function يوللانغان ۋاقتى 2013-7-28 22:30:02

ئاندرويد يانفۇنلارغا ئەپ تەۋسىيە قىلىشايلى باللا...

تەۋسىيە قىلىشنى ئاۋۋال ئۆزۈمدىن باشلاي:

1. خەرىتە ئەپ: 老虎宝典

2. تۇرىۋاتقان ئورۇننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى، كوردىناتى دېگەندەك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەپ : GPS仪表盘

3. دۇكاندىكى ماللارنىڭ راست-يالغانلىقىنى تەكشۈرىدىغان ئەپ : 我查查

4. ئايرۇپىلان بېلىتى تەكشۈرىدىغان ۋە زاكاس قىلىدىغان ئەپ :去哪儿旅行

5. ئۇيغۇرچە كىرگۈزىدىغان ئەپ :百度输入法

6. خەنچە-ئېنگىلىزچە سۈرەتتىن خەت تۇتۇپ سىكاننىرلايدىغان ئەپ: 云脉文档识别

7. ئىچى پۇشقاندا تازا ئوينايدىغان ئويۇن: 保卫萝卜

.....

قېنى ئەمدى نۆۋەت سىلەرگە كەلدى...

uqkun28 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 00:17:46

نىمە ئىشكىن مۇشۇ تېلغۇننى ئالماشتۇرغۇم كەلمەيدۇ. ئاغىنلەرنىڭ تۈرلۈك لەقەم قۇيۇشى بىلەن 3يىل ئىشلەتكەن 塞班سېستىملىق نوكىيا 5800xmماركىدىكى تېلغۇننى تاشلاپ، ئاندوريىد سېتىمىلىق خواۋىي تېلغۇننى ئالغىلى 10نەچچە كۈن بۇپتۇ. بۇ تېلغۇن ئىشلىتىشكە باشلىغان 13يىلدىن بۇيانقى 4-تېلغۇنۇم. ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلغۇنلارغا بولغان چۈشەنچىمىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن جىق ئىشلارنى بىلەلمەي يۈرۈيمەن، مۇنتىزىم ئولتۇرۇپ تېلغۇن بىلەن بىرەر سائەت ھەپىلىشەي دىسەم ئەسلى ۋاقىت يوق..........

تېلغۇننى كومپيوتېرغا چېتىپ ۋىروسخور چۈشۈرەي دىسەم 360نى دەھشەت تەۋسىيە قىلىپ كەتتى... ھە دىسەم بىردەمدە 360手机助手, 金山手机助手 دىگەندەك ئىككى ئۈچ تال دىتالمۇ بىردەمدە تېلغۇندىن ئۇرۇن ئېلىپ بۇپتۇ. قارىسام بۇلاردىن ھەر خىل دىتال، ئۇيۇنلارنى ئىزدىگىلى، چۈشۈرگىلى بولىدىكەن.

مۇشۇ باھانىدە سورىۋالسام تېلغۇنغا قاچىلاپ ئىشلىتىشكە قايسى ۋىروسخور ئەڭ مۇۋاپىق؟ تىمىدا دىيلگەندەك ۋىروس، قىستۇرما ئېلانلاردىن خالىراق ئۇيۇن، ئەپلەرنى چۈشۈرۈشتە  360手机助手, 金山手机助手دىن باشقا مۇكەممەلرەك دىتاللاردىن قايسىلار بار؟

360手机助手دىكى ئەپلەر ئارىسىدىن 我查查نى ئىزدىسەم، بۇ دىتالغا بولغان ناچار باھا نىمانداق تولا؟

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 01:39:28

1- قەۋەتتىكى uqkun28نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

13يىلدا 4 تىلفۇن ئىشلەتكەن بولسىڭىز راس قايىل بولدۇم .  نىمىشقىكىن قولۇمدا بىر تىلفۇن مۇقۇم تۇرمايدۇ . ئالمىدىن باشقا ھەممە تىلفۇننى بىر قىتىمدىن ئىشلىتىپ بىقىپتىمەن . بۈگۈنى ئالىمەن ، ئاز ۋاقىتتىن كىيىن يىڭى چىققان تىلفۇننىڭ قانداقتۇر بىر مەن چۈشەنمەيدىغان يا چۈشىنىدىنىغان ئىقتىدارلىرىنى كۆرۈپ قولۇمدىكى تىلفۇننى تاشلاپ يىڭىسىنى ئالىمەن .  ئالى مەكتەپنىڭ ئىككىنجى يىلى بىر تىلفۇننى 150 سومغا ئالغانىدىم ، بىر يىرىم يىلدەك ئىشلىتىپ سىرلىرى ئۆڭۈپ ، ئارقا قاپقاق ، ئاۋاز كونۇپكىللىرى چۈشۈپ پەقەت بولالمىغاندا تاشلاپ Nokia1110 ئىشلەتكەنىدىم . ئويلاپ باقسام ئەڭ ئۇزۇن ئىشلەتكەن تىلفۇن مۇشۇ ئىكەن . شۇنىڭدىن كىيىن بىر تىلفۇننى يىرىم يىلدىن ئارتۇق ئىشلىتىش نىسىپ بولمىدى . يا يۈتتۈرۈمەن ، يا ئالماشتۇرۇمەن . ئۆتكەن يىلى بىر يىلدا تىلفۇن ئىلىپ يۈتتۈرۈپ دىگەندەك 12،000سومنى بۇزۇۋەتتىم(ئالغان تىلفۇنۇم تولا يۈتۈپ كەتتى ) . ئەتراپىمدىكىلەرمۇ ھەيران ، ھەتتا چوشقا گۆشى يەيدىغان باشلىقىم ئاڭلاپمۇ نەچچە كۈن قاقشاپ توختاپ قالدى ، ھازىرمۇ ئاندى مۇندى تىلفۇنىڭ بارمۇ يوق ؟ ئوبدان ھىزى بول دەپ قويىدۇ . ئاخىرى بۇ يىل 2-ئايدا Find5 ئىلىپ توختىدىم،خىزمەتداشلىرىم زەنجىردە باغلاپ بىخەتەرئىشكاپتا ساقلاپ ئىشلەت دەيدۇ ، ئۇنداق قىلغىلى بولامدۇ دەيسىز ؟....ئالدىنقى كۈنى ئاكام HTC One ئىلىپ ئىشلەتكەن بولساڭ بەك ياخشىتى دەيدۇ  . بولدى ، ئاللا خالىسا مۇشۇنى ئىشلىتىپ ئۆتۈپ كىتەرمەن .

Android تىلفۇنلارغا ۋىرۇسخور بولمىسمۇ بولىدۇ ، دەپ ئويلايمەن . يا مەن ھەپتىدە بىر قىتىم سىستىما ئالماشتۇرۇپ تۇرغاچقىمۇ ئىشقىلىپ ۋىرۇسخۇرغا ئىھتىياجىم چۈشمىدى . ئەگەر بەك ئىشلىتىمەن دەپ قالسىڭىز ئاۋۇ 金山نىڭكى ياخشى ،بەك لامزەللىلىك قىپ ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇرمايدۇ .

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 04:23:14

保卫萝卜 مانى قاچىلاپ مىدىرلىتالمايلا مەغلۇپ بولىمەن. قاندا ئوينايدۇ بۇنى.

ئۇيغۇرچە خەنزۇچە لۇغەتكە بىلكان كۆپ تىللىق لۇغىتىنى تەۋسىيە قىلىمەن. http://bazar.bilkan.net/App.aspx?id=240

كىرىم چىقىم ھېساباتچىسىغا قۇتيار تورى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان قولاي ھېساباتچى ئەپچىسىنى تەۋسىيە قىلىمەن http://qutyar.net/qh

تەۋەلىك كۆرسەتكۈچ ئەپچىسىدىن QC تەۋەلىك كۆرسەتكۈچىنى تەۋسىيە قىلىمەن. http://www.qutyar.net/mb/thread-6385-1-1.html

orkesh يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 08:49:42

مەن تېلفونۇمغا لۇغەت قاچىۋالسام بولاتتى.لىكىن پەقەت قاملاشتۇرالمىدىم.سۆزلۈك ئامبىرىنى قاچىلىيالمىغان ئوخشايمەن.كىم ياردەم قىلىدۇ؟

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 08:55:12

بىخەتەرلىك دىتالىغا lbe安全大师 نى تەۋسىيە قىلىمەن.

كومپىيوتىر بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتا air droid مۇشۇنى تەۋسىيە قىلاي ، تېلفۇنغا قاچىلاپ قويۇپ كومپىيوتىرنىڭ تور كۆرگۈچى ئارقىلىق تېلفۇن بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، Android تا تېخى بۇنىڭدىن ىقتىدارى ياخشىراق ئۆزگىچە بىر ئەپنى ئۇچراتمىدىم.

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 09:34:30

ئاندىرويد يانفونغا لوغەت ئۈچۈن ئالىپ تورىدىكى ماۋۇ لوغەتنى تەۋسىيە قىلىمەن.

تېمىدا قاچىلاش ئۇسوللېرىمۇ تەپسىلىي دىيىلگەن.

http://www.alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=2605&highlight=%D9%84%D9%88%D8%BA%DB%95%D8%AA

forever يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 10:43:11

ماۋۇ شىنجاڭ ئاندرويد كۇلۇبى دېگەن توربەتتە بىر قانچە ئۇيغۇرچە ئەپلەر باكەن پايدىلىناسىلەر!

http://www.xjandroid.com/

function يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 11:02:41

شۇنداق بىر ئەپ بولسا، يانفۇندىكى ئەپلەرنى يوشۇرىدىغان. (ھۆججەتنى ئەمەس، قاچىلانغان ئەپنى يوشۇرىدىغان)

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 11:07:38

Google map

whatsapp

skype

firefox

CNN

BBC

凤凰客户端

8486

Quran

screenshoot

...

Line توكنى بەك يەيدىكەن.

كىتاب كۆرىدىغان دىتاللار بىلەن كېلىشەلمەي Kindle غا كۆچىۋالدىم.

tawlan11 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 12:16:51

6- قەۋەتتىكى taklimakan10نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاندىرويد يانفونغا لوغەت ئۈچۈن ئالىپ تورىدىكى ماۋۇ لوغەتنى تەۋسىيە قىلىمەن.

تېمىدا قاچىلاش ئۇسوللېرىمۇ تەپسىلىي دىيىلگەن.

http://www.alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=2605&highlight=%D9%84%D9%88%D8%BA%DB%95%D8%AA

مۇشۇمۇ؟\"\"

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 12:49:55

خەۋەر كۆرىدىغان :

zaker ئەڭ نوچى ...

خەنچە - ئىنگىلىزچە لۇغەت ، ئىنگىلىز تېلى ئۆگىنىدىغان :

有道词典

ناخشا قويغۇچ :

天天动听

كىتاب ئوقۇيدىغان :

pdf阅读器 ، ماۋۇنىڭدا كىتابلار ھەقسىز 安卓读书  

شەخسىي بلوگ :

博客大巴

گۈدۈك

kuyax99 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 14:44:50

ماڭا بىر ئىشتا ياردەم قىلغان بولساڭلا قىرىنداشلا .. مەندە بىر 三星I909(Galaxy S ماركىلىق تىلفۇن باتى .بۇ تىلفۇن يا كومپىيوتىرغا ئۇلانمايدۇ يا لەنياغا ياكى سىمسىز تورغا ..ئۇلانمايدۇ ھەتتا كارتىنى سىلىپ كارتىدىكى ئىقىم مىقدارى بىلەنمۇ تورغا چىققىلى بولمايۋاتىدۇ .. بىر ياردەم قىلغان بولساڭلار ..ياردەم قىلدىغان دوسلارنىڭ چچ نۇمۇرىنى قالدۇرۇپ قۇيۇشنىنى ئۈمۈد قىلىمەن ياكى مۇشۇ تىمىدا چۈشەندۈرۈپ قويسىمۇ بەك خوش بولاتتىم ..

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 14:48:15

ئەپ ياسايدىغانلا يوقما

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 18:10:55

2. تۇرىۋاتقان ئورۇننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى، كوردىناتى دېگەندەك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەپ : GPS仪表盘

بۇنىڭدا كوردىناتىنى كىلومىتىر شەكلىدە دەپ بىرەمدۇ ياكى گىرادۇس شەكلىدە دەپ بىرەمدۇ ، ماڭا كىلومىتىر كوردىناتى شەكلىدە دەپ بىرىدىغان ، يەر مەيدانىنى ھىساپلىيالايدىغان ئەپ لازىم ئىدى .

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 18:20:32

سەپلىمىسى ياخشى تېلىفۇن ئۈچۈن ۋىرۇسخور قاچىلاش ئاقىلانە تاللاش. بىراق 360، كىيۇكىيۇ، ئالتۇنتاغ دىگەندەك سېسىق ئەخلەتلەرنى قەتئى يېقىن يولاتماسلىق كېرەك. بىر تال !Avastنى قاچىلاپ قويسىڭىز بولدى. ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش، ئېقىم كونترول قىلىش، ئەخلەت تازىلاش دىگەندەك مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدۇ.

تېلىفۇننى ئامال بار روتلىماي، نامەلۇم مەنبەنى ۋە USBئارقىلىق تەڭشەش ئىقتىدارىنى ئاچماي ئىشلىتىش. روتلىماي تۇرۇپمۇ ئۇيغۇرچە خەت نۇسخسىنى ئالماشتۇرغىلى ۋە سېستىما دەرىجلىلك ھۆججەتلەرنى ئۇياق-بۇياق قىلغىلى بولىدۇ.

يۇمشاق دىتال مەنبەسى ئۈچۈن google playبولسا بولدى.

نۇرغۇن ئەپلەرنىڭ قاچىلاش كېلىشىمىگە قارىسىڭىز تورسىز ئەپلەر ياكى ئويۇنلارنىڭمۇ تورغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنى كۆرىسىز. بۇ ئەپلەر خەتەرلىك. مەسىلەن ھېلىقى سەكرەپ يۈرۈپ قۇيۇندەك قاچىدىغان ئويۇن ھەر قېتىم قوزغالغاندا يانفۇننىڭ رام نومۇرى، تېلىفۇن نومۇرى.... دىگەندەك ئۇچۇرلارنى مۇلازىمىتىرىگە يوللايدۇ. بەك قاچىلاپ ئوينىغۇڭىز كېلىپ كەتسە بۇنداق يوچۇقلارنىڭ جاجىسىنى!Avast بېرىدۇ.

ئاللاھ ئۆمرىمىزنى بەرسە كۆرىمىز. يەنە ئىككى-ئۈچ يىل ئىچىدە ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇننىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ تىزلىشىپ كومپيۇتېرنىڭ ئورنىنى ئېلىشقا باشلايدۇ. نۇرغۇن كارخانا يۇمشاق دىتاللارنىڭ يانفۇن نۇسخىسى بارلىققا كېلىدۇ. كومپيۇتېرغا بولغان ئىھتىياج ئازىيىپ ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇنلارغا ئېھتىياج كۆپىيىدۇ. شۇڭا مەيلى ئالما ياكى ئاندروئىد بولسۇن بىرەر ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلىفۇننى ئويناپ قويۇش زىيان قىلمايدۇ.

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 18:35:38

مەن ئالىپ مۇنبىرىنى تەۋسىيە قىلاي!!!

MVXVK يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 19:09:55

15- قەۋەتتىكى quyashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سەپلىمىسى ياخشى تېلىفۇن ئۈچۈن ۋىرۇسخور قاچىلاش ئاقىلانە تاللاش. بىراق 360، كىيۇكىيۇ، ئالتۇنتاغ دىگەندەك سېسىق ئەخلەتلەرنى قەتئى يېقىن يولاتماسلىق كېرەك. بىر تال !Avastنى قاچىلاپ قويسىڭىز بولدى. ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش، ئېقىم كونترول قىلىش، ئەخلەت تازىلاش دىگەندەك مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدۇ.

تېلىفۇننى ئامال بار روتلىماي، نامەلۇم مەنبەنى ۋە USBئارقىلىق تەڭشەش ئىقتىدارىنى ئاچماي ئىشلىتىش. روتلىماي تۇرۇپمۇ ئۇيغۇرچە خەت نۇسخسىنى ئالماشتۇرغىلى ۋە سېستىما دەرىجلىلك ھۆججەتلەرنى ئۇياق-بۇياق قىلغىلى بولىدۇ.

يۇمشاق دىتال مەنبەسى ئۈچۈن google playبولسا بولدى.

نۇرغۇن ئەپلەرنىڭ قاچىلاش كېلىشىمىگە قارىسىڭىز تورسىز ئەپلەر ياكى ئويۇنلارنىڭمۇ تورغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنى كۆرىسىز. بۇ ئەپلەر خەتەرلىك. مەسىلەن ھېلىقى سەكرەپ يۈرۈپ قۇيۇندەك قاچىدىغان ئويۇن ھەر قېتىم قوزغالغاندا يانفۇننىڭ رام نومۇرى، تېلىفۇن نومۇرى.... دىگەندەك ئۇچۇرلارنى مۇلازىمىتىرىگە يوللايدۇ. بەك قاچىلاپ ئوينىغۇڭىز كېلىپ كەتسە بۇنداق يوچۇقلارنىڭ جاجىسىنى!Avast بېرىدۇ.

ئاللاھ ئۆمرىمىزنى بەرسە كۆرىمىز. يەنە ئىككى-ئۈچ يىل ئىچىدە ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇننىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ تىزلىشىپ كومپيۇتېرنىڭ ئورنىنى ئېلىشقا باشلايدۇ. نۇرغۇن كارخانا يۇمشاق دىتاللارنىڭ يانفۇن نۇسخىسى بارلىققا كېلىدۇ. كومپيۇتېرغا بولغان ئىھتىياج ئازىيىپ ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇنلارغا ئېھتىياج كۆپىيىدۇ. شۇڭا مەيلى ئالما ياكى ئاندروئىد بولسۇن بىرەر ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلىفۇننى ئويناپ قويۇش زىيان قىلمايدۇ.

avast بۇ ئىنگىلىزچىمۇ ياكى؟ ئىنگىلىزچىسى ناچارلار قانداق ئىشلىتىمىز؟

قاچىدىغان ئويۇننىڭ يوچۇقىنى روتلىماي تۇرۇپمۇ ئېتەلەمدا؟

ئۇيغۇرچىنى 95%تىن ئارتۇق قوللايدۇ، لېكىن خەت نۇسخىسى چىرايلىق ئەمەس، قانداق ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ؟   sony Xperia Z (L36h), Android 4.2

google play نى قانداق ئىشلىتىمىز؟ گوگۇلنىڭ 账号 دېگەن بىر نېمىسىنى ئالغۇم كەلمەي، ئاچمايلا ئۆتۈپ كېتىپتىمەن

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 19:23:49

ئاندرويد ئەپلىرىنى كومپىيوتېردا ئىشلەتكىلى بۇلامدۇ باللا؟

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-29 23:17:20

18- قەۋەتتىكى yawuzbagنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاندرويد ئەپلىرىنى كومپىيوتېردا ئىشلەتكىلى بۇلامدۇ باللا؟

BlueStacks

ماۋۇ دېتالنى كومپىيۇتېرغا قاچىلاپ ، ئاندىن شۇنىڭ ئىچىگە ئەپ قاچىلسىڭىز بولىدۇ ...

ئۇ دېتالنىڭ رولى كومپىيۇتېردا بىر مەۋھۇم يان تېلفون ھاسىل قىلىپ بىرىدۇ ...

يانفونغا ئەپ ياسايدىغانلارمۇ eclipse نىڭ ئۆزىنىڭ مەۋھۈم قورالىدىن ئاشۇ دېتالنى ئىشلەتسە ، بەزى ئۈنۈملەرنى تېخىمۇ ياخشى بىلەلەيدۇ ...

بەت: [1] 2
: ئاندرويد يانفۇنلارغا ئەپ تەۋسىيە قىلىشايلى باللا...