داڭلىق چاقچاقچى ھېسام قۇربان ‹‹دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى چ
داڭلىق چاقچاقچى ھېسام قۇربان ‹‹دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى چاقچاق ۋارىسى››دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى
ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم خەۋەر قىلىدۇ : 18–ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ، غۇلجا شەھەرلىك مەدەنىيەت ، تەنتەربىيە ، رادىيو– تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سەدىردىن ئەلى قاتارلىقلار بۇ يىل 85 ياشقا كىرگەن ، ئەلگە تونۇلغان خەلق سەنئەتكارى، داڭلىق چاقچاقچى ھېسام قۇرباننىڭ ئۆيىگە كېلىپ ، ئۇنىڭغا مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن ‹‹دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى چاقچاق ۋارىسى ›› دېگەن خەتلەر يېزىلغان شەرەپ گۇۋاھنامىسىنى يەتكۈزۈپ بەردى .
خەلقىمىز تەرىپىدىن ‹‹ زامانىمىزدىكى ھايات نەسىردىن ئەپەندى ›› ، ‹‹ ئىلى چاقچاقلىرىنىڭ پېشۋاسى ›› دېگەندەك پەخىرلىك ناملار بىلەن تەرىپلىنىدىغان داڭلىق چاقچاقچى ھېسام قۇربان كىچىكىدىن تارتىپلا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىمىزنىڭ بىر تۈرى بولغان چاقچاققا كۈچلۈك مۇھەببەت باغلىغان . ئۇ تونۇلغان چاقچاقچىغا ئايلانغاندىن كېيىن ، تۈرلۈك مەشرەپ ، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ۋە چوڭ–كىچىك سەنئەت كېچىلىكلىرىدە ئۆزىنىڭ يۇمۇرىستىك تۇيغۇ ۋە ئىچكى مەناغا باي ، ئىلمىي يۇمۇر – چاقچاقلىرى بىلەن خەلقىمىزگە زور مەنىۋى ئوزۇق بېرىپ كەلگەن.
سەدىردىن ئەلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، ئىلى چاقچاقلىرى 2009–يىلى ‹‹ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى›› دېگەن نامغا ئېرىشكەندىن كېيىن ، 2010–يىلى ھېسام قۇربان ‹‹ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى چاقچاق ۋارىسى›› دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن . ئىلى چاقچاقلىرى 2011–يىلى ‹‹ دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ›› دېگەن نامغا ئېرىشكەن ، بۇ قېتىم ھېسام قۇربان ‹‹دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى چاقچاق ۋارىسى›› دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن.

2- قەۋەتتىكى siyitnoqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاۋۇ يىنىدىكى ھىسامكامنىڭ ئوغلىما ؟
يىنىدىكى ئايالىدۇ؟ كەينىدە تۇرغىنى ئوغلىدەك قىلىدىغۇ. مەدەنىيەت مېنىستىرلىكى ھېسامكامدەك ھايات نەسىردىن ئەپەندىنىڭ بارلىقىنى ئەمدى بىلىپتۇ دە ؟ {:107:} ھېسامكىنىڭ تۇرمۇشىغا بەخىت ، خاتىرجەملىك ، ئەزىز تېنىگە سالامەتلىك ، ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن . ئاللاھ مۇرادىغا يەتكۈزگەي !