sujup يوللانغان ۋاقتى 2013-7-26 10:01:21

تور بەت ياساتماقچى ئىدىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رامىزان ئايلىرىدا  مىھرىلىك تىنىقلار بىلەن ياشاۋاتقان ئىزدىنىشتىكى قىرىنداشلىرىم .  ئالدى بىلەن ھەممىڭلارغا سەممى سالام يوللايمەن . ھەممىڭلارغا خاتىرجەملىك ۋە ، سالامەتلىك ، ۋە بەخىت يار بولسۇن .



مەخسەتكە كەلسەم مەن سەنئەت تور بىتىدىن بىرنى قۇرۇپ  تەرەققى قىلدۇرۇپ ، دىيارمىزدىكى  داڭلىق تور  بەتلەردىن بىرسى قىلىپ چىقاي دىگەن بىراق ئۈزۈمنىڭ تور بەت ياساشتىن خەۋرىم يوق . پەقەت مۇنبەرگە ئانچە مۇنچە كىرىپ قويىمەن . مىنىڭ ئاچماقچى بولغان تور بېتمدە مۇنبەر يوق بۇلىشى كىرەك . پەقەت ماقاللار ۋە سەنئەتكە ئائىت ئۇچۇرلار . ماقالىلار بولسا ئاندىن سۈرەتلىك زىيارەت ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئانچە مۇنچە ئۈزۈم يىغىپ قويغان ناخشىلارنى يوللاپ مەشھۇر شەخسلەرنى زىيارەت قىلىدىغان بىر شارائىت ھازىرلاي دىگەن . ھازىر شىركەتنىڭ رەسميىتى پۈتۈپ قالدى . ئىشخانىنمۇ ئىلىپ بولدۇم . ياردەمچىدىن تۆت - بەش ئادەمنى سەپلەپ ئىشقا چۈشۈپ كەتسەملا بۇلاتتى .



ئالدىنقى كۈنى بىر شىركەتكە بارسام ئۇلار 150 مىڭ سومغا ياسىغان بىر تور بىتىنى كۆرسەتتى . مەن نىمە دىيشنى بىلمەي قايتىپ چىقتىم . خىيالىمدا 10 مىڭ سوم خەجلىسەم ئارقا سەھنە ئۇيغۇرچە بولسا ، ئەسەر تەستىقلاپ چىقىرىشتا قېينچىلىق بولمسىلا  بولدى دەپ ئويلىغانتىم . مۇنبەر بولمىغاندىن كىين غەلۋىمۇ بولمايدۇ پەقەت ئۈزۈمنىڭ ئىشىنى قىلىدىغان ئاددى بىر تور سەھنىسى بولسىلا ماڭا يىتەتتى . ھەتتا بەزى تازا يۇرۇشمىگەن تور بەت بولسا سىېتىۋالاي دەپمۇ ئويلىدىم . لىكىن ئاخىرىدا قانداق قىلسام توغرا بۇلىدىغانلىغىنى پەقەتلە بىلەلمەي ئىزدىنىش بىلىم ئەھلللىرىنىڭ يىغىلغان ماكانى .  مۇشۇ يەردە بىر مەسلىھەت ئالاي دەپ بۇ تىمىنى يوللىدۇم .  ماڭا توغرا مەسلىھەت بىرشىڭلارنى ئۆمىت قىلىمەن .  - سۇجۇپ


sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-26 10:43:00

تور بېكەت ئىقتىدارى ئانچە كۆپ ئەمەسكەن ...

يېڭىدىن باشلاپ يازسا 3000 - 5000 ئەتراپىدا پۈتىدۇ ...

بولمىسا كودى ئېچىۋىتىلگەن سىېتىمىلاغا ئۇسلۇب يازدۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ ...



لېكىن مۇشۇ ساھەدە شىركەت قۇرۇپ بىر ئىش قىلىمەن دېسىڭىز ، تور بېكەتنىڭ ئىقتىدارىنى كۆپەيتىڭ. تېخىنكا ۋە يېڭىلىققا تېخىمۇ كۆڭۈل بۇلۇڭ ...

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-26 10:44:58

150000سومغا ياسىغان بېتىقى كۆرسەتتى دەڭ؟ ئۇيغۇرنىڭكىگە بارغانمۇ يا؟ مېنىڭچە بىزدە تېخى بۇ پۇلغا توربەت ياساتقۇدەك بازار، ئېھتىياج يوقمىكىن دەپ ئويلايمەن شۇڭا خەنسولارنىڭكىگە بارغان بولسىڭىز شۇنداق باھالىقىنى كۆرسەتتىمىكىن دەيمىنا...



ئۇنچە مۇرەككەپ ئىشمۇ ئەمەسقۇ بۇ

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-26 11:00:27

2- قەۋەتتىكى kosanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

150000سومغا ياسىغان بېتىقى كۆرسەتتى دەڭ؟ ئۇيغۇرنىڭكىگە بارغانمۇ يا؟ مېنىڭچە بىزدە تېخى بۇ پۇلغا توربەت ياساتقۇدەك بازار، ئېھتىياج يوقمىكىن دەپ ئويلايمەن شۇڭا خەنسولارنىڭكىگە بارغان بولسىڭىز شۇنداق باھالىقىنى كۆرسەتتىمىكىن دەيمىنا...



ئۇنچە مۇرەككەپ ئىشمۇ ئەمەسقۇ بۇ


ئۇلىنىشنىڭ بىر كۈنلۈك پايدىسىنى توردىن ئىزدەپ باقسىڭىز بولىدۇ ...


ئۇلىنىشنىڭ بالا - چاقىلىرى بىلەن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇشۇ تۈردىكى


بىكەتلىرىنى مونوپۇل قىلىۋالسا ئۇ پۇلنى ئىككى يىلغا قالماي تېپىۋالىدۇ ...


بازار بار ، تېخىنىكا ، يېڭىلىق  ، سىياسەت يوق ...

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-26 11:11:26

تور بېكەت ئېچىۋاتقان ۋە ئاچماقچى بولغانلارغا تۆۋەندىكى كىتابنى تەۋسىيە قىلىمەن ...



全球最值得模仿的500个网站



بەيدۇدىن ئىزدىسىڭىز pdf نۇسخىسى بار ... بولمىسا كىتاپخانىدىن سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ ...

ھەر خىل تۈردىكى تور بېكەتلەرنىڭ تەرەققىيات جەريانى ، تېخىنىكا ۋە يېڭىلىقى توغرىسىدا

يىزىلغان كىتاپ ...


algha_uyghur يوللانغان ۋاقتى 2013-7-26 13:25:11

خالىسىڭىز مەن قىلىپ بىرەي ، ئورنىڭىز ئۈرۈمچىدە بولسا تەپسىلى دىيىشسەكمۇ بولىدۇ ، ئالاقە qq 292871852 ، تور بەت : www.ijadkar.cn

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2013-7-26 14:22:36

تور بېكەت ياساشتا يەنىلا شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى شىركىتى ئەڭ كەسپىي ۋە ئىشەنچلىك. باھاسى مۇۋاپىق بولۇپلا قالماي، تور بېكەت ياساپ بولغاندىن كېيىنكى ئاسراش مۇلازىمىتىمۇ ناھايىتى ئەلا دېيىشكە بولىدۇ.

خۇسۇسەن، ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنى شۇلار ياسىغان، ھازىرغىچە 3 يىل بولدى، تېخنىكىلىك جەھەتتىن بىر قوللۇق ئاسراپ كېلىۋاتىدۇ. بۇندىن باشقا، تورخۇمار، يۈكسەلگە ئوخشاش كۆركەم بلوگلارمۇ شۇلارنىڭ قولىدىن چىققان.

خالىسىڭىز ئۇلارغا ياساتقۇزۇڭ، رازى بولۇپ قالىسىز!

ئادرېسى: www.xjcfan.com

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-26 22:35:46

تەلەپ بويىچە ياساتسىڭىز، بەتنى 0 دىن باشلاپ يازسا  چىقىمى يۇقۇرىراق بولۇشى ئېنىق، تەلىۋىڭىزگە ماس كېلىدىغانب تەييار بەتنى ئۆزگەرتىپ بەرسە جىق پۇل كەتمەيدۇ.


يۈكسەل تەۋسىيە قىلغان  www.xjcfan.com دىكىلەرنى ئىزدەڭ، ئەھۋالىڭىزغا قاراپ مۇۋاپىق قىلىپ بېرىدۇ.

Mihman يوللانغان ۋاقتى 2013-7-27 01:30:43

بۇ بەتنى كۆرۈپ بېقىڭ ! http://sarwan.cn/shop//2013/0108/20636.html

kurbansan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-27 07:51:43

ئاۋال سىز ئۆزىڭىز قىلىدىغان كەسىپكە ماس كەلگۈدەك ئىسىم تاللاڭ، ئاندىن توردىن ئىزدەڭ مۇشۇ ئىسىمنى باشقىلار قوللانغانمۇ يوق، باشقىلار قوللانمىغان بولسا سىز بۇ تور ئىسمى (网名)نى سېتىۋالىسىز. ئاندىن ئۆزىڭىزنىڭ تەلىۋى بويىنچە مۇلازىمىتىردىن بوشلۇق سېتىۋالىسىز. مۇلازىمىتىر بوشلۇقىنى ئىشەنچىلىك دەپ قارالغان مۇلازىمىتىر بوشلۇق شىركەتلىرىدىن سېتىۋالسىڭىز بۇلىدۇ .سېتىۋالغاندىن كىيىن قالغان ئىشلار ئۆزىڭىزگە باغلىق. سەمىمي ئەسكەرتىش؛ ئالدىنىپ يۈرمەڭ.

bir_uyghur يوللانغان ۋاقتى 2013-7-27 12:27:30

10- قەۋەتتىكى kurbansanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاۋال سىز ئۆزىڭىز قىلىدىغان كەسىپكە ماس كەلگۈدەك ئىسىم تاللاڭ، ئاندىن توردىن ئىزدەڭ مۇشۇ ئىسىمنى باشقىلار قوللانغانمۇ يوق، باشقىلار قوللانمىغان بولسا سىز بۇ تور ئىسمى (网名)نى سېتىۋالىسىز. ئاندىن ئۆزىڭىزنىڭ تەلىۋى بويىنچە مۇلازىمىتىردىن بوشلۇق سېتىۋالىسىز. مۇلازىمىتىر بوشلۇقىنى ئىشەنچىلىك دەپ قارالغان مۇلازىمىتىر بوشلۇق شىركەتلىرىدىن سېتىۋالسىڭىز بۇلىدۇ .سېتىۋالغاندىن كىيىن قالغان ئىشلار ئۆزىڭىزگە باغلىق. سەمىمي ئەسكەرتىش؛ ئالدىنىپ يۈرمەڭ.

网名 ئەمەس 域名 (تورنامى)دەيمىز قىرىندىشىم، بوشلۇق تەۋە بوشلۇق سىتۋالسىڭىزمۇ ياكى مۇلازىمىتىر كۆتىرە ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ، سۈرئەتكە كاپالەتلىك قىلاي دىسىڭىز،يۈسەكسەل ئەپەندىم دىگەندەك www.xjcfan.com  يەرنى ياكى www.xinjang.net بۇ يەردىكى مۇخلىس ئەپەندىمنى ئىزدەڭ سىزگە يول كۆرسىتىدۇ.ئۆزى بەك سەمىمىي ئادەم.

bir_uyghur يوللانغان ۋاقتى 2013-7-27 12:37:08

ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ تور دۇنياسىدا كۆپىرەك ئىشلىتىپ كىلۋاتقىنى دىسكاز, DEDECMSبىلەن ۋوردپرېسس سىز مۇشۇ بىكەت سىستىمىسىدىن قايسىسىغا ئۇسلۇپ دىسىڭىز قانداق ئۇسلۇپ دىسىڭىز پۈتىدۇ. مەسىلەن ئالساق يۈكسەل ئەپەندىمنىڭ بلوگى بىلەن تورىۇمارنىڭ بلوگى ئەمىليەتت ۋوردپرېسس نىڭ ئۇسلۇپىنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئاندىن قۇرۇپ چىققان، ئىشلىتىشى قولايلىق،ئارقا سۇپىلىرى ئۇيغۇرچە دەۋرىيلىك ھالدا يىڭىلىنپ تۇردۇ، باھاسى قىممەت چۈشمەيدۇ.ئەڭ مۇھىمى سىزنىڭ بىكەت سىستىمىڭىزنى ئورگان بىتىدىن يىڭىلىسا مىھنەتسىز ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىز ئۇنى تەرجىمە قىلىپ تەييارلاپ تۇرىدۇ ھەقسىز بۇ، شۇڭا سىز يىڭىدىن يازدۇرىمەن بىكەت سىستىمىسىنى دەپ قىممەت يولنى تاللىماي شۇ سىستىمىلارغا ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈگۈزىڭ ياكى ياسىتىڭ.شەخسى پىكىرىم.

86 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-27 16:07:10

تور بەت ياساشقا شۇنداق جىق پۇل كېتەمدا؟

bir_uyghur يوللانغان ۋاقتى 2013-7-27 16:55:32

500كوي بولسا ئۇيغۇرچىنى ھەم ئۇنىڭدىن باشقا بىرەر دۆلەت تىلىنى بىلسىڭىز،جۇڭگۇتىلىنىمۇ كۆرسىتىدۇ ھە. پۈتۈپمۇ قالىدۇ، قالغىنى سىزگە باغلىق.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-27 18:25:44

نىمە ، نىمە ؟ بەشيۈز سوم ؟ ھەر قېتىملىق سودىگەر چاقىرىش يىغىنلىرىدا ياسالماقچى بولغان تور بىكەتلەرنىڭ دەسلەپكى پىلانى ۋە تېخنىكىلىق ھالقلىرىنى چۈشەندۈردىغان تور بىكەت قۇرۇش پىلانى ئۈچۈنلا ئادەم كۈچى ۋە كېتەرلىك باسما ھەققىگە بىر تۈمەندىن ئارتۇق خىراجەت ئىشلىتىپ يۈز تۈمەندىن يۇقىرى باھا قۇيۇپ ئەقىلسىزلىق قىلىپ يۈرۈپتۇقمۇ نىمە ؟

xadiman0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-27 19:18:48

10000 يۈئەن نى مۇۋاپىق مۆلچەرلەپسىز ،

ئالدى بىلەن بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى دەڭ ، پىرگىرامما پۈتكەندە كەم بولغاندا 3 ئاي سىناقتا ماڭدۇرۇڭ ، بولمىسا چاتاق چىقىدۇ ،

bir_uyghur يوللانغان ۋاقتى 2013-7-27 22:16:16

15- قەۋەتتىكى pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نىمە ، نىمە ؟ بەشيۈز سوم ؟ ھەر قېتىملىق سودىگەر چاقىرىش يىغىنلىرىدا ياسالماقچى بولغان تور بىكەتلەرنىڭ دەسلەپكى پىلانى ۋە تېخنىكىلىق ھالقلىرىنى چۈشەندۈردىغان تور بىكەت قۇرۇش پىلانى ئۈچۈنلا ئادەم كۈچى ۋە كېتەرلىك باسما ھەققىگە بىر تۈمەندىن ئارتۇق خىراجەت ئىشلىتىپ يۈز تۈمەندىن يۇقىرى باھا قۇيۇپ ئەقىلسىزلىق قىلىپ يۈرۈپتۇقمۇ نىمە ؟


تور بىكەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى قۇرۇش ئەڭ مۇھىم، ئەمما ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىز ئۆز ئالدىغا باشقىلارنى دورىماستىن مۇستەققىل پۈتۈن بىكەت سىستىمىسىنى يىزىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ باقمىدى، يازغان بولسىمۇ پۈچەك چىقىپ قالدى، مەسىلەن دىسەك قارلۇقما ئۆزى گۈدۈكنى يازمىدى ،پەقەت ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سىتۋىلىپ ئۇنى ئۆزلەشتۈردى،شۇڭا مىنىڭچە نەچچە يۈز تۈمەن خەشلەشنى ئەقىلسىزلىق دىمەيمىز، پۇلى خىلى كۆپ شىركەتكەن دەيمىز، مەسىلەن نىمە ئىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ ئۇ تور بىكەت سىستىمىسىنى ئەڭ مۇھىم نەچچە مىليونغا يازسىمۇ خاككىرلار 30كۈندە ئىچى-تىشىنى ئۆرۈپ قويالايدۇ.


بۇ قىرىندىشىمىز ئۆزى دە تىرىشچانلىق بولسا 5-10كۈندە تىرىشسا ئۇسلۇپ ئۆزلەشتۈرەلەيدۇ، ئاندىن دىگىنىمىزدەك ئوچۇق كودلۇق سىستىمىدىن بىرنى ئىشلەتسە ئىقتىساددىنمۇ قىينالمايدۇ دىمەكچى، بۇ شەخسەن مىنىڭ پىكىرىم ئەلۋەتتە بۇ قىرىندىشىمىز پۇلنىڭ كۆزىگە قاراپ ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ يۈرمەيدۇ، ئۆزىمۇ دەپتۇ، بۇ توربەتنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئۇنچىلىك كۆپ ئەمەس ئىكەن.شۇڭا دەپ قويدۇم.ھازىرقى توربەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى شۇنداق قۇرۇلۋاتىدۇ ئەمەسمۇ


يەنى  تورنامىنى 39 يۇەنگە ئالىدۇدە 300 بوشلۇق ئىلىپ، 50 كويگە تەييار ئۇسلۇپتىن بىرنى بىرسىدىن ئالىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىكىتى پۈتىدۇ. ....


كۆزيۇممايمىز ئەڭ مۇھىم مەسىلە نەچچە تۈمۈنلىك بىكەت سىستىمىسى ئەمەس ئاشۇ بىكەتتىكى مەزمۇن،توربەت قۇرماق ئاسان ئىش ئەمما تىتىملىق ،پايدىلىنىش قىممىتى بار تور بىكەت قۇرماق ئاسان ئەمەس.ھازىر كۆپىنچە تور بىكەتلەر جەمىيەتتە ئەڭ نامىرات سانىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن قۇرۇلۋاتىدۇ. ئۇلار نەچچە تۈمەن چىقىرامۇ مۇمكىن ئەمەس،شۇڭا مۇنداق ئەڭ تۆۋەن باھانى دەپ قويغان.

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-28 00:12:07

ھەي....... راست، توربەت قۇرماق بەكلا ئاسان ئەمما... تېتىملىق توربەت قۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-28 02:04:14

17- قەۋەتتىكى bir_uyghurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تور بىكەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى قۇرۇش ئەڭ مۇھىم، ئەمما ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىز ئۆز ئالدىغا باشقىلارنى دورىماستىن مۇستەققىل پۈتۈن بىكەت سىستىمىسىنى يىزىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ باقمىدى، يازغان بولسىمۇ پۈچەك چىقىپ قالدى، مەسىلەن دىسەك قارلۇقما ئۆزى گۈدۈكنى يازمىدى ،پەقەت ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سىتۋىلىپ ئۇنى ئۆزلەشتۈردى،شۇڭا مىنىڭچە نەچچە يۈز تۈمەن خەشلەشنى ئەقىلسىزلىق دىمەيمىز، پۇلى خىلى كۆپ شىركەتكەن دەيمىز، مەسىلەن نىمە ئىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ ئۇ تور بىكەت سىستىمىسىنى ئەڭ مۇھىم نەچچە مىليونغا يازسىمۇ خاككىرلار 30كۈندە ئىچى-تىشىنى ئۆرۈپ قويالايدۇ.


بۇ قىرىندىشىمىز ئۆزى دە تىرىشچانلىق بولسا 5-10كۈندە تىرىشسا ئۇسلۇپ ئۆزلەشتۈرەلەيدۇ، ئاندىن دىگىنىمىزدەك ئوچۇق كودلۇق سىستىمىدىن بىرنى ئىشلەتسە ئىقتىساددىنمۇ قىينالمايدۇ دىمەكچى، بۇ شەخسەن مىنىڭ پىكىرىم ئەلۋەتتە بۇ قىرىندىشىمىز پۇلنىڭ كۆزىگە قاراپ ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ يۈرمەيدۇ، ئۆزىمۇ دەپتۇ، بۇ توربەتنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئۇنچىلىك كۆپ ئەمەس ئىكەن.شۇڭا دەپ قويدۇم.ھازىرقى توربەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى شۇنداق قۇرۇلۋاتىدۇ ئەمەسمۇ


يەنى  تورنامىنى 39 يۇەنگە ئالىدۇدە 300 بوشلۇق ئىلىپ، 50 كويگە تەييار ئۇسلۇپتىن بىرنى بىرسىدىن ئالىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىكىتى پۈتىدۇ. ....


كۆزيۇممايمىز ئەڭ مۇھىم مەسىلە نەچچە تۈمۈنلىك بىكەت سىستىمىسى ئەمەس ئاشۇ بىكەتتىكى مەزمۇن،توربەت قۇرماق ئاسان ئىش ئەمما تىتىملىق ،پايدىلىنىش قىممىتى بار تور بىكەت قۇرماق ئاسان ئەمەس.ھازىر كۆپىنچە تور بىكەتلەر جەمىيەتتە ئەڭ نامىرات سانىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن قۇرۇلۋاتىدۇ. ئۇلار نەچچە تۈمەن چىقىرامۇ مۇمكىن ئەمەس،شۇڭا مۇنداق ئەڭ تۆۋەن باھانى دەپ قويغان.



ئۇكام ، سىز تور بىكەت پىروگىراممىسىنى ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرىنى قانداق چۈشىنىسىز ؟ خاككىرلارنىڭ تور بىكەت سېستىمىسىنى بۇزۇۋېتىدىغىنىغا قانداق ئىشەنچىڭىز بار ؟ ئەگەر بىر تور بىكەت ئۈچۈن پىروگىرامما يېڭىلغۇچى مۇلازىمىتىردىن بىرسى سەپلەنسە ، بارلىق پىروگىراممىلار پەقەت مۇشۇ مۇلازىمىتىردىلا ساقلانسا ، بۇ مۇلازىمىتىر مۇتلەق مەخپىيلەشتۈرلۈپ يوشۇرۋېتىلسە ، بۇ مۇلازىمىتىر پىروگىرامما ۋە سانداننىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئىككى نۆۋەتچى مۇلازىمىتىرغا قەرەللىك يېڭىلاپ ئۇزىتىپ تۇرسا بۇ ئىككى مۇلازىمىتىر ئالمىشىپ ئىشلىسە ، پىروگىرامما يېڭىلغۇچى مۇلازىمىتىر ۋە نۆۋەتچى مۇلازىمىتىرلارنىڭ سىرتتىن ئايپى ئادىرىس ئارقىلىق زىيارەت قىلىنىشى چەكلەنسە ، بۇ ئىككى مۇلازىمىتىردىمۇ بىر باشقۇرغۇچى ، بىر ۋاكالەتچى ، ئۈچ نۆۋەتچى پىروگىرامما باشقۇرغۇچى بىرلا ۋاقىتتا ئۆز فۇنكىسيىسى بويىچە نۆۋەتلىشىپ ئىشلىسە ، ھەم بۇ ئىككى نۆۋەتچى مۇلازىمىتىرغا يەنە بىر بىخەتەرلىك مۇلازىمىتىرى ئۇلانسا ، بىخەتەرلىك مۇلازىمىتىرنىڭ ئۈستىدە بىر ئابونتلار زىيارەت قىلغۇچى مۇلازىمتىىر بولسا ، ئابونتلارغا تور بىكەتنى مۇشۇ مۇلازىمىتىردىلا زىيارەت قىلىش ھوقوقى بېرىلسە سىزچە قانداق جەريانلار بىلەن بۇ تور بىكەتكە ھۇجۇم قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ ؟ بۇنى سېستىمىلىق بولمىسىمۇ يۈزەكى بىر سۆزلەپ باقامسىز ؟


يەنە بىرسىگە سىز تور بىكەت قۇرۇش جەريانىنى ۋە تور بىكەتنىڭ پىروگىرامما ۋە ساندان قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى يۈزەكىلا چۈشەنچىڭىزنى دەپ باقامسىز ؟


بىلەمسىز ؟ تور بپىروگىراممىلىرى ۋە تور پىروگىراممىلرىنىڭ قىممىتىنى سىلەردەك چالا ساۋات ئوقۇغۇچىلار تۆۋەنلىتىۋېتىسىلەر . بىلمىگەن ئىشنى بىلمەيمەن ، قىلالمايمەن دىمەيسىلەر ، خەقنىڭ پىروگىراممىسىنى تەرجىمە قىلىپ ياكى ئوغىرلاپ قۇيۇپلا بېرىسىلەر ، شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ  كىشلەر تور بپىروگىراممىلىرى ۋە تور پىروگىراممىلرىنىڭ قىممىتىنى شۇنچىلىك ئاددى چاغلاپ قالىدۇ . بىراق ،  ئەتە - ئۆگۈن سانداندىن ئازراق مەسىلە كۆرۈلسىمۇ ھەل قىلىشقا ئامالسىز قالىسىلەر ۋە ياكى كىينكى ئاسىراش ۋە تەلەپ مەزمۇنىغا يىتىشەلمەيسىلەر . شۇنداقمۇ شۇنداق ئەمەسمۇ ؟


گەپ چىقىپ قالسا كەسىپ ئەھلى بولمىغاندىكىن ئېغىز غېرىچلىمايلى . بۇ مۇنبەردە كەسىپ ئەھلى ۋە ئۇستازلار بولغاچقا مەنمۇ گەپ قىلماي ئولتۇرغان ئىدىم بىراق ، ئاخىردا كالتە پەملىك بىلەن ئازراق سۆزلەپ قويدۇم . قىلالمىغان ئىشنى ئازراق پۇلنى كۆزلەپلا زادى مەن قىلاتتىم دەپ ئېسىلۋالغان بىلەن ئاخىرسىغا ئەپ چىقساق بولىدۇ . خېرىدارنىڭ تەلىپىنى چالا بۇلا ئاڭلاپلا ئىشنى قولدن چىقىشىغىلا تاپشۇرۇش كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ ئىشى ئەمەس .

yorukluk يوللانغان ۋاقتى 2013-7-28 10:52:45

شۇڭا ئادەتتە دەپ قويىمىزغۇ ، يىرىم چىلەك سۇ بەك شالاقشىدۇ!
بەت: [1] 2
: تور بەت ياساتماقچى ئىدىم