ھۇررا،ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى
مەملىكەتلىك باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ئاياقلىشىپ،ئۈرۈمچى 5-باشلانغۇچ كوماندىسى بىلەن قەشقەر 14-باشلانغۇچ كوماندىسى سەككىز كۈچلۈككە كىرگەن ئىدى. بۇ ئىككى كوماندا ئىككى مەيدان ئۇتۇپ ئەڭ ئاخىرىدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇچرىشىدىغان بولدى!
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 7-ئاينىڭ 18-كۈنى -يەنى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن.مەيلى قايسى كوماندا ئۇتسۇن، چىمپىيون كوماندا بىزنىڭ!
يارايسىلەر ئەزىمەتلەر
بەيدۇدا 18 توپ كىرگۈزگەننىڭ خەۋىرى بولاۋىتىتى راستمىدۇيا؟
مۇسابىقە ئورنى قەيەردىكەن؟ قەشقەر 14-باشلانغۇچنىڭ ئورنى نەدىرەك؟ يەنە ئاخىردا بىزنىڭ ئىككى كۇماندا قاپتۇدە . ئىنىلىرىمىزنىڭ جاسارىتىگە ئاپىرىن يارايسىلەر ئەزمەتلەر
لىكىن چوڭ بولغىچە سىستىمىلىق تەربىيە ئالالماي داڭلىق پۇتبولچى بولالمايدۇدە
يا شارائت يوق، يا مۇشۇنداق تەبئى بايلىق مول رايۇندا بىرەر كۇلۇب تىخى يوق ئۈكەم بىر تەپسىلى يازمامسەن ،ئىككى كۈن داۋراڭ سېلىپ ئاران ئۈچ قۇر بىرنىمە يېزىپسىنا ،ئۈندىداردا تۈزۈك بىرنىمە يوق،بەيدۇ دىن ئىزدە دەپ يول كۆرسۈتۈپ بەرگەنغۇ ساڭا

1- قەۋەتتىكى turkerنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يارايسىلەر ئەزىمەتلەر
بەيدۇدا 18 توپ كىرگۈزگەننىڭ خەۋىرى بولاۋىتىتى راستمىدۇيا؟
مۇسابىقە ئورنى قەيەردىكەن؟
قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسى ئوبۇرنىغا كەتمىگەن بولغېتى؟؟؟!!!!
جۇڭگو كوماندىسىنىڭ چىمپىيۇن بولۇش شەرتىنى ئېيتىپ بىرەي .
1. قارشى تەرەپ مەيدانغا چۈشمەسلىكى كېرەك .
2.جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ۋارتاسى قارشى تەرەپنىڭكىدىن 30 گىرادۇس ئېگىز بولىشى كېرەك .
3. جۇڭگو كوماندىسىدىكى ياشلار ھېرىپ قالسا مۇسابىقىنى توختۇتۇپ بېرىش .
ئەمما ما باللىغا كۆز تەگمىسۇن .
مەتۇ مۇ تېما يازىدىكەن ھە
5-باشلانغۇچنىڭ شاكىچىك ئەزىمەتلىرى 2012-يىللىق مۇسابىقىدە چىمپىيون بوپتىكەن . گۇرۇپپا مۇسابىقىلىردە قارشى تەرەپ كوماندىلىرى ئادەم بېشىغا بىر يېرىمدىن يېگەننىڭ خەۋىرىنى كۆرەپتىم ئالدىنقى كۈنى. تازا غەيرەت قىلىپتۇ ئەزىمەتلەر. مۇسابىقە ئاخىرلاشتى ،ئۆرۈمچى 6-5قەشقەر....................
ئۈرۈمچى چىمپىيۇنلۇقنى يەنە ساقلاپ قالدى ، دەيدۇ ئاۋۇ ئاكىمىزمۇ بەشىنچى باشلانغۇچنىڭ مەشقاۋۇلى شۇ ئوخشايدۇ ، 5-باشلانغۇچ توغرىسىدىكى يۇقىرىقى گەپلەرگە ئاساسلانغاندا بۇ ئاكىمىز مۇشۇ كوماندىنى ئىزچىل يېتەكلەپ ھازىرقىدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچ قوشتى دېگەن گەپ بولىدىكەن . ئوقۇتقۇچى بولسا مۇشۇنداق بولسا زادى . ئۇكىلار شۇنداق سۆيۈملۈك كۆرۈنۈپ كەتكەنتى كۆزۈمگە ، ماۋۇ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچى ئاكىمىز مۇشۇنداق ئوقۇتقۇچىكەن

مەتۇكام ئەڭ ئاخىرقى جۈملىسىدە يۈرەكتىكىنى دەپتۇ ، قايسىسىلا ئۇتسا غەلىبە ۋە شەرەپ بىزنىڭ دەپ.
ھارماڭلار ئۇكىلار !
نەتىجە قانداقلا بولىشىدىن قەتئىينەزەر بىز ھەر ئىككىلا كوماندىدىن قاتتىق پەخىرلىنىمىز ھەم ئىككى كوماندىنىڭ دوست بوپ قېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز !
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىىسى 6 گە قارشى 5 نەتىجە بىلەن قەشقەر14-ئوتتۇرا باشلانغۇچ كوماندىسىنى ئۇتۇپ چىمپىيون بوپتۇ.
11- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
گۇرۇپپا مۇسابىقىلىردە قارشى تەرەپ كوماندىلىرى ئادەم بېشىغا بىر يېرىمدىن يېگەننىڭ خەۋىرىنى كۆرەپتىم ئالدىنقى كۈنى.
بۇ بالىلار كىچىكلىك قىلىپ توپنىڭ قىزغىنلىغىدا، ئۆزىنى تۇتالماپتۇدە.
دۆلەتلەر ئارا مۇسابىقىدە ئوزئارا يۇز ئايىشىپ ،تايلاندقا ئوخشاشبەشنى ئۇرۇپ ،ھىچبىر ئىنجا چىقمىسا ئۇرۇشتىن تۇختايدىغان ئىشلارمۇ بارغۇ دەيمەن .
ئاتاڭلارغا رەھمەت ئەزىمەتلەر ! جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنى نومۇستىن ئۆلتۈرگىدەك نەتىجە ياراتقىنىڭلارغا تەشەككۇر !
2- قەۋەتتىكى tawlan11نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قەشقەر 14-باشلانغۇچنىڭ ئورنى نەدىرەك؟
14- باشلانغۇچنى 1- باشلانغۇچقا قوشۇۋەتكىلى نەچچە يىل بولدى. ( لاي پەشتاق مەكتەپ يەنى 17- مەكتەپنىمۇ شۇ چاغدا قوشۇۋەتكەن).