tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-7-22 17:00:47

كىۋەزنىڭ مۇنداق پايدىلىرى بار....

كىۋەزنىڭ چېچىكى،چىگىتى،يىلتىز پوستى،پاختىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.


بۇ كىۋەزنىڭ چېچىكى بولۇپ،ئېچىلىپ يەرگە تۆكۈلمەستە يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.زەھرىلقۇتىنى دەپ ئاتىلىدۇ.


تەبىئىتى :ھۆل ئىسسىق


تەسىرى ۋە ئاساسى داۋالايدىغىنى : يۈرەككە مەنپەئەت قىلىپ، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش،نېرۋىنى ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە تىنچلاندۇرۇش،ئىششىق ياندۇرۇپ ياللۇغ قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

مېڭە ئاجىزلاپ ،نېرۋىسى چارچاش،يۈرىكى سېلىپ ،ئىچى تىتىلداش، بەدەن ئىششىپ ياللۇغلىنىش،تېرە قىچىشىش، كۆيۈك يارىسى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى 515گرامغىچە


كىۋەز چىچىكى شەربىتى نۇسخىسى:

ئۆلچەملىك يىغىلغان چىچىكى 500گرام، زەپەر 5 گرام، يامغۇر سۈيى ياكى پار سۈيى 2كلوگرام، شىكەر 1.5كىلوگرام.

كېۋەز چىچىكىنى پاكىزە چايقاپ،كۆرسەتمىدىكى سۇغا بىر كىچە-كۈندۈز چىلاپ، 1.3كلوگرام (ئۈچنىڭ ئىككىسى )قالغۇچە قاينىتىپ سۈزۈپ،سۈيىگە شىكەر سېلىپ قىيامىغا كەلگۈچە قاينىتىلىدۇ،قىيام سۇۋۇغاندىن كېيىن زەپەرنى يۇمشاق ئىزىپ قىيامغا ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇۋە كۈندە ئۈچ قېتىم 3045 گرامدىن ئىچىدۇ.

تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق.

نېرۋىنى پەسەيتىش،تىنچلاندۇرۇش تەسىرىگە ئىگە بولۇپ، ھەر خىل نىرۋا كېسەللىكلىرى،ئۇيقۇسىزلىق،ھۇشسىزلىق،ئاياللارنىڭ خاپىغان(ھېستىرىيە يەنى بالىياتقۇ بوغۇلۇش)كېسەللىكلىرىگە ۋە كۈڭۈلنى خۇرسەن قىلىشقا ئىشلىتىدۇ، ئۇندىن باشقا ياشانغانلاردىكى مېڭې يىگىلەش ۋە يىغا تۇتۇشقا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.



يۇقىرىقى ئۇسۇلدا يىغىۋېلىنغان كىۋەز چېچىكىدىن بىر كىلوگرام، ئاق شىكەردىن ئۈچ كىلوگرامنى ئوبدان ئارىلاشتۇرۇپ تۇمۇز ئىسسىقتا پىشۇرۇپ قىزىلگۈلقەنتكە ئوخشاش ئىستىمال قىلىپ بەرسىمۇ يۈرەك مېڭە نېرۋىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.  





كىۋەز يىلتىزى ۋە يىلتىز پوستى سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ ،يۈتەل توختىتىدۇ.


پاختا بەدەننى قىزىتىدۇ،يارىلارنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ،جاراھەتلەرنى قۇرۇتىدۇ،ئىششىقلارنىڭ ئۈستىدىن ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە ،ئاغرىق پەسەيتىدۇ، كۆيدۈرۈپ كۈلىنى مۇۋاپىق مەلھەملەرگە قوشىدۇ.


چىگىت مېغىزى بولسا مەنى ۋە سۈت پەيدا قىلىش ، باھ ۋە ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلەش،بەدەننى سەمرىتىش،بەلغەم بوشىتىش، پارقىرىتىش،سۈيدۈك ھەيدەش تەسىرى بار بولۇپ، ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما بۆرەك ياللۇغى ، بەدەن ۋە باھ ئاجىزلىقى ،سۈت ۋە مەنىي كەملىك،بەلغىمى يۆتەل قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. يەنە تەركىبىدە فوسفورنىڭ مىقدارى كۆپ بولغاچقا سۆڭەكلەرنى مۇستەھكەم قىلىدۇ، چىگىت مېغىزى پۈتۈن ئەزالارنى قۇۋۋەتلەشتىكى ئەرزان دورىدۇر.


تادۇبەگنىڭ كۆلبىسى


kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-7-22 20:07:10

چىگىت يېغى ئەرزان دەپ يېزىلاردا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. لېكىن سۈپىتى باشقا ياغقا يەتمەيدىغاندەك كۆرىنىدۇ. بىر ئوقۇتقۇچىمىز چىگىت يېغى بەك قۇۋۋەتلىك، لېكىن ھازىر دىھقانچىلىق دورىلېرىنى جىق ئىشلەتكەچكە چىگىت يېغىنىڭ زەھەرلىك تەركىبى يۇقۇرلاپ كەتتى دەپ خېلى قاقشىغانتى.

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2013-7-24 08:11:05

بىز تارىختىن بۇيان قىچا يېغى ئىشلىتىمىز.چىگىت يېغىنى ئاساسەن ئىشلەتمەيدۇ.
بەت: [1]
: كىۋەزنىڭ مۇنداق پايدىلىرى بار....