Kulke يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 15:02:58

[مۇراجەتنامە] بۇ سەبىي بالىنى قۇتۇلدۇرۋالايلى!


ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيىسى ئايباغ يېزا تۆۋەنكى كەلىپن 3-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق ئەنۋەر ئەمەتىڭ بالىسى ئەكرەم ئەمەت 2011 - يىلى 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، 13 ئايلىق بولغاندا ئىچى كەلمەي قۇسۇپ قورسىقى يوغىناپ كەتكەن. 3 كۈندىن كېيىن ئاۋات ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا ئاپارغان. ناھىيىلىك دوختۇرخانا داۋالىيالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1 - خەلق


دوختۇرخانىسىغا يوللاپ بەرگەن.


2013 - يىلى 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1 - خەلق دوختۇرخانىسى بالىنى ئۈرۈمچىگە يوللاپ بەرگەن. ئۈرۈمچىدە ئوپراتسىيە قىغان لېكىن ئوپراتسىيەنىڭ ئۈنۈمى بولمىغان، ھەمدە ئىقتىسادى يېتىشمەي ئۆيىگە ياندۇرۇپ كەلگەن.


بۇ ئىشلارنى ئاۋات ناھىيىلىك ئانا بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسى خەۋەر تېپىپ ناھىيىدىكى ھەر قايسى ئىدار ئورگانلارغا، ئايباغ يېزىلىق ئانا بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش پونىكىتىغا، ئايباغ يېزىلىق دوختۇرخانىغا ۋە ئايباغ يېزىلىق تۆۋەنكى كەلپىن كەنت پارتىيە ياچىيكىسىغا ئۇقتۇرۇپ ھەمدە ئۇلارنى سەپەرۋەر قىلىپ كەڭ كۆلەملىك ئىئانە توپلاش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان. ۋە بۇ ئىئانە ئارقىلىق بۇ بالىنى يەنە ئۈرۈمچىگە داۋالىتىشقا يولغا سالغان.


ئەكرەمجاننىڭ ئاتا-ئانىسى بالىنى شۇنچە داۋالاتقان بولسىمۇ لېكىن ئىقتىسادى يېتىشمەي ھەر قايسى ئورۇنلارغا مۇراجەتنامە سۇنغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئايباغ يېزىلىق ئانا بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش پونكىتىدىكلەرنىڭ ھاۋالىسى بىلەن مەن بۇنى تورداشلارغا يەتكۈزۈپ ئولتۇرۇپتىمەن. مۇمكىن بولغاندا بۇ بالىغا ئاز تولا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇپ قويساق دېگەن ئۈمىددە بۇ تېمىنى يازدىم.


مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر




بالىنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ ئۇچۇرلىرى





农村信用社


بانكا كارتىسى: 6210082016516321


ئىسىمى: 艾尼瓦尔.艾麦提


تېلېفون نومۇرى: 13779770894



ئاۋات ناھىيىلىك ئانا بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش بۆلۈمىنىڭ تېلېفون نومۇرى:   13657521313


ئايباغ يېزىلىق ئانا بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش پونكىتىنىڭ تېلېفون نومۇرى: 0997-5210087


پونكىت باشلىقىنىڭ تېلېفون نومۇرى: 13150428889

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 16:06:33

كۇچىمىزنىڭ يىتىشچە ياردەم قۇلىمىزنى سۇنايلى .

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 17:18:43

مەن يۈز يۈەن ئاتاي. يېزا ئىگىلىك بانكىسى كارتىسى بارمىدۇ ھە؟ بۇ يەردە ئاۋۇ بانكىنى تاپماق سەل مۈشكۈل ئىدى.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 17:22:09

2- قەۋەتتىكى kosanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن يۈز يۈەن ئاتاي. يېزا ئىگىلىك بانكىسى كارتىسى بارمىدۇ ھە؟ بۇ يەردە ئاۋۇ بانكىنى تاپماق سەل مۈشكۈل ئىدى.

ناۋادا ماڭا ئىشەنسەڭلار مېنىڭ كارتامغا سالساڭلار مەن يەتكۈزسەممۇ بولىدۇ.

http://www.qutyar.net/banka.html

bugday يوللانغان ۋاقتى 2013-7-20 01:33:09

ۋاپادارىمغا تۆلەيدىغان قەرزىم بارئىدى، ئۇ بالىمۇ تورغا كىرمەس بوپ كەتتى. مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئاي - ئۇلۇغ كۈنلەردە بىرسوم پىلانىغا تۆلەيدىغان قەرزىمىزنى بىر ئۈزۈۋەتسەك ئىسىل ئىش بولىتتى.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2013-7-20 12:20:03

قۇتيار تور بېكىتىگە چۈشكەن ھەقلىق ئەزالىق كىرىمىدىن 200 يۈەننىمۇ ئاتاپ قويدۇق. بولسا ئاز ئازدىن بولسىمۇ ياردەم قولۇڭلارنى سۇنۇپ قويۇشڭلارنى سورايمەن.

taxerik يوللانغان ۋاقتى 2013-7-21 10:40:14

مەنمۇ يۇز سوم ئاتىدىم

tilsimat يوللانغان ۋاقتى 2013-7-21 11:20:59

kulke بۇگۈن چۈشتىن بۇرۇن 10دىن 50لىكلەر ئۆتكەندە سودا سانائەت كارتىڭىزغا 100 يۈەن ئۇرىۋەتتىم،خاپا بولماي يەتكۈزۈپ بەرسىڭىز !رەخمەت!!!

terjime يوللانغان ۋاقتى 2013-7-21 11:42:07

كۈلكە بۇرادەر ، بىز سىلىنى ئوبدان بىلگەن بىلەن ماۋۇ تىمىنى كۆرگەن ئادەمنىڭ ھەممىسى سىلىنى تونۇپ كىتىشى ناتايىن .ياردەم قىلغاندىكىن ھامىنى رەسىمنى ئۆلچەملىك تارتىپ ، دىئاگۇنۇز قەغىزنىڭ ، كىملىكنىڭ ئەسلى نۇسقىللىرىنى ۋە باشقا مۇناسۋەتلىك ئىسپات رەسملەرنى ئوچۇق قىلىپ تارتىپ يوللاڭ . سىزدە بولمىسا ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بىرەر دۇكانغا كىرىپ سىكاندىرلاپ توردىن يوللاپ بەرسىمۇ بولىدۇ . پىتىرە -سەدىقىنى بېرىدىغان چاغمۇ كىلەي دىدى ، مىنىڭچە قېرىنداشلار ھەرگىز قاراپ تۇرمايدۇ .

ilyaruk يوللانغان ۋاقتى 2013-7-21 17:57:38

قەرز كوپراتىپنىڭ كارتىسىكەن ھە ،،، توردىن يۆتكىگىلى بولامدۇ ...

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2013-7-21 20:38:10

7- قەۋەتتىكى tilsimatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

kulke بۇگۈن چۈشتىن بۇرۇن 10دىن 50لىكلەر ئۆتكەندە سودا سانائەت كارتىڭىزغا 100 يۈەن ئۇرىۋەتتىم،خاپا بولماي يەتكۈزۈپ بەرسىڭىز !رەخمەت!!!

كۆپتىن كۆپ رەھمەت. ئۇچۇر كەلگەن ئىدى. مەن ئاللاھ خالىسا يەتكۈزۈپ بېرىمەن.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2013-7-21 20:40:09

8- قەۋەتتىكى terjimeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كۈلكە بۇرادەر ، بىز سىلىنى ئوبدان بىلگەن بىلەن ماۋۇ تىمىنى كۆرگەن ئادەمنىڭ ھەممىسى سىلىنى تونۇپ كىتىشى ناتايىن .ياردەم قىلغاندىكىن ھامىنى رەسىمنى ئۆلچەملىك تارتىپ ، دىئاگۇنۇز قەغىزنىڭ ، كىملىكنىڭ ئەسلى نۇسقىللىرىنى ۋە باشقا مۇناسۋەتلىك ئىسپات رەسملەرنى ئوچۇق قىلىپ تارتىپ يوللاڭ . سىزدە بولمىسا ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بىرەر دۇكانغا كىرىپ سىكاندىرلاپ توردىن يوللاپ بەرسىمۇ بولىدۇ . پىتىرە -سەدىقىنى بېرىدىغان چاغمۇ كىلەي دىدى ، مىنىڭچە قېرىنداشلار ھەرگىز قاراپ تۇرمايدۇ .

مېنىڭمۇ خويمۇ شۇنداق قىلغۇم بار ئىدى، ئەپسۇس ئۇلار ھازىر ئۈرۈمچىگە كېپتۇ، دىئاگىنوز قەغىزىنى ئانا-بالىلاردىكىلەر ئاپتىكەن، ئۇنى سۈيلەپ ئېلىپ قويۇڭ دەپ تاپىلاپ قويسام ئۇلار مانا ئاينا دەپ تېخىچە بەرمەپتۇ. مەن توردا بۇنداق ئىشقا جىق يولۇققاچ ئاشۇ دىئاگىنوز قەغىزىنىڭ بەك مۇھىملىقىنى بىلەتتىم. ئەپسۇس ئىشلار يۇقىرقىدەك. مەن يەنە ئامالىنى قىلاي.

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2013-7-21 20:41:24

9- قەۋەتتىكى ilyarukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قەرز كوپراتىپنىڭ كارتىسىكەن ھە ،،، توردىن يۆتكىگىلى بولامدۇ ...

ئامانەتكە بولماسلىقى مۇمكىن توردىن. ئەمما پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن يۆتكىگىلى بولىدۇ. ئۇنى ئاۋارىچىلىق كۆرسىڭىز ئۈستىدىكى مەن قالدۇغان كارتىغا توردىن يۆتكىسىڭىز بولىدۇ. سودا سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك بانكىسىنى كارتىسى بار.

patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-7-21 21:00:58

كۈلكە ئەپەندىم؛ بىر سائەت ئالدىدا سودا-سانائەت كارتىڭىزغا 100سوم ئۇرۇپ قويدۇم، مالال كۆرمەي كۆڭلۈمنى يەتكۈزۈپ قويغايسىز رەھمەت!

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2013-7-22 03:49:28

13- قەۋەتتىكى patrolنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كۈلكە ئەپەندىم؛ بىر سائەت ئالدىدا سودا-سانائەت كارتىڭىزغا 100سوم ئۇرۇپ قويدۇم، مالال كۆرمەي كۆڭلۈمنى يەتكۈزۈپ قويغايسىز رەھمەت!

بولىدۇ، كۆپتىن كۆپ رەھمەت سىزگە

xamxar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-22 04:31:14

كۈلكە ئەپەندىم سائەت 4:14 سودا سانائەت باڭكىڭىزغا 100 ئەۋەتتىم

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2013-7-22 06:58:31

15- قەۋەتتىكى xamxarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كۈلكە ئەپەندىم سائەت 4:14 سودا سانائەت باڭكىڭىزغا 100 ئەۋەتتىم

كۆپ رەھمەت سىزگىمۇ، تاپشۇرۇۋالدىم، ئۇلۇغ رامزان ئېيدا ھەممىڭلارغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن
بەت: [1]
: [مۇراجەتنامە] بۇ سەبىي بالىنى قۇتۇلدۇرۋالايلى!