىلىپ تۇرۇغلۇقمىز . ئەگەر قىلتاق ياكى قارماق بار دەپ قارىساڭلار ئىزدىنىشقا كىرمىسەڭلارلا بولۇۋېرىدۇ ، باشلىقىڭلار ئىشپىيۇنلۇق قىلمىدى دەپ رەنجىمىسىلا بىز سىلەرنى ئىزدىنىشقا قەدەم تەشرىپ قىلمىدى دەپ رەنجىمەيمىز .

ھازىر تېلفۇندا تورغا چىقىپ قالدىم ، كومپىيۇتېردا تورغا چىقىۋاتقان باشقۇرغۇچىلار بولسا بۇ ئىككى جاناپنىڭ ئىزدىنىش قارمىقى ئەندىشىسى ئىچىدە ئاللىقانداقتۇر كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ۋاقتىدا بۇلارنى بىر ئايلىق چەكلىۋەتكەيسىلەر .
تاۋلان دىگەن ئەزا تاۋلان1 دىن تاۋلان18 گىچە تىزىملاتقان بولۇپ، ئىزدىنىشقا كىرىشنىڭ بۇلارغا بۇنچە زۆرۈريەت بولۇپ قېلىشىدىن بۇلارنىڭ مەخسۇس ئىزدىنىشتا ئىشپىيۇنلۇق قىلغىلى ياكى قالايمىقانچىلىق چىقرىش ئۈچۈن كىردىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ . ئىزدەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەممە ئىسمىنى تېپىپ چىقىپ بىر ئايلىقتىن سولىۋەتسەڭلار بولىدۇ . قىلىۋاتقىنىنى بىلىپ تۇرساقمۇ ئادەم ئىتىپ ئاشكارلىمىغانلا يىرىمىز بارتى . خەير ئادىمگەرچىلىك ، يول قۇيۇش ، دىموكىراتىيىمۇ مۇشۇنچىلىك بولسا بولار . چەكتىن ئاشۇردىغانلار ئۈچۈن بىزنىڭمۇ چەكتىن ئاشقان مۇناسىپ تەدبىرلىرىمىزمۇ يوق ئەمەستۇر .
ئەگەر سىلەرنىڭ ۋاقتىڭلار چىقمىسا ھېلى مەن كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىغا كەلگەندە چەكلىسەممۇ بولىدۇ .
يېڭى پىروگىرامما پۈتكەندە بۇلار سانداندىن تازلىنىش بىلەن بىرلىكتە دائىملىق تورغا چىقىدىغان ئايپى ئادىرسىمۇ چەكلىنىدۇ .

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 18:15:04

مەن بىلىدىغان پەرھات-يالقۇن ھادىسىسى

مەمتىمىن ئەلا


ئاپتور ئىلاۋىسى: «ئۆلۈۋېلىش سەنئىتى» رومانىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى سۈپىتىم بىلەن، پەرھات تۇرسۇن بىلەن يالقۇن روزى ئوتتۇرىسىدا ئۇشبۇ رومان سەۋەبلىك ئوتتۇرىغا چىققان زىددىيەتلەرنىڭ قانداق باشلانغانلىقىنىڭ شاھىدىمەن. ئەسلىدە يالقۇننىڭ تۆھمىتى سەۋەبىدىن پەرھاتنىڭ ئىزچىل ھەقسىزلىققا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىغا بۇرۇندىنلا بىر نەرسە يېزىش نىيىتىم بار ئىدى. لېكىن تۈرلۈك سەۋەبلەرگە كۆرە مەقسىتىم ئىشقا ئاشماي كەلدى. يېقىندا دىيارىم تور بېتىدە يالقۇن روزىنى زىيارەت قىلغان پروگراممىنى كۆرۈپ، ئىلگىرىكى بەزى ئىشلارنىڭ ئۆزگىرىشكە باشلىغانلىقىنى ۋە يەنە بەزى ئىشلارنىڭ بۇرۇنقىدەكلا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ ھەقتە قەلەم تەۋرىتىش قارارىغا كەلدىم. بۇ ھەرگىزمۇ مېنىڭ پەرھات بىلەن يېقىنلىقىم ياكى ئۆزۈمنىڭ تۆھمەتنىڭ سەۋەبچىسى بولغان يۇقىرىدىكى كىتابنىڭ مۇھەررىرى بولغانلىقىمدىن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئىدىيە تارىخىدا كەم كۆرۈلىدىغان ھەقسىزلىككە شاھىد بولغانلىقىمدىندۇر. مېنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ ھەقسىزلىق توغرىسىدا سۆزلىشىم بىر شاھىدتا بولۇشى كېرەك بولغان باش تارتىپ بولماس ئەخلاقىي مەجبۇرىيەت سەۋەبىدىندۇر.

بۇنىڭدىن سەككىز يىل مۇقەددەم يالقۇن پەرھاتنىڭ «ئۆلۈۋېلىش سەنئىتى» دېگەن رومانىغا قارىتا يازغان تەنقىدىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، پەرھات-يالقۇن ھادىسىسى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەڭ قىزىق نۇقتا مەسىلىسى بولۇپ كەلدى. يالقۇن ئۆز تەنقىدىدە پەرھاتنىڭ رومانىدىكى سىرلىق سان بولغان 1420 نى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا باغلاپ تەھلىل قىلىپ، پەرھاتنى ئىسلام دىنىنى ھاقارەتلىدى دەپ ھۆكۈم چىقاردى. ئۇشبۇ ھۆكۈم ئۇيغۇر زىيالىيلار قاتلىمىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەۋرىتىپلا قالماستىن، يەنە، تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى، پەرھاتنىڭ مەنىۋى ھاياتىنىمۇ ئىزىدىن چىقىرىۋەتتى—پەرھات تا قىيامەتكىچە سوزۇلىدىغان دەۋادا دەۋاگەرگە ئايلاندى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى شۇنىڭدىن كېيىن بۇ قورقۇنچلۇق ھۆكۈم ئېلىپ كەلگەن ئاسارەتنى خىلمۇ خىل شەكىلدە، مەيلى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز بولسۇن، ئىپادىلەيدىغان بولدى. ئۇ ئۆزى مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇلغان بۇ كۆڭۈلسىز دەۋانى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە جان جەھلى بىلەن ئۇرۇنغانسېرى، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا قاتنىشىشقا تېخىمۇ مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. پەرھات قاتناشتۇرۇلغان بۇ دەۋا باشتا ئىككىلا ئادەمگە چېتىلغان بولسا، كېيىن ئۇ ساناقسىز ئادەملەر خىلمۇ خىل غەرەز بىلەن قاتنىشىدىغان ئاممىۋى دەۋاغا ئايلىنىپ كەتتى.

بۇ دەۋا جەريانىدا ھەرقانداق بىر جەمئىيەتتە ئەقلىيلىكنىڭ ھامان غەيرىي ئەقلىيلىك ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن پەرھاتنىڭ ئۈمىدى بارغانسېرى كۆپۈككە ئايلىنىشقا باشلىدى. ھەقىقەتنىڭ ھامان ساختىلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن پەرھاتقا ھەقىقەت مەسخىرىلىك يوسۇندا ئۆزىنىڭ ئىنساننىڭ پانىيلىقىدىن ھالقىغان ماھىيىتىنى پەش قىلىپ تۇرىۋالدى. ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە مەدەنىيەتنىڭ جاھالەت ئۈستىدىن ھامان ئۈستۈن كېلىدىغان توسۇۋالغۇسىز يۈزلىنىش ئىكەنلىكىگە چىن پۈتكەن پەرھاتقا دەل مۇشۇ مەدەنىيەت ئۆزىنىڭ تىرەن غەيرىي ئەقلىيلىقىنى ئاشكارا قىلدى.

پەرھات بۇ دەۋا داۋامىدا باشتىن ئاخىر بىر مەنىۋى قاراققا ئايلاندۇرۇلدى—بەزىلەر پەرھات مەسىلىسى ئارقىلىق ئۆزلىرىنى مىللەتنىڭ «نىجاتكارلىرى» ۋە دىننىڭ «قوغدىغۇچىلىرى» بولۇشتەك ئوبرازىنى تىكلەش پۇرسىتىگە ئىگە بولىۋالسا، بەزىلەر پەرھاتنى ئۆزلىرىنىڭ باشقىلارغا زوراۋانلىق قىلىش ئىستەكلىرىنى قويۇپ بېرىدىغان ئوبيېكتقا ئايلاندۇرىۋالدى، بەزىلەر پەرھاتتىن ئىبارەت بۇ «غالجىر» تالانتنى ئۈزۈل كېسىل ۋەيران قىلماقچى بولسا، يەنە بەزىلەر ئۇنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئۇ ئارقىلىق ئىپادىلىنىۋاتقان «قويۇق» غەربچە ئەدەبىيات كۇلتۇرىنىڭ تەسىرىگە بولغان قايمۇقۇشلىرىنى ئۈزۈل كېسىل ئىنكار قىلىماقچى بولدى. يىغىپ ئېيتقاندا، پەرھات-يالقۇن ھادىسىسى ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ئىككىيلەنگىلا تەۋە بولۇشتىن ھالقىپ، بىزنىڭ بۇ كېسەلمەن جەمئىيىتىمىزنىڭ پاتالوگىيىلىك كېسەللىك ھالىتىنىڭ تەكرار ۋە تەكرار ئىپادىلىنىشى بولۇپ قالدى.

1

مەن خەلق نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشخانىسىدا تەھرىر ۋاقىتلىرىمدا، پەرھات «ئۆلۈۋېلىش سەنئىتى» دېگەن رومانىنىڭ قوليازمىسىنى كۆرۈپ بېقىشىمنى ئېيتتى. ئۇ 1998-يىلى ئىدى. مەن روماننى ئوقۇشقا باشلىدىم. روماندا پەرھات ئىنساننىڭ روھىيىتىگە قارىتا ئىنتايىن سېزىمچانلىق بىلەن چوڭقۇر كۆزىتىش ۋە تەسۋىرلەش، تېخىمۇ توغرىراقى تەتقىقات، ئېلىپ بارغانىدى. پەرھات ئەينى ۋاقىتتا، مېنىڭ قارىشىمچە، رېئاللىقنى پسىخىك ئانالىز ئۇسۇلى بويىچە كۆزىتەتتى ۋە ئىجادىيىتىدە بۇنىڭ تەسىرى ئىنتايىن قويۇق ئىدى. پەرھات كۆپ ھاللاردا بىنورمال پېرسوناژلارنىڭ روھىي تۇرمۇشىنى يېزىش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ كوللېكتىپ ئاڭسىزلىق قۇرۇلمىلىرىنى بايقاپ چىقىشنى ياخشى كۆرەتتى. پەرھاتنىڭ رومانى دەل مۇشۇ مەنىدىن ئىنساننىڭ يوشۇرۇن ئېڭىنى قېزىش ئارقىلىق ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى بولۇپمۇ بىزنىڭ ئادەتلەنگەن كۆرۈش نۇقتىمىزدىن كۆپ ھاللاردا قېچىپ كېتىدىغان ۋە كوللېكتىپ ئاڭسىزلىققا تەۋە بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئېچىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغانىدى. ئەلۋەتتە، پسىخىك ئانالىز ئىلمى كۈچلۈك ئىلىم پەنچىلىك ئىدىيىسى بىلەن سۇغۇرۇلغاچقا ۋە ھەتتا ئۇشبۇ ئىزىم ئۆزىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان سىگمۇند فرويد تەرىپىدىن باشتىن ئاخىر بىر ئىلىم سۈپىتىدە قارالغاچقا، بۇ ئىزىمنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان پەرھاتمۇ تەبىئىي ھالدا ئىنساننىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا تەۋە بولغان ئىستەكلىرىنىڭ ئەقلىي ئاساسىنى تېپىشنى ۋە ئۇنىڭ تۈرلۈك (كېسەلمەن) ئىپادىلىرىگە قارىتا كۈچلۈك ئەقلىي چۈشەندۈرۈش بېرىشنى مۇھىم دەپ قارايتتى. بۇ خاھىش ئۇنىڭ رومانىدا گەۋدىلىك ئىدى. مەن بۇنى ئەينى ۋاقىتتا پەرھاتقا ئۇدۇل دېگەنىدىم: «پەرھات، رومانىڭدا پېرسوناژلارنىڭ روھىي ھالىتى ۋە قارىشى ھەققىدە ئۇزۇندىن ئۇزۇن بەرگەن لوگىكىلىق نۇقتىئىينەزەرلىڭنى ياقتۇرمىدىم. سەن سەنئەتنى ئۆزۈڭنىڭ پەلسەپىۋى قاراشلىرىڭنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ۋاسىتىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇپسەن. ئەسىرىڭدىن قويۇق سەنئەت ھىدىنى ھېس قىلغۇم بار ئىدى.» پەرھات ئەينى ۋاقىتتا جاۋاب قايتۇرمىدى. مەن باشتىن ئاخىر پەرھاتنىڭ بىرەر ئىزمنىڭ ئەمەس بەلكى سەنئەتنىڭ ئىچكى ئاۋازىغا ئەگىشىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم.پەرھاتنىڭ روماندىكى ئۇرۇنۇشى ئەمەلىيەتتە ئىنساننىڭ ئەقلىي تۈس بەرگىلى بولمايدىغان ۋە ھەتتا روھىي ئانالىز ئىلمى بىلەنمۇ تەلتۆكۈس چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدىغان مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ۋە ئاڭسىز ھېس-تۇيغۇلىرىغا ئەقلىي تۈس بېرىشكە ئۇرۇنۇشتىكى بىر دادىل ئەمما توقۇنۇشقا تولغان سىناق ئىدى.

شۇنى تەكىتلەش ئىنتايىن مۇھىمكى، مېنىڭ ئەينى ۋاقىتتا پەرھاتنىڭ رومانىغا بەرگەن تەنقىدىم ھەرگىزمۇ روماننىڭ باشقا ئۇتۇقلىرىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىش ياكى ئۇنى يالقۇن كېيىن ئۆزىنىڭ تەنقىدىدە ئېيتقىنىدەك «تۈكۈرۈپ تاشلىۋېتىشكە تېگىشلىك» رومان دەپ قارىغانلىقىم ئەمەس ئىدى. روماننىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن تەرەپلىرى بار ئىدى. روماندا ئۇيغۇر رومانچىلىقىدا سەل قارىلىپ كېلىنىۋاتقان ئىنساننىڭ قەلب دۇنياسىدىكى مۇرەككەپلىكلەر، زىددىيەتلىك روھىي ھالەتلەر، كىملىك كرىزىسى، ئىنساننىڭ مەنىسىزلىك ئىچىدىكى تىركىشىشلىرى ۋە ئىنساننىڭ جەمئىيەتنىڭ نوپۇز خاراكتېرلىق چەكلىمىلىكى ئالدىدىكى قەدىر قىممىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن يېڭى ۋە ئىنتايىن سەگەك كۆرۈش نۇقتىسىدىن كۆزىتىلگەنىدى. يەنە بىر نۇقتىدىن قارىغاندا، ئەسەر مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىنىڭ بولۇپمۇ ئۇشبۇ ئىزمنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان ئالبېخ كەمۈنىڭ پەلسەپە ئەسەرلىرىنىڭ پەرھاتقا كۆرسەتكەن تەسىرىنىمۇ ئاز-تولا ئىپادىلىگەنىدى.

كىتاب نەشر قىلىنىش ئالدىدا ئادەت بويىچە خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن قاتتىق تەكشۈرۈلۈش تەقدىرىنى باشتىن كەچۈردى. مېنىڭ ئۈستۈمدىن كۆرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى روماننىڭ بەكلا غەلىتە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، نەشر قىلماسلىق تەرەپدارى بولدى. مەن ئۇلارغا روماننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەپلىرىنى يىپىدىن يىڭنىسىگىچە چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتىم. مېنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۇشبۇ روماننى نەشر قىلىشتا چىڭ تۇرىشىم ھەرگىزمۇ پەرھات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمنىڭ يېقىنلىقى ياكى ئىككىمىزنىڭ ئوخشاپ كېتىدىغانراق سەنئەت قارىشىغا ئىگە ئىكەنلىكىمىزدىن ئەمەس بەلكى ئەڭ مۇھىمى، مەن روماندىكى ئىنتايىن كۈچلۈك ۋە ھەتتا بېشارەت خاراكتېرلىق تراگېدىيە ئېڭىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېستېتىك ھوزۇرىغا سۇنۇشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانىدىم.

كىتاب ئاخىرى خىلمۇ خىل توسقۇنلۇقلارنى يېڭىپ نەشر قىلىندى.كىتابنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى ئىلمان كېتىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، يالقۇننىڭ «تەكلىماكاندىكى كولدۇرما» دېگەن كىتابىدا ئۇشبۇ رومانغا ئاتاپ يازغان تەنقىدى ئېلان قىلىندى. بۇ تەنقىد ھەممە نەرسىنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋەتتى. پەرھات يالقۇننىڭ تەنقىدىدە 1420 دېگەن سان بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دارىتمىلاش ئارقىلىق، ئۇنى ئالۋاستىغا ئوخشاتقان دەپ قارالغانىدى. يالقۇن بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي، بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ پەرھات «شەيتان قىسسىلىرى» رومانىنى يېزىپ ئىسلام دىنىنى ھاقارەتلىگەن دەپ قارىلىپ ئىران دىنىي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ۋە كېيىن ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا ياشاۋاتقان سالمان راشىدقا ئوخشىتىلغانىدى. دېمەك، تەنقىد ئۆزىنىڭ ئىبلىسلارچە قىياپىتىنى قىلچە پەردازسىز ۋە بارلىق ئاقىۋەتلەر ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن ئالدىن دەڭسەلگەن ھالدا پەۋقۇلئاددە دەبدەبە بىلەن ئاشكارا قىلغانىدى: پەرھات ياكى سالمان راشىدتەك ئۆلۈمگە مەھكۇم بولۇشى ياكى ئۆمۈر بويى لەنەتگەردى بولۇپ خار-زارلىقتا ياشىشى كېرەك. ئەينى ۋاقىتتا پەرھات ئۈچىنچىسى بولمىغان ئاشۇ ئىككى بىمەنە تاللاشقا مەجبۇرلانغانىدى. ئۇنىڭغا باشقا چىقىش يولى قالمىغان ئىدى.

بۇنداق «پەيغەمبەرانە» ھۆكۈمدىن پەرھات ئىككىمىز قاتتىق چۆچىدۇق. بۇ ھۆكۈمنى قىلىۋاتقىنى باشقا بىرى ئەمەس دەل بىر خەنزۇ ئاپتورنىڭ «ئاق يىلان رىۋايىتى» دېگەن يازمىسىنى ئوغرىلىغاندا سىدىقھاجى ئەپەندى تەرىپىدىن تۇتىلىپ قېلىپ؟؟؟؟؟؟؟بولغان ۋە «مەمتىلى ئەپەندى» دېگەن كىتابتا مەرھۇم ئابلىكىم زوردۇن ئەپەندىنىڭ ئەمگىكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپ يەنە بىر قېتىم؟؟؟؟؟؟؟بولغان يالقۇن روزى تەرىپىدىن بېرىلگەنىدى. ئەلۋەتتە، لوگىكىلىق نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پەرھاتنىڭ ئەسىرى توغرىلىق ھەرقانداق ئادەمنىڭ پىكىر بېرىش ھوقۇقى بار، شۇنداقلا ئۇشبۇ پىكىرنىڭ توغرا ياكى خاتالىقى پىكىر بەرگۈچىنىڭ كىملىكى بىلەن قەتئىي باغلانماسلىقى كېرەك. ئەمما ئەينى ۋاقىتتا ھېچكىمنىڭ «مەمتىلى ئەپەندى» دېگەن كىتابنىڭ ھەقلىق مۇئەللىپلىرىنىڭ بىرى بولغان ئابلىكىم زوردۇن ئەپەندىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى دەۋا قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان پەرھاتنىڭ ناھايىتى تېزلىكتە بۇ ئوغرىلىق دەۋاسىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالماي يۈرۈپ پۇرسەت كۈتىۋاتقان يالقۇننىڭ قىساس ئېلىش خاراكتېرلىق شەپقەتسىز ھۇجۇمىنىڭ نىشانى بولۇپ قالغانلىقىدىن ھېچقانداق غەيرىيلىك ھېس قىلمىغانلىقى پەرھاتنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەنىدى. پەرھات ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا يالقۇننىڭ كۆچۈرمىكەشلىكى سەۋەبىدىن ئارقىمۇ ئارقا تۆكۈلگەن ئابرويىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى بىر قۇربانلىق بۇيۇمى بولدى، خالاس. نەتىجىدە، يالقۇن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن دىننىڭ «ھىماتچىسى»، «ئازغۇنلارنىڭ قازىسى»، ۋە «مىللەتنىڭ روھىيىتىنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى» دەپ قارالسا، پەرھات دىننىڭ ۋە مىللەتنىڭ «ئاسىيسى» ۋە «ئۆلۈممۇ ئازلىق قىلىدىغان مۇناپىق» دەپ تۇشمۇ تۇشتىن تىللاندى. تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى، پۈتكۈل ئۇيغۇر زىيالىيلار قاتلىمى يالقۇننىڭ ئۆزىنىڭ نامىنى چىقىرىش ئۈچۈن—خۇددى ئۆزى دىيارىم تورىدىكى سۆھبىتىدە ئېيتقان ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىنىشقا تېگىشلىك ۋاسىتىنىڭ ھەممىسىدىن ئايانماي پايدىلىنىدىغان ئادەمگە ئوخشاش—پەرھاتنى نوپۇزىنى تىكلەشتە بىر قۇربانلىق قىلىشىغا سۈكۈت قىلىپلا قالماي بەلكى يەنە يالقۇنغا ھەمدەمدە بولدى. پەرھات يالقۇننىڭ نوپۇزىغا «مەبلەغ سېلىش» ىنىڭ دەسمايىسىگە ئايلاندى. يىغىپ ئېيتقاندا، پەرھات بىلەن يالقۇن ئۇيغۇر ئىدىيە تارىخىدا بىر بىرىگە تۈپتىن قارىمۇ قارشى بولغان ئىككى خىل ئوبرازلارنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى: «مەردانە قەھرىمان» ۋە «رەزىل مۇناپىق.»

يالقۇننىڭ تەنقىدى ئېلان قىلىنىپ، ئەتىسىلا پەرھاتقا قارىتىلغان ھۇجۇم تۇشمۇ تۇشتىن يېغىپ كەتتى. تىللاشلار، غەزەپلەر، ئاغرىشىنلار، يوشۇرۇن خەۋپنى بايقىۋېلىش ئېلىپ كېلىدىغان ھىېستىرىيىچە غەلىبە تەنتەنىلىرى، چەك-چېگرا ئاجرىتىشلار پۈتكۈل ئۇيغۇر زىيالىيلار قاتلىمىنىڭ ئومۇمىي مۇقامىغا ئايلاندى. ئئاشۇ چاغدا بىز ئاۋامنىڭ پەرھاتنىڭ ئۆلۈم مۇراسىمىنى كۆرۈشكە بولغان توسۇۋالغۇسىز «ئىشتىياقى» نى قورقۇنچ ئىچىدە ھېس قىلىشقا قالدۇق. پەقەت مۇراسىم ئارقىلىقلا غەيرىي ئەقلىي ھادىسىلەرگە ئەقلىي مەنە يۈكلەشكە ئادەتلەنگەن ئاۋام بۇ مۇراسىمنىڭ دەبدەبىلىك ئۆتكۈزۈلىشىنى كۆرۈشكە شۇنچىلىك تەقەززا بولۇپ كەتتىكى، ئۇلار ئۈچۈن پەرھاتنىڭ توۋىسى ۋە چۈشەندۈرۈشلىرى قىلچە كار قىلمىدى. چۈنكى بۇ ئىشنىڭ يالغانلىقىنى ياكى يالقۇن تەرىپىدىن قەستەن قىلىنىۋاتقان تۆھمەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىش ئۇلار ئۈچۈن خەتەرنى تۇيۇقسىز بايقاپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان غايەت زور كوللېكتىپ روھىي جىددىيلىك ئېلىپ كەلگەن ھاياجانلىنىشتىن قۇرۇق قېلىشتىن دېرەك بېرەتتى. شۇڭا ئۇلار بارلىق غەيرىي ئەقلىي قابىلىيەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ پەرھاتنى جىنايەتكار قىلىشقا بار كۈچى بىلەن تىرىشتى. ئۇلار پەرھاتنىڭ ئەقلىي چۈشەندۈرۈشلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھۆكمىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، پەرھات ۋەقەسى ئېلىپ كېلىدىغان جىددىيلىكنىڭ ھاياجىنىدىن قۇرۇق قالماسلىق ئۈچۈن پەرھاتنىڭ «مەن ئالھەمدۇلىللاھ مۇسۇلماندۇرمەن» دېگەن توۋىسىنى جاھىللىق بىلەن پىسەنتىگە ئالماي تۇرىۋېلىشتى. ھەتتا پەرھاتنىڭ ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ كۆز ئالدىچە مېڭىپ يۈرۈشلىرى ئۇلار كۈتىۋاتقان جازا ئېلىپ كېلىدىغان زىلزىلىلىك شادلىققا ئېرىشىش پۇرسىتىنى كېچىكتۈرۈپ ئۇلارنى ئارامسىزلاندۇردى ۋە تېرىكتۈردى. ھەتتا پەرھاتنىڭ يەنىلا دۆڭكۆۋرۈك ۋە جەنۇنىي قوۋۇقلاردا مىسكىن لېكىن بوي ئەگمىگەن ھالدا يۈرۈشلىرى ئۇلار ئۈچۈن غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن باراۋەر بولدى.

2

يالقۇننىڭ تەنقىدىدىن كېيىن پەرھات «خەلقنىڭ دۈشمىنى» گە ئايلاندۇرۇلدى—ئۇ پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ نەپرەت كۆزىدە مېڭىشقا، سۆزلەشكە ۋە ئويلاشقا مەجبۇرلاندى. چوڭقۇر بىر روھىي ئاسارەت ئۇنىڭ قەلبىنى قاماللاپ، ئۇنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى.

ئاشۇ ئىشتىن كېيىن بىرەر ھەپتە ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىكى بەزى ئاتۇشلۇق بايلار ۋە جامائەت ئەربابلىرى بىر سورۇندا پەرھاتنى ئىسلام دىنىغا ھاقارەت قىپسەن دەپ تۇشمۇ تۇشتىن ئەيىبلەپ كەتكەندە، پەرھات ئۇلارغا ئۆزىنىڭ يالقۇن بىلەن مۇشۇ سورۇندىكىلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئاشكارا مۇنازىرىگە چۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. كېيىن ئابلىكىم كەلكۈن ئارقىلىق شۇنى ئۇقتۇقكى، يالقۇن پەرھات بىلەن يۈز تۇرا مۇنازىرىلىشىشنى رەت قىلغانىدى. پەرھاتنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان بۇ «قازى» ھۆكۈمىنى ئالدىراپ سالدىراپ ئوقىۋېتىپلا، ئەيىپكارنىڭ دادىنى ئاڭلاشتىن ۋاز كېچىپ «سوت مەيدانى»دىن ھاپىلا شاپىلا تىكىۋەتكەندەك ئىش قىلغانىدى. مانا ھازىر دىيارىمدىكى سۆھبەتتە ئاتالمىش «دېموكراتىيە» دىن سۆز ئېچىۋاتقان ئۇ كاتتا «قازى» ئەينى ۋاقىتتا ئاشۇ «دېموكراتىيىنى» تەلەپ قىلغان پەرھاتنىڭ يوللۇق تەلىپىنى رەت قىلغانىدى. يالقۇن ئۆزى دېموكراتىينى سۇيىئىستىمال قىلىپ تۇرۇپ، پەرھاتنىڭ دەل ئاشۇ دېموكراتىيىگە مۇراجىئەت قىلىشىغا جان جەھلى بىلەن قارشىلىق قىلغانىدى. ئۇ دېموكراتىيىنى ئۇنېۋېرسال قىممەت دەپ ۋەزخانلىق قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى باشتىن ئاخىر ئۆزىلا مونوپول قىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇرۇنغانىدى.

نەتىجىدە ئۆزىنىڭ پەرھاتقا پىچقان ئوتتۇرا ئەسىرچە پەتىۋاسىنىڭ چۇۋۇلۇپ كېتىشىدىن قورققان يالقۇن پەرھاتنىڭ شۇنىڭدىن كېيىن بىرەر يەردە ئەسەر ئېلان قىلىپ ئۆزىنى ئاقلىشىغىمۇ جان جەھلى بىلەن قارشى تۇردى. پەرھاتنىڭ ئۆزىنى ئاقلاپ يازغان ماقالىلىرى يالقۇن ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى تەرىپىدىن «قاراماي» ۋە «ئىلى دەرياسى» ژۇرناللىرىدىن قايتۇرۇۋېتىلدى ياكى باسۇرۇپ قويۇلدى. «قىزىلسۇ ئەدەبىياتى» نىڭ سابىق مۇھەررىرى نىجاد ئەپەندىنىڭ پەرھاتنىڭ ماقالىسىنى بەرمەكچى بولغانلىقىنى ئاڭلىغان يالقۇن ئاتايىتىن ئۈرۈمچىدىن ئاتۇشقا كېلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يول مېڭىپ يۈرۈپ ماقالىنى باستۇرمايدىغان قىلىپ، كۆڭلى تىنجىپ ئۈرۈمچىگە قايتتى. پەرھاتنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشىغا ھېچقانداق يول قالدۇرۇلمىدى—ئۇ بىر خىل كوللېكتىپ زوراۋانلىققا دۇچار بولۇپ يەكلەندى، ھاقارەتلەندى ۋە تەھدىد ئاستىدا ياشىدى. پەرھاتنىڭ قىسمىتىنىڭ تراگېدىيىلىك نۇقتىسى شۇكى، ئۇ، زىتلىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دەل دېموكراتىيىسى يوقلارنىڭ «دېموكراتىيە» نى سۇيىئىستىمال قىلىشىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى. ئەگەر سوقرات دېموكراتىيىنى سۆيىدىغان ئافېنالىقلار تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بولسا، پەرھات دېموكراتىيىگە موھتاج لېكىن ئۇنى ئىشلىتىشنى خالىمايدىغان غەيرىي ئەقلىي توپ تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى.

3

ئەمدى مەن يالقۇننىڭ پەرھاتنى «كاپىر» چىقىرىشىدىكى ئەنگۈشتەر سان 1420 توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن. ئەسلى قوليازمىدا بۇ سان يىگىرمە خانىدىن كۆپرەك بىر سان ئىدى. مەن تەھرىرلەش جەريانىدا باشتا پەرھات يېزىپ قويغان ئۇ سانغا تەگمىگەنىدىم. كېيىن روماننىڭ ئاخىرقى نۇسخىسىنى كۆرۈۋاتقىچە بۇ ساننىڭ قۇردىن ئېشىپ قېلىپ يېرىمىنىڭ ئىككىنچى قۇرغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بايقىدىم. بۇنداق بولغاندا، بەت سەت كۆرىنىپ قالاتتى. دەل شۇ ۋاقىتتا پەرھات مېنى يوقلاپ ئىشخانامغا كىرىپ كەلدى. ئۇ ۋاقىتتا ئىشخانىدا مەندىن باشقا يەنە بىرەيلەنمۇ بار ئىدى (لېكىن ئۇنىڭ زادى كىملىكىنى ھازىر ئەسلىيەلمىدىم). مەن پەرھاتقا تەھرىرلىك ئورىگىنالىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، بۇددا دىنىدىكى پالچى ئايال ئېيتقان ساننىڭ بەكلا ئۇزۇن بولۇپ كەتكەنلىكتىن قۇردىن چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۇنى قىسقارتىپ ئېلىش كېرەكلىكىنى ئېيتتىم. پەرھات ئەسلىدىكى ساننى ناھايىتى تەبىئىي ھالدا 1420 گە ئۆزگەرتتى. شۇنىڭ بىلەن كىتاب شۇ بويىچە نەشر قىلىندى.

ئەگەر پەرھاتنىڭ نىيىتى مۇھەممەت ئەلەيھىسسسالامغا ھاقارەت قىلىش بولغان بولسا ئۇ 1420نى تۇيدۇرماستىن ئەسىرىگە ئاللىبۇرۇن كىرگۈزۈپ بولغان بولاتتى. ئۇ پەقەت مېنىڭ دەۋىتىم بىلەنلا ئۇ ساننى ئۆزگەرتتى. ئۆزگەرتكەندىمۇ شۇ قەدەر تەبىئىي بىر شەكىلدە ئۆزگەرتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ساننى دەۋاتقىنى يات دىندىكى بىر پالچى بولۇپ، ئۇ ئەسەر پېرسوناژى تاھىرنىڭ تەقدىرىگە پال سېلىۋاتقاندا ئۇ ساننى ئېيتىدۇ. ئەسەرنىڭ مەيلى ئالدىدا مەيلى ئارقىسىدا ئىسلام دىنىغا ئالاقىدار ھېچقانداق بىر مەلۇمات يوق. بۇلارنىڭ ھەممىسى پېرسوناژلار ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگ سۈپىتىدە بېرىلگەن ۋە ئۇلارغا تەۋە ئۇچۇرلار بولۇپ پەرھاتنىڭ ئۆزىنىڭ قارىشىغا ھەرگىز ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئەگەر يالقۇن دېگەندەك سەلبىي پېرسوناژلارنىڭ ھەممىسى ئاپتورنىڭ ئۆزى بولىدىغان بولسا، دۇنيا ئەدەبىياتى ئاللبۇرۇن زاۋاللىققا يۈزلەنگەن بولاتتى. چۈنكى ئۇنداق ئەھۋالدا ھېچقانداق بىر يازغۇچى دادىللىق بىلەن ئۆزىنىڭ قارىشىنى «ئەكس ئەتتۈرىدىغان» سەلبىي پېرسوناژلارنى يارىتىپ، ئۆزىگە «بالا تېپىۋېلىش»نى خالىمىغان بولاتتى. دوستويېۋىسكى ئۆزىنىڭ «جىنايەت ۋە جازا» رومانىنى يېزىپ ئادالەتسىز جەمئىيەتتىن قاتىللىق قىلىش ئارقىلىق ئۆز ئالماقچى بولغان راسكولنكوفنى يارىتىپ، قاتىللىق خاھىشى بار خەتەرلىك يازغۇچى دېگەن ئاتاققا قېلىشنى خالىمىغان بولاتتى. ئەگەر يازغۇچى بىلەن سەلبىي پېرسوناژ بىر بولىدىغان بولسا، ئىجابىي پېرسوناژلارنى قانداق قىلىش كېرەك؟ يازغۇچى بىرلا ۋاقىتتا ھەم ئىجابىي ھەم سەلبىي پېرسوناژلار بىلەن بىر مەۋقەدە بولۇشى كېرەكمۇ؟ بۇنداق بولغاندا، يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئېغىر روھىي بۆلىنىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمار بولغاچقا ئەسەرلىرىدە ئىجادىي ۋە سەلبىي پېرسوناجلارنى تەڭلا يارىتىشقا مەجبۇر بولغان دېگەن بىمەنە ھۆكۈم كېلىپ چىقمامدۇ؟!

«ئۆلۈۋېلىش سەنئىتى» دىكى تاھىرنىڭ تراگېدىيىسى ئۇنىڭ ئۆزىنى ھېچقانداق قىممەت بىلەن باغلىيالماي، ئەڭ ئاخىرىدا نىھىلىزم ئىچىدە ۋەيران بولۇشنىڭ يازمىسىدۇر. ئۇنىڭ قەلبىدە پانىيلىقتىن ۋە ماددىلىقتىن تاشقىرى تۇرىدىغان ھالقىما قىممەت قاراشلىرى ئۆلگەن بولغاچقا ئۇ باشتىن ئاخىرى ھاياتقا چۈشكۈن ۋە نىھىلىستىك قاراش بىلەن قارايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق قىممەت، مەيلى ئۇ ئەخلاقىي قىممەت، دىنىي قىممەت ۋە ياكى ئىجتىمائىي قىممەت بولسۇن، ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئەقلىي جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىدىكى ئەڭ ماھيەتلىك دۇئالىستىك (ئىككىلىك) قارىمۇ قارشىلىق بولغان مۇقەددەسلىك بىلەن پەسلىكنىڭ پەرقى تامامەن يوقالغان. ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق بىر قىممەت بىلەن يەنە بىر قىممەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا ماھىيەتلىك پەرق يوق، شۇڭا ئۇلارنى بىر بىرى بىلەن خالىغانچە ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. مانا بۇ نىھىلىزملىق پەلسەپىۋى قاراشنىڭ تۈپكى ئالاھىدىلىكىدۇر. تاھىر ئۈچۈن ھەر بىر جەمئىيەتنى تۇتۇپ تۇرىدىغان تۈپكى ئەخلاقىي قارىمۇ قارشىلىقلار يەنى شۇ جەمئىيەت پۈتۈن كۈچى بىلەن پەرقلەندۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك بولغان ياخشىلىق بىلەن رەزىللىك ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلار ئاللىبۇرۇن يوقالغاچقا، ئۇنىڭ ئۈچۈن پاك بىر قىزنى سۆيۈش بىلەن پاھىشەنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق. قىممەت قارىشىنىڭ دەرىجىلىك سىستېمىسى بەربات بولغان مۇشۇنداق بىر ئادەمنىڭ ئۇيغۇر رېئاللىقى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقمۇ؟ مۇشۇنداق ئادەمنىڭ تراگېدىيىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر رېئاللىقىدىكى نىھىلىستلارنى ئەكس ئەتتۈرۈشنىڭ قايىرى چۈشكۈنلۈكنى بازارغا سېلىش بوپ قالىدۇ؟ جەمئىيەتتىكى چۈشكۈنلۈكنى ئىپادىلەشكە بار كۈچى بىلەن توسقۇنلۇق قىلىش ھەم ئۇنى ئەيىبلەش ھەقىقىي بىر بىنورمال چۈشكۈنلۈكنىڭ ئىپادىسى بولامدۇ ياكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بېشىدىن ئۆتكۈزىۋاتقان ۋە كەلگۈسىدە تېخىمۇ بېشىدىن ئۆتكۈزىشى مۇمكىن بولغان چۈشكۈنلۈكنى ئەدەبىيات ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىپادىلەش چۈشكۈنلۈك بولامدۇ؟ ئەگەر پەرھات تاھىر قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ چۈشكۈنلۈكنى كەڭ تەرغىپ قىلىش ئارقىلىق ياشلارنى زەھەرلىمەكچى بولغان بولسا، يەنە شۇ ئوخشاش پەرھاتنىڭ ھاياتنى قىزغىن سۆيىدىغان پەرىدە ئوبرازى ئارقىلىق ھاياتنىڭ ئوپتىمىستىك تەرىپىنى «تەرغىپ» قىلىۋاتقانلىقىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ بۇنداق بولغاندا پەرھات بىرلا ۋاقىتتا ھەم ئوپتىمىست ھەم پېسسىمست بوپ قالمامدۇ؟ بۇ ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك بولماي نېمە؟! پەرھاتنى تاھىر بىلەن باغلىيالىغان يالقۇن نېمىشقا ئۇنى يەنە بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش تەنقىدچىلىك مېتودىدا—ئەگەر بۇنى تەنقىدچىلىك مېتودى دېيىش توغرا كەلسە—پەرىدەگە باغلىمايدۇ؟ ئەگەر پەرھاتنى تاھىرنىڭ سەۋەبىدىن ئەخلاقسىزلىقنى تەرغىپ قىلدى دېيىشكە توغرا كەلسە، نېمىشقا پەرھاتنىڭ پەرىدە ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقان ئەخلاقىي قىممەتلەر يالقۇننىڭ نەزىرىنىڭ سىرتىدا قالىدۇ؟ ھاياتىدا ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كونىراپ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن 19-ئەسىردىكى تەنقىدىي رېئالىزىمچە ئۇسۇلدا تەھلىل قىلىشنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتۈپ باقمىغان يالقۇندىن ئىبارەت بۇ «يېتۈك» ئەدەبىي تەنقىدچى نېمىشقا ئۆزى ئېتىقاد قىلىدىغان ئىجابىي-سەلبىي پېرسوناجلار تىپى بويىچى پىكىر قىلىپ، ھەر ئىككى تەرەپكە ئوخشاش ئېتىۋار بەرمەي، بىر تەرەپلىمە ھالدا تاھىردىن ئىبارەت «سەلبىي» پېرسوناژنى پەرھاتنىڭ ئۆزى دەپ قارىۋالىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق پەرھاتنى قەستەن تاھىردەك سەلبىي «ئادەم» قىلىپ يوقىتىۋېتىش سۇيىقەستىدە بولىدۇ؟

ئۇنىڭ ئۈستىگە تاھىر ئېتىقادسىزلىقى سەۋەبىدىن روھى ئېغىر دەرىجىدە كاردىن چىققان بىر ئادەم—ئۇنىڭ رېئاللىق بىلەن چىقىشالماسلىقى، ئېغىر خام خىيالچى ئىكەنلىكى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئۆلۈۋېلىش ئىستىكىنىڭ ئىسكەنجىسىدە تىپىرلاپ قېلىشى ئۇشبۇ نۇقتىنى دەلىللەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بىنورمال پسىىخىكىسى تەرىپىدىن بۇرمىلانغان قۇپقۇرۇق رېئاللىقىغا مەنە ئاتا قىلغانسېرى قۇپقۇرۇقلۇققا تېخىمۇ پېتىپ كېتىدۇ. ئۇ ھالقىما قىممەتنىڭ يوقىلىشى سەۋەبىدىن چۆلدەرىگەن روھىيىتىگە ئۆزىنىڭ بىنورمال روھىيىتى چىقىش قىلغان يەنە بىر خىل ھالقىمىلىق ئارقىلىق مەنە ئاتا قىلماقچى بولىدۇ، يەنە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دەل ئاشۇ ئۇرۇنۇشلىرىنى ئوخشاش ئۇسۇل بويىچە ئىنكار قىلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ھالقىمىلىقى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ گۇمران بولىۋاتقان ۋە قۇپقۇرۇقلىشىۋاتقان سۇبيېكتى بولۇپ، ھەقىقىي ھالقىمىلىق ئالھىدىلىكىگە ئىگە بولالمايدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرىدىغىنىمىز ئېتىقادسىزلىق سەۋەبىدىن روھى ۋەيران بولغان ئادەمنىڭ ئېچىنىشلىق ھاياتىدۇر. پەرھاتنىڭ بۇ ئوبراز ئارقىلىق بىزنى ئاگاھلاندۇرماقچى بولىۋاتقانلىقى دەل ھالقىما قىممەتنى ئىنكار قىلىدىغان ئادەمنىڭ تۆلەيدىغان ئېغىر بەدەللىرىدۇر. ھەقىقىي مەنىدىكى ھالقىما قىممەت ئاساسى بولماي تۇرۇپ ھېچنېمىگە قىممەت بەلگىلىگىلى بولمايدۇ، چۈنكى ھەممە نەرسىنىڭ قىممىتىنى بىر بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلاردىن ھالقىغان ۋە ئۆزگەرمەس قىممەت ئاساسىغا تايىنىش كېرەك. ئىسلام دىنىنىڭ ھالقىما قىممەتلىرى دەل بىزنى قۇتقۇزىدىغان ماھىيەتلىق قىممەت ئاساسىدۇر.

4

پەرھات بىلەن يالقۇن ئوتتۇرىسىدىكى تالاش تارتىش تا ھازىرغىچە قۇرىماي كەلدى. ئۇشبۇ مەسىلە يالغۇز ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت مەسىلىسى بولۇشتىن ئاللىبۇرۇن ھالقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىلىم ساھەسىدىكى ھەممە بەھس قىلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى. بۇ مەسىلىنىڭ ئۇيغۇر زىھنىيىتىنى ئىگىلىگىنىگە سەككىز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بوپ قالدى. يالقۇننى قوللىغۇچىلار بىلەن پەرھاتنى قوللىغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى تالاش تارتىش ئۇيغۇر ئىلىم ساھەسىنىڭ مەركىزىي مەسىلىسىنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى ئۇشبۇ مەسىلىنىڭ ۋەزنىنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلدۈرۈپلا قالماستىن، يەنە ئىنتايىن ئىنچىكە بولغان باشقا مەسىلىلەرگىمۇ چېتىلىپ كەتتى. مەسىلەن، ئەدەبىي ئىجادىيەتتە دىنىي ئاڭنى قانداق ئەكس ئەتتۈرۈش، يازغۇچى بىلەن ئۇنىڭ ئەسىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مەسىلىسى ۋە يازغۇچى بىلەن ئۇ ياشاۋاتقان دەۋرنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار.

يالقۇننىڭ تەنقىدى پەرھاتقىلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە جۈملىدىن ئەدەبىيات ساھەسىگە ئاسانلىقچە ساقايتقىلى بولمايدىغان جاراھەتنى قالدۇرۇپ كەتتى. پۈتكۈل ئەدەبىيات ساھەسى يالقۇندىن قورقۇش پسىخىكىسىنىڭ ئىلكىگە ئۆتتى. بەزى ئەدىبلەر شۇ دەرىجىگە باردىكى، ئۇلار ئەسەر يېزىۋاتقىچە يالقۇننىڭ سۈرلۈك قىياپىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئەسەر يازىدىغان ۋە ھەتتا ئەسەرلىرىگە يالقۇنغا ئاڭسىز ياخشىچاق بولۇش ۋە ئۇنىڭ زاكۇن تايىقىنىڭ تېگىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن دىنىي مەزمۇنلارنى زورمۇ زور قېتىپ قويىدىغان ھالەتكە يەتتى. يالقۇن ئەدەبىي ئىجادىيەتنى ئۆلچەشنىڭ زاكۇن تايىقىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ زىتلىققا تولغان ۋە ئاللىبۇرۇن ۋاقتى ئۆتكەن قاتمال ئەدەبىيات نەزىرىيىسى بىلەن يېزىلغان ئوبزورلىرى كۆپلىگەن كىتابخانلار تەرىپىدىن گۆھەردەك ئەتىۋارلاندى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا باھا بېرىشنىڭ ئەڭ ئىشەنجلىك ئۆلچىمىگە ئايلاندى.

بۇ ھادىسە ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ نۇرغۇن غەيرىي ئەقلىيلىككە تويۇنغان ھالىتىنىمۇ ئوتتۇرىغا چىقاردى. خۇدانىڭ رولىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇشتەك دىنىي ئەسەبىيلىك ئارقىلىق بىراۋنى كاپىرغا چىقىرىشتەك ئىسلام دىنىغا يات بولغان قىلمىش ئىسلامنى قوغداش دەپ چۈشىنىلدى. يالقۇن ئاللاھنىڭ دىنىنى قوغداش نامى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتىيۇ، «مەن ئەلھەمدۇلىللاھ مۇسۇلماندۇرمەن» دەپ نالە قىلغان پەرھاتنىڭ نالىسىغا قۇلاق سالماي ئۇنى پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپىر قىلىشقا كىرىشىپ قالدى. ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئەڭ ئېغىر ئېلىنىدىغان ۋە نومۇسلىق ئىش بولغان كۆچۈرمىكەشلىك ۋە باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغۇچى باشقىلار تەرىپىدىن مۇشۇ ئەدەبىياتنىڭ يولباشچىسى دەپ قارالدى. مەشھۇرلارغا ئاساسسىز، زىددىيەتكە تولغان ۋە تولىمۇ تۆۋەن سەۋىيىدە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئۆز نوپۇزىنى تىكلەشكە ئۇرۇنغان ئادەم ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان «قەھرىمان» غا، ھۇجۇم ئوبيېكتلىرى بولسا ئۇنىڭ «ئىناۋىتىنىڭ» مەبلەغلىرىگە ئايلاندى. ھەممىنى بۇزۇشنىلا بىلىپ قۇرۇشنى بىلمەيدىغان بىر ئادەم ئىجادىيلىقى ئىنتايىن مول ۋە پىكرى تىرەن دەپ تەرىپلەندى. چەتئەلنىڭ ئىدىيە كۇلتۇرىغا تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇ كۇلتۇرنى بىلمەسلىكىنى ياپماقچى بولغان ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىگە ئەگىشىۋاتقان ئاشۇ نادان ئاممىنى دۇنيادا يېتىم قالدۇرماقچى بولغان ئادەم مىللەتنىڭ كەلگۈسىنىڭ ماياكى دەپ قارالدى. قۇرۇق شوئارۋازلىققا تولغان لېكىن مىللەتنىڭ كەلگۈسى توغرىلىق سىستېمىلىق بىر ئىدىيىۋى ئاساسقا ئىگە بولمىغان ھاياجان تىپىدىكى ساختا مىللەتچىلىك ھەقىقىي مىللەتچىلىك دەپ قارالدى.

يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇشبۇ ھادىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ تۈپكى نۇقتىسى ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىدا ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. زىيالىيلار نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ گاڭگىراش ئىلكىدە قالغان ۋە كەلگۈسى قاراڭغۇ بولغان بۇ مىللەتكە قارىتا يېتەكلەش ئەمەس بەلكى ئۇلارنى نام چىقىرىش ئۈچۈن تۇيۇق يولغا باشلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىش تەس ئەمەس. بۇ زىيالىيلارنىڭ مەقسىتى ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلار زارىقىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىنى قەستەن تېخىمۇ مۇرەكەپلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى نامايەن قىلىش ۋە نام قازىنىشتۇر. بۇلارنىڭ كېسەلمەن پىكىر قىلىش ئۇسۇلىدىكى زىتلىقنىڭ تولىلىقى ۋە ئۇنىڭ خەلقنى قايمۇقتۇرۇش كۈچى ئادەمنى چۆچىتىدۇ: بۇلار ھېلى سەنئەتنى مىللەتنىڭ مەۋۇدىيىتىنىڭ ئاساسىلىق بەلگىسى دېسە، ھېلى سەنئەتكە بېرىلگەن مىللەت ھالاھ بولىدۇ دەيدۇ. بۇلار ھېلى غەربتىكى بېكخامدىن ئۇيغۇرنىڭ ئىشىكى مۇھىم دەپ بىلجىرلىسا، ھېلى ئەسەرلىرىدە توختىماي غەربنىڭكىدىن نەقىل ئېلىپ ئۆزىنى بىلىملىك كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. ئىمانى ئەركەكلىكنى ھەدەپ بازارغا سالىدۇيۇ، ئۆزىنىڭ نام قازىنىشى ئۈچۈن بىراۋنىڭ ئىمانى بىلەن داۋاملىق ئوينىشىدۇ. ئەگەر بىر ئادەمنىڭ تەپەككۇرى زىددىيەتلىك بولسا، بۇ ئۇنىڭ تەپەككۇرىنىڭ كېسەلمەنلىكىنى-- ئۇنىڭ نورمال ئەقلىي تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر مىللەتنىڭ يول باشلىغۇچىلىرى دەپ قارىلىدىغان زىيالىيلارنىڭ تەپەككۇرى زىددىيەتلىك بولسا، بۇ خەلقنى تۇيۇق يولغا باشلاشتەك خەتەرلىك ئاقىۋەتكە ئېلىپ بارىدۇ.

يىغىپ ئيتقاندا، ئۇشبۇ ھادىسە ئۇيغۇر تەپەككۈرىدە تا ھازىرغىچە بايقالماي كېلىنىۋاتقان نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بىزنىڭ ئۇلاردىن قۇتۇلىشىمىزغا خېلى ۋاقىت كېتىدۇ. چۈنكى غەيرىي ئەقلىي جەمئىيەتتە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئەقلىي تەپەككۈرگە يات بولغان تەپەككۇر بولغاچقا ، بۇنداق تەپەككۇر ئەقىل بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تەپەككۇرنى چۈشەنمەيلا قالماستىن بەلكى ئۇنى دۈشمەن كۆرىدۇ. بۇ ئىككى خىل تەپەككۈر شەكلىنىڭ چىقىش يولى ئوخشاش بولغان تەقدىردىمۇ—مەسىلەن مىللەتنىڭ ھالىتىنى ياخشىلاش مەسىلىسىنى ئورتاق ھالدا چىقىش قىلغان بولسىمۇ—لېكىن ئۇلارنىڭ يەكۈنى كۆپ ھاللاردا پەرقلىق ۋە ھەتتا زىددىيەتلىك بولۇپ چىقىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ تەپەككۇر لىنىيىسىنىڭ بىرى لوگىكىسىزلىق بويىچە تەرەققىي قىلسا يەنە بىرى لوگىكىلىق تەرەققىي قىلىدۇدە، ئاخىرى بىر بىرى بىلەن سىغىشالمايدىغان يەكۈن بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. تەپەككۇر جەھەتتىكى مانا مۇشۇ زىددىيەت ئۇيغۇرلارنى ئوت بىلەن سۇدەك بىر بىرىگە قارشى قىلىۋېتەلەيدۇ. ئۇيغۇرلار ئىچىدە پەرھات-يالقۇن ھادىسىسى سەۋەبىدىن نۆۋەتتە كۆرىلىۋاتقان ئىختىلاپلار مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىر بىرى بىلەن قەتئىي سىغىشالمايدىغان مانا مۇشۇ ئىككى خىل تەپەككۈر شەكلى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتۇر.

toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 19:38:47

مەن ئەلانى باستىم. ناچارنى باسقانلارمۇ ئىز قالدۇرۇپ قويۇڭلا.

uqkuri يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 19:47:06

قىززىيدىغاندەك تۇرىدۇغۇي  ئۇرۇن ئەپ قوياي \"\" \"\"

hezine يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 19:48:52

ئاۋۇ بىر ناچار مېنىڭكى، چۈشەنچە بېرىپ قويسام بولغۇدەك.باشقۇرغۇچىنىڭ بۇ رامىزان كۈنلىرىدە بۇنداق تېمىنىڭ ناھايىتى ئاسانلا تالاش-تارتىش، كۆڭۈل ئازارى ۋە تۈكرۈك جېڭىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغىنىنى بىلىپ تۇرۇپ يوللىغانلىقى ئۈچۈن، رامىزاننىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغىنى ئۈچۈن ناچارنى بېسىپ قويدۇم. ئارتۇق ئويلاپ كەتمىگەيسىلەر.

KUKHELAL2 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 20:07:40

ئىزدىنىش ئاخبارات خەۋرى

مەمتىمىن ئەلا دىگەن كىسپۇرۇش ۋەقە يۈز بىرىپ 2 يىلدىن كىيىن قان بەرگەن .ئۇ چاققىچە يالقۇن دوختۇر پەرھات ئەپەندىنىڭ ئىچى قانىنى تىشىۋەتكەن.پەرھات ئەپەندىم چوقۇم يالقۇن دوختۇردىن ئۆچىنى ئالىدۇ. بىز ياردىم بىرىمىز!

.............................................................................................................................

ئۆتمىشنى تەگەۋىرىش ۋە ئۇچقۇنداپ ئويۇن كۆرۇشتەك نۇمۇسسىزلىقلاردىن زىنھار ھەزەر ئەيلەيلى!!!!

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 20:09:01

مەن ئەلادىن بىرنى باستىم. شەخسى كۆز قارىشىم، پەرھات تۇرسۇننىڭ ئۆچەكتىن چىقىدىغان ۋاقتى كېلىپ قالدى. پەرھات تۇرسۇن ئەسەرلىرىنى قەغەز مەتبۇئاتلار باسمىسا، تور بار.

چاقچاق ئورنىدا دىيلىدى، خۇدا خالىسا ياخشى ئەسەرلەر ئۈچۈن توختى پوكان ھېكايىلىرىگە ئوخشاش ئوقۇپ بولۇپمۇ قەلەم ھەققى تۆلەۋېرىمىز.\"\"



راسىت گەپ قىلسام باسما مەتبۇئات ئەسەرلىرىنى ئوقۇمىغىلى ئۇزۇن يىل بولۇپ قالدى. لىكىن پات-پات ساقلاپ قويۇشقا تېگىشلىك ياخشى ئەسەرلەرنى سېتىۋېلىپ ساقلاپ قويىۋاتىمەن، بالام چوڭ بولسا ئوقۇسۇن دەپ.

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 20:12:55

6- قەۋەتتىكى tarimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پەرھات تۇرسۇننىڭ ئۆزىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ سېسسىق گەپنى ئاز قىلىپ ئىدىيە زوراۋانلىقى قىلماي خەقنى ناچارنى باسقۇسى بولسا باسقىلى قويۇڭلا .



پەرھات تۇرسۇن سىلەردەك ئۇندا ئىشنى قوبۇل قىلالمايدىغان ئىدىيەدە ئەمەس .

ناچارنى باسقۇسى بارلار بۇ جەمىيەتتە شۇنچىلىك ئەركىنلىكىدىن بولسىمۇ بەھىرلىنىپ ، ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلىپ ناچارنى بېسىۋالسۇن . ئۇنىڭغا ئاندا قىلىش ماندا قىلىش دەپ سېسسق گەپ ئارلاشتۇرۇپ زوراۋانلىق قىلماڭلار .



خالىغىنىڭلارچە بېسىۋۋېلىڭلار ناچارنى . پەرھات تۇرسۇننىڭ ناچارنى بېسىپ ئەخلەت تېما قىلىۋەتكىنىگە بىرەر تال مويى چۈشۈپ قالمايدۇ .

بۇرۇقتۇملۇققا تولغان بۇ جەمىيەتتە پەرھات تۇرسۇننى تىللىۋېلىش ياكى ئۇنى ناچار باھالىۋېلىش ئارقىلىق بولسىمۇ ئۆز كۆڭلىنى خوش ئىتىۋالغانلارنىڭ ئەركىن ياشىيالىغىنىدىن بولسىمۇ پەرھات تۇرسۇن ئۆزى مەمنۇن بولىدۇ .





مەيلى قايسى شەكىلدىكى ئەركىنلىك بولسۇن ئەركىن ياشاڭلار .


پارھات تۇرسۇننىڭ دىكتاتۇرىستىك ئىدىيە زوراۋانلىقىدىن بىزار ئىكەنلىكىنى بىلسەڭلار ،  قايسى شەكىلدىكى بولسۇن ئىدىيە زوراۋانلىقىنى سىلەرمۇ ئىشلىتىپ يۈرمەيسىلەر .



ناچارنى بېسىش ئەركىنلىكىڭلاردىن خالىغانچە بەھىرلىنىڭلار .


پەرھات تۇرسۇننىڭ تىللاپ ياكى ئۇنىڭ ماقالىسىنى ناچار باھالاپ جەننەتكە كىرىپ كىتەلىسەڭلار ئەجەپ ئەمەس .


سىلەر بۇ بۇرۇقتۇم جەمىيەتتە مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ ئەركىنلىكىڭلاردىن بەھىر ئېلىۋېلىڭلار .






ئېسىل ئىنكاس. تارىم ئەپەندى ئۆچەكتىن چىقپتۇدە. \"\"

eppsos يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 20:34:35

مەقسەدلىك تاشلانغان بومبا دەمدۇ ق ؟ يۈزسىزلىك !! \"\"

ئىشىڭ يوق بولسا باشقىلارنىڭ ئويۇنىنى كۆرىدىكەنسىلەدە ..........

قەدىم زاماندا قالغان ، تالاش-تارتىش قىلىپ تىتىلىپ كەتكەن سۆڭەكنى يەنە تاشلاپ ( بولۇپمۇ رەمزاندا ) نىمە قىلماقچى ؟مىڭ ناچار .....................

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 21:19:12

ئەلانى باسسام بېسىلمىدى . نېمىش بوپ كەتتى ،بىرەرى بۇ تېمىنىمۇ دىكتاتورا ئاستىغا ئېلىۋالدىمۇ يا دەپ ناچارنى باسسام ئۇمۇ بېسىلمىدى . \"\"



كۈننى ئېتەك بىلەن توسۇغىلى بولماس . كىچىك چاغلىرىمىزدا دەبدەبىلىك ،شاھانە لىباس ، زۇلپىقار قېلىچلىق گەپ سۆزلەر بىلەن بېزەپ بەرسە ئوبزور مۇشۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ ، ئاشۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟،تۇزكۇر يازغۇچىلار راست ئاشۇنداق يېزىپ سالغان ئوخشىمامدۇ دەپ يۈرۈپتىكەنمىز . ئەمدىلىكتە بولسىمۇ ھەقنى ھەق دەپ ياقلايدىغان ۋاقىت كەلدى .



بېسىلماي قالغان ئالتىنچى ئەلانى چوقۇم چوقۇم قايتا قايتا سىنىمىسام .

bir_uyghur يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 21:26:21

مەيلى ناچار -ياكى ياخشى بولسۇن، ياكى تالاش تارتىش بولىدىغان بولسۇن بولمىسۇن،كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىسە كۆرىدىغانلار باردۇ، مىنىڭچە ئىجابي ياكى سەلىبي پىكىرلەر بولسا ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ تىمىنىڭ ئۆزىدە توختالغان ياخشى، يولىغان شەخىس ياكى ئاپتۇرنىڭ پەزىلىتى دىگەندەك ئىززەتكە تاقىشىدىغا سۆزلەرنى قىلمىغان ياخشى، ئۇلۇغ رامىزان دەپتۇق، ئەمما ئىغىز بۇزۇشتىنمۇ قۇرۇق قالماپتۇق، مىنىڭچە بەزى نەرسىلەرنى ياقتۇرمىساق كۆزىمىزنى يۇمۇپ ئۆتۈپ كىتىش ياكى تىلىمىزنى سىلىقراق تەلەپپۇزىمىزنى ئىللىقراق قىلىپ شۇ يازمىنىڭ يارىمىغان تەرىپىنى مۇنازىرە قىلساق بولىدۇ دەپ قارايمەن.يەنە كىلىپ بەزىلەرنىڭ ياقتۇرماسلىق ئەركىنلىكى بولغىنىدەك يەنە بەزىلەرنىڭ ياقتۇرۇش ئەركىنلىكى برلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىزنى تەۋسىيە قىلىمەن،كونا ۋەتۋەرىكى چىكەتكەن يازما بولسا بەلكىم يەنە بەزىلەرنىڭ كۆرگىسى باردۇ،ھەممە ئادەمنى ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى ياقتۇردىغان ئىشىنى قىلىش ھوقۇقى بار ئەمما باشقىلارنىڭ ياراتماسلىقى بىلەن ھاقارەتكە ئۇچۇراش مەجبۇريىتى يوققۇ دەيمەن،ئىشقىلىپ قاچان بىلدىم ئىزدىنىشنى شۇ چاغدىن باشلاپ مۇشۇنداق بىرەر تىما چىقسىلا چوقۇم ئىززەتكە تاقىشىدىغان سۆزلەر مۇنبەرنى ئەگىپلام يۈرىدۇ، تىما ئۈستىدىكى سۆزدىن بەكىراق ئىدىيە تارقىتىش جۈملىلىرى مەيداننى بىر ئا؛ىدۇ، بىلىشىمچە ئىزدىنىشقا كۆپ كىرىدىغانلار ئىدىيە جەھەتتە ئاللىقاچان باشقىلارغا دەرس بىرەلەيدىغان تورداشلارغۇ دەيمەن، شۇڭا تىمىنىڭ مەركىزى ئىدىيىسىدىن چەتنەپ نەدىكى شاخلاتما مەسىلىلەردە قەستەن چىشىغا تىگىش بار ئىكەن، مىنىڭچە بۇنى يوللىغىچى ھىچقانداق مەقسەتتە يولمىغان بولغۇيتى، باشقىلار ئغستىدە ياخشى گۇمان قىلىش مۇسۇلماننىڭ پەزىلىتى.رامىزاندا جىدەل چىقاماقچىمۇ دىمەيمىز، جىدەل چىقىشىدىن ئاللاھ ساقلىسۇن بۇتىمىدا ئاللاھ خالىسا تىنىچ ئەركىن پىكىر قىلىمىز دەپ ئاللاھتىن تىلەيمىز. ئاللاھتىن تىلىسەڭ بىرىدۇ دەپ سەن جىدەل تىلىسەڭ جىدەل بىرىدۇ، شۇڭا يازما مەخسۇس بىرەر شەخىسنىڭ مەخپىيەتلىكىگە ياكىنۇمۇسىغا تىگىدىغان ئىش بولمىغاندىكىن چىرايلىق سۆزبىلەن پىكىر قىلىشساق دەيمەن، بىر ياخشى سۆز قىلساڭ ئاللاھ ساڭا خالىغىنىچە ئەجىر بىرىدۇ.ئاللاھ ھەممىمىزگە بىز بىلمەيدىغان يەردىن بەرسۇن، باشقىلارغا تەنبىھ بەرسەكمۇ كۆيۈنۈشنى مەقسەت قىلىپ بىرەيلى قىرىنداشلار، بىز ھەممىمىز بىر -بىرىمىزنىڭ تىلىنى ھەم دىلىنى چۈشۈنىمىز، ياخشى گەپ قىلساق قوپال گەپتىن بەكىراق ئۈنۈمى بولىدۇ دەپ قارايمەن.

hezine يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 21:32:35

مانا، ئەلا ناچارنى بېسىش مەسىلىسىدىلا بىرمۇنچە گەپلەر بولۇندى. ئەسلى يەنە ئون كۈن چىداپ، ھېيتنى ئۆتكۈزۈپ ئاندىن يوللاپ جېدەل ئوينىساڭلارمۇ بولاتتى.

رىتا خانقىز، ئاۋۇ ئۈستىدىكى ئىنكاسىمدا ناچارنى بېسىش سەۋەبىمنى يېزىپ قويدۇم، ئىنكاسىڭىزنى تەھرىرلاپ قويامسىز؟!

esiyan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 21:39:19

تارىم ئۇكىمىزنىڭ كۆز قاراشلىرى توغرا بولسىمۇ،يەنىلا ئىنىمىز پىنھاننىڭ باش تېمىنى يوللىشىنى توغرا كۆرسەممۇ،مەمتىمىن ئەلانىڭ [ئۆلىۋىلىش سەنئىتى]رومانىغا قارىتا يازغان ئىزھات خاراكتىرلىك ماقالىسىنى ئىنكاس قاتارىدا يوللىغىننى تازا توغرا تاپمىدىم،ئەسلى باش تېما يوللىنىپلا،تورداشلار پىكىرنى بەرسە بولاتتى،بەلكىم پىنھاننىڭ ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى باردۇ ياكى مەقسەتسىزلا يوللاپ قويغاندۇ،مەمتىمىن ئەلانىڭ ماقالىسىنى...

مېنىڭ ئويلىغىنىم باشقا ئەمەس بۇ كونا قەقەشنى يەنە تاتلاپ يۈرمەسلىك.بۈگۈن ئۆزھال ئۇندىدارنىڭ دوسلار توپىغا يوللاپتىكەن باش تېمىنى شۇ يەردىن كۆرگەنتىم.مەن شەخسەن پەرھاتكامنى چوڭ كۆرىمەن.ئاكىمىزنىڭ شېئىرىلىرى،توردا ئېلان قىلغان كىنايىلىك ھېكايىلىرى،ئەينى چاغدا ئېلان قىلغان پوۋىستلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيتىم.ئەينى يىللىرى پەرھاتكام [قارا ئوت]دەپ ئىسىمى بار بىر كىتاپخانا ئاچقان ئىدى.داۋاملىق كىرىپ شۇ يەردە كىتاپ سېتىۋلغاچ سائەتلەپ كىتاپ ئوقاتتىم.پەرھاتكامنىڭ قىززىق گەپلىرنى ئاڭلايتىم.شۇ چاغلار بۇ كىتاپخانىغا ياشق پەلىسەپىسى دېگەن كىتاپنى يازغان،مەمتىمىنمۇ ئىسمى شۇنداقىراق يادىمدە قاپتۇ،شۇ كىشى ھەم ئۆزھال.تاھىر ھامۇتلار كۆپ كىرەتتى،ئۇلارنىڭ قىسقا تەلقىنلىرنى ئاڭلاپ تۇراتتىم.شۇ ئارىدا يالقۇن روزىنىڭ بۇ ماقالىسى بىلەن خۇددى مەمتىمىن ئەلا دېگەندەك پەرھاتكامنىڭ كىشىلىك تۇرمىشى بىراقلا ئاستىن-ئۈستۈن بوپ كەتتى.جەمىيەتتە ھەرخىل گەپ-سۆز غۇدۇراشلا ئاۋۇپ كەتتى.شۇ چاغلار پەرھاتكامنىڭ قانچىلىك ئىلاجىسىز قالغان ھالىتى ئىچىمنى بەك سىرىۋەتكەنتى،قىسقىسى بۇ جاپاكەش يازغۇچى بىر توپ كىشلەرگە ئۆزىنى قىلچىلىك چۈشەندۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەمىگەنتى.شۇ چاغدا مەن يۇرتتىن كەپ كىتاپخانىغا كىرسەم،پەرھاتكام يوق ئايالى باكەن،بۇرۇنقىدەك سالاملاشتۇق ۋە سورىدىم:-ھەدە پەرھاتكام راسلا خەق دېگەندەك خىرستىئانمۇ؟

ھەدىمىز:-توۋۋا دەڭە ئۇكا پەرھات ئاكىڭىز ئەلھەمدۇلىللاھ مۇسۇلمان.ھەممىسى يالقۇننىڭ زىيانكەشلىك قىلىپ ئۆچ ئېلىشى بولمامدۇ،سىز مۇشۇ يەرگە داۋاملىق كىرىسىز،پەرھاتنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەسسىز،توۋۋا مۇشۇ بىر ماقالىنىڭ كاساپىتى بىلەن بىچارە پەرھات قاراپ تۇرۇپ ناھەقچىلىككە قالدى،-دەپ پاراڭ قىلغاچ.مەمتىلى ئەپەندى دېگەن كىتاپنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئۈچۈن پەرھات تۇرسۇن بىلەن يالقۇن روزىنىڭ ئوتتۇرسىدا مەلۇم تالاش-تارتىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى قىسقىچە قىلىپ چۈشەندۇرۇپ ئۆتتى.كېيىن پەرھاتكام بىلەن پاراڭلاشتۇق.شۇندىن كېيىن بۇ ئۆلىۋىلىش سەنئىتى دېگەن كىتاپنى ئوقۇدۇم.لېكىن راستىنى دېسەم پەرھاتكامنىڭ شېئىرلىرىدىن زوق ئالغاندەك زوق ئالالمىدىم،بەلكىم سەۋىيەم يەتمىگەندۇ...تۇرمۇش غېمى بىلەن ھەممىمىز ئالدىراش بوپ كەتتۇق.بۇ پەرھات-يالقۇن ھادىسسى تورلاردا ئانچە-مۇنچە غۇلغۇلا قىلىنىپمۇ تۇردى.پەرھاتكامنى نەچچە قېتىم نوغاي مەسچىتتە جۇمە نامازلىرىدا كۆرۈپ قالدىم سەل قېرىپتۇ.لېكىن يەنىلا مەن تونۇغان چاغدىكى تېتىك ھالىتى بىلەنكەن.نامىزىمدا ئاللاھدىن ئاكىمىزغا تېخىمۇ كۈچلۇك ئىتقاد ۋە سەۋىر تىلىدىم.مەن كۆرۈشكىچە ئالدىراپ كېتىپ قالدى.

قىسقىسى مەن تونۇيدىغان پەرھات تۇرسۇن ئېتىقادلىق،كۆيۈمچان، كىبىرسىز ئاز-ساز يازىدىغان مىللەت سۆيەر كىشىلىرىمىزنىڭ بىرسى.لېكىن تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن.بۇرۇنلاردا كىشلەر خەقلەرگە پۇل بېرىپ ئۆزىنى تىللىتارمىش[بۇ پەقەت ئاڭلىغان گەپ،ئاساسى يوق بولىشىمۇ مۈمكىن]مۇشۇ پەرھاتكام توغرىسىدا بولۇنغان 10 ياقى غەيۋەت-شىكايەتلەرمۇ،پەرھاتكامنىڭ ئۇششاق-چۈششەك گۈناھلىرىنى يۇيۇپ بولدىمىكىن دەپ \"\"

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 21:39:49

رامازان بولغانلىقى ئۈچۈنلا مۇنازىرە تېمىسى يوللانماسلىقى كېرەكما؟ رامازان قاچاننىڭ ياقى بىرسىڭلارنىڭ بىر يېرىڭلارغا پۇتلىشىدىغان بولۇپ قالدى؟

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 21:42:51

تېما باھالاش مۇسابىقىسى باشلانغاندەك تۇرىدۇ  {:92:}   {:92:}  كۇندە دىگىدەك ئىنكاسلىرىنى كورۇپ تۇرۇپ، ئەلا دىن بىرنى تاشلىمىسام سەت بولغىدەك. \"\" \"\"

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 21:45:27

16- قەۋەتتىكى horazjanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تېما باھالاش مۇسابىقىسى باشلانغاندەك تۇرىدۇ \"\" \"\" كۇندە دىگىدەك ئىنكاسلىرىنى كورۇپ تۇرۇپ، ئەلا دىن بىرنى تاشلىمىسام سەت بولغىدەك. \"\" \"\"



027.gif  ماۋۇ قول ئىپادىسى خورازدىكى خو جۇمۇ.



atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 21:50:27

‏‏پەرھات تۇرسۇننى ئۆلىۋېلىش سەنئىتى دېگەن كىتابىنى ئىزدەپ بىر ئوقاي دەپ شۇنچە ،ئىزدەپمۇ تاپالىمىدىم.كىمدە بار ماڭا بېرىپ تۇرسا پۇل رەنىگە قۇيۇپ تۇرۇپ ئوقىۋالسام،ياكى سېتىپ بېرلسە.ياكى تورداشلار تۇرۇشلۇق جايدىكى كىتابخانىلاردا بولسا ئۇچۇرىنى بەرسە،ماڭا ۋاكالىتەن ئېلىپ بەرسە كۆپ رەھمەت ئېيتاتتىم.ئۆزەممۇ خېلى كىتابخۇمار بولمىسا،ئەمما ھازىرغىچە ئۇيغۇر زىيالىلار قاتلىمىنى ئىككىگە بۆلۋېتىشكە سەۋەب بولغان شۇ ئەسەرنى كۆرۈپ باقمىغىنىم ھەي.....

esiyan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 21:59:21

قۇياش ئوغلى قېرىندىشىم:روزىنىڭ ئەدەپلىرىدىن بىرسى:روزىدار كىشنىڭ تىلىنى غەيۋەت-شىكايەت ۋە بىھۇدە سۆزلەردىن يىغىشى ۋە كىشلەر بىلەن جىدەللەشىشتىن ساقلىنىشى ھەتتا كىشى ئازار بەرسىمۇ ھەدىس روھى بويىچە [مەن روزىدار ]دېگەن گەپنى 3 قېتىم دەپ .ئارتۇق تالاشلاردىن ساقلىنىشنى روسۇلىمىز تەۋسىيە قىلغاچقا،بەزىلەر بۇ تالاش -تارتىشنىڭ قايتا مەيدانغا چىقىشنى ياقتۇرمىغان گەپ،شۇڭا رامىزان تۈگەپ ئاندىن يوللىساڭلامۇ بولىتى دېگىنى.ئەلۋەتتە سىز بۇنى چوقۇم چۈشىنىسىز.ئىشقىلىپ ئاللاھ ھەممىمىزگە رامىزاننىڭ ئاخىرقى خەيرىلىك كۈنلىرىدە سەۋىر-ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەيدىغان تىرشچانلىق ئاتا قىلسۇن!تۇتقان روزىمىزنى دەرگاھىدە خالىس قوبۇل قىلغاي!

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 22:09:38

19- قەۋەتتىكى esiyanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قۇياش ئوغلى قېرىندىشىم:روزىنىڭ ئەدەپلىرىدىن بىرسى:روزىدار كىشنىڭ تىلىنى غەيۋەت-شىكايەت ۋە بىھۇدە سۆزلەردىن يىغىشى ۋە كىشلەر بىلەن جىدەللەشىشتىن ساقلىنىشى ھەتتا كىشى ئازار بەرسىمۇ ھەدىس روھى بويىچە [مەن روزىدار ]دېگەن گەپنى 3 قېتىم دەپ .ئارتۇق تالاشلاردىن ساقلىنىشنى روسۇلىمىز تەۋسىيە قىلغاچقا،بەزىلەر بۇ تالاش -تارتىشنىڭ قايتا مەيدانغا چىقىشنى ياقتۇرمىغان گەپ،شۇڭا رامىزان تۈگەپ ئاندىن يوللىساڭلامۇ بولىتى دېگىنى.ئەلۋەتتە سىز بۇنى چوقۇم چۈشىنىسىز.ئىشقىلىپ ئاللاھ ھەممىمىزگە رامىزاننىڭ ئاخىرقى خەيرىلىك كۈنلىرىدە سەۋىر-ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەيدىغان تىرشچانلىق ئاتا قىلسۇن!تۇتقان روزىمىزنى دەرگاھىدە خالىس قوبۇل قىلغاي!

ئۇغۇ شۇ ئەمدى. ھازىر ئىپتار قىپ بولغاندىكىن لايىقىدا ئازراق تالاش تارتىش قىلىشساق بولار؟

amball يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 22:13:14

تېما ئاخىرى جەۋھەرگە ئايلاندى. پەرھات تۇرسۇن ئاكىمىزنىڭ جەۋھەر ھالىتىدە تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9 10
: ھايدېنس فېررى ژۇرنىلىدا تونۇشتۇرۇلغان پەرھات تۇرسۇن