مۆمىنجان مۇنۇ ناخشىنى ياخشى ئېيتىپ قويۇپتۇ
مۆمىنجان مۇنۇ «ئاق بايان» قازاقچە دىگەن ناخشىنى ياخشى ئېيتىپ قويۇپتۇ دەپ ئويلىدىم. بۇ ناخشىنى يۇلتۇز خانىممۇ ئېيتىپتىكەن، ئەمما مەن يەنىلا مۆمىنجان ئېيتقىنى ياخشى چىقىپتۇ دەپ ئويلىدىم. قازاقچىنى چۈشەنگىلى بولمايدىكەن، بىلىدىغانلار تەرجىمە قىلىپ قويساڭلار بوپتىكەن؟
ماۋۇ يۇلتۇز خانىم ئېيتقىنىكەن
ناخىشنىڭ گېپىنى ئۇققىلى بولمايدىكەن.
ماۋۇ ئايال سۇ كالىسىدەكلا چىقىپتۇغۇ. /ئۆزبېكلەرنى ئاللىبۇرۇن ئېتراپ قىلدۇق! ئەمدى چەكسىز ھەسرەت ئىچىدە قازاقلارنى ئېتراپ قىلىدىغان ئوخشايمىز....ھەسرىتا..... يۇلتۇز خاننىڭ تايسېندەكلا ۋاقتىكنغۇ ئاۋۇ...

يۇلتۇزخاننىڭ پەچەت چىقىپتۇ. بۇلۇپمۇ MTVسى دەششەت ئېسىل كۆرىنىشلەر....

مەن قازاقچىنى ئاڭلاپ چۈشۈنەلمەيدىكەنمەن . ماڭا قازاق تىلى خۇددى ‹‹ ژاتتىر ژاتتىر ›› لا دەۋەتقاندەك بىلىنىدىكەن . شۇڭا ماۋۇ ناخشىنىڭ تېكىستىنى بىلىدىغان تورداشلار تەرجىمىسىنى ئېرىنمەي يوللاپ قويغان بولساڭلار بوپتىكەن . ناخشىنىڭ تېكىستىنى چۈشۈنۈۋالغان بولسام .
2- قەۋەتتىكى PARANGHUMARنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
/ئۆزبېكلەرنى ئاللىبۇرۇن ئېتراپ قىلدۇق! ئەمدى چەكسىز ھەسرەت ئىچىدە قازاقلارنى ئېتراپ قىلىدىغان ئوخشايمىز....ھەسرىتا.....
غەم قىلماڭ ، بىرەر يېرىمتال ناخشىنى ئېيتىپ قويغانغا ياكى ئاڭلاپ قويغانغا ئاھ .... ۋاھ .... دەپ ھەسرەت چېكىپ كەتكۈدەك ھىچنىم بولمايدۇ .

6- قەۋەتتىكى asalamنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يۇلدۇزخان mtv سىنىڭ 03:06 يېرىدىكى بىر قول ھازىرچە كام
قول ئىنق تۇرمامدۇ ، بايراقمۇ ئىنىق تۇرمامدۇ. ئۇلار بۇ بايراقنى ئىتراپ قپىتۇ ھە بۇ ناخشىدا.
ناخشا مۇڭكەن، مۆمىنجانمۇ ياخشى ئېيتىپتۇ ھەم ئېيتپ بەك ياخشى قىپتۇ.
چېچىلغان تۈركى قەۋملەر ئارىسىدا مېھىر شەكىللەندۈرۈشتە سەنئەتكارلارنىڭ رولى خېلى چوڭ دەپ قارايمەن. مۆمىنجاننىڭ يەنە بىر ناخشىسىنى ئاڭلاپ قالدىم . ئىسمى«ئۆرلە ياشلار » مۇ شۇنداقراق ئىكەن. بۇ ناخشىنىڭ يەنە ئابدۇرېھىم ھېيت ئاكىمىز دۇتار بىلەن ئورۇندىغىنىمۇ بار ئىكەن .
ئىشقىلىپ ئاي بولاي دېدى بىر ناخشىنىڭ ئىككى خىل نۇسخىسىنى توختىماي ئاڭلاۋاتقىلى . ھەر ئىككىلى خىل ئورۇنداشنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئالاھىدىلىكى ۋە تارتىملىقى بار ئىكەن. بولۇپمۇ ھېس قىلسام مۆمىنجاننىڭ ئورۇنداش سەنئىتى بارغانسىرى پىشىپ يېتىلىۋېتىپتۇ . ئالقىشلار بولسۇن! ماۋۇ ناخشىسىنىمۇ شۇنداق چىرايلىق ئورۇنداپتۇ . يۇلدۇزخاننىڭ ناخشىسىدىكى كۆرۈنۈشلەر «مىڭ بالا» دېگەن كىنودىن ئېلىنغانمۇ نېمە؟ زادى بىر كۆرمىسەك بولماپتۇ جۇما.
بۇرۇن ھېلىقى نوماد دېگەن كىنونى ئىشلىگەن چاغدا بىر ئېغىز گەپنى ئارتۇق قىلىپ قويۇپ، مۇنبەردىكى ئۇيغۇر-قازاق جېدىلىگە سەۋەب بولۇپ قالغان ئىدىم، شۇڭا قازاقىستاننىڭ كىنولىرىنى ئالدىراپ كۆرمەيمەن. چالقار كۆلى ئاي... ئاق بايان.
دېگەندەك قىلامدۇ، مەن تازا ئېنىق ئاڭلىيالمىدىم.
بەت:
[1]
2