tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-7-18 13:01:21

ھورمون ھەققىدە پاراڭلىشىلى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ھورمون دىگەن زادى نىمە؟ ھەرخىل بولامدۇ؟ئادەم بەدىنىگە قانداق پايدىسى ۋە زىيىنى بار ؟

كەسپ ئەھلىلىرى مۇشۇھەقتە بىلگىنىڭلارنى ئايىمىساڭلار .....

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-18 14:29:51

ھورمۇننىڭ نىمىلىكىنى مەنمۇ بىكىپ كەتمەيدىكەنمەن، لىكىن بىر ماترىيالدا ئاياللارنىڭ ئەرلىك ھورمۇنى ئىشىپ كەتسە ساقال بۇرۇت چىقىدۇ، ئەرلەرنىڭ ئاياللىق ھورمۇنى ئىشىپ كەتسە كۆكسى يۇغنايدۇ دەپ ئۇقۇغان،

‏بىر تۇنۇشۇمنىڭ ئاشۇنداق كۆكسى يۇغان ئىدى ، سىنىڭ ئاياللىق ھورمۇنۇڭ ئىشىپ كىتىپتۇ دىسەم بۇدىگەن موسكۇل دەيدۇ، ئەگەر بۇ موسكۇل بولسا نەچچە مىڭ يىلنىڭ ياقى دۇنيانى ئاياللار سوراپ كىلەتتى دىدىم

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-18 20:07:08

قىسقىچە، ھورمۇن دىگىنىمىز بەدەندىكى مەلۇم ئاجراتما ئەزادا ئىشلىنىپ قان ئايلىنىش سىستىمىسىغا قويۇپ بىرىلىدىغان ۋە قان ئارقىلىق تەسىر قىلغۇچى ئەزاغا يىتىىپ بىرىپ بەدەننىڭ مەلۇم بىر خىل ياكى كۆپ خىل فىزىئولوگىيلىك فۇنكسىيىسىنى تەڭشەيدىغان خېمىيىلىك ماددىلارنى كۆرسىتىدۇ.



ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقارغۇچى ئەزالار ئىچكى ئاجرىتىش سىستىمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. بەدەندىكى ھەربىر فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەت دىگۈدەك ھورمۇنلارنىڭ تەڭشىشى ۋە كونتىروللۇقى ئاستىدا بولۇپ، ئەگەر ئىچكى ئاجراتما سىستىمىسىدا چاتاق كۆرۈلسە چوقۇم بەدەننىڭ نورمال فۇنكىسىيىسىگە تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ. شۇڭا، ھورمۇنلار ئىنتايىن مۇھىم فۇنكىسىيەلەرگە ئىگە.



ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يىزىپ تۇراي، ھېلىغىچە ۋاقتىم چىققاندا ھورمۇنلارنى تېخىمۇ ئىنچىكە تونۇشتۇرۇپ چىقىمەن.

tagh يوللانغان ۋاقتى 2013-7-18 20:37:05

ئەسسالامۇئەلەيكۇم بىلگەجان ئاكا!

بولسا بەزى تەنھەرىكەتچىلەر مۇشۇ ھورمۇن ئىشلىتىپ ،كىيىن بايقىلىپ قېلىپ ئالغان مېداللىرىنىمۇ قالدۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلايمىز،بولسا ھورمۇننى

بەدەنگە ئۇرۇپ،كۈچلەندۈرۈش ھەقتە سۆزلەپ بەرسىڭىز.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2013-7-18 22:25:48

ھورمۇنلارنىڭ قاندىكى مىقدارى ئىنتايىن ئاز ، مىكروگىرام سەۋىيىسىدە بولسىمۇ بەدەندە ئىنتايىن كۈچلۈك رول ئوينايدۇ، سەۋەبى ھورمۇنلارنىڭ بىئولوگىيىلىك ئاكتىپلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ.

مەسىلەن : قالقان بەز تىروكسىن ، 3-،4- تىرىيودوتىرونىن قاتارلىق ھورمۇنلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ

بۆرەك ئۈستى بېزى ئادرېنالىن ۋە نور ئادرېنالىن قاتارلىق ھورمۇنلارنى قويۇپ بېرىدۇ....دىگەندەك

قالغىنىنى يەنىلا دوستۇم بىلگەجاندىن ئاڭلايلى !

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2013-7-18 22:27:39

مۇناسىۋەتسىز !

دوستۇم بىلگە ، سىزگە نەچچە پارچە مۇنبەر قىسقا ئۇچۇرى ۋە ئېلخەت ئەۋەتسەم ھېچ جاۋاپ قايتۇرمىدىڭىز، بىلمىدىم ، بارمىدىمۇ ياكى كۆرمىدىڭىزمۇ؟

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 07:37:04

5- قەۋەتتىكى iltershنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇناسىۋەتسىز !

دوستۇم بىلگە ، سىزگە نەچچە پارچە مۇنبەر قىسقا ئۇچۇرى ۋە ئېلخەت ئەۋەتسەم ھېچ جاۋاپ قايتۇرمىدىڭىز، بىلمىدىم ، بارمىدىمۇ ياكى كۆرمىدىڭىزمۇ؟

==============


كەچۈرۈڭ، ئىلخەت تاپشۇرۋالمىدىم. ئىزدىنىشتا ئەۋەتكەن ئۇچۇرىڭىزنى كۆرمەي قاپتىمەن، بايا ئوقۇپ چىقتىم. سىزگە سەل تۇرۇپ جاۋاب يازىمەن.  

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 08:28:36

ھورمۇن دىگىنىمىز بەدەندىكى مەلۇم ئاجراتما ئەزادا ئىشلىنىپ قان ئايلىنىش سىستىمىسىغا قويۇپ بىرىلىدىغان ۋە قان ئارقىلىق تەسىر قىلغۇچى ئەزاغا يىتىىپ بىرىپ بەدەننىڭ مەلۇم بىر خىل ياكى كۆپ خىل فىزىئولوگىيلىك فۇنكسىيىسىنى تەڭشەيدىغان خېمىيىلىك ماددىلارنى كۆرسىتىدۇ. ھورمۇنلارنىڭ بەزىدە يەرلىك (ئۆزى ئىشلەپچىقىرىلغان ئەزادا) تەسىرىمۇ بولىدۇ، لىكىن كۆپىنچە ھاللاردا باشقا بىر ئەزادىكى ھورمۇن قوبۇللىغۇچى ئاقسىلغا بىرىكىش ئارقىلىق شۇ ئەزادىكى ھۆجەيرىلەرگە مەلۇم ئۇچۇر يەتكۈزۈپ ئۇلارنىڭ گېن ئىپادىلىشىنى ئۆزگەرتىدۇ ۋە مۇناسىپ فىزىئولوگىيلىك تەسىر پەيدا قىلىدۇ. ھورمۇنلارنىڭ تەسىرچانلىقى ناھايتى يۇقىرى بولۇپ، ھورمۇن مىقدارىنىڭ ئازىيىشى ياكى كۆپىيىشى دەرھال فىزىئولوگىيلىك ئىنكاس پەيدا قىلىدۇ.



ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقارغۇچى ئەزالار ئىچكى ئاجرىتىش سىستىمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. بەدەندىكى ھەربىر فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەت دىگۈدەك ھورمۇنلارنىڭ تەڭشىشى ۋە كونتىروللۇقى ئاستىدا بولۇپ، ئەگەر ئىچكى ئاجراتما سىستىمىسىدا چاتاق كۆرۈلسە چوقۇم بەدەننىڭ نورمال فۇنكىسىيىسىگە تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ. مەسىلەن، بىزنىڭ قانداق بولۇپ ئانا بەدىنىدە بىر تۆرەلمە ھالىتىدە ئانىنىڭ ئىممۇنىت سىستىمىسى تەسىرىگە ئۇچرىماي ھاياتلىقنى باشلىشىمىزدىن تارتىپ، بىزنىڭ بالياتقۇدا ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىمىزگىچە؛ بىزنىڭ قايسى ۋاقىتتا، قانداق ئانىمىزدىن تۇغۇلۇشىمىزدىن تارتىپ، تۇنجى قېتىم يىغلىشىمىزغىچە؛ بويىمىزنىڭ توختىماي ئۆسۈپ چوڭ بولۇشىدىن تارتىپ، بالاغەتكە يىتىش مەزگىلىنىڭ تۇيۇقسىز باشلىنىشىغىچە؛ بىزنىڭ يولۋاسنى كۆرسەك دەرھال قىچىشىمىز ياكى جىددىيلەشكەندە يۈرەك رىتىمىنىڭ تىزلىشىشىدىن تارتىپ، ياخشى سۆز ئاڭلىساق، يىقمىلىق چىرايلارنى كۆرسەك مۇھەببەت تۇيغۇمىزنىڭ قوزغىلىشىغىچە؛ قورساق ئېچىشنى ھېس قىلىپ توقلىنىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشتىن تارتىپ، تاماقتىن كىيىن تويۇش تۇيغۇسىدا بولۇشىمىزغىچە؛ ھەتتا قاچان ئۇخلاپ قاچان ئويغىنىشىمىزغىچە بولغان بارلىق پائالىيەتلىرىمىز ھورمۇنلارنىڭ كونتىروللىقى ئاستىدا بولىدۇ. دىمەك بىز ھورمۇنلارنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئۆز پائالىيەتلىرىمىزنى تىگىدىن چۈشىنىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. خۇلاسىلىساق، ھورمۇنلار تۆۋەندىكى ئۈچ چوڭ فۇنكىسىيەگە ئىگە:



1. بىرلىككە كەلتۈرۈش. بۇ دىگەنلىك ھورمۇنلار بىر غىدىقلىغۇچى مۇھىت تەسىرىگە ئاساسەن بەدەندىكى بارلىق ئەزالارنى شۇنىڭغا ماس ھالدا ئىنكاس قايتۇرۇشقا يىتەكلەيدۇ.



2. ئىچكى مۇۋازىنەت. يەنى بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ نورمال ئەھۋالدىكى خىزمەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق يۈرۈشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.



3. ئۆسۈش. مەلۇم جانلىقنىڭ ۋە مەلۇم ئەزانىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانى پۈتۈنلەي ھورمۇنلارنىڭ كونتىروللىقىدا بولىدۇ.



داۋامى بار....

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 14:12:44

بالىلارغا بوي ئۆستۈرگۈچ ھورمۇن ئۇرۇشنىڭ ياخشى يامان تەرەپلىرى قانداق بولىدۇ

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-7-19 15:22:19

بۆرەك ئۈستى بېزى، ھىم، ئايالىمنىڭ بۆرەك ئۈستى بېزىدە مەسىلە كۆرۈلۈپ قاندىكى كالى كەملىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى. كالى كەم بولسىمۇ بەك چاتاق ئىشكەن ئەمەسما.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-20 03:27:03

ھورمۇنلارنى چۈشەندۈرۈشتىن بۇرۇن مۇنداق ئىككى كلاسسىك ئەمەلىي مىسالغا قاراپ باقايلى (بىرىلگەن رەسىملەرگە باغلاپ سېلىشتۇرۇپ چۈشىنىش قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئەزا ۋە ھورمۇنلارنىڭ ئېنگىلىزچە ناملىرى قوشۇپ قويۇلدى):



1. «ئۇر ياكى قاچ» ئىنكاسى (Fight-or-Flight\" response\")



سىز تاغدا يالغۇز كىتىپ باراتتىڭىز، تۇيۇقسىز يوغان بىر ئېيىقنىڭ سىز تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتقانلىقىنى بايقىسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ بۇنداق ئەھۋالدا كىشىلەرگە ئىككى تاللاش يولى بار، بىرى: قولىدىكى قورال بىلەن ئېيىققا قارشىلىق كۆرسىتىش گىزى كەلسە ئۇنى ئېتىۋىتىش (ئۇر ئىنكاسى)؛ يەنە بىرى: دەرھال قېچىپ نەچچە يۈز مېتىر يىراقتا توختىتىلغان ئاپتۇبۇسقا چىقىۋىلىش (قاچ ئىنكاسى). سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇشۇ ئىككى تاللاشنىڭ بىرىنى تاللىشىڭىز مۇمكىن.

\"fight_or_flight_response-1.jpg\"



«ئۇر ياكى قاچ» ئىنكاسى مېڭىڭىزدە شەكىللەنگەن بولسا تۆۋەندىكى ھورمۇنلۇق ئۆزگىرىشلەر سىزنىڭ ھاياتىڭىزنى ساقلاپ قىلىشىڭىزغا زور ياردەم بىرىدۇ:


سىز ئېيىقنى كۆرگەن ھامان مېڭىنىڭ مۇھىت غىدىقلىشىغا ئىنكاس قايتۇرىدىغان ھىپوسالىمۇس (hypothalamus) دىگەن قىسمىدا دەرھال بۇيرۇق پەيدا بولىدۇ، دەپ «جىددىيلىك» ئۇچۇرلىرىنى پۈتۈن بەدەنگە تارقىتىدۇ. بۇ ئۇچۇرلار دەل ھىپوسالىمۇستىكى ھورمۇنلارنىڭ تەسىرى بىلەن باشلىنىدۇ. ئەڭ ئاۋۋال ئوتتۇرا مېڭىگە جايلاشقان ھىپوسالىمۇستكى كورتىكوتروفېن (corticotrophin) ئاجراتقۇچى ھورمۇن (CRH) دەرھال ھىپوسالىمۇستىن ھىپوفىز (pituitary, hypophysis) بېزىنى قوزغىتىدۇ ۋە بۇنىڭ تەسىرىدە ھىپوفىز بېزىدىن زور مىقداردا ئادرىنوكورتىكوتروفېن (ACTH) ئىشلەپچىقىرىلىدۇ ۋە دەرھالغا قان سېستىمىسىغا قويۇپ بىرىلىپ بۆرەك ئۈستى بېزى (ئادرىنول بىزى، adrenal gland) نى قوزغىتىپ، جىددىيچىلىك پەيدا قىلغۇچى ھورمۇن كورتىزول (cortisol) قاتارلىق 30 دەك ھورمۇننىڭ مىقدارىنى جىددىي ئاشۇرىدۇ ۋە بۇ ھورمۇنلارنىڭ تەسىرىدە بەدەن فىزىئولوگىيىسىدە جىددى ئۆزگىرىش يۈز بىرىپ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشقا تەييارلىنىدۇ. بۇ خىل ھىپوسالىمۇس-ھپىوفىز-ئادرىنال دىن تەشكىل تاپقان بېسم ياكى جىدىدىيلىك سىسىتىمىسى قوشۇلۇپ HHA ياكى HPA ئوقى دەپ ئاتىلىدۇ.


\"hpa-axis.gif\"


شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھىپوسالىمۇس دەرھال ئىختىيارى نېرۋا سىستىمىسى (sympathetic nervous system)نى بەدەننى كونتىرول قىلىشتىكى ئاساسلىق نېرۋا پائالىيەتچىسىگە ئايلاندۇرىدۇ، دە يەنە شۇ بۆرەك ئۈستى بېزىنى (ئادرىنال بېزى) قوزغىتىش ئارقىلىق ئېپىنېفىرىن (epinephrine)، نورئېپىنېفىرىن (nor-epinephrine) قاتارلىق ھورمۇنلارنى ئاجىرىتىپ چىقىرىدۇ. بۇ ھورمۇنلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك دەرھال سېنتىزلىنىپ شۇ ھامان قويۇپ بىرىلىدۇ ۋە قان سىستىمىسى ئارقىلىق تىزلا ھەرىكىتىنى باشلايدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە كورتىزول جىددى ھالدا بەدەندىكى ماينى پارچىلاپ بارلىق ئېنرگىيە ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان گلۇكوزا ھاسىل قىلىدىغان بارلىق بىئو-خېمىيلىك جەريانلارنى جىددىي قوزغىتىپ «ئۇر ياكى قاچ» ئىنكاسىغا لازىم بولىدىغان ئېنىرگىيەنى توپلايدۇ. ئېپىنېفىرىن ۋە نورئېپىنېفىرىن بولسا دەرھال ئىختىيارى نېرۋىلارنىڭ قوبۇللۇغۇچىلىرى بار ئەزالارنى قوزغىتىدۇ؛ يۈرەك رېتىمى تىزلىشىپ قان ئايلىنىش تىز ۋە راۋانلىشىدۇ؛ كاناي شاخچىلىرى ئەڭ كەڭ دەىجىدە ئىچىلىپ يۇقىرى مىقداردىكى ئوكسىگېننىڭ ئۆپكىگە كىرىشىنى ئوڭايلاشتۇرىدۇ؛ قورساق ئىچىدىكى بارلىق ئىچىكى ئەزالارغا قان يەتكۈزۈش ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈپ ھەزىم قىلىش توختايدۇ ۋە بىرلا ۋاقىتتا مۇسكۇللارغا يەتكۈزۈلىدىغان قان ۋە قاندىكى ئېنىرگىيەگە لازىم ماددىلارنىڭ مىقدارى جىددىي ئاشىدۇ؛ كۆز مۇسكۇللىرى ماس ھالدا جىددىي ھەرىكەتكە كىلىپ كۆرۈش سېزىمى يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ ۋە فوكۇسى ھۇجۇمچىغا ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتقا توغىرلىنىدۇ؛ ئېغىز ۋە كالپۇك قۇرۇيدۇ، بۇرۇننىڭ ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقلار قېتىشىدۇ؛ جىگەر دەرھال ساقلاپ قويغان گىلۇكوزىنى قانغا قويۇپ بىرىپ مۇسكۇلنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىدۇ؛ تىرە ۋە ئىچكى ئەزالار تومۇرلىرى قىسقىراپ قاننى ئازايتىدۇ ۋە بۇنىڭ تەسىرىدە تىرىدىكى تۈكچىلەر تىك تۇرىدۇ ۋە تەر ئىشلەپچىقىرىش تىزلىشىدۇ.

\"Fight-or-Flight-Response.jpg\"



\"fear-8.gif\"


شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەگەر سىز «ئۇر» ئىنكاسىدا بولسىڭىز، مېڭىدە ئېندورفېن دەپ ئاتىلىدىغان كەيپىياتنى كونتىرول قىلغۇچى ماددىلارنىڭ مىقدارى ئاشىدۇ ۋە ئېپىنېفىرىن ۋە نورئېپىنېفىرىننىڭ تەسىرىدە قورقۇش، ئەنسىرەش، ئىككىلىنىش تۇيغۇلىرى تۈگەپ، غەلبە قىلىش، قورقماسلىق ۋە غەيرەت قىلىش تۇيغۇرلىرى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئېشىپ بارىدۇ. ئەگەر سىز «قاچ» ئىنكاسىدا بولغان بولسىڭىز، ئۇ ھالدا يۇقىرىدىكى ماددىلارنىڭ تەسىرىدە يۈرەك سوقۇشى تېخىمۇ تىزلىشىپ، بارلىق ئېنىرگىيە ۋە قانلار پەقەت پاچاق، يوتا ۋە پۇتقا مەركەزلىشىپ مۇۋاپىققىيەتلىك قاچالىشىڭىزغا ياردەمدە بولىدۇ؛ لىكىن بۇ جەرياندا قورقۇش، ئەنسىرەش ۋە خەۋىپ تۇيغۇسى ئەڭ زور چەكتە ئېشىپ ئىشەنچ، غەيرەت تۇيغۇرلىرى تۆۋەنلەيدۇ.

\"fight-or-flight



دىمەك، دەل ھورمۇنلار بۇ «ئۇر ياكى قاچ» ئىنكاسى جەرياندا پۈتۈن بەدەندە قوزغاتقۇچى، ماسلاشتۇرغۇچى، بىرلىككە كەلتۈرگۈچى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بەدەن فىزىئولوگىيسىنى شىددەت بىلەن ئۆزگەرتىپ ۋە تەڭشەپ ئېيىقتىن قۇتۇلۇپ قىلىشىڭىز ئۈچۈن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلىق شارائىتلار بىلەن تەمىن ئېتىپ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.



2. قورساق ئېچىش ۋە تويۇشنىڭ ھورمۇنلۇق كونتىرول قىلىنىشى



\"The-Hunger-Hormone-Is-it-Really-that-Easy-to-Control-Obesity-or-Anorexia-2.jpg\"



سىز بايا تېخى دۆڭكۆۋرۈككە مېڭىپ بىرىپ 4-5 سائەت بازار ئايلىنىپ تازا بىر ئىچ پۇشۇقىڭىزنى چىقارغاندىن كىيىن قىزىلتاغدىكى ئۆيىڭىزگە يەنە مېڭىپ قايتىپ كەلدىڭىز. بەلكىم سىز بىرىنچى بولۇپ سۇ ئىچىش ۋە قورساقنى توقلاشنى ئويلىشىڭىز مۇمكىن. مانا مۇنداق:


\"Excessive-hunger.jpg\"




بۇ نېمە ئۈچۈن؟ نېمىشقا قورساق ئېچىشنى ھېس قىلىپ ئاشقازىنىڭىز قىمىرلاپ كىتىدۇ ۋە تاماقتىن كىيىن بۇ ئىشلار تۈگەپ ئۇخلاشنى ئويلايسىز؟ بۇمۇ چوڭ جەھەتتىن بەدىنىڭىزدىكى ھورمۇنلارنىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ. بۇ جەريان بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، مەن ئەڭ ئاددىيلاشتۇرۇپ شۇ جەرياندىكى بەدىنىڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سىزگە ئېيتىپ بىرەي:


ئاۋۋال ئاشقازاندىكى تاماقلارنىڭ ھەزىم قىلىنىشىغا ئەگىشىپ ئاشقازاندىكى نېرۋىلار ئاستا-ئاستا ئۇنى غىدىقلاپ گرەلىن (ghrelin) دەيدىغان ھورمۇننى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايدۇ ۋە ئاخىرى مىقدارى ئېشىپ قان ئارقىلىق مېڭىگە يىتىپ بارىدۇ. مېڭىنىڭ ھىپوسالامۇس قىسمىدىكى سېگمېنىت نېۋرونلىرىغا جايلاشقان گرەلىن قوبۇللىغۇچى ئاقسىلغا بىرىكىپ ئىشتىھانى ئاچقۇچى نېۋرو پېپتىدلاردىن NPY، AgRP قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ پېپتىدلار ئىشتىھانى ئېچىپ قورساقنى ئاچقۇزىدۇ، دە سىز دەرھال تاماق يىيىشنى ئويلايسىز. تاماق يىيىش جەريانىدا، ئاشقازاندىن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان گرەلىننىڭ مىقدارى تۆۋەنلەپ، بەدەندىكى ياغلاردىن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان لەپتىن (leptin) دەيدىغان ھورمۇننىڭ مىقدارى تەدرىجىي ئېشىپ بارىدۇ. لەپتن مېڭىدىكى ھىپوسالامۇسقا يىتىپ بىرىپ NPY، AgRP قاتارلىق ئىشتىھانى ئاچقۇچى پىپتىدلارنى تورمۇزلايدۇ، ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا POMC قاتارلىق ئىشتىھانى تۆۋەنلەتكۈچى نېرۋاپېپتىدلىرىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ. ئاخىرى لەپتىننىڭ مىقدارى يۇقىرىلاپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە سىز تويغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىسز، دە يىيىشتىن توختايسىز. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، تاماقنى تىز يەيدىغان كىشىلەر ئادەتتە ئىشتىھالىق كىلىدۇ چۈنكى بەدەندىكى لەپتىن مېڭىگە يىتىپ بىرىپ ئىشتىھانى تورمۇزلىغۇچە بەلگۈلىك ۋاقىت كىتىدۇ. بۇ جەريان «ئۇر ياكى قاچ» ئىنكاسىغا ئوخشاش جىددىي ئىلىپ بىرىلمايدۇ.



\"leptin-and-ghrelin-action-in-hypothalamus.jpg\"




مۇشۇ مىسىالغا مۇناسىۋەتلىك بىر ھورمۇننى ۋە ئۇنىڭدىكى نورمالسىزلىق تۈپەيلى بىر كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەلنى سىلەرگە چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي - ئىنسۇلىن ۋە دىئابىت كېسىلى.

تاماق يىگەندىن كىيىن ئوزۇقلۇق ماددىلار ئاشقازان ۋە ئۈچەيدە ھەزىم قىلىنىدۇ ۋە كۆپىنچىسى گلۇكوزا (ئالتە كاربونلۇق ئاددى قەنىت، ئەڭ مۇھىم ئېنىرگىيە مەنبەسى) غا ئايلىنىپ كىچىك ئۈچەيدىن قانغا سۈمۈرىلىدۇ. ئاندىن گىلۇكوزا قان ئايلىنىش سىستىمىسىدىن بەدەندىكى بارلىق ئەزالارغا، بولۇپمۇ ئېنىرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى بولغان مېڭە، سۆڭەك مۇسكۇلى، يۈرەك مۇسكۇلى ۋە گلۇكوزىنى گلۇكوگېنغا ئايلاندۇرۇپ ئامباردا ساقلايدىغان جىگەر قاتارلىق ئەزالارغا سۈمۈرۈلىدۇ، دە گلۇكوزىنىڭ قاندىكى مىقدارى تۆۋەنلەپ نورمال ھالەتكە قايتىدۇ. لىكىن بۇ نورمال بولغان فىزىئولوگىيلىك جەريان يەنە شۇ ھورمۇنلارنىڭ ياردىمىسىز تاماملىنالمايدۇ. قاندىكى گلۇكوزا مىقدارى ئاشقانلىقىنى سەزگەن ھامان ئاشقازان ئاستى بېزى (pancreas) دىكى بىتا- ھۆجەيرىلەر (β-cell) ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايدۇ ۋە ئىنسۇلىن قاندا ئايلىنىپ ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ھۆجەيرە پەردىلىرىگە جايلاشقان گلۇكوزا توشىغۇچى ئاقسىل-4(GLUT4) نى ئاكتىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق گلۇكوزىنىڭ قاندىن بەدەندىكى ئەزالارغا سۈمۈرۈلۈپ قاندىكى مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تاماق يەپ ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەنسىرى قاندىكى گلۇكوزىنىڭ مىقدارى تۆۋەنلەيدۇ ۋە شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىنسۇلىننىڭ مىقدارىمۇ تۆۋەنلەيدۇ.

\"Glucose.jpg\"



تۆۋەندىكى ئىككى خىل نورمالسىز ئەھۋال ئىككى خىل دىئابىت كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ:





1. ئاشقازان ئاستى بېزى يىتەرلىك ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرالمىسا، ئۇ ھالدا ئىنسۇلىن بولمىغاندىكىن تاماقتىن كىيىن قاندىكى گلۇكوزىنىڭ مىقدارى ئىزچىل يۇقىرى ھالاتتە تۇرىۋىرىدۇ ۋە بۇ زەھەرلىك بولۇپ I-تىپلىق دىئابىت كېسلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى دىئابىت بىمارلىرى ئۈچۈن چوقۇم ئىنسۇلىن ئۇرۇش لازىم بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئادەتتە تىز ئورۇقلاپ كىتىدۇ چۈنكى يىگەن تاماقتىكى ئوزۇقلۇق (گلۇكوزا) ئىنسۇلىن بولمىغاندىكىن بەدەنگە قوبۇل قىلىنالماي، بەدەن ئېنىرگىيە ھالىتى مەنفىي بولىدۇ.



2. ئەگەر ئاشقازان ئاستى بېزى يىتەرلىك ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقارغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، لىكىن كۆپىنچە سېمىز كىشىلەردە ئىنسۇلىنغا بولغان سەزگۈرلۈك تۆۋەنلەپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن قاندا ھەم يۇقىرى ئىنسۇلىن ۋە يۇقىرى گلۇكوزا بولغان بىر ئەھۋال يۈز بىرىپ، يەنىلا گلۇكوزىنىڭ قاندىكى مىقدارى يۇقىرىلاپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن دىئابىت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىلدىكىسى ئادەتتە II-تىپلىق دىئابىت كېسىلى دىيىلىدۇ. بۇ خىلدىكى بىمارلارنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى ھەرىكەت قىلىش ۋە ئورۇقلاش. ئىنسۇلىن ۋە ياكى باشقا دورىلار ئاساسەن كۆپ كار قىلمايدۇ. ئادەتتە، بۇ خىلدىكى دىئابىت كېسىلىگە گېرىپتار بولغانلار پۈتۈن دىئابىت بىمارلىرىنىڭ 80-85% نى ئىگەللەيدۇ.



ئەمدى كىلەر قېتىمقى ئىنكاسىمدا ھورمۇنلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىچكى ئاجرىتىش سىسىتىمىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.



\"h9991914_001_PI.jpg\"




داۋامى بار....

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-7-20 11:02:02

ھازىرچە قۇرۇق رەھمەت دەپ تۇراي بىلگەجان.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-21 23:38:27

ئاساسلىق ھورمۇن ئىشلەپچىقارغۇچى ئەزالار تۆۋەندىكىچە:

1) ھىپوسالامۇس - مۇھىتنىڭ غىدىقلىنىشىنى بىۋاستە سىزەلەيدىغان مېڭىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا (بۇرۇننىڭ يۆنىلىشىگە ئۇدۇل ھالدا مېڭىنىڭ ئوتتۇرىسىدا)جايلاشقان ئىنتايىن مۇھىم ئورگان بولۇپ، ھىپوسالامۇس ھەم نېرۋا ھۆجەيرىلىرىنى ھەم ئىچكى ئاجراتما ھۆجەيرىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىردىنبر ئەزا بولۇپ، ئۇ مۇھىتتىن ئالغان تەسىرگە ئاساسەن ھورمۇنلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق پۈتۈن بەدەننىڭ ئىنكاسىنى كونتىرول قىلىدۇ. بەدەندىكى ئەڭ مۇھىم فىزىئولوگىيلىك جەريانلارنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك مۇشۇ ئەزا باشقۇرىدىغان بولۇپ كەيپىياتقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق تۇيغۇلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛كۆپىيىشنى بىۋاستە كونتىرول قىلىدۇ؛ بەدەننىڭ ئېنىرگىيە ھالىتى، ئىشتىھا، ئورۇق-سېمىزلىك ۋە مىتابولىزىمنى بىۋاستە كونتىرول قىلىدۇ؛ تۆرەلمىنىڭ قايسى ۋاقىتتا تۇغۇلۇشى، تۇغۇت جەريانى ۋە سۈت ئىشلەپچىقىرىشنى ئالىي كونتىرول قىلغۇچى ئەزامۇ شۇ ھىپوسالامۇس بولۇپ، بۇ ئەزا ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق ھورمۇنلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.



1. كورتىكوتىروفېن ئاجراتقۇچى ھورمۇن (CRH)

بۇ ھورمۇن بېسىم ياكى پىسخىكىلىق جىددىيلىشىشكە ئالاقىدار ئەزالارنى تۇنجى بولۇپ قوزغاتقۇچى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: ئەگەر سىز بىر كالىدىن سۈت ساغماقچى بولغاندا كالا تونۇيدىغان ئادەم كالىنى ساغسا ياكى كالىغا ئوت بىرىپ ياخشى مۇئامىلە قىلىپ ئاندىن ساغسا سۈت كۆپ چىقىدۇ؛ لىكىن كالا ئۆچ كۆرىدىغان ياكى كالىنى قورقۇتقان ۋە ياخشى مۇئامىلىدە بولمىغان ئادەم ساغسا سۈت ئاز چىقىدۇ. چۈنكى كالا مۇھىتتىن (سۈت ساغقۇچىدىن) بېسىم ھېس قىلغاندا سۈت ئىشلەپچقىرىشتىكى مۇھىم ھورمۇنلار CRH ھورمۇنىنىڭ تورموزلىشىغا ئۇچرايدۇ، دە سۈت ئاجرىلىپ چىقىىشنى توسالغۇغا ئۇچرىتىدۇ.



2. گونادوتروپىن ئاجراتقۇچى ھورمۇن (GnRH)

بۇ ھورمۇن بارلىق كۆپىيىشكە مۇناسىۋەتلىك فىزىئولوگىيلىك جەريانلارنى كونتىرول قىلىدۇ. مەسىلەن: بوۋاقنىڭ مېڭىسى مۇشۇ ھورمۇننى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان ۋاقتىتا بوۋاق تۇغۇلىدۇ. مۇشۇ ھورمۇنىڭ مىقدارى مۇئەييەن دەرىجىگە يەتكەندە بالاغەتكە يىىتىش باسقۇچى باشلىنىدۇ ھەم مۇشۇ ھورمۇن ھامىلدار بولۇشقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ھورمۇنلارنى بىۋاستە كونتىرول قىلىدۇ. بۇ ھورمۇننىڭ بىۋاستە رولى بولسا بىر تۆۋەنلەپ بىر يۇقىرىلىغان رېتىمدا ئىشلەپچقىرىلىش ئارقىلىق ھىپوفىز  بېزىدىن گامېتا (تۇخۇم ياكى ئىسپىرما) ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن (FSH) ۋە گامېتا ئاجراتقۇچى ھورمۇن (LH) نى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.



3. ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننى ئاجراتقۇچى ھورمۇن (GHRH)

بۇ ھورمۇن ھىپوفىز بىزىدا ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن (GH) نىڭ سېنتىزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.



4. ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننى تورمۇزلىغۇچى ھورمۇن (GHIH)

بۇ ھورمۇن ھىپوفىز بىزىدا ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن (GH) نىڭ سېنتىزلىنىشىنى توسىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھورمۇن بىلەن بۇ ھورمۇننىڭ نېسبىتى قانچىلىك مىقداردا ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن سېنتېزلىنىشنى كونتىرول قىلىدۇ.



5. تروتروپىن ئاجراتقۇچى ھورمۇن (TRH)

بۇ ھورمۇن ھىپوفىز بىزىدىن تروپىننى غىدىقلىغۇچى ھورمۇن (TSH) نى ئىشلەپچىقىرىدۇ.



6. پرولاكتىننى تورمۇزلىغۇچى ھورمۇن (PIH)

دوپامىن (dopamine) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ھورمون بىر ئامىنو كېسلاتاسىدىن ئۆزگەرگەن ئامېن تىپىدىكى كىچىك مولىكۇلا ئېغىرلىقىدىكى ھورمۇن بولۇپ بۇ ھورمۇننىڭ مىقدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە كەيپىياتنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا نۇرغۇن پىسخىك كېسەللىك دورىلىرى مۇشۇ ھورمۇننىڭ مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق كېسەل داۋالايدۇ. بۇ ھورمۇننىڭ يەنە بىر قوشۇمچە رولى ھىپوفىز بىزىدىن ئاجرىتىلىدىغان، سۈت كۆپەيتكۈچى ھورمۇن پرولاكتىن (Prolactin) نى تورمۇزلايدۇ.



7. ئوكسىتوسېن (oxytocin)

مۇھەببەت ھورمۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ھورمۇن باشقا جېنسىي ھورمۇنلار بىلەن بىرگە يات جېنىسقا قىزىقىش قىلمىشىنى كونتىرول قىلىدۇ. بۇ ھورمۇننىڭ مىقدارى ئاشىق بولغان كىشىلەردە يۇقىرى بولىدۇ ھەم ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت جەريانىدا مىقدارى جىددىي يۇقىرىلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ھورمۇن تۇغۇت جەريانىدا تولغاق كەلتۈرۈش رولىغا ئىگە بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك مۇسكۇلنى قىسقارتقۇچى ماددا ھېسابلىنىدۇ ۋە تولغاق جەريانىدا مىقدارى ئادەتتىكىدىن 20 ھەسسە يۇقىرىلايدۇ؛ شۇڭا تولغاقنىڭ ئازابى ھەممىدىن يامان. بۇ ھورمۇن يەنە ئانىلىق قىلمىشلارنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ سۈت ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە ئاننىڭ بالىغا بولغان باشقىچە مۇھەببىتىنى كونتىرول قىلىدۇ. شۇڭا، تولغاق كەلمەستە ئوپراتسىيە ئارقىلىق تۇغقان ئانىلارنىڭ سۈت ئىشلەپچىقىرىشى تەبىئىي تۇغقان ئانىلاردىن خىلىلا ناچار بولىدۇ. بولۇپمۇ دەسلەپكى بىر قانچە كۈندە كېچىكىپ سۈت كىلىشكە باشلايدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ئىمكانىيەت بولسىلا تەبئىي تۇغۇشنى تاللاش ئانا ۋە بالىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر. بۇ ھورمۇن يەنە بالىلاردىكى يالغۇزلۇق كېسىلى (autism) نى داۋالاشتا ئۈنۈمى بارلىقى بايقالغان.



8. ۋازوپرەسسېن (vasopressin)

بۇ ھورمۇن ئاساسلىقى ئوسموس بېسىمىنى يۇقىرىلىتىش ئارقىلىق قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش رولىغا ئىگە.



2) ھىپوفىز بېزى





داۋامى بار....




bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-22 04:10:39

2) ھىپوفىز بېزى - بۇ بەدەندىكى ئەڭ مۇھىم ئىچكى ئاجراتما ئەزالىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كۆپىنچە ھىپوسالامۇستىن كەلگەن ھورمۇنلۇق ئۇچۇرلارغا ئاساسەن يىڭى ھورمۇنلارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە شۇ ئارقىلىق پۈتۈن بەدەن فۇنكىسىيىسىنى تەڭشەش رولىغا ئىگە. بۇ بەز بەدەندىكى ئەڭ بىخەتەر جايغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ؛ يەنى ھىپوفىز بېزى مېڭە سۆڭەكلىرى بىلەن بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى سۆڭەكلەرنىڭ دەل ئوتتۇرىغا، ھىپوسالامۇسنىڭ ئۇدۇل ئاستىغا جايلاشقان بولۇپ، خۇددى مېڭە سۆڭەكلىرىنىڭ ئارىسىدىكىدە بىر ئۇۋىدەك دۆڭچە ئىچىگە مەھكەم ئورۇنلاشتۇرۇلغان.   ھىپوفىز راكى ۋە باشقا بىنورماللىقلار تۈپەيلى ھامىلدا بولالمايدىغان، بويى ئۆسمەيدىغان ياكى گېگانىت ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدىغان .... دىگەندەك بىر مۇنچە كېسەللىكلەر مۇشۇ ئەزانىڭ فۇنكىسىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھىپوفىز بېزى ئىشلەپچىقىرىدىغان ھورمۇنلار تۆۋەندىكىچە:



1. ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن (GH)

بەدەننىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سۆڭەك ۋە مۇسكۇللارنى يوغانتىپ، قاندىكى گلۇكوزىنى ئازايتىدۇ. ئاقسىللارنىڭ سېنتىزلىنىشىنى ئاشۇرۇپ، ماينى پارچىلايدۇ. ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننىڭ ئاساسلىق فۇنكىسىيەلىرى جىگەردىن ئىنسىۇلىنسىمان ئۆستۈرگۈچى فاكتور-1 (IGF1) نىڭ سېنتىزلىنىشىنى غىدىقلاش ئارقىلىق ئىلىپ بىرىلىدۇ.



2. ئادرىنوكورتىكوتروپىك ھورمۇن (ACTH)

ئاساسلىقى بېسىم ھېس قىلغاندا ئاجرىتىلىپ بۆرەك ئۈستى بىزىدىن كورتىزول (cortisol) ئاجىرىتىپ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.



3. پرولاكتىن (Prolactin)

ئاساسلىقى سۈت ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئاياللار كۆكسىنىڭ يوغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە تۆرەلمىگە بولغان ئىممۇنىت چىدامچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ  (تۆرەلمە بىر پۈتۈنلەي يات بولغان بىر جانلىق بولۇپ ئادەتتە بۇ خىل جانلىقلارغا قارىتا بەدەندە ئىممۇنىت قارشىلىق شەكىللىنىدۇ، لىكىن نۇرغۇنلىغان ھورمۇنلارنىڭ بىرلىكتە تۆرەلمىنى قوغدىشى ئارقىسىدا ئانا بەدىنىدە تۆرەلمىگە قارىتا ئىممۇنىت چىدامچانلىقى شەكىللىنىدۇ). ئۇ يەنە جېنسىي غىدىقلىنىشنى تۆۋەنلىتىش ۋە جېنسىي ھورمۇنلارنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش رولىغا ئىگە.



4. فولىكۇل پىششىقلىغۇچى ھورمۇن (FSH)

ئاساسلىق رولى تۇخۇم ھۆجەيرىلىرى ۋە ئىسپىرما ھۆجەيرىلىرىنىڭ پىشىپ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.



5. لۇتىنايىزلاشتۇرغۇچى (سېرىق تەنچە ھاسىل قىلغۇچى) ھورمۇن (LH)

ئاساسلىقى ئاياللار تۇخۇم ھۆجەيرىسىنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىپ 10.00mm چوڭلۇققا يەتكەن بىر تۇخۇم (قىسمەن ھاللادا ئىككى تۇخۇم، بۇ قوش كېزەك بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن) ھاسىل بولغاندا، LH مىقدارى جىددىي ئېشىپ ئۇنىڭ تەسىرى بىلەن تۇخۇم تۇخۇمداندىن قويۇپ بىرىلىدۇ ۋە ھامىلدارلىققا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن تۇخۇمداندا سېرىق تەنچە (پروگىستېرون ئىشلەپچىقىرىپ ھامىلدارلىقنى ساقلايدۇ) ھاسىل قىلىدۇ.



6. قالقانبەز ھورمۇنى (ترويىد ھورمونى) نى غىدىقلىغۇچى ھورمۇن (TSH)

بۇ ھورمۇن قالقانبەزنى غىدىقلاپ قالقانبەز ھورمۇنى (T3, T4) ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ ھورمۇننىڭ مىقدارىنى ئۆلچەش ئارقىلىق قالقانبەز ئىقتىدارىغا دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ؛ يەنى TSH نىڭ مىقدارى نورمالدىن ئېشىپ كەتسە، بۇ قالقانبەز ئىقتىدارىنىڭ چېكىنگەنلىكى ۋە يىتەرلىك مىقداردا T3, T4 ئىشلەپچقىرالمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.





داۋامى بار....

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-22 11:16:50

3) بۆرەك ئۈستى بېزى (adrenal gland) - ئەڭ كۆپ سان ۋە تۈردىكى ھورمۇنلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم ئىچكى ئاجراتما ئەزاسى بولۇپ ھەر بىر بۆرەكنىڭ ئۈستى قىسمىدا بىردىن بولغان بىر جۈپ بەزدۇر. بۆرەك ئۈستى بېزى ئىككى پەرقلىق قەۋەتتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلار بۆرەك ئۈستى بېزى قاسرىقى ۋە بۆرەك ئۈستى بىزى ئوتتۇرا قىسمىدىن ئىبارەت. قاسراق قىسمى ئاساسلىقى ئالدوستېرون (aldosterone)، كورتىزول (cortisol) ۋە كورتىكوستىرون (corticosterone) قاتارلىق ھورمۇنلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئوتتۇرا قىسمى بولسا ئاساسلىقى ئېپىنېفرىن (ئادرىنالىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ، epinephrine, adrenaline) ۋە نورئېپىنېفرىن (نورئادرىنالىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ، norepinephrine, noradrenaline) نى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ ئىككى ھورمۇن ئىككىلەمچى نېرۋا سىستمىسىدا كەم بولسا بولمايدىغان رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۆرەك ئۈستى بېزى قاسرىقى پروگېستىرون، ئېستىروگېن، تېستوستېرون، دى ھىدروتېستوستېرون قاتارلىق جېنسىي ھورمۇنلارنىمۇ ئاز مىقداردا ئىشلەپچقىرىدۇ.



4) قالقانبەز  (thyroid gland) - كاناينىڭ تۆۋەن يىنىغا جايلاشقان قالقانبەز ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئىككى ھورمۇن تروكسىن (T4) ۋە تىرىئودوتروكسىن (T3) نى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ ھورمۇنلار بەدەننىڭ ئوكسېگىن سۈمۈرىشىنى يۇقىرىلىتىپ مىتابولىزىمنى تىزلەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قاندىكى كالتىسىينى تۆۋەنلىتىدىغان  كالسىيتونىن (calcitonin) ھورمۇنىنىمۇ ئىشلەپچىقىرىدۇ. قاندا ئاساسلىقى T4 مەۋجۇت بولۇپ تەسىر قىلغۇچى ھۆجەيرىلەرگە كىرىشتىن بۇرۇن T3 ئايلىنىشى شەرت. بۇ ھورمۇنلاردىكى 3 ۋە 4 دىگەن سانلار ئۇلارنىڭ خېمىيلىك تۈزۈلۈشىدىكى يود (I) سانىغا قارىتىلغان.  ئەگەر قاندا T4 كەملەپ كەتسە تۆۋەندىكى نورمالسىزلىقلار كىلىپ چىقىدۇ:



1. پوخاق : يود يىتىشمەسلىكتىن قالقانبەز يوغىناپ كىتىپ پوخاقنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭا يودلۇق تۇز ئىستىمال قىلسا پوخاقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.



2. ھەرىكىتى ئازلاش ۋە سەمىرىپ كېتىش



3. چاچ چۈشۈش ۋە چاچ قۇرغاقلىشىش



4. سوغۇققا سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كىتىش  ۋە قان كەملەش



ئەگەر T4 نىڭ قاندىكى مىقدارى ئېشىپ كەتسە تۆۋەندىكى نورمالسىزلىقلار كىلىپ چىقىدۇ:



1. ھارغىنلىق ۋە ئاجىز ھېس قىلىش



2. ئورۇقلاش



3. توختىماي قورساق ئېچىش



4. جىددىيلىشىش



5. ئىسسىققا سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كىتىش





5) قالقانسىمان بەز (parathyroid gland) - بىر جۈپ كىچىك بەز بولۇپ ئادەتتە بىرى قالقانبەزنىڭ ئىچىگە، يەنە بىرى تېشىغا جايلاشقان بولىدۇ. ئاساسلىقى قالقانسىمان بەز ھورمۇنى (parathyroid hormone) نى ئىشلەپچىقىرىدۇ. قالقانسىمان بەز ھورمۇنى قاندىكى كالتىسىي مىقدارىنى تەڭشەيدىغان ئاساسلىق ھورمۇن بولۇپ سۆڭەكتىن كالتىسينىڭ قانغا قويۇپ بىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق قاندىكى كالتىسىي مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇ يەنە ۋىتامىن D نىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.



6) ئاشقازان ئاستى بېزى (pancreas) - كىچىك ئۈچەي بىلەن ئاشقازاننى ئارلىقىغا جايلاشقان تورسىمان يىيلىغان ھەجىمى ئەڭ چوڭ بەز بولۇپ، ئۇنىڭدا ئالفا ھۆجەيرە ۋە بىتا ھۆجەيرىلەر بار. ئالغا ھۆجەيرىلەر ئاساسلىقى جىگەرنىڭ گلۇكوزا ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھورمۇن گلۇكاگون (glucagon) نى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بىتا ھۆجەيرىلەر بولسا ئىنسۇلىن (insulin) نى ئىشلەپچىقىرىدۇ.



7) چىلفوزا بېزى (pineal gland) - بۇ بەز ئاساسلىقى مىلاتونىن (melatonin) دەپ ئاتىلىدىغان ئۇخلاش-ئويغىنىش ۋە پەسللىك دەۋرىيلىكنى كونتىرول قىلغۇچى ھورمۇننى ئىشلەپچىقىرىدۇ.



8) تۇخۇمدان (ovary) - ئاياللاردىلار بار بولۇپ بالياتقۇنىڭ ئىككى ئۇچىىدا بىردىن ئىككىسى بار. تۇخۇم ئىشلەپچىقارغاندىن باشقا  ئاساسلىقى (بالاغەتكە يەتكەندىن كىيىن) ئېستىروگېن (estrogen) ۋە پروگېستېرون (progesterone) دىن ئىبارەت ئىككى ئاياللىق جىنسىي ھورمۇننى ئىشلەپچىقىرىدۇ. يەنە ئاز مىقداردا ئەرلىك جېنسىي ھورمۇن تېستوستېرون (testosterone) مۇ ئىشلەپچىقىرىدۇ.



9) ئۇرۇقدان (testicle) - پەقەت ئەرلەردىلا بار بولۇپ، ئىسپىرما ئىشلەپچىقارغاندىن باشقا، ئاساسلىقى (بالاغەتكە يەتكەندىن كىيىن) ئەرلىك جىنسىي ھورمۇن تېستوستىرون ۋە ئاز مىقداردا ئېستروگېننى ئىشلەپچىقىرىدۇ.



10) بالا ھەمرىيى (placenta) - پەقەت ھامىلدارلىق مەزگىلىدىلا بار بولغان ۋاقىتلىق ئەزا بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم روللارغا ئىگە. بۇنىڭ ئىچىدە ئىچكى ئاجراتما ھورمۇنلارنى ئىشلەپچقىرىشمۇ مۇھىم روللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئاساسلىقى ئىنسان كورىيونىڭ گونادوتروپىن (human chorionic gonadotropin, hCG) ۋە بالا ھەمرىىي لاكتوگېنى قاتارلىق بالا ھەمرىيىغا خاس ھورمۇنلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. ھامىلدارلىقنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئاساسلىقى سۈيدۈكتىكى hCG مىقدارىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھامىلدار ياكى ئەمەسلىكىنى بەلگىلەپ بىرىدۇ. ھامىلدارلىقنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىللىرىدە بولسا بالا ھەمرىيى يەنە كۆپ مىقداردا پروگىستېرون ۋە ئېستىروگېننى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

                                            



داۋامى بار....

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-23 04:25:45



سېنتىزلەنگەن ھورمۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە زېيىنى




\"hormone





يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھورمۇنلار ئىچكى ئاجراتما ئەزالاردىن ئىشلەپچىقىرىلىپ بەدەننىڭ باشقا ئەزالىرى ياكى پۈتۈن بەدەندە ناھايتى مۇھىم ۋە زور ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلالايدىغان، ناھايتى يۇقىرى فىزىئولوگىيىلىك ئۈنۈمگە ئىگە خېمىيىلىك سېگناللىغۇچى ماددىلاردۇر. ئۇلار بىر خېمىيلىك ئەلچى (ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى) بولۇش سۈپىتى بىلەن، بەدەندىكى بىر قىسىم ياكى بارلىق ھۆجەيرىلەرگە سېڭىپ كىرىپ، مۇھىتتىن سېگنال يەتكۈزۈش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇلار كونتىرول قىلىدىغان بىر توپ گېنلارنى قوزغىتىش ئارقىلىق بەدەندە زور تەسىرلەرنى پەيدا قىلالايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ناھايتى ئاز مىقداردا كەملەپ كەتسە ياكى ئېشىپ كەتسە، ھورمۇنلار بەدەندە نورمالسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ. بولۇپمۇ، ستىروئىد (steroid) تىپىدىكى جىنسىي ھورمۇنلار (ئېستىروگېن، تېستوستىېرون ۋە ئۇلارغا ئوخشاش رولغا ئىگە سېنتىزلەنگەن ھورمۇنلار) مولىكۇلا تۈزۈلۈشىنىڭ كىچىك ۋە مايدا ئېرىشچانلىقى تۈپەيلى ھەر قانداق ھۆجەيرە پەردىسىدىن خالىغانچە ھۆجەيرە ئىچىگە كىرەلەيدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئېنىق رولىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن باشقا تەسىرلىرىنىڭ بولۇشى ئېھتىمالغا يىقىن.



يىغنىچاقلىغاندا، ھورمۇنلار تۆۋەندىكى بەش مۇھىم جەرياننى كونتىرول قىلىدۇ: 1) ئۆسۈش ۋە يتىلىش 2) مىتابولىزىم 3) جىنسىي ئىقتىدار 4) كۆپىيىش

5) كەيپىيات.



يۇقىرىقىدەك مۇھىم فىزىئولوگىيىلىك جەريانلارنى كونتىرول قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھورمۇنلار سۈنئىي ئۇسۇلدا سېنتىزلىنىپ ياكى ھايۋانلار تىنىدىن ئايرىپ ئىلىنىپ دورا سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھورمۇنلارنىڭ ئۆسۈش ۋە كۆپىيىشتىكى مۇھىم رولىغا ئاساسەن ھورمۇنلار ھايۋانلارنى تىز كۆپەيتىش، گۆش، تۇخۇم ۋە سۈت مىقدارىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە خالىغانچە ئىشلىتىلىپ ئىنسانلار سالامەتلىكىگە زور تەھدىت ئىلىپ كەلمەكتە.ھەتتا، بەزى ئۆسۈملۈك ھورمۇنلىرى كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى تىزلىكتە يىتىلدۈرۈش ۋە پىشۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ھورمۇنلار ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كىيىن پاسسىپ تەسىرلەرنى ئىلىپ كىلىدىغان بولغاچقا، يىمەكلىكلەر تەركىبىدىكى ھورمۇنلار كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا. ئۆسۈملۈكلەردىكى ئاساسلىق زىيانلىق ماددىلار ئەمەليەتتە ھورمۇنلار ئەمەس بەلكى ھاشارەت ئۆلتۈرگۈچى دورىلار ۋە كېسەلگە قارشى ئانتىبىئوتىكلار بولۇپ، ئەڭ كۆپ تالاش-تارتىش قىلىنىدىغان مەسىلە گۆش ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىدىكى ھورمۇن مىقدارى ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ھورمۇن ئىشلىتىشىدۇر. شۇنداقتا، گەپ ئەمدى ئىككى خىل تىپتىكى سېنتىزلەنگەن ھورمۇنلارغا مەركەزلىشىدۇ. بىرى ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنلاردىن بولغان سېنتىزلەنگەن ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ۋە ئىنسۇلىنسىمان ئۆستۈرگۈچى فاكتور؛ يەنە بىرى  سېنتىزلەنگەن ستىروئىد تىپىدىكى جىنسىي ھورمۇنلار بولۇپ بۇنىڭ ئارقىسىغا مۇنداق مەسلىلەر يوشۇرۇنغان.



گەپنى باشلاشتىن بۇرۇن سېنتىزلەنگەن ھورمۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر تارىخنى ئەسلەپ ئۆتەيلى: تۇنجى بولۇپ، 1938-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەنگىلىيە ئوكسىفورد ئۇنىۋىرستىتىدىكى ئالىملار تەرىپىدىن  «تەبىئەت» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالە (http://www.nature.com/nature/journal/v141/n3562/pdf/141247b0.pdf) دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. بۇ ماقالىدە «دى ئىتىل ستىلبېسترول» (diethylstilbestrol, DES) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خېمىيلىك سېنتىزلەنگەن ماددىنىڭ سىتىروئىد تىپىدىكى ئاياللىق جىنسىي ھورمۇن «ئېستىروگېن»  نىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ ماددىنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن پاتېنىت ھوقۇقى ئىلتىماس قىلىنمىغان بولغاچقا 200 دىن ئارتۇق دورا شېركەتلىرى تەرىپىدىن زور مىقداردا ئىشلەپچىقىرىلىپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بېيىشىغا سەۋەپچى بولغان. لىكىن ئۇ ۋاقىتلاردا  بۇ سېنتىزلەنگەن ھورمۇننىڭ دۇنياغا زور بالايئاپەتلەرنى ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنىى ھىچكىممۇ ئويلاپ يەتمىگەن. بۇ ھورمۇن 1941-يىلى ئامرىكىدا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا بىر قانچە خىل ئاياللار كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن رۇخسەت قىلىنىپ بازارغا سېىلىنىغان. كىينچە، ھامىلە كېتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش رولى بار دەپ قارىلىپ ھامىلدار ئاياللارغا بىرىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، DES يەنە مەزى بېزى راكىنى ساقايتىش رولى بار دەپ قارىلىپ مەزى بېزى راكىغا گرىپتار بولغان ئەرلەرگىمۇ 1941-يلىدىن باشلاپ ئۇدا 40 يىل بىرىلگەن. ئەپسۇسكى، 1950-يىللاردىن باشلاپلا ئامرىكا چىكاگو ئۇنىۋىرستىتدىكى تەتقىقاتچىلار تۇنجى بولۇپ DES نىڭ ھامىلە چۈشۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا ھىچقانداق رولى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1960-يىللاردا باشقا نۇرغۇن تەتقىقات گۇرۇپپىلىرى ئوخشاش خۇلاسىغا كەلگەن. 1970-يىللارغا كەلگەندە كىشىنى ئەندىكتۈرىدىغان ھادىسە ئاخىرى بايقالغان. يەنى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە DES يىگەن ئانىلارنىڭ قىز پەرزەنتلىرىنىڭ جىنسىي يول راكىغا گرىپتار بولۇش نېسبىتى باشقا ئاياللارنىڭ قىزلىرىدىن 40 ھەسسە يۇقىرى بولغان! ئارقا-ئارقىدىن DES ناملىق بۇ «سېھىرلىك» ھورمۇننىڭ ئىككىنچى ئەۋلادتا ئەمچەك راكى ۋە بالياتقۇ يولى راكىكەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى بايقالغان. بۇ دورىنى يىگەن ئانىلارنىڭ ئوغۇللىرى بولسا تۇغماسلىق ۋە  ۋە مەزى بىزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نېسىبىتى ناھايتى يۇقىرى بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ دورىنى يىگەن ئانىلاردا ھامىلە چۈشۈپ كىتىش نېسبىتى، ھامىلىنىڭ قورساقتا ئۆلۈپ قىلىش نېسبىتى، بالدۇر تۇغۇلۇپ قىلىش نېسبىتى، بالياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇش نېسبىتى ۋە بالدۇر كلىماتىرىيە دەۋرىگە قەدەم قويۇش نېسبىتى بۇ دورىنى يىمىگەن ئاياللاردىن خېلىلا يۇقىرى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. شۇنداقلا، ئانىسى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە مۇشۇ دورىنى ئىستىمال قىلغان ئەر تۇنجى بولۇپ جىنسىنى ئايالغا ئۆزگەرتكەن ۋە شۇنداق ئانىدىن تۇغۇلغان ئوغۇللارنىڭ قوش جىنىسلىق بولۇش نېسبىتى، جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلىقى، جىنىسنى ئايالغا ئۆزگەرتىش نېسبىتى ۋە ئاياللىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولۇش نېسبىتى ئانىسى بۇ دورىنى يىمىگەن ئوغۇللاردىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولغان. ھەتتا، بۇ دورىنى يىگەن ئانىلاردىن تۇغۇلغان كىشىلەردە مەيۈسىلىنىش ۋە باشقا روھىي كېسەللەرگە گرىپتار بولغانلارنىڭ نېسبىتى ئادەتتىكىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكى بايقالغان. ھازىر ئۈچىنچى ئەۋلاد كىشىلەر تەكشۈرۈلمەكتە. شۇنداق قىلىپ، بۇ دورا ئاستا-ئاستا ئىشلىتىلىشتىن چەكلىنىپ 1997-يىلى .ئامرىكىدىكى ئەڭ ئاخرىقى ئىشلەپچىقارغۇچى شېركەت بۇ دورىنى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغان. ئانىسى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ دورىنى ئىشلىتىپ كىيىن ئەمچەك راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالغان ئاياللار بىرلىشىپ دورا شىركەتلىرى ئۈستىدىن ئەرىز قىلغان ۋە بۇ ئەرىز تا ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا.





داۋامى بار....

                     

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-23 05:55:11

ھورمۇنلار ئىچىدە ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ۋە تېستوستېروننىڭ سېنتىزلەنگەنلىرى مەۋجۇت بولۇپ، تېستوستېرونغا ئوخشىشىپ كىتىدىغان سىتروئىد تىپىدىكى ھورمۇنلار داڭلىق تەنھەرىكەتچى، كىنو چولپىنى، سىياسىئون ۋە كارخانىچى، شۇنداقلا كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ سابىق شىتات باشلىقى (2003-2011) ئارنولد شىۋاتزىنىگىر (Arnold Schwarzenegger) نىڭ شۇ تىپتىكى ھورمۇنلارنى ئىشلىتىپ مۇسكۇلىنى چوڭايتقانلىقى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر.



\"schwarzenegger.jpg\"



تېستوستېرونغا ئوخشاش سىتروئىد تىپىدىكى ئەرلىك جىنسىي ھورمۇنلار گەرچە مۇسكۇلنى چوڭايتىپ بەدەننى كۈچلەندۈرۈش رولىغا ئىگە بولغاچقا تەنھەرىكەتچىلەر ۋە مۇسكۇل چىقارغۇچىلار دائىم مۇشۇ تىپتىكى ھورمۇنلارنى ئىشلىتىۋاتسىمۇ، لىكىن ئۇلارنىڭ ئەكىس تەسىرى ناھايتى قورقۇنچلۇق. ئالدى بىلەن بۇ خىل سىتىروئىد ھورمۇنلىرى قان بېسىمىنى ئاشۇرۇپ يامان خولىستىرول مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ. ئەرلەر ۋە ئاياللاردا، بولۇپمۇ ئاياللاردا قاراملىق ۋە قوپاللىقنى پەيدا قىلىدۇ. يۈرەك تىقىلمىسى، يۈرەك رىتىمسىزلىقى ۋە تۇيۇقسىز يۈرەك توختاپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئھتىماللىقى ناھايتى يۇقىرى بولغاچقا، گېرمانىيەلىك بىر دوختۇر ئاممىۋى سورۇندا شىۋاتزىنىگىرنى بۇرۇن ئۆلۈپ كىتىدۇ ۋە ئۇنىڭ ياش تۇرۇپلا قوزغالغان يۈرەك كېسىلى ئۇنىڭ ئىلگىرى مۇشۇ خىل ھورمۇنلارنى ئىستىمال قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن دەپ جامائەتكە ئاشكارا سۆز قىلغان. شۇ سەۋەب، 1999-يىلى شىۋاتزىنىگىر بۇ دوختۇر ئۈستىدىن ئەرىز قىلىپ 10،000$ تۆلەم تەلەپ قىلغان. سىتروئىد ھورمۇنلىرى يەنە ئەرلەردە جىنسىي ئاجىزلىق، ئۇرۇق كەملەش ۋە تۇغماسلىق قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاياللاردا بولسا ئاۋازى يوغىناپ قىلىش، ۋاقتىنچە ھەيىز كەلمەسلىك، بەدەننى تۈك قاپلاپ كىتىش ۋە ھامىلدار بولسا بوۋاقنى تۈرلۈك كېسەللەرگە گرىپتار قىلىش قاتارلىق ناچار ئەكىس تەسىرلەرنى ئىلىپ كىلىدۇ. شۇ تۈپەيلى، نۆۋەتتە ئاساسلىقى ئىنسان ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنى (hGH) مۇسكۇل چىقارغۇچىلار ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ تاللىشى بولۇ قالغان بولۇپ، بۇ ھورمۇنىڭ ئەكىس تەسىرى ئازراق بولسىمۇ، لىكىن يەنىلا يوق ئەمەس. مەيلى تېستوستېرون تىپىدىكى سىتروئىدلىق ھومۇنلار بولسۇن ۋە ياكى ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن بولسۇن ھەممىسى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدىكى جىسمانىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، مۇسكۇلنى يوغانتىش، چىدامچانلىقنى ئاشۇرۇش قاتارلىق رولى بولغاچقا تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بۇ ھورمۇنلارنى ئىشلىتىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىشى چەكلەنگەن. ئەگەر بايقىلىپ قالسا، ئۇ ھالدا بۇ تەنھەرىكەتچىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيتى ۋە ياكى ئالغان نەتىجىسى بىكار قىلىندۇ.



\"No



ئەمدى گەپنى ھورمۇن بار يىمەكلىكلەرگە يۆتكەيمىز. يىمەكلىكلەردە، بولۇپمۇ گۆش ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىسە ھورمۇن بار بولۇپ، بۇنداق يىمەكلىكلەر ئورگانىك يىمەكلىك قاتارىغا كىرەلمەيدۇ. ئاساسلىقى گۆش ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۆي ھايۋانلىرى ۋە قۇشلىرى (كالا ۋە توخۇ قاتارلىقلار) نىڭ گۆش ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا ئادەتتە ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ئۇرۇلىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننىڭ تەسىرىدە تىز يوغىناپ بازارغا تىز سالغىلى بولغاندىن باشقا، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننىڭ مۇسكۇلنى يوغانتىش ئالاھىدىلىكى بولغاچقا، گۆش مىقدارىنى نەچچە ھەسسە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سۈت كالىلىرىغا ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن بەرگەندە، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ سۈت ئىشلەپچىقىرىدۇ. ھازىر سۈت كالىلىرىنى گېنتكىلىق ئۆزگەرتىش ھورمۇنلارنىڭ تەسىرى بىلەن قوشۇلۇپ بىر سۈت كالىسى كۆپ بولغاندا بىر قېتىملىق سۈت ئىشلەپچىقىرىش مەزگىلىدە (تەخمىنەن 40-60 كۈنگىچە) 17،000 كلوگرام سۈت بىرىدۇ. ئامرىكىدا ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ئۇرۇلغان سۈت كالىلىرى 17% نى ئىگەللەيدۇ.



\"hormones



\"unhappy



\"dairy-cows-standing-in-toxic-waste-of-feces-think-1.jpg\"



ئادەتتە گۆش توخۇلىرىغىمۇ ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ئۇرۇلىدىغان بولۇپ، ھازىرقى گۆش توخۇلىرى بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە تىز چوڭىيىدۇ. تۆۋەندىكى تۆت ھەپتىلىك بولغان ئادەتتىكى چۆجە بىلەن ئوخشاش ياشتىكى گۆش چۆجىسى:



\"week-4-chickens.jpg\"



گەرچە گۆش ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىدىكى ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننىڭ مىقدارى كېسەل پەيدا قىلمايدۇ، دەپ قارالغان بولسىمۇ، لىكىن ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ھايۋانلارنىڭ بەدىنىدە يەنە بىر مۇھىم ھورمۇن _ ئىنسۇلىنسىمان ئۆستۈرگۈچى فاكتور-1 (IGF1) نىڭ مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان بولغاچقا، بۇنداق ھورمۇن ئۇرۇلغان ھايۋان گۆشلىرى يەنىلا بىخەتەر ئەمەس. ئامرىكىدا ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ئۇرۇلغان سۈت كالىلىرىنىڭ سۈتىدە ئادەتتىكى كالىلارنىڭ سۈتىگە قارىغاندا IGF1 نىڭ مىقدارى ئون ھەسسە يۇقىرى ئىكەن. IGF1 بولسا بىر ئۆسۈشنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمۇن بولۇپلا قالماي ھۆجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنۈشىنى تىزلىتىش رولىغا ئىگە بولغاچقا، ئادەم بەدىنىدە زىيادە مىقداردىكى IGF1 بولسا، بۇ ئەرلەردە مەزى بېزى راكى، ئاياللاردا ئەمچەك راكىغا گىرىپتار بولۇش نېسبىتىنى 5-6 ھەسسە ئاشۇرىۋىتىدۇ. دىمەك، ھورمۇنلۇق يىمەكلىلەر ھەقىقەتەن ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن بىر زور تەھدىت بولماقتا.



توراشلارنىڭ ھورمۇن ھەققىدە ئايدىڭلاشمىغان سۇئاللىرى بولسا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى قارشى ئالىمەن.



بىلگەجان (2013-يىلى چىللە ئېيىنىڭ 22-كۈنى تاماملاندى)

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-7-23 06:02:34

3- قەۋەتتىكى zaghunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇئەلەيكۇم بىلگەجان ئاكا!

بولسا بەزى تەنھەرىكەتچىلەر مۇشۇ ھورمۇن ئىشلىتىپ ،كىيىن بايقىلىپ قېلىپ ئالغان مېداللىرىنىمۇ قالدۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلايمىز،بولسا ھورمۇننى

بەدەنگە ئۇرۇپ،كۈچلەندۈرۈش ھەقتە سۆزلەپ بەرسىڭىز.

================


ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بۇ توغرىدىكى مەزمۇنلارنى يىزىپ تاماملىدىم. مەن يۇقىرىدا ئىنكاس شەكلىدە يوللىغان مەزمۇنلارنى ئوقۇپ باقسىڭىز بەلكىم بىلمەكچى بولغانلىرىڭىزغا جاۋاپ چىقىپ قالار. قىزىققىنىڭىزغا رەھمەت.

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-23 20:43:57

مەن ساقلىۋالدىم . مەنمۇ قۇرۇق رەھمەت دەپ تۇراي .  {:90:}

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-23 20:45:23

مەن ساقلىۋالدىم . مەنمۇ قۇرۇق رەھمەت دەپ تۇراي .  {:90:}
بەت: [1] 2
: ھورمون ھەققىدە پاراڭلىشىلى