رامزاندا تۆكمە قىلىنىۋاتقان ئىچىلىمكلەر
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم.
بىر قانچە كۈندىن
بىرى قەشقەر شەھرىدىكى ئولتۇراق رايۇنلارنىڭ ئەتىراپىدا تۆكمە قىلىنىپ
سېتىلىۋاتقان تۈرلۈك ئىچىملىكلەر ۋە سېتىۋېلىۋاتقانلارنىڭ قىزغىنلىقى دىققىتىمنى
تارتىپ،سودا بولىۋاتقان يەرگە بېرىپ كۆرۈپ باقتىم.ئادەتتە بازاردا سېتىلىش باھاسى
6يۈەندىن بولىۋاتقان ئىچىملىكلەر 3يۈەن ئەتىراپىدا،3يۈەنلىك ئىچىملىكلەر
1.5يۈەندىن سېتىلىۋاتاتتى.بۇنىڭدا قانداقتۇر مالايسىيەنىڭ،ئىچكىرنىڭ يەنە
رايۇنىمىزدىكى ئۇيغۇر كارخانىلىرىمىزنىڭ ئىچىملىكلىرىمۇ بار ئىدى.مەن ئۈنۈملۈك
ۋاقتى توشاي دەپ قالغان ئىچىملىكلەر بولسا كېرەك دەپ ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتىغا
قاراپ باقتىم،ئۇنىڭدا يېڭىلا ئىشلەپچىقىرىلغان.ئۇلاردىن سوراپ كۆردىم"باھاسى
نورمال بازار باھاسىدىن خېلىلا ئەرزانكەنغۇ؟"،"بۇ نەرسىلەرنى موشۇ
شەھەردە ئىشلەپ چىقارغاچقا ئارلىقتىكى توشۇش ھەققى،ۋاكالەتچىلىك دېگەنلەر
بولمىغاچقا تەننەرخى ئەرزان"."دېمەك مالايسىيەنىڭ دەپ سېتىلىۋاتقان
ئىچىملىكلىرىنىمۇ موشۇ شەھەردە ئىشلەپچىقارغانمۇ؟"،"بۇنى مەن بىلىپ
كەتمەيمەن".ئۇ يەنىلا سودىسى بىلەن ئالدىراش ئىدى.بۇنى تەھقىقلەش ئۈچۈن سىناپ
باقىدىغانغا بىر ئىچىملىكنى ئالدىم دە ،كەچلىك ئىپتاردا تەمىنى تېتىپ باقتىم،ھەي،بىز
يەنىلا ئالدىنىۋېتىپتىمىز،دېمەك بۇ شەھەردە ،قايسى بىر قاراڭغۇ ئۆيلەردە
،ئاللىكىملەر تەرىپىدىن ياسىلىپ سېتىلىۋاتقان ئىچىملىكلەر ئىكەنلىكىگە كۆڭلۈم
گۇۋاھلىق بەردى.
بىز ئىچىدىغان
ھەسەللىرىمىز تۇرۇپ،گۈلە-قاقلاردىن ئۆزىمىز قىلىپ ئىچىدىغان ئۇسسۇلۇقلىرىمىز تۇرۇپ
يەنىلا قانداقتۇر تامچە مېۋە سۈيى بولمىغان،رەڭلەندۈرگۈچ ۋە تەم تەڭشىگۈچلەردىن
ياسالغان سۇلارغا دۈم چۈشمەكتىمىز.
بىزنىڭ بەزى ئادەملىرىمىز ئەرزان دېسە ‹‹ كۆكۈرۈپ قالغان مانتا ›› نىمۇ دۈم چۈشكەن پېتى يەۋىتىدۇ ، يىمەك - ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ ، بەلكىم شۇ ئەرزان باھالىق ئەرچاپ ، قېزىل بۇغا ، يىشىل كالا ، سېرىق توڭگۇز دېگەن تۆكمە ئىچىملىكلەرنى ئىچىپ ، كىسەللىك بىلەن يۇقۇملانسا ياكى ئادەمنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ يېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە ئۇنىڭغا مەسئۇل بولىدىغان بىرەر تەشكىلات چىقماسلىقى مۇمكىن ، ئەڭ ياخشىسى بىر نەچچە سوم قىممەت بولسىمۇ قانۇنلۇق تىجارەت ئورۇنلىرىدىن ، ئىشەنىچلىك مەھسۇلاتلارنى سېتىۋىلىپ ئىستىمال قىلغانغا يەتمەيدۇ ، ئاللا بالا قازادىن ئۆز پاناھىدا ساقلار تاساددىپىي كۈتۈلمىگەن ئەھۋال كۆرۈلسە ، ئەرزان ئىچىملىك ئېلىپ تېجىگەن پۇلىمىز ھېچنىمىگە دال بولالمايدۇ . سىز مال سېتىۋالغان تىجارەتچىنىمۇ تاپالمايسىز ، ئىش شۇ چاغدىن باشلىنىدۇ . تىجارەتچىنىمۇ تاپقان ھالەتتە ‹‹ ساڭا ئەرزان بەرگەن سامسىنىڭ ئىچىدىن پىياز بىلەن يەلدىن باشقا ئەمدى بىر توشقان چىقسا بولامتى ›› دىگەن يۇمۇردىكىدەك ئىش يۈز بىرەرمىكىن . ئۆزىڭىزنىڭ قانۇنلۇق ھوقوقىڭىزنى قوغدىشىڭىز ئىنتايىن مۈشكۈل .
1- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يەكەندە جۈمەدىن يانغاندا ئالتۇن مەسچىتنىڭ ئالدىدا توۋلاپ سىتىشلىرى بار.![]()
بۇ ئەھۋالنى سىزمۇ ئۇچرىتىپسىز ، ھەقىيقەتەنمۇ شۇنداق ! بەزى كىشىلىرىمىز ئەرزان نەرسىگە نىمانچە ئامراق ...ھە ؟
مانىڭدىن بىرنى ئەپ قويۇپ ئۆزى ياساپ ئىچكەنگە يەتمەيدۇ.

http://item.taobao.com/item.htm?id=5010425245&ali_refid=a3_420435_1006:1102354718:6:%B1%A6%B1%A6%B9%FB%D6%AD%C6%F7:8df97e6c91644b0af0709a2f57917803&ali_trackid=1_8df97e6c91644b0af0709a2f57917803&spm=a230r.1.18.17.EPurZ5 قىزىل كالا توپ باھاسى 112 يۈەن
40 گىراملىق ئۈلكەر ئالبىنى توپ باھاسى48 يۈەن
40 گىراملىق ئۈلكەر مىترو توپ باھاسى48 يۈەن
شىشىلىك سىرىق جەنلىبو توپ باھاسى26 يۈەن
ۋاخاخا جەنلىبو توپ باھاسى46 يۈەن
قىزىل بۇغا ئىچىملىكى 250گىرام توپ باھاسى73 يۈەن
كۈچەيتىلگەن قىزىل بۇغا ئىچىملىكى 330 گىرام توپ باھاسى85 يۈەن
14- قەۋەتتىكى 306398168نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئېربول . ئەرچاپ . ئايرىبول دىگەنلار ئوخشاش بىرنەرسىمۇ يا ئايرىم ئايرىممۇ،.
بۇلار ھەممىسى قۇۋۋەت ئىچىملىكى،ئىمپورت قىلىنغان. ماركىسى ئوخشىمايدۇ، ئىشلىگەن زاۋۇت ۋە ئىمپورت قىلغان شىركەلەرمۇ ئوخشىمايدۇ(ۋىگور بىلەن ئايىربۇل بىر زاۋۇتتا ئىشلەنگەن) تەمى ئاساسى جەھەتتىن ئوخشايدۇ.
ياكى
يەكەندە جۈمەدىن يانغاندا ئالتۇن مەسچىتنىڭ ئالدىدا توۋلاپ سىتىشلىرى بار.

مەبلەغ سىلىشنى خالايدىغانلار كىلىڭلار. تىز باي بولىسىلەر گۇمىدا، باشقا يەرلەردە باھا قانداقتۇ؟
مالايسىيا ئەرچاپ گۇما ناھىيسىدىكى توپ باھاسى 120 يۈەن
مالايسىيا ئەيسى ماركىلىق سودا سۈيى گۇما ناھىيسىدىكى توپ باھاسى 95 يۈەن
قىزىل كالا ئىچىملىكى گۇما ناھىيسىدىكى توپ باھاسى 115 يۈەن
توڭيى يىشىل چىيى گۇما ناھىيسىدىكى توپ باھاسى 30 يۈەن
ۋاخاخا ماركىلىق قىزىل چاي گۇما ناھىيسىدىكى توپ باھاسى 30 يۈەن
40 گىراملىق ئۈلكەر ئالبىنى گۇما ناھىيسىدىكى توپ باھاسى50 يۈەن
40 گىراملىق ئۈلكەر مىترو گۇما ناھىيسىدىكى توپ باھاسى50 يۈەن
ئامىنە ماركىلىق مىنرال سۇ
40 گىراملىق ئۈلكەر ئالبىنى گۇما ناھىيسىدىكى توپ باھاسى8 يۈەن
شىشىلىك سىرىق جەنلىبو گۇما ناھىيسىدىكى توپ باھاسى28 يۈەن
ۋاخاخا جەنلىبو گۇما ناھىيسىدىكى توپ باھاسى48 يۈەن
بەيشى كولا گۇما ناھىيسىدىكى توپ باھاسى30 يۈەن
قىزىل بۇغا ئىچىملىكى 250گىرام گۇما ناھىيسىدىكى توپ باھاسى80 يۈەن
كۈچەيتىلگەن قىزىل بۇغا ئىچىملىكى 330 گىرام گۇما ناھىيسىدىكى توپ باھاسى95 يۈەن
بۇ زادى چەتنىڭمۇ يا يەرلىكمۇ .
3- قەۋەتتىكى 306398168نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بىرە ئاينىڭ ئالدىدا بازاردىمۇ ئەرچاپنىمۇ شۇنداق ئەرزان باھاردا سېتىۋېتىپتىكەن ..
بۇ زادى چەتنىڭمۇ يا يەرلىكمۇ .
..............................
چوڭ سودىگەرلەر 115 كە بىرىدىكەن گۇمىدا، باشقا شەھەرلەردە قانداقكىن تاڭ!
مالايسىيا ئەيسى ماركىلىق سودا سۈيى توپ باھاسى 85 يۈەن.
گۇما ناھىيسىدن 85 كولومىتىر كىلىدىغان ناھىيەدىكى باھا. ‹‹ئەرزان گۆشنىڭ شورپىىسى يوق ›› دىگەن شۇ .

8- قەۋەتتىكى toghrak731نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مالايسىيا ئەرچاپ توپ باھاسى 110 يۈەن.
مالايسىيا ئەيسى ماركىلىق سودا سۈيى توپ باھاسى 85 يۈەن.
گۇما ناھىيسىدن 85 كولومىتىر كىلىدىغان ناھىيەدىكى باھا.
。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。
باشقا ئىچىملىك، يىمەكلىكلەرنىڭ باھاسىچۇ؟ بولسا يوللاپ قويسىڭىز.
8- قەۋەتتىكى toghrak731نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مالايسىيا ئەرچاپ توپ باھاسى 110 يۈەن.
مالايسىيا ئەيسى ماركىلىق سودا سۈيى توپ باھاسى 85 يۈەن.
گۇما ناھىيسىدن 85 كولومىتىر كىلىدىغان ناھىيەدىكى باھا.
。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。
باشقا ئىچىملىك، يىمەكلىكلەرنىڭ باھاسىچۇ؟ بولسا يوللاپ قويسىڭىز.
8- قەۋەتتىكى toghrak731نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مالايسىيا ئەرچاپ توپ باھاسى 110 يۈەن.
مالايسىيا ئەيسى ماركىلىق سودا سۈيى توپ باھاسى 85 يۈەن.
گۇما ناھىيسىدن 85 كولومىتىر كىلىدىغان ناھىيەدىكى باھا.
。。。。。。。。。。。。。。。。。。。。
باشقا ئىچىملىك، يىمەكلىكلەرنىڭ باھاسىچۇ؟ بولسا يوللاپ قويسىڭىز.
چەتئەلدىن ئىچىملىك كىرگۈزۈش بىلەن شوغىللىنۋاتقان بولغاچقا، بۇ تېمىغا ئىنكاس يازماي تۇرالمىدىم. بىزنىڭ شىركەت كىرگۈزگەن ئىچىملىك ئايىربول، ئايىس ۋە شېرىن قاتارلىق ئىچىملىكلەر بولۇپ، مۇتلەق ئىشەنچىلىك. بايا بىر قېرىندىشىمىز بۇ ئىچىملىكلەر راست ئىمپورت قىلىنغانمىدۇ دەپ سوراپتۇ. سىز سىزىقلىق كودقا (تىياۋما) غا قاراپ مالنىڭ قەيەردە ئىشلەنگەنلىكىنى بىلىۋالىسىز. ئادەتتە جوڭگودا ئىشلەنگەن ماللارنىڭ سىزىقلىق كودى 6 بىلەن باشلىندۇ. بۇنىڭدىن باشقا سان بىلەن باشلانسا، ئىمپورت قىلىنغان بولىدۇ. ئىشقىلىپ ئىچىملىكلەر شۇنداق بولىدۇ. ئېربول . ئەرچاپ . ئايرىبول دىگەنلار ئوخشاش بىرنەرسىمۇ يا ئايرىم ئايرىممۇ،.