Jasur58 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-25 01:14:43

ياردەم؟ دائىرىك چاچ چۈشۈنى قانداق داۋالايدۇ؟

دائىرىك چاچ چۈشۈۋاتقىلى2-3 يىل بوپ قالدى. دەسلاپتە ئالدى تەرپنىڭ چىچى بىرئازا شالاڭ بولۇپ، چاچنىڭ چوققا قسىمىدا چاچ بارئىدى. رومىزاننڭ ئالىدىدا چىچىمنى چۈشۈرۋىتىپ قارىسام چوققا تەرەپنىڭمۇ چىچى شالاڭلىشىقا باشلاپتۇ. ھازىرمۇ دائىرىلىك چاچ چۈشكەن ئورۇنلاردا چاچ بار ئەمما بەك شالاڭ. تەجىربىسى بار دوسىتلار  يول كۆرسەتسەڭلار دىگەن ئۈمۈتتىمەن. بەزىلەر ھۆل زەنجىۋىلنى چاچ چۈشكەن جايغا سۇركەۋەرسىڭىز چاچ چىقىدۇ، بەزىلەر يەنە ئوخشىماس مەسىلھەتلەرنى كۆرسەتنى. ئۆتكەندە بىرسى شاپتۇل مغزىنى كۆيدۇرۈپ يىغىنى چىقىرپ بشىڭىزغا سۈركەڭ دىدى. مەن زادى قايسىىنى قىلىشنى بىلەلمىدىم. شۇڭا رومىزان چىقپ كەتكەندىن كىيىن بىر دورا قىلىپ باقاي دەپ ئويلاۋاتىمەن. دوسىتلار ىر يول كۆرسەتسەڭلار....

باشقۇرغۇچى خەت نۇسخسىنى تەڭشەپ قويسىڭىز، مەن تەڭشىيەلمىدىم. رەخمەت..

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-7-25 10:02:17

چاچ چۈشۈشكە باشلاپ ئامال قىلىپ كونترول قىلالىغان بىرەر تونۇشۇمنى بىلمەيمەن، سەبىر قىلماق كېرەك ئوخشايدۇ. \"\"

86 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-25 10:20:54

چېچىم ھەجەپ چۈشۈپ كېتىپ بارىدۇ دەپ خىيالىڭىز شۇ ئەندىشىدە بولۇپ يۈرسىمۇ چاچ تۇختىماي تېخىمۇ بەك چۈشۈش ئېھتىماللىقى بار.. چۈشسەڭ چۈشىۋەر دەپ ئۇنىڭ بىلەن كارىڭىز بولمىسا ئاندىن چۈشۈشتىن تۇختامىكىن.

چاچ چۈشىشى ئېرسىيەت ئامىلىدىن باشقا يەنە تۇرمۇش رېتىمسىزلىقىمۇ مۇھىم ئامىل بولىشى مۇمكىن. كەچلىك ئۇيقۇ ئۈزلۈكسىز دەخلىگە ئۇچراپ داۋام قىلىسىمۇ ، چاچقا ئېغىر كېلىشى مۇمكىن.

يۇقۇرىقىلار مېنىڭ گۇمانىي قاراشلىرىم.  مەن ئۆزەمگە دىققەت قىلىپ باقتىم.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

duldul يوللانغان ۋاقتى 2013-7-25 11:52:56

باشقا دارا قىلماي ھۆل زەنجىۋىل، قىزىل پوستلۇق سامساق، ھۆل ياڭاقنىڭ پوستىنى قىرىپ سۈيىنى چىقىرىپ سۈركەۋېرىڭ، باش تېرىڭىز تونۇرغا سالغاندەك قىزىسۇن، كۈندە 7-8تال ئۈرۈك مېغىزى، بىرەر تال ياڭاق مېغىزى يەپ بېرىڭ. بىر يىلدىن كېيىن بوراندەك چاچ چىقىرىۋېتىدۇ...سىناقتىن ئۆتكەن رېتسىپ.

duldul يوللانغان ۋاقتى 2013-7-25 11:53:35

باشقا دارا قىلماي ھۆل زەنجىۋىل، قىزىل پوستلۇق سامساق، ھۆل ياڭاقنىڭ پوستىنى قىرىپ سۈيىنى چىقىرىپ سۈركەۋېرىڭ، باش تېرىڭىز تونۇرغا سالغاندەك قىزىسۇن، كۈندە 7-8تال ئۈرۈك مېغىزى، بىرەر تال ياڭاق مېغىزى يەپ بېرىڭ. بىر يىلدىن كېيىن بوراندەك چاچ چىقىرىۋېتىدۇ...سىناقتىن ئۆتكەن رېتسىپ.

duldul يوللانغان ۋاقتى 2013-7-25 11:59:26

لېكىن، تەبىئىي چۈشكەن چاچقا ئامال يوق. بۆرەكنىڭ سوۋۇپ كېتىشى، باش تېرىسىنىڭ مايلىشىپ كېتىشى، تەڭگىسىمان خارەكتىرلىك چاچ چۈشۈش بولسا زور ئىشەنچ بىلەن ئاتلانسىڭىز بولىدۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-7-25 12:01:59

http://www.amqi.net/ بۇ يەردىن كۆرۈپ بېقىڭ.

bughra68 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-25 12:14:56

مېنىڭچە سىز ئىملاغا دىققەت قىلسىڭىز تەرتىپلىك تۇرمۇش كەچۈرسىڭىز ، يەنە چاچقا بەك ئالاھىدە قاراپ كەتمىسىڭىز

چېچىڭىز تەبىئىيلا ياخشىلىنىدۇ .

كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماي ئۇيغۇرچە خەتلەرنى ئىملا قائىدىسى بويىچە يېزىڭ .

چېچىڭىزنىڭ كىگىزدەك ئۆسۈپ كېتىشىگە تىلەكداشمەن .

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-25 12:17:39

پەيزاۋاتنىڭ شاپتۇل يېزىسىدا بىر تېۋىپ بار ئىكەن. دائىرىلىك چاچ چۈشۈشكە يەرلىك ئورۇنغا ئوكۇل ئۇرىدىكەن. دەسلەپتە ئاق چىقىدىكەن . ئاندىن قارىدايدىكەن. سىز سۈرۈشتە قىلىپ كۆرۈڭ.

ياكى تۇرمۇش ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتىپ كۆرۈڭ، دائىرىلىك چاچ چۈشۈش بىلەن ئادەتتىكى چاچ چۈشۈش ئىككىسى ئىككى ئىش.

oganbala يوللانغان ۋاقتى 2013-7-25 15:03:01

مەنمۇ ياش بولمىسا، مېنىڭمۇ چېچىم شالاڭلىشىپ كېتىپ بارىدۇ، ئۈستى تەرەپ قېرىدىشىمىز دۇلدۇل دېگەن:

باشقا دارا قىلماي ھۆل زەنجىۋىل، قىزىل پوستلۇق سامساق، ھۆل ياڭاقنىڭ پوستىنى قىرىپ سۈيىنى چىقىرىپ سۈركەۋېرىڭ، باش تېرىڭىز تونۇرغا سالغاندەك قىزىسۇن، كۈندە 7-8تال ئۈرۈك مېغىزى، بىرەر تال ياڭاق مېغىزى يەپ بېرىڭ. بىر يىلدىن كېيىن بوراندەك چاچ چىقىرىۋېتىدۇ...سىناقتىن ئۆتكەن رېتسىپ.

  ماۋۇ پىكىرنى ئويلىشىپ بېقىش كېرەكمۇ قانداق؟ ئويلىنىپ قالدىم... رەھمەت.. ھۆل زەنجىۋىلنىغۇ تاپقىلى بولا، قىزل سامساققا ئامال چىقار، ئەمما ھۆل ياڭاق دېگەننى ياڭاق پىشىش مەزگىلىدىلا تاپالايمىزدە؟؟؟

hanjar330 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-25 18:46:50

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم   ئۇلۇغ رامىزىن ئايلىرىدا كەڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلاردىن شۇنى مۇراجەت قىلىمەن مەن كۇچا ناھىيە سۇقۇۋۇق ئاھاللا 1-زۇدىن سەمەت مەمەت ئوغلۇم ئابلەت سەمەت بۆرەك زەيىپلىشىش،ئۆپكە يىرىڭداش ۋە ئېغىر يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغىلى بەش يىل بولدى بۇ بەش يىلدىن جەريانىدا  قان تازلىتىپ ھەر قايسى دوختۇرخانلاردا داۋالىتىپ ئائىلىمىزنىڭ پۈتۈن ئىقتىزادى چىقىپ كەتتى ۋە باشقىلارغا نۇرغۇن قەرىز بۇلۇپ ئىقتىزادى جەھەتتىن ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالدۇق  ئامالسىز قالغاشقا ئۇشبۇ مۇراجەت نامىنى يازدۇق  كەڭ قېرىنداشلارنىڭ ئۇلۇغ ئايلاردا ئاز بولسىمۇ ساخاۋەت قولىرىنى سۇنۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن   

                                           2013-يىلى7-ئاينىڭ25-كۈنى

ئالاقىلاشقۇچى: سەمەت مەمەت

                                    15599969054

                                    13179977150

مۇنۇ مۇراجەت نامىنى ياردەم قىلىپ  مۇشۇ تورغا يوللاپ بەرگەن بولساڭلار مەن رەسىملەرنى پەقەت چىقىرالمىدىم. مۇناسىۋەتلىك  رەسىمەرنى  يوللاپ بېرەي  چ چ نۇمۇرۇم 234962686  ياكى مۇشۇ چ چ نىڭ  بوشلۇقىغا  چىقىرىپ  قويدۇم  شۇيەردىن  چىقارساڭلارمۇ  بۇلىدۇ.رەھمەت

begtash يوللانغان ۋاقتى 2013-7-25 20:28:40

ماڭا مۇناسىۋەتلىك تىما ئىكەن، ساقلىۋالاي.

turker يوللانغان ۋاقتى 2013-7-26 00:26:50

ئالدىدا بىر تېما بار ئىدى مۇشۇ توغرىلىق

ئىككىسىنى بىرلەشتۈردىغان ئىشكەنتۇق

kurbansan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-26 08:11:50

چاچ چۈشۈشنى خىزمەت بېسىمىدىنمۇ ئايرىپ قايرىغىلى بولمايدۇ. مىنىڭمۇ چاچلىرىم بارغانچە سۇمبۇلساچ بۇلۇپ كەتتى.

iksak يوللانغان ۋاقتى 2013-7-28 10:52:13

بۇ توغۇرلۇق تېخى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى مەنمۇ تېما يازغان .
بەت: [1]
: ياردەم؟ دائىرىك چاچ چۈشۈنى قانداق داۋالايدۇ؟