darwix001 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-24 01:36:09

ياردەم..ساقال بۇرۇت توغرىسدا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم ياخشىمۇسىلەر خۇش مۇبارەك رامىزان كۈنلىرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۋاتقانسىلەر مەقسەتكە كەلسەم؛

مەن بۇيىل 30ياشتا مۇشۇ ساقال بۇرۇتۇم تۈزۈك يوق مۇشۇ ساقال بۇرۇتنى بىر ئۆستۈرۈپ قويغۇم بار سەۋەبىنى قىلىپ باقتىم بولمىدى ،زەنجىۋىل سۈرۈپ باقتىم( مۇشۇنداق قىلساساقال بۇرۇت چىقارمىش)،لىكىن ئۈنىمى بولمىدى مۇشۇ تىبابەتتىن خەۋرى بار قېرىنداشلىرىمنىڭ مۇشۇ توغرىسىدا ياردەم قىلىشى سورايمەن بولسا تۇرمۇشۇمىزدا تاپقىلى بولىدىغان يەرلىك رىتسىپلارنى ياكى دورىلارنى تەۋسىيە قىلىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

چاچلىرىم شۇنداق قۇيۇق، پۇت قولۇمدا خىلى تۈكلەر نورمال، ئەرلىك خىزمىتىممۇھەم نورمال   ،مىنىڭ ئاتا ۋە ئانا جەمەتىم بەك ساقاللىق بولمىسىمۇ ھەر ھالدا نورمال ..ئېرسىيەتمىكىن دېسەم ئۇنداقمۇ ئەمەس دادامنىڭمۇ خېلى ساقال بۇرۇتى بار..

ئاخىردا دوستلارنىڭ  ياخشىراق بولغان ساقال بۇرۇت ئۆستۈرۈش مەلھىمى ياكى يەرلىك ئاسان تاپقىلى بولدەغان يەرلىك رېتسىپلارنى تەمىن ئىتىشىنى ۋە مۇشۇ خىل ئەھۋالغا ئۇچىرغان تورداشلار بولسا قانداق قىلىپ ساقايغاندۇ دېگەن ئۈمۈتتە يوللىدىم ،تورداشلارنىڭ بۇتىمىغا چاقچاق ئارلاشتۇرماي  سەممىمىي ئىنكاس قالدۇرشىنى ئۈمۈت قىلىمەن  كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ ..ئالدىنئالا رەھمەت دېگەچ تۇراي..........

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2013-7-24 14:43:17

مەنغۇ 25نىڭ قارىسىنى ئالماستىلا قويۇق ساقال چىقىپ بولغان، (قويۋەتتىم مانا ئەمسە دەپ...) لىكىن ۋوگزال، ماشىنا بېكىتى، يولدا ئالدىرش كېتىپ بارغاندا خەلىق ساقچىلىرىنىڭ سەت گۆلىيىپ قاراشلىرىغا، قالايمىقان تەكشۈرۈپ چامادان-پامادانلىرىمنى ئاقتۇرۇشىغا، بىر نەرسە تاپالمىسا خۇددى ئۇتتۇرۋەتكەن قىمارۋازدەك قايتا-قايتا چەكچىيىشلىرىگە يولۇقتۇم... ھەم يولۇقۇپ تۇرۇۋاتىمەن.....نەخ شۇنداق چاغلاردا ماركىسنىڭ شۇنچە يوغان بومباي ساقىلى ھېچنىمگە تاقاشماپتىكەن، بىزدىكى ساقال قانداق ساقالدۇ؟ دەپ ئويلىنىپ كېتىمەن....

ساقال قويۇشقۇ پەيغەمبەر(س.ئە.ۋ) نىڭ سۈننىتى، لىكىن سىزگە ساقال چىقماپتۇ، شۇڭلاشقا شۇ پېتىچە تۇرىۋېرىڭ.... ھازىر ساقالغا ھەۋەس قىپ قالغىنڭىز بىلەن ئۇنىڭ خاپىلىقىمۇ كۆپ،.... بۇ پارتىيە، تەشكىل نىمانداق ئۆچكىن تاڭ بۇ ساقالغا؟ يول-يولدىكى ئۇششاق-چۈششەك تەكشۈرۈشتىكى يولۇققان خورلۇقنىغۇ دەپ بولغىلى بولمايدۇ، ھەتتا سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى ئېسىدە تۇتالمىغانلار ياكى بىلمەيدىغانلارمۇ «ساقاللىق» دەپ ئاتىشىدىغان گەپ، ھەتتا بەزىلەر «ھوي ساقال!» دەپ چاقىرىدۇ.... \"\"

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2013-7-24 15:17:56

چاچ چىقارغاننى ئاڭلىغان، ساقال چىقارغاننى ئاڭلىماپتىكەنمەن.



يۇڭلۇق بولىمەن دەپ ئاۋارە بولماي، گۈزەل ھۆسنى جامالىمىزنى نامايەن قىلىپ يۈرىۋەرمەمدۇق \"\"

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-7-24 16:07:38

ئۆتكەندە شوشىمىردا ئايالىم بىلەن كېتىپ بارسام، ئايالىم ئىتتىكلا بىر بالىدىن مالنىڭ باھاسىنى خەنسوچە سورىدى، ئۇ بالا تۇرۇپ كېتىپ، ساقال قويسام تېخى خاپىلىق، قويمىسام يەنە خاپىلىق ... ئۇنىڭ گېپىدىن بىزمۇ بەك خىجىل بولۇپ قالدۇق. مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ما مىللەت ئا مىللەتكە، ئا مىللەت ما مىللەتكە ئوخشىشىپ كېتىپ بارامدۇ دەپ قانداق. مېنىڭچە ساقالنى يوغان قويۇۋالماي، 3 -4 كۈنلۈك ھالىتىدە ساقلاپ يۈرسەكمۇ بولىدىكەن جۇما، بولۇپمۇ كۆزلىرىمىز ئانچە يوغان ئەمەس، بۇرۇنلىرىمىز بەكمۇ قاڭشارلىق بولمىسا.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-24 16:29:02

ماڭا 17 ياشتا ساقال چىقىپ تازىمۇ تويۇپ كەتكەنتىم، ھازىر ساقىلىممۇ 14 ياشقا كىرىپ قالدى، ھەر ھالدا كۆنۆپ قالدىم.



ساقال چىقمىغانغا خۇش بۇلۇپ، كومپارتىينىڭ گۈزەل ھۆسنى جامالىمىزنى نامايەن قىلىپ يىڭىچە سوتسىيالىزىم قۇرۇشقائاۋاز قوشسىڭىز قانداق!

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-7-24 17:19:07

سېرىق تۈك ۋاقىتلىرىمىزدا قاچانمۇ ساقال-بۇرۇت چىقار دېسەك، چوڭلار -: تېكىنىڭ تاشىقىنى ئىڭىكىڭگە سۇۋىساڭ ساقال چىقىدۇ دەپ زاڭلىق قىلاتتى \"\"

arkim يوللانغان ۋاقتى 2013-7-24 18:55:26

ئۇيغۇر تىبابىتى رىتسىپلىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: بۇقىنىڭ ئۇرۇقدېنىنى سۈرۈپ بەرسە ساقال-بۇرۇت ئۆسىدۇ. بۇ ھەقىقى رىتسىپ ،چاقچاق ئەمەس، سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-24 19:48:45

سىزدە ساقال بۇرۇت گىنى يوق ئوخشايدۇ ،يوقتا ئاماليوق ،،،،چاچ چىقاردى دىگەننى كۆرمىسەممۇ ئاڭلىغان ئەمدى ماۋۇ

ساقال بۇرۇت چىقاردى دىگەن گەپنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن ھەم سىزدەك مەسلەھەت سورغان ئادەمنىمۇ تۇنجى قىتىم

ئۇچۇرتىشىم ،،،ئاشۇنداق كوسا پىتى يۈرىۋىرىڭ بولدى چوڭلا بولغاندا تىكىنىڭ تاشقىنى بۇقىنىڭ يەنە بىرنىملىرنى

ئىزدەپ يۈرۈپ مەسخىرگە قالماڭ يەنە  {:92:}

tawlan11 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-24 20:03:18

3- قەۋەتتىكى rockنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۆتكەندە شوشىمىردا ئايالىم بىلەن كېتىپ بارسام، ئايالىم ئىتتىكلا بىر بالىدىن مالنىڭ باھاسىنى خەنسوچە سورىدى، ئۇ بالا تۇرۇپ كېتىپ، ساقال قويسام تېخى خاپىلىق، قويمىسام يەنە خاپىلىق ... ئۇنىڭ گېپىدىن بىزمۇ بەك خىجىل بولۇپ قالدۇق. ...

\"\"\"\"

tawlan11 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-24 20:09:08

يۇقارقى تريسىپتىن باشقا

يۈز مايلىرى ئىشلەتمەڭ، گۈللۈك، بەك ئوچۇق رەڭلىك دېگەندەك كىيىم- كېچەكلەرنى كىيمەڭ.

مىجەزى قوپال، ئۇسقانلىق باللارنى دوست تۇتۇڭ، سۆز- ھەرىكەتلىرىڭىزمۇ شۇلارنىڭكىدەك بولسۇن.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2013-7-24 20:34:45

ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئىرادىڭىز بەك كۈچلۈك ئوخشايدۇ. شۇڭا ساقال چىقمىغان گەپ. چۈنكى ساقال مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر!

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2013-7-24 20:36:35

ھۆكۈمەت كۇسىلارنى بەك سۆيىدۇ. چوڭ ئەمەلدار بولۇپ كېتەمسىز تېخى!

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2013-7-24 20:47:12

ساقاللىق كىشىلەرنىڭ ئېڭىكىگە ئېڭىكىڭىزنى تازا بىر سۈركەپ بېرىڭ. بىرەر ئايدا چىقىپ قالىدۇ ساقال http://bbs.izdinix.com/static/image/smiley/qqnew/13.gif

cooloff يوللانغان ۋاقتى 2013-7-24 21:01:31

مىنىڭچىمۇ ساقىلى بار ئادەمنى تېپىپ ، ئاندىن ساقىلىغا ئىڭىكىڭىزنى تازا بىر سۈركەپ باقسىڭىز بۇلامىكى تاكى ئىڭىكىڭىز قىچىشىپ ئېچىشىپ كەتكىچە، كىچىك ۋاقتىمدا دادام شۇنداق دەيدىغان سۈركەپ قويسام ساقال چىقىدۇ دەپ..(سەت ھىجايغان چىراي ئىپادىسى)

hanjar330 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-24 21:04:52

كۈندە ئايالىڭىز سەي قۇرۇشقا گۆش توغرىغاندا 4-5 تال خام گۆش يەپ بېرىڭ 3ئايدىن6ئايغىچە ۋەكشى ساقال چىقىدۇ(سىناقتىن ئۆتكەن تەجىربە)

hanjar330 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-24 21:06:59

نىمىشقا شۇنداق بۇلىدۇ مەنمۇ بىلمەيمەن ياندۇرۇپ سۇئال سوراش مەنئى قىلىنىدۇ

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-24 21:19:49

ھاراقنى ئاز ئىچىڭ، ھاراقنى جىق ئىچىپ يۈز تېرىسى قىزىرىپ تارتىشىپ قالغان ئادەمگە ساقال بۇرۇت چىقمايدۇ، مۇڭغۇل، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرگە ساقال بۇرۇت چىقماسلىقنىڭ سەۋەبىمۇ ھاراق بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىكىن دەيمەن.

Muzakkar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-24 22:00:42

ھەييييييييييي........ساقالدىن زىرىككەنلەرگە ساقال چىققان، تىلىگەنلەرگە چىقمىغان،   {:107:}

86 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-25 09:12:05

بۇكەمگىچە چىقمىغان ساقال ئەمدى چىقماسلىقى مۇمكىن.

ساقال چىقمىغىنى سىزگە ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كەلمەس. شۇڭا ساقال چىقىرىمەن دەپ ئاۋەرە بولۇش ئارتۇقچە. ساقال چىقسا كۈندە قىرىمەن دەپ ئاۋارە بولىسىز، قىرماي ئۇزۇن قۇيىۋەتسىزڭىز سىزنى ساقچىلار ئاۋارە قىلىدۇ. نىمە قىلارسىز ئاۋارىچىلىق ئىزدەپ؟

\"\"


------------



ساقال چىققان ئەرلەرگە چىرايليق ساقال قۇيىشى سۈننەت، ساقىلى چىقمىغانلارغا ئۇنى چىقىرىشى سۈننەت ئەمەس.

MVXVK يوللانغان ۋاقتى 2013-7-25 11:19:30

مەن زېرىكىپ ما ساقالدىن، كۈندە ئالسام، قىزىرىپ يارا بوپ كېتىدۇ، ئىككى كۈن ئالمىساملا قاپقارا ئۆسۈپ... ساقالنى يا ئېلىپ تۇرسا، يا قويۇۋەتسە بولىدىكەن، ماڭا ئوخشاش ساقال قويۇشى چەكلەنگەن ئادەمگە تەسكەن، كوسا بوپ قالسامچۇ دەپ كېتىمەن، كوسا ئاغىنىلىرىم ئىككى تال ساقىلىنى ساقىلىم ئۆسۈپ قاپتۇ دېسە بەك كۈلۈۋېتىمەن

مەنمۇ مەسلىھەت سورىۋالاي، ساقىلى تېز ئۆسىدىغان ئۇنىڭ ئاز دەپ ئېڭەكنىڭ ئاستى يەنى گالغا ئۆسكەن ساقال تەتۈر ئۆسىدىغان ماڭا ئوخشاش بىچارىلەرگىمۇ بىرەر ئامال بارمۇ؟ ئىككى كۈندە بىر ئالساممۇ يېغىر قىلىۋالىمەن، گال تەرەپ قىزىرىپ ئىششىۋالىدۇ، تۆت بەش كۈنگىچە تەگكىلى بولمايدۇ ئاندىن، خەقلەر ئادەمنى زاڭلىق قىلىپ، ساقىلىڭنى ئالماپسەن دەپ، مەينەت چىراي بوپ قالىدىكەن بۇنداق ئىككى ئۈچ كۈنلۈك ساقالدا
بەت: [1] 2 3
: ياردەم..ساقال بۇرۇت توغرىسدا