yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-26 22:13:27

فىلىم: ئۇيغۇر نەققاشلىق ( گەج ئويما) دىن ھوزۇر

ئۇيغۇر نەققاشلىق ( گەج ئويما)- ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ مۇھىم تەركىۋىي قىسمى .

ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى نەقىش سەنئىتىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ
ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ-دەريالار، دەل-دەرەخلەر، گۈل-گىياھلار،
مېۋە-چېۋىلەر ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەندىن باشقا، تۇرمۇش بۇيۇملىرىغىمۇ
تېگىشلىك ئورۇن بېرىلگەن. ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ نەقىش بېزەكلىرىنىڭ شەكلى
ھەرخىل، مەزمۇنى مول بولۇپ، ئىشلەتكەن ماتېرىياللار ۋە قوللىنىلغان
ھۈنەر-سەنئەت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ياغاچ ئويما نەقىش، خىش تىزما نەقىش،
گۈللۈك خىش كاھىش، رەڭلىك ئويما نەقىش، خىش ئويما نەقىش، گەج ئويما نەقىش،
رەڭلىك سىزما نەقىش قاتارلىق ئون نەچچە خىلدىن ئاشىدۇ. ياغاچ قۇرۇلمىلىق
ئىمارەتلەردە ياغاچ ئويما نەقىشلىرى ۋە رەڭلىك سىزما نەقىشلىرى كۆپرەك
ئىشلىتىلىدۇ.

خىش قۇرۇلمىلىق ئىمارەتلەردە گەج ئويما نەقىش، گۈللۈك خىش، خىش تىزما
نەقىش، كاھىش ئاساس قىلىنىدۇ. خىش، ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئىمارەتلەرنى
زىننەتلەشتە ھەر خىل نەقىش، بېزەك، شەكىللىرى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدىغان
بولۇپ، قۇرۇلۇش ماتېرىيالى، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە قۇرۇلما جەھەتتىكى
ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن جانلىق، سىپتا، كۆركەم بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت
بېرىلىدۇ.

ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتى ھەيۋەتلىكلىكى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى نەپىس،
گۈزەل سەنئەتلىكلىكى بىلەن كىشىلەرنى ئۆزىگە ئىختىيارسىز جەلپ قىلىپ،
بەدىئىي زوق، مەنىۋى ئوزۇق ۋە ھۇزۇر ئاتا قىلىدۇ. ئەڭ دەسلەپكى
ئەجدادلىرىمىزنىڭ دەسلەپكى ماكانى ئورمانلىقلار، غار-ئۆڭكۈرلەرنى تاشلاپ
بۈگۈنكىدەك باغ-ۋارانلىق، ھويلا-ئاراملىق، پېشايۋان-سوپىلىق،
دەھلىزە-قازناقلىق، تۆر پەرگاھلىق، تەكچە مېھرابلىق، ۋاسا جۈپ-ناۋالىق،
ئەگىمە ئىشىك-دېرىزىلىك، گۈل مەنزىرىلىك ئۆيلەرگە؛ ئۇزۇن سېپىللىق،
گۈمبەز-مۇنارلىق، رەستە-كوچىلىق، تاغ-دەريالىق، يېشىل ئورمانلىق، خۇش
ھاۋالىق ئاۋات شەھەرلەرگە كۆچكەنلىكى ھەرگىزمۇ ساپالسىز، نەقىش-بېزەكسىز
مەيدانغا كەلگەن ئەمەس، بەلكى ساپالنىڭ رولى ناھايىتى زور
بولغان...ئۇلارنىڭ شەكلى ۋە گۈل نەقىشلىرىدە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي،
بەدىئىي سەنئىتى نامايان قىلىنغان ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ نەقىش بېزەكلىرىدە
شەكىل بىلەن مەزمۇن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلىدۇ.

ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى نەقىش تۈرلىرى ئىچىدە ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ئەڭ
يۇقىرى، ئىشلەش ئاسان ھەم رايون چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ئالاھىدىلىككە
ئىگە بولغان خىش تىزما نەقىشلىرى-ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى نەقىش تۈرلىرى
ئىچىدە خىش تىزما نەقىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىناكارلىق
ساھەسىدە كەڭ قوللىنىلىپ كەلمەكتە. خىش تىزما ئىمارەتلەرنىڭ سۇۋالمايدىغان
تام يۈزلىرى، سىرتقى پەردازلىرى، مۇنار يۈزىدىن ئىبارەت كۆزگە چېلىقىدىغان
قىسمىغا خىشلارنى ئالاھىدە تاللانغان نەقىش ئۆرنەكلىرىگە ئاساسەن تىزىش
ئارقىلىق چىقىرىلىدۇ. كۆپ ھاللاردا، خىش تىزما نەقىش بىلەن گەج ئويما نەقىش
ھۈنەر سەنئىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىشلىتىلىپ ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى ئۆزگىچە
ئۇسلۇبنى ھاسىل قىلىدۇ. خىش تىزما نەقىشنى ئىشلەشتە شەكىللىرى بىر قەدەر
ئاددىي بولغان گېئومېتىرىك تۈز سىزىق ئاساسىدىكى نەقىش تۈرلىرىدىن
گۈل-چېچەك، چاقماق، كەكلىك قېشى، ساندۇقچە، توقۇناق، پەتنۇس، شەيتان قۇلۇپ
قاتارلىقلار بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل نەقىشلەر كۆپىنچە ئىككى
تەرەپكە، تۆت تەرەپكە داۋاملاشتۇرۇلغان ھالدا، بەزىلىرى نەقىش ئىشلىنىدىغان
ئورۇننىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ماسلاشتۇرۇلغان ئاساستا مۇستەقىل بىر ئۆرنەك
قىلىپ ئىشلىنىدۇ.

خىش تىزما نەقىشىنى ئىشلەش تەرتىپى مۇنداق بولىدۇ: خىشنى ھەرخىل
گېئومېتىرىك شەكىل بويىچە ۋە نەقىش تەلىپىگە ئاساسەن تىزىپ تام قوپۇرۇش،
تىزىلغان خىشلار ئارىلىقىدىكى بوشلۇقلار زىننەت-بېزەك تەلىپىگە ئاساسەن،
ئاق ياكى باشقا رەڭ ئارىلاشتۇرۇلغان ھاك، گەج لاي بىلەن پىلتا تارتىلىدۇ.
مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن نەقىش ئىشلەنگەن تاملار ناھايىتى كۆركەم بولۇپ، خۇددى
سىزىلغان نەقىشتەكلا كۆرۈنىدۇ ھەمدە ناھايىتى پۇختا بولىدۇ.

يەنە بىر خىلى خىشلارنى ئالدىن يونۇش، كېسىش ئارقىلىق رومبا، ئۈچبۇلۇڭ،
كۋادرات شەكىللىرىگە كەلتۈرۈۋېلىپ، قۇم قەغەزدە سىلىقلاپ، ئاندىن تاللانغان
نەقىش ئۆرنەكلىرىگە ئاساسەن بۇ خىشلارنى ئۆزئارا كىرىشتۈرۈپ تىزىش، يەككە
تىزىش ياكى تىكلەپ تىزىش ئارقىلىق نەقىش ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت. مۇنداق
ئۇسۇل بويىچە تىزىلغان خىشلاردىن چېچەك، غۇنچە، يېرىم غۇنچە، چاسا غۇنچە،
يۇلتۇز، كۆپتۈرمە يۇلتۇز، ساندۇقچە، كەكلىك قېشى، شەيتان قۇلۇپ قاتارلىق
نەقىش تۈرلىرىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، پەلەمپەي، پېشايۋان
سوپىسى، زەگۈندە قاتارلىق ئىمارەتنىڭ ئۇلى بىلەن دېرىزە تەكچىسى
ئارىلىقىدىكى بوشلۇققا، دېرىزە بىلەن دېرىزە، دېرىزە بىلەن ئىشىك
ئارىلىقىدىكى بوشلۇققا پىلتا-ناۋا شەكلىگە كەلتۈرۈلگەن خىشلارنى رامكا
قىلىپ، باشقا خىشلارنى يۇقىرىدىكى ئۇسۇل بويىچە تىزىش ئارقىلىق نەقىش ھاسىل
قىلىش ئۇسۇلىمۇ قوللىنىلىدۇ.

ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر جەريانىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىن مىلادىيەدىن
ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە تەئەللۇق بولغان كېسەك، كېسەكتىن ياسالغان سېپىل،
مۇنار ۋە ئۆي-ئىمارەت ئىزلىرى بايقالغان. بۇنىڭدىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ
مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردىلا ئۆي-ئىمارەت سېلىشتا تام سوقۇشتىن كېسەك
بىلەن تام قوپۇرۇشقا يۈزلەنگەنلىكىنى، كېسەك بىلەن سېلىنغان
ئۆي-ئىمارەتلەرنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ، ئۇنى شەھەر
قۇرۇلۇشىدا ئومۇملاشتۇرۇپ ئىشلەتكەنلىكىنى ھەمدە ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان
تەكرار ئىشلىتىش جەريانىدا كېسەكلەرنى ھەر خىل شەكىلدە تىزىش ئارقىلىق تام
قوپۇرۇش تېخنىكىسىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

لېكىن ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ نامايەندىلىرى تەبىئەت
ھادىسىلىرى، ئۇرۇش ۋە دىنىي ئېتىقادنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن ۋەيران
بولۇپ، بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن بولسىمۇ، خىش تىزما نەقىشلىرىنىڭ
تەرەققىياتى ۋە نەمۇنە ئۆرنەكلىرى ئۇيغۇر بىناكارلىقىدا ئالاھىدە
گەۋدىلەنگەن، مەسىلەن، خىشلارنى تىزىش ئارقىلىق ئون نەچچە خىل نەقىش
چىقىرىلغان سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى، قەشقەردىكى ھېيتگاھ جامەسى، ئاپئاق خوجا
مازىرى، خوتەن ۋە كېرىيە ناھىيەسىدىكى ھېيتگاھ مەسچىتى ھەمدە شىنجاڭ ئۇيغۇر
ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىللىي ئۇسلۇبتىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ
دەرۋازا مۇنارلىرىدا خىش تىزما نەقىشنىڭ كۆركەملىكى ئالاھىدە
گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئومۇمەن، خىش تىزما نەقىشلىرى ئۇيغۇر مېمارچىلىق
تېخنىكىسى، نەقىش-بېزەك سەنئىتى، ماتېرىيالچىلىق قاتارلىقلارنى تەتقىق
قىلىشىمىزدا ئىلمىي ۋە ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە.

ئەقلىمگە كېلىپ ئاتا كەسپ ئۇيغۇر نەققاشلىق ( گەج ئويما) بىلەن
ئۇچرۇشۇپتىمەن، بوۋام بىر ئۆمۈر شۇغۇللانغان بۇ ھۈنەرنى ئىككى تاغام ۋە
ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.

11.jpg

22.JPG

رەھمەتلىك  بوۋام ( چوڭ دادام) ئابدۇللا ئاخۇن ئۇستام ( كىشىلەر ئابلىراخۇن
ئۇستام دېيىشەتتىكەن) نىڭ ھۈنەرلىرىنى قەشقەر شەھرىدىكى قەدىمىي ئۆيلەر،
ھېيتگاھ جامەسى ۋە كۆپ قىسىم مەسچىتلەردىن باشقا  چوڭراق ئەمگەكلىرىنى
ئۈرۈمچىدىكى خەلق تىياتىرى، بېيجىڭدىكى مەركەز خەلق سارىيىدىن ھازىرمۇ
كۆرۈش مۇمكىن.

تاغىلىرىمدىن ئابلىز ئابندۇللا ھاجىم، مەرھۇم ئىسمايىل ئابدۇللالار ئاتا
كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ ھازىر ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىمۇ بۇ كەسىپكە
ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

33.jpg

2009- يىلىدىن 2012- يىلغىچە مۇناسىۋەتلىك ئەمگەكلەردىن بىر قىسمىنى تاغام
ئېزىز (ئابلىز) ئابدۇللا ھاجىم ئارقىلىق سۈرەتكە تارتىپ ئاددىيلا ئالبۇم
قىلىپ قويغان ئىدىم. بۈگۈن بۇنى تورغا يوللاش نىسىپ بولغان ئوخشايدۇ.

1- ئالبۇم



چىقمىسا http://v.youku.com/v_show/id_XNTg3NjM2Njg4.html

2- ئالبۇم



چىقمىسا http://v.youku.com/v_show/id_XNTg3NjM4MDg4.html

3- ئالبۇم



چىقمىسا http://v.youku.com/v_show/id_XNTg3NjM5Mjk2.html

tawlan11 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-27 19:54:00

مۇشۇ ھەقتىكى ماتېرىياللار توردا ئازكەن.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-27 20:56:15

قەشقەردىكى بىناكارلىق سەنئىتى





قەشقەر شەھىرى 120 مەھەللىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ مەھەلىلەردە 108
مەسچىت، 20 مەدرس، 54 ساراي، ئىككى ھاممام (مۇنچا) ۋە شەھەر ئەتراپىدا بىر
قانچە ئونلىغان مازارلار ① بار.

بۇ قۇرۇلۇشلار ھەرقايسى زامانلاردا ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىن چىققان ھۈنەرۋەن-
ئۇستىلارنىڭ شانلىق ئەمگىكى بىلەن ياسالغان، بۇ قۇرۇلۇشلار كۆركەملىك،
ئاددىي ۋە مۇرەككەپلىك، چوڭ- كىچىكلىك جەھەتلەردە پەرق قىلسىمۇ، بىر قانچە
قېتىملىق رېمونت قىلىنغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا بەزىلىرىنىڭ 3- 4 يۈز
يىلدىن بېرى قەد كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولىدۇ.

بۇ قۇرۇلۇشلار كۆرۈنۈشتە ئاددى- ساددا بولسىمۇ، ياسىلىشىنىڭ كۆركەم،
مەزمۇتلۇقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ئۇ چاغدا ھازىرقىدەك
پولات چىۋىق، سېمونت بىلەن تام قوپۇرۇش ئىشلىرىدىن ئېغىز ئېچىش
مۇمكىنلىكتىن يىراق ئىدى. لېكىن ئۇيغۇر ھۈنەر- سەنئەت ئۇستىلىرى ئۆز
مىللىتىنىڭ ئۇزاق يىللىق بىناكارلىق سەنئىتى ۋە ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ،
ئۆز دىيارىمىزدىن چىققان ھاك، گەج قاتارلىق ماتېرىياللاردىن پايدىلنىپ ۋە
ئۇنىڭغا ئىش قۇشۇپ، مەزمۇت، كۆركەم قۇرۇلۇشلارنى ياساپ چىقتى. تۈۋرۈكسىز
يېپىلغان گۈمبەز شەكىللىك تۇرۇسلار ۋە ئۆگزىلەر ئاددىيغىنە خىش- كېسەك تام
ئۈستىدە 100 يىللاپ ھەتتا بىر قانچە يۈز يىللاپ قەد كۆتۈرۈپ كۆركەم تۈسنى
ساقلاپ كەلدى ۋە كەلمەكتە. بوران- چاپقۇن، يامغۇر- يېشىن، قارلارنىڭ
شىددەتلىك زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلىدى. كېيىنكى چاغلاردا ئېلىمىزگە زور
بالايى- ئاپەت كەلتۈرگەن «مەدەنيەت زور ئىنقىلابى» ۋاقتىدا بۇ قۇرۇلۇشلارنى
زورلۇق بىلەن چاققاندا ئۆتكۈر پولات ئەسۋابلارمۇ ئۇنى يىمىرىشكە ئاجىزلىق
قىلغان ئىدى. بۇ ئىمارەتلەرگە گۈزەللىك بېغىشلاپ تۇرىدىغان خۇشرەڭ گۈللۈك
خىشلارنىڭ ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرۇشى، ناۋايىنىڭ «كاشا سەنئىتىنى
ئىگىلىگەن» دېگەن تەبىرىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ياغاچ تۆۋرۈكلەرگە، ناۋا،
جەگىلەرگە، ئىشىك- دېرىزىلەرگە چېكىلگەن ئويما گۈللەر، ئۇيۇق، دېرىزىلەرگە
چېكىلگەن نەپىس نەقىشلەر تامچى- ياغاچچىلىرىمىزنىڭ قانچىلىك ماھارەتلىك
ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسە، مۇنارلار، گۈمبەزلەر، پەشتاقلارنىڭ كۆركەم،
ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشى بىناكارلىق سەنئىتىمىزنىڭ ئىلمى ئاساسقا ئىگە
ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

قەشقەرنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك قۇرۇلۇشلىرىدىن بولغان مازار قۇرۇلۇشى
قەشقەرنىڭ مۇھىم ئاسارە- ئەتىقىلىرىدىن بىرىدۇر. بۇلار بىر- بىرىدىن
پەرقلىق ھالدا زىننەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگىدۇر.

تۆۋەندە مازار قۇرۇلۇشلىرىدىن ئاپئاق خوجا مازىرىنى تۇنۇشتۇرىمەن.

ئاپئاق خوجا (ھىدايىتۇللا ئىشان) مازىرى قەشقەر شەھىرى مەركىزى ھېيتگاھ
مەيدانىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىدىن تەخمىنەن بەش كېلومېتىر يىراقلىقتىكى
جايغا ئۇرۇنلاشقان بۇلۇپ، بۇ جاي دەل- دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان مەنزىرىلىك
جايدۇر. بۇ گۈمبەزلىك مازار ئىچىگە سوپىزىم مەزھىپىنىڭ ئاتاقلىق
تەرغىباتچىسى ۋە ئاقساقىلى ئاپئاق خوجا دەپنە قىلىنغانلىقتىن، شۇ نام بىلەن
«ئاپئاق خوجا مازىرى» دەپ ئاتالغان. يەنە يەرلىك رىۋايەتلەرگە
ئاساسلانغاندا بۇ مازارغا ئاپئاق خوجا نەسىبىدىن بولغانلار، چەنلۇڭ
زامانىسىدا قەشقەردىن ئېلىپ كېتىلگەن مەشھۇر ئىپارخان (مەمۇرى ئىزىم خېنىم)
دەپنە قىلغانلىقتىن ئىپارخان مازىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

بۇ مازار 1640- يىلى ئەتراپىدا ياسالغان. ئاپتۇنۇم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مازارلارنىڭ بىرى.

ئاپئاق خوجا مازىرىنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشى- ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى
ئالاھىدىلىكىگە ئىگە گۈزەل بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ نەمۇنىسىدۇر.

بۇ مازارنىڭ يەر شەكلى ئۇزۇن چاسا، ئالدى جەنۇب تەرەپكە قاراپ تۇرىدۇ.
كىرىدىغان ئىشىكىمۇ مۇشۇ ئۇرۇندا بۇلۇپ، چوڭ ۋە ھەيۋەتلىكتۇر. مازارنىڭ
ئىگىلىگەن ئۇمۇمىي يەر كۈلىمى 30 مو ئەتراپىدا كېلىدۇ. ئاپئاق خوجا
مازىرىنى زىيارەت قىلىدىغانلار كىرىدىغان ئىشىكنىڭ ئالدىدا ناھايىتى گۈزەل،
ئەتراپى ئېگىز دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان «شەربەت كۆل» گويا قېنىق ئاسمان
پارچىسىدەك يالتىراپ تۇرىدۇ. بۇ كۆلنى يانداپ ئۆتۈپ يېرىم ئاي شەكلى
چۈشۈرۈلگەن دەرۋازىدىن كىرىمىز. دەرۋازىنىڭ شىمال تەرىپىدە ئىنتايىن كۆركەم
ياسالغان مەسچىت بار. كايۋان ھەم خانىقادىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب
تاپقان بۇ مەسچىتنىڭ قورۇسى، تام، تۈۋرۈكلىرى، جەگىلىرى ئوخشاشمىغان
رەڭلەردە سىرلانغان، نەقىشلەنگەن. بۇ نەقىشلەر مىللىي بىناكارلىق
سەنئىتىنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە جۇلالاپ تۇرىدۇ.

دەرۋازىدىن مازارغا كىرگۈچە 20 مېتىر ئارلىقتا گۈمبەز قۇرۇلۇشىنى مۇھاپىزەت
قىلىدىغان رىشاتكىلىق تام بار. ئىشىكتىن كىرگەندىن كېيىنلا نەقىشلەنگەن،
رەتلىك كاھىشتىن قوپۇرۇلغان كاتتا يومىلاق گۈمبەز ھەيۋەت بىلەن نامايان
بولىدۇ. بۇنى پۈتۈن مازار قۇرۇلۇشىنىڭ گۈل تاجىسى دېيىشكە بولىدۇ.

تۆت ئەتراپى چاسا شەكىلدە، ئاستى يۈزىنىڭ توغرىسى 29 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 35
مېتىر كېلىدۇ. گۈمبەز قۇرۇلۇشىنىڭ تۆت بۇرجىكىدە ئوخشاشلا پىششىق خىشتىن
ياسالغان يۇمىلاق مۇنار بۇلۇپ، ئۇنىڭ تۈۋى چوڭ، ئۈستى كىچىك، تۈۋىنىڭ
دىئامېترى 3.50 مېتىر كېلىدۇ. بۇ تۆت مۇنارنىڭ ئۇچىغا، مېتالدىن ياسىلىپ
ئالتۇن ھەل بېرىلگەن يېرىم ئاي شەكلى چۈشۈرۈلگەن. بۇ مۇنارلارنىڭ يۇقۇرى
قىسمىدا سىلىندىرسىمان پەنجىرە شەكلىدە ياسالغان ئەزان ئېيتىش ئورنى بار.

گۈمبەزنىڭ يەر يۈزىدىن ئېگىزلىكى 26 مېتىردىن ئارتۇق. گۈمبەز تېمىنىڭ پۈتۈن
يۈزى فارفۇر كۆك، يېشىل پىششىق خىشتىن ياسىلىپ نەقىش بېرىلگەن، رەڭگارەڭ
سۈرەتلەر سىزىلغان. بەزى جايلىرىغا ئۇيغۇر، ئەرەب، پارس يېزىقىدا ھېكمەتلىك
سۆزلەر يېزىلغان.

ئاسمان پەلەك ياسالغان گۈمبەزنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنىڭ دېئامېتىرى 17 مېتىر
كېلىدۇ. ئۇنىڭ چوققىسىدا يېرىم ئاي شەكلى چۈشۈرۈلگەن سىلىندىرسىمان كىچىك
مۇنار بۇلۇپ، خىلمۇ خىل ئويما نەقىشلىرى بىلەن كۆزنىڭ يېغىنى يەيدۇ.

گۈمبەزنىڭ ئىشىكى جەنۇب تەرەپكە قاراپ تۇرىدۇ. گۈمبەزنىڭ ئىچى كەڭتاشا،
ئېگىز ھەم يورۇق. گۈمبەز ئىچىدىكى بىر تامنىڭ ئىككى بۇلۇڭىغا پەلەمپەي
ياسالغان. شۇ ئارقىلىق گۈمبەزنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئەتراپنى تاماشا قىلغىلى
بۇلىدۇ. گۈمبەز ئوتتۇرىسىدىكى سۇپىدا ئېگىزلىكى، چوڭ- كىچىكلىكى ئوخشاش
بولمىغان قەبرىلەر قوپۇرۇلغان. ئېيتىلىشچە، بۇ گۈمبەز ئىچىگە ئاپئاق خوجا
جەمەتىنىڭ بەش ئەۋلادىغا تەۋە بولغان 72 كىشىنىڭ جەسىتى دەپنە قىلىنغان.
ئەمەليەتتە قاتۇرۇلغان قەبرىدىن 58 بۇلۇپ، ھەممىسى ھەرخىل رەڭدىكى كاھىش
بىلەن يۈزلەنگەن ۋە ئۈستىگە يوپۇق يېپىلغان. ھەممىسى يالتىراپ تۇرىدۇ.
ئەرلەرنىڭ قەبرىسى چوڭراق، ئايال ۋە بالىلارنىڭ قەبرىسى كىچىكرەك. گۈمبەز
ئىچىدە مۇشۇ نەسەبتىن بىرىنچى ئەۋلاد دەپنە قىلىنغۇچى كىشى- ئوتتۇرا
ئەسىرنىڭ 1400- يىللىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا خېلى داڭقى چىققان سوپىزىم
مەزھىپىنىڭ ئۇستازى مەخدۇم ئەزەم (خوجا ھەسەن كاسانى) نىڭ نەۋرىسى مۇھەممەت
يۈسۈپ خوجىدۇر. ئاپئاق خوجا بولسا، مەھەممەت يۈسۈپ خوجىنىڭ چوڭ ئوغلىدۇر.

ئاپئاق خوجىنىڭ ئەسلى ئىسمى ھىدايىتۇللا، لەقىبى «ھەزرەت سىيد» (پەيغەمبەر
ئەۋلادى دېگەن مەنىدە). ئۇ 12 يېشىدا (مىلادى 1633- يىلى) ئاتىسىنىڭ
قەشقەردىكى ئىشانلىق ئىمتىيازىغا ۋارسلىق قىلغان. 1679- يىلى يەكەن
سەئىدىيە خانلىقىنى، جۇڭغار خانلىقىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئاغدۇرۇپ تاشلاپ
پادىشاھ بولغان. ئوغلى يەھيا خوجىنى قەشقەرنىڭ باش مۇپەتتىشى قىلىپ
بېكىتكەن. ئىشانلىق يولىدىكى ئورنى ۋە شۇ چاغدىكى ئەمەلىي ھوقۇق تۇتۇپ
پەيدا قىلغان تەسىرى تۈپەيلىدىن ئاپئاق خوجا شۇ چاغدا ۋە كېيىنكى دەۋرلەردە
ئاتىسىدىنمۇ چوڭ ئابرويغا ئىگە بولغان. شۇڭا بۇ مازارمۇ ئاپئاق خوجىنىڭ
نامى بىلەن ھازىرغىچە ئاتىلىپ كەلمەكتە.

يۈسۈپ خوجا 1640- يىلى يەكەندىن قەشقەرگە قايتىش يولىدا يېڭىسارنىڭ توپلۇق
دېگەن يېرىدە ۋاپات بولغان. ۋەسىيەتكە ئاساسەن قەشقەرگە ئېلىپ كېلىنىپ،
مۇشۇ مازارغا دەپنە قىلغان.

قەبرە دەسلەپتە ئاددىي ياسالغان. كېيىن بىر قانچە قېتىملىق رېمونت
قىلنىشتىن كېيىن ھازىرقى ھالەتكە كەلگەن. گۈمبەز ئىچىدىكى باشقا قۇرۇلمىلار
كېيىنكى چاغلاردا داۋاملىق ياسالغان.

چىڭ سۇلالىسنىڭ پادىشاھى چىيەنلۇڭ 1795- يىلى دۆلەت خەزىنىسىدىن پۇل
ئاجرىتىپ، تۈزەشتۈرۈپ، تەمىر قىلىشقا بۇيرۇق بەرگەن. بۇلۇپمۇ بەدۆلەت
خەلقنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھېيتگاھ جامەسى بىلەن، ئاپئاق
خوجا مازىرىنى ئالاھىدە ياساتقان.

گۈمبەز ئىچىدە يەنە «ئىپارخان» دەپ نام ئالغان بىر ئايال مەلىكەنىڭمۇ
جەسىتى بار( ئۇنىڭ بار- يوقلىقى نۆۋەتتە ئېلىمىز ھەم خەلقئارادا
تارىخشۇناسلار ئارىسىدا تالاش بۇلۇۋاتقان، تېخى ھەل بولمىغان مەسلىدۇر).

بەزى مۇنەججىملەرنىڭ دەلىللەپ بېرىشىچە، تارىخىي رىۋايەتلەردە دېيىلىۋاتقان
«ئىپارخان» نىڭ ئەسلى ئىسمى مەمۇرى ئىزىم خېنىم، ئەركىلەتمە ئىسمى
ئىپارخان ئىكەن. ئۇ 1734- يىلى تۇغۇلغان. (تۇغۇلغاندىن كېيىن بەدىنىدىن خۇش
بۇي كېلىپ تۇرغانلىقى بېلىنگەن. شۇڭا ئىپارخان دەپ ئاتىغان) بۇ يۈسۈپ
خوجىنىڭ 4- ياكى 5- ئەۋلاد قىز نەۋرىسى، ئاپئاق خوجىنىڭ ئىنىسى كارامەت
خوجىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى ئىكەن.

دېمەك، ھېيتگاھ جامەسى بىلەن ئاپئاق خوجا مازىرى، قەدىمكى زامان ئۇيغۇر
بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك نەمۇنىلىرىدۇر. ئۇيغۇر ئىسلام
مەدەنيىتى دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن تۈرلۈك بىلىملەر بىلەن بىر
قاتاردا ئاسترونومىيە ئىلمىگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. مەسچىت، مەدرىس،
مازارلار قۇرۇلۇشلىرىدا ئاسمان گۈمبىزىگە سىمۋول قىلىپ ئەنە شۇنداق
ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشلارنى ياساشنى ئالدىنقى ئۇرۇنغا قويغان.



بۇ ماتىريال قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى 1989-يىلى نەشىر قىلغان، ئىبراھىم
نىياز ئەپەندىنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى \"تارىختىن قىسقىچە بايانلار\" ناملىق
كىتابىدىن ئېلىندى. كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ يوللىغۇچى:ئەليار



بىلىككە يوللىغۇچى: Alyar    ۋاقتى:  2006-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى 15:11

asalam يوللانغان ۋاقتى 2013-7-28 12:07:20

مانداق مۇرەككەپ گۈزەل-سەنئەت قول ھۈنەرۋەنچىلىكى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ قولىدىن كىلىدىغان ئىش ئەمەس، شۇڭا تارىختىن بىزلەرنىڭ قانچىلىك مەدەنىيەتلىك قانچىلىك ئەقىل-پاراسەتلىك كىشىلەردىن ئىكەنلىگىمىزنى كۆرىۋالماق تەس ئەمەس.

  ئۆزىمىزنىڭ كىملىگىنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇپ قالمايلى،ئازادلىقتىن كېيىن سىڭىپ كىرگەن بىر قىسىم ئۆزىمىزنى كەمسىتىدىغان خاتا ئىدىيەلەرنى چۆرۈپ تاشلايلى .

tawlan11 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-28 17:55:56

2 -قەۋەتتە قەشقەردىكى بىناكارلىق سەنئىتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق قۇرۇق گەپ خېلى باركەن. ( ئۇنى ئەسلى يوللىغۇچى ئەليار مەقسەتلىك قوشمىغاندۇ ؟)

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-7-28 18:29:48

ياخشى خاتىرە يوللاپسىز..

ئىدىش ساپاللىرىدا خىش ياساپ سېلىنغان ئۇيغۇر بىنالىرىمۇ بارمۇ قەدىمدە؟

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-28 20:52:01

5- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ياخشى خاتىرە يوللاپسىز..

ئىدىش ساپاللىرىدا خىش ياساپ سېلىنغان ئۇيغۇر بىنالىرىمۇ بارمۇ قەدىمدە؟

چۈشەنچىڭىزدە خاتالىق بار.


ئىدىش ساپاللىرىدا خىش ياسىغىلى بولمايدۇ. بىلىشىمچە سېغىز توپىنى ئەشيا قىلىپ ئىدىش، تەشتەك، كاھىش پۇشۇرىلىدۇ.


كاھىشتىلا قىلىنغان قۇرۇلۇش يوق . ھېيتگاھ جامەسىنىڭ پەشتىقى پىششىق خىشتا ياسالغان پەشتاق ۋە مۇنارغا ، شۇنىڭغا ئوخشاش گۈمبەزلىك مازار ( ئاپاق غوجا مازىرىمۇ شۇنداق) ۋە قەدىمىي قۇرۇلۇشلارنىڭ بالا بېشى رەڭلىك كاھىش بىلەن زىننەتلەنگەن.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-4 21:18:56

ئۈلۈشكۈن تاغام بىلەن مۇڭدىشىپ مۇنداق بىر ئەھۋالدىن خەۋەر تاپتىم:

1950- يىللاردا بىر خەنسۇ رەسىم ئاپاراتىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ چوڭ دادامنىڭ
ئاختىلىرى ( مەققاشلىق ئورىگىنالى) نى بىرنەچچە سائەت رەسىمگە تارتىپتۇ،
ۋاقت مۇناسىۋىتى بىلەن بىر خالتا ئاختىنى كېچىچە رەسىمگە تارتىپ ئەتىسى
ئەكىلىپ بېرىدىغان بولۇپ ئېلىپ كەتكەنچە يوقاپ كېتىپتۇ.

نەچچە يىلدىن كېيىن سوۋىت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن بىر كىشىدىن ئۇ خەنسۇنىڭ شۇ
ئاختىلارن سوۋىت مۇزىيىغا ساتقانلىقىنى، شۇ ئاختىلارنىڭ سوۋىت مۇزىيىدا
بارلىقىنى ئۇقۇپتۇ. شۇ چاغدىكى ۋەزىيەت مۇرەككەپ بولغاچقا بۇ ئىسنى سۈرۈشتە
قىلىشتىن قورقۇپ سۈرۈشتە كىشىگە تىنماپتىكەن.

kabanna يوللانغان ۋاقتى 2013-8-5 14:54:24

مۇزىيغا ساتقان بولسا ھازىرمۇ بار بولۇشى مۇمكىن.

alnoor024 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-5 22:39:20

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-5 23:10:42

9- قەۋەتتىكى alnoor024نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاكادېمىيە تورىغا يوللاندى. http://www.akademiye.org/ug/?p=3366

يوليار قېرىندىشىم ۋە ئىزدىنىشقا رەخمەت!

تەشەككۈر!

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 08:21:00

ئەلا

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 08:34:26

9- قەۋەتتىكى alnoor024نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاكادېمىيە تورىغا يوللاندى. http://www.akademiye.org/ug/?p=3366

يوليار قېرىندىشىم ۋە ئىزدىنىشقا رەخمەت!

بۇ توربەت شىنجىاڭدا ئېچىلمامدۇ نېمە؟

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 21:44:44

مۇشۇ تاغام قايسى كۈنى مۇنداق بىر ئىشنى دەپ بەردى.


ئۈرۈمچى خەلق سارىيىنىڭ ئىشىنى قىلىۋاتقان مەزگىلدە بىرەيلەن ئۈرۈمچىدىكى بىر مەسجىدنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىپتۇ.


بېرىپ قارىسا مەسجىدنىڭ پەشتىقى 12 ئىكەن. بۇ مەسجىدنىڭ قۇرۇلىشىنىڭ ئىنژىنىرىغا « بۇ مەسجىدتە ... كىشىلەر ناماز ئوقۇمايدۇ» دەپتۇ، ئۇ كىشى سەۋەبىنى سوراپتىكەن.


« ئىسلامدا جۈپ سان ئىشلىتىلمەيدۇ ...  » دەپ سەۋەبىنى ئۆزى بىلگىنىچە شەرھىلەپتىكەن .


مەسجىد قۇرۇلۇشىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بۇ نۇقتا ھەققىدىكى تارىخىي ھېكايىنى بوۋىمىز بۇ تاغامغا ياش ۋاقتلىرىدا دەپ بەرگەن ئىكەن.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 21:58:05

ئاشۇنداق ئىشلار ھىلھەممۇ بار ،،بىر ئاساسى بولشى مۇمكىن

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 22:00:54

بىلشىمچە ئىبادەتتىمۇ تاق ساننى قوللىندىغان ئىش بارغۇ دەيمەن ،،خاتا سۆزلەپ سالغان بولسام تۈزتۈش بەرگەيسىلە \"\"

zaghra يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 22:43:49

4- قەۋەتتىكى tawlan11نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2 -قەۋەتتە قەشقەردىكى بىناكارلىق سەنئىتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق قۇرۇق گەپ خېلى باركەن. ( ئۇنى ئەسلى يوللىغۇچى ئەليار مەقسەتلىك قوشمىغاندۇ ؟)





ئاپاق خوجىنىڭ قەۋرىسىنى كۆرىدىغان ساياھەتچىلەر مەھمۇد قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەقبەرىسىنى كۆرىدىغانلاردىن نەچچە ھەسسە كۆپ.

مەن ساياھەت يىتەكچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دوسلىرىمدىن نىمىشقا داڭلىق ھەم دۇياغا ھەقىقى تونۇلغان ئالىملىرىمىزنىڭ مەقبەرىسىنى كۆرىدىغانلار ئاز؟ ئاپاق خوجىنىڭكىنى كۆرىدىغانلار كۆپ دىسەم ئادەمنى دەپ ئەمەس قۇرىلىشنى دەپ كۆرىدۇ. دەپتى، شۇنىڭ بىلەن بىرىپ كۆرەپ باقسام راسلام كاتتا قۇرىلىشلاركەن ئاپاق خوجىنىڭ مەقبەرىسى.



قەشقەر قۇرىلىشلىرىدا ئاپاق خوجىنىڭ مەقبەرىسىنىڭ قۇرىلىشى كوزۇر قىلغۇدەك قۇرىلىش بولۇپ نەقىشلەر شۇنداق كۆركەم

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-20 00:05:10

بۇ تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز گەپ قىلىپ قالدىم .كەچۈرۈڭلار،قەشقەردىكى ھەرقايسى ساياھىيەت نوقتىللىرنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى دەپ بەرمەمسىلەر؟

tawlan5 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-20 08:11:02

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەقبەرىسىنىڭ 20 كوي، ئاپاقنىڭ 30 دەك ئاڭلىغانتىم.
بەت: [1]
: فىلىم: ئۇيغۇر نەققاشلىق ( گەج ئويما) دىن ھوزۇر