kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 20:18:48

ئېنگىلاند سېسىق پاراڭلېرى[كۆچۈرۈلمە]

مەزكۇر تېما پۇتبول مۇنبىرىدىكى بەختىيار ئىسىملىك توردىشىمىزنىڭ تېمىسى. ئىزدىنىشتىمۇ پۇتبولغا قىزىقىدىغانلار كۆپ بولغاچ كۆرۈپ باقسۇن دەپ يوللاپ قويدۇم.


-----------



ھەر قايسى زەردارلارنىڭ پۇتبول تاكتىكىسى :

چېلسىي :سۈرى پاستىن بىرنى چىقىرىش ، توررېس يالغۇز ۋارتا بىلەن قېلىش .

يۇۋىنتىس :پاكار پاس چىقىرش ، جوۋىكى كاللا توپ تالىشىش .

مادىرىد:  س.رونالدو يىراق توپ ئۇرۇش ،س.رونالدو ئختىيارى توپ ئۇرۇش ، س.رونالدو كاللا توپ ئۇرۇش ،س.رونالدو قايدۇرۇپ توپ ئۇرۇش ، س.رونالدو ھەرخىل توپ ئۇرۇش .



مانچىستېر : قارشى تەرەپنىڭ چەكلەنگەن رايونىغا ئېلىپ كىرىش ، ۋېبو پۈشتەك چىلىش





-------------------------------------------------------------



مانچىستېر« بىزدە ۋارتا بەك كۆپ كىمنى چىقىرىشنى ئۇقمايمىز »

چېلسىي «بىزدە بېكلار بەك كۆپ كىمنى چىقىرىشنى بىلمەيمىز »

مادىرد « بىزدە ئوتتۇرا مەيدان بەك كۆپ ،بىراق كىمنى چىقىرىشنى بىلىمىز »



مىلان «بىزدە قارتەنلىكلەر بەك كۆپ ، كىمنىڭ مەيدانغا چىققىنىنىمۇ بىلمەيمىز»






---------------------------------------------------------



نۇرغۇن يىللاردىن كىينكى پۇتبول ساھاسى :



س. رونالدو بىلەن مىسسى بىللە .

پېپې ،دېجوڭ «چامباش سىنىپى» جوڭگوغا تەكلىپ قىلىندى .

مويېس بۇ 10 يىلدا مانچىستېرنى ئاران 3 قېتىم بىرلەشمە چىمپىيونلىقى قىلدى ، ۋېبو ئامال يوق چىكىندى .

لىۋېرپول بىرلەشمە لوڭقىسىنى ئېلىپ 2012 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى لوڭقىنى ئالدى .

ئارسىنال لامانسىيانى يېڭىپ ، ياۋروپادىكى ئەڭ ياخشى ياشلار بازىسى دىگەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى .

چېلسىي سەپ شەكلىنى تەتۈر ئۆرۈپ ياۋروپانى سورىدى .



مانچىستېر شەھىرىچۇ ؟ ئەپسۇس نېفىت بايلىقى قېزىلىپ تۈگىدى









------------------------------------------------------

ئاجاكىس :بىز ياشلار تاللا بازىرى .

ئارسىنال :بىز كوماندا باشلىقى تاللا بازىرى .

ماىرىد :بىز ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ تاللا بازىرى .

چېلسىي : بىز جۇگو بىرلەشمىسىنىڭ تاللا بازىرى



----------------------------------------------------------



بارسىلونا تاكتىكىسى : قارشى تەرەپ قاتتىق توپ تالىشىش ، دەر ھال يىقىلىش ، رېپىرنى ئورىۋىلىش



-------------------------------------------------------------

مال سىلىشتۇرۇش سىتاستىكى



ۋانپىرىس : باھاسى 2400 تۆمەن  ، كىرگۈزگەن توپ 11  ،  سەرپ قىلغان ۋاقىت :3 ئاي

توررېس : باھاسى 5000 تۆمەن     ، كىرگۈزگەن توپ 11 ، سەرپ قىلغان ۋاقىت : 2 يىل



ئىستىمالچىلارنىڭ سەمىگە : باھاسى قىممە بولسىلا ياخشى بولىشى ناتايىن  

---------------------------------------------------------------





پۈتۈن ياۋروپادىكى ئەڭ قورقۇنۇشلۇق ساھىبخان مەيدان قايسى ؟  نوكامپۇ ؟ ياق ،  كونا تىرافود ؟ياق ، ۋىستىفالۇن ؟ ياق ياق

بۇنىڭغا ئانفىيلىدتىن باشقىسى مۇناسىپ ئەمەس ، چۈنكى لىۋېرپولنىڭ ئۆزىمۇ 3 نۇمۇرنى تولۇق ئىلىشى ناھايىتى قىيىنغا توختايدۇ  



--------------------------------------------------------------



مانچىستېر تېرنېرى :«ئارقىدا قالدۇق ، كىچىك پۇرچاقنى چىقىرىڭلار » مانچىستېر غەلبە قىلدى .

شەلىكلەر تېرنېرى :« ئارقىدا قالدۇق ، زېكونى چىقىرىڭلار »              شەلىكلەر غەلبە قىلدى.

چېلسىي تېرنېرى :« ئارقىدا قالدۇق ، توررېسسىنى چۈشۈرۋىتىڭلار »    تېرنېر ئىشتىن بوشىتىلىدى









-----------------------------------------------------------------



چېلسىينىڭ ھازىرقى سەپ شەكلىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك يېرى ، تەتۈر ئۆرۈپ ئوينىغىلىمۇ بۇلىدۇ .



(بۇ يەردە بېكلىرىنىڭ جىق توپ تىقىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ، يەنە توررېس تۆمۈر بېكمۇ بار )





-----------------------------------------------------------------



بىر كۈنى مەشىق دەرىسىدە ... ئوزىل تېزلىك بىلەن يۆلىنىش ئۆزگەرتىپ ، سۈرەت بىلەن پېپېنى ئۆتۈپ كەتتى ...ھەممىسى ھەيران قالدى ...ئوزىل چىچىنى ئوڭشاپ قۇيۇپ «مىنى دىمارىيا دەڭلا » ... بىردەمدىلا ئوزىل 4 قېتىم ئالداش ھەركىتى ئىشلىدى ...ئوزىل يەنە چىچىنى ئوڭشاپ قۇيۇپ « مىنى س.رونالدو دەڭلا » ...  ئوزىل تۇيۇقسىز ئۆزىنى يانغا ئېتىپ توپنى توسىۋالدى ... چىچىنى ئوڭشاپ قۇيۇپ «مىنى كاسىلىياس دەڭلا » ....   ئوزىل ھېرىپ كېتىپ ئورۇنداققا بېرىپ ئولتۇردى ، كاكا يۈگرەپ كىلىپ  :« ئۆزىل مىنى قاچان دورايسە ؟»  ...  ئوزىل جاۋاپ قايتۇرۇپ :« ئەجىبا ھازىر سىنى دوراۋتقىنىمى ھېس قىلاممىدڭىما ؟ »





-------------------------------------------------------------



ياۋروپا ئۇزغۇنلىق جېڭى : سىكولىس قاتتىق قوپال ھەركەت چىقرىپ سېرىلىپ كەلدى ، ئارۋىس دەرھال يىقىلپ چۈشتى . رېپىر كىلىپ سىكولىسقا قىزىل كارتا بېرىپ مەيداندىن چىقرۋەتتى ۋە ئارۋىسقا بىر سېرىق كارتا بەردى . ئارۋىس قاتتىق ئەجەپلىنىپ : «رېپىر بۇ نىمە قىلىغىنىڭ ، ئۇنى چۈشۈرۋىتىپ يەنە ماڭا سېرىق كارتا بېرىۋاتىسەنغۇ ؟ مەن يالغان يىقىلمىسام ؟ »

رېپىر : «ئۇنىڭ پۇتلىغىنى ئنىسىتا .»



بۇنى چۈشەندىڭلارمۇ  ؟

---------------------------------------------------------------



قۇشۇپ بېرىلگەن ۋاقىت توشاي دەپ قالدى ، مەن لامپاردنڭ پۇتىدىكى توپنى توسىۋالدىم ، توپ جىگىسنىڭ پۇتىغا چۈشتى ، رۇنىغا پاس بەردى ، رۇنى توپ تىقتى !!!! ھالقىلىق توپ !!! مەن خوشاللىقىمدىن ھاياجىنىمنى باسالماي ، كىيمىمنى سەۋىتىپ ، يۈگرۈپ بېرىپ تاماشىبىنلار بىلەن تەڭ تەبرىكلىدىم .



مەن ئادەم توپىدىن چىقىپ ، كىيمىمنى كىيىپ ، چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگىنىمنى ھىس قىلدىم .



ئاپلا پۈشتەك چىلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن



---------------------------------------------------------------



11- ئاينىڭ 11 -كۈنى دۇنيا پۇتبول بايرىمى ، بىراق مانچىستېرنىڭ 12- ئاينىڭ 11-كۈنى ، بارسانىڭ بولسا 12 -ئاينىڭ 10-كۈنى .



بۇنى چۈشەنگەنلەر بەك ئازغۇ دەيمەن



---------------------------------------------------------------



ياپونىيەلىك مۇخبىر گېرمانىيە داڭلىق كونا توپچىسى بېكىنبورنى زىيارەت قىلدى .«سىز پورتىگالىيە كوماندىسىدىكى كىمنى ئەڭ ياخشى پۇتبولچى دەپ ئويلايسىز ؟»

بىكىنبور: « نانى » .

ياپونلۇق مۇخبىر قايتا سورىدى :«سىز پورتىگالىيە كوماندىسىدىكى كىمنى ئەڭ ياخشى پۇتبولچى دەپ ئويلايسىز ؟»

بكىنبوېر « نانى » .

ياپونلۇق مۇخبىر «باگايالۇ !!! »



نانى دىگەن سۆز ياپونچىدە «نىمە ؟ چۈشەنمىدىم ؟» دىگەن گەپ



--------------------------------------------------------



توررېسنىڭ مىسسدىن يامانلىقنى ئىسپاتلايدىغان 15 ئامىل



1.توررېسنىڭ بويى 1مىتىر 83 ، مىسسىنىڭ 1 مىتىر 69

2.توررېس دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيونى بۇلۇپ باققان ، مىسسى بۇلۇپ باقمىغان .

3.توررېس ياۋروپا لوڭقىسى چىمپىيونى بۇلۇپ باققان ، مىىسى بۇلۇپ باقمىغان .

4.توررېس ياۋروپا لوڭقىسى ئالتۇن كەشىنى ئالغان ، مىسسى ئەپ باقمىغان .

5.توررېس ئىتتىپاق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچقا كىرىپ باققان ، مىسسى كىرىپ باقمىغان .

6.توررېسنىڭ ئىككى بالىسى بار ، مىسسىنىڭ 1 سى بار .

7.توررېسنىڭ ھازىرغىچىلىك بولغان جەمئى يۆتكىلش ھەققە 8000 تۆمەن ياۋرو . مىسسىنىڭ 0 .

8.توررېس ئىنگىلاند ئەڭ مۇنەۋەر سەپ شەكلىگە كىرگەن ، مىسسى كىرىپ باقمىغان .

9.توررېس مادىرد رېقابەتتە توپ تېپىپ باققان ، مىسسى تېپىپ باقمىغان .

10.توررېس لىۋېرپولدا توپ تېپىپ باققان ، مىسسى تېپىپ باقمىغان .

11 .توررېس چېلىسيدا توپ تېپىپ باققان ، مىسسى تېپىپ باقمىغان .

12.توررېس ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسدا توپ تېپىپ باققان ، مىسسى تېپىپ باقمىغان .

13.توررېسنىڭ ئىنگىلىزتىلى سەۋىيەسى ، مىسسىنىڭىدىن ياخشى .

14.توررېسنىڭ twitter دا 81 تۆمەن مەستانىسى بار ، مىسسىنىڭ twitter سى يوق .

15. توررېسنىڭ ئىسمى مىسسىدىن ئۇزۇن  22 ھەرپ . مىسسىنىڭ LionelAndrésMessi 17 ھەرپ .



------------------------------------------------------------



ئىنگىلاند ئۇيۇشمىسى نۇمۇر رەت تەرتىبى تەڭ بۇلۇپ قالغاندا قانداق ئايرىش ئۈستىدە يىغىن ئاچتى .



مەنچىنى :مىنىڭچە  تىققان توپ سانى ئەڭ جىق كوماندىنى تاللاش كېرەك .

فۇرگىسىن :مىنىچە قايسى كوماندا ئەڭ كۆپ 1-0 قىلغىنىغا قاراش كېرەك .

بېنىتز : مىنىڭچە ئوتۇرىچە يىشى ئەڭ چوڭ كوماندا مۇۋاپىق .

روجېس :مىنىڭچە تۆۋرۈككە تەككۈزگەن سانى ئەڭ كۆپ كوماندىنى تاللاش كېرەك .

ۋېنگىر : ھەممىڭلارنىڭ بەك ئاۋارچىلىقكەن ، كوماندىنىڭ ئەڭ بىشىدىكى ھەرىپى بۇيىچە تىزىلسۇن ، بولدى يىغىن ئاخرلاشسۇن .

( ئارسىنالنىڭ بىشىغا A كىلىدۇ ئەمەسمۇ )









-----------------------------------------------------------



ئارسىنال يەنە ئىنگىلاند بىرلەشمىسى رەت تەررتىبى بىرىنجى ئورۇنغا ئۆتىدىغان بولدى ، نەق ئىككى ئاي دەڭلا تېخى ...










----------------------------------------------------







ئاخشام تېررىي كېچىلىك قاۋاقتا ئولتۇرۇپ قالدى ، ھاراق قۇيىدىغان ئادەم تېررىيدىن سورىدى :« ھەي ، يېقىندىن بېرى لامپارد دىگەن ئاغىنەڭ بىللە كەپ ھاراق ئىچمەيدىغان بوپ قالدىغۇ ؟»

تېرررىي دىدى :« سەندىن بىر سوئال سوراي ، كۈندە يالغان سۆزلەيدىغان ، ۋاقىتقا ئېتىبار بەرمەيدىغان ، پۇل سوراپ قايتۇرمايدىغان ، ھاراق ئىچىۋالسا ئۇرىشىدىغان ، خوتۇنىڭغا چاقچاق قىلىدىغان مۇشۇنداق ئادەم بىلەن كۈندە بىللە ھاراق ئىچىشنى خالامسەن ؟»

«توۋا ! ئەلۋەتتە خالىمايمەن .» ھاراق قۇيىدىغان ھەيران قالدى .

«شۇ ، لامپاردمۇ خالىمايدىكەن »







---------------------------------------------------







توررېسنىڭ  CSئوينىشى










---------------------------------------------------





بىر كۈنى مۇنبەردىكى مادىرىد مەستانىسى ئوسكار بالىسى بىلەن قار ئادەم ياساۋاتىدى ، ئوسكار بالىسىغا :«بالام بۇ قار ئادەمگە ئىسىم قۇيايلى ، قار ئادەمنىڭ ئىسمى بولمىسىا بولمايدۇ ، نىمە دەپ قويساق بۇلا ؟»

بالىسى :«كاكا دەپ قويساق بۇلامدۇ؟ »

بۇ كۆڭلىدە خوش بۇلۇپ  بالاممۇ مادىرىد مەستانىسى بۇلۇپ يىتىلىپتۇ ، كاكاغا ئامراقكەندە دەپ ئويلاپتۇدە , بالىسىدىن سوراپ :« بالام نىمىشقا ئۇنىڭغا بۇ ئىسىمنى قۇيۇشنى ئويلىشىپ قالدىڭ ؟ »

بالىسى قايتۇرۇپ :« چۈنكى قار ئادەممۇ كاكاغا ئوخشاش ھېچ ئىش قىمماي قۇرۇق ئولتۇرىدىغان تۇرسا »





-------------------------------------------------------





ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ سادىق ئۈچ كوماندا باشلىقى







-------------------------------------------------------







يېقىندا بارسانىڭ خۇملىسنى سېتىۋالىدىغان خەۋەرلىرى چىكەتتى ، بىراق خۇملىس بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلدى ،ئۇ ئۆزىنىڭ بارساغا يۆتكىلىدىغان يۆتكىلىش ھەققىنى تېخى تېپىپ بۇلالمىغانلىقىنى بىلدۈردى







-------------------------------------------------------







بارسا ياشلار بازىسى --لامانسىيا ئەرتىسلەر مەكتىپى

مادىرىد ياشلار بازىسى -- كاستىيا گۇمپا فاكولتىتى

ئىنگىلاند كوماندىلىرىنىڭ ياشلار بازىسى --«قۇياش گېزىتى»

بايرىن ياشلار بازىسى -- گېرمانىيە بىرلەشمىسى

مانچىستېر شەھىرى ياشلار بازىسى -- ئارسىنال







-------------------------------------------------------







.ئۇتالمىساق قانداق قىلىمىز ؟



گوتېز :شۇلارغا قۇشۇلۇپ كىتىمىز

سۇئارېز : ئۇلارنى يەۋەتىمىز

پېپې :ئۇلارنى چانىۋىتىمىز

تېررىي : خوتۇنىنى كەلتۈرۋالىمىز











--------------------------------------------------------







لىۋېرپولنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىقىنىنى قارشى ئالىمىز ! نىمە ؟ ئىسپات كېرەكمە ؟  ئارسىنالنىڭ كوماندا باشلىقىدىن بىرنى ئېلىپ كەلدى ئەمەسمۇ ---كېلو. تۇررىي







-----------------------------------------------------







كىم جۇڭگو كوماندىسىنى بولمايدۇ دەيدۇ ؟ يېقىندىلا ئاسىيا لوڭقىسى ئالدى -- ئەمالار پۇتبول مۇسابىقسى

كىم ئارىسنالنى لوڭقا ئالالمايدۇ دەيدۇ  ؟ يېقىندىلا ئۇيۇشما لوڭقىسى ئالدى -- ئاياللار پۇتبول كوماندىسى









----------------------------------------------------







مادىرىتىكى زاپاس ۋارتانىڭ كېرىكى قالمىدىمۇ ؟ ياق خاتالاشتىڭىز





----------------------------------------------------

پۇتبول دىگىنمىز مەيداندا بىر تۈركۈم ئادەم  ئالدىراش بوپ كېتىدىغان ، ئەڭ ئاخىرىدا توررېس ھەممە شان شەرەپكە ئېرىشىدىغان بىر خىل ئۇيۇن .






تېننىس توپتا 7 نى تالىشىقا ئەڭ ئۇستىسى ، فېدلېر بىلەن دېيوكوۋىچ : ۋاسكىتبولدا ھەل قىلغۇچ مۇسابقىدە  7 نى تالىشىشقا ، ئەڭ ئۇستىسى جەمىس بىلەن كوبى ؛ پۇتبولدا بولسا 7نى تاشلىشىقا ئەڭ ئۇستىسى لىۋېرپول



------------------------------------------------------------------



مانچىستېرنىڭ تارقىتىلغان يۆتكىلىش خەۋەرلىرىنىڭ توغرا بۇلۇش نىسبىتى  1% كەن ،دۇنيا بۇيىچە ئىككىنجى ئارقىدا ، ئەڭ ئارقىدا تۇرىدىغىنى ، ھازىر ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ رەت تەرتىبى بىرىنجى ئورنىدا تۇرۇۋاتقان كوماندا شۇ



تۆنۈگۈن تېلۋىزۇردا «تەڭداشسىز پۇتبول»كۆرۈۋىتىپ ، فۇرگىسىننىڭ 10 چوڭ سېتىۋالغان ئادىمىدە ، ئەڭ مۇھىم ئادەمنىڭ كاملىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم





--------------------------------------------------------------



ئىسپانىيەدىن 10 توپ يەپ كەتتى دەپ ، تاشىتنى زاڭلى قىلماڭلار ، ئۇلار نەچچە يىل بۇيانقى ئالغان لوڭقىسى ئىنگىلاند زەردارى ئارسىنالنىڭكىدىنمۇ جىق ...



-------------------------------------------------------------



تۈرمىدىن قېچىشنىڭ پات ئارىدا يېڭى بۆلىمى ئىشلەنمەكچىكەن .








--------------------------------------------------------------



ھەي پېك !

نىمە ؟

ما چىراي ئىپادىسىنى چىقىرالامسەن ؟

....





-------------------------------------------------------------------

فۇلەينى ماركىلىق يېمەكلىك







-------------------------------------------------------------------




ئارسىنال 20 كۈن بۇرۇن يۆتكىلىش رىكورت بۇزۇپ ھېگۇيىننى سېتىۋىلىشقا يېقىنلاشتى،

ئارسىنال 10 كۈن بۇرۇن يۆتكىلىش رىكورت بۇزۇپ ھىگۇايىننى سېتىۋىلىشقا يېقىنلاشتى،

ئارسىنال يېقىندا يۆتكىلىش رىكورت بۇزۇپ ھىگۇايىننى سېتىۋالماقچى،

ئارسىنال كەلگۈسى 10 كۈن ئىچىدە يۆتكلىشى رىكورتى بۇزۇپ ھىگۇايىننى سېتىۋالماقچى،

ئارسىنال كەلگۈسى 20 كۈن ئىچىدە يۆتكلىشى رىكورتى بۇزۇپ ھىگۇايىننى سېتىۋالماقچى،

يۆتكلىش ئىشىكى ئىتىۋىتىش ئالدىدا ، ئارسىنال ھىگۇيىنغا ئەڭ ئاخىرقى باھاسىنى قويماقچى ،

يۆتكلىشى ئىشىكى ئېتىلىدى ، ۋېنگىر : ئەزەلدىن ھىگۇيىننى ئالىمەن دەپ باقمىدىم





-------------------------------------------------------------------





مۇسابقىنى قانداق كۆرگەندە زېرىكمەيدۇ ؟









-----------------------------------------------------------------







----------------------------------------------------------------



دۇنيادىكى 10 چوڭ يالغان گەپ



1.ئاشپۇزۇل : تاماق ھازىر چىقىدۇ

2.خىزمەتدىشىڭىز : سىنى باشقا كۈنى تاماققا تەكلىپ قىلاي

3.باشلىق : مەن ئىككى ئېغىز گەپ قىلاي

4.كىيم دۇكىنى : بۇ كىيىم سىز ئۈچۈنلا لاھىلەنگەن

5.ئېرىڭىز : ھازىر يىغىن ئىچىۋاتقان .

6.ئوقۇتقۇچى : ئىككى مىنۇت ۋاقتىڭلارنى ئالاي

7.ئىچىۋىتىش كارخانىلىرى : ئۆينىڭ باھاسى يەنە ئۆسىدۇ

8 . دوختۇرخانا : بىز پۈتۈن كۈچىمىزنى چىقاردۇق

9.ئاپىڭىز :ھېيتلىق پۇلۇڭنى مەن ساڭا ساقلاپ بېرەي

10ئارسىنال : يازلىق يۆتكىلىشكە 7000 تۆمەن تەييارلاپ قويدۇق .



----------------------------------------------------------------



كاماچاۋ ئىشتىن چۈشتى ، قايسى چەتئەللىك تېرنېر جۇڭگونى يېتەكلەيدىغاندۇ ؟



1.فۇرگىسىن ، ئاقىۋەتتە : پۇتبول جەمىيىتى بىلەن تىللىشىپ ئىشتىن چۈشتى .

2.بېرسا ،      ئاقىۋەتتە  :توپچى بىلەن تىللىشىپ ئىشتىن چۈشتى .

3.مۇرىننىئو،   ئاقىۋەتتە   : مەستانىلەر بىلەن تىللىشىپ ئىشتىن چۈشىدۇ .

4. گۇادىئولا  ،ئاقىۋەتتە  : پۇتبولچىلارنىڭ يازغان كىتابى توغۇرلۇق ئۇرۇشۇپ ، ئىشتىن چۈشتى .

5.ۋىنگىر ، ئاقىۋەتتە: جۇڭگونىڭ كوماندا باشلىقىنى تايلاندقا سېتىۋىتىپ ئىشتىن چۈشتى



-------------------------------------------------------------------



ئارسىنال مەستانىلىرىنىڭ ھەر يىلى يازلىق يۆتكىلىشتە قىلىدىغان ئىشى









------------------------------------------------------------------



ئەسلى مەنبە.


http://bbs.putbol.cn/thread-36285-1-4.html


ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 23:56:09

\"\" مانى تەتۈر قىپ كۆرۈڭ \"\"

بەك كۈلىۋەتتىم

1111دىگەننى چۈشەنمىدىمغۇ راسىت

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 23:59:32

1- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

\"\" مانى تەتۈر قىپ كۆرۈڭ \"\"

بەك كۈلىۋەتتىم

1111دىگەننى چۈشەنمىدىمغۇ راسىت



11- ئاينىڭ 11 -كۈنى دۇنيا پۇتبول بايرىمى ، بىراق مانچىستېرنىڭ 12- ئاينىڭ 11-كۈنى ، بارسانىڭ بولسا 12 -ئاينىڭ 10-كۈنى .



مانى دەمسىز زىيالى؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-7-20 00:00:31

شۇ \"\"

11-ئاينىڭ 11-كۈنى پۇتبول بايرىمىما؟

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-7-20 00:06:03

11-ئاينىڭ 11-كۈنى پۇتبول بايرىمى ئەمەس سىز مىنىڭ بايرىمىمىز بويتاقلار بايرىمى.

يۇقۇرقىلار سىمۋوللۇق گەپلەر. پۇتبولنى ئەسلى 11 گە قارشى 11 ئوينايدۇ. ئېنگىلاند ۋاستىلېرى ئىزچىل ۋېيبو پۇشتەك چالسا مانچىستېرغا يان باسىدۇ دەپ قارايدۇ. شۇڭا ۋېيبو مانچىستېرنىڭ 12-ئادىمى دەپ قارايدۇ. ۋېيبو پۇشتەك چالغاندا مانچىستېر بىلەن قايسىلا كۇلۇب مۇسابىقە ئوينىسا 12 گە قارشى 11 ئوينىغان بولىدۇ. 12-ئاينىڭ 11-كۈنى دىگەن شۇ.

بارسىلونا بولسا رېپىر بارسىلوناغا يان باسىدۇ يان باسقاندىمۇ دىروگباغا قىزىل كارتا بەرگەندەك دائىم قارشى تەرەپ ھۇجۇمچىسىغا قىزىل كارتا بېرىپ قارشى تەرەپ 10 ئادەم بىلەن قالىدۇ. شۇڭا بارسا بىلەن مۇسابىقە ئوينىغان كۇلۇب دائىم 12 قارشى 10 بولۇپ قالىدۇ. 12-ئاينىڭ 10-كۈنى دىگەن شۇ.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-7-20 00:08:33

\"\"

مۇنداق گەپكەندە

ئۇنداق بولسا بارسا بىلەن مادرىت 12دە 10 ئوينايدىكەن

پ پ دىگەن ئاداش بارسانىڭ \"\"

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-7-20 00:12:32

5- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

\"\"

مۇنداق گەپكەندە

ئۇنداق بولسا بارسا بىلەن مادرىت 12دە 10 ئوينايدىكەن

پ پ دىگەن ئاداش بارسانىڭ \"\"

شۇ ئەمەسمۇ ئامال قانچە. بارسىلونا بىلەن مادرىدنىڭ مۇسابىقىسى ئەزەلدىن ۋەھشى قىزىيدۇ. راموس بىلەن پى پى پالۋاننىڭ ئاچچىقى يامان دائىم كارتا يەيدۇ.

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-20 00:37:45

‏راست بەك قىززىق ئىكەن، تورىس بىلەن بارسىلونا ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى بوپتۇ!

‏لىكىن يىقىنقى ئىككى يىلنىڭ ياقى بارسىلونا رىپىردىن كۆپ زىيان تارتتى بۇلۇپمۇ ئالدىنقى يىلى رىپىر سەۋەپلىك كەتكۇزگەن نۇمۇرى بىۋاستە ئاخىرقى چىمپىيۇننى بەلگىلىدى.

‏ۋىنگىر قايىل بولمىسا بولمايدىغان تىرىنىر،ئۇزغۇنلۇقتا ئۇدا ئۈچ يىل مەيدىسىنى تىك كۆتۇرۇپ چىقىپ كەتتى

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-7-20 00:41:48

7- قەۋەتتىكى elxat421نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

‏راست بەك قىززىق ئىكەن، تورىس بىلەن بارسىلونا ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى بوپتۇ!

‏لىكىن يىقىنقى ئىككى يىلنىڭ ياقى بارسىلونا رىپىردىن كۆپ زىيان تارتتى بۇلۇپمۇ ئالدىنقى يىلى رىپىر سەۋەپلىك كەتكۇزگەن نۇمۇرى بىۋاستە ئاخىرقى چىمپىيۇننى بەلگىلىدى.

‏ۋىنگىر قايىل بولمىسا بولمايدىغان تىرىنىر،ئۇزغۇنلۇقتا ئۇدا ئۈچ يىل مەيدىسىنى تىك كۆتۇرۇپ چىقىپ كەتتى

ۋېنگىر ھېلىقى 70 مىليوننى يەنە خەجلىمەي يازنى چىقىرۋەتسە كىلەر پەسىلدە مەيدىسىنى تىك كۈتۈرەلمەي قالارمىكىن...ئارسىنال تېخى بىرەمۇ پۇتبولچى سېتىۋالمىدى. ھېلىمۇ بەك سەۋرچانكەن ئارسىنال مەستانىلېرى...

joshua يوللانغان ۋاقتى 2013-7-22 22:02:22



يېقىندا بارسانىڭ خۇملىسنى سېتىۋالىدىغان خەۋەرلىرى چىكەتتى ، بىراق خۇملىس بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلدى ،ئۇ ئۆزىنىڭ بارساغا يۆتكىلىدىغان يۆتكىلىش ھەققىنى تېخى تېپىپ بۇلالمىغانلىقىنى بىلدۈردى





ماۋۇسى زادى بەك قىززىقكەن.

falcon921 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-24 13:57:38

بارسىلونانى ئوخشىتىش جايىدا بوپتۇ ھە \"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-7-25 13:03:41

ئارسىنال بىزنىڭ مەھەلىگە كەپتىكەن.ئەتىدىكى مۇسابىقىسنىڭ بېلىتى چىقىپ قالدى.بارىمىزمۇ بارمايمىزمۇ دەپ ئىشخانىدىكى بالا بىلەن ئىككىلىنىپ قالدۇق. \"\"

ئارسىنالدا مەن تۇنۇيدىغانلار قالماپتۇ \"\"

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-7-25 19:30:47

ھېچكىمنى تۇنۇمىساڭلار ۋېىگىرنى بولسىمۇ تۇنۇيدىغانسىلەر زىيالى ھى ھى ھى. ياپۇنلار قاتتىق خوش بولۇپ كەتكەندۇ. ئارسىنالدا بىر ياپۇنلۇق بالا بار ھازىر.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-7-26 12:31:11

تۆنۆگۈن بارمايدىغان بولغاندا بىلەت جىق

بۈگۈن تۇيۇقسىز بارايلى دەپ قارار قىلساق بىلەت يوق ئەمدى \"\"


بەت: [1]
: ئېنگىلاند سېسىق پاراڭلېرى[كۆچۈرۈلمە]