Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-7-22 22:27:38

توك پىچ [باچكا]

مېتال تاۋلايدىغان توك پىچ



تۈۋەندىكىلەر ئېسىمدە قالغان ئۇقۇملار بويىچە يېزىلدى، خاتا ياكى كەم جايلىرى بولسا تۈزىتەرسىلەر..



فىزىكىدا قۇيۇن توك دەپ بىر ئوقۇم بار. يەنى، ئۆزگىرىشچان ماگىنىت مەيدانى توك ئۆتكۈزگۈچى جىسىمغا تەسىر قىلىپ، قۇيۇن توك شەكىللەندۈرىدۇ. قارىشىلىقتىن توك ئۆتسە قىزىيدۇ. توك پىچ مۇشۇ ئىككى پىرىنسىپنى ئاساس قىلىدۇ. قۇيۇن توك پەيدا قىلالايدىغان ئسسىقلىق نەزەرىيىدە (ئاڭلىغىنىمغا ئاساسلانغاندا) 7000 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقالايمىش.


توك پىچ يەنە قارشىلىق توك پىچ، ئېلېكتىر ياي پىچى، تەسىر پىچ (بۇ نايىپ ئاتالغۇ، ئېلېكتىرو ماگىنىت ئىندۇكسىيىلىك پىچ دىمەكچى) قاتارلىق ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.


توك تەسىر پىچ دىگەن ئاتالغۇ قۇلاققا غەلىتە بىلىنگەندۇ، ئەگەر مۇۋاپىق كۆرۈلسە، تېلىمىزدا تېخنىكىلىق ئاتالغۇلارنىڭ راۋان ئۇمۇملىشىشى ئۈچۈن قىسقا ئاتالغۇنى ئاساس قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، يات تىل ئاتالغۇلىرىنى ئارىلاش ئىشلىتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.





كۆمۈر، گاز كۆيدۈرمەي، توك بىلەنلا، ھەمدە توكنى بىۋاستە ئۇچراشتۇرمايلا مېتاللارنى ئېرىتەلەيدىغان توك تەسىر پىچ.ئاددىي قىلىپ توك پىچ دىسەك بولىدۇ. سانائەتتە ھەر خىل چوڭلۇق، ھەر خىل شەكىلدىكىلىرى بار. تەسىر پىچ بولسا تەۋرىنىش دەۋرى 1000 ھېرتىستىن 250 مىڭ ھېرتىسقىچە بولغان، ئېقىمى 100 ئامپىردىن 2000 ئامىرغىچە بولغان توكنى تەسىر ھالقىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، تەسىر ھالقىدا شەكىللەنگەن كۈچلۈك تەۋرىنىشچان ماگىنىت مەيدانىغا قويۇلغان مېتالدا قۇيۇن توك پەيدا قىلىپ، مىتالنى قىزىتىپ- ئېرىتىدىغان پىچتىن ئىبارەت. قىزىتىش تىمپىراتۇرىسى 1000 سىلسىيە گىرادۇستىن يوقىرى، تىپىغا قارىتا 1700، 2000 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا.


توك تەسىر پىچنىڭ ئالاھىدىلىكى: ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئېنېرگىيىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ئەڭ يوقىرى، ئىشلىتىشكە ئەپلىك، ئېغىرلىقى يىنىك، ھەجىمى كىچىك. 220v لۇق ۋە 380 لىق توكنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. قۇۋۋىتى 2kw تىن 100kw قىچە ھەر خىل.



تۈۋەندىكى نىمىدۇ؟ قايناقسۇ قاينىتىدىغان توك چەمبەرمۇ؟ ھەئە، بۇ مېتالنى ئېرىتىپ قاينىتىدىكەن.




مېتالچىلىق ئىلمىدە، قىزىتىپ بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسىدا، سۇغىرىش، سۈيىنى ياندۇرۇش، سۈيىنى قاندۇرۇش، تەركىپ تەڭشەش دىگەندەك ئاتالغۇلار بار. مەسىلەن، سىز بىر تۈز چىشلىق تالچە سېتىۋالدىڭىز، ساتقۇچى سىزگە ئۇنى تېخى سۇغارمىغانلىقىنى، سەۋەبى سىزنىڭ پىششىقلاپ ئىشلىشىڭىزگە قولايلىق بولۇشى كېرەكلىگىنى دىدى. بۇنىڭ مەنىسى، سىز بۇ خام تۈز چىشلىق تالچە ماتىرىيالنى ئېھتىياجىڭىز بويىچە ئاسان كېسەلەيسىز. ئاندىن ئۇنى سانائەت تەلىۋى بويىچە سۇغىرىشتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق قاتتىقلىقىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ، ئاندىن ئەمەلىي ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بۇ خۇددى پولات ئەينەك تەييارلاشقا ئوخشاش ئىش. سۇغىرىلغان مېتالنىڭ قاتتىقلىقى، چىداملىقى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.


بىرەيلەن چىشىلىق چاقنى پەلەيدە تۇتۇپ، تەسىر ھالقىدا قىزىتىپ، سۇغىرىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ:




تەسىر ھالقىنى ئىچ چىشلىق چاققا كىرگۈزۈپ، چىش قىسىمىنى قىزدۇرۇپ، سۇغىرىشقا تەييارلاش:




قىسقىسى، قىزدۇرۇشتىن ئېرىتىشكىچە، توك تەسىر ئوچاقنىڭ قوللىنىشى بەك كەڭ:



تۈۋەندىكى رەسىم سىزنىڭ بىر سۇئالىڭىزغا جاۋاپ بېرىدۇ، يەنى، تەسىر ھالقا (ئىندۇكسىيە- پىندۇكسىيە دەپ يۈرمەيلى، تۈرك تىلى ھۆنەرىس..) ئۆزى ئاۋال قىزىپ- كۆيۈپ، ئېرىپ كەتمەمدۇ؟ توك ئۆتكۈزۈشچان تەسىر ھالقىنىڭ ئىچى كاۋاك بولۇپ، ئىچىدىن توختىماي سۇ ئۆتۈپ سۇۋۇتۇپ تۇرىدۇ، ئۆزىدىن توك ئۆتۈپ تۇرىدۇ.قۇۋۋىتىگە قارىتا، مىنۇتىغا 7~10 لېتىر ئەتىراپىدا سۇ ئۆتۈپ تۇرىدۇ.




كۋارتس بىر خىل سىلتىسىي تۇزلۇق كان رۇدىسى بولۇپ، ئېرىش نۇقتىسى 1750 سېلسىيە گىرادۇس. گىرافىت (سۈرمە تاش) نىڭ ئېرىش نۇقتىسى 3652~3697 گىرادۇس ئەتىراپىدا.(گىرافىت بولسا ساپ كاربۇن ئېلېمېنتىنىڭ بىر ئىزوتوپى بولۇپ، ئۇتۇن- كۆمۈردەك ئاسان كۆيۈپ كەتمەيدىغىنى ئاجايىپ، ئالماسمۇ ئاجايىپ، ياغاچ سۇنىدۇ، ئالماس كېسىدۇ.) تۆمۈرنىڭ ئېرىش نۇقتىسى1350 سېلسىيە گىرادۇس. ۋولفىرامنىڭ 3410 گىرادۇس.



تۈۋەندىكى ئىككى نەرسە ئايرىم ھالدا، كۋارتس قاپ ۋە گرافىت قاچا دېيىلىدۇ، گىرافت قاچا كۋارتس قاپقا سېلىنىپ، توك تەسىر ھالقىنىڭ ئىچىگە سېلىنىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا سېلىنغان مېتال خامنى ئېرىتىشكە بولىدۇ. مېتال ئېرىگەندىن كېيىن ئاپىرىپ قېلىپقا قويۇلۇپ، زاپچاسلار ياسىلىدۇ. باھاسى 50~30 ئەتىراپىدا.


      


بۇ كونتروللىغۇچنىڭ باھاسى 5000 دىن سەل ئاشىدۇ.




بۇنىڭ لەيلىتىپ ئېرىتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگىم كەلمەيدۇ، باھاسى 18 مىڭمىش:




بۇ زىننەت ئېرىتكۈچنىڭ ئىسسىقلىقى 1100 غا چىقىدۇ، باھاسى 1000 دىن سەل ئاشىدۇ:


imkansiz يوللانغان ۋاقتى 2013-7-23 08:46:12

توۋا،،،،ئاۋۇ لەيلىتىپ ئېرىتىدىغىنى ئاجايىپكەن دىسە،،زەرگەرلەر ئىشلەتسە بولىدىكەنغۇ بۇ سايماننىڭ كىچىكرەكلىرىنى، ئۇلارنىڭ بېنزىن تۇمانىدا ئالتۇن ئېرىتىدىغىنىنى تولا كۆرىمەن، دۇكانلىرى پۇراپ كېتىدۇ، ھەم ئالتۇنلارمۇ جىقراق بولسا بەزىدە كۈچى يەتمەي قالىدىكەن، بىر زەگەر بۇرادىرىم بارتى، سايمانغا ئايىماي پۇل خەجلەيدىغان، مەن دەپ قوياي قېنى ،،



باچكا ئەپەندىم، مەن بىر ھۇنەرۋەن، مەن ئەينەككە ئىش قوشىدىغان كەسىپتىن بىرەرنى قوشماقچى ئىدىم، سۈرۈشتۇرسەم ئەينەككە قۇم پۇۋلەپ ئىز چىقىرىپ ئاندىن سىرلايدىغان ئىشلار باركەن، ئۇغۇ 10 -15 كۇن ۋاقىت چىقارسام قوراشتۇرۇپ كەتكىلى بولىدىغان ئىشلاردەك تۇرىدۇ، مېنىڭ بىلەلمىگىنىم، ئەينەككە بىۋاستە گۇل ئويغىلى بولامدۇ، بولسا قانچە پۇللۇق سايمان كېتىدۇ، مۇشۇنداق بىر ئىستانوك بار دىيىلگەن تەقدىردە بۇ كەسىپنىڭ خېرىدارى قانچىلىك، بازار ئىستىقبالى قانچىلىك، بىر مەسلىھەت بېرىپ باقسىڭىزكەن،،ئۆزەمغۇ چوڭ شەھەردە ئەمەس، بىر كىچىك ناھىيەدە ئىش قىلىمەن، ئەمما يېڭىراق بىرەر كەسىپ قوشۇپ ماڭمىساق ھازىر دۈشمەنلەرنىڭ {:92:}تولىلىقىدا ئىشنىڭ باھاسى بەكلا تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ،،

ھىچ بولمىغاندا بىر ئالاقىلىشىش ئادرىسىڭىزنى بىلسەم بوپتىكەن، بەزىدە مەلۇماتلىق كەسىپدارلارغا مۇھتاج بولۇپ قالىدىكەن كىشى، ئۆتكەندە بىر پولات ئەينەكنى كېسىدىغان زۆرۈرىيەت تۇغۇلۇپ زادىلا كېسەلمەي، ئاقىۋەت ئەينەك قويىدىغان جازىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئاندىن قويدۇق، ئەمما ئاۋارىچىلىق بەك تولا بولدى،

kulalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-7-23 15:15:56

باچكا ئەپەندى سىزدىن سوراپ باقسام تۆمۇر ياكى ھەر خىل مىتاللارغا رەڭ بىردىغان ئۆسكىنا بارمۇ مەسەلەن تۇمۇر ياكى ئەينەككە ئالتۇنرەڭ كۆمۇش تەڭدە بىر قەۋەت سېر بىر دىغان...مەن ئېچكىردە شۇداق نەرسىدىن بىرنى كۆرگەن ئېدىم بەكلا قىممەن ئەڭ ئەرزىنى 130 مىڭ ئەتراپىدا ئېكەن ئۇنى ئېشلتىش شۇنچە مۇرەككەپ ھەم ھەجىمىمۇ بەك يوغان نەرسە ئېكەن شۇڭا سېتۋىلىشتىن ۋاز كەشتىممۆمكىن بولسا شۇ خلدىكى نەرسىلەرنىڭ كىچىكرەك ئېشلتىشكە كولايلىقلىرى بولسا بىرنى سېتۋالسام دەيمەن ئۇ نەرسە ئېككى خىل ئېكەن خەنچە ‹دۇتەي› يەنە بىر خىلىنى ‹دۇ جىڭ› دەپ ئاتايدىكەنمەن شۇ ئۇسكىنە ئارقىلىڭ ئەينەك بىلەن تۇمۇرگە ئالتۇن رەڭ بەرمەكچى ئېدىم

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-23 16:14:53

باللا باچكىنىڭ ماۋۇ تىمىسىنى باھالاپ قويايلى،تالاش تارتىش تىمىسدىن باشقا ماۋۇنىڭدەك پەن تېخنىكىغا ئائىت تىمىلارنىمۇ چوققىلاپ قويساق بولىدۇ.ئىشقىلىپ مۇنبەردىكى پەن تېخنىكىغا ئائىت سەر خىل تىمىلارنىڭ كۆپى باچكىنىڭ.ھارمىغايسىز

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-7-23 21:46:10

1- قەۋەتتىكى imkansizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەينەككە بىۋاستە گۇل ئويغىلى بولامدۇ، بولسا قانچە پۇللۇق سايمان كېتىدۇ، مۇشۇنداق بىر ئىستانوك بار دىيىلگەن تەقدىردە بۇ كەسىپنىڭ خېرىدارى قانچىلىك، بازار ئىستىقبالى قانچىلىك، بىر مەسلىھەت بېرىپ باقسىڭىزكەن،،




بىلىشىمچە، مۇشۇ تۈردىكى سىتانوك ئىككى خىل: بىرى، ۋولفىرام پولات ئۈشكە ئىشلىتىدىغان CNC (رەقەملىك سىتانوك)، يەنە بىرى، لازىر نۇرى ئىشلىتىدىغان CNC .


بۇلار بىر تەرەپ قىلىدىغان ماتىرىيال تۈرلىرىگە مۇنداق يېزىپتۇ: تاش، رەخت، خۇرۇم، قەغەز، ياغاچ، ئورگانىك ئەينەك، سۇلياۋ، خرۇستال، چاقچۇق ۋە مېتاللار. مېتال ۋە تاشقا ئىشلەيدىغانلىرىنىڭ قۇۋۋىتى چوڭراق بولىدۇ، باھاسىمۇ ئوخشىمايدۇ. ياغاچ، ئورگانىك ئەينەك قاتارلىق يۇمشاقلارغا ئىشلەيدىغانلىرى 16 مىڭ ئەتىراپىدا، ۋە باشقا قىممەتلىرى 25 مىڭ، 30 مىڭ.. ھەر خىل، ئۇلارنىڭ ئۈستەل چوڭلۇقىمۇ ئوخشىمايدىكەن.


بىراق ئۇلار ئادەتتىكى چۈرۈك ئەينەكنى بىر تەرەپ قىلالامدۇ- يوق، مەن جەزىم قىلالمايمەن، مەنچە پەقەت ئورگانىك ئەينەككىلا بولۇشى مۇمكىن.



تۈۋەندىكىسى بىر كىچىك خىلى، تاۋباۋ باھاسى 9800.رەسىمنى چېكىپ كۆرۈڭ:


\"\"


\"\"


يوقىرىدىكى ماشىنىلارنى، ناھىيە بازارلىرىدا ياغاچچى ئۇستاملار ئىشىك- ئىشكاپ تاختايلىرىغا گۈل ئۇيۇشقا ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئۈرۈمچىدە ئورگانىك ئەينەك، قەلەي كېسىشكە ئىشلىتىۋاتقان جايلارنى كۆپ كۆرگىلى بولىدۇ.


ئورگانىك ئەينەك، چەتچە ئىسمى ئاكىرىلىك (acrylic) شۇ، خەنلەر ياكېلى دەيدۇ.


سىز دىگەن ئەينەك، دېرىزىگە ئىشلىتىدىغان چۈرۈك ئەينەك شۇ بولسا، پەرىزىمچە ئېرىش نۇقتىسىغا يېقىنلاشتۇرۇپ قىلىپ ئىشلىتىپ شەكىلگە ئالامدىكىن. يەنە،


ئەينەككە گۈل ئۇيۇش سۆزى بويىچە ئىزدەپ كۆرسەم، بىر قىسىم مەزمۇن چىقىپ قالدى، تۈۋەندىكى تور ئادرىسقا كىرىپ، تېلېفۇن ئۇرۇپ سوراپ بېقىڭ:


تۈۋەندىكىلەر رەقەملىك ئەينەك ئۇيۇش ماشىنىسىكەن:


http://www.glass.cn/c_GLASSMANBEIJING/productinfo_1342064.html



\"\"



http://www.bncnc.net/product_vd.asp?id=298



\"\"


\"\"


سۈرۈشتۈرگەندە، مۇنداق نۇقتىغا دىققەت قىلىڭ، بۇ ماشىنىلار تەكشى ئەينەككە قىرىدۇ، ئىستاكان دىگەندەك يومۇلاقلارغا قانداق قىلىدىغاننى سوراپ باقسىڭىز بولىدۇ، رەسىمنى چېكىڭ:


\"\"



تۈۋەندىكى بەتنى ئاچسىڭىز، بىر سىن باركەن، سىز سورىغان ماشىنا شۇ ئوخشايدۇ:


http://www.bncnc.net/


تور بەت يۈزىدە بۇلارنىڭ باھاسىنى يازماپتۇ. ھالقىلىق سۆز: 玻璃刻花



بازار ئىستىقبالىنى سورىسىڭىز، ناھىيىلەرنىڭ نوپوسى ئوخشىمايدۇ، يېتەرلىك نوپوس بولسىلا، ئۈسكۈنىگە 30 مىڭ ئەتىراپىدا سالغان مەبلەغنى قايتۇرۇۋېلىشتىن ئۈمىد بار. مەنچە، ئەينەككە گۈل باسقانغا قارىغاندا ياغاچقا نەقىش ئويغاننىڭ سودىسى تېخىمۇ تېزمىكىن. چۈنكى ئۆي بىزەيدىغانلار ھېچقاچان كەم ئەمەس. زېھىن يېتىشسە، ئىككىسىنى تەڭ قىلسا بازارنى مونوپول قىلغىلى بولىدۇ. قالغىنىنى سودا قىلىۋاتقان ئادەملەر ئۆزى بىلەر..


[پولات ئەينەك]

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-7-23 22:27:25

2- قەۋەتتىكى kulalqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇ نەرسە ئېككى خىل ئېكەن خەنچە ‹دۇتەي› يەنە بىر خىلىنى ‹دۇ جىڭ› دەپ ئاتايدىكەن مەن شۇ ئۇسكىنە ئارقىلىڭ ئەينەك بىلەن تۇمۇرگە ئالتۇن رەڭ بەرمەكچى ئېدىم



«دۇتەي» دىگىنىڭىز «تىتان يالىتىش» مىكىن، تىتان قاتتىق ماتىرىيال.


تاۋباۋغا «镀金机» دەپ ئىزدەتسىڭىز، ھەل بېرىش ماشىنىسى چىقىدۇ، باھاسى 200 ~500 ئەتىراپىدا. خورىما ماتىرىياللىرىنى قوشۇپ ئېلىشىڭىز كېرەك.


تۈۋەندىكىسى ئالتۇن ھەل بېرىدىان بىر يۈرۈش ئۈسكۈنىكەن. بۇ بىر يۈرۈشنىڭ ئىچىدە، 10 ئامپىرلىق ھەل بېرىش ماشىنىسى (توك مەنبە)، 24k ئالتۇن سۈيى، توك ھەل تىتان تورى قاتارلىق 6 خىل نەرسە بىراقلا باركەن.مەنچە، خورايدىغان ماتىرىيالنى ئايرىم سوراپ كۆپرەك ئېلىۋېلىڭ. رەسىمنى چېكىڭ:


\"\"


ھەل بېرىشكە ئائىت ئۈسكۈنە، خورىمىلارنىڭ باھاسى، ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈرۈپ ئاندىن ئېلىڭ.


ئەينەككە ئاۋال تازىلاپ، ئاندىن پۈركۈپ تەگلىك ئۇرۇپ (نىمىنى ئۇرار؟)، خىمىيىلىك ياكى توكتا ھەل بېرىش ئۇسۇلىدا ھەل بېرىدىكەن، يەنە، نانو ماتىرىيالىنى پۈركۈپ ھەل بېرىدىغان ئۇسۇلمۇ بار ئوخشايدۇ. ئۈسكۈنە قىممەت ئوخشايدۇ. زاۋۇت كۆلەمدە ئىش كېتىدىغان چىراي.

imkansiz يوللانغان ۋاقتى 2013-7-24 05:13:17

بىز ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىپ ئىزدەنگەنلىكىڭىزگە تەشەككۇر، قالدۇرغان ئۇچۇرلىرىڭىزنى تەپسىلى ئوقۇدۇم، ئۇلىنىشلارغا كىرىپ كۆردۈم، پايدىلىق ئۇچۇرلارنى قالدۇرۇپسىز، ھازىرچە ھەممىسىنى ساقلىۋېلىپ تۇراي، ئۇلىنىشلاردىكى تېلفون نومۇرلىرىدىن تارتىپ چ چ نومۇرلىرىغىچە،،،

ئاللاھ خالىسا قىشتا 3 ئاي بىكار ۋاقتىم بار، شۇ چاغدا بەلنى مەھكەم باغلاپ كوچىغا بىر چىقمىسام بولمىدى، ئاۋۇ ياغاچقا ئويىدىغانلىرى باشقىلاردا بارتى، ئۇلار بىلەن بازار تالىشىپ يۇرمەيلى دەپ ئويلىغان، ئىشقىلىپ سەل ئوخشىمايدىغانراق كەسىپتىن بىرەرنى تاپقۇم بار ئىنشائاللاھ،،،،،،،،

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-7-24 07:01:53

ئىزىنىشنى خالىغان بولساڭلار ياخشى ھۈنەرۋەن ئىكەنسىلەر \"\" تىلدا مەسىلە بولسا بىلىدىغانلار بار، يامىنى ئىلگىرلەشنى خالىماسلىق، ھورۇنلۇق.



توك پىچ زەرگەرلەرنىڭ، تۆمۈرچىلەرنىڭ، پىچاقچىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كەلگۈدەك.

tawlan11 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-27 20:11:39

بىلىم دېگەننى ئەلا باھالايمىز.



مېتال دەپ تۈزۈتۈپ قويۇڭ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-7-28 18:47:26

8- قەۋەتتىكى tawlan11نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مېتال دەپ تۈزۈتۈپ قويۇڭ.





رەھمەت، تۈزىتىپ قويدۇم، پەقەت بىرسىنىلا توغرا يېزىپتىمەن.\"\"
بەت: [1]
: توك پىچ [باچكا]