ئاقكۆڭۈل ئوغرى ئاپتوموبىلنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەردى[كۆچۈرۈلمە]
يېقىندا مېلبۇرنلىق ئەر گېلون ئۆزىنىڭ ئامراق ئاپتوموبىلىنى يۈتتۈرۈپ قويۇپ، كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بولغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقىدىن ھەتتا ئامراق ئاپتوموبىلىنى سوغۇرتىغىمۇ قاتناشتۇرالمىغان ئىكەن. سوغۇرتىغا قاتناشتۇرالماسلىقى ئۇنىڭ سۇغۇرتا شىركىتىدىن ھېچقانداق تۆلەمگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. ئويلىمىغان يەردىن ئۇ FACEBOOKتا ئۆز ئەھۋالىنى بايان قىلىپ دەردىنى تۆكۈپ نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئوغرى بۇ ئاپتوموبىلىنى ئاستا ئەسلىدىكى جايىغا توختۇتۇپ قويغان، بۇ ئوغرى ئاپتوموبىلنى قايتۇرۇپ بېرىپلا قالماستىن يەنە ئاپتوموبىلنى پاكىز يۇيۇپ، ماينى لىق قاچىلاپ بېرىپ، ھەتتا ئاپتوموبىلنىڭ ئۈستىدىكى پېتىنغۇ ئىزلىرىنىمۇ رېمۇنت قىلىپ بەرگەن ئىكەن. ئەسلىدە جاھاندا مۇنداقمۇ ئاقكۆڭۈل ئوغرىلار باركەن ئەمەسمۇ.
مەنبە:كارۋان تورى.
ئەسلىدە جاھاندا مۇنداقمۇ ئاقكۆڭۈل ئوغرىلار باركەن ئەمەسمۇ. نامراتلار سۇبارو ھەيدەيدىكەندە ئاپتوموبىلنى ئوغىرلاپ،ئىچىدە ئۇخلاپ قالغان بوۋاقنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىۋەتكەنلەرگە روشەن سېلىشتۇرما ۋىجدانلىق پاھىشە دېگەندەك رەزىللىكتە ئۇلار مايەدىكى بەزىگە تېخى مازاماندا يېتىشەلمىگۈدەك
2- قەۋەتتىكى alaibalaiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نامراتلار سۇبارو ھەيدەيدىكەندە
ئىسمىڭىز ئەجەب قىزىق قويۇۋاپتىكەنسىز، ھەر قېتىم ئىسمىڭىز ئۇچراپ قالسا كۈلۈپ كېتىمەن.
2- قەۋەتتىكى alaibalaiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نامراتلار سۇبارو ھەيدەيدىكەندە
بۇ كونا سۇبارو ئوخشايدۇ. خۇددى ھازىرقى 奥迪100 دەك.
ھەي ، ساپالىق ئەلنىڭ ئوغرىلىرىنىڭ ساپاسىمۇ يۇقۇرى بولىدىغان ئوخشايدۇ ... ئوغرىنى ماختاپ كەتكىنىنى ما خەقنىڭ جەمئىيتىمىزدىمۇ مۇشۇنداق ئىنساپلىق ئوغرىلار كۆپەيسە بولاتتى ، بىراق ھازىرقى ئوغۇرلارنىڭ ھەممىسى كىشىنىڭ ھەققىنى پۈۋلىمەيلا يەۋىتىدىغان خۇمپەرلەر ...
بەت:
[1]