تور بىكەت ئاچقۇچىلار دىققەت ....
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ، جاپاكەش تورچى دوستلار !
سىزلەرنىڭ تىرىشىپ تىخنىكا -بىلىم ئۈگۈنۈپ كىچە -كۈندۈز جاپالىق ئىشلەپ ئۆز ئىنتىرنىت سەھنەڭلەر ئارقىلىق شىنجاڭدىكى شۇنداقلا دۇنياندىكى ئۇيغۇر تىل يىزىقى ئىشلەتكۈچى قىرىنداشلارغا ھەرخىل بىلىم ئۇچۇر يەتكۈزۈپ ئەنئەنۋى تاراتقۇلارنىڭ ئورۇنداپ بولالمىغان ۋەزىپللىرىنى تولۇقلار ئۇيغۇر ئىنتىرنىت ، مەدەنىيەت ، ئۇچۇرلىشىش ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۋاتقىنىڭلارغا چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە تەشەككۇرۇمىزنى بىلدۈرمىز .
رايۇنىمىزدىكى مەلۇم چەتئەل شىرىكچىلكىدىكى چوڭ كارخانا (ھازىرچە مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كارخانا نامى ئاشكارلانمىدى ) ئۇيغۇر تور بىكەتلىرى ئارقىلىق ئالاھىدە يۇقۇرى سوممۇلۇق ئېلان تەشۋىقات تارقاتماقچى ،ئەمما ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەر سان جەھەتتىن كۆپ سۈپەت جەھەتتىن ھەرخىل بولۇپ تور بىكەتلەرنىڭ سۈپىتىنى پەرىقلەندۈرۈش ۋە بىكەت ئىگىللىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئىنتايىن قۇلايسىز بولدى .
شۇڭا كۈندىلىك زىيارەت سانى 2000 دىن ئاشدىغان (مۇستەققىل ip ھىساپ قىلىنىدۇ ) تور بىكىتى بار دوستلارنىڭ تۆۋەندىكى جەدۋەلنى تولدۇرۇپ خەنزۇچە ياكى ئۇيغۇرلاتىنچە تولدۇرساڭلارمۇ بولۇدۇ ، 626386829@qq.com خەت ساندۇقىغا يوللاپ بىرشىڭلارنى ئۆمىت قىلىمىز ، ئۇچۇر مەخپىيەتلىكىڭلارنى مۇتلەق ساقلايمىز ،بىز خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنلا 3 خىزمەت كىنى ئىچىدە سىز بىلەن ئالاقىلشىپ بەزى سالاھىتىڭلارنى بىكىتىپ چىقىمىز .
تور بىكەت ئادرىسى : _________________
تور بىكەت نامى : __________________
كۈندىلىك مۇستەققىل زىيارەتچى سانى : ____________
ئالاقە كۆچمە تىلفۇن نۇمۇرى : 1.____________________2._______________________چوقۇم ئىككى نۇمۇر تولدۇرشىڭىزلارنى ئۈمىت قىلىمىز .
ھۆرمەت بىلەن : زىرەك
ئىشخانا تىلفۇن نۇمۇرى : 0991-2585230 18129399014
دىمسىمۇ بۇ تور بىكەتلەرنىڭ پاخاللىقىدا قايسى ياخشى قايسى يامان ئايرىغىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى ، بۇ خەۋەردىكى ئېنىقسىز مەسىلىلەر : ئۇچۇر مەخپىيەتلىكىڭلارنى مۇتلەق ساقلايمىز دىگەنگە قانداق ئىشىنىمىز ؟ نىمىشقا، چوقۇم ئىككى نۇمۇر تولدۇرشىمىزنى ئۈمىت قىلىسىز ؟ بايا بىرسى تىلدا ئالاقىشىپتىكەن شىمالى شىنجاڭدىكى لەرنى ئۈرۈمچىگە ، جەنۇبى شىنجاڭدىكلەرنى قەشقەرگە بىر سورۇنغا تەكلىپ قىلىپ توختاملىشىش يىغىنى ئاچقۇدەك .... ئەمسە يەنە بىر ‹چاي› بولغۇدەكقۇ


http://bbs.uyghar.com/sitemap.php كارخانا دىگەندەك داڭلىق كارخانا ئەمەس ئوخشايدۇ،بولمىسا قورقماي ئاشكارلىمامسىلەر ؟ باشقىلارنىڭ مەخپىيتىنى سوراپ ئۆزەڭلار قاراڭغۇدا تۇرىۋالماي،قايسى كارخانىلىقىنى ئىنىق دەڭلار، مىكروسوفىت، ئالما گۇرۇھى بولسىمۇ قورقاپ كەتمەيمىز،ئەنسىرەمەي بۇنچىلىك سىرنى ئاشكارلاڭلار. قارلۇقنىڭ كۆۋرۈك ئېلان سۇپىسىدىلا بەرسەڭلار بولىدىغۇ.
http://ad.kowruk.com دىمىسىمۇ يا كارخاناڭلىنىڭ ( ئۇيغۇرلار قۇرغان چەتئەل شىرىكچىلىكىدىكى ‹‹چوڭ›› كارخانا بارمىدۇ دەپ ئويلىنىۋاتىمەن ھازىرمۇ) ئىسمىنى ، قانداق تىجارەت قىلىدىغانلىقىنى ، نىمە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى بىلمىسە ‹‹ ۋاھ ! باي بولىدىغان بولدۇم ›› دەپلا ئۇچۇر تەمىنلەيدىغان ساددا ئۇيغۇر تورچىمۇ بارمىدۇ ؟ بەرگەن بۇ ئېلانىڭىزنىڭ كوچىدا تۇتقۇزۇپ قويىدىغان ئېلانچىلىك ئىشەندۈرۈش كۈچى يوق ، ئىشقىلىپ سىزنىڭ ‹‹ كارخانىڭىزنىڭ›› ھەقىقى مەنىدىكى كارخانا ئىكەنلىكىدىن شەكلەندۈرۈپ قويدىڭىز ، خۇددى ئاۋۋال ئادەم كۆپ كىرىدىغان بېكەتنىڭ ئىسمىنى بىلىۋېلىپ ماۋۇ ئېلانىڭىزىنى شۇ يەرلەرگە چاپلاپ ئېلان تەشۋىقاتنى ھەقسىز قىلىۋېلىش كويىڭىز باردەك ، ۋە ياكى زىيارەت سانى كۆپ ئۇيغۇر بېكەتلىرى ئارقىلىق 捕鱼达人 ئوينىماقچىدەك... ئۇلىنىش بېكىتىدە تۇرمامدۇ بېكەت دىگەن ، ئاۋال ئىشەنچىلىك گەپ قىلىڭ ، ئاندىن ئۇچۇر ئۆزى ئىزدەپ كېلىدۇ . بۇ ئېلاندا مۇنازىرە قىلىشقۇدەك گەپ يوققۇ؟ ئۇلار بىلەن ئالاقىلاشقان تور مەسئۇللىرىغا ئۆزىنى چوقۇم تونۇشتۇرىدۇ، قالغانلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز.. ئەگەر، 3 خىزمەت كۈنى ئىچىدە قايتۇرغان جاۋابىدا مەسىلە كۆرۈلسە، ئاندىن بىز مۇنۇ زېرەكجاننى ئىزدىنىشتىن چەكلىۋەتسەك بولىدۇ. غەيۋەتمۇ چېكىدە، ئەقىلدە بولغىنى ياخشى. قىرىنداشلار بۇلسا ئەڭ ياخشىسى ئۆزۇڭلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى يوللماي تۇرۇڭلار مىنڭچە بۇ قىپقىزىل ساختىپەزلىك
ھازىر ئىلان بىرىغانلارنىڭ ھەممىسى تاللاپ تۇرۇپ ئىلان بىردىغان تۇرسا بۇلدى جىق گەپ قىلماي ئوزۇڭلار بىلەسىلەر
پۇرسەت كەپتۇ دە {:181:}
تۆۋەندىكىسى ئالدىنقى 30 دانە ئۇيغۇر تور بىكىتى
www.xadiman.cn تەمىنلىدى
ئەسسالامۇ ئالەيكۇم ، نەچچە كۈندىن بىرى ئىنكاس يازغىلى بولمىدى ،7- قەۋەتتىكى janipaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ما ئاغىنەم قۇرغان توربېكەتمۇ نامى چىقمىغان بىلەن خېلى ياخشى نەرسىلە با
http://bbs.uyghar.com/sitemap.php
ئۆزگىچە ئىكەن ، بىزگە ئالاقە ئەۋەتكەن تورچى دوستلارغا رەھمەت ئىيتىمىز ، ھازىرغىچە 27 تور بىكەت تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى .
دوستلار ئارتۇقچە گۇماللىنىپ كەتكۈدەك ئىش يۇق
1- ئىككى تېلفۇن نۇمۇرىڭلارنى سوراشتىكى مەقسەت ئالاقىلىش قۇلاي ھەم ئىشەنچىلىك بولۇش ئۈچۈن .
2- زىيارەت مىقدارىڭلارنى سوراشتىكى مەقسەت ئېلان بىرىشكە تىگىشلىك تور بىكەتلەرنى بىكىتىپ بولغاندىن كىيىن يىللىق ياكى ئايلىق ئومۇمى زىيارەت مىقىدارنى ، كىتەرلىك چىقىم دوكىلاتىنى تۇغۇزۇش ئۈچۈندۇر .
3- بۇ تىمىنى يىزىشتىكى مەقسەت سىزلەرنى ھەمكارلىشىشقا چاقىرىش ئۈچۈنغۇ ؟
4-بەزىلەر ئۇلىنىش تورلىرىنى ۋە ئىلان بىرلەشمىللىرىنى تەۋسىيە قىلغان بىز تىخمۇ كۆپ ياخشى تور بىكەتلەرنى قىزىپ چىقىپ تىخمۇ كۆپ كىشىلەر بىۋاستە مەنپىئەتلەنسۇن دەپ ئويلاپتۇق .
5- ئەمىليەتتە سىلەردىن سورغىنىمىزنى مەخپىيەتلىك دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ .
6- بىز تور دۇنياسىدىكى تىرناقىنىڭ ئاستىدىن كىر ئىزدەيدىغان ھىسىياتچان تورداشلىرىمىزدىن ھەزەر ئەيلەيمىز .
ھەي باللار تۈزۈك گەپ قىلساڭلارچۇ ،،،مەخپىيەتلىكىڭلار لازىم بولسا يۇشۇرۇپ قالالامتىڭلار ،،،،،گەپنىمۇ سەل ئويلاپ قىلمامسىلەر {:92:}