perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 13:01:03

«يىلتىز» يەنى كونتا-كىنتىنڭ كىنۇسى بولسا......

كىچىك ۋاقتىمىزدە " يىلتىز" دىگەنكىنۇنى كۇندە كەچتە تىلۋىزىيەدىن كورگەن "كونتا_كىنتى: نىڭ   ، ھازىر ئۇندان كىنولارنى قويمايدىغان بولدى، شۇ كىنۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ ئادىرسى بولسا يوللاپ قويساڭلار دەيمەن .


رەھمەت!


Kulke يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 18:23:21

قۇتيار كونا فىلىم گۇرۇپپىسى سۈزۈك نۇسخىسىغا ئىشلەپ دىسكىلاپ قويدۇق. پات ئارىدا قۇتيارنىڭ تاۋباۋ دۇكىنىغا قويىمىز. قوبۇل كۆرسىڭىز سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

saray يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 22:43:44

مۇشۇ كىنونىڭ دەسلەپكى قىسىملىرى ئاياقلىشىدىغان ۋاقىتتا چىقىدىغان بىر ناخشا بولىدىغان،شۇ ناخشا بولسا چۈشۈرۈش ئادرېسىنى يوللىۋەتمەمسىلە

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-20 00:53:53

سۈزۈك نۇسخىسىنى ئۈن سىن دۇككانلىرىدىن تاپقىلى بۇلۇدۇ، مەن ئىلىپ ساقلاپ قويغان

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2013-7-20 08:00:27

بىر چاغلاردا توردا كۆرگىلى بولاتتىغۇ؟ تېخى ئالدىنقى يىلىغۇ دەيمەن، ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقى توردا بار ئىدى.

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2013-7-20 08:11:12

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،2011-يىلى 12-ئايدا مىسرانىمغا يوللاپ قويغان ئىدىم.ھازىر قاراپ باقسام ئۇ تېمىدىكى ‹‹يىلتىز››ناملىق فىلىم بار ئىكەن.ئۇلىنىش ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قوياي،شۇ يەردىhttp://bbs.misranim.com/thread-66465-1-1.htmlن كۆرۈۋىلارسىز.

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2013-7-21 16:53:44

ئالېكىس خالېي 1921-يىلى تۇغۇلغان. گەرچە ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپ دىپلومى بولمىسىمۇ، قارا تەنلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەربىي پاراخوتتا ئۇزاق مۇددەت ئاشپەز بولۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان. كېيىن ئۇ جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى مۇخبىر ۋە يازغۇچى بولۇپ، «بايۋەتچى»، «تەرمىلەر» ژۇرناللىرىغا ماقالە ئەۋەتىپ تۇرغان. ئۇ بەزىدە نامراتلىشىپ ئۆي ئىجارىسىنى تۆلىيەلمەي قالغاندىمۇ، يەنىلا بوشاشماي يېزىقچىلىقىنى داۋاملاشتۇرغان.

ئۇ 1976-يىلى نەشر قىلىنغان «يىلتىز» ناملىق رومانىنى يېزىش ئۈچۈن 12 يىل ئىزدەنگەن. تارىخنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن ئافرىقا، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق جايلاردا ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. نۇرغۇن ئارخىپ ۋە ماتېرىيال باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا بېرىپ ماتېرىيال كۆرگەن، ئەنگلىيىنىڭ ئەينى يىللاردىكى نېگىر قۇللارنى يۆتكەپ سېتىشقا ئائىت خاتىرە-ھۆججەتلەرنى تېپىپ ئوقۇغان.

بۇ رومان پۈتكۈل ئامېرىكا نېگىرلىرىنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان ئىجتىمائىي بەختسىزلىكلىرى، مىللىي ئىزدىنىشلىرى، خورلۇققا، ھاقارەتكە تولغان ھايۋان كەبى تۇرمۇشى، ئىنسانىي ھوقۇقى، تاللاش ئەركىنلىكى بولمىغان ئېچىنىشلىق تەقدىرى، قۇللۇقنىڭ قارا زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئىنسانىي ئازادلىققا ئېرىشىش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرى مۇجەسسەملەشكەن بۇ تارىخىي روماننىڭ ئېلان قىلىنىشى چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ۋە كەڭ ئىجتىمائىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىش بولۇپ قالغان.

«يىلتىز» ناملىق رومانى ئۇنىڭغا ئەڭ زور دۇنياۋى شۆھرەت ۋە ئامەت ئېلىپ كەلدى. ئۇ بىر كېچىدىلا مەشھۇر شەخسكە ۋە مېليونېرغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇنى نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغان تېلېگراممىلار ئۈزۈلمىدى. ئۇنىڭ ھەر قېتىملىق نۇتۇق ھەققى نەچچە مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولدى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەسىرى ئامېرىكا ئەدەبىيات تارىخى قامۇسىغا كىرگۈزۈلدى. ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 37 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىندى.«يىلتىز» ــــ دۇنيا ئەدەبىيات خەزىنىسىدىكى نۇرلۇق بىر مەرۋايىت بولۇپ قالدى. خۇددى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بىر ئوبزورچىسى ئېيتقاندەك: «بەزىلەر تارىخنى كۆچۈرىدۇ، بەزىلەر تارىخنى يارىتىدۇ. ئالېكىس خالېي بولسا تارىخنى كۆچۈرگەن ھەم ياراتقان ئادەم.»

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-7-21 22:03:48

بۇنىڭ دىسكىسىنى تاپقىلى بولۇدۇ، تورغا يوللىغىلى بولمايدۇ.
بەت: [1]
: «يىلتىز» يەنى كونتا-كىنتىنڭ كىنۇسى بولسا......