ozugh يوللانغان ۋاقتى 2013-7-18 20:03:56

شىرئەلىجان ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىغا قاتنىشالمايدىغان بولدى

شىنلاڭ تەنتەربىيە خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 18-كۈنى(پەيشەنبە) ئاسىيا ۋاسكىتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىغا يەنە 13 كۈن قالغان پەيتلەردە، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى تۇنجى قېتىم ئىككى تەنھەركەتچىنى چوڭ تىزىملىكتىن قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن نەچچە ۋاقىتتىن بىرى كۆڭلىگە يۈكسەك ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈكۈپ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئارزۇسىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۈن-تۈنسىز ھالدا جاپالىق مەشىق قىلىپ كېلىۋاتقان پەخىرلىك ئوغلانىمىز ــ شىرئەلىجان مۇختەر يەنە بۇ قېتىممۇ ھەممىنى قايتىدىن باشلاشقا مەجبۇر بولدى. يەنە بىرى بىيجىڭ كوماندىسىدىن چاقىرتىلغان جىجې دېگەن يولداش.


ھازىر دۆلەت كوماندىسىدا قىپ قالغىنى 16 ئادەم بولۇپ، بۇلاردىن يەنە 4 ى ئەتىدىن باشلاپ كۈنشەن شەھىرىدە  ئوينىلىدىغان 3 مەيدان جۇڭگو-ياۋروپا تىركىشىش مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسىگە ئاساسەن تىزىملىكتىن قالدۇرۇلىدىكەن.


       ئاخىرىدا شىرئەلىجانغا دەيدىغىنىم:


«ئۈمىدسىزلىك – شەيتان» دەيدىغان گەپ بار، شۇڭا قەتئى ئۈمىدسىزلەنمەي، ئۆزى ۋە ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىق-يىتەرسىزلىكىرى ھەققىدە كۆپرەك ئويلىنىپ، يېتەرسىز تەرەپلىرىنى يەنىمۇ تولۇقلاپ، جاپالىق مەشىق قىلىپ، كېلەر يىلى، كېلەر يىلى بولمىسا، يەنە بىر يىلى دۆلەت كوماندىسىدا بىر كىشىلىك ئورۇن ئىگەللەپ، گۈزەل ئىستەكلىرىگە بالدۇرراق يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


قوشۇمچە: بەزىدە ئويلاپ قالىمەن. «مۇشۇ شىرئەلىجان «1-ئاۋغۇست كوماندىسى» نىڭ تېرىنىرى ئادىلجان ئاكىمىز بىلەن بىرەر قېتىم بولسىمۇ ھال-مۇڭ بولۇشۇپ باقسا قانداق؟» نېمىشقا دېسەڭلار ئادىلجان پۈتۈن جۇڭگوغا تونۇلغان داڭلىق تېرىنىر. ھەم ئىككىسىنىڭ مەيداندا ئوينايدىغان ئورنى ئوخشاش. خەنزۇچە تورلارغا قارىسام مۇسابىقە كۆرىدىغان چوڭ ياشلىق خەنزۇلاردىن خېلى كۆپى ھېلىھەم «قاچانمۇ جۇڭگودىن ئادىلجاندەك تەشكىللىگۈچى چىقار؟!» دەپ ئاھ ئۇرۇشىدىكەن ( مەن ئادىلجان ئاكىمىزنىڭ مۇسابىقىسىنى شۇنداقلا مۇسابىقە فىلىملىرىنى كۆرۈپ باقمىغاچقا، بۇ گەپلەرنى بەلكىم يۈزەكى چۈشىنىپ قالغان بولۇشۇم مۇمكىن، لېكىن مۇشۇ گەپلەردىنلا ئادىلجاننىڭ قانچىلىك ياخشى ئوينايدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ)


ئىككەيلەن بىر يەرگە كېلىپ، بىر مۇڭدىشىپ باقسا، شىرئەلىجان ئىنىمىزمۇ ئۆزىنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىنى، ئارزۇلىرىنى دېسە؛ ئادىلجان ئاكىمىزمۇ شىرئەلى ئىنىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىق-يىتەرسىزلىكلىرى، تەرەققىيات بوشلۇقلىرى، تەرەققىيات يۆنىلىشى، ئۇنىڭغا ماس كەلگىدەك ھەرخىل تاكتىكا، تىخنىكا-ماھارەتلەرنى دەپ بەرسە، بۇنداق يۈز كۆرۈشۈشنىڭ ئەھمىيىتى شىرئەلىغا زور بولامدىكى دەپ قالىمەن.


يەنە بىرسى NBA  دىكى داڭلىق چولپانلارمۇ مۇسابىقە پەسلى ئاياقلاشقان ئارام ئېلىش پەيتلىرىدە ئۆزىنى قايسى جەھەتتىن ئاجىز دەپ قارىسا، شۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرەلەيدىغان شەخسى تېرىنىرلارنى تەكلىپ قىلىپ، يىتەرسىز تەرەپلىرىنى كۆپلەپ مەشىق قىلىش ئارقىلىق تىز سۈرئەتتە تولۇقلاپ، يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە باشقىچە ئادەم بولۇپ نامايەن بولىدىكەن.


چاقماق كوماندىسىدىكى دۇرانتمۇ كۈنىگە 2000 قېتىمدەك گارغا ھەرخىل ئورۇنلاردىن توپ ئېتىپ مەشىق قىلىدىكەن.


شىرئەلى ئىنىمىزنىڭ مەن ھېس قىلغان ئارتۇقچىلىقلىرى:


1. ۋاسكىتبولنى قىزغىن سۆيىدۇ، توپنى پۈتۈن ۋۇجۇدى، ۋىجدانى بىلەن ئوينايدۇ. مەيدانغا چۈشتىمۇ بولدى، باشىتن-ئاخىر بىر خىل بوشاشماي ئوينايدۇ ھەمدە بۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن يولداشلاردىن بۆلەكچە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.


2. باتۇر، قورقماس، يانماس، تەۋرەنمەس خاراكتىرگە ئىگە. مەيلى نەتىجە ئالدىدا بولسۇن ياكى ئارقىدا قالسۇن مەيدانغا چۈشكەن ھەر بىر مىنۇتنى تولىمۇ قەدىرلەپ جان تېكىپ ئېلىشىدۇ.


3. ئۈچ نومۇرلۇق توپنى ياخشى ئاتىدۇ. بۇ جەھەتتە يۈرەك خىلىلا توم. شۇڭا بۇ يىللىق «ئۈچ نومۇرلۇق توپ شاھى» شەرىپىگە ئېرىشتى.


4. ھۇجۇم مۇداپىئەدە ناھايىتى ئاكىتىپ، توپ تالىشىشى ئىنتايىن ياخشى.


.....


مەن ھازىرچە ھېس قىلغان شىرئەلى ئىنىمىز ھازىرلاشقا تېگىشلىك تەرەپلەر:


(ھەر قانداق تەنھەركەتچى ھەممىلا جەھەتتىن ئىقتىدارلىق بولۇپ كېتەلىشى ناتايىن، شۇنداق بولسىمۇ دەپ باقاي)


1. توپ كونتىرول قىلىش، مەيداننى تەشكىللەش، مۇسابىقە رېتىمىنى تەڭشەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرسە؛


2. پاس بېرىشنى تېخىمۇ كۆپ مەشىق قىلسا؛


3. ئوتتۇرا-يېقىن ئارلىقتىن توپ ئېتىشنى ئىقتىدارىنى ئازراق بولسىمۇ ھازىرلاپ قويسا؛


4. تەشكىللىگۈچىگە پايدىسى زور بولغان تىز سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ۋاقىتتىكى تىز توختاپ توپ تاشلاش، لەيلىتىپ توپ تاشلاش،  (急停跳投,跳投,抛投) دېگەندەك ئىقتىدارلارنى ئۆگەنسە ھەم ئىشلىتىپ كۆنسە؛


5. بۆسۈپ كىرىپ نومۇر ئېلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرسە؛


6. كوزۇر ئالاھىدىلىكى بولغان-- «ئۈچ نومۇرلۇق » توپنى قاتتىق مەشىق قىلسا؛


(گۇاڭدۇڭ كوماندىسدىكى ۋاڭ شېپىڭ دېگەن يولداشنىڭ باشقا ئىقتىدارى يوق دىيەرلىك لىكىن ھالقىلىق ۋاقىتلاردا « ئۈچ نومۇرلۇق » توپنى خىلى ئىشەنچلىك تاشلاپ قويىدۇ. مۇشۇ ھۆنىرى بىلەن خىلى يىللار بولدى تىزىملىكتىن چۈشۈپ قالمىدى. بەلكىم باشقا سەۋەپمۇ باردۇ)


قالغىنىنى شىرئەلىجاننىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ باققانلار بىر نېمە دەپ باقساڭلار....


uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 08:05:23

ئاخشام بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن بېرى غەزىپىم تېشىپلا تۇرىدۇ ، قىرقىلغان بۇ ئىككىيلەنگە قارىتا خەنلەرمۇ مۇنازىرىسىدە جى دىگەننىڭ قالدۇرۇلۇشىغا پىكرى يوقكەن ،بىراق شىرنىڭ قالدۇرۇپ قويۇلىشىغا قەتئى رازى ئەمەسكەن ، ‹‹ ئۈچ نۇمۇرلۇق توپ شاھى›› ، كوماندىدا ئەڭ جېنىنى تىكىپ ئوينايدىغان ، توختىماي تىرىشىدىغان ، مەيدانغا چۈشسىلا ھۇجۇم سۈرئىتىنى ،كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ قارشى تەرەپنى تەمتىرىتىدىغان مۇشۇنداق بىر ياش توپچىنى قالدۇرۇپ قويغان تىرىنىرنى، ۋاسكىتبول جەمىيىتىنى تىللاپ بىر قىلىۋېتىپتۇ ،سېسىق گەپ دىگەن جىق .

مىنىڭمۇ شەخسەن قارىشىم مۇداپىئەچى ۋاسكىتبولدا ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ: ھۇجۇم تەشكىللەش ، مۇداپىئە ، ھالقىلىق پەيىتتە نومۇر ئېلىش . ئۇ مەيلى بىرلەشمىدە ياكى دۆلەت كوماندىسىدا بولسۇن ھۆددىسىدىن ئاساسەن ياخشى چىقىپ كەلدى ، بىراق بۇنداق قىيىن ۋەزىپىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ياخشى ئۇرۇنلاش ھەممىلا ئادەم قىلالايدىغان ئىش ئەمەس ، باش تىرىنىر چوڭ مۇسابىقە تەجىربىسى كەم ، خاتالىقنى تولا سادىر قىلىدۇ دەپتۇ . يۈزى قىزارمايدىغان نىمىلەركەن بۇ ، لوندون ئولىمپىكنىڭ ئالدىن تاللاش باسقۇچىدا شىرىمىز كوماندىدا ئىدى ، ئۇ پۈتۈن كوماندىنى غەلبىگە يىتەكلەپ ئاخىرىدا ئولىمپىككە قاتنىشىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەرگەندە دونۋالد دىگەن لاۋزا گۇي شەخسى ھىسىيات بىلەن ئۇنى قالدۇرۇپ قويدى ، ئەمدى بۇ يىل ما لەقۋا گۇي سەۋەب كۆرسىتىپ قالدۇرۇپ قويدى، مۇشۇنداق چوڭ مۇسابىقىلەردە ئويناتماي ، چېنىقتۇرماي ئاشۇ قېرىپ ھالىدىن كىتەي دىگەن بىرنەچچە گۇاڭدوڭلۇق ئەزالارنىڭ پېشىغا چىڭ ئېسىلىۋالغاننىڭ دەردىنى پۇتبول كوماندىسىدىن بەكرەك ھىس قىلىدۇ بىر كۈنى . يەنە دىسەم شىرىمىزنىڭ مۇداپىئە ۋە ھۇجۇم تەشكىللەشتە ئىككى تەرەپنىڭ توختىماستىن ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان تاكتىكىسىغا ماسلىشىشى يەنىلا ياخشى ، مۇداپىئەچىنىڭ ئورنى ئۇنىڭ باشقا ئەزالارغا قارىغاندا خاتالىقنى كۆپ ئۆتكۈزۈشكە يېقىن ئىكەنلىكىنى ئىت مۈشۈكمۇ بىلىدۇ ، ئەلۋەتتە بەزىدە تۆۋەن دەرىجىلىك خاتالىقلارمۇ يوق ئەمەس ، ئىشىنىمەنكى ئۇ بۇنىڭدىن بوشاشمىسىلا ئۆزىنى يەنىمۇ تولۇق ئىسپاتلاپ چىقىدۇ .

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 12:21:48

بۇلارنىڭ گىپىگە چۈشكۈنلۈشۈپ كەتسە ھەققى ۋاسكىتبولچى بولالمايدۇ

ئۆزى سۆيگەن كەسىپنى ئاخرغا چىقىرىش كىرەك \"\"

دەيمەنغۇ ئەمدى

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 14:28:36

ياخشى تەكلىپ - پىكىرلەر بوپتۇ، شىرغا تېخى پۇرسەت كۆپ

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 18:48:08

چۈشىنىش تەس ئەمەسقۇ، جيېكېجۈنيى چىمپىيون بولالمىغاندەكلام بىر ئىش.

windboy يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 19:30:55

باچكا 好声音نى تازا كورىدىكەندە

tilsimat يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 21:16:21

جۈمەدىن يەكشەنبىگىچە ئۈچ مەيدان مۇسابىقە كۆرىدىغان بولدۇم دەپ خوش بولغان،بۇمۇ يوق بولدى!!

ozugh سىز بەك ياخشى تەھلىل قىپسىز،سىرئەلىجاننىڭ قايتىپ كەلگىنىمۇ ياخشى بولدى،بۇلار ئۇتتىرىۋىتىدىغان چىراي!!قايتىپ ياخشى ئارام ئېلىپ بىرلەشمىگە تەييارلىق قىلسۇن!!!

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 22:17:46

ئەپسۇسلىنارلىق ئىش، ئەمما ھەيران قالارلىق ئەمەس. ئۆز ۋاقتىدا ئادىلجانمۇ ئوۋلىمپىك مۇسابىقىسىگە \"بارالمىغان\" {:92:}  .



بۇ ئۇكىمىز ئۆز تەنھەركەت ھاياتىنى قەدىرلەپ، داۋاملىق تېرىشىسىلا بولغىنى. مەيداندا مەۋجۈت بولۇشنىڭ ئۆزى غەلبە، 3 نومۇرلۇق توپنىڭ چىمپىيونى بولۇشنىڭ ئۆزى ئەمەلى كۈچىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. پاس دىگەننى توپ ئېلىشنى خالايدىغان ئادەملەرگە بەرگۈسى كېلىدۇ، نوقتىلىق مۇسابىقىلەردە جۇڭگۇ كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى توپتىن ئەرۋاھتىن قورىققاندەك قورقۇپ يۈرىشىدۇ، كىمگە پاس بېرىدۇ ؟

ئەمەلىيەتتە ئۇ ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىنىڭ كىيىنكى مەزگىلىدىن باشلاپ مەيدان كونترول قىلىش، پاس بېرىشنى نوقتىلىق مەشىق قىلىپ كەلدى. بەزى توپلارنى ئۆزى تاشلىسا مۇۋاپىق بولىدىغان چاغدىمۇ پاس بەرگەن يەرلىرى بار. ئىلگىرلەۋاتىدۇ، كىينكى كەسپى ھاياتىغا ئۇتۇقلار يار بولغاي.
بەت: [1]
: شىرئەلىجان ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىغا قاتنىشالمايدىغان بولدى