loituma يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 19:44:21

ئۇيغۇر ئاچا-سىڭىللىرىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى كىم توسماقچى بولۇۋاتىدۇ[كۆچۈرۈلمە]

ئۇيغۇر ئاچا-سىڭىللىرىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى كىم توسماقچى بولۇۋاتىدۇ






  مەن بىر ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتچىسى، بۇ خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا ئالتە يىل بولدى. بۇ جەرياندا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى 156 شەھەر-بازار، مەھەللە باشقارمىسى، مەھەللىگە باردىم. مەيلى شەھەر-بازاردا بولسۇن ياكى يېزا-كەنتتە بولسۇن ياكى دېھقانلار بولسۇن، ھەممىسى خاتىرجەم، مۇقىم شارائىتتا بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.


  خوتەن بازارلىرىدا ھەر خىل ئەتلەسلەرنى كۆرۈپ قايسىسىنى تاللاشنى بىلەلمەي قېلىۋاتقان ئاچا-سىڭىللىرىمىز، قەشقەردىكى ھېيتگاھ جاماسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قاش قەلىمى ( قوي يېغى بىلەن ئوسما سۈيى ئارىلاشتۇرۇپ ياسالغان)نى ماڭا تونۇشتۇرغان چوڭ ياشلىق ئىككى ھەدىمىز ھېلىھەم ئېسىمدە. چىرايلىق قىزلىرىمىزنىڭ قاشلىرىغا مانا مۇشۇنداق سۈرۈلگەن.


  بىزنىڭ ئاچا-سىڭىللىرىمىزنىڭ چېچىنى ئاسرايدىغان ئۆزىگە يارىشا ئامال-چارىلىرىمۇ بار. ئۇلار دائىم ئۆزلىرى تەييارلىغان جىگدە يېلىمى بىلەن چېچىنى تارايدۇ، بۇ يېلىم ھەم ئەرزان، ھەم ئۈنۈمى ياخشى. ئۇنى چاچقا سۈركىسە، ئۇ قۇرۇغاندىن كېيىن چاچ شۇنداق پاقىرايدۇ، بىر قېتىم تاراپ قويغان چاچنى بىر نەچچە كۈن تارىمىسىمۇ بولىدۇ.


   بىراق بۈگۈنكى كۈندە چوڭ-كىچىك كوچىلاردا قارا ئابايى-ھىجاپ كىيىگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى كۆپ ئۇچرىتىدىغان بولۇپ قالدىم. بۇ كىيىمنى كىيسە، ئۇلارنىڭ چىرايلىق چاچلىرى كۆرۈنمەيلا قالماي، قاش-كۆزلىرىمۇ كۆرۈنمەيدىكەن. بۇنى كۆرگەندىن كېيىن مەندە ۋە ئەتراپىمدىكى كىشىلەردە ئەجەبا ئەرەب ئەللىرى كىيىدىغان بۇ كىيىم نېمە دەپ شىنجاڭدا پەيدا بولۇپ قالىدۇ؟


  ئاتا-بوۋىمىز قوبۇل قىلمىغان بۇ خىل«ئىمپورت مەھسۇلات» نېمە ئۈچۈن 21 –ئەسىردىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ئۇچىسىدا پەيدا بولۇپ قالىدۇ؟ دېگەن پەيدا بولدى.


  قەدىرلىك ھەمشىرىلىرىم، سىلەرگە نېمە بولدى؟ سىلەرنىڭ شۇنچە چىرايلىق ئەتلەس كۆڭلىكىڭلار قېنى؟ ئوسما قويغان ئورغاقتەك چىرايلىق قاشلىرىڭلار، ئادەمنى شەيدا قىلىدىغان بۇلاقتەك كۆزلىرىڭلار قېنى؟ ئۆرۈم-ئۆرۈم چاچلىرىڭلار قېنى؟ يۈزىڭلارنى ئورۇۋالغان، ئۈستىڭلارغا قېلىن ئابايى-ھىجاب كىيىۋالغان چېغىڭلاردا ئۆزىڭلارنىڭ بۇ گۈزەل دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقەڭلارنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىنى؛ ساغلام، مەدەنىي، ئەركىن، بەختىيار تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇق-مەنپەئەتىڭلارنىڭ توسۇلغانلىقىنى؛ ئاياللىق سۈپىتىڭلار بىلەن گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇشقا ئۆزۈڭلارنى بېغىشلاش ھوقۇق-مەنپەئەتىڭلارنىڭ توسۇلغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟


  تارىختا بىز ئۇيغۇرلار دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە ئىسلام دىنىنى تاللىغان بولساقمۇ، ئەمما كىيىم-كېچەك ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى جەھەتتە ئىسلام دىنىنىڭ كىيىم-كېچەككە بولغان تەلىپىگە ئۇنچە قارىغۇلارچە ئەگەشمىگەن، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالغان ۋە راۋاجلاندۇرغان. بۇنى ئاساسەن جۇغراپىيەلىك مۇھىت كىلىمات ۋە ئىشلەپچىقىرىش شەكلى جەھەتتىكى پەرق بەلگىلىگەن، ئاساسەن دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇرلار ئەگەر كىيىم-كېچەك جەھەتتە ئابايى-ھىجابنى تاللىغان بولسا، بوستانلىقلاردىكى ئېتىزلاردا ئەركىن ئەمگەك قىلالمىغان بولاتتى. بۇ كىلىماتى قۇرغاق قۇملۇق رايوندا سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەرەبلەر بىلەن ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ئابايى-ھىجابنى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچىكى دېمەيمىز.


  ھەممىگە مەلۇمكى، بىز ئۇيغۇرلار ئوچۇق-يورۇق، شوخ مىللەت. بىز قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن مەشرەپلەردە ناخشا ئېيتىشقا، ئۇسسۇل ئويناشقا ئامراق. مەيلى شەھەر-بازاردا بولسۇن، مەيلى يېزا-كەنتلەردە بولسۇن، بىرەر مۇزىكا چىقسىلا قېرى-ياش، ئەر-ئايال دېمەي ئۆزىمىزنى تۇتالمايلا ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كېتىمىز. بىزنىڭ بۇ خىل خۇشال-خۇرام ياشاش ئۇسۇلىمىز نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇ ھېرىپ-چارچاشنى ۋە غەم-قايغۇنى تۈگىتىدۇ. بەزىلەر «ئۇيغۇرلار غەمسىز مىللەت» دەپ قارايدۇ. ئەگەر بىزنىڭ ئاياللىرىمىز پەرداز قىلماي، ئابايى-ھىجاپ كىيىپ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يۈرسە، بۇ خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلەمدۇ؟ بۇ خىل كىيىم بىلەن شادىمانە ئۇسسۇل ئوينىيالامدۇق؟ ھازىر بەزىلەر « ئابايى-ھىجاب مۇسۇلمان ئاياللىرى چوقۇم كىيمىسە بولمايدىغان كىيىم» دەۋاتىدۇ. ئەگەر بۇنى شۇنداق دېسەك، شۇنى سوراپ باقاي، بىزگە شۇ گۈزەللىكلەرنى قالدۇرغان ئايال ئەجدادلىرىمىز مۇسۇلمان ئەمەسمىدى؟ بۇ، ئەجدادلارغا قىلغان ھاقارەت ئەمەسمۇ؟


  مېنىڭچە، بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە زاۋال تېپىشى كۆپ ھاللاردا ئاياللارغا باغلىق. ئەگەر بىزنىڭ مىللىتىمىزدىكى ئاياللار كۆپچىلىكى بىلەن يۈزمۇيۈز ئالاقە قىلىشتىن، يېڭى پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىگىلەشتىن، مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ۋاز كەچسە، مىللىتىمىزنى كەلگۈسى كىشىنى ناھايىتى ئەندىشىگە سالىدۇ.


  بۈگۈنكى كۈندە بىز پەن تېخنىكا يۈكسەك تەرەققىي قىلغان، زامانىۋى مەدەنىيەت ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغان، زامانىۋى مەدەنىيەت ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان 21 –ئەسىردە ياشاۋاتىمىز. نۆۋەتتىكى «جۇڭگو ئارزۇسى» دۆلەت ئارزۇسىنى، مىللەت ئارزۇسىنى، شەخىس ئارزۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۆلەت بېيىپ قۇدرەت تاپقاندىلا، مىللەت ئاندىن روناق تاپىدۇ، خەلق بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. پۈتۈن مەملىكەت ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇساپىسىنى باشلىغان مۇشۇنداق چاغدا، ئەجەبا بىز دىنىي رادىكال ئىدىيەنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئىشىنىپ، ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىگە چېكىنىپ كەتسەك بولامدۇ؟ بۇ ھازىرقى زامانغا قىلچە ماس كەلمەيدۇ! بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ھېچقاچان ئۆز خوتۇن-قىزلىرىنىڭ يۈزىنى يېپىپ باققان ئەمەس، ئائىلىمىز ھېچقاچان ئاياللارنى ھەمداستىخان بولۇپ غىزالىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغىنى يوق، بىزنىڭ ياشلىرىمىزنىڭ ھېچقاچان بىلىم ئىگىلەش ۋە مەدەنىيەتكە ئىنتىلىش ئۈمىدىدىن ۋاز كەچكىنى يوق. ھەمشىرىلىرىم، 21 –ئەسىردىكى سوتسىيالىستىك جۇڭگودا ياشاۋاتقان بىز قالاق ئادەتلەرنى تاشلايلى، ئەركىن، بەختىيار تۇرمۇش ۋە قىممەتلىك كۈن نۇرىدىن بەھرىمان بولايلى!


ئاپتور: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى-زۇمرەت ئابلىكىم


مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

muztag يوللانغان ۋاقتى 2013-7-24 17:33:28

سۇمۇرۇغ تورىدىمۇ پەقەتلا مۇشۇ ئىككىسىنىڭ يازغان ماقالىسىگە چۇشكەن ئىنكاسنى كۆرگىلى بولمايدۇ، نىمە ئۇچۇن ؟ چۇنكى ماقالىنىڭ ئىددىيسىنى

مۇشۇ شىنجاڭدىكى بۇلاردىن باشقا ئىنساننىڭ قوبول قىلىشى مومكىن ئەمەس ئوخشايدۇ.

دىن بىلەن ئويناشماڭ !!!!!!!!!!!! بولۇپمۇ ما ئىشەنمەيدىغانلار قەتئى ئويناشماڭلار!!!!!!!!!! سىناپ بىقىشقىمۇ ئۇرۇنماڭلار.

بىزگە تىنچلىق، ئىتپاقلىق كىرەك!!!!!!!!!!!!!!!!!

مەن بىر ياۋاش ئادەم، بانكىنىڭ ئامبىرىنى قاراۋۇلسىز ئوچۇق قويۇپ قويسىڭىزمۇ، قىزىل باشلىق پۇلدىن بىرنى ئېلىۋلىشتىن خىجالەت بولىمەن.

ئەمما شۇنداق قارام كىشىلەر باركەن كۆرىۋاتىمىز، شۇنچە مۇداپىيەلەنگەن ، ساقچىلاردىن قورۇقماي ھاياتىنى ئاتىۋىتىدىكەن.

مۇشۇ سىياسىيۇنلارنىڭ نىمە مەخسىدى باردۇ ، بىر خۇدا ئۆزى بىلىدۇ،

ھە دىسە دىن بىلەن ئوينىشىدۇ، سىللەرمۇ بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس،

بۇيەر قالايمىقان بولسا سىللەرگە پايدىسى بارمۇ ؟ بار بولغان تەقدىردىمۇ ، مۇشۇ ناھەق قۇربان بولۇپ كىتىۋاتقانلارنى ئويلاڭلار، ئۇلارنىڭمۇ جۇڭگۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇسى بار.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 21:40:54

بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە گۈزەللىككە كىم توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ ئەمەس بەلكى ئوخشىمىغان ئىدىيەدىكى كىشلەرنىڭ نەزىرىدىكى گۈزەللىكنىڭ ئوخشىمىغانلىقىدا . باشقىلارنىڭ گۈزەللىك نۇقتىسىنى ماڭا ئوخشاش بولسىكەن دىگۈچىلەر گۈزەللىكنى ھەقىقى توسقۇچىلاردۇر . ئىنساننىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەللىك تۇيغۇسىىنى ئۆزىنىڭ مەۋقەسىگە بېقىندۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ ، باشقىلارنىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمىگە دەخلى تەرۇز قىلىغۇچىلار يەر يۈزىدىكى ئەڭ ئىپلاس كىشلەردۇر . بۇلارنىڭ گۈزەللىك ھەققىدە سۆزلەش سالاھىيتىمۇ يوق . ھەر كىم ئۆزىنىڭ گۈزەللىك كۆز قارىشى بىلەن ياشايدۇ ۋە بارغانسىرى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ماڭىدۇ . مېنىڭ ئىدىيەمنى قۇبۇل قىلىسەن دىيىش ئىدىيە تاجاۋۇزچىلىقىدۇر .
ئارتۇق مۇھاكىمە قىكىش بىھاجەت بۇ ئېنىقلا ئەخلەت ماقالە . ياردەمچى تەتقىقاتچى زۇمرەتقىز خەلقكە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىمەن دەپ زورۇقماي ئوبدان ياستۇقتىن بىرنى ئېلىپ ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپ چىرايلىققىنە خورەك تارتىپ ئۇخلاپ بەرسىلا چوڭ ساۋابنى ئالىدۇ .

tahirbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 22:16:07

ئەخلەت!    \"\"   \"\" \"\" \"\" \"\" \"\" \"\"



ئەجداتىم دەپ يەندى خۇاڭدىنى دەۋتقان بولساڭ كىرەك بۇ زۇمرەت چوكان.  

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 22:40:09

پىنھاننىڭ گىپى ،مىنىڭ كۆڭلۈمدىكى گەپلەركەن .پىنھانغا ئەگەشتىم .

پىنھاننىڭ ئىنكاسىنى يوللاپ بەرسەك بوپتىكەن. ئاۋۇ كارغا كەلمەس ئېرىنىڭ دوپپىسغا جىگدە سىلىپ،

ئەمچىكىنى ئاپتاپقا سېلىپ لالما ئىت ئەگەشتۈۋالىدىغان قاسماققا نىمىتى زۇمرەتما ؟

hezine يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 22:42:23

يېقىندىن بېرى مۇشۇنداق ئەخلەت ماقالىلەر ھەجەپ كۆپىيىپ قالدى دېسە. مىكرو بلوگلاردىمۇ شۇ. ئىشقىلىپ ھەممەيلەن دىن توغرىسىدا قورقماي سۆزلەيدىغان ئۆلىما بولۇپ كەتتىغۇ ھازىر.

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 22:47:33

.....ئەجەبا ئەرەب ئەللىرى كىيىدىغان بۇ كىيىم نېمە دەپ شىنجاڭدا پەيدا بولۇپ قالىدۇ؟


-------------------------------------------------------------------------


ئەجىبا غەرىپ ئەللىرى كىيىدىغان ئوچۇق كىيىملەر نىمە دەپ شىنجاڭدا پەيدا بولۇپ قالىدۇ؟؟؟؟


‹‹سەلتەنەتلىك يۈز يىل›› دىگەن كىنو نىڭ ئاخىرى كەلگەندەكما ؟

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 23:06:19

بالىلارنىڭ كاللىسى سەگەك ئىنكاس جايىدا كۆز تەگمىسۇن قىرىنداشلىرىمىزغا

turker يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 23:14:22

يېقىندىن بۇيان بۇنداق ماقالىلەر، ئەسەرلەر كۆپىيىپ قالدى. ھەتتا ئەمدى قانۇنچىلىق گېزىتىگە چىقى دېگەن گەپ يەنە بىر مەيدان قۇيۇن باشلىنىدۇ دېگەن گەپ.

بىر قىسىملار بۇنى قوللاپ ئىنكار قىلغۇچىلار بىلەن قارشىلىشىشقا باشلىدى. دېمەك ئۇيغۇردا بىر مەيدان ئىدىيە بۆلىنىشى باشلىنىشى مۇمكىن.

ئاللاھ ئۇيغۇرلارنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغىن!

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 23:22:51

مۇشۇ ماقالىنى ئەلا باھالايدىغان ساراڭ قىتىشتىن بىرەسى چىقارمۇ؟

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 23:24:23

بۇ تىمىنى تەستىقلىماسلىق كىرەك ئىدى. يازغۇچى يازغان يەردىلا قىلىپ قالغان بولسىچۇ?





مىسرانىمدا 2 تىما ئۆچۆرۆلدى. ئىزدىنىشتىنمۇ ئۆچۆرۈلسە توغرا بولىدۇ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 23:32:49

ۋاڭيى تورىغىمۇ بىسىلىپتۇ بۇ ماقالەن. 10000 دىن ئارتۇق خەنزو تورداش باھالاپتۇ. كۆپىنچىسى مۇشۇنداق ھىجاپلىق كېيىنىش ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى دەپتۇ. بىرەسىنىڭ باشقىچە پىكىر بەرگىنىنى كۆرگىلى بولمىدىغۇ؟


http://news.163.com/13/0719/13/945AE6J50001124J.html


http://comment.news.163.com/news_guonei8_bbs/945AE6J50001124J.html

perex323 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 23:37:23

يېقىندا، تېلىۋىزۇردا مىسىردا نامايىش قىلىۋاتقان ئاياللار، ئىرانغا ،ئىراققا دائىر كۆرۈنۈشلەر، مالايسىيە، ھىندونىزىيىگە دائىر خەۋەرلەردىكى ياكى ئۆزۈم ئۇچراتقان مەنبەلەردىكى ئاياللارنىڭ كىينىشىگە دىققەت قىلىپ باقتىم، ئۇنداق پۈتۈنلەي قارا كىيىم ئىچىگە ياكى ھازىرقى نامى جىلباپ كىيىم كىيگەنلەر ئۇچرىمىدىيا؟!

مەن ئۇچراشقان ئاشۇنداق كىيىم كىيگەن ئاياللار ياكى ئاشۇنداق كىيىم كىيىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ ئىدىيەسى مېنى ئىنتايىن چۆچۆتتى(بەلكىم، ئۇلارمۇ ئوخشىمىغان مەزھەپ ياكى سۈلۈكلەرگە بۆلىنەر، مەن بىلگەنلەر باشقىلار بىلگەنلەرگە ئوخشىماس)، ئاشۇ ئىدىيەلىك بىر ياش يىگىت ئۆزىنىڭ ھەج قىلىپ ھاجى بولغان، ئېتىقاد- ئەخلاقى جامائەتنى سۆيۈندۈرگەن، شۇ يەردىكى مەسچىتتىكى جامائەتكە باشچىلىق قىلىۋاتقان دادىسى بىلەن زۇكۈنلىشىپ، دادىسىنىڭ دىنىمىزدا ئاتا- ئانىلارنى، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش تەكىتلىنىدۇ دىگەن گېپىگە، ئۇ مۇھەممەت ئەلايھىسالام ئىسلام ئېچىۋاتقان چاغدا، تۇققانلىرىمۇ كاپىر ئىدى، ئەگەر ئاتا- ئانىلىرىنى، تۇققانلىرىنى ھۆرمەتلەيمەن دىگەن بولسا، ئىسلاممۇ بارلىققا كەلمىگەن بولاتتى، دەپ جاۋاپ بەرگەن، دادىسى ھەيران بولۇپ، ئەجىبا سېنىڭچە مەن ئىسلام بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇنقى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئەرەپلەردەك كۇپپار ئىكەنمەن،- دە. دىگەن جاۋابىغا، سېنىڭ بىلەن تالاشقاننىڭ پايدىسى يوق، دىگەن جاۋابىنى ئاڭلاپ ئەقلىم ھەيران قالغان ئىدى.

بۇ بۆلۈنۈش، بۇ ئەھۋاللار بىزگە زادى نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ھازىر جىلباپقا ئورانسا، كېيىن قىز- ئوغۇللار ئايرىم ئەمەسكەن دەپ مەكتەپتىن يانسا، ياكى بالىلىرىنى مەكتەپكە بەرمىسە، بىزگە ئوخشاش كېيىنمەيدىكەن، نامازنى بىزگە ئوخشاش ئۆتىمەيدىكەن،.... دىگەن سەۋەپلەر بىلەن ئەتراپىدىكىلەردىن ئالاقىنى ئۈزسە..... توۋا ! ئەينى چاغلاردا مۇھەممەت پەيغەمبەرمۇ ئەتراپىدىكى كۇپپار تۇققانلىرى بىلەن شۇنداق بولغان بولغايمىدى؟.....

ئىلگىرى بىزنىڭ مەھەللىدىكى ئىككى - ئۈچ خىل سوپىلار مەزھەپ بولۇشۇپ ( ئەينى چاغدا بىز كىچىك، چۈشەنمىگەندىكىن، بەزىلەرنى تاش سانايدىغانلار، بەزىلەرنى ھۇ سوقىدىغانلار دەپ ئاتىۋالغان) ئوخشىمىغان مەزھەپتىكىلەر خەلپىلىرىنى چۆرىدەپ، باشقا مەزھەپتىكىلەر بىلەن ئارىلاشماي، ھەتتا ، بىرلىرى كىرگەن مەسچىتكە يەنە بىرلىرى كىرمەي ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي، 4-5 كېلومىتىر يىراقتىكى مەسچىتكە بېرىپ ناماز ئوقىغانلارنى كۆرگەن، ئەمدى ھازىر سوپىلار قېلىپ، مۇنتىزىم ئىسلام مۇرىتلىرىمۇ ئۇلارنى دوراپ بۆلۈنۈشكە باشلاپتۇ،-دە.

توۋا!

«كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كورمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرۈرسەن ئۆلمىگىنىڭ »، يەنە نىمىلەرنى كۆرۈرمىزكىن؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 23:39:02

ما خاننىڭ تۇنۇشلىرى بولسا دەپ قويساڭلا

ئاياللارنى كىيىم كىيىشكە مەجبورلىغان قايسىڭ دەپ تېما يازسۇن \"\"

بىز ئەرلەر بەرىبىر شۇنىڭغا ئامراق كىلىمىز............... \"\"

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

perex323 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 23:57:04

ئۈستىدىكى ئۇلانمىلاردىكى مودا كېيىملەر نىمە دىگەن چىرايلىق، ھەم دەۋرگە لايىق!

بىزنىڭ بۇ يەرلەردىكى ياپونىيەنىڭ 忍者لىرىغا ئوخشاش يۈز-كۆزىنى چۈمكىۋالىدىغان كيىملەر ئەمەسكەنغۇ،-زە !؟؟؟؟؟؟؟؟ يا ھىجاپ بىلەن جىلباپ ئوخشىمامدۇ؟

bughra47 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-20 00:30:54

بۇ تىما ئەڭ چوڭ خەۋەر تورىدىن بىرى بولغان سىنا تورىنىڭ باش بېتىدىن ئۇرۇن ئاپتۇ

http://news.sina.com.cn/c/2013-07-17/050027689048.shtml

bugday يوللانغان ۋاقتى 2013-7-20 01:16:54

ئاۋۇ خاتۇن ‹‹ئۈستىڭلارغا قېلىن ئابايى-ھىجاب كىيىۋالغان چېغىڭلاردا ئۆزىڭلارنىڭ بۇ گۈزەل دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقەڭلارنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىنى؛ ساغلام، مەدەنىي، ئەركىن، بەختىيار تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇق-مەنپەئەتىڭلارنىڭ توسۇلغانلىقىنى؛ ئاياللىق سۈپىتىڭلار بىلەن گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇشقا ئۆزۈڭلارنى بېغىشلاش ھوقۇق-مەنپەئەتىڭلارنىڭ توسۇلغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟›› دەپتۇ.

ئۇنىڭ قارىشىچە يالاڭ پاچاق خېنىملار گۈزەل دۇنيا بىلەن ئالاقىنى ياخشىلاپ، گۈزەل يۇرۇت-ماكان قۇرۇشقا ئۆزىنى بېغىشلىدى دەپ قارايدىغان چېغىۋا.

تېمىنى كۆرۈپ بولۇپ بۇ خاتۇننىڭ كىيىۋالغان يوپكىسىنى خىيالى تەسەۋۇر قىلىپ، ھەرقانچە ئويلىساممۇ 31 سانتىمېتېردىن ئاشۇرالماي، قۇسۇۋەتكىلى تاسلا قالدىم.

janipa يوللانغان ۋاقتى 2013-7-20 01:28:35

باشقۇرغۇچىلار ئەخلەت تامىغىسى بېسىپ قويساڭلار بوپتىكەن چوققىسىغا \"\"

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-20 02:22:56

1- قەۋەتتىكى pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە گۈزەللىككە كىم توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ ئەمەس بەلكى ئوخشىمىغان ئىدىيەدىكى كىشلەرنىڭ نەزىرىدىكى گۈزەللىكنىڭ ئوخشىمىغانلىقىدا . باشقىلارنىڭ گۈزەللىك نۇقتىسىنى ماڭا ئوخشاش بولسىكەن دىگۈچىلەر گۈزەللىكنى ھەقىقى توسقۇچىلاردۇر . ئىنساننىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەللىك تۇيغۇسىىنى ئۆزىنىڭ مەۋقەسىگە بېقىندۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ ، باشقىلارنىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمىگە دەخلى تەرۇز قىلىغۇچىلار يەر يۈزىدىكى ئەڭ؟؟؟؟؟؟؟؟كىشلەردۇر . بۇلارنىڭ گۈزەللىك ھەققىدە سۆزلەش سالاھىيتىمۇ يوق . ھەر كىم ئۆزىنىڭ گۈزەللىك كۆز قارىشى بىلەن ياشايدۇ ۋە بارغانسىرى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ماڭىدۇ . مېنىڭ ئىدىيەمنى قۇبۇل قىلىسەن دىيىش ئىدىيە تاجاۋۇزچىلىقىدۇر .

ئارتۇق مۇھاكىمە قىكىش بىھاجەت بۇ ئېنىقلا ئەخلەت ماقالە . ياردەمچى تەتقىقاتچى زۇمرەتقىز خەلقكە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىمەن دەپ زورۇقماي ئوبدان ياستۇقتىن بىرنى ئېلىپ ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپ چىرايلىققىنە خورەك تارتىپ ئۇخلاپ بەرسىلا چوڭ ساۋابنى ئالىدۇ .

...............................................................................................


پىنھان  نەق گەپنى  دەپتۇ  گەپ  كىيىمدە  ئەمەس  كىيىنىشكە  ھەر  خىل ئات قويۇپ  باھانە  ئىزدەۋاتقانلاردا . كىيىنىش  ئەركىنلىكى بولۇش كېرەك ئەگەر  چەك  قويۇلسا  كالتە  ئىشتان ،  قىسقا  يوپكا ، كۆكسىنىڭ يېرىمى  كۈرۈنۈپ  تۇردىغان  كىيىملەرنى  كەيگەنلەرنى  ئاۋۋال چەكلىسە  بولىدۇ .  يالڭاچ  يۈرگەننى  چەكلىمەي  بەدەنلىرىنى يېپىپ  يۈرگەنلەرنى  چەكلەش  بىمەنىلىك  بولسا  كېرەك .


ھەقاچان  ما تېمىنى  يازغان  خېنىم قىسقا  يوپكىنىڭ  ئىچىگە  كۇسار  كەيمەيدىغانلاردىندەك  تۇرۇدۇ .  

بەت: [1] 2 3 4 5
: ئۇيغۇر ئاچا-سىڭىللىرىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى كىم توسماقچى بولۇۋاتىدۇ[كۆچۈرۈلمە]